2008年12月25日星期四

م«دىۋان»دىكى ئۇچۇرلاردىن «ئاغۇ» نامىنى چۈشىنىش






م«دىۋان»دىكى ئۇچۇرلاردىن

«ئاغۇ» نامىنى چۈشىنىش



ئاغۇ ــ ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي يۇرت بولۇپ، «ئاغۇ» ئاتالغۇسى بۇ يۇرتنىڭ ھەقىقىي ھەم توغرا نامىنى ئىپادىلەپ بىرىدۇ.

ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرىي ئۆزىنىڭ ئالەمشۇمۇل ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ 1-توم 172- بېتىدە:
ـــ («ئارغۇ» - ئىككى تاغنىڭ ئارىسى، بۇنىڭدىن ئېلىنىپ تىراز (تالاس) بىلەن بالاساغۇن ئارىسىدىكى شەھەرلەرمۇ «ئارغۇ» دېيىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ يەرلەر ئىككى تاغ ئاراسىدا) دەپ چۈشەندۈرگەن. ھەمدە 1-توم 147-بەتتە «ئارغۇلادى» دېگەن پېئىلنى «يېرىپ ئۆتتى» دېگەن مەنىگە ئىگە، دەپ شەرھلىگەن.

مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «ئارغۇ» ئىبارىسىگە بەرگەن بۇ چۈشەندۈرۈشلىرى ھازىرقى ئاغۇ يېزىسىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەھۋالىغا تولۇق ماس كېلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ ئاغۇ يېزىسى تاغلار ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەتىراپىنى «قارا تاغ»، «بوز تاغ» قاتارلىق ئىككى چوڭ تاغ، «چىگىلىك تاغ»، «ئايۋان تاغ» قاتارلىق ئىككى كىچىك تاغ ئوراپ تۇرىدۇ.

بەزى كىشىلەر «ئاغۇ» دېگەن نامنى قەدىمكى ئاتىلىشى بويىچە «ئارغۇ» دەپ ئاتاپ كىلىۋاتىدۇ ھەم شۇنداق ئاتاشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. ئەمما، بۇ ھازىرقى ئىستېمالدا ئومۇملاشقان ئاتاش ئادىتىگە تازا ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دىمۇ «ئارغۇ» دېگەن سۆزنى «ئاغۇ» دەپ تەلەپپۇز قىلىدىغانلىقى ھەم ھازىرقى يېزىق تىلىدىمۇ شۇنداق قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلگەن.
ناۋادا يەر-جاي ناملىرىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللىنىۋىرىش توغرا كەلسە، قەشقەرنى «كاشغەر»، ئاتۇشنى «ئارتۇچ» دەپ ئاتاشقا توغرا كىلىدۇ.

تارىخي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، «ئاغۇ» خېلى بۇرۇنلا يۇرتنىڭ نامى بولۇپ كەلگەن.
«قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما» دېگەن كىتابتا، 735- يىلى ئورنىتىلغان «بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى»نىڭ شەرقىي يۈزى 34- قۇردىكى «ئوغۇزلار توققۇز تاتارلار بىلەن بىرلىشىپ، ئارغۇ دېگەن يەردە ئىككى قېتىم جەڭ - ئۇرۇش قىلدىم، قوشۇننى مەغلۇپ قىلدىم، ئېلىنى ئالدىم» دېگەن جۈملىلەر ۋە 759-يىلى تىكلەنگەن «مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى»دا «يارىش ۋە ئارغۇلىغ ئارىلىقىدا ...» دېگەن بايانلار ئۇچرايدۇ. بۇ «ئاغۇ» نامىنىڭ بۇرۇندىنلا مەۋجۇت ئىكەنلكىنى كۆرستىپ بېرىدۇ.
يەنە بەزى كىشىلەر «ئاغۇ» دىگەن نام «ئارغۇ قەبىلىسى»نىڭ نامىدىن كەلگەن، دەپ قاراپ كېلىۋاتىدۇ. مەھمۇد كاشغەرىي ئۆزىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدە: «تۈركلەر ئەسلىي يىگىرمە قەبىلىدۇر، ‹ئارغۇ› - ئاشۇ قەبىلىلەرنىڭ بىرىنىڭ نامى» دەپ كۆرسەتكەن، ھەتتا «ئارغۇ» دېگەن نامنى «ئارغۇ تىلى، ئارغۇلار، ئارغۇچە، ئارغۇ ئېلى، ئارغۇ» دېگەندەك ناملار بىلەن ئۆز ئەسىرىنىڭ نۇرغۇن يېرىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

ھازىرقى تىلشۇناسلىقنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرى نوقتىسىدىن ئېلىپ ئىيتقاندا، يەنىلا يۇرۇت نامىنى «ئاغۇ» دەپ ئاتاش ئەڭ مۇۋاپىق ئاتاشتۇر.

مەنبە: «تارىخي يۇرت ئاغۇ ۋە ئاغۇلۇقلار» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى
&&&&&&&&&&&&&&&&


没有评论:

发表评论