2008年12月21日星期日

بېيجىڭدا مەھمۇد كاشغەرىي مۇھاكىمەسى

















مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىنى

خاتىرىلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى



مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئەتە (2008-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى) سائەت 9:00 دە جۇڭگو مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا باشلىنىدۇ.
بۇ يىغىنغا قاتنىشىدىغان ئالىملار ۋە تەتقىقاتچىلار بۈگۈن ھەممىسى دېگۈدەك بېيجىڭغا كېلىپ ئورۇنلىشىپ بولدى. (قالغانلىرى بۈگۈن كەچتە كېلىدۇ).
باشلىنىش مۇراسىمى ئەتە ئەتىگەن سائەت 9:00 دا باشلىنىدۇ.
باشلىنىش مۇراسىمىدا ئالدى بىلەن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن لى پىروفېسسور تەبرىك سۆزى قىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن، تۈرك تىلى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى شۈكرۈ ھالۇك ئاكالىن پروفېسسور سۆز قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ جۇڭگۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئوكتاي ئۆزۈيە سۆز قىلىدۇ.
بۇلار ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يىغىن قاتناشچىلىرى خاتىرە سۈرەتكە چۈشىدۇ.
10 مىنۇتلۇق دەم ئېلىشتىن كېيىن تەتقىقاتچىلار ۋەكىلى سۆز قىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت ئىچىدىكىلەرنىڭ ۋەكىلى ئىسراپىل يۈسۈپ ۋە چەتئەل ۋەكىلى كەمال ئەرسلان سۆز قىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن، شۈكرۈ ھالۇك ئاكالىن، ئەركىن ئارىز، زەينەپ ئالپ، (؟) قاتارلىقلار «مىڭ يىلدىن كېيىن مىڭ يىل بۇرۇنقى مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›» دېگەن كىتابنى تونۇشتۇرىدۇ.
باشلىنىش مۇراسىمى 11:30 دا تۈگىگەندىن كېيىن، يىغىن قاتناشچىلىرى تاماق يەپ بولۇپ، چۈشتىن كېيىن 2:00 دىن باشلاپ ئۈچ گۇرۇپىغا بۆلۈنۈپ ماقالە ئوقۇيدۇ.
بىرىنچى گۇرۇپا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەن بىناسى 1-قەۋەت لېكسىيە زالىدا،
ئىككىنچى گورۇپپا مۇشۇ بىنانىڭ 2-قەۋىتىدىكى لېكسىيە زالىدا،
ئۈچىنچى گۇرۇپا مۇشۇ بىنانىڭ 14-قەۋەت لېكسىيە زالىدا ماقالە ئوقۇيدۇ.
يىغىن 11-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاخىرلىشىدۇ.
يىغىندا جەمئىي 120 نەچچە پارچە ماقالە ئوقۇلىدىغان بولۇپ، ئىلمىي قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى.
يىغىندا ئوقۇلغان ماقالىلەر مۇشۇ يىغىن نامى بىلەن مەخسۇس توپلام قىلىپ نەشىر قىلدۇرۇلىدۇ.
ۋاقىپ بولغايسىلەر.
يىغىن جەريانىدا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يوللاپ تۇرىمەن.

مەنبە:
http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=20403



مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىنى
خاتىرىلەش خەلقئارالىق
ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى باشلاندى


تۇركىيە تۇركىي تىللار تەتقىقات ئورنى ۋە جۇڭگو مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان، «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» ۋە مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرلەش خەلىقئارالىق ئىلمي مۇھاكىمە يىغىنى ــ بۇگۈن، يەنى 2008-11-24-كۇنى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىدا رەسمىي باشلاندى.
يىغىننىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىغا تۇركىيەنىڭ بىيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، ئىستانبۇل ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تىلشۇناسلىرىدىن شۇكۇر خالىق ئاكالىن، مەھمەت ئۆلمەز قاتارلىق 27 نەپەر تەتقىقاتچى ئالىم، دۆلىتىمىز رەھبەرلىرىدىن ئىسمايىل تىلىۋالدى، ئىسمايىل ئەھمەد، تۆمۇر داۋامەت، ھەمدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مۇزىي، تىل-يىزىق كومىتىتى، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى قاتارلىق مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئۇرۇنلىرىدىن ئىمىن تۇرسۇن، ئىسراپىل يۇسۇپ، ئابدۇكىرىم راخمان، ئابدۇبەسىر شۇكرى، ئابلىز ئورخۇن، ھىيتەم ھۇسەيىن، ئابلەت نۇردۇن قاتارلىق تىلشۇناس، تەتقىقاتچىلار ۋە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشتى.
بۇ يىغىن ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقان تۇركۇلوگلارنىڭ ماقالىلىرى بىرلا ۋاقىتتا تىل، مەدەنىيەت، تارىخ يۆنىلىشى بويىچە ئۈچ زالدا تەڭ باشلاندى.
يىغىننىڭ باشلىنىشى تولىمۇ داغدۇغىلىق ھەم مول مەزمۇنلۇق بولدى.
كىيىنكى ئىككى كۇندىكى يىغىننىڭ تىخىمۇ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۇمىد قىلىمىز.

مەنبە:
http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-47038.html



مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرەلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى جۇڭگو مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىتىدا غەلىبىلىك ئىچىلدى.
بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى تۈركىيە تىلىشۇناسلىق جەمئىيىتى ۋە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىتى تەرىپىدىن ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىتى ئۇيغۇر تىلى-ئەدەبىياتى فاكۇلتىتى بۇ يىغىننىڭ ئاساسلىق رىياسەتچىسى بولدى.
يىغىنىغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى تۆمۈر داۋامەت قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا تۈركىيە، گىرمانىيە، ئەزەربەيجان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن تۈركشۇناسلار مۇھاكىمە ئۈستىدە بولىدۇ.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى پىروففىسور چېن لى سۆز قىلدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تىلشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتۇر شۈكرۈ خالىق ئاكالىن سۆز قىلىپ مۇنداق دىدى:
ـــ مەھمۇد كاشغەرىي تۈركىي مىللەتلەرنىڭ پەخىرلىك ئەجدادى، ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرغىنى «تۇركي تىللار دىۋانى»دىن ئىبارەت بىر لۇغەتلا بولۇپ قالماستىن، بۇ لۇغەت بىزنى يەنە شۇ دەۋردىكى تارىخ، سىياسەت، ئاستىرونومىيە، ئىقتىساد قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ، تۈركىي مىللەتلەرنى ۋە دۇنيا مەدەنىيەتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بۈيۈك ئەسىرى بولغان «تۇركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ تۈركىيەدە ساقلىنىۋاتقانلىقىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمىز.
بۇ كىتابنى بىزنىڭ تىلشۇناسىمىز بەسىم ئاتالاي تۇركچىگە تەرجىمە قىلىپ چىققان.
2006-يىلى بۇ كىتابنىڭ تۈركچە نۇسخىسى قايتا نەشىر قىلىندى.
خەلقئارادا 2008 - يىلى «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» قىلىپ بىكىتىلگەن.
بۇنى خاتىرەلەش ئۈچۈن بۇ يىل تۈركىيەدە «مەھمۇد كاشغەرىي خاتىرە پوچتا ماركىسى»نى تارقاتتۇق.
2008-يىلى 5-ئايدا ھاجى تەپپە ئۇنۋىرسىتىدە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.
«مەھمۇد كاشغەرىي تور بېتى»نىڭ تۈركچىسى ئېچىلدى. ھازىر خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە ۋە فىرانسۇزچە بەتلىرى ئېچىلىش ئالدىدا.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جوڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئوكتاي ئۆزەيە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دىدى:
«جوڭگو ۋە تۈركىيە مەدەنيىەت، تارىخ جەھەتتىن نۇرغۇن ئورتاقلققا ئىگە، بۇ قېتىملىق خەلقئارا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى جوڭگو ۋە تۈركىيەنىڭ مەدەنىيەت، ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.»

ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە شۆكۈر خالىق ئاكالىن ئەپەندى تۇركىيە جۇمھۇرىيىتى تىلشۇناسلىق جەمئىيىتى نەشىر قىلىپ تەييارلىغان «مىڭ يىل بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ‹تۈركىي تىللار دىۋانى› ھەققىدە مىڭ يىل كىيىنكى مۇھاكىمە» ناملىق كىتابنى تونۇشتۇرپ ئۆتتى. شۇنداقلا، بۇ كىتابنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسىنى ئىشلىگۈچى نالان بۈيۈك كانتاراج ئوغلى ۋە فىرانسۇسچە تەرجىمىسنى ئىشلىگۈچى زەينەپ ئالىپ خانىم ئۆزلىرىنىڭ تەرجىمە خىزمىتى جەريانىدىكى تەسىراتى ۋە كۆزقاراشلىرىنى بايان قىلدى.

بۇ قېتىملىق خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 26 –كۈنىگىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىتىدا گۇرۇپلار بويىچە مۇنازىرە شەكلىدە ئېلىپ بېرىلدۇ.
مۇنازىرە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھاياتى ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى تىلشۇناسلىق، ئەدەبىيات، تارىخ قاتارلىق تىمىلارنى ئاساس قىلغان.

مەنبە:
http://www.izdinix.com/ShowPost.asp?ThreadID=34270




«مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بۈگۈن 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00 دا بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋىرىستىتىنىڭ مۇزىكا زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا مەركەز ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى رەھبەرلىرىدىن ئىسمايىل ئەھمەد، تۆمۈر داۋامەت، ئىسمايىل تىلىۋالدى قاتارلىقلار، دۆلەت سىرتىدىن كەلگەن نۇرغۇن داڭلىق تىلشۇناش ۋە ئالىملار، شىنجاڭ ۋە مەركەزدىكى ئۇيغۇر تىلشۇناس، تەتقىقاتچى، يازغۇچى، پروفىسسورلار، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋىرىستىتىنىڭ مەكتەپ رەھبەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىردەك بۇ يىغىننىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىلىرى بولدى.
يىغىنغا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋىرستىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئەركىن ئارىز رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم نەق مەيداندا تۈركچە-خەنزۇچە ئېغىز تىلى تەرجىمانى بولدى.
يىغىندا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋىرىستىتىدىن بىر خەنزۇ رەھبەر، تۈركىيە تۈركىي تىللار تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى شۈكۈر ئاكالىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئوكتاي ئۆزكىيە باشلىنىش سۆزى قىلدى.
ئېچىلىش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن تۇنجى قەدەمدە ئاپتونۇم رايونلۇق مۇزىينىڭ باشلىقى ئىسراپىل يۈسۈپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ «ئون ئىككى مۆچەل» توغرىسىدىكى تەتقىقات ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ماقالىدە «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار ۋە بەزى قەدىمكى ئەسەرلەردە بېرىلگەن مەلۇماتلار سېلىشتۇرۇلۇپ مۇھاكىمە قىلىندى.
ئاندىن ئىستامبۇل ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ پروفىسسورى كامال ئارسلان يىغىنغا تەييارلاپ كەلگەن ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
ئاخىرىدا شۈكۈر ئاكالىن ئەپەندى ۋە دوكتۇر زەينەپ ئالىپ، نالەن قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە مەھمۇد كاشغەرىي توغرىسىدا يازغان كىتابنىڭ ئەسلىسى ۋە تەرجىمىسى ھەققىدە توختالدى. تۈركىيىدىن ئېلىپ كەلگەن بەزى كىتاپ-ماتىرىياللارنى يېغىننى باش بولۇپ پىلانلاپ ئۆتكۈزگەن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋىرىستىتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتىغا ھەدىيە قىلدى.

سۈرەت ۋە ماتىرىيال بىلەن تەمىنلىگۈچى: گۈلرۇخ
http://www.taranqi.com/bbs/read.php?tid=2438
مەنبە:
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-83210.html




بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 2008 - يىلى 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى سائەت 9:00 دە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىدا باشلاندى.
بۇ قىتىمقى يىغىنغا مەركەزدىكى ئۇيغۇر رەھبەرلەردىن ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئىسمائىل ئەھمەد، تۆمۈر داۋامەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرىشىت قاتارلىقلار قاتناشتى.
بۇ يىغىنغا قاتنىشىدىغان ئالىملار ۋە تەتقىقاتچىلار تۈنۈگۈن ھەممىسى دېگۈدەك بېيجىڭغا كېلىپ بىيجىڭ ئەسىر مىھمانخانىسىغا ئورۇنلىشىپ بولدى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى تۈنۈگۈن ئەتىگەن سائەت 9:00 دا باشلاندى.
باشلىنىش مۇراسىمىدا ئالدى بىلەن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن لى پىروفېسسور تەبرىك سۆزى قىلدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، تۈركىيە تۈرك تىلى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى شۈكرۈ ھالۇك ئاكالىن پروفېسسور سۆز قىلدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئوكتاي ئۆزۈيە سۆز قىلدى.
بۇلار ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يىغىن قاتناشچىلىرى خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
10 مىنۇتلۇق دەم ئېلىشتىن كېيىن تەتقىقاتچىلار ۋەكىلى سۆز قىلدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت ئېچىدىكىلەرنىڭ ۋەكىلى ئاپتونوم رايونلوق مۇزىيدىن ئىسراپىل يۈسۈپ ۋە چەتئەل ۋەكىلى كەمال ئەرارسلان سۆز قىلدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، شۈكرۈ ھالۇك ئاكالىن، ئەركىن ئارىز، زەينەپ ئالپ قاتارلىقلار «مىڭ يىلدىن كېيىن مىڭ يىل بۇرۇنقى مەھمۇد كاشغەرى ۋە ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›» دىگەن كىتابنى تونۇشتۇردى ۋە يىغىن ئەھلىگە سوۋغا قىلدى.
باشلىنىش مۇراسىمى 11:30 دا تۈگىگەندىن كېيىن، يىغىن قاتناشچىلىرى تاماق يەپ بولۇپ، چۈشتىن كېيىن 2:00 دىن باشلاپ ئۈچ گۇرۇپىغا بۆلۈنۈپ ماقالە ئوقۇدى.
بىرىنچى گۇرۇپپا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى مەدەنىيەت بىناسى 1-قەۋەت لېكسىيە زالىدا تىل تەتقىقاتىغا ئائىت ماقالىلەرنى ئوقۇدى.
ئىككىنچى گۇرۇپپا مۇشۇ بىنانىڭ 2-قەۋىتىدىكى لېكسىيە زالىدا ئەدەبىيات، كۇلتۇرغا ئائىت ماقالىلەرنى ئوقۇدى.
ئۈچىنچى گۇرۇپپا مۇشۇ بىنانىڭ 14-قەۋەت لېكسىيە زالىدا مەھمۇد كاشغەرىي ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى» غا ئائىت ئۇنۋىرسال مەزمۇندىكى ماقالىلەرنى ئوقۇدى.
بۇ يىغىن 11-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاخىرلىشىدۇ.
يىغىندا جەمئىي 120 دىن ئارتۇق ماقالە ئوقۇلغان بولۇپ، ئىلمىي قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى.
يىغىندا ئوقۇلغان ماقالىلەر مۇشۇ يىغىن نامى بىلەن مەخسۇس توپلام قىلىپ نەشىر قىلدۇرۇلىدۇ.
يىغىننىڭ تەپسىلاتى ئەتە ھوزۇرىڭلاردا بولىدۇ.

(مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋىرسسېتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى پاكۇلتىتى 2006-يىللىق سىنىپتىن:
ئۆمەرجان ئىسمائىل ئارتۇچى خەۋىرى)
مەنبە:
http://www.uamaarip.com/bbsxp/ShowPost.asp?ThreadID=9256




قۇتلۇق بولسۇن «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى»


2008-يىلى 11-ئاينىڭ (24-25-26)-كۈنلىرى تۈركىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈركىي تىللار تەتقىقات ئورنى ۋە مەركىزىي مىللەتلەر ئونۋىرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىنىڭ بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرىشى بىلەن، مەركىزىي مىللەتلەر ئونۋىرستىتىدا مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۆتكۈزۈلدى.
ئېچىلىش مۇراسىمىغا دۆلەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن رەھبەرلىرىدىن ئىسمايىل ئەھمەد، ئىسمايىل تىلىۋالدى، تۆمۈر داۋامەت قاتارلىقلار ۋە تۈركىيە، گىرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئالىملار، تىلشۇناسلار ۋە ئۇيغۇر ئالىملىرى، تىلشۇناسلىرىدىن بۇلۇپ جەمئى 120 ۋەكىل ۋە مەركىزىي مىللەتلەر ئونۋىرستىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلار قاتناشتى،
تۈركىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈركىي تىللار تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى داڭلىق تىلشۇناس، دوكتور شۈكرى خالىق ئاكالىن، تۈركىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جوڭگۇدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئوكتاي ئۆزۈيە ئەپەندى مۇھىم سۆز قىلدى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن ۋە ئەتىسى بىر كۈن يىغىن ئەھلى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.
مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى ئالىملار ھەم ۋەكىللەر ئۆزىنىڭ ئىلمى ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى ۋە ئۆز-ئارا پىكىرلەشتى. مۇنازىرىلەر ناھايىتى ئىلمىي ۋە قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلدى.
يىغىن ئاخىرىدا تۈركىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈركىي تىللار تەتقىقات ئورنىدىكىلەر «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» دا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەردىن يىغىن ئەھلىنى خەۋەردار قىلدى،
ئاتاقلىق رەسسام غازى ئەھمەد ئاكا ئۆزىنىڭ مەھمۇد كاشغەرىينىڭ پورتىرىتىنى يارىتىشتىكى تەسىراتىنى سۆزلىدى.
شىنجاڭ ئونۋېرستىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇكېرىم رەخمان «دىۋانۇ لوغاتىت تۈرۈك»نىڭ ئىلىكتىرونلۇق نۇسخىسىنى يىغىن ئەھلىگە سوۋغا قىلدى ۋە يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشتى.
11-ئاينىڭ 26-كۈنى يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىمدا شۈكرى خالىق ئاكالىن ۋە مەركىزىي مىللەتلەر ئونۋىرستىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىنىڭ مۇدىرى لىتىپ توختى سۆز قىلدى.
ئابدۇراخمان ئەبەي يىغىن ئەھلىگە «دىۋانۇ لوغاتىت تۈرۈك»نىڭ 2008-يىللىق يېڭى نەشىرىنى تۇنۇشتۇردى ۋە تۈركىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈركىي تىللار تەتقىقات ئورنى، مەركىزىي مىللەتلەر ئونۋىرستىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىغا سوۋغا قىلدى.
يىغىن ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈچ كۈندە ئاخىرلاشتى.
بۇ قېتىملىق يىغىن گەرچە قىسقا ۋاقىت داۋاملاشقان بولسىمۇ، لىكىن ناھايىتى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

مەنبە:
http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=27008




مۇھاكىمە يىغىنىدىن يېڭى ئۇچۇر


بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» غا ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن ماقالىلىرىنى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ئوقۇدى ھەم بۇ ھەقتە ئىختىيارى قىسقا سوئاللار سورالدى.
شۇنى دەپ ئۆتۈشنى لايىق كۆردۈمكى ۋاقىت قىسقا، ئوقۇلىدىغان ماقالىلەر بىر قەدەر كۆپ بولغانلىقتىن ئىككى كۈن ئىچىدە ئۈچ گۇرۇپپا ئۈچ ئورۇنغا بۆلۈنۈپ تەڭلا مۇھاكىمە يىغىنىنى باشلىۋەتتى. شۇ سەۋەبلىك تەمىنلىگەن سۈرەتلەر ئۆزۈم ئىشتىراك قىلالىغان گۇرۇپپا بىلەن چەكلىنىپ قالدى.
يىغىندا بىرىنجى گۇرۇپپا مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋىرىستېتى غەربى بىنا 1-قەۋەت يىغىن زالىدا، ئىككىنجى گۇرۇپپا شۇ بىنانىڭ ئىككىنجى قەۋەت يىغىن زالىدا، ئۈچىنجى گۇرۇپپا بولسا شۇ بىنانىڭ 14-قەۋەت يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. تۆۋەندە مەن گۇرۇپپىلارنى ئايرىپ ئولتۇرماي ئىشتىراك قىلالىغان يىغىن ھەم شۇ توغرىسىدىكى مەلۇماتلاردىن قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بېرىمەن.

1. ئابدۇزاھىر تاھىر مۇرات:
«تىل ۋە تەرجىمە» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئابدۇزاھىر تاھىر مۇرات ئۆزىنىڭ يىغىنغا تەييارلاپ كەلگەن ماقالىسىنى ئوقۇ
دى. ئۇ ئوتتۇرغا قويغان ئاساسلىق ئىدىيە «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تىكى ئىزاھتىن كېيىن مىسال بېرىش ئەھۋالى، بۇندىن باشقا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار رىستۇرانلاردا ئىشلىتىدىغان سۆز-ئاتالغۇلار توغرىسىدا ۋە ئۇيغۇلاردا فامىلە ئىشلىتىش ئەھۋالى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ قاراش ھەم دەلىللىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

2. رۇقىيە ھاجى:
ماقالە نامى:
« تۈركىيىدىكى كاشىغەرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى».

3. ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي:
بۇ ئۇلۇغ دوكتۇرىمىز ئەڭ ئاۋال مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋىرىستېتى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرگە يازلىق كانىكول مەزگىلىدىن پايدىلىپ قەشقەردە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلەردىن مەلۇمات بەردى. 7-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۇلار مەخسۇس زىيارەت ئۆمىكى ئۇيۇشتۇرۇپ قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى ئوپال يېزىسىدىكى ھەزرىتى موللام مازىرىغا بېرىپ، بۈيۈك تىلشۇناس مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئۇلۇغ ئالىمغا بولغان سېغىنىشىنى ئىپادىلەش بىلەن بىللە قەبرىسىگە يېڭى يوپۇق ئارتىپ بۇرۇنقى «مەھمۇد قەشقەرى» دېگەن يوپۇقنى« مەھمۇد كاشىغەرى» دېگەن يېڭى يوپۇققا ئالماشتۇردى. يىغىندا بۇ توغرىسىدا ئىشلەنگەن قىسقا فىلىم قويۇلۇپ ئۆتۈلدى ۋە ھەممىنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا قىزغىن ئالقىشلىرىغا مۇيەسسەر بولدى. ئاندىن بوۋىمىز مەھمۇد كاشىغەرىگە بېغىشلاپ يازغان ئۇيغۇرچە-تۈركچە شېئىرىنى كۆپچىلىك ئالدىدا ئوقۇپ ئۆتتى.

4. ئابدۇللا ئۆمەر:
شىنجاڭ ئىرپان شىركىتىنىڭ ۋەكىلى.
ئۇ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» نىڭ ئىلىكترونلۇق نۇسقىسىنى ئىشلەش ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى توغرىدا ئۆز كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەم «ئىرپان شىركىتى» نىڭ «دىۋان» نىڭ بەش تىللىق ئىلىكترونلۇق نۇسقىسىنىڭ ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى ھەم پات ئارىدا كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

5. تۈركىيىلىك ۋەكىل ئايشەگۈل:
ماقالە نامى:
«‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك› تىكى تۈركىي قەبىلىلەر توغرىسىدا»

6. ھېيتەم ھۈسەيىن:
«‹دىۋان› دىكى ھازا قوشاقلىرى توغرىسىدا» دىگەن ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

7. لېتىپ توختى:
جۇڭگۇ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنىڭ ئىلمى مۇدىرى.
ماقالىسى: «مەھمۇد كاشىغەرى ۋە ئالتايشۇناسلىق»

8. مۇنەۋۋەر ھەبىبۇللا:
مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋىرىستېتىنىڭ دوكتۇرى.
ماقالىسى:
«‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›تىن سالا تىلىدا ساقلىنىپ قالغان بىر قىسىم قەدىمكى سۆزلۈكلەر ھەم قوشۇمچىلار»

9. تۇلپارئاي زۇنۇن:
مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋىرىستېتى ئوقۇتقۇچىسى.
ماقالىسى: «‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›تىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كىچەك مەدەنىيىتى»

10. مەريەم تۇرسۇن:
شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرستېتى ئوقۇتقۇچىسى
ماقالىسى:«‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›تىكى بىر قىسىم شىۋە سۆزلىرى ۋە ئەدەبىي تىلدىكى سۆزلەر توغرىسىدا»

11. غازى ئەھمەد:
مەشھۇر ئۇيغۇر رەسسام، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ پورتىرىتىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك يارىتىپ خەلقنىڭ دىلىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان داڭلىق كىشىمىز..يىغىندا ئۆز تەييارلاپ كەلگەن ماقالىسىنى قىسقىچە ئوقۇپ ئۆتتى ھەم ئۆزى پورتىرىتىنى ياراتقان داڭلىق رەسىملىرى كىرىشتۈرۈلگەن سۈرەتلىك فىلىمنى كۆپچىلككە نەق مەيداندا قويۇپ بەردى.

(«تارانچى مۇنبىرى»دىن گۈلرۇخ تەييارلىغان)
مەنبە:
http://taranqi.com/bbs/read.php?tid=2529
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&

没有评论:

发表评论