2008年12月30日星期二

ئەۋلادلار قەلبىدە مەھمۇد كاشغەرىي






مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىنى

تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىلدى.



ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلا كامال خەۋىرى:
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، خېجىڭ ناھىيىلىك كىيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بولۈش خىزمەت كومىتىتىدىكى كادىرلار ناھىيە تەۋەسىدىكى ھەر قايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە يەتتە مەيدان بۈيۈك ئالىم، تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى مەھمۇد كاشغەرىي ياشىغان دەۋر ۋە ئۇنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە بىلىمگە ئىگە قىلدى. مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆز تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ، ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىيگە بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتى ۋە سېغىنىشىنى ئىپادىلىدى

مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر





مەنبە
http://www.kashghari.com/uyghur/viewthread.php?tid=237

1 条评论:

  1. ۋاھ ... سىز قەيەرلەردىن تاپىدىغانسىز مۇشۇ رەسىملەرنى ... ئىشقىلىپ سىزگە قايىلمەن... كىرىپ ئىلانىمنى چىكىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلەمن.

    回复删除