2008年12月25日星期四

م«مەھمۇد كاشغەرىي مازىرى»نىڭ بىناكارلىق سەنئىتى


dy�jzF`H






م«مەھمۇد كاشغەرىي مازىرى»نىڭ بىناكارلىق سەنئىتى


ھەسەن ئابدۇرىھىم


«مەھمۇد كاشغەرىي مازىرى» - ئۇزۇن يىللىق تارىخ ۋە ئۆزىگە خاس بىناكارلىق سەنئەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تارىخىي مەدىنىي يادىكارلىق.
«مەھمۇد كاشغەرىي مازىرى» - قەشقەر شەھرىنىڭ غەربىي 45 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئوپال يېزىسىغا جايلاشقان.
ئوپال – پامىر ئېتىكىگە جايلاشقان ئۇزۇن يىللىق تارىخ ۋە باي مەدەنىيەت – سەنئەت ئەنئەنىسىگە ئىگە جاي بولۇپ، مەدىنىي يادىكارلىق ۋە ئارخىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ يەردە تاش قوراللار دەۋرىدىلا ئىنسانلار ئولتۇراقلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان(ئوپال تەۋەسىدىكى سۇلتان باغ، غۇجى قونار، ئاق دالا قاتارلىق قەدىمقى مەدىنىيەت ئىزلىرىدىن باشلانغۇچ جەمئىيەت دەۋرىگە ئائىت تاش قۇراللار تېپىلدى)

بۇ يەردە قەدىمقى ۋە ئوتتۇر ئەسىر بۇددا دىنى مەدىنىيىتى(ھەزرىتى موللام تېغى باغرىدا «توققۇز قازناق» دەپ ئاتالغان بۇددا دىنىي ئىبادەتخانىسىنىڭ خارابىسى بار)، ئىسلام مەدىنىيىتىنى ئاساس قىلغان ئىلىم – مەرىپەت، ھۆنەر – سەنئەت راۋاج تاپقان. بولۇپمۇ، قاراخانىلار دەۋرىدە ئوپال يېزىسى خان ئۆلكىسىگە قاراشلىق ئاساسلىق يېزىلاردىن بىرى بولۇپ، قاراخانىلارنىڭ خان جەمەتىدىكى ئاتاقلىق كىشىلەر بۇ يەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ھەتتا پادىشاھلارنىڭ دەم ئالىدىغان «خان بېغى» («سۇلتان باغ»)، «تەگيەگاھ» (خانلارنىڭ چەتئەل ئەلچىلىرىنى كۈتىدىغان مەخسۇس مېھمانخانىسى)، «خان يايلىغى»، «موغ يولى» (شەرق بىلەن غەرپ ئوتتۇرىسىدىكى «ئۇلۇغ كارۋان يۇلى»نىڭ بۇ تارىخى پامىردىكى موغ قەلئەسى بىلەن ئۆتىدىغان يول)، «سۇلتان قورغان»لىرى بولغان.

مەھمۇد كاشغەرىي مازىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ياسىلىش شەكلى، قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى ۋە نەقىش – بىزەكلىرى جەھەتتە ئۆزىگە خاس بىناكارلىق سەنئەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئۇيغۇر ئىسلام ئىمارىتى بولۇپ، ئۇ رامىزان مەرىكىسى، تىلاۋەتخانا، ئېتىكاپخانا، مەسچىت ۋە قوش مۇنارلىق دەرۋازا قاتارلىق بىر يۈرۈش تۇتاشتۇرۇپ ياسالغان ئۆي ئىمارەتلەردىن ئىبارەت. رامىزان مەرىكىسى، تىلاۋەتخانا، ئېتىكاپخانىلار كىسەك – ياغاچ قۇرۇلما، ۋاساجۈپ، تۈز تورۇسلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ لىم (خا)جەگە، مارات، پەرمانلىرىغا خىلمۇ – خىل نەقىشلەر ئويۇلغان. رامىزان مەرىكىسىنىڭ ئالدى ۋە شىمالىي تەرەپتىكى تاملىرىغا پەنجىرىلىك دەرىزە قويۇلغان. ئارقىسىدىكى 5 ئېغىز كۆنەكخانىسى ۋە دەرۋازىلىرى، زالى گۈمبەز تورۇسلۇق قىلىپ ياسالغان. پەرمانىلاردىكى قارا سىيا بىلەن «خەتتى پارىسى»دا يېزىلغان بېغىشلىمىلارنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، بۇ مازارنى ھىجىرىيىنىڭ 1245 – يىلى(مىلادى 1829 - يىلى) ۋە 1315 – يىلى (مىلادى 1897 - يىلى) يەرلىك كىشىلەر ئىقتىساد توپلاپ، ئىككى قېتىم رېمۇنت قىلدۇرغان. رامىزان مەرىكىسىنىڭ شەرق تەرەپتىكى ئىككى پارچە پەرمانغا رېمۇنت قىلىنغان ۋاقتى ۋە رېمۇنتقا مەدەت قىلغۇچىلار نەزىم ئۇسۇلىدا خاتىرىلەنگەن.


ئوڭ تەرەپتىكى پەرمانغا:
«سالى شىرەست ھازارۇ دوسەت چىھلى پەنجەست،
بۇد تەئىمىرى مازارۇ مەدىدى سىددىقەست»

تەرجىمىسى:
«يولۋاس يىلى 1245 (ھىجرى) مازارنى رېمۇنت قىلىشقا كۈچ چىقارغۇچى كىشى سىددۇقتۇر»


سول تەرەپتىكى پەرماننىڭ ئوڭ قويۇلىغىدا:
«شاھى سىددىق بەگ، ئەلىم بەگ بىر بىرىگە يار بولۇپ، قىلدى بۇزرۇكۋارى ئالىنى بىنا».


ئېتىكاپخانىسىغا كىرىدىغان ئىشىكىنىڭ سىرتقى تەرەپ ئۈستىدىكى پەرمانىغا:

«كى بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئونبەشتە قىلدى بۇ ئىمارەتنى،
نامازۇ – روزە ئەيلەپ قىلسا ھەركىمكى تىلاۋەتنى»
دەپ يېزىلغان.


بىرىنچى قېتىم رامىزان مەرىكىسى، تىلاۋەتخانا، ئېتىكاپخانىسى، ئىككىنچى قېتىم پىشايۋانلىق مەسچىت قايتا رېمۇنت قىلىنغان. بۇ ئىككى قېتىملىق رېمۇنت قىلىش جەريانىدا، قەدىمدىن بار بولغان رامىزان مەرىكىسى، تىلاۋەتخانا، ئېتىكاپخانىلارنىڭ ياسىلىش شەكلى ئۆزگەرتىلمىگەن. شۇنداقلا، ئەسلىدىن نەقىش ئويۇلغان لىم، جەگە، ھاراق، پەرمانلىرىنىڭ بۇزۇلمىغان قىسىملىرى يەڭگۈشلەنمەي، ئۆز پېتى ساقلاپ قېلىنغان. ئەپسۇسكى، يېقىنقى يۈز يىل ئىچىدە ئاسراشنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىدىن ئارقىسىدىكى 4 ئېغىز ھوجرىسى، دەرۋازىلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. بىر قىسىم جەگىلىرى ئىگىلىپ، ياغاچ پەنجىرىلىرى بۇزۇلغان.

مەھمۇد كاشغەرىي مازىرىنىڭ دەسلەپكى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ياسىلىش شەكلى ۋە نەقىش – بىزەكلىرى جەھەتتە ئېنىق يازما ماتىرىيالغا ئىگە ئەمەسمىز. لېكىن مازارنىڭ ھازىرقى شەكلىدىن قاراپ، ئىمارەتچىلىك تارىخىنىڭ تەرەققىيات قانۇنى بۇيىچە ئىلمىي تەھلىل يۈرگۈزۈش ئارقىلىق مازارنىڭ بۇرۇنقى شەكلى، سەنئەت ئالاھىدىلىكى ۋە كېيىنكى بىر نەچچە يۈز يىل جەريانىدىكى ئۆزگىرىش ئەھۋالى توغرىسىدا نىسبەتەن توغرىراق ئىلمىي يەكۈنگە ئىگە بولالايمىز.

