2008年12月31日星期三

م«دىۋان»نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش جەريانى(4)م


م«دىۋان» ـــ جۇڭگودىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىلىم ساھەسىگە قوشقان كاتتا تۆھپىلىرىدىن بېرى. ئۇ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارغا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە مەنسۇپ. بۇ قامۇس يەنە تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان بىرقاتار خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت تارىخىي، تىل تارىخىي، ئەدەبىيات تارىخىي، مىللەتشۇناسلىق تارىخىي قاتارلىق ساھەلەردىمۇ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ




بۇ ماقالىنىڭ باش قىسمى بۇ مەنزىلدە بار
http://uzunjahan.blogspot.com/2008/12/3.html


م«دىۋان»نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش جەريانى(4)م

م«دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە نەشىرى ئۈچۈن تەر تۆككەن پىشىۋالار


جۇڭگودا «دىۋان لۇغاتىت تۈرك»نىڭ تۆت

قېتىملىق تەرجىمە قىلىنىشىنىڭ باش-ئاخىرى



غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر


«دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «دىۋان» دېيىلىدۇ) ــ جۇڭگودا ئىلگىرى-كېيىن تۆت قېتىم تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، بۇ توغرۇلۇق ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىش «دىۋانشۇناسلىق»نىڭ مەزمۇنىنى كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دېگەن مەقسەتتە بۇ ماقالە ئالاھىدە تەييارلاندى


خۇلاسە:

«دىۋان»نىڭ ئاپتورى مەھمۇد كاشغەرىي كاشغەر شەھرىنىڭ غەربىدىكى ئوپال يېزىسىدا تۇغۇلغان، قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ خان جەمەتىگە مەنسۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلشۇناسى. ئۇ كاشغەر قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قاتار شەھەرلەدە ئوقۇپ، ئىلمىي ئىجادىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىنچە باغدادقا بېرىپ<دىۋان>نى يېزىپ چىققان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ مەكتەپ ئېچىپ مۇددەرسىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. ۋاپات بولغان چاغدا يۇرتىغا دەپنە قىلىنىپ، مەخسۇس قەبرە ياسالغان. مىڭ يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى ئۇيغۇر قاتارلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بۇ قەبرىنى بىر خاسىيەتلىك ئورۇن سۈپىتىدە كۆرۈپ مۇھاپىزەت قىلىپ كەلگەن. قەبرە ئەتراپىغا قەرەللىك يوسۇندا جەم بولۇپ، كوللېكتىپ ھالدا دۇئا- تىلاۋەت قىلغان. شۇنداق قىلىپ بۇ يەر ئىلىم ئەھلىنىڭ تەڭرىگە، دانىشمەنلەرگە، ئالىملارغا سېغىنىدىغان، ئىلىم تەلەپ قىلىدىغان دەرگاھىلىق رولىنى ئويناپ كەلگەن.

«دىۋان» ـــ جۇڭگودىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىلىم ساھەسىگە قوشقان كاتتا تۆھپىلىرىدىن بېرى. ئۇ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارغا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە مەنسۇپ. بۇ قامۇس يەنە تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان بىرقاتار خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت تارىخىي، تىل تارىخىي، ئەدەبىيات تارىخىي، مىللەتشۇناسلىق تارىخىي قاتارلىق ساھەلەردىمۇ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. جۇڭگو ئۇيغۇرلىرى ئۆز تۇپرىقىدا <دىۋان>نى ئاپىرىدە قىلىپ، جۇڭگو خەلقى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قاتار تۈركىي تىللىق خەلقلەر، جۈملىدىن پۈتكۈل دۇنيا خەلقى زوقلىنىدىغان مەنىۋى بايلىققا ئايلاندۇرغان. ئۇنىڭ مۇئەللىپى بولغان ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئەڭ گۈزەل ھاۋالىق جايى بولغان ئوپال يېزىسى ئازىق كەنتىنىڭ نورۇز بۇلاق دېگەن يېرىگە كۆركەم مەقبەرە ياساپ، زامانلارنىڭ دەھشەتلىك قايناملىرىدىن ئاتلىتىپ ئالىمنىڭ ئالتۇندەك مېيىتىنى كۆزىنىڭ قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، جېنى ۋە تېنى بىلەن مۇھاپىزەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانىدەك ئايلىنىپ، قەرەللىك يوسۇندا تېۋىنىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، مىللىيلىكى كۈچلۈك بولغان ئۇدۇملۇق ئادەتلىرىنى سۇسلاشتۇرماستىن دەۋرىمىزگە يەتكۈزۈپ كەلگەن.

