2008年12月21日星期日

تۈرك تىلى قۇرۇلتىيىدا مەھمۇد كاشغەرىي








تۈرك تىلى قۇرۇلتىيىدا مەھمۇد كاشغەرىي


«6 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك تىلى قۇرۇلتىيى» ــــ 2008 - يىلى 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىدە رەسمىي باشلاندى. قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغان، دۆلەت مىنىستىرى مەمەت ئايدىن قاتارلىقلار قاتناشتى.

بۇ قۇرۇلتايغا 34 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 478 زىيالىلار قاتناشماقتا. 1932 - يىلىدىن بېرى چاقىرىلىۋاتقان مەزكۇر قۇرۇلتاي 1988 - يىلىدىن تارتىپ 4 يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلماقتا. بۇ قۇرۇلتايدا پەقەت تۈركچە ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن تۈركىي تىللار ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ھەققىدە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ.

«6 - نۆۋەتلىك تۈرك تىلى قۇرۇلتىيى» ـــ 2008 - يىلى «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» مۇناسىۋىتى بىلەن مەھمۇد كاشغەرىيگە ئاتاپ ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، قۇرۇلتاينىڭ 1 - كۈنى مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن: مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروففېسسور دوكتور ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانى، موللا نىياز، نۇرگۇل، شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىسلامجان شېرىپ ۋە ياپونىيەدىن كەلگەن ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندىلەر قاتناشماقتا. ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ كۆپى مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

بۇ قۇرۇلتايدا نۇقتىلىق ھالدا تۈركىي تىللارنىڭ، ئانا تىلنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قېلىشتىكى رولى تەكىتلەندى.

مەنبە:
http://www.malatyaguncel.com/news_detail.php?id=13991
مەنبە:
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-78450.html
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&


没有评论:

发表评论