2008年12月31日星期三

م«دىۋان»نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش جەريانى(1)م


م«دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «دىۋان» دېيىلىدۇ) ــ جۇڭگودا ئىلگىرى-كېيىن تۆت قېتىم تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، بۇ توغرۇلۇق ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىش «دىۋانشۇناسلىق»نىڭ مەزمۇنىنى كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دېگەن مەقسەتتە بۇ ماقالە ئالاھىدە تەييارلاندى



م«دىۋان»نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش جەريانى(1)م


م«دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە نەشىرى ئۈچۈن تەر تۆككەن پىشىۋالار


جۇڭگودا «دىۋان لۇغاتىت تۈرك»نىڭ تۆت

قېتىملىق تەرجىمە قىلىنىشىنىڭ باش-ئاخىرى



غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر



«دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «دىۋان» دېيىلىدۇ) ــ جۇڭگودا ئىلگىرى-كېيىن تۆت قېتىم تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، بۇ توغرۇلۇق ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىش «دىۋانشۇناسلىق»نىڭ مەزمۇنىنى كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دېگەن مەقسەتتە بۇ ماقالە ئالاھىدە تەييارلاندى

«دىۋان» ــــ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىلىم دۇنياسىدا، قايتىدىن نامايان بولغاندىن كېيىن، جۇڭگودىكى ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ كەلگەن. جۈملىدىن ئۇنى جۇڭگودا ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، جۇڭگو تىللىرىغا تەرجىمە قىلىش ئىشلىرى مۇھىم خىزمەت قاتارىغا قويۇلغان. ئۇنىڭ جۇڭگو تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىش ئەھۋالى تولىمۇ تەسىرلىك جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، بۇنى تۆۋەندىكى تەپسىلاتلاردىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.


بىرىنچى:
«دىۋان»نى ئىسمائىل داموللىنىڭ تەرجىمە قىلىش جەريانى:



ئىسمائىل داموللا (ئىسمائىل ئابابەكرى، 1902-1954)، كاشغەر كونا شەھەر ناھىيە بەشكېرەم يېزىسى لەنگەر كەنتىدە تۇغۇلغان.1906-1920-يىللىرى بەشكېرەمدىكى ئىپتىدائىي مەكتەپتە ۋە ئاتۇش مەشھەتتىكى سۇلتانەم مەدرىسىدە ئوقۇغان. 1920-1924-يىللىرى كاشغەر خانلىق مەدرىسىدە بىلىم ئالغان. 1924-يىلى كاشغەر خانلىق مەدرىسىنى تاماملاپ، غۇلجىغا چىقىپ1939-يىللىرىغىچە غۇلجا شەھرىدە، 1954-يىللىرىغىچە چۆچەك شەھرىدە ئىمامەتچىلىك، مۇددەرىسلىك بىلەن شۇغۇللانغان.1954-يىلىدىن كېيىن يەنە تارباغاتاي ۋىلايەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. 1954-يىلى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلىنىپ، ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان يىغىنغا قاتناشقان. شۇ يىلى چۆچەكتە، كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان.

ئىسمائىل داموللا 1945-1946-يىللىرى چۆچەك شەھرىدە<دىۋان>نى ئەرەب تىلىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئىشىنى قولغا ئېلىپ، ئۇنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى قولدىن چىقارغان. بۇ ئىنتايىن شەرەپلىك خىزمەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئەينى زاماندا ئىشلىنىشىنىڭ چوڭقۇر تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە تارىخىي ئەھمىيىتى بار بولغان خىزمەت ھىساپلاشقا بولاتتى.

ئىسمائىل داموللا كاشغەر خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا مەدرىسىنىڭ مۇددەرىسى، داڭلىق ئالىم ئابدۇقادىر (ئابدۇقادىر بىننى ئابدۇۋارىس كاشغەرىي، 1862-1924) داموللىنىڭ قولىدا ئوقۇپ، ئۇنىڭ بىۋاستە تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغان ۋە <دىۋان> توغرۇلۇق ساۋات ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئابدۇقادىر داموللا ئىسمائىل ئابا بەكرىنى ئىلىغا يولغا سالىدىغان چاغدا، ئۆزى تۈركىيىگە بارغاندا ئېلىپ كەلگەن <دىۋان>نىڭ كىلىسلى رىفئەت تەييارلىغان مىخ مەتبەئەلىك نۇسخىسىنى ئىسمائىل ئابا بەكرىگە سوۋغات قىلىپ بەرگەن ھەم كىمدە-كىم بولمىسۇن، ھەم قاچاندا بولمىسۇن بۇ كىتابنى ئۆز ئانا تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇستازىنىڭ ئېيتقانلىرى نەچچە ئون يىل قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاپ تۇرغان ئىسمائىل ئابابەكرى1945-يىلغا كەلگەندە <دىۋان>نى تەرجىمەقىلىش ئىشىنى رەسمىي قولغا ئېلىشنى پىلانلىغان. شۇنداقلا بۇنى ئالدى بىلەن ئەينى زاماندا چۆچەكتە تۇرىۋاتقان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىلى، ئۇيغۇر زىيالىسى، جۈملىدىن ئىلغار پىكىرلىك شائىر مەنسۇر روزىباقىيوۋ(تەخەللۇسى ۋەتەن ئوغلى) غا ئېيتقان. ئۇ بۇ ئىشىنى ئاڭلاپلا تولىمۇ خوشال بولغان. مەنسۇر روزىباقىيوۋ ئىسمائىل داموللىغا ئۆزىنىڭ <دىۋان>دىن خەۋىرى بارلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ قىممەتلىك كىتاب ئىكەنلىكى، چوقۇم جۇڭگودا تەرجىمە قىلىپ چىقىشنىڭ زۆرۈرلۈكى، مۇبادا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەرجىمە قىلىپ چىقالىسا، سوۋىت ئىتتىپاقىدا (ئالمۇتا ياكى تاشكەنت شەھەرلىرىدە)نەشرقىلدۇرۇپ بېرىشكە مەبلەغ ئاجرىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. بۇ گەپ ئىسمائىل داموللىغا قايتىدىن ئىلھام بېغىشلىغان. شۇنداق قىلىپ ئىسمائىل داموللا زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، ئىلگىرى ئىشلىگەن تەييارلىقلىرى ئاساسىدا 1946-يىلنىڭ ئاخىرىدا <دىۋان>نىڭ تەرجىمىسىنىڭ دەسلەپلى نۇسخىسىنى قولدىن چىقارغان. كاشغەردىن چۆچەككە چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان خەتتات ياسىن قارى كىتابنى خەتتاتلىق سەنئىتى بويىچە كۆچۈرۈپ چىققان. شۇنداقلا داموللىنىڭ ئايالى زەينەپخان قانائەتۇللابەگ(1911-1989)نىڭ ياردىمى بىلەن كىتابنى ئەينى زاماندىكى كىتابەتچىلىك ئۆلچىمى بويىچەتۈپلىنىپ، كۆن بىلەن پاتلىنىپ مۇقاۋىلانغان. بۇ خەۋەر تېز سۈرئەتتە چۆچەك شەھرى، جۈملىدىن تارباغاتاي، ئالتاي، ئىلىدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىگە تارقالغان. چۆچەك شەھرىدە چىقىدىغان ئۇيغۇرچە گېزىتلەردە خۇش خەۋەر سۈپىتىدە ئۇچۇر بېرىلگەن.بۇنىڭدىن باشقا ئەينى چاغدا، يەنى 1946-يىلى10-ئاينىڭ بېشىدا چۆچەككە خىزمەت تەكشۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان قاسىمى ئىسمائىل داموللا بىلەن ئالاھىدە كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ <دىۋان>نى تەرجىمە قىلىپ چىققانلىقىنىڭ خاسىيەتلىك بىر ئىش بولغانلىقىنى، بۇ ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنى چىن قەلبىدىن قۇتلۇقلايدىغانلىقىنى، ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدىغانلقىنى، كىتابنىڭ تەرجىمىسىنى يەنىمۇ پىششىقلاپ ئىشلەپ چىقىشىنى، مۇمكىن بولسا باشقا ئەرەبچە بىلىدىغان ئۆلىمالارنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنى كىتابنىڭ ئەرەبچە نۇسخىسى بىلەن ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ چىقىشقا ياردەملەشتۈرۈشنى، شارائىت پىشىپ يېتىلگەن ھامان، ھۆكۈمەتتىن مەبلەغ ئاجرىتىپ نەشر قىلدۇرۇپ كەڭ تارقىتىشقا ئىمكان يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىسمائىل داموللا<دىۋان>نىڭ تەرجىمە نۇسخىسىنى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلىشى ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن. 1955-1956-يىللىرى شىنجاڭ ئۆلكىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى قارمىقىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا مەسئۇل ئىشخانىدىكى خادىملار(مەسىلەن، ئابلىمىت روزى قاتارلىقلار) باشقا قەدىمكى ئەسەرلەر ۋە قوليازمىلار قاتارىدا <دىۋان>نىڭ ئىسمائىل داموللا تەرىپىدىن تەرجىمەقىلىنغان نۇسخىسىغائەھمىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنى ئوقۇپ تەكشۈرۈپ كۆرگەن، ھەم ئۇنىڭغا نومۇر قويۇپ، ئاپتونۇم رايونلۇق مۇزېيغا تەييارلىق كۆرۈش ئىشخانىسىدا ساقلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاشۇ يىللاردا تەييارلانماقچى بولغان <ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى>ئۈچۈن، يېزىلىدىغان ماتېرىيالغا بۇ توغرۇلۇق مەلۇماتنى كىرگۈزگەن. بۇنى ئەدەبىياتشۇناس ئابلىمىت روزى(1922-2000)ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. يەنى ئۇ ئەينى يىللىرى تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىسمائىل داموللا تەرىپىدىن تەرجىمەقىلىنغان نۇسخىسىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەن ۋە ئەينى يىلى ئورىگىنالىنى تەييارلىغان «ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ ‹دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك› ئەسىرى»ناملىق ماقالىسىدە بۇ توغرۇلۇق مەخسۇس توختىلىپ ئۆتكەن. (بۇ ماقالە كېچىكپرەك <شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى>نىڭ1981-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان). ئابلىمىت روزىنىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: <لۇغەتت تۈرك>كىتابى 1957-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر شىنجاڭدا، شۇنداقلا پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا مىقياسىدا تۇنجى نۆۋەت قېتىم ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىندى.

بىرىنچى قېتىم، 1946-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى، مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن چۆچەكلىك ئىسمائىل داموللا تەرىپىدىن <دىۋان>نىڭ1-تومى تەرجىمە قىلىنغانىدى. تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ يېڭى بولۇشىغا قارىماي، <دىۋان>دابېرىلگەن لۇغەتلەرنىڭ ئەرەبچە ئىزاھاتلىرى ۋە شەرھى، قەدىمىي تىللارنىڭ گىرامماتىكىلىق قائىدىلىرىنى ئىمكان بار تولۇق ئاڭلىتىشقا تىرىشقان.لۇغەتلەرنى تېپىشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، ئىسىملارغا ئوخشاش مەستەرلەر(پېئىلنىڭ ھەرىكەتنامى)نى ئالدىغا قويۇپ، بەزى لۇغەتلەرنىڭ مەنىسى ۋە كېلىپ چىقىشىغا ئائىت ئۆز مۇلاھىزىلىرىنى ئىزاھلار بىلەن قۇشۇمچەقىلىپ، خېلى قىزغىنلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تەرجىمە قىلىنغان. لېكىن، ئۆز تىلىدا مۇۋاپىق سۆز تاپالماي بەزى ئەرەب ئاتالغۇلىرىنى كۆپرەك ئىشلەتكەنلىكىگە قارىماي، بەزى سەۋەبلەر بىلەن بۇ شەرەپلىك خىزمەتنى داۋاملاشتۇرالماي قالغان. 1954-1956-يىللىرى ئىشلىنىپ، ش ئۇ ئا ر مۇزېيىغا تەييارلىق كۆرۈش باشقارمىسى تەرىپىدىن 1957-يىلى كونا ئۇيغۇر يېزىقى شەكلىدە بېسىپ چىقىرىلغان<ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى قوليازمىلىرى كاتولىكى>ناملىق كىتابنىڭ 39-بېتىدە، ش ئۇ ئا ر مۇزېيىغا تەييارلىق كۆرۈش باشقارمىسىدا ساقلىنىۋاتقان قوليازمىلارنى تونۇشتۇرغاندا مۇنداق ئۇچۇر بېرىلگەن:

<تۈرك لۇغەتلىرى دىۋانى كىتابى>، نومۇرى59،72، بۇ نۇسخا بىرىنچى تومنىڭ تەرجىمىسى بولۇپ، 1946-يىلى چۆچەكتە مەرھۇم ئىسمائىل داموللا تەرجىمە قىلغان. بۇنىڭ يۇقىرىقى تەرجىمىدىن، <ئەھمەد زىيائى1953-1954-يىللىرىدىكى، (ئەمەلىيەتتە 1951-1953-يىللىرى تەرجىمەقىلغان)نۇسخا كۆزدە تۇتۇلغان- نەقىلچىدىن>پەرقى، بۇنىڭدا تەرجىمان تولىراق ئەركىن پىكىر يۈرگۈزگەن، ئەمما تىلىدا خۇددى ئەرەبچىنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلغاندەك تولىراق ئەرەبچە ئىبارىلەر ئورۇن ئالغان. ھەجمى: بويى 37، ئىنى29، قېلىنلىقى4 س م، 232بەت>

بۇنىڭدىن بىلىنىدۇكى، ئسمائىل داموللا تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ كىتابەت قىلىنغان <دىۋان>نىڭ بىر نۇسخىسى ئەينى زاماندا ش ئۇ ئا ر مۇزىېيىغا تەييارلىق قىلىش باشقارمىسىنىڭ ئىختىيارلىقىغا ئېلىنىپ شۇ ئورۇندا ساقلانغان ئىكەن.

ش ئۇ ئا ر خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى سەيدۇللا سەيپۇللايوپ(1918-2002)ئەپەندى بىلەن 200-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى(جۈمە)چۈشتىن كېيىن ئائىلىسىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە مەزكۇر ماقالە ئاپتورىغا مۇنداق بىر ئۇچۇرنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى.