20-ئەسىرنىڭ كىرىپ كىلىشى بىلەن جۇڭگو ئۇيغۇرلىرىنىڭ نەزەر دائىرىسى يەنىمۇ كېڭىيىپ بارغان،مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قەبرىسىنى مۇھاپىزەت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ مۇبارەك كىتابى بولغان <دىۋان>توغرۇلۇق ئىزدىنىشكە كىرىشكەن. ئاشۇ ئەسىرىنىڭ باشلىرىدا ئابدۇقادىر داموللا، قۇتلۇق شەۋقى قاتارلىق كاشغەرنىڭ مەرىپەتپەرۋەر ئەزىمەتلىرى چەت ئەللەرگە، جۈملىدىن تۈركىيىگە بارغاندا ئۇ يەردە بېسىلغان <دىۋان>نىڭ نۇسخىسىنى ۋەتەنگە ئېلىپ كېلىپ، بۇ ئۇلۇغ ئەسەرنى ۋەتەنداشلىرىغا ئىپتىخارلىق ھېسسياتى بىلەن كۆرەك قىلغان، بۇ ھەقتە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىشنىڭ سىگنالىنى چالغان.شۇنىڭ بىلەن بىر تۈركۈم ئىلىم ئەھلىلىرى<دىۋان >توغرۇلۇق مەخسۇس ئىزدىنىدىغان، ئۇنى ئۆز ئانا تىلىغا تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇشنى، ئۆز خەلقىنىڭ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ بۈيۈك ئەسىرى <دىۋان>غا بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن ئىرادە تىكلىگەن. بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئىز بېسىپ، <دىۋان>تەتقىقاتىنىڭ ئىزچىللىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. جۇڭگونىڭ <دىۋانشۇناسلىق>ئىشلىرىنىڭ دۇنيا <دىۋانشۇناسلىق>ئىشلىرىدا باشتىن ئاخىر يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇشىغا ئاساس يارىتىپ بەرگەن.

بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بىز ئەجدادلارنىڭ <دىۋان> ۋە ئۇنىڭ مۇئەللىپى مەھمۇد كاشغەرىي توغرۇلۇق ھارماي -تالماي ئىزدەنگەن، تىنىم تاپماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، قاتتىق ئېغىرچىلىقلارغا، ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز كۈلپەتلەرگە، دەھشەتلىك خىېيىم-خەتەرلەرگە باش ئەگمەي، ئۇنى كەڭ ۋەتەنداشلىرىغا تونۇشتۇرۇش، ئىلىم نۇرلىرىدىن زوقلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىگەن خىزمەتلىرىگە ئاپىرىن ئېيتىش بىلەن بىرگە ، ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە ئىشلىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلىرىنى ئەسلەش، خاتىرىگە چۈشۈرۈش، ئۇ ھەقتە زامانداشلار ۋە ئەۋلادلارنى خەۋەردار قىلىشنىڭ ئۆزىنى مۇبارەكلەشكە تېگىشلىك خاسىيەتلىك بىر خىل خىزمەت دەپ ئېيتىشقا ئاساسىمىز بار!

ئاخىرىدا شۇنى قەيت قىلىشقا بولىدۇكى، <دىۋان>نىڭ جۇڭگودا 1-2-3-قېتىملىق تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىلىرى يورۇقلۇققا چىقمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ تۆۋەندىكىدەك ئىجتىمائىي رول ۋە ئىجتىمائىي قىممەتكە ئىگە بولغان:

بىرىنچى، <دىۋان>نىڭ قوليازمىسى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۈركىيىدە بايقالغاندىن كېيىنلا، شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى، جۈملىدىن جۇڭگو خەلقى بۇ كىتاب توغرىسىدا مۇئەييەن چۈشەنچىگە كېلىپ، ئىزدىنىشكە كىرىشكەنلىكىنى تارىخىي پاكىت ئاساسىغا ئىگە قىلغان.

ئىككىنچى، شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى، جۈملىدىن جۇڭگو نىڭ <دىۋان>تەتقىقاتىدىكى ئورنىنىڭ دۇنيا <دىۋانشۇناسلىق>تەتقىقاتىدىكى ئورنىنىڭ دۇنيا <دىۋانشۇناسلىق> تەتقىقاتىدا ئىزچىل يىتەكچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا مۇمكىنچىلىك تۇغدۇرىدۇ.

