2008年12月24日星期三

م «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىن كىيىم مەدەنىيىتىمىزگە نەزەر






م «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىن مىللىتىمىزنىڭ

كىيىم مەدەنىيىتىگە نەزەر



ئەزىز نىياز پاسىل


دۇنيا سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ئىلمىنىڭ پېشۋاسى، بۈيۈك تىلشۇناس، ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئۆلمەس مەدەنىيەت مىراسى <تۈركىي تىللار دىۋانى >ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەبەدىي يىقىلماس پىرامىداسىدۇر. ئۇ، 10-، 11-ئەسىرلەردىكى قاراخانىيلارنىڭ تارىخى،ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيىتىنى يورۇتۇپ بېرىش بىلەن قالماي، بەلكى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بارلىق ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرائاسىيادىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تارىخى ،جۇغراپىيىسى، ئىقتىسادى ،ئىجتىمائىي تۇرمۇشى، تىل يېزىقى،دىنىي ئىېتىقادى، ئېتنوگرافىيىسى، ئەدەبىيات -سەنئىتى، فولكلورى، ئاستىرونومىيە، كالېندارچىلىق، تېبابەتچىلىك، پەلسەپە-ئىدىيىۋى چۈشەنچىلىرى، ھاكىمىيەت ئىشلىرى،ھەربىي ئىلىم قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ئىخچام ئېنسىكلوپېدىيە بولۇپ، ئۇنىڭدا خاتىرىلەنگەن كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىمىزگە ئائىت مەنبەلەردە ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجادچان روھىي دۇنياسى، ئالىيجاناب خاراكتېر -خۇسۇسىيەتلىرى،يۈكسەك ئەقىل -پاراسىتى، گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرى مۇجەسسەملەنگەن . بۈگۈنكى كۈندە ئۇنى ئۈگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش بىز ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك خىزمەتتۇر .

ئۇيغۇرلار قەدىمدىن مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۈرۈش-تۇرۇشتا يېقىملىق، ئوچۇق چىراي، خۇشچاقچاق، ئەدەپ-ئەخلاقلىق، قائىدىلىك، ساداقەتمەن، ئاددىي-ساددا، چېۋەر، كەمتەر، دادىل، مەرد، باتۇر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ساناقسىز ئېسىل پەزىلەتلەرگە ئىگە قوۋم بۇلۇپ، بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەر <دىۋان>دا خاتىرىلەنگەن ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ تۈرلۈك نۇسخا-شەكىللىرىدە ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ.

ئۇيغۇر مەھمۇد كاشغەرىي زامانىدىن ئىلگىرىلا يۇڭ، تېرە، ئۆسۈملۈك تالالىرىدىن پايدىلىنىپ سىپتا، نەپىس رەختلەرنى توقۇغان ھەمدە ئۇنىڭدىن كىشىلەرنىڭ خاراكتېر-خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان يارىشىملىق، ئېسىل، كۆركەم كىيىم -كېچەكلەرنى ئىجاد قىلىپ، دەزماللاپ كىيىشنى بىلگەن. <دىۋان>دىكى كىيىم-كېچەككە دائىر مول مەلۇماتلاردىن ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز كىيىم -كېچەككە دائىر مول مەلۇماتلاردىن ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز كىيىم-كېچەك تۈرىنىڭ كۆپلۈكى، شەكلىنىڭ خىلمۇ-خىللىقى، پاسونىنىڭ ئۆزگىچىلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە تۈركىي قەبىلىلەر ئارىسىدا كىيىم -كېچەك مەدەنىيىتى جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى، ئاق كۆڭۈللۈكى، ئىجادچان، يېڭىلىق يارىتىشقا،ئەنئەنىنى زامانىۋىلىققا يۈزلەندۈرۈشكە ماھىر خەلق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىمىز.