1953-يىلى 9-ئايدا كاشغەردىكى(ۋالىيلىق)خىزمىتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدىم. ئارىدىن بىر قانچە ئاي ئۆتكەندە، بىر كۈنى كەچتە يوچۇن بىر ئادەم ئىشىكنى چېكىپ ئۆيگە كىرىپ كەلدى. ئۇ كىشى ئۆزىنى بىرتونۇشتۇرۇپ، ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن بوغچىسىنى يېشىپ، <دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك>نىڭ تەرجىمىسىنى ئالدىمدا قويۇپ:- ئاڭلىسام سىلى كاشغەردە ئەھمەد زىيائى ئەپەندىگە بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلدۇرۇپتىلا، مەنمۇ خېلى بۇرۇن تەرجىمە قىلىپ چىققانىدىم. ئەھۋالدىن قارىغاندا مەن بۇ كىتابنى يورۇقلۇققا ئېلىپ چىقالمايدىغان ئوخشايمەن، مۇبادا ئەھمەد زىيائى ئەپەندى تەرجىمە قىلغان نۇسخىسىنى نەشر قىلىشقا توغرا كېلىپ قالسا، مەن تەرجىمە قىلغان نۇسخىسىنى قۇشۇمچە پايدىلىنىش ماتىرىيالى قىلىپ ئىشلەتكەن بولساڭلار ياكى سېلىشتۇرۇپ پايدىلانساڭلار كۆپ ياخشى بولغان بولاتتى، دېگەن. شۇنداق قىلىپ سەيدۇللا سەيپۇللايوپ ئەپەندى بۇ تەرجىمە نۇسىخىسىنى ئېلىپ قالغان.ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۆلكىلىك مەدەنىيەت نازارىتىدىن مەلۇم كىشى سەيدۇللا سەيپۇللايوپ ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ<دىۋان>نىڭ ئىككى خىل تەرجىمە نۇسخىسىنى(يەنە بىرى ئەھمەد زىيائى تەرجىمە قىلغان نۇسخىسى)تەشكىل نامىدىن ئېلىپ كەتكەن. سەيدۇللا سەيپۇللايوپ ئەپەندى ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەن بولغانلىقى ۋە سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن ئاشۇ قېتىم <دىۋان>نىڭ تەرجىمە نۇسخىسنى ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەن كىشىنىڭ ئىسمىنى ئەسلىيەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇكىشى ئۆزىنى ساۋەنلىك دېگەندەك قىلغان دېگەن يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن ئىدى. ماقالە ئاپتۇرىنىڭ قارىشىچە بۇ يوچۇن مېھمان ئىسمائىل داموللا بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئاساسىي قىلىپ مۇنۇلارنى دېيىشكە بولىدۇ: بىرىنچىدىن، ئىسمائىل داموللىنىڭ كەلگەن يېرى بىلەن بىر يول بولغانلىقى ئۈچۈن، سەيپۇللايوپ ئەپەندىنىڭ كاللىسىدا ئاشۇ مىھماننىڭ كەلگەن يېرىنى ساۋەن دەپ قاراپ، ساۋەن بىلەن چۆچەك ئارىلىشىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئىككىنچىدىن،ئىسمائىل داموللامنىڭ تەرجىمە نۇسخىسى ھەقىقەتەن ئۈرۈمچىگە كەلتۈرۈلۈپ، دەسلەپ ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىشخانىسىدا بىر مەزگىل تۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يۈسۈپبەگ مۇخلىسوۋ، ئابلىمىت روزى قاتارلىقلار بۇ نۇسخىنى كۆرگەن ۋە ئوقۇغان. ئۈچىنچىدىن، بۇ تەرجىمە نۇسخا شۇ يىللاردا ش ئۇ ئا ر مۇزىېيىغا تەييارلىق قىلىش باشقارمىسىنىڭ ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈلۈپ، مەخسۇس نومۇرقويۇلۇپ ئەنگە ئېلىنغان. جۈملىدىن<ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى قوليازمىلىرى كاتالوگى>ناملىق كىتابتا تونۇشتۇرۇلغان. تۆتىنچىدىن، ئىسمائىل داموللا 1953-1954-يىللىرى ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش يېغىنىغا قاتناشقان(1).