ئۈچىنچى، ئالدىنقى ئۈچ قېتىملىق تەرجىمە جەريانىنىڭ ھەممىسى ئەينى زاماندىكى شىنجاڭ جەمئىيىتىدە مۇئەييەن ئىجابىي تەسىر پەيدا قىلغان. كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ خەۋەردىن ئىلھاملانغان، مەنىۋى ئوزۇق ئالغان. ئۆز مىللىتى، ئۆز خەلقى، ئۆز ۋەتىنىگە بولغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنىڭ ئۆسۈشىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.

تۆتىنچى، ئالدىنقى ئۈچ قېتىملىق تەرجىمە جەريانىنىڭ ھەممىسى ئائىلىدە، خۇسۇسىي ئىش سۈپىتىدە ئىشلەنگەن بولماستىن بەلكى، ئومۇمىي خەلقنىڭ، ئومۇمىي مىللەتنىڭ ئىشى سۈپىتىدە قولغا ئېلىنىپ ئىشلەنگەن. بۇ ئىش ئەينى زاماندىكى بىر قىسىم ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ دىققىتىنى، خەير-خاھلىقىنى قوزغاپلا قالماستىن، بەلكى ئەل-يۇرت يېتەكچىلىرىنىڭ ، مۆتىۋەر رەھبەرلەرنىڭ دىققىتىنىمۇ ئۆزىگە ئالاھىدە جەلپ قىلغان، قوللىشى، مەدەت ۋە ياردەم بېرىشىنى، ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشىنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ئىلىم-پەنگە بولغان قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئاشۇرۇش، ئاۋام -پۇقرا ئارىسىدىكى مەرىپەتكە بولغان ئىنتىلىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە رولى چوڭ بولغان.

بەشىنچى. <دىۋان>نىڭ ئالدىنقى ئۈچ قېتىملىق تەرجىمىسىنىڭ بىرەر بەت ئورىگىنالى تۆتىنچى قېتىملىق تەرجىمە خىزمىتىگە يېتىپ كېلىپ، پايدىلىنىش قىممىتىنى ھازىرلاپ بەرمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ كېيىنكى ئىشلارغا، بولۇپمۇ تۆتىنچى قېتىملىق تەرجىمە خىزمىتىنى ئىشلىگۈچى ئىلمىي خادىملارغا كۈچلۈك مەنىۋى ئىلھام بېغىشلىغان، روھىي جەھەتتە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، (دىۋن)نىڭ تۆتىنچى قېتىملىق تەرجىمە خىزمىتى جۇڭگونىڭ ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش يېتەكچى يۆنىلىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان1977-يىلىلا قولغا ئېلىنىشىغا مۇمكىنچىلىك تۇغۇلغان. <دىۋان>نىڭ تەرجىمە قىلىنىشىنى باشلاشتىن ئىبارەت ھەققانىي تەكلىپنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدۇرغان، ئىلمىي خادىملاردىن تارتىپ، رەھبىرى كادىرلارغىچە بۇ خىزمەتنىڭ خەۋىرى چىقىشى بىلەنلا ئۇنى قوللايدىغان، ئالقىشلايدىغان، يار-يۆلەكتە بولىدىغان كەيپىياتنى ھازىرلىغان، شۇنداق قىلىپ، جۇڭگودا <دىۋان>نىڭ تەرجىمە قىلىنىپ، نەشىر قىلىنىپ، جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىشى، كەڭ ئامما بىلەن بالدۇرراق يۈز كۆرۈشۈشى، بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتنىڭ دەرھال قولغا ئېلىنىشى ۋە چوڭقۇرلىشىشى مۆلچەردىكىدىن ئالاھىدە تېز بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۈگۈنكى كۈندە مەھمۇد كاشغەرىي ۋە <دىۋان>نىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان جۇڭگۇ-شىنجاڭدا <دىۋانشۇناسلىق>نىڭ جۇشقۇن مەنزىرىسىنى يارىتىشقا پايدىلىق ئىمكانىيەت ۋە ئەۋزەل شارائىت يارىتىپ بەرگەن. جۇڭگو ئالىملىرىنىڭ خەلقئارا <دىۋانشۇناسلىق>ساھەسىدە يۈرەكلىك پىكىر بايان قىلىشى، ئىپتىخارلىق ھېسسياتى بىلەن ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئۈچۈن كۈچلۈك ئىلمىي كەيپىيات ھازىرلاپ بەرگەن.

2008-يىلىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەن-مائارىپ تەشكىلاتى تەرىپىدىن باشقا ئالىملار قاتارىدا <مەھمۇد كاشغەرىي يىلى> قىلىپ ئېلان قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ ئاددىي ماقالە ئالاھىدە تەييارلاندى.

