2008年12月24日星期三

مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇيغۇرلار


- 2008
يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن «مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇيغۇرلار» ناملىق يىغىندا تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى، غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن «مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇيغۇرلار» تېمىسىدا سۆز قىلدى





مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇيغۇرلار


ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن



بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن - مائارىپ كومىتېتى 2008 - يىلىنى «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» دەپ ئىلان قىلغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەھمۇد كاشغەرىي ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى» ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە ھەر خىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە.

بۇ خىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپ ساندا ئىلمىي ماقالىلار ئوقۇپ ئۆتۈلمەكتە.
بۇ ماقالىلاردا ھازىرغىچە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ باقمىغان يېڭى كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

2008 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن «مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇيغۇرلار» ناملىق يىغىندا تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى، غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن «مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇيغۇرلار» تېمىسىدا سۆز قىلدى.

پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە ئۇ دەۋردىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەردىن بىرىنى قۇرغانلىقىنى، ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قانداق يوق بولغانلىقىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، مەھمۇد كاشغەرىي مەزگىلىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئۇ سۆزىدە ھازىرغىچە ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتقان بەزى كۆز قاراشلارنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر دۆلىتى قانداق بىر دۆلەت ئىدى؟
ئۇ دەۋرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ‹تاڭ سۇلالىسى› بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانداق ئىدى؟
ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى ۋەتەنلىرىگە قاچان كەلگەن؟
مەھمۇد كاشغەرىي ئۇيغۇرمۇ؟


8-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى ئۇيغۇرلار


پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى سۆزىنى 700 - يىللاردىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق باشلىدى:
مەن «مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇيغۇرلار» توغرىسىدا سۆزلەشتىن بۇرۇن، مەھمۇد كاشغەرىيدىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەي.
مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئەسىرى 1070 - يىللاردا يېزىلغان. بۇ ئەسەر يېزىلىشتىن بۇرۇن 770 - يىللاردا، ئوردۇ بالىقتىكى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تەختىدە بۇگىخاقان ئولتۇراتتى. 750 - يىلىدىكى تالاس ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان ۋە ئەنلۇشەن قوزغىلىڭى بىلەن قالايمىقان بولۇپ ۋەيران بولغان تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمى بىلەن دۆلىتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان ئىدى.
دىمەك، تاڭ دۆلىتىدىكى قوزغىلاڭلارنى ئۇيغۇرلار باستۇرۇپ بەرگەچكە، ئۇلار ئۇيغۇرلارغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھەر يىلى يۈزمىڭ توپ يىپەكنى ئۇيغۇر خاقانلىقىغا يەنى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ پايتەختى ئوردۇبالىققا ئەۋەتىپ بېرىدىكەن.

«تاڭنامە»دە بۇ ھەقتە شۇنداق دەپ يېزىلغان:
- تاڭ خاندانلىقى غەزىنىسى قۇرۇپ، دۆلەت ئەمەلدارلىرىغا مائاش بېرەلمەيدىغان دەرىجىگە چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، تاڭ خاندانلىقى ھەر يىلى ئۇيغۇرلارغا 100 مىڭ توپ يىپەك ئەۋەتەتتى. ئۇيغۇرلار تاڭ دۆلىتىگە بېرىپ - كېلىپ يۈرۈپ كۆنۈپ قالغان بولغاچقا، ھەر يىلى باھار پەسلىدە تاڭنىڭ پايتەختى چاڭئەنگە بارىدىكەن. ئۇيغۇرلار تىجارەتكە ماھىر بولغاچقا داۋاملىق تاڭدىن مال ئېلىپ تىجارەت قىلىدىكەن. ئۇيغۇرلار تاڭغا بىر ئات بېرىپ 40 توپ يىپەك ئالىدىكەن. يەنە خەنزۇ مەنبەلىرىدە، 773 - يىلىدا تاڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دۆلىتىگە رەخمەت ئېيتىش ئۈچۈن مىڭ ئات ھارۋىسى يىپەكنى ئورخۇن دەرياسى بويىدىكى ئۇيغۇر دۆلىتىگە ئاپىرىپ بەرگەنلىكى يېزىلغان.


