2008年12月29日星期一

تۈرك تىلى شەرەپ مۇكاپاتى «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى»غا بېغىشلاندى


ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000- يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈلۈشكۈن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا «تۆتىنچى نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى تۈرك تىلى شەرەپ مۇكاپاتى» تارقىتىپ بېرىلدى




بۇ قېتىملىق تۈرك تىلى شەرەپ مۇكاپاتى

«مەھمۇد كاشغەرىي يىلى»غا بېغىشلاندى



Updated 26.12.2008 00:07:15 UTC

ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000- يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈلۈشكۈن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا «تۆتىنچى نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى تۈرك تىلى شەرەپ مۇكاپاتى» تارقىتىپ بېرىلدى.

تۈرك تىلى ۋە تۈرك مەدەنىيىتىگە زور تۆھپە قوشقان ياپونىيىلىك پروفېسسور تاداشى سۇزۇكى، رومىنىيىلىك پروفېسسور بائۇبەك ئاگېمىن، ئۆزبېكىستانلىق ئەشقابىل سۇھۇكۇر، تاتارىستانلىق پروفېسسور مۇھەممەد مىرزا، تۈركمەنىستانلىق ئوراز ياغمۇر قاتارلىق ئالىملارغا «تاشپاقا سىرتىدىكى كۈلتىگىن خاتىرە سارىيى» مۇكاپاتى بېرىلدى.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرتۇغرۇل گۈناي، مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، ياش ئەۋلادلارنىڭ تۈرك تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە مىسلىسىز تۆھپە قوشقان ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىينى ئۆلگە قىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رومىنىيە، ياپونىيە، تۈركمەنىستان، تاتارىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن قىممەتلىك ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن گۈناي، ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ پەقەت بىر تەتقىقاتچىلا ئەمەس، ئەينى ۋاقىتتا بىر پىكىرداش بولۇش سۈپىتى بىلەنمۇ تۈرك مەدەنىيىتى ۋە شېئىرىيىتىگە غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى ئېيتتى

menbe: TRT-uyghurche


没有评论:

发表评论