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا پارلاق مەدەنىيەت يارىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان مىللەتلەرنىڭ بىرى. جۈملىدىن، ئۇيغۇرلار باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى چەتكە قاقمايلا قالماستىن، بەلكى ئىجادىي قوبۇل قىلغان، شۇنداقلا قوشنا ئەللەر ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ مەدەنىيىتىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن مىللەت. ئەپسۇسكى، ھازىرقى تۇرمۇش ئەمەلىيىتىمىزگە نەزەر سالىدىغان بولساق، تارىخنىڭ تۈرلۈك رىقابەت-خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئەسىرلەردىن -ئەسىرلەرگە ئۆزىنىڭ كەڭ-ئازادىلىكى، سالاپەتلىكلىكى، يارىشىملىق ھەم كۆركەملىكى، جەزىبىدارلىقى بىلەن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، باشقىلارنىڭ كۆزلىرىنى چاقنىتىپ كېلىۋاتقان كىيىم-كېچەكلىرىمىز بارا-بارا شالغۇتلىشىپ، ئۆز خاسلىقىنى يوقۇتۇپ، ئىستېمالدىن چۈشۈپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. كېيىنكى چاغلاردا، بەزى جايلاردا، كىيىملىرىمىزنىڭ، بولۇپمۇ ياشلار پاسونىدىكى كىيىملەرنىڭ ياقىسى، مەيدىسى، قولتۇقى، مۈرىسى، ھەتتا كۆكرەك بىلەن بەلنىڭ ئارىلىقى ئېچىۋېتىلدى. ئىلگىرى كەڭ-ئازادە، ئىش-ھەرىكەتكە قۇلايلىق كىيىملەردە سالاپەتلىك، سۈرلۈك، جەزبدار، يېقىملىق، شەرم-ھايالىق، كۆرۈنىدىغان قىز-يىگىتلىرىمىز ئەمدىلىكتە شۇنچىلىك دەرىجىدە تارىيىپ، قىسقىراپ، بەدەننىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىنىڭ سىرتىدىن ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرىدىغان يات پاسوندىكى كىيىملەردە غىتمەك، غىلجىڭ، زەئىپ، ھەتتا يىرگىنىچلىك كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدى. مەسىلەن : قىز -ئاياللىرىمىزغا ھەرخىل پاسوندىكى ئۇزۇن كۆڭلەك، تۈرلۈك شەكىللەردىكى يوپكىلار شۇنداق يارىشاتتى. ئۇلار كاسا -ساغرىلىرىنى يۆگەيدىغان ئاشۇ كۆڭلەك ، يوپكىلار بىلەن شۇنچە ھايالىق، شۇنچە جەزبدار كۆرۈنەتتى، ھازىر كوچىلاردا كېتىۋاتقان نۇرغۇن خانىم -قىزلىرىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، كۆڭلەك ياكى يوپكا كىيمىگەن، كاسا، ساغرىلىرىنى ئاران -ئاران سىغدۇرغان تار ئىشتانلىرى <پاس> قىلىپلا ئېتىلىپ كېتىدىغاندەك يۈرىۋاتقانلارغا قاراپ ئادەمنىڭ كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارشۇنداق يۈرۈشكە خىجىل بولمىغىنى بىلەن، ئاشۇنداق كاسا-پەللەكلەرگە مەقسەتسىزلا كۆزى چۈشۈپ قالغان ئادەم خىجىل بولۇپ قالىدۇ!... دېمەك، ئىلگىرى ئۆزىمىزگە خاس كىيىملىرىمىزدە ئازادە يايرايدىغان بەدەنلەر بۈگۈنكى كۈندە خۇددى قەپەس ئىچىگە قامالغان قۇشقا ياكى خالتىغا قاچىلانغان قۇمغا ئوخشاش سىغدىلىپ، تىقىلىپ تۇرىدىغان بولدى، ھەتتا بىر قىسىم ئارتىسلىرىمىز سەھنىلەردە يېرىم يالىڭاچ ھالەتتە پەيدا بولۇۋاتىدۇ...

