2008年12月21日星期日

مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مىڭ يىلى تۈركمەنىستاندا خاتىرلەندى









مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ

1000- يىللىقى تۈركمەنىستاندا خاتىرلەندى


21.12.2008 02:58:20 UTC



تۈركى تىللىرىنىڭ تۇنجى لۇغىتى `تۈركى تىللار دىۋانى `نىڭ ۋە تۇنجى گېرامماتىكا كىتاۋىمىز `تۈركى تىللىرىنىڭ گىرامماتىكىلىق جەۋەھىرى`نىڭ مۇئەللىپى ، بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000- يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركمەنىستاندا خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلدى.

تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مېنىستىرلىكىنىڭ سەپەرۋەرلىكى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن – مەدەنىيەت ۋە مائارىپ كومتىتى تەرىپىدىن ` مەھمۇد كاشغەرىي يىلى` ئىلان قىلىنغان 2008 – يىلىنىڭ ئاخىرىقى مىنۇتلىرى يېقىنلىشىۋاتقان مەزگىلدە، تۈركمەنىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى خاتىرلەش يىغىنى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

مەھمۇد كاشغەرىي، `تۇركى تىللار دىۋانى`نامىلىق ئەسەرنى تەخمىنەن 20 يىل سەرپ قىلىپ توپلىغان ماتىرىياللارنى 2 يىلدا يېزىپ چىققان.

ئۇلۇغ ئالىم. مىڭ يىل بۇرۇن بارلىق تۈركى خەلقلىرىنىڭ يۇرتلىرىنى كېزىپ، ئۇلارنىڭ ئارسىدا ياشاپ ئۇلارنىڭ تىلى، تارىخى، جۇغراپىيىسى، فولكلورى ۋە ئەپسانلىرى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك قىممەتلىك بىر بىلىم غەزىنىسىنى بىزگە سوۋغا قىلدى.

خاقانىيە، ئۇيغۇر، ئوغۇز، قىپچاق، تۈركمەن، قىرغىز، چىغىل، ياغما، ئارگۇ ۋە باشقا تۈرك قەۋملىرىنى تۈرك دىگەن ئىسىم ئاسىتىدا توپلىغان تۇنجى تۈرك ئوغلانىمىز.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مېنىستىرلىكى، نۇرغۇنلىغان تەتقاتچىلار بىلەن بۇ قېتىمقى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىندا، مەھمۇد كاشغەرىي بىلەن ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى <تۈركى تىللار دىۋانى> ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتلار بىرىلدى.

مۇراسىمدا سۆز قىلغان ياۋرۇ-ئاسىيا يازغۇچىلار ئىتىپاقى مۇئاۋىن باشلىقى دوكتور لۈتفى شاھسۇۋارئوغلى بولسا، ` مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تۇنجى مىڭ يىلنىڭ ئەڭ ئسىل نامايەندىلىرىدىن شۇنداقلا ئىككىنجى مىڭ يىلنىڭ نۇر چاچقۇچىلىرىدىن` ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

بۇ قېتىمقى مۇراسىمدا، مەھمۇد كاشغەرىي ھىكايە يېزىش مۇسابىقىسىدە نەتىجىگە ئىرىشكەنلەرگە مۇكاپات تارقىتىلدى.

ئاخىرىدا `تۈرك دۇنياسى مۇزىكا ئەتىرىتى` تەرىپىدىن قويولغان سەنئەت كېچىلىكىمۇ يىغنىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى

menbe:
http://www.trt.net.tr/international/newsDetail.aspx?HaberKodu=2a46c44f-799c-4508-8b5b-c184993ffd2a
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&


没有评论:

发表评论