2008年12月28日星期日

ئەزىزانە قەشقەردە مەھمۇد كاشغەرىي خاتىرىلەندى





مىڭ يىللىق ئۈمىد باھار تۇيغۇسىغا چۈمدى


ئۇلۇغ بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىلىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئالىمنىڭ ئانا يۇرتى بولغان ئەزىزانە قەشقەردە ئۆتكۈزۈلدى.


قەشقەر بىلكان تىل تەربىيەلەش مەركىزى بىلەن «ئەسىرىم شېئىرىيەت مۇنبىرى» بىرلىشىپ، 2008- يىلى 12- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن كېيىن قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى كونا دەرۋازى يېنىدىكى نۇرلان تېز تاماقخانىسىنىڭ 2 - قەۋىتىدە ئۇلۇغ تىلشۇناس ئالىم، پۇتۇن تۈركىي مىللەتلەر دۇنياسىنىڭ پەخرى ــ مەھمۇد كاشغەرىي بوۋىمىزنىڭ مىڭ يىللىق خاتىرىسىنى ئۆتكۈزدى.
پائالىيەتكە قەشقەردىكى شائىر - يازغۇچى، سەنئەتكارلاردىن ھاجى مىرزاھىد كېرىمى، ئابلىز ئۆمەر ئەنجانى، ئابدۇلئەھەد ئىسمايىل ئوغلانى، ئۆمەر ئوسمان شىپائىي، ئابلىكىم روزى، يالقۇنجان ئىسلام، ئەبەيدۇللا مۇھەممەد، مۇھەمەتجان ئابلىز بۆرەيار، قۇربان ئەمەت، قۇربانجان روزى شەيدائىي، مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق، چىمەنگۈل ئاۋۇت، ئايسىمە ئىدرىس، زۇلپىيە ھاجى كۆلتىگىن، خالىپە ساۋۇت، ئادالەت ئابدۇرىھىم قاتارلىق ئەزىز مىھمانلار ۋە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ 100 گە يىقىن ئادەم قاتناشتى.
پائالىيەت «مەھمۇد كاشغەرىي يىلىدىكى ئوپال قەبرىگاھ زىيارىتى» ناملىق سىن فىلىمىنى كۆرۈشتىن باشلاندى ۋە ئاتاقلىق يازغۇچى، شائىر ھاجى مىرزاھىد كېرىمىينىڭ تەكلىپى بىلەن خەلقارالىق «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى»نىڭ ئۇچۇرىنى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھەقلىق ۋارىسلىرى بولغان ئۇيغۇر خەلقىگە دەسلەپ يەتكۈزگەن ھەم مەھمۇد كاشغەرىي تەتقىقاتىدا ئىزچىل ئىزدىنىپ كىلىۋاتقان دوكتۇر ئابدۇرەئۇف پولات تەكلىماكانىي ئەپەندىمگە پائالىيەتكە قاتناشقۇچى بارلىق مىھمانلار قەلبىدىن غايىبانە رەھمەت ۋە ھۆرمەت سالىمى يوللاندى.(ھۆرمەتلىك دوكتۇر ئابدۇرەئۇف پولات تەكلىماكانىي ئەپەندىم! ئانا يۇرتتىكى ئەزىزلەرنىڭ بۇ ئوتلۇق سالامىنى قوبۇل قىلغايلا...)
پائالىيەتتە ھاجى مىرزاھىد كېرىمى، ئابلىز ئۆمەر ئەنجانى، ئۆمەر ئوسمان شىپائىي، مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق، چىمەنگۈل ئاۋۇت، ئايسىمە ئىدرىس، قۇربان ئەمەت، مۇھەممەتجان ئابلىز بۆرەيار، ئابلاجان بوۋاقى، ۋارىسجان تۇردى قاتارلىق شائىرلىرىمىز ۋە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىدىكى شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئېسىل نەزمە - نەسىرلىرى ۋە دىلبايانلىرى بىلەن مەھمۇد كاشغەرىي بوۋىمىزنىڭ شان- شەرىپى ۋە ئەجىر - مىھنىتىگە مەدھىيە ئوقۇدى.
مىھمانلارنىڭ ھەممىدىن بەك زوقىنى قوزغىغىنى، تالانتلىق شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ ئارمان قۇياشى بولغان ئوغلى ئىرلانبەگنىڭ «يېشىل رەڭگە مەن ئامراق» دىگەن شېئىرنى دىكلاماتسىيە قىلىپ، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مىڭ يىللىق ئۈمىدىنى باھار تۇيغۇسىغا چۈمدۈرگىنى بولدى.
پائالىيەتتە يەنە تالانتلىق سەنئەتكارىمىز ئابلىكىم روزى ئەپەندىم مەھمۇد كاشغەرىيگە بېغىشلانغان «زىيارەت قىلغىلى كەلدىم» دىگەن ناخشىسىنى، قۇربانجان قاتارلىق ئۆسمۈر سازەندەلىرىمىز «تاشۋاي» قاتارلىق ناخشا - مۇزىكىلارنى ئورۇنلاپ، مەھمۇد كاشغەرىي روھىنى مىللىي ناخشا -مۇزىكىلىرىمىز بىلەن خۇرسەن قىلدى. مەنىلىك يۇمۇر ۋە قاپىيە ئويۇنى ئارقىلىق مىھمانلارغا مەنىۋىي كۈلكە ئاتا قىلدى.
پائالىيەتتە يەنە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆمەر ئوسمان شىپائىي ئەپەندىمدىن مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئەۋلادلار نەسەبنامىسىنى ئىنىقلاش جەريانىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى سورىدى. ئۆمەر ئوسمان شىپائىي ئەپەندىم بۇ جەھەتتىكى تارىخىي ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى قىممەتلىك بىلىمگە ئىگە قىلدى.
پائالىيەت ئاخىرىدا تالانتلىق خەتتات قۇربانجان روزى شەيدائىي بىلكان تىل تەربىيەلەش مەركىزى بىلەن «ئەسىرىم شېئىرىيەت مۇنبىرى»نىڭ ھىممىتىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىر پارچە ھۆسنىخەت ئەسىرىنى تەقدىم قىلدى.
پائالىيەت ئاخىرلاشقاندا، مىھمانلار ئۆزئارا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
(بىر قىسىم سۈرەتلەر ئىنكاس قەۋىتىگە ئايرىم يوللىنىدۇ ياكى
http://asrim.cn/ShowPost.asp?ThreadID=1330
دىن كۆرۈۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.)
پائالىيەت باشتىن-ئاخىرى بىر خىل ئېسىل كەيپىياتتا، كۈچلۈك مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىدا داۋاملاشتى.
پائالىيەتنىڭ سىن فىلىمىمۇ تەييارلىنىۋاتىدۇ. پات ئارىدا تورداشلارنىڭ ھوزۇرىدا سۇنۇلىدۇ.


پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر:


























رەسىملەرنىڭ داۋامىنى تۆۋەندىكى مەنزىلدىن كۆرۈڭ:
http://asrim.cn/ShowPost.asp?ThreadID=1330

(2008 - يىل 12- ئاينىڭ 27 - كۈنى. قەشقەر)
********************************

没有评论:

发表评论