ھەممىگە مەلۇمكى، دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆزتەرەققىيات تارىخىدا تەدرىجى شەكىللەندۈرگەن خاس كىيىم -كېچەك مەدەنىيىتى بولىدۇ. مىللىتىمىز ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ياراتقان شانلىق مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئىچىدە ، ئۆزگىچە شەكىل، پاسون ۋە نۇسخىلاردىكى كىيىم-كېچەكلىرى، ئاجايىپ ئىلمىي، مەدەنىي كىيىنىش ئادەتلىرى بىلەن ئىنسانىيەت كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان بولسىمۇ، بۈگۈنكى ئىجتىمائىي رېئاللىقىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىزنىڭ ئۆزىمىزگە خاس تەۋەررۈكلىرىمىزنىڭ بىرسى بولغان، دۇنيا مەدەنىيىتى خەزىنىسىدە كۆزلەرنى جۇلالاندۇرىدىغان كىيىم -كېچەك مەدەنىيىتىمىز يوقىلىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. بىر قىسىم كىيىم -كىچەكلىرىمىز سەھنىلەردە ،بەزى مۇراسىملاردىلا كۆرگىلى بولىدىغان، ئادەتتە كۆرگىلى بولمايدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ئەجەبا، خەلقىمىز ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل ئەنئەنىسىدىن ۋاز كېچىۋاتقانمىدۇ؟ ئۇنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن تاشلىۋەتكەنمىدۇ؟ يېڭى زاماندىكى ياشلىرىمىزغا ئەنئەنىۋى كىيىم -كېچەكلىرىمىز ياراشمامدىغاندۇ؟ ئىقرار قىلىشىمىز كېرەككى، بىزنىڭ كىيىم -كېچەك مەدەنىيىتىمىز ۋە ئادىتىمىزگە ھېچ كىشى چەكلىمە قويغىنى يوق، ئۆزىمىزگە خاس كىيىملىرىمىزنى ھېچكىم <قالاق> دېگىنى يوق، <زامانغا ماس كەلمەيدۇ> دېگىنىمۇ يوق. ئەمەلىيەتتە، ئاشۇ بىر قىسىم كىشىلىرىمىز، گۈزەل ئەنئەنىمىزنى ئۆزلۈكىدىن تاشلاپ قويۇۋاتىدۇ. <ئىلچى>، <سادا> دېگەن ماركىلاردا ئۆزىمىزگە خاس كىيىم -كېچەكلەر بارلىققا كېلىۋىدى، جەمىيىتىمىزنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن قاتلىمىدىكى كىشىلىرىمىز ،جۈملىدىن بىزنىڭ زىيالىلىرىمىزمۇ ،دېھقانلىرىمىزمۇ ئوخشاشلا قارشى ئالدى. ئىستىمال جىددىيلىكى سەۋەبىدىن ساختا <ئىلچى> كىيىملىرى بازارغا چىقتى... بۇنىڭدىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، خەلقىمىز ئەنئەنىۋى كىيىم -كىچەكلىرىدىن ھەرگىز بىزار بولمايدۇ، بەلكى ئۇنى ئەتىۋارلاپ كىيىدۇ. بۇ يەردە شۇنى تەكىتلىشىمىز كېرەككى، ئەنئەنىۋى كېيىم -كېچەكلىرىمىز دەۋرگە ماسلىشالىشى، خىرىس ۋە رىقابەتكەتولغان دۇنيادا پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇشى، بېكىنمىچىلىكتىن قۇتۇلۇپ، ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىقنى مۇجەسسەملەشتۈرۈشى لازىم.

