2008年12月21日星期日

تۈرك دۇنياسىدا مەھمۇد كاشغەرىينى خاتىرىلەش






بۇ سۈرەتتىكى 2008 - يىلى 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تۈركىيىنىڭ شىمالىدىكى قارادېڭىز بويىغا جايلاشقان رىزە ۋىلايىتىدە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارالىق مەھمۇد كاشغەرىي ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىۋاتقان رىزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لوزۇنكا ئېسىلغان بىناسى.





تۈرك دۇنياسىدا مەھمۇد كاشغەرىينى

خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا




تۈرك دۇنياسىدا تۈرك تىلىنىڭ تۇنجى لۇغىتى «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ، شۇنداقلا دەسلەپكى گرمامماتىكا كىتابىمىز بولغان «كىتابۇ جەۋاھىرۇن نەھۋى فى لۇغاتىت تۈرك» نىڭ ئاپتورى، بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000- يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىكىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» ئېلان قىلىنغان 2008 – يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركمەنىستاندىكى مەدەنىي پائالىيەتلەر دااۋام قىلماقتا.

مەھمۇد كاشغەرىي تۈرك شېۋىلىرى لۇغىتى بولغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى 20 يىل جەريانىدا توپلىغان ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىپ 2 يىلدا تاماملىغان.

مەھمۇد كاشغەرىي مىڭ يىل بۇرۇن تۈرك يۇرتىلىرىنى ئايلىنىپ، تۈرك جەمئىيەتلىرى ئارىسىدا ئۇلار بىلەن بىرگە ياشاپ، تۈرك تىلى، تارىخى، جۇغراپىيەلىك ئەھۋالى، فولكلورى ۋە رىۋايەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەسلىمىلىك بىلىم خەزىنىسىنى بىزگە ھەدىيە سۈپىتىدە قالدۇرۇپ كەتكەن بىر ئالىم...

خاقانىيە، ئۇيغۇر، ئوغۇز، قىپچاق، قىرغىز، چىگىل، ياغما، ئارغۇ ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى «تۈرك» نامى بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرگەن تۇنجى تۈركشۇناس ئالىمىمىز...

تۈركلەر ياشىغان دۆلەتلەرنى، كەنتلەرنى، يېزا – قىشلاقلارنى تونۇشتۇرۇپ، تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن ۋە سىزىپ چىققان خەرىتە ئارقىلىق «تۇنجى تۈرك جۇغراپىيەشۇناس ئالىم» دېگەن ئۈنۋانغا ئېرىشكەن بىر ئالىم...

شەرقىي قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ خاقانى مۇھەممەد بۇغرا خاننىڭ نەۋرىسى، تەخت ۋارىسى ھۈسەيىن چاغرى تىگىننىڭ ئوغلى...

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىكى، مەھمۇد كاشغەرىينى چوڭ – كىچىك ھەممىگە تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە كۆپ ساندىكى ئاكادېمىكلار بىلەن بىرلىكتە ئالمۇتا ۋە بىشكەكتە پائالىيەت ئۇيۇشتۇردى.

ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» ھەر جەھەتتىن مۇزاكىرە قىلىندى.

2008 - يىلى 11 - ئاينىڭ 24- كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە جۇڭگونىڭ پايتەختى بېيجىڭدىمۇ مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.
بۇ يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە رەسىملەرنى تۆۋەندىكى مەنزىلدىن كۆرۈڭ:

مەنبە:
http://www.trt.net.tr/International/news.aspx?Dil=uy




تۇنجى ئاتاقلىق تۈرك تىلى مۇتەخەسسىسى

مەھمۇد كاشغەرىي



بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى، 2008 – يىلنى دۇنيا بويىچە ئاتاقلىق تۈرك تىلى مۇتەخەسسىسى مەھمۇد كاشغەرىينى خاتىرىلەش ئۈچۈن «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» دەپ ئېلان قىلدى.

تۈرك تىلىنىڭ ھازىرقىدەك تەرەققى قىلىشىدا ئۆچمەس تۆھپە ياراتقان مەھمۇد كاشغەرىي تۈرك تىلىنى، تۈرك مىللىي مەدەنىيىتىنى، ۋەتەن مۇھەببىتىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويغان.
ئۇ تىل مۇتەخەسسىسى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە تېپىلغۇسىز خەلق مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى ۋە خەرىتە مۇتەخەسسىسىدۇر.
ئۇ تۈرك تىلى جەھەتتىن ئەڭ چوڭ ئەسەر ھېساپلىنىدىغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى يېزىش ئارقىلىق تۈرك تارىخىنىڭ ھازىرغا قەدەر يېتىپ كېلىشىدە ئۆچمەس تۆھپە قۇشقان.

مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرى پەقەت بىر خىل لۇغەتتىنلا ئىبارەت ئەمەس، دەل ئەكسىچە، تۈرك ئەدەبىياتىنى، تارىخىنى، جۇغراپىيىسىنى ۋە ئەنئەنىسىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان، شۇنداقلا تارىخىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدىغان ئۆلمەس ئەسەردۇر.
مانا بۇ ئۆلمەس ئەسىرى ئارقىلىق تۈرك تىلىمىزنىڭ ھازىرغىچە يېتىپ كېلەلىشىدە ئىنتايىن زور تۆھپە قوشقان مەھمۇد كاشغەرىي تەتقىقاتلىرى ۋە باشقا ئەسەرلىرى بىلەنمۇ بىزنىڭ تۈرك تىلىمىزنىڭ تارىخى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئېرىشىشىمىزدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.
ناۋادا بۇ ئۆلمەس ئەسەر بولمىغان بولسىدى، بىز بۈگۈن تۈرك تىلىمىزنىڭ ئۆتمۈشى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە بولمىغان بولاتتۇق.

«مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» مۇناسىۋىتى بىلەن 2008 - يىلى ئارقا ‏ - ئارقىدىن مەھمۇد كاشغەرىي ھەققىدە ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە.
2008 - يىلى 2 - ئايدا تۈركمەنىستاننىڭ ئاشخاباد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «تۈركىيلوگىيىنىڭ قۇرغۇچىسى مەھمۇد كاشغەرىي» ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بىلەن باشلانغان بۇ خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى، ئەنقەرەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا سارايلىرىدىن بىرى بولغان ئانقامالل سودا سارىيىدا ئېچىلغان «مەھمۇد كاشغەرىي رەسىم كۆرگەزمىسى» بىلەن داۋام قىلماقتا.

زىيارەتچىلىرىنى شات – خۇراملىق كەيپىياتى ئىچىدە مال سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە يەنە، مەدەنىيەت – سەنئەت، ئىجتىمائىي، تارىخىي ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدىمۇ مۇھىم ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش مەقسىتىدە پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغان ئانكا مالل سودا مەركىزىنىڭ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىكى، ياۋرۇ – ئاسىيا يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئاشىنا نەشرىياتى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، تۈرك تارىخىدا ئىنتاين مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان مەھمۇد كاشغەرىينىڭ فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى 15 – 30 – نويابىر كۈنلىرى سودا مەركىزىدە داغدۇغۇلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.

كۆرگەزمىگە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرى ۋە بۇ ئەسەر ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات ئەسەرلىرى، مەھمۇد كاشغەرىي ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەر قويۇلغاندىن باشقا، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قەبرىسى ھەم ئوپال قاتارلىق يەرلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەرمۇ قويۇلغان.

مەنبە:
http://www.trt.net.tr/International/news.aspx?Dil=uy




باكۇدا

«مەھمۇد كاشغەرىي ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»

ئۆتكۈزۈلگەن



2008 - يىلى 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇ شەھرىدە ئەزەربەيجان يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «مەھمۇد كاشغەرىي ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ۋە «مەھمۇد كاشغەرىي كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزۈلگەن.
يىغىنغا ئەزەربەيجان مىللىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىلشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى، ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى، قول يازمىلار ئىنىستىتۇتى ۋە فولكلور ئىنستىتۇتىدىكى پروفېسسورلار، ئالىملار قاتناشقان.
بۇلاردىن باشقا باكۇ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى، باكۇ سىلاۋيان ئۇنىۋېرسىتېتى، باكۇ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ قاتناشقان.
بۇ يىغىن مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىللىقىغا ئاتاپ ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىن زالىنىڭ يېنىدا مەھمۇد كاشغەرىي ھەققىدە بىر كۆرگەزمىمۇ ئېچىلغان.
بۇ كۆرگەزمىدە «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئونغا يېقىن تىلدىكى تەرجىمىسى، مەھمۇد كاشغەرىي ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى» ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەر، شۇنداقلا مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قەبرىسىدىن كۆرۈنۈشلەر كۆرسىتىلگەن.
ئەزەربەيجان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفىسسور. دوكتور رامىز ئەسكەر ئەپەندىنىڭ بىزگە بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ يىغىندا ئەزەربەيجان مىللى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى تۆۋپىك ھاجىيېۋ، پروفىسسور. دوكتور بۇلۇتخان خايرىنوۋ، پروفىسسور. دوكتور روزا ئايۋازوۋا، پروفىسسور. دوكتور تەرمان گۇلىيېۋ ۋە باشقا ئالىملار مەھمۇد كاشغەرىي ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى» ھەققىدە سۆز قىلغان.
كېيىن ئەزەربەيجاننىڭ داڭلىق سەنئەتچىلىرى مەھمۇد كاشغەرىيگە بېغىشلاپ كونسېرت بەرگەن بولۇپ، بۇ سەنئەت كېچىلىكىدە يەنە بەزى تونۇلغان شائىرلار مەھمۇد كاشغەرىيگە ئاتاپ يازغان شېئىرلىرىنى ئوقۇغان.

مەنبە:
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-85324.html
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&


没有评论:

发表评论