مەزكۇر ماقالىنىڭ لوگىكىلىق تەرتىپى بويىچە بولغاندا، ئىسمائىل داموللا نېمە سەۋەبتىن <دىۋان>نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئىشىغا تۇتۇش قىلىپ قالغان، ئۇ تەرجىمىدە ئاساس قىلغان ئەرەبچە نۇسخىنى نەدىن تاپقان؟ دېگەن مەسىلىنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى 18-19-ئەسىردىن باشلاپ شىنجاڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە باشقا بىر قاتار بولمىغۇر كەيپىياتلارغا ئوخشاش، ئېغىر مەنىۋى كىرزىس يۈز بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن بەزى ئەھۋالدا قەدىمكىلەرنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىگە سەل قاراش، ئۆزلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئالىملىرى، بۈيۈك دانىشمەنلىرى، زەبەردەست يول باشلىغۇچىلىرىنى بىلمەسلىك، ئۇنتۇپ قېلىش، ئەستىن چىقىرىپ قويۇش، گالۋاڭلىق، قاششاقلىق، نادانلىق قاتارلىق ناچارئىللەتلەر ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنىپ قالغان. <قۇتاغۇبىلىك>،<دىۋان> غا ئوخشاش ئالەمشۇمۇل ئەسەرلىرىنىڭ يازما نۇسخىلىرىنى ئۆز يۇرتىدا، ئۆز قوللىرىدا ساقلاپ قېلىش ئىمكانىيىتى يارىتالمىغانلىقى بۇنىڭ بىر كىچىك مىسالى. مۇنداق ئەھۋالدا ئىسمائىل داموللا ھەرقانچە بىلىملىك، ئىقتىدارلىق، يولى كەڭ بىر زات بولغان بولىسمۇ، لېكىن ئەينى چاغنىڭ قاراڭغۇ زۇلمەتلىك شارائىتىدا تاساددىپى ئوتتۇرىغا چىقىپ، <دىۋان>نى تەرجىمە قىلىشتەك چوڭ ئىشنى قولغا ئېلىشنىڭ چوقۇم بىر سەۋەبى بولۇشى كېرەك ئەلۋەتتە. ئىبراھىم مۇتئى، ئابلىمىت روزى، ئوسمان مۇھەممەد ھاجىم(1918-2000)، مۇھەممەد ئىمىن قۇربانى(ئىشقىي، 1914-1990)،شىرىپ خۇشتار قاتارلىقلار بىلەن 1981-يىللاردىن تاكى 2008-يىللارغىچە(بۇلارنىڭ ئىچىدە ھايات بولغانلىرى بىلەن)ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردىن بىلىنىشىچە، شۇنداقلا بۇ پېشقەدەملەرنىڭ بايانىغا قارىغاندا، قۇتلۇق شەۋقى، ئابدۇقادىر داموللا قاتارلىق كاشغەردە ئۆتكەن ئۆلىمالار شىنخەي ئىنقىلابى (1911-يىلى)دىن كېيىن چەت ئەللەردە ئوقۇش جەريانىدا تۈركىيىگىمۇ بارغان، ھەم 1915-1917-يىللىرى كىلىسلى رىفئەت تەرىپىدىن تاييارلانغان <دىۋان>نىڭ ئەرەبچە نۇسخىسىنى ۋەتەنگە ئېلىپ كېلىپ، ئىخلاسمەن ئۈلپەتلىرى، كاشغەرنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكلىرى ھېسابلانغان ئۆلىمالىرى بىلەن ئورتاق مۇتالىئە قىلىشقان. شۇنداقلا بىرگە تەرجىمە قىلىپ، ئانا تىلىغا ئاغدۇرۇپ ئۆز خەلقىگە تونۇشتۇرۇشنى مۇقەددەس بۇرچى دەپ بىلىپ بۇ ئىشقا چىن دىلىدىن نىيەت قىلىشقان. ئەپسۇسكى، خىلمۇ-خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ شەرەپلىك خىزمەتنى تاماملىيالماي قالغان. ئابدۇقادىر داموللىنىڭ ئىخلاسمەن شاگىرتلىرىدىن ھېسابلانغان ئىسمائىل داموللا كاشغەرخانلىق مەدرىستە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا، مۆھتەرەم ئۇستازىنىڭ ئاغزىدىن مەھمۇد كاشغەرىي ۋە <دىۋان>توغرۇلۇق ئوتلۇق لېكسىيلەرنى ئاڭلىغان، مۇبارەك كىتابنىڭ ئەرەبچە نۇسخىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، ئىسسىق، پاك قولى بىلەن تۇتۇپ باققان، ئالتۇن قۇرلىرىنى بىرمۇ-بىر ئوقۇپ باققان. يەنە داموللا جۇشقۇن تالىپلىق ۋاقىتلىرىدا، بۈيۈك ئۆلىما ئابدۇقادىر داموللىنىڭ <دىۋان>نى ئانا تىلغا تەرجىمە قىلىش توغرىسىدىكى خىياللىرىغا ماسلاشقان، جور بولغان. يەنە تېخى ئابدۇقادىر داموللا ئۆزى تۈركىيىدىن ئالغاچ كەلگەن <دىۋان> نۇسخىسىدىن بىرنى باشقا كىتابلار قاتارىدا ئىسمائىل ئاخۇنغا سوۋغات قىلغان دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ۋەقە ھەم جەريان، ئىسمائىل داموللىدا <دىۋان>دىن ئىبارەت ئالەمشۇمۇل تەۋەررۈك كىتابنى ئەرەب تىلىدىن ئۆز ئانا تىلىغا تەرجىمە قىلىشتەك خاسىيەتلىك ئىشنى قولغا ئېلىشقا سەۋەب بولغان بولۇشى كېرەك دېگەن ئىلمىي پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ھازىرلىغان(2).