800-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇرلار


پروف. در. ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن سۆزىدە 800 - يىللارنىڭ بېشىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«800 - يىللارنىڭ باشلىرىغا كەلسەك، بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ تەختىدە ئەدىس خاندانلىرىدىن ئالپ ئۇلۇغ بىلگە خاقان ئولتۇرۇۋاتاتتى. يېنىسەي بويلىرىدا بولسا قىرغىزلار بار ئىدى، ئالپ ئۇلۇغ بىلگە خاقان قىرغىزلارغا ھۇجۇم قىلىپ، 400 مىڭ ئەسكىرى بار قىرغىز ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان ئىدى. ئۇيغۇرلار قىرغىزلارنى خانىۋەيران قىلىۋەتكەن.
820 - يىلىغا كەلگەندە تامىن بىنباھ ئىسىملىك بىر ئەرەپ ساياھەتچى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ پايتەختى ئوردۇبالىق شەھىرىگە بارغان بولۇپ، ئۇ ساياھەتنامىسىدە ئۇيغۇر دۆلىتىدە كۆرگەنلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: ‹ئوردۇبالىق ئىنتايىن چوڭ بىر شەھەر ئىكەن، شەھەرنىڭ ئەتراپى تېرىلغۇ يەر ۋە مېۋە باغلىرى بىلەن قاپلانغان بولۇپ، خەلقى ئىنتايىن باي ئىكەن. خەلقى بايلىق ئىچىدە باياشات ياشايدىكەن. خەلقى مانى دىنىغا ئېتىقات قىلىدىكەن.›
ئەرەپ ساياھەتچى كىتابىدا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ھەربىي كۈچى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازغان: ‹ئۇيغۇرلارنىڭ 17 قەبىلىسى بار، ھەر قەبىلىنىڭ قەبىلە رەئىسىگە قاراشلىق 13 مىڭ ئەسكىرى بار، بۇلاردىن باشقا خاقاننىڭ قول ئاستىدا 12 مىڭ ھەربىي بار بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ جەمى 333 مىڭ ئەسكىرى بار ئىكەن›»


ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى


پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى سۆزىدە 839 - يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ چۆكۈشكە قاراپ يۈز تۇتقانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:
«ناچار بىر ۋەزىيەت، ئارىدىن 20 يىل ئۆتۈپ 839 - يىلىغا كەلگەندە، كۈرەبىر ئىسىملىك بىر ۋەزىر، ئۇيغۇر خاقانىنى تەختتىن چۈشۈرۈش ئۈچۈن توپىلاڭ چىقارغان. ئۇيغۇر خاقانى ئالت قۇلۇ بىلگە خاقان بۇنى كۆرۈپ چىدىيالماي ئۆلۈۋالىدۇ. توپىلاڭ قوزغىغان ۋەزىر قازار تېكىننى تەختكە چىقارغان. بۇلار ئاڭلىتىلغان ‹كۆچ› ناملىق بىر داستانمۇ بار، بۇ توپىلاڭدىن كېيىن قىش مەۋسۇمى يېتىپ كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ئات - ئۇلاغلىرى ئۆلۈپ، نامراتلىق ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ ئۇيغۇر دۆلىتى ۋەيران بولۇپ كەتكەن. توپىلاڭ چىققاندا ئۇيغۇر پايتەختىنىڭ سىرتىدا بولغان تۇلۇغ بۇغا ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ھەربىي قوماندان بۇنىڭدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن، دەرھال قىرغىزلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، 100 مىڭ قىرغىز ئەسكىرىنى ئېلىپ ئۇيغۇر پايتەختى ئوردۇبالىق شەھىرىگە يەنى ئۇيغۇر دۆلىتىگە ھۇجۇم قىلغان. قىرغىزلار ئۇيغۇرلاردىن ئۆچ ئېلىشقا تىرىشىۋاتقان دەل بۇ مەزگىلدە، قىرغىزلار بۇ خائىن ئۇيغۇر قوماندانغا ياردەم قىلىپ 100 مىڭ كىشىلىك قىرغىز ئارمىيىسى بىلەن ئۇيغۇر دۆلىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن 840 - يىلىدا ئۇيغۇرلار غەربكە قاراپ يەنى بۈگۈنكى شىنجاڭغا قاراپ كۆچۈشكە باشلىغان. بىزنىڭ مەشھۇر ‹كۆچ› داستانىمىز بۇ كۆچ نەتىجىسىدە مەيدانغا چىققان. مەخمۇت قەشقىرى تۈركىي تىللار دىۋانىدا دېگەن ئۇيغۇرلار مانا مۇشۇ ئۇيغۇرلار. ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار شىنجاڭغا كېلىشتىن بۇرۇن شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار بارمىدى؟»


