2008年12月26日星期五

مۇقام يۇرتى يەركەندە مەھمۇد كەشغەرىي خاتىرىلەندى






مۇقام يۈرتى يەركەندە ئۇلۇغ ئالىم تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرەلەش پائالىيىتى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى.


2008- يىلى 12- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن كېيىن، يەكەن 3- ئوتتۇرا مەكتەپ (سابىق يەكەن پىداگوگىكا مەكتىپى)دە ئۇلۇغ ئالىم تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرەلەش پائالىيىتى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتكە يەكەندىكى ئەدىپ - سەنئەتكارلاردىن ئاتاغلىق يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان قاتارلىقلار قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.
پائالىيەتتە بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقوغۇچىلار ئۆزلىرى تەييارلىغان ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ، پائالىيەتنى ئەۋجىگە كۆتۈردى. پائالىيەت ئەھۋالى باشتىن - ئاخىرى يەكەن تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنىپ، تىلىۋىزۇردا تارقىتىلدى.





بۇ قىتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى تالانتلىق شائىر، ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى مۇتەللىپجان مۇھەممەد (ئىلتەبىرخان) شېئىر دىكلاماتسىيە قىلماقتا.







بۇ قىتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان ئاتاقلىق يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان ئەھمىيەتلىك سۆزلەرنى قىلدى


1 条评论:

  1. assalamu alaykum... man buni kurup intayin tasirlandim... manmu blogumning kurunixini sizga ohxax kilay degan ... kandak kiliman... logumgha suz kaldurup koyghan bolsez...

    回复删除