<دىۋان>نىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا چۆچەك شەھرىدە تەرجىمە قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئىشلار قاتارىدا يەنە مۇنداق بىر ئىشنىمۇ سۆزلەپ ئۆتمەي بولمايدۇ.

تارىخىي ماتىرىياللارغا قارىغاندا، 1932-يىلى چۆچەكتىكى ئۆلىما-زىيالىيلارئەستايىدىل كېڭىشىپ، چۆچەك شەھرىدە بىر قىزلار مەكتىپى قۇرۇپ، ئۇنىڭغا <مەھمۇدىيە ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى >دەپ نام بەرگەن.ئەسلىدە بۇ مەكتەپكە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مۇبارەك نامى بىلەن ئىسىم قويۇش كۈنتەرتىپكە قويۇلغان بولسىمۇ لېكىن مىلىتارىست جىن شۇرىننىڭ مائارىپتىكى تېررورلۇق سىياسىتىنىڭ چەكلىمىسگە ئۇچراشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەكتەپ نامى قىسقارتىلىپ، يەنى<كاشغەرىي> دېگەن سۆز ئېلىۋېتىلىپ يۇقىرىقىدەك ئاتالغان. چۆچەك ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى 1946-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بويىچە <مەھمۇدىيە مەكتىپى>دەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ مەكتەپ ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ نامى بىلەن ئاتالغان تۇنجى مەكتەپ بولۇپ قالغان(3).

بۇنىڭدىن چۆچەك خەلقى 1930-يىللاردىن باشلاپلا ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي توغرىسىدا مۇئەييەن چۈشەنچىدە بولۇپ بولغان ياكى چۆچەكتە ئىسمائىل داموللىنىڭ <دىۋان>نى تەرجىمە قىلىشىنىڭ مەنىۋى ۋە مىللى ئاساسىي تۇرغۇزۇلۇپ بولۇنغان، شۇنداقلا شەرت -شارائىتلىرى ئاساسەن پىشىپ يېتىلىپ قالغان، ھەمدە ئۆلىما-زىيالىيلارنىڭ زۆرۈرىي خىزمىتىگە ئايلىنىپ قالغان. مانا مۇشۇنداق بىر قاتار ئەھۋاللار ئىسمائىل داموللىنى تەخىرسىزلەندۈرگەن بولۇشى كېرەك.

ئىسمائىل داموللا پەقەت بىلىملىك، ئىقتىدارلىق بىر دىنىي ئۆلىما بولۇپ قالماستىن، پەننىي بىلىملەرگىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان ئالىم كىشى بولغان. تېبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆزى دورا ياساپ نۇرغۇن بىمارلارنىڭ كېسىلىنى داۋالىغان. ئەدەبىياتقا چوڭقۇر ھەۋەس باغلىغان، شۇنداقلا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، كۆڭلى ئويغاق، ھېسسىياتلىق ئەدىبلەردىن بولغان. ئۇ ۋاقىت چىقسىلا ئەدەبىي ۋە ئىلمىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئەلىشىر ناۋايى، جالالىددىن رۇمىي، ئابدۇراخمان جامىي قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرىنى بېرىلىپ ئوقۇغان، مۇتالىئە قىلغان، ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىنى بالىلىرىغا ئەلىشىر ناۋائىي ھەزرەتلىرى بىزنىڭ بۈيۈك شائىرىمىز، ئۇ ئاتا-بوۋىمىزنىڭ تىلى بىلەن ئىنتايىن پاساھەتلىك ئەسەرلەرنى يازغان، ئۇنى ئوقۇش، ئۆگىنىش، بالىلارغا چۈشەندۈرۈش، ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش ، مۇتالىئە قىلىپ، مەنىۋى نەپكە ئېرىشىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ۋە بۇرچىمىز دېگەنلەرنى ئەسكەرتىپ تۇرغان. ئۇنىڭ ئۆيىدە نۇرغۇن كىتابلار ، قوليازمىلاربولغان. ئۇلارنى ئۆزى پايدىلىنىپ قالماستىن، ھاجەتمەنلەرگە ، تالىپلىرى، ئىلىمخۇمار كىشىلەرگە بېرىپ تۇرغان. ئۇۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، بىرقىسىم كىتابلىرىنى بەزىلەر چەتئەلگە ئېلىپ چىقىپ كەتكەن، بىرقىسمى ئائىلىسىنىڭ ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كېلىشى بىلەن، ئاپتونۇم رايونلۇق مۇزىېيىغا تەييارلىق قىلىش ئىشخانىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. بىر قىسمىنى ئۈرۈمچىدىكى يېقىن -يورۇقلار، جۈملىدىن ئۆلكىلىك مەدەنىيەت نازارىتىدىكى بىر قانچە كىشىلەر ئېلىپ كېتىشكەن.

ئىسمائىل داموللا خەلقچىل، مىللەتنى، يۇرتنى سۆيىدىغان ئالىيجاناب روھقا ئىگە ئەزىمەت بولۇپ، ھەرخىل ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە مەدەنىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشقان. ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋەكىلى سۈپىتىدە يىغىنغا قاتنىشىپ، ھەرمىللەت ۋەكىللىرى بىلەن بىرگە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنى قۇرۇشتەك شەرەپلىك ئىشىنى ئورتاق كېڭەشكەن، چۆچەككە قايتىپ بارغاندىن كېيىن قارشى ئېلىشقا چىققان نەچچەمىڭ ئاممىغا كومپارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي ئاپتونومىيىلىك سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشى ۋە ئەۋزەللىكلىرى توغرىسىدا بىر قانچە رەت نۇتۇق سۆزلەپ، چۆچەك خەلقىنىڭ ۋەتەننى، كومپارتىينى، مىللىي ئاپتونۇمىيىلىك رايون تۈزۈمىنى يەنىمۇ كەڭ دائىرىدە ھىمايە قىلىشى ئۈچۈن ئاكتىپ تەشۋىقاتچىلىق رولىنى ئوينىغان(4).

ئىسمائىل داموللىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ، <دىۋان>نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققانلىقى قالتىس ئەھمىيەتلىك بىر ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گەرچە ئۇنىڭ تەرجىمە ئەمگىكىنىڭ دېرىكى ئېلىنىش ئالدىدا تۇرغان، تەتقىقات سورۇنىغا ئېلىپ چىقىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەينى زاماندىكى مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە ئېلىنغانلىقىنىڭ ئۆزى كېيىنكىلەرگە ئەسلىشىنى، ئىزدىنىشىنى، ئىلھام ئېلىشىنى ۋە قەدىرلىشىنى زۆرۈرىيەتكە ئايلاندۇرۇپ بولغان. دېمەك، ئۇنىڭ ئەجدادلار تەرىپىدىن ياندۇرۇپ بېرىلگەن ئىلىم-مەرىپەت چىرىغىنى ئۆچۈرۈپ قويماي، ئىنتايىن جاپالىق شارائىتتا، قاتمۇ-قات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تىنىم تاپماي ئىشلەپ، بۇ خىل چىراغنى ئەۋلادلار ئارىسىغا يەتكۈزۈپ بېرىشتە بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشقانلىقى كېيىنكىلەرنىڭ، ئەۋلادلارنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالماي قالمايدۇ.


داۋامى بۇ مەنزىلدە بار
http://uzunjahan.blogspot.com/2008/12/2.html

بۇ ماقالىنى «ئەسىرىم شېئىرىيەت مۇنبىرى»گە «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ناملىق ژورنالنىڭ 2008-يىللىق 6-سانىدىن (مەھمۇد كاشغەرىي تەۋەللۇتىنىڭ مىڭ يىللىقىغا بېغىشلانغان مەخسۇس سان) تەۋھىدە تەييارلىغان
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&


没有评论:

发表评论