بۇ خىل بىناكارلىقنىڭ شىنجاڭ رايۇنىدا، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنلا مەلۇم تارىخىي ئاساسى بولۇپ، ئىسلام دىنى تارقالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر بىناكارلىقىغا بىر مۇنچە ئۆزگىرىشلەر كىرگەن بولسىمۇ، يەنىلا بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى ئىمارەتچىلىك سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئىسلام دىنىي ئادەتلىرىنى سىڭدۈرۈش تەرەققى قىلغان. قاراخانىلار دەۋرىدە ئىسلام ئەنئەنىسى بويىچە، مەسچىت، مەدرىسلەرگە پەشتاق، قۇببە – گۈمبەز ياساش، ئىشىك – دەرىزە، مىھرابلىرىغا ئەگمە شەكىل ئىشلىتىشتىن، ئاساسى قۇرۇلمىسى بولغان تۈۋرۈك، لىم، جەگىلىرىگە گۈل – نەقىش چېكىش، ھوجرا تورۇسلىرىنى ۋاسا جۈپ قىلىپ ياساش ئۇسۇللىرى ئومۇملاشقان. شۇنىڭدەك، پادىشاھ، ئەمەلدارلار ۋە مەشھۇر زاتلارنىڭ قەۋرىسى ئۈستىگە تۈۋرۈك، لىملار بىلەن ۋاسا جۈپ تۈز تۇرۇسلۇق پىشايۋانلارنى ياساپ، پەنجىرە ئورنىتىش ياكى قەبرىنىڭ تۆت ئەتراپىغا رىشاتكا قويۇش، كىسەك ياكى خىش بىلەن قەۋرە قاتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇغ ياكى ئەلەم قاداش قاتارلىق شەكىللەر قوللىنىلغان. شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى ھەر قايسى جايلاردا، تۈۋرۈك – لىملارنى چېتىشتۇرۇش، كىسەك ياكى تال چىۋىقلارنى توقۇپ ئارىلىقنى توساپ، كاكىل لاي بىلەن سۇۋاش ئارقىلىق، قوشام ئۆيلەرنى ياساش ئاساسلىق ئورۇندا تۇرغان. بۇ ئۆي – ئىمارەتلەردىكى نەقىش – بىزەكلەر ئاساسىي جەھەتتىن، ياغاچ ئويما نەقىش، گەج قاتۇرما نەقىش، تاش رەڭ سىزما نەقىش، قاشتېشى ئويما نەقىش، گۈللۈك نەقىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىد ياغاچ ئويما نەقىش ئالاھىدە تەرەققى قىلغان.

قاراخانىلار دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن بىناكارلىق تېخنىكىسىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، تام ئۈستىگە لىم، جەگىلەرنى بىۋاستە قويۇش ياكى لىم، جەگە ئىشلەتمەستىن، خىش ياكى كىسەك بىلەن ئەگمە چىقىرىپ يېپىش ئۇسۇلى كەڭ قوللىنىشقا باشلىغان.
مەھمۇد كاشغەرىي مازىرىدىكى تۈز تورۇسلۇق ۋە ئەگمە گۈمبەز تورۇسلۇق ئىككى خىل ياسالغان ئىمارەتلەر ئەمەلىيەتتە ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردىكى ئىمارەتچىلىك سەنئىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

مازارنىڭ نەقىش – بىزەكلىرى كۈچلۈك دەۋر خاراكتىرىگە ئىگە بولۇپ، بىناكارلىقتا دەسلەپكى ئۇسۇل ياغاچ ئويما نەقىش ئىشلىتىلگەن. ياغاچ ئويما، سىزىقچە ئويما، تەكشى يۈز ئويما، كۆپتۈرمە ئويما قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.

مەھمۇد كاشغەرىي
مازىرىدىكى نەقىشلەر ئىچىدە سۇخەر، غۇنچە، چىچەك، ياپراق، ئۈزۈم، بادام، يازا، كۆرگۈل شەددە ۋە ھەرخىل گۈل – ئۈسۈملۈكلەرنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلىدىن ھاسىل بولغان ئون نەچچە خىل نۇسخا بار. بۇلار كېيىنكى دەۋرلەردە ياسالغان ئىسلام ئىمارەتلىرىدە كۆپرەك قوللىنىلغان.

مەھمۇد كاشغەرىي مازىرى 900 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىمارەت بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلام دىنىي ئىمارەتچىلىك سەنئىتىنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققى قىلىش تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم قىممەتكە ئىگە تارىخىي مەدىنىي مىراستۇر. بۇ تارىخىي يادىكارلىق ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى نوقتىلىق ئاسرىلىدىغان جايلارنىڭ بىرى قىلىپ بىكىتىلگەندىن كېيىن، پارتىيە – ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ جىددى كۆڭۈل بۆلۈشى ئارقىسىدا قايتىدىن رېمۇنت قىلىندى.

مەنبە: «شىنجاڭ داشۆ ئىلمىي ژورنىلى» 1984- يىللىق سان
&&&&&&&&&&&&&&&&&&

没有评论:

发表评论