2008年12月21日星期日

مەھمۇد كاشغەرىي كىمگە مەنسۇپ؟








مەھمۇد كاشغەرىي كىمگە مەنسۇپ؟


1988 - يىلى قىرغىزستاننىڭ پايتەختى (ھازىرقى بېشكىك) شەھىرىدە تۈركشۇناسلارنىڭ پۈتكۈل سايۇزۇلۇق 5 -ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا دۇنياغا مەشھۇر يازغۇچى چىنگىز ئايتماتوپ سۆزگە چىقىپ مۇنداق دېدى:
«ھازىرقى ۋاقىتتا تۈركشۇناسلىقتىكى چوڭ كەمچىلىكنىڭ بىرى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئالىملىرى تىل - ئەدەبىيات، تارىخ، يازما يادىكارلىقلارنى تەكشۈرگەندە يۈسۈپ بالاساغۇنى ۋە مەھمۇد كاشغەرىيلەرنى، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ھەم ئۇلاردىن كېيىن يېزىلىپ قالغان يادىكارلىقلارنى ئاساسەن ئۆز خەلقىگە مەنسۇپ قىلىپ كۆرسەتكىسى كېلىدۇ. ئۇلار يۈسۈپ بالاساغۇنى ۋە مەھمۇد كاشغەرىينى ھەممە تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە مەنسۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ خەلقلەر ئۆز يازما ئەدەبىياتىنى شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ تەرەققىي ئەتتۈرۈپ كەلمەكتە دەپ تەكىتلىمەكچى بولۇشىدۇ. ئەمما مېنىڭ پىكرىمچە يۈسۈپ بالاساغۇنى ۋە مەھمۇد كاشغەرىي ھەممىدىن ئاۋۋال ئۇيغۇر خەلقىگە مەنسۇپ، ئاندىن باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ يازما ئەدەبىياتىنى شۇلاردىن (ئۇيغۇرلاردىن) كېيىن باشلىغان دېسەك توغرا بولىدۇ. بۇ پىكىر ئورخۇن، ئاناساي يازما يادىكارلىقلىرىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئورخۇن، ئاناسايدىن تېپىلغان قەدىمكى تۈرك ۋە ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىنى مەكتەپ ئوقۇش قۇراللىرىغا كىرگۈزۈش كېرەك. ئەمما ھازىر ھەممە ئالىملار ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئەڭ قەدىمىي قىلىپ كۆرسىتىشگە تىرىشىۋاتقانلىقىدىن تۈركشۇناسلىقتا پروۋىنتسىئالىزم (ئۆلكىۋازلىق)تىن كۆپ زىيان تارتىش بايقالماقتا».

(مەنبەسى: «شىنجاڭ مائارىپى» ژورنىلىدىن ئېلىندى)
(بۇ تېما ئەسلى شەبنەم مۇنبىرىدىكى ئىليارنىڭ تېمىسى، ئۇنىڭ رۇخسىتى ئارقىلىق بۇيەرگە يۇللۇشۇم. مەقسەت بىرلا. ئۇ بولسىمۇ مەھمۇد كاشغەرىي ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ!!)
مەنبە:
http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=25645
****************************


没有评论:

发表评论