بۇ ماقالىنىڭ داۋامىدا تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاب تاپالايسىز.

840 - يىلىدا ئۇيغۇر دۆلىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار قايسى دۆلەتلەرنى قۇردى؟
«تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسەردە ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمىلەر يېزىلغان؟
مەھمۇد كاشغەرىي ئۇيغۇرمۇ؟
ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى ۋەتىنىگە قاچان كەلگەن؟


ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى


پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى ئۇيغۇر دۆلىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، پەرىشان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈش جەريانىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى:
«ئۇيغۇرلار كۆچۈپ كېلىشتىن بۇرۇن غەربى يۇرتتا ئۇيغۇرلار يوقمىدى؟ ئۇيغۇر دۆلىتى يىقىلغاندىن كېيىن، 840- يىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ 13 قەبىلىسى جەنۇبقا ، 15 قەبىلىسى غەربىي جەنۇبقا قاراپ كۆچكەن.
جەنۇبقا كۆچكەن ئۇيغۇرلار كەڭسۇ ئۇيغۇر دۆلىتىنى،
غەربىي جەنۇبقا كۆچكەن ئۇيغۇرلار بولسا قوچۇ ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرغان.
بەزى تارىخچىلار ‹ئۇيغۇرلار 840 - يىلىدا غەربكە كۆچۈشتىن بۇرۇن، غەربىي يۇرتتا ئۇيغۇرلار يوق ئىدى› دەيدۇ،
بۇ كۆز قاراش توغرا ئەمەس.
697 - يىلىدا غەربىي يۇرتنىڭ بەزى جايلىرىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار بار ئىدى. بۇ ئۇيغۇرلار كۆكتۈرك دۆلىتى خاقانى بىلگە خاقاننىڭ تاغىسى قاپاغان خاقان ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئىشلەتكەن ۋاقتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى غەربىي يۇرتقا كۆچۈپ كەلگەن.
697 - يىلىدا ئورخون يېنىسەي بويىدىن غەربىي يۇرتقا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار بار.
ھەممىمىزگە مەلۇم 745 - يىلىدا كۆكتۈرك دۆلىتىنى ئاغدۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى ھۆكۈمدارى مويۇنچۇر خاقان مەزگىلىدە غەربى يۇرت ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن ئىدى.
بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر خاقان بۇ يەرگە كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارنى جايلاشتۇرغان ئىدى.
غەربىي يۇرتنى قىسقا ۋاقىت تىبەتلەر بېسىۋالغان بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇيغۇرلار يەنە قايتۇرۇۋالغان. ئۇيغۇرلار 6 - ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ۋە 7 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بىزدە قەدىمقى خەنزۇچە مەنبەلەردە ‹تېلى› دەپ ئاتالغان تۈرك قەبىلىلەر بىرلىكىنىڭ ئىچىدە ئىدى. بۇ مەزگىلدە يەنى 481 - يىلىدا ئۇيغۇرلار تەڭرى تاغلىرىنىڭ شەرقىي جەنۇب رايونىدىكى تۇرپانغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان.
دېمەك مەھمۇد كاشغەرىي ئەسىرىدە يازغان ئۇيغۇرلار غەربىي يۇرتقا ناھايىتى قەدىمى تارىختا كەلگەن.»


مەھمۇد كاشغەرىي دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار


پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن مەھمۇد كاشغەرىي دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«مەھمۇد كاشغەرىي مەزگىلىگە كەلسەك، 840 - يىلى ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كېيىن تۇرپاندا قوچۇ ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇلغان.
كانسۇ ئۇيغۇر دۆلىتى مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغان يىللاردا، 1028 - 1036 يىللىرى ئارىسىدا تاڭغۇتلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان.
ئەمما مەھمۇد كاشغەرىي مەزگىلىدە قوچۇ ئۇيغۇر دۆلىتى مۇستەقىل بىر دۆلەت ئىدى.
يېڭى قۇرۇلغان مەزگىلدە ھازىرقى غەربىي يۇرت زېمىنى پۈتۈنلەي تۇرپان ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئىدى.
11 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قاراخانىيلار دۆلىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتى كىچىكلەپ كەتكەن.
مەھمۇد كاشغەرىي ‹تۈركىي تىللار دىۋانى› ناملىق ئەسىرىدە غەربىي يۇرتتىكى يەر ناملىرى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن.
مەھمۇد كاشغەرىي ‹كۈسەن› سۆزىنى ئىزاھلاپ، ‹كۈسەن› يەنى بۈگۈنكى ‹كۇچا›نىڭ ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ چېگرا رايونى ئىكەنلىكىنى يازغان. يەنى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ چېگرىسى جەنۇبتا كۇچاغىچە، شىمالدا بولسا ئىلى دەرياسىغىچە ئىكەن. ‹تۈركىي تىللار دىۋانى›دا بېرىلگەن بۇ مەلۇماتلار بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.»


ھازىرقى «ئۇيغۇر» ئۇقۇمى


پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى سۆزىدە بۈگۈنكى «ئۇيغۇر» ئۇقۇمى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
«بۇ مەلۇماتلار بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئۇقۇمى ئۈچۈن بەك مۇھىم. 1920 - يىللاردا غەربىي يۇرتتىكى خەلققە ‹ئۇيغۇر› دەپ نام بېرىلگەن ئىدى.
ھازىرقى ‹ئۇيغۇر› ئاتالغۇسى بىلەن مەھمۇد كاشغەرىي دېگەن ‹ئۇيغۇر› ئۇقۇمى تازا ئوخشاپ كەتمەيدۇ. چۈنكى بىز ھازىر بۇرۇنقى قاراخانىيلار دۆلىتى ئىچىدىكى قەشقەر، ئاقسۇ، يەركەن قاتارلىق جايلاردىكى ئىنسانلارنىمۇ ‹ئۇيغۇر› دەيمىز.
ئەمما مەھمۇد كاشغەرىي بۇلارنى ‹ئۇيغۇر› دېمەيتتى. ئۇلار قاراخانىيلار ئىدى، مۇسۇلمان ئىدى.
مەھمۇد كاشغەرىي غەربىي يۇرتنىڭ شەرقىدىكى بۇددا ۋە مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلغان كىشىلەرنى ‹ئۇيغۇر› دەيتتى.
شۇڭا مەھمۇد كاشغەرىي دېگەن ‹ئۇيغۇرلار› بىلەن ‹ھازىرقى ئۇيغۇرلار› ئارىسىدا 70 پىرسەنت ئوخشاشلىق بار دېيىش مۇمكىن. ھازىر ھەممىسى ‹ئۇيغۇر› دەپ ئاتىلىدۇ.
دېمەك ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى، ئۆزبېكلەر ۋە قىرغىزلارنىڭ بۈيۈك بىر قىسمى قاراخانىيلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.»


مەھمۇد كاشغەرىي ئۇيغۇرمۇ؟


پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن يىغىندا قىلغان «مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇيغۇرلار» ماۋزۇلۇق نۇتىقىدا مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:
- «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى بىر قانچە مەسىلە ئۈستىدە توختالماقچىمەن.
بىرىنچىسى قاراخانىيلارنىڭ قايسى مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكىدۇر. بۇ ھەقتە ئىككى خىل كۆز قاراش بار. بىرىنچىسى، بەزى مۇتەخەسسىسلەر قاراخانىيلار دۆلىتىنى قۇرغان ھۆكۈمدارلارنىڭ قارلۇق قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزى تارىخچىلار ياغما قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. مەشھۇر تارىخچى بارتولد ، زەكى ۋەلىدى توغان، تونۇلغان تارىخچى رەشات گەنچ قاتارلىق كىشىلەر قاراخانىيلارنىڭ ياغما قەبىلىسىدىن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇلار ئەرەبچە «ھۇدۇد-ئىل ئالەم» ئىسىملىك تارىخ ۋە جۇغراپىيە كىتابىدىكى مەلۇماتلارغا تايىنىپ تۇرۇپ بۇ كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ كىتابتا ياغمالار ھەققىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان.
«قاراخانىيلار دۆلىتى ھۆكۈمدارلىرى توققۇز ئوغۇز قەبىلىسىدىندۇر.»
توققۇز ئوغۇز كىم؟
قەدىمقى ئەرەب مەنبەلىرىدە ئۇيغۇرلار «توققۇز ئوغۇز» دەپ قەيت قىلىنغان. دېمەككى قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمدارلىرى ئۇيغۇر ئىكەن.
يەنە «مەجمۇئەتۇل تەۋارىخ» ئىسىملىك كىتابتا مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«ياغمىلارنىڭ پادىشاھىنى ‹بۇغراخان› دەيدۇ».
دېمەككى قاراخانىيلار دۆلىتىنى قۇرغان ھۆكۈمدارلار ياغما قەبىلىسىدىندۇر.
ياغما قەبىلىسىمۇ توققۇز ئوغۇز ئىكەنلىكىگە قارىغاندا قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمدارلىرى ئۇيغۇردۇر.
يەنى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئۇيغۇردۇر.
مەھمۇد كاشغەرىي قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمدار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولغاچقا، مەھمۇد كاشغەرىيمۇ ئۇيغۇردۇر.
ھەممىمىزگە مەلۇم مەھمۇد كاشغەرىي كىتابىدا قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكىنى يازمىغان.


ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى


پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ھەققىدە يازغانلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
- مەھمۇد كاشغەرىي «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا يەنە بىر يەردە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان. «ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى - ھەقىقى تۈرك تىلىدۇر. ئەمما ئۆزئارا ئوخشىمايدىغان دىيالېكىتلاردىمۇ سۆزلىشىدۇ». دېمەك، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇ چاغلاردا ئەدەبىي تىلىدىن باشقا، دىيالېكتىمۇ بار ئىكەن.


«تۇركىي تىللار دىۋانى»نىڭ قىممىتى


پروف. در. ئاخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىنىڭ قىممىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
مەھمۇد كاشغەرىي ئەسىرىدە يۇقۇرىدىكىدەك ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىممەتلىك مەلۇماتلارنى بەرگەن. ئەسەرنىڭ ئەھمىيىتى پەقەتلا ئۇيغۇرلار ھەققىدە بېرىلگەن بۇ مەلۇماتلاردىن ئىبارەت ئەمەس. ئوغۇزلار توغرىسىدىمۇ تالاي مەلۇمات بېرىلگەن. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا باشقا تۈركىي مىللەتلەر ھەققىدىمۇ ناھايىتى كۆپ مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ئەسەر ئەينى ۋاقىتتىكى تۈرك دۇنياسىنى بىزگە كۆرسىتىپ بەرگەن بىر قامۇستۇر.
ئارىدىن مىڭ يىل ئۆتكەن بولسىمۇ مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ كىتابى يەنىلا ئۇلۇغدۇر

&&&&&&&&&&&&&&&&&&&



没有评论:

发表评论