2008年12月19日星期五

بىزنىڭ كاشغەرىي يىلىمىز


bu paaliyet chushtin kiyin saet 3:00 te bashlandi.
resimde: bu paaliyetning pilanlighuchisi abdul'eziz obulhesen yighin ehlige ustaz abdureuF polat teklimakaniyni tonushturmaqta.




بىزنىڭ كاشغەرىي يىلىمىز


بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى

ئالدىنقى كۈنلىرى «بىلىك»، «شەبنەم» تور بىكەتلىرىدە بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان «بىزنىڭ كاشغەرىي يىلىمىز» تېمىسىدىكى سۆھبەت يېغىنى توغرىسىدا ئۇچۇر بىرىلگەن ئىدى.

2008 - يىلى 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى بۇ سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى يىڭدوڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىن زالىدا مۇۋەپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى .
باشتىن - ئاخىر يۇقىرى كەيپىياتقا تولغان بۇ يىغىنغا بېيجىڭدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىن 500 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى.
دوكتۇر ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي ئىلگىرى - كىيىن بولۇپ ياپونىيە، تۈركىيە ھەم ۋەتىنىمىزدە ئۆتكۈزۈلگەن «مەھمۇد كاشغەرىي ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»لىرىنىڭ ئىشتىراكچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىغىنلارنىڭ تەپسىلاتىنى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا تونۇشتۇردى. سۆھبەت داۋامىدا ئابدۇرەئوپ مۇئەللىم مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەپ كاشغەر ئوپالدىكى «مەھمۇد كاشغەرىي مەقبەرىسى» زىيارىتى توغرىسىدىكى قىسقا فىلىمنى دوكلات ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى.
دوكلات ئاياغلاشقاندىن كېيىن ، ھەرقايسى مەكتەپتىن كەلگەن ساۋاقداشلار ئۆزىنىڭ سوئاللىرىنى بەس - بەستە ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئابدۇرەئوپ مۇئەللىمنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىغا يىغىن مەيدانىكىلەرنى ئورتاقلاشتۇردى.
سۆھبەتتىن كېيىن، ساۋاقداش ئابلەھەتجان مەمەت بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ساۋاقداشلارغا ۋاكالىتەن ئۆزىنىڭ «ئۇستاز شەنىگە» ناملىق قەسىدىسىنى شۇنداقلا مەكتىپىمىز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇئەللىمگە ئاتىغان سوۋغىسىنى سۇندى.
جوڭگۇ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ساۋاقداش مىھراي يۈسۈپ بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنى ئۈچۈن يازغان «تارىخ بىلەن دىئالوگ» ناملىق چاچما شېئىرىنى دىكلىماتسىيە قىلىپ، يىغىننىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى









menbe:
http://asrim.cn/ShowPost.asp?ThreadID=1

没有评论:

发表评论