پىيما ئۆز زامانىسىدا ئەڭ يارىشىملىق، قۇلايلىق، ئەپچىل، زامانىۋى ئاياغ كىيىم ئىدى. دەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ ئاڭ سېزىمىدە ۋە تۇرمۇش ئىستېمال سەۋىيىسىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن، زامانغا خاس، يارىشىملىق، سىپتا تۈرلۈك ئاياغ كىيىملەرنىڭ بازارغا كىرىشى بىلەن، بېكىنمە ھالەتتە تۇرۇۋاتقان پىيما ئىستېمالدىن قالدى. چورۇق ئەينى زاماندا تولىمۇ قۇلايلىق، يارىشىملىق ھەم ئەپچىل ئاياغ كىيىم بولسىمۇ، تەرەققىيات پۈرسىتىدىن مەھرۇم قالغانلىقى ئۈچۈن، بارا-بارا ئىستېمالدىن چۈشۈپ پىيمىنىڭ قىسمىتىگە دۇچار بولدى. بىز گۈزەل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاپ قالىمىز دەيدىكەنمىز، ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىقنى بىرلەشتۈرۈشىمىز، ئەنئەنىلىرىمىزنى زامانىۋىلاشتۇرۇشىمىز لازىم. چۈنكى، زامانىۋىلىقنى چەتكە قاققان ئەنئەنىۋىلىكنىڭ ئۆمرى قىسقا بولۇپ قالىدۇ. بىزدىكى يېتەرسىزلىك شۇكى، بىز ھە دېگەندىلا ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىمىزدىن پەخىرلىنىپ، ماختىنىپ كەلدۇق، ئەمما ئۇنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى، دەۋر تەلىپىگە ماسلاشتۇرۇشنى، ھۈنەر -كەسىپلەردىمۇ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشنى بىلمەي كەلدۇق. ئەنە شۇنداق نادانلارچە مېھرىبانلىقىمىز بىلەن ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئىز باسارلىرى ۋە تەرەققىي قىلدۇرغۇچىلىرى بولۇشتەك شەرەپلىك بۇرچىمىزنى تولۇق ئاقلىيالمىدۇق. ئەجدادلىرىمىز بىزگە ھەرجەھەتتىن مۇكەممەللىككە ئىگە، كۆپ قىرلىق، ئۆلمەس مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن بولغاچقا، بىز شۇنىڭ بىلەن ئۆزىمىزنى ئىپادىلەپ، مەۋجۇدلۇقىمىزنى نامايان قىلىپ كەلدۇق. ئەمما، بىزمۇ ئۆز ئالدىمىزغا يېڭىلىق يارىتىشتا يېتەرلىك ئىشلارنى قىلىپ كېتەلىدۇقمۇ؟ مېنىڭچە، بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۇنچىلا ئاسان بولمىسا كېرەك. ئەمما، ھازىرقى رېئاللىق مىللىتىمىزنىڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىدە چېكىنىش بولغانلىقىدىن بېشارەت بەردى. بىز ئەجدادلىرىمىزنى پەخىرلىنىش بىلەن تىلغا ئالىمىز، لېكىن بىزدىن كېيىنكىلەرئۆزىنىڭ ئەنئەنە مەۋجۇدلۇقىنى نېمە بىلەن نامايان قىلار ؟! ئۇلار بىز قالدۇرغان قايسى مىراسلىرىمىزدىن پەخىرلىنەر؟! بۇ، ئېھتىمال ھەربىر ۋىجدان ئىگىسىنى ئويلاندۇرۇپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرسى بولۇشى مۇمكىن.

مەن<دىۋان>دىكى ئۇيغۇر كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىگە ئائىت مەزمۇنلارنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش-ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان تۈرلۈك مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنى قوغداش ،مۇكەممەللەشتۈرۈش ،ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىش، ئۇنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشتە، شۇنداقلا مىللىي كىيىم -كېچەك ئىستېمالىمىزدىكى كىرزىسقا تاقابىل تۇرۇش، دادىل يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش، خەلقئارا بازار رىقابىتىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان داڭلىق ماركىلارنى يارىتىش، مىللىتىمىزنىڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنى ئۆز خاسلىقى بىلەن دۇنياغا، كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرۈشتە چوڭقۇر، رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارايمەن.


(ئاپتور ئەزىز نىياز پاسىل - ئاقسۇ مائارىپ ئىنسىتىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى)
(مەنبە: «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژورنىلىنىڭ 2005-يىللىق 5-سانى)
torgha teyyarlighuci: tewhide
menbe: http://asrim.cn
ــــــــــــــــــــــــــــــــــ


没有评论:

发表评论