بۇنىڭدىن مەقسەت مەھمۇد كاشغەرىينى ئەسلەش بىلەن بىرگە تارىختا بۇ ئۇلۇغ ئالىمنىڭ نامىنى، بۈيۈك ئوبرازىنى ، تەۋەررۈك كىتابىنى ئەسلەش، يادلاپ تۇرۇش جەھەتتە كۈچ چىقارغان ، تۆھپە كۆرسەتكەن كىشىلەرنىمۇ ئەسلەشنىڭ بىرخىل ئەھمىيەتلىك خىزمەت ۋە خاسىيەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت.


پايدىلىنىش ماتىرىيالى

(1) مەھمۇد كاشغەرىي: «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»، <دىۋانۇ لۇغاتت تۈرك>نى نەشرگە تەييارلاش گورۇپپسىى تەييارلىغان، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1981-1983-1984-يىللىرى نەشىرى.

(2) «دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك» (ماقالىلەر توپلىمى)، مۇھەممەد زۇنۇن سىدىق، ئابدۇرۇسول ئۆمەرلەر نەشىرگە تەييارلىغان، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1985-يىلى نەشىرى.

(3) «جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى»(3-قىسىم)جوڭگو <دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك>ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىلمىي ماقالىلىرىدىن تاللانما، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى جەمئىيىتى تۈزگەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003-يىلى نەشىرى، ئۈرۈمچى.

(4) «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تەتقىقاتىغا دائىر ماقالىلەر توپلىمى
(突厥语大词典، 研究论文集)
،شىياۋ جۇڭيى نەشرگە تەييارلىغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2006-يىلى خەنزۇچە نەشرى.

(5) غەيرەتچان ئوسمان: <ئازادلىقتىن كېيىن شىنجاڭدا ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ تەتقىق قىلىنىشى>، <جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى>(2-قىسىم)غا كىرگۈزۈلگەن. جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى جەمئىيتى تۈزگەن ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى نەشىرى، ئۈرۈمچى.

(6) غەيرەتچان ئوسمان: <ئۇيغۇرلارنىڭ يىقىنقى زامان تارىخىدا مەھمۇد كاشغەرىي>، دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى مەملىكەتلىك ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرىنى رەتلەش، تەتقىق قىلىش ئىشخانىسى باشقۇرۇشىدىكى خەنزۇچە <جۇڭگو مىللى قەدىمكى ئەسەرلىرى>(民族古籍) ژورنىلىنىڭ 2004-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

(7) غەيرەتجان ئوسمان: <ئۇيغۇرلارتارىخىدىكى مەدەنىيەت ئەربابلىرى تەزكىرىسى>، <ناگۇيا ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى>(ياپونىيە)نىڭ 2006-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

(8) غەيرەتجان ئوسمان: <مەملىكىتىمىزدە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتى تەتقىقاتىنىڭ يۈز يىلى ھەققىدە ئومۇمىي بايان>، <جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى>)中国维吾尔历史文化研究论丛)غا كىرگۈزۈلگەن، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى جەمئىيىتى تۈزگەن، مىللەتلەر نەشرىياتى 2006-يىلى خەنزۇچە نەشىرى، بېيجىڭ.

(9) غەيرەتجان ئوسمان: <19-ۋە>، ئەنقەرەدە تۈركچە نەشر قىلىنىدىغان ياۋروپا-ئاسىيا يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئورگان ژورنىلى <كاردېش كالېمېر>ژورنىلىنىڭ 2008-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان.


قوشۇمچە ماتېرىيال

(1) ماقالە ئاپتورى ئىمىن تۇرسۇن ھاجى بىلەن 2008-يىلى2-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچتىكى تېلىفوندا قىلىشقان سۆھبەت خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، ئىمىن تۇرسۇن ھاجى ئەينى يىللىرى چۆچەكتە چىقىدىغان بىر گېزىتتە ئىسمائىل داموللىنىڭ <دىۋان>نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىققانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى كۆرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. ئۇنىڭدىن باشقا قازاقىستانلىق ئالىم خوجائەھمەد سەيدىۋاققاسوۋ ئۆزىنىڭ<دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك>نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ھەققىدە > ناملىق ماقالىسىدە كاشغەرلىك ئىسمائىل داموللا <دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك>نىڭ 1-تومىنى 1946-يىلى تەرجىمە قىلغان دەپ يازغان. بۇ ماقالە شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدىغان <بۇلاق >ژورنىلىنىڭ 1997-يىلى1-سانىغا كۆچۈرپ بېسىلغان.
(2) پاتىمە ئىسمائىل: <دادام مەرھۇم ئىسمائىل داموللا ھەققىدە ئاڭلىغان، بىلگەنلىرىم> قوليازما، 2008-يىلى2-ئاي، غۇلجا.
(3) ت، تاشبايېف: <مەھمۇد كاشغەرىي نامىدىكى ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى>،<شىنجاڭ تەزكىرىسى>ژورنىلىنىڭ 2000-يىللىق 1-سانى، ئۈرۈمچى.
(4) پاتىمە ئىسمائىل: <دادام مەرھۇم ئىسمائىل داموللا ھەققىدە ئاڭلىغان، بىلگەنلىرىم>قوليازما، 2008-يىلى2-ئاي، غۇلجا.
(5) «سەيدۇللا سەيپۇللايوپ بىلەن سۆھبەت خاتىرىسى» 2001-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئۈرۈمچى.
(6) بۇ ماقالە دەسلەپ <شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى>نىڭ 1981-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان.
(7)بۇ كىتابنى ئابلىمىت ئىسمائىل، مەھمۇدجان ئىسلام قاتارلىقلار يازغان بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1993-يىلى نەشر قىلىنغان،
(8) «ئابلىمىت روزى بىلەن سۆھبەت خاتىرىسى» 1996-يىلى 9-ئاي ،ئۈرۈمچى.
(9) «ئابلىمىت روزى بىلەن سۆھبەت خاتىرىسى» 1996-يىلى9-ئاي. ئۈرۈمچى.
(10) «ئىمىن تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت خاتىرىسى» 2008-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى.ئۈرۈمچى.
(12) «ئابلىمىت روزى بىلەن سۆھبەت خاتىرىسى» 1996-يىلى 9-ئاي، ئۈرۈمچى.
(13) «ئەھمەد زىيائىنىڭ ئەسلىمىسى»، <شىنجاڭ تارىخ ماتىرىياللىرى>،ئومۇمىي 28-سان، 177-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1990-يىلى، ئۈرۈمچى.
(14) ئەھمەد زىيائىنىڭ ئوغلى ئارسلانغا ئاغزاكى يوسۇندا ئېيتىپ بېرىشىچە، 1950-يىللىرى ئۈرۈمچىدە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى بىرقىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن كېڭەش قىلغاندا، <دىۋانۇلۇغەتت تۈرك>نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشنىڭ لازىملىقى توغرىسىدا گەپ بولۇنغان ھەم يىغىن قاتناشچىللىرى بىرى بۇ ئىشنى كاشغەردىكى ئەھمەد زىيائىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەسئۇلىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن <دىۋان>نىڭ تۈركىيىدە بېسىلغان نۇسخىسى كاشغەرگە ئەۋەتىلىپ، سەيپۇللايوپ ۋە ئابدۇرېھىم ئىمىنوۋلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئەھمەد زىيائى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىش مۇمكىنچىلىكى تۇغۇلغان. <ئارسلان بىلەن سۆھبەت خاتىرىسى>، 200-يىلى7-ئاي، ئۈرۈمچى.
(15) ئىبراھىم مۇتىئى:
«باش مىنىستىر جۇ ئېنلەينىڭ خىزمەتلىرىمىزگە قىزغىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ياد ئېتىمەن».
«ئىتتىپاقلىشىش، ئىزدىنىش. يول ئېچىش، تۆھپە قوشۇش»م
(团结,求实,开拓,奉献)
مىللەتلەر نەشىرىياتى 1993-يىلى خەنزۇچە نەشرى، بېيجىڭ(180-بەت).
(16) «ئۇيغۇر سايرانىنىڭ ‹دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك›نى نەشرگە تەييارلاش خىزمىتى ھەققىدىكى ئەسلىمىسى» مەھمۇدجان مۇھەممەد خاتىرىلىگەن، «شىنجاڭ تارىخ ماتىرىياللىرى»نىڭ ئومۇمىي 49-سانى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2008-يىلى نەشىرى.
(17) «ئۇيغۇر سايرانى بىلەن سۆھبەت خاتىرىسى»،2000-يىلى، 9-ئاي، ئۈرۈمچى.

ئاپتور: شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنسىتىتۇتىنىڭ پروفېسسورى.
تەھرىرلىگۈچى: ئىسلامجان شىرىپ بەشكېرەمى.

(تۈگىدى)م

بۇ ماقالىنى «ئەسىرىم شېئىرىيەت مۇنبىرى»گە «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ناملىق ژورنالنىڭ 2008-يىللىق 6-سانىدىن (مەھمۇد كاشغەرىي تەۋەللۇتىنىڭ مىڭ يىللىقىغا بېغىشلانغان مەخسۇس سان) تەۋھىدە تەييارلىغان
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&

没有评论:

发表评论