2008年12月20日星期六

مەھمۇد كاشغەرىي ھەققىدە داستان



qazaqistanliq uyghur shairi jamalidin qasim qelimige mensup bolghan bu dastan - zamanimiz uyghur edebiyatidiki ulugh bowimiz mahmud kashghariyning shan-sheripige bighishlanghan nadir eserdur.





مەھمۇد كاشغەرىي


‹داستان›


جامالىدىن قاسىم (قازاقىستان)




بىرىنچى باب


ئوپالدا يېتىپتۇ ھەزرىتى مەۋى ،
كى موللام ئاتاپ ھەر زەيىفۇ* قەۋى. *چوڭ -كىچىك ، قېرى -ياش .
-ئابدۇرەھىم نەزارىي


*
شاھى ئېھرام* ئۇلۇغ پاناھ ،تاجىدار، (*كاشىغەر خانى مۇھەممەد بۇغراخان)
تاجىدارنىڭ ئەللەر ئارا داڭقى بار.
كاشىغەر بۈگۈن ساھىبخانا شاھلارغا،
ئىران ،كابۇل ،ھىندى ،ماچىن ،چىنمۇ بار ...
ئوردا ھەيۋەت ،
ئالتۇن دەرۋازا ئوچۇق ،كەڭ ،
سۆلەت دېگەن سەردارلاردا باركەن دەڭ !
ھۆكۈمالار ،ئۆلىمالار ،ۋەزىرلەر ،
يۇرتمۇ شادلىق كەيپتىن سۈرۈپ كېلەر تەڭ .
ئاھ ، كاشىغەرنىڭ خوشلۇقىنى قاراڭلار ،
مۇنداق چاغدا تارىلار كۆپ پاراڭلار .
بار مېھرىنى داستىخانغا تۆككەندە ،
بىلىنىدۇ تاتلىق تۇيغۇ ئاراملار ...!
مېھمان كۈتۈش بۇ يۇرتقىلا خاس ئىشتەك ،
پەقەت مېھمان بىلەن كۆڭۈل دىل خۇشتەك ،
چوكانلىرى ساپتۇ چاچقا چاچتەڭگە ,
يىگىتلىرى يەلپۈنىدۇ بىر قۇشتەك .
بىزگە يەتكەن قەدىمىڭلار بولغاي قۇت ،
ساھىپخانا سىلەر ئۈچۈن مۇشۇ يۇرت !
ھۆرمىتىڭلار باش ئۈستىگە ،جانانلار ،
ياندى دوستلۇق تۈپەيلىدىن دىلغا ئوت !
مېھمانلارنىڭ يۈرىكىنى ئۇققاندەك ،
دېدى كاشىغەر شاھى تۇغقاندەك :
-شادلىقىمنىڭ مانا بۈگۈن چېكى يوق ،
سىلەر بىلەن بولدۇم كۆككە ئۇچقاندەك .
*
-تۇلپار تەييار بەيگىلەردىن ئۆتەرگە ،
تەييار ئۇلار قويۇپ بەرسە ئۇچارغا .
مەن ئويلايمەن جانابلارنىڭ يۈرىكى
تارتىپ تۇرار بولىدىغان شىكارغا .
كاشىغەر شاھى سۆزلەر كۆڭۈل ئاچماق بوپ ،
كۆڭۈلسىزلىك ئىشىكىنى ياپماق بوپ .
- بەللى ، بەللى !
تۇلپارلاردا چاپقايمىز ،
راھەتلىنىپ يالادىن ئوق ئاتقايمىز .
كەلدۇق كاشىغەر باغلىرىغا سەيلىگە ،
بولسا گەر جاپاسىنى تارتقايمىز !
ھەر تەرەپتىن چىقتى مانا شۇنداق ئۈن ،
شاھلار ئۈچۈن شىكار دېگەن ئۇلۇغ كۈن .
قىزىق بولار شىكاردىكى جاپامۇ ،
قىزىق بىزگە تونۇش ئەمەس دەشتى -چۆل !
-جانابلار !
كاشىغەر باغرى كەڭ دىيار ،
بۇ كەڭ دىيار خەلقىم بىلەن بەختىيار .
تىكەن كىرمەس بىر تاپانغا بىھۇدە ،
سەۋەب ئەلگە ئۆزى سۆيگەن تەختى يار .
بۇلاقلارنى ساناپ بولالماس ئادەم ،
ئاھ ،دەريالار ،
كۆللەر قەدەممۇ -قەدەم .
كەم قىلماپتۇ كارامەتلىك تەڭرىمىز
سېخىيلىقتىن كاشىغەر دىيارىنى ھەم .
-ئات سالغايمىز ،-دەر قىزىقىپ شاھ قابىل ،
يوغان بەستى شىرغا كېلەر تاقابىل .
مۇشۇ تاپتا ئۇ تەيياردەك تۇرىدۇ ،
شىكار ئۈچۈن بولسا ئەگەر ئايغا يول .
شۇ سەۋەبتىن بولدى ئۇلار ئاتلانماق ،
بارغۇ كۈچلۈك ھەۋەستىنمۇ ئوت يانماق .
ئۇچار تۇلپار
كىيىك قاچسا ئالدىدا ،
قوغلاپ يۈرۈپ تاپقان راھەت ،
ئاھ، قانداق ... !
تولىسىنىڭ ئۆمرى ئۆتكەن شىكاردا ،
شاھلار ئامراق شۇ سەۋەبتىن شىكارغا .
بەزەن شىكار
پالۋان ئۈچۈن بىر سىناق ،
ھەممە قادىر ئەمەس زەپەر قۇچارغا ... !
شىكاردىمۇ بوپ قالىدۇ قانلىق جەڭ ،
شىكاردىمۇ يېڭىلمەك بار،
يەڭمەك دەڭ .
ھەسرەت بىلەن قايتار بەزى شىكارچى ،
رەقىبىگە كېلەلمەستىن تەڭمۇ -تەڭ .
*
پۈتۈپ قالدى يولغا چىقار مەزگىلمۇ ،
مۇنداق ئىشنى كېچىكتۈرمەس ھەرگىزمۇ .
ھەممە شىكار كىيىمىنى كىيىپتۇ ،
ئارغىماقلار، ئاھ ، بۆلەكچە سەزگۈرغۇ !
تىنىپ تۇرماس بىر ئورۇندا تېپىچەكلەپ ،
بويسۇنمايدۇ يۈرگەنلەرگە يېتەكلەپ .
تۇلپارلار ،ھە ،
يارالغانمۇ تاقەتسىز ،
ئۆتكۈسى بار تاغ -جىرادىن ئۇ سەكرەپ !
دەل شۇ تاپتا كاشىغەر شاھى قاتتى گەپ ،
كەلگىنىدەك بۇ ئىش ئاڭا راسا ئەپ :
-بىزنى باشلاپ بارغاي مەھمۇد شىكارغا ،
ئىز باسارىم مېنىڭ مانا مۇشۇ ، - دەپ .
تازىم قىلدى ئۇ شاھلارغا ئېگىلىپ ،
قالغىنىدەك نىيەتلەر بىر چىگىلىپ .
شاھزادىگە ھەۋەس بىلەن قاراشتى ،
كۆزلىرىدىن دىلدىكىسى بىلىنىپ .
-مۇشۇ كەن -دە،- دېدى ،-شاھلار شۇڭقارى ،
مۇشۇكەن-دە، ماختىنارى ، ئۇتارى .
مۇشۇكەن-دە،ئۇنىڭ يورۇق ئالەمدە
تەختى ئۈچۈن تىكلەپ قويغان چىنارى .
راستتىنىلا ئۇ كۆرىنەتتى قامەتلىك ،
ياراتقاندەك تۇرار تەڭرى ئامەتلىك .
-ئات بېشىنى بىر ئوپالغا تارتقايمىز ،-
دېدى ،-ئوپال شىكار ئۈچۈن كەڭ ، ئەپلىك .
شىكار بولغاي شۇ سەۋەبتىن ئوپالدا ،
مولدۇر تەڭرى خىسلەتلىرى ئۇ جايدا .
تاغ ،قايراقلار ئارا تۇلپار سالغايمىز ،
پاناھ بولغاي ئىشىمىزغا بىر ئاللا ... !
*
يارىشىپتۇ تۇلپار مەھمۇد بەستىگە ،
قويۇپ بەرسە ئۇ ئۇچۇشنىڭ قەستىدە .
كۈمۈش كەمەر ،
قىلىچ ئەرنىڭ كۆركىكەن ،
غورۇرى بار ئادەملەرمۇ باشقىدە ... !
يۈرىكىدە جىق ئىش باردەك تۇغۇلغان ،
تۈگۈچلەرنىڭ سىرىن بىلىپ ئۈلگۈرگەن .
قورامىغا ئەمدى تولغان مەھمۇدنىڭ
شىكارغا باش بولارىنى كىم بىلگەن ؟!


ئىككىنچى باب


شىكارچىلار مۇنۇ دۆڭگە بولدى جەم ،
(ئاتلىرىغا بەرمەك ئۈچۈن بوغۇز يەم .)
ئەمما كاناي چېلىنماقتا توختىماي ،
ئاۋازىدىن بىلىنەتتى ئەندىش -غەم .
ئۆزگىرىپتۇ شىكارچىلار تۇرقىمۇ ،
كۆزلىرىگە ئىلىنماپتۇ ئۇيقۇمۇ .
ئۆتمەي قالدى بەزى تۇلپار سىناقتىن ،
كېيىك قېچىپ
يەتكۈزمەستىن ئوقنىمۇ .
شىكارگەشتى باشقىكەن-دە ، بارىدىن ،
شىكار دەردى باشقا تۇرمۇش دەردىدىن ،
بەزىدە ئىش ئوڭدىن كەلمەي قېلىش بار ،
مۇنداق پەيتنىڭ يۈكى ئېغىر ھەممىدىن ... !
ئات چاپتۇرۇپ كەلدى مانا چاپارمەن ،
(تېنگەننى ،يىتكەننى تېز تاپارمەن .)
دەپ يۈرەتتى ئەزەلدىن ئۇ بۇ گەپنى :
<كىمگە ئازار يەتسە مېھرىم ياپارمەن > .
دېدى ،يىغدى كەتكەنلەرنى بارىگاھ ،
شىكارچىلار ئۈچۈن ئارام سەيلىگاھ .
بىراق ماچىن شاھزادىنى تاپمىدۇق ،
تاپالماستىن قايتتۇق بىزمۇ ھېرىپ ،ئاھ !
تاپالمىدۇق ئاختۇرۇپ تاغ -قىيانى ،
چۆل قالمىدى ،قويمىدۇق يول -جىرانى .
تاپالمىدۇق ئىزباسارلار سېلىپمۇ ،
ئوت قالىدۇق بەلگە قىلىپ تۇرلارنى .
- بەس !
تۈرۈلدى شاھزادىدىن قوشۇما ،
- بەس ! - دېدى ئۇ ،
-چاپارمەنلىك مۇشۇما ؟!
ئىزدىگەيمىز ، قۇمۇشلۇقلار قالمىسۇن ،
ئىزدىگەيمىز ،يولسىز داۋان بولسىما !
ماچىنلىقنى پۈتۈن ئىزدەپ تاپقايمىز ،
ئۇنى تىرىك ئارىمىزغا قاتقايمىز .
شىكار دېگەن جەڭ مۇشۇنداق ، بىراقكى ،
ئەندىشىنىڭ ئىشىكىنى ياپقايمىز !
ئارغىماقنىڭ بېشى كەتتى قويۇلۇپ ،
يولمۇ يوقتى قالغۇدەك ئۇ تورۇلۇپ .
بىر جىرادىن ئۆتكىنىدە شاھزادە ،
ئارقىسىغا قاراپ قويدى بۇرۇلۇپ .
-ئاۋۇ تۈزلەڭ توقايلىققا كىرىپ باق ،
توقاي چىگىچ كىرگەن چاچتەك قېلىن شاخ .
بەلكى يارىدار ،
(تەڭرىم شەپقەت ئەيلىگەي )،
ئېلىپ چىققىن، بەختىمىزگە بولغاي ساق !
- خوپ ،شاھزادەم .
ئات ئىرغىدى تىكەنگە ،
بويسۇنمىغان كەبى ئۇنىڭ ئىلكىگە .
-بايقىغايسەن تۈزلىڭىنى ، ئويىنى ،
كۆز سالغايسەن بۆرە ، يىلپىز ، تۈلكىگە .
ئات سېلىشتى ئۇلار ئېگىز قىياغا ،
تاشلىق سايلار ،
ئۆڭكۈرلەگە ،جىراغا .
ئۆتتى قۇرۇق توپىلىق دۆڭ ، تۈزلەڭدىن ،
ئات سېلىشىپ توغرا كەلگەن قىرلارغا .
-قاراڭلارچۇ !
ھەممە ھەيران قالدى جىم .
-قاراڭلارچۇ ، بۇنى قوغلاپ كېلەر كىم ؟
ھەيرانلىقنىڭ ئىلكىدىدۇر ھەممىسى ،
بىر چوڭ ئولجا قېچىپ كېلەر يىراقتىن .
بىر چوڭ ئولجا قېچىپ كېلەر تۈزلەڭگە ،
قوغلىغان كىم ؟
كۆرۈنمەيدۇ كۆزلەرگە .
-ئاتمايمىزمۇ ،-
دېدى بىرى يا ئېلىپ ،
كېلىپ قاپتۇ رىزق ئۆزى بىزلەرگە .
مەھمۇد قولىنى كۆتۈردى <بەس !>دېگەندەك ،
بۇ ئەھۋالنىڭ يىلتىزىنى بىلگەندەك .
-قېچىپ كەلگەن جانغا ھۇجۇم قىلمايمىز ،
بوپقالمامدۇ بۇ ئۆلگەنگە كۈلگەندەك !
كىم قوغلىدى ،مانا شۇنى بىلگەيمىز ،
ئاق -قارىنى كۆرۈپ ئىلغا قىلغايمىز .
رەقىب كېلەر بەلكى ئىزنى يېتتۈرمەي ،
رەقىب بولسا بىزمۇ يەڭمى تۈرگەيمىز .
ئارغىماقلار قۇشتەك ئۇچتى تۆۋەنگە ،
بۇ ھەيۋەتلىك بىلىنەتتى كۆرگەنگە .
ئۇچۇپ چۈشتى قاناتلىق بىر شۇڭقاردەك ،
ئوخشىمايتتى يەرنى دەسسەپ يۈرگەنگە .
ئوخشىمايتتى ئۇ شۇڭقارنىڭ چېپىشى ،
ئەمدى تەسقۇ باشقىلارنىڭ يېتىشى .
مۇشۇ تاپتا ئىگە بولسا تىزگىنگە ،
ئاسان ئولجا دۈشمىنىنى تېپىشى .
ئېگىز دۆڭدىن چۈشكىنىدە ئارغىماق ،
بولغىنىدا چۆچۈپ كېتىپ قارغىماق ،
تاش تېيىلىپ يۇمۇلىدى تۆۋەنگە ،
ئەتتەڭ ...!
بۇنى غەپلەت دېسەڭ بولماس ، ياق !
يولۋاس ئىدى ئارغىماقنى چۆچۈتكەن ،
ھەيۋىتىدىن ئارغىماقنى ئۈركۈتكەن .
مەھمۇدنىمۇ دەس تۇرغۇزدى بۇ ئەھۋال ،
بۇ بالانى ،
بۇ دۈشمەننى كىم كۈتكەن ؟!
دەس تۇردى -دە ، يولۋاسقا ئۇ بولدى تەق ،
ئەمەستى بۇ ئەتراپىغا باقار ۋاق .
خىرىس قىلار ئۇ ئاغزىنى ئېچىپ كەڭ ،
كەلدى ئىككى پالۋانلارنى بايقار چاغ .
ھەيۋە قىلىپ تاتىلىماقتا يولۋاس يەر ،
ئىككى پالۋان تۆكەر ئەمدى قانلىق تەر .
پالۋانلارغا خاس جەڭ بولار بۇ قېتىم ،
سىنىلىدۇ بۇنداق جەڭدە كۈچلۈك ئەر.
ئىككى پالۋان بولدى مانا تۇتۇشماق ،
بولدى ئۇلار غەزەب بىلەن قۇچۇشماق .
قىلىچمۇ يوق ئەمدى مەھمۇد قولىدا ،
بولدى ئۇلار يەر تىلغاپ بەل تۇتۇشماق !
مەھمۇد ئالدى مانا بىردىن تۈگۈلۈپ ،
تۇتۇۋالدى كانىيىدىن ئۈلگۈرۈپ .
يەر تىلغاندى ،
تاشلار قاڭقىپ بىردەمدە ،
تۇيۇقسىزدىن قالدى مانا يۈكۈنۈپ .
يۈكۈنگەنگە قالغىنى يوق ئۆكۈنۈپ ،
بەدەندىن تەر ئاقتى سۇدەك تۆكۈلۈپ .
ئېتىلغاندا يولۋاس بىردىن غۇلاپ تاش ،
ئالدى تاغنى يۇلغىنىدەك كۆتۈرۈپ :
- مەدەت بۇغرا !
يۇلۇۋالدى ئۇ يەردىن ،
يەرگە ئۇردى سىقىپ تۇرۇپ چىڭ گالدىن ،
ھۆركىرىدى ...
تىترىگەندەك بولدى تاغ ،
-قۇتۇلمايسەن ،-دەپ تېپىچەكلەر ئۇ، -مەندىن .
سۇندى بېلى تېخى ئۇ جان بەرمىدى ،
يولۋاسقا تەڭ كەلگەن ئەر بوش ئەرمىدى ؟!
بىر يوغان تاش ئۆرۈلمەكتە ۋاي ، ئەتتەڭ !
بۇ كۈرەشتىن تاغ ،چوققىلار تەۋرىدى .
تولۇپ كەتتى ئەتراپ گۈلدۈر -قاراسقا ،
قۇشلار ئۈركۈپ ،
قاراپ مۇنۇ تالاشقا .
ئىككى پالۋان ھەيۋىتىدىن ھەيران مەن ،
يەر تىلغىنىپ تەگدى تاشتىن تاش تاشقا !
تۇرمايدىكەن يولۋاس دېگەن خىرقىراپ ،
ئۈنچىقماسكەن پالۋاندىن ، بىل ، چىرقىراپ .
كۈچ بىلەن قول پاتقىنىدا كانايغا ،
ئىككى كۆزى سىرتقا چىقتى چاچراپ ... !
*
خېلى ئۇزاق قاپتىكەن-دە ،شاھلارمۇ ،
بۇ يۈرۈشتە ئاقساپتۇ كۆپ ئاتلارمۇ .
شىكاردا دوست بولۇپ كېتەر مۇشۇنداق
ئاتقا ئادەم ،
دىلغا يىراق ياتلارمۇ .
ئۇچقۇر ئاتلار كەلدى مانا يېقىنلاپ ،
شاھنىڭ بىردىن ئۆڭى ئۆچۈپ بارماقتا ،
قىلىچىنىڭ دەستىسىنى سىقىملاپ !
يولۋاس ياتار ئىدى قانغامىلىنىپ ،
يولۋاس ياتار كۆكرىكىدىن تىلىنىپ .
مۇشۇ تاپتا شاھزادىنىڭ قامىتى ،
تۇرار مەغرۇر چىناردەك تىك بىلىنىپ !
-ئاپىرىن شاھ !
-ئاپىرىن شىر يۈرەككە !
-شاھلار ئۈچۈن شۇنداق ئوغۇل كېرەك- دە .
شىكارچىلار ھەۋەستە كۆز تىكىشتى ،
- شاھ بالىسى دېگەن مانا بۆلەك - دە ... !
دەل مۇشۇ چاغ يېتىپ كەلدى بىر چاپار ،
(شىكاردا دەرد ،شادلىق بولسا بىر تارتار .)
ئۇ ئېيىغا ئارتىۋاپتۇ بىرىنى ،
- كىم بولدى بۇ ؟
-توختاڭلارچۇ ،بىر گەپ بار !
ھەممە ھەيران شۇ تەرەپكە باقتى كۆز .
-ماچىنلىققۇ !
ئەندىشىدە قاتتى سۆز .
چاينىلىپتۇ ئۇنىڭ قول ۋە پۇتلىرى ،
تونۇغۇسىز بوپ كېتىپتۇ گۈلدەك يۈز ... !
<ھە> دېيىشتى شاھلار قەلبىن ئوي قاپلاپ ،
شاھلار ئويىن مۇشۇ تاپتا ئوي ئاتلاپ .
قىلغانمىكىن ماچىنلىقمۇ قىسقا جەڭ ،
مەھمۇدتىن ئۇ قۇتۇلماپتۇ يەر تاتلاپ !


ئۈچىنچى باب


قۇمباغ كۆكسى مېھمان بىلەن بولدى بەند ،
(<قۇمباغ>دېگەن باغ -ۋارانلىق گۈزەل يۇرت .)
شىكارچىلار گۈزەل يۇرتنىڭ مېھمىنى ،
راھەتلىنىپ بۈگۈن ئاخشام چاقار قەنت .
چىقار مۇنداق جايدا بولسا دىلدا دەرد ،
دەردنى گۈزەل جايدا ساقلاش ئۆزى سەت !
قاراڭلارچۇ ، تەبىئەتنىڭ ھۆسنىنى ،
ئىنسان ئۈچۈن قانچە سېخىي،
قانچە مەرد !
خۇددى ياساپ قويغاندەكلا سەيلىگاھ ،
مۇنداق ئېسىل زېمىن يەنە نەدە بار ؟
تاغ سۇلىرى چوقان سالار شارقىراپ،
جەننەت دېگەن مۇشۇ يەردە ئىكەن ، ئاھ ... !
*
ئاقار ئىدى چوڭ ئۆستەڭ باغ ئايلىنىپ ،
كېتەلمىگەن كەبى باغدىن ئايرىلىپ .
مەپتۇن بولۇپ شىكارچىلار توختاشتى ،
يان -يېنىغا تويماي قاراپ ، قايرىلىپ .
قالغىنىدەك ئۆزلىرىمۇ يېنىكلەپ ،
چۈشكەن ئىدى سۇ بويىنى كۆرۈپ ئەپ .
ئىشلار ئوڭدىن كەلسە شۇنداق ئۆتۈشەر ،
قونغان يەردە بۇغا بىلەن كىيىك يەپ ...
*
ئاھ ، بۇ يۈرەك ئامراق كېلەر ھەۋەسكە ،
ئىلاجى يوق ھەۋەسكە دىل بەرمەسكە .
قايناق قەلب پاتمايدۇ ئۆز قىنىغا ،
ئىلاجى يوق كۆڭۈل قانات كەرمەسكە .
شۇڭىمىكىن ،
مەھمۇدمۇ باغ ئارىلاپ ،
ماڭدى ئاستا بۇ ئەتراپنى چارىلاپ .
يۈرەك ،يۈرەك ...
جۇش ئۇرماستىن قويامدۇ ،
تۇرسا سۆيگۈ دىل تارىدىن تار ئۇلاپ .
كۆز ئۈزمىدى ئۈزۈملۈك بۈك باراڭدىن ،
خالىي ئىدى مۇشۇ تاپ ئۇ پاراڭدىن .
ياقتۇرمايدۇ مۇنداق چاغدا كۆڭۈلمۇ
بىرەر سۆزمەن چىقىشىنى ئاراڭدىن .
بولىدۇغۇ ،مۇڭدىشار چاغ دىل بىلەن ،
بولىدۇغۇ ،مۇڭدىشار چاغ تىل بىلەن .
ئېيتقىن كۆڭۈل ،
شۇنداق سەينا دۈچ كەلسە ،
دىلكەشلىكنى قىلار ئىدىڭ كىم بىلەن ؟!
تامسى باغلار رىشتىدىن ھېچ كېچەلمەي ،
خېلى ئۇزاق ماڭدى يېنىپ كېتەلمەي .
خېلى ماڭدى بۇ ئەتراپتىن ئۈزمەي كۆز ،
ياش قەلىبتە يانغان ئوتنى ئۆچۈرمەي .
ئانارلىق باغ ،
كۆز دېگەننىڭ مەيلى بۇ ،
ئىختىيارنى كۆزگە بەرسەك مەيلىمۇ ؟
بىر قىز ئانار ئۈزەر سېۋەت تولدۇرۇپ ،
ئانارنى قىز ،
قىزنى ئانار دەيلىمۇ ؟
قىزىللىقى بار ئانارنىڭ مەڭزىدە ،
ئانار خىجىل قىزغا قاراپ بەرگىدە .
لەۋلەر تېمىپ تۇرار كۆزلەر ،
ئاھ ، بۇ كۆز ،
بىر قاراشقا بەرگىنىدەك قەرزگە .
مەپتۇن قىلار ئاڭا تويماي قارىساڭ ،
مەپتۇن قىلار قاراشقىلا يارىساڭ .
باغنىڭ ھۆسىنى مۇشۇ قىزدەك بىلىنەر ،
قىز گۈل بولسا ،
سەن بۇلبۇلدەك سايرىساڭ .
كەتمەستىن قىز
ئانارلاردىن چەتلىشىپ ،
قويىدۇ بىر بوۋاي بىلەن گەپلىشىپ .
ئانار ئۈزۈپ قىز كەينىگە قايرىلدى ،
مەھمۇد بىلەن قالدى مانا بەتلىشىپ .
<لەپ>قىلىپ قىزكىرپىكتىن ئوق ئاتقاندەك ،
بولدى شۇ ئوق دەل يۈرەككە پاتقاندەك .
مەجرۇھ يىگىت كىرپىك ئوقى زەربىدىن ،
بىلىنەتتى كۆكرەك تۇتۇپ ياتقاندەك .
قىزلار ،قىزلار ،
مەرگەن -دە ، يار چېنەشكە ،
سالغان بىلەن يەرگە قاراپ بىلمەسكە .
قاراپ تۇرۇپ مەجرۇھ بولدى شاھزادە ،
مەجرۇھ بولدى بىراق مەڭگۈ ئۆلمەسكە ... !


تۆتىنچى باب


قىلىچلىشار ياشلىرى تەڭ بالىلار ،
مانا بۇنى ئەڭ قۇدرەتلىك جەڭ دەڭلار .
ئىككىسىنى بىرى يېڭىپ بارماقتا ،
قىلىچلاردىن ئوت چىقماقتا ، يا ئاللا !
ئىككى قىلىچ ھەر بىرىنىڭ قولىدا ،
ئىككى رەقىب يەڭمەك بولار ئويىدا .
ئولتۇرىدۇ شاھ كۆزىنى ئۈزمەستىن ،
كىم ئۇتاركىن دەيدۇ ئۇ بۇ ئويۇندا .
قىلىچ چۈشتى مانا بىرىنىڭ قولىدىن ،
ئاجرالدىمۇ ئۇ تۇيۇقسىز دولىدىن .
داجىپ كەلدى ئەمدى مۇنۇ <باتۇرمۇ>،
ئەنسىرەيدۇ تېنىگەندەك يولىدىن .
- جەڭ توختىسۇن شاھىم ،
بولدى قىلغايلا !
شاھىم ، ھېرىپ قالدىمىكىن قىرانلار ؟!
ئەندىشىدە ۋەزىر رەڭگى ئاقاردى ،
-شاھىم ،-دېدى ،-ئەمدى رەھىم قىلغايلا !
-بەس !-دېدى شاھ مەغرۇرانە يۆتىلىپ ،
-بەس !-دېدى ئۇ بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ .
رەڭگى ئۆچكەن ۋەزىرگە بىر باقتى -دە ،
رەنجىگەندەك ئالدى بىردىن يۆتىلىپ .
-سىناق پۈتتى !
شاھ چاقىردى مەھمۇدنى ،
شاھ چاقىردى كۆيۈۋاتقان بىر ئوتنى .
چاقىرغاندەك بولدى گويا مۇشۇ تاپ ،
ئۆز پەرزەنتى بىلەن ھەممە ئەل -يۇرتنى .
-بارىكاللا !-
دېدى ۋەزىر ،-تەسەننا ،-
شاھزادەمگە پاناھ بولغاي بىر ئاللا !
باشقا قىلىچ ئېلىشمىغاي ،ھە ،شاھىم ،
باشقا قىلىچ ئېلىشمىغاي ،تەڭداشلار !
- بۇ بىر مەشىق ،
بۇ دەسلەپكى نىشانە ،
كۆپ ئىش كۆرەر ئامان بولسا پېشانە ،-
دەپ مەھمۇدقا يېقىنلىدى ھۆكۈمران ،
-قىلىچىدىن ئامەت كۈتمەس مەردانە ... !
ئىلىم ئۈچۈن قىلغىن بالام ھازىرلىق ،
ئىنسان ئۈچۈن باشقا نەرسە ئالىلىق .
ئالىلىقنى ئاسراپ ئۆمرى ئۆتكەن بار ،
بىردەمدىلا تېپىلار دىل قارىلىق !
بىر ھېكايەت بولغان قىلىچ تۈپەيلى ،
(قىلىچ تۇتۇش ھەركىمنىڭغۇ ئۆز مەيلى .)
ئاڭلا بالام ، يۈرىكىڭگە پۈكۈپ قوي ،
يۇرت بېغىدىن بىھۇدە گۈل ئۈزمەيلى .
قارلۇقلارنىڭ پادىشاھى ھۆكۈمران
دەپ ،خەلقتىن تارتىۋالار مۈلكۈم بار ،
قىلىچ بىلەن ئۇ ھۆكۈمنى تىكلەپتۇ ،
سەردارلارغا ئېيتىپتۇ : قان تۆكۈڭلار !
بىرمۇ ئەلنىڭ بىلىمدارى قالمىسۇن ،
بەس ، ئەقىلنىڭ شامى ئارتۇق يانمىسۇن .
باشلىرىنى ئۆتكۈر قىلىچ يوقلىغاي ،
ئىزى ئۆچسۇن ،
بۇ دىياردا ماڭمىسۇن !
شۇنداق قىرغىن بوپتۇ تىرىك يۈرگەنگە ،
قاراشقا كۆز ماغدۇرۇى يوق ئۆلگەنگە .
بىرمۇ كىتاب دەرگاھىنى قويماپتۇ ،
ئۆلۈم كەپتۇ ئىلىم ئىزدەپ يۈرگەنگە .
قىلىچ بىلەن شاھ تەخىتنى تۇرغۇزۇپ ،
مۇنارلارغا ئوت قويۇپتۇ بۇزغۇزۇپ .
قىلىچ بىلەن باغ-ۋارانلار كۆيۈپتۇ ،
ئاپتۇ گۈللەر يىلتىزىنى يۇلغۇزۇپ .
*
ئىلىم ، ھۈنەر چىققان چېغى دەل يوققا ،
مەسچىت سالماق بولۇپ قاپتۇ شاھ يۇرتقا .
ئۇستا يىغسا چىقمىغۇدەك ئىچىدىن ،
چىقمىغۇدەك مۇشۇ ئەلدىن بىر ئۇستا .
شاھ تىپىرلاپ چاپتۇرۇپتۇ ئارغىماق ،
قىلىچ بىلەن بوپتۇ ئۇستا تاللىماق .
بىنا ئۈچۈن يىغىپ مىڭلاپ خەلقنى ،
بوپتۇ كېسەك قويمىغاننى چانىماق .
تام قويۇپتۇ بىلگىنىمۇ ، بىلمىگەن ،
تام قويۇپتۇ كۆرگىنىمۇ ، كۆرمىگەن .
خۇددى مۇشۇ تەڭشەلمىگەن ئالەمدەك ،
كۆرىدىكەن تالاي ئىشنى ئۆلمىگەن ...!
خەۋەر كەپتۇ :
-شاھىم ، مەسچىت پۈتتى ،-دەپ ،
تەشۋىش ئىچرە ئەل ئۆزىنىڭ غېمىن يەپ .
جانابلىرى مۇبارەكبات ناملىرىن ،
نامى قىلدى ،
بۇ نام بولدى راسا ئەپ !
شاھ قارىسا بىنا قىڭغىر ،
- يا ئاللا !
قېنى قىبلە ؟!
كۈن چىقىشچۇ ، يارانلا !
بايقالمىسا تائەت ئۈچۈن قىبلىگاھ ،
كەچۈرمىگەي بىزنى ئەمدى بىر ئاللا !
قىڭغىر بىنا قۇرغانلارنى قىرغايمەن ،
ئەل ئىچىدىن يەنە ئۇستا تىلغايمەن .
قىلىچ ھۆكمى بىلەن مىڭلاپ باش كېسىپ ،
ئىمارەتنى مەن باشقىدىن قۇرغايمەن .
-ھەق جانابىي ئالىلىرى ، ھۆكۈمدار ،
يۇرت ئىچىگە ئۆزلىرىنىڭ ھۆكمى يار .
بەكمۇ مۈشكۈل يەنە بىنا قۇرماقلىق ،
باشلىرىدا تۇرسا قانلىق قىلىچ، دار !
يۇرت بېلىنى ئالمايلى ،شاھ ، بىز پۈكلەپ ،
ئېغىرىنى ئارتىپ باقاي مەن يۈكلەپ .
مەلىمىزنىڭ چېتىدە بىر كىرچى بار ،
تىلىكىمنى ئېيتىپ باقاي مەن تىلەپ .
-كىرچى دەمسەن ؟-
ئالىيىپتۇ كۆزلىرى ،
-كىرچى بولغان بىلەن ئوخشار خىزىرغا .
-مەيلى ئېيتقىن ،-
دەپتۇ -دە ،شاھ ۋارقىراپ ،-
قايتا مەسچىت قۇرۇپ بەرسۇن ئۇ بىزگە .
شەھەر چېتى ...
تۇرار بىر ئۆي دۈمچىيىپ ،
قالغىنىدەك كۆرىنىدۇ شۈمشىيىپ .
كىرچى بوۋاي مۇشۇ ئۆيگە تەڭتۈشتەك ،
ئولتۇرۇپتۇ جاينامازدا مۈكچىيىپ .
ۋەزىر كىرىپ كەپتۇ قولنى قوۋۇشتۇرۇپ ،
كىرچى بوۋاي ئالدىدا ئۇ تىك تۇرۇپ .
- خۇدا رەھمەت قىلغاي مۆمىن بەندىگە ،-
دەپتۇ كەلگەن مەقسىدىنى ئۇقتۇرۇپ ،-
ئەل بېشىدىن ئەگىپ يۈرەر بۇ گۇمان ،
يىتمەي شاھنىڭ يۈرىكىدىن شۇم تۇمان .
ئوڭلانمىقى كېرەك مەسچىت ، ئەللامە ،
ئوڭلانمىسا شەھەر بولۇر بىر خۇمدان .
-بەس !
يېتەرلىك ،-
دەپتۇ كىرچى ئويلىنىپ ،
قايتا قىرغىن بولارىنى ئۇ بىلىپ .
ئاللا مەدەت ،
بىر تەڭنىنى يۆتكەپتۇ ،
-ئامىن ،-دەپتۇ ،سۆزى سۆزگە ئۇلىنىپ .
-ئامىن ، ئەمدى مەسچىدىڭگە بېرىپ باق ،
ناماز خۇپتەن بولۇپ قالدى ،چىراغ ياق .
ساخاۋەتتىن يورۇغاي ئاق پېشانەڭ ،
يۇرت قايغۇسى بولغاي سەندە مۇشۇنداق ... !
*
-مانا بالام ،-دېدى -دە ،شاھ مەھمۇدقا ،
ھېكايەتتىن كۆيۈۋاتقان بىر ئوتقا .
ئەللامىنىڭ قۇدرىتىنى كۆردۈڭمۇ ؟
كارامىتىن كۆرسىتىپتۇ بۇ يۇرتقا .
كارامىتىن كۆرسىتىپتۇ ئىلىمنىڭ ،
ئويلىرىغا كەلمىگەن ئىش ھېچكىمنىڭ .
بىر ھەيۋەتلىك مەسچىت پۈتۈپ قاپتۇدەك ،
ئۇنى سۆزلەش ئۈچۈن كۈچى يوق تىلىنىڭ .
بۇغۇ ئەلنىڭ ئىچىدىكى ئەپسانە ،
ئەپسانىگە قاراش كېرەك ھەققانە .
قىلىچ بىلەن تۈنگە چىراغ يېقىش تەس ،
بولسۇن ، بالام ، دىلىڭ ئەلگە غەمخانە ... !


بەشىنچى باب

پېشانىسى كۈن تەپتىدىن يالتىراپ ،
كېتىپ بارار مۇنۇ يىگىت ئالدىراپ .
ئويچان كۆزلەر ئاختۇرىدۇ كىمنىدۇر ،
نېمىشقىدۇر قالدى بىردىن ئاستىلاپ .
ھە ، ئاستىلاپ قالدى يىگىت قەدىمى ،
ئۇچرىغاندەك ئىزدەپ كەلگەن ئادىمى .
كىتاب سېتىپ ئولتۇرار بىر مويسىپىت ،
تەگمەكچىمۇ كىتابپۇرۇش ياردىمى .
كىتابپۇرۇش كىم بىلەندۇر گەپلىشەر ،
(گەپ ئاستىنى دەيدىكەنغۇ گەپ تېشەر .)
بايقىمىغان بىلەن مۇنداق يەرلەردە ،
گادا بىلەن بەزى ئۇلۇغ بەتلىشەر .
-سالام ، ئاتا !
-ئۇ شاھزادەم بار بولغاي .
پىقىرنىڭ غەم -قايغۇلىرى ئۇنتۇلغاي .
-رەھمەت ، ئاتا ساقلىقلىرىن بىلگەيمەن ،
-شۈكۈر ،تەڭرىم ئۆمۈرلىرىن گۈل قىلغاي .
-مەن ئويلايمەن ، جانابلىرى ئىزلەندى ،
-شۇنداق ، تاپتىم كىتاب ساقلاپ يۈرگەننى .
بولغانىدى دەرۋىش بۈگۈن كەلتۈرمەك
بەلكى سىلى ئارزۇ قىلىپ يۈرگەننى !
ئاڭلىغانتىم دەرۋىش كىتاب كۆرمەسمىش ،
كىتاب غېمىن ئەزەلدىنلا يېمەسمىش .
- بىراق ، ئاتا ، دەرۋىشلەرنىڭ غېمىنى
بۇ دۇنيادا ھېچبىر ئىنسان بىلمەسمىش ... !
كېلىپ قالار كىتابىنى ساتقىلى ،
كېلەر بىزگە ئويى بولسا قاتقىلى .
جەڭدىن قېچىپ يۈرگەن بىلەن ئۇ مۆمىن ،
ئېغىرلىقنى كېلەر بىللە تارتقىلى .
مۇشۇ مەزگىل يەر تېگىدىن چىققاندەك ،
يەر ئاستىدىن بۇ سۆھبەتنى ئۇققاندەك ،
پەيدا بولۇپ قالدى ئېگىز بىر دەرۋىش ،
قولدا ئەلەم تەشۋىشىنى تۇتقاندەك .
-ماشايىخلار ،
قاناتلىقلار ، قاناتسىز ،
بوپ ئۆتمىگەي شاھزادەممۇ ئامەتسىز .
يا غەۋىس !
شاھ پەرزەنتىگە بىر سالام ،
كۆيۈپ كېتەر ئىنسان شەپقەن ، سايەڭسىز ،
-دېدى دەرۋىش بىردەم ئېگىپ بېشىنى ،
شامال يەلپۈر چىگىش كىرگەن چېچىنى .
- بېجىرگەنسەن ؟-
كىتابپۇرۇش دەرۋىشتىن
سوراپ قالدى ئېگىز قىلىپ قېشىنى .
-ئىشەنمەسلىك ،- دېدى ،-دىلغا ئاتقان تاش ،
دەرۋىشلەرگە بەرمە بوۋاي زەھەر ئاش !
ئۇ قوينىدىن ئىككى كىتاب چىقىرىپ ،
-مانا ،- دېدى ،-
مۇنۇ بولسا دەرد -تالاش !
-مانا ،-دېدى ،-شاھزادەمگە تۇتقىنىم ،
-مانا،-دېدى ،-بىر يۇرتلۇقۇم ،تۇغقىنىم .
شاھزادەمنىڭ كۆڭلىدىكى شۇ بولسا ،
ئىككى ئالەم بولار بەخت قۇچقىنىم ... !
ئىككى كىتاب تۇرار دىلغا ئوت يېقىپ ،
تەلپۈنەتتى كىتابلارغا ئۇ بېقىپ .
مەھمۇد ئۈچۈن بۇ كىتابلار يالقۇنى
تەڭداشسىز بىر نۇردەك تۇرار كۆز چېقىپ .
تەڭداشسىزدۇر -ھە ، مەھمۇدقا بۇ كىتاب ،
تۇيۇقسىزدىن چۈشكىنىدەك نۇر -ئاپتاپ.
كۆزلىرىگە ئۇنى ئاستا سۈركىدى ،
ئاھ ، ھاياتقا كەلدى شۇندا بىر خىتاب :
<نېسىپكەن-دە ،ماڭا بۇنى كۆرمەكلىك ، نېسىپكەن-دە ، كۆزلىرىمگە سۈرمەكلىك . تەڭدىشى يوق ، ئىلىم ئۈچۈن بىباھا كىتاب نېسىپ بوپتۇ ئوقۇپ بىلمەكلىك ... >
مۇددىئادىن چىقىپتۇمۇ شاھزادەم ،
(مۇددىئاغا يەتمەكمىغۇ تەس ئادەم ) !
سوراپ قالدى كىتابپۇرۇش تاقەتسىز :
-تېگىپتۇمۇ ئاز بولسىمۇ بىر ياردەم ؟
مەھمۇد ئاستا كىتابلارنى ۋاراقلاپ ،
نېمىنىدۇر دىلغا پۈكەر ئۇيادلاپ .
- بىراھمى تىلىدىكى ئاتالغۇ ،-
ئېكەن دېدى خۇشاللىقتىن سۆز باشلاپ ،
-يەنە بىرى
ئاتالغۇلار بەلگىسى ،
تاۋۇشلارنىڭ يىغىندىسى ، مەنىسى .
بىردە قايغۇ ئاتا قىلىپ بەندىگە ،
بېرىدىكەن خۇشاللىقنى تەڭرىسى .
-دەرۋىش ئاتا ، كىتابقا نە ئالۇرسىز ؟
دەرۋىش دېدى :
-كىتابلىرىم باھاسىز .
-ئۇنداقتا نە بېرەرىمنى بىلمەيمەن ،
-يا غەۋىس ،
بەندە قالسا يامان ئامالسىز .
دەرۋىش مېڭىپ كەتتى ھاسا تايىنىپ ،
مېڭىپ كەتتى شاھزادىدىن ئايرىلىپ .
-يا غەۋىس !
دېدى بىر دوقمۇشقا يەتكەندە ،
قاراپ قويدى مەھمۇدلارغا قايرىلىپ .
تەڭرى سالغان بىلەن جاھان كەزمىشكە ،
نېمە ئوي بار ھازىر مۇشۇ دەرۋىشتە ؟
بەلكى قويدى كىتابلىرىن ئامانەت ،
ھە،ئەمدىكى ئۇلۇغ مەقسەت -گەپ بىزدە !
*
تۇيۇقسىزدىن چىقىپ قالدى غۇلغۇلا ،
غۇلغۇلىنى چىقارغۇدەك كىم بولار ؟
بىر تۇتقۇننى ھەيدەپ كېلەر توپ ئاتلىق ،
نېمە قىلغان ئادەمدۇر بۇ شۇنچىلىك ؟
چىڭ باغلاپتۇ ،
ساپتۇ ئاتنىڭ ئالدىغا ،
(دۇكاندارلار ئالدى ئۆزىن دالدىغا .)
كۆك سەللىچان ،
ئاپئاق ساقال بۇ ئادەم ،
كەلمىگەنتى تېخى ھېچكىم يادىغا .
توپ ئالدىدا ماڭار نوچى بىر سەردار ،
كىم بىلىدۇ سەردارغا ئۇ قەرزدار .
كىم بىلىدۇ مۇشۇ ئادەم ئۈسىتىدىن ،
پادىشاھقا يېتىپ قالغان ئەرزى بار !
ئوراپ ماڭار قاراۋۇللار يېلىنىپ،
ھېچكىم سوئال قويالمايتتى پېتىنىپ .
جان دېگەن -ھە ،
بەزىلەرگە بەك تاتلىق ،
دۇكان تاقاپ ئالغانلار بار بېكىنىپ .
ھەممە ھەيران ،
تۇيۇقسىزدىن ئېتىلىپ ،
ئالدى مەھمۇد شۇ توپقا قېتىلىپ .
-توختا !-
دېدى ئالدىدىكى سەردارغا ،
-توختا !-دېدى كۆزلىرىدىن ئوت يېنىپ .
سەردار ھاڭ -تاڭ
كۈتۈلمىگەن بۇ ئىشقا ،
شاھزات تۇرار چۈشمەكچىدەك چېلىشقا .
نەدىن پەيدا بولۇپ قالدى ئەجەپ ئىش ،
كىم ئەۋەتتى ئوتتۇرىغا سېلىشقا ؟
-خىزمەت ، شاھزات !
- بۇ نە قىلمىش ، نېچۈك ھال ؟
كىم بۇ زاتنى مۇشۇ ھالغا دېگەن سال ؟
يەش قولىنى ،رەنجىپتۇغۇ ھەبىبىي ،
بوپ قاپتىمۇ ئىلىم ئۈچۈن بۇ يۇرت تار ؟
بىجىرىلدى باش ۋەزىرنىڭ پەرمانى ،
پېقىرنىڭ يوق پەرمان بۇزار دەرمانى .
-مانا ئالغىن !
بىر خالتا پۇل تاشلىدى ،
-ھەل بوپ قالار سەردارنىڭمۇ ئارمانى .
سەردار پۇلنى ئالدى لېۋىن تامشىتىپ ،
سۈرلۈك يۈزگە قالدى كۈلكە يامىشىپ .
پەرمان بىلەن يېشىلدى پۇت ،قوللىرى ،
ئالدى ھەسرەت بىلەن شادلىق ئالمىشىپ .
-بۇ كىم بولدى ؟-
دەپ سورايتتى خالايىق ،
خانلارغىلا پەقەت مۇنداق ئىش لايىق .
-كىم بولدى -ھە ؟
پۇت -قوللىرى ماتالغان ،
سەردار ئۈچۈن ئىش قىپ قويغان نالايىق ؟
-كىم بولاتتى پۇت -قوللىرى باغلانغان ،
كىم بولاتتى ئۆلتۈرمەككە چاغلانغان .
موللا شەيىخ ھەبىبىيغۇ ،
-يا ئاللا ... !
-نە سەۋەبتىن بۇ زات قەلبى داغلانغان ؟
-ئالىم ئۇستاز ئىدى بۇ زات ئۆلىما ،
-ئۆلىمانىڭ يەتكەن كۈنى مۇشۇما ؟
-قۇيۇڭلارچۇ ئۇقۇشماسلىق بوپتۇدەك ،
شاھزادىگە ئۇچراپ قاپتۇ ھېلىمۇ !
-ھە ، مەھمۇدمۇ ؟!
-نۇرلۇق شۇڭا چىرايى .
-بۇ بالىغا پاناھ بولغاي ئىلاھى !
-شاھزادىمىز مۇنداق ئىشقا ئەزەلدىن ،
بوپ كەلگەنغۇ يارۇ-يۆلەك پىدائىي .
-ئامىن ! -دېدى خەلق توپى گۈررىدە ،
ئولتۇرغانلار تۇرۇپ كەتتى دۈررىدە .
-ئۆزى پاناھ بولغاي تەڭرىم ، خالايىق ،
-ئامىن !
-ئامىن !
ياڭرىغان چاغ ئۆرىگە ،
-يا غەۋىس !
دەپ ئاۋاز كەلدى يۈرەكتىن ،
ئۆچمەي قالغان كەبى دەردۇ پىراقتىن .
- كىتاب نەرخى مانا مۇشۇ ،- دېدى ئۇ ،
بۇ سۆز كەتمەي قالدى شۇئان قۇلاقتىن .
ئەلمۇ ھەيران ،
دەرۋىش نېمە دەپ كەتتى ،
كىمدىن رەنجىپ ،
كىم غېمىنى يەپ كەتتى ؟
مەھمۇد قەلبى كۆيمەكتىدى ، ئەجەپ ئىش ،
-ھەق ، يا ئاللا !
ئۇ يىراقلاپ كەتكەنتى ...


ئالتىنچى باب


ئىككى كىشى سۆزلەر قىلىپ ئېھتىيات ،
باردى ئۇلار سۆزلىرىدە ئېتىقاد .
ئىككى كىشى سۆزلىشەتتى پىنھاندا ،
بىر -بىرىگە قىلىشىپ ھەم ئىلتىپات .
-قاچانغىچە ئەندىشىدە يۇمماق كۆز ،
نېسىپمىدى بىزگە ھامان پىنھان سۆز .
قىلغان ئىشىڭ چىقتىمۇ يا پۈچەككە ،
ئېيتقىن ۋەزىر ، ئارلاشقانمۇ قارا يۈز ؟!
-پەرۋەردىگار پاناھىدا ساقلىغاي ،
پەرۋەردىگار دىلىمىزنى ئاقلىغاي !
يېقىن كۈندە بىز مەقسەتكە يەتكەيمىز ،
مەلىكىمىز بالدۇر قانات قاقمىغاي !
ئوردىدا بىر چوڭ زىياپەت بولماقچى ،
ھەشەمەتلىك ساراي شۇ چاغ تولماقچى .
تەخت تاپشۇرۇش ...
-نېمە ، نېمە ؟
قايتىلا ،
-شاھ تەختىنى چوڭ ئوغلىغا سۇنماقچى !
-شور پېشانەم ،
رەڭگى بولۇپ قەغەزدەك ،
مەلىكىگە بۇ تارتقۇلۇق بوپ ئازدەك .
ئازابلاندى ئارمانلىرى ئۆرتىنىپ ،
تېپىرلايتتى تورغا چۈشكەن بىر غازدەك .
- ئاھ ،تىلەكلەر ،
تاپمىدى-دە ،ئېپنى
ھالسىز لەۋلەر مىدىرلار قىپ گېپىنى .
-گۈل ھۆسنىڭىز پۇچۇلمىغاي ،مەلىكەم ،
تۇتمايلىمۇ ئەمدى پالتا سېپىنى ؟
-قانداق پالتا ؟
ئەرۋاھ روھى ئۇردىمۇ ؟
يا ئىشەنگەن ئۆتكۈر قېلىچ سۇندىمۇ ؟
جاۋاب ۋەزىر ،
نەدە قالدى باتۇرلۇق ؟
يا يانچۇقۇڭ باشقا ياندىن تولدىمۇ ،
باش ۋەزىرىم ،-
دېدى خېنىم ئەركىلەپ ،
باش ۋەزىرنىڭ يۈرىكىنى نەق چېنەپ .
بوسۇغىدا تۇرغىنىدا تەقدىرلەر ،
ئالغىنىمىز تۈزۈك بىر ئىش بەلگىلەپ .
-مەلىكەمنىڭ بۇيرۇقىدا بولغايمەن ،
ئېھتىياتلىق بىلەن قەدەم قويغايمەن .
بولىدىغان زىياپەتتە ئىشىنىڭ ،
پىيالىگە ئۆزۈم شاراب قۇيغايمەن !
تائاملارغا سېلىنار جان ئوغىسى ،
مۇشۇ بولار تەختى راۋان سوۋغىسى .
مەلىكىمىز مەدەت بېرىپ تۇرسىلا ،
قالغان ئىشنى مەن قىلارمەن توغرىسى ... !
-لەشكەرلەرچۇ ؟
قاراۋۇلبەگ ، مىرشابلار ؟
كىيىن پۇشمان يەپ قالمايلى دەپ <ئاپلا !>
-قاراۋۇلبەگ سىقىمىمغا ئېلىنغان ،
سىقىمىمدا ئەمەلدارلار بار ساپلا !
-ئەمەلدارلار
بىز تەرەپكە ئۆتكەنمۇ ؟
ئەمەلدارلار بىزنى ۋەزىر كۈتكەنمۇ ؟
-شۇنداق خېنىم ،
زەھەر سۆزى مەھمۇدنىڭ
تۇغۇلغاندىن بېرى بىزدىن يىتكەنمۇ ؟
تۈنۈگۈنلا سەردار ئوغلى يېدى تاش ،
مېنىڭدىنمۇ ئاقتى ، خېنىم ، رەنجىپ ياش .
ئەپلاتوندىن ،
سەييارىدىن قىلىپ گەپ ،
زەھەر بىلەن ئالماشماقتا ،تاتلىق ئاش .
سەردار تەييار
تەختىنى ۋەيران ئەتمەككە ،
سەردار تەييار مەقسىدىگە يەتمەككە .
ئەمەلدارلار شۇ سەۋەبتىن بىتەرەپ ،
چىدالمايمىز ئەمدى ئارتۇق زەخمەتكە !
ھازىرلىقنى قىپ قويغانمەن ،مەلىكەم ،
قۇشۇم بىكار ئۇچقىنى يوق ھېلىھەم .
ئوغلىڭىزنىڭ-
شاھزادەمنىڭ غېمىنى
مانا شۇنداق قىپ يۈرگىلى مەن نەكەم ... !
*
دۇنيا ، دۇنيا ،
ئاھ ، بىۋاپا دۇنيا سەن !
بىرنى خوش قىپ ،
مىڭنىڭ قەلبىن تىلغايسەن .
بىرلىرىگە گۆھەر بولدۇڭ ئاجايىپ ،
بىرلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ سۇنغانسەن .
ئاھ ، بىۋاپا ،
ئاھ ، ئالدامچى قىسمەتلەر !
ئاھ ، تارتقۇلۇق ،
ۋەيران بولغان خىسلەتلەر !
بۇ ئالەمگە ،
ئادەملەرگە ئىشەنچ يوق ،
كۆيدى ...
ۋەيران بولدى ئوتلۇق تىلەكلەر !
يەنە تۇمان ،
باغ كاشىغەرنىڭ ئاسمىنى ،
قارا قۇيۇن
باغ -باراڭنى تاسقىدى .
ئەمدى گۈللەر ئايلانماقچى غازاڭغا .
يۇرتتا قىرغىن ،
يۇرتتا ئاھ زار تاشقىنى .
شادلىقلارمۇ ئايلانماقچى ئەلەمگە ،
ۋەيرانچىلىق يۈكلەنمەكتە ئادەمگە .
تامماق بولدى قىلىچلاردىن قىزىل قان ،
ئۆزگەرمەكچى مانا بايراق ، ئەلەملەر ... !
كاشىغەر ، كاشىغەر ،
ئاھ ، ئەلەملىك گۈل شەھەر ،
جەڭ ، جېدەلدە باغرى كۆيگەن كۈل شەھەر .
ئاسمىنىڭنى يەنە قۇزغۇن باسماقچى ،
يىتمەك بوپتۇ سەندىن يورۇق ، كۈن شەھەر ... !
* * * * * * * * * *


يەتتىنچى باب


مەدرىسىدە ،
كىتاب تولغان ھۇجرا ،
ھۇجرىدىن ئاۋاز چىقماس بىر تولا .
ئولتۇرۇپتۇ مەھمۇد كىتاب ئاختۇرۇپ ,
تەپتى ئوتلۇق ،
مېھرى ئىسسىق
نۇر تولا ... !
ئۇ ھېچ نەرسە خىيالىغا كەلتۈرمەس ،
خىيالىنى مۇشۇ تاپتا بۆلۈش تەس .
نېمىنىڭدۇر مېغىزىنى چاققاندەك ،
پىچىرلايدۇ ئاۋازىنى قىلىپ پەس .
-تىل دېگەنمۇ ،
ھە ، قانچىلىك مۇرەككەپ ،
تىل دېگەننى بىلىش ئۆزى ئېغىر گەپ .
چىڭگىل ،
ياغما
ئۆز ئالدىغا بىر ئالەم .
توقسۇ ،
تاڭغۇت
ئۆزگىچىدۇر ، پاھ ئەجەب ... !
پەرقلىرى ھازىرغىچە يېپىقلىق ،
سىرلىرىنىڭ يولى بولسا ئېتىكلىك .
رەتكە سالسام ،
بولسا مۇشۇ ئەللەرنىڭ
تىللىرىدا ئۆزىگە خاس ئېنىقلىق .
يەتكۈزەرمۇ تىلىكىمگە ئىلاھى ،
نىيىتىمنىڭ بىركۈن بولار ئىلاجى .
ئۇ كىتابلار ئىچىن يەنە ئاختۇردى ،
باشقىچىرەك بولدى ئەمدى چىرايى .
*
يەنە كىتاب ،
كۆز گۆھىرى كىتابتا ،
ئوخشار كىتاب بىر ئاپتاپقا شۇ تاپتا .
بەزەن مىسرا تۈۋىدىن ئۇ ئويغىنار ،
مەزمۇنىنى يۈكلىگەندەك قاپ -قاپقا .
بەزەن جۈملە سرلىرىنى يەشكۈچە ،
ئولتۇرىدۇ ئەتىگەندىن كەچكىچە .
بەزىدە چاچ دانىلىرى ئاقىرار
چىگىشلەرنىڭ تېگىگە ئۇ يەتكۈچە .
ئويلار بىلەن قالار ئىككى پۈكلىنىپ ،
مۈرىسىگە ئېغىر بىر يۈك يۈكلىنىپ .
ئەجەب غۇۋا يېنىپ تۇرغان چىراقلار ،
پىلىلدايدۇ ئەھۋالغا ئۆكۈنۈپ .
پارىس تىلى
باشقىچىرەك ئەرەبتىن ،
بايلىقىمۇ يېتەرلىك كۆپ تەرەپتىن .
بۇ ئىككى تىل ئۆز ئالدىغا بىر تېرەك ،
ئەزىزلىنەر چىققاندەك بىر يۈرەكتىن .
ئۇ خىيالغا يەنە پاتقان چېغىدا ،
يۈرگىنىدە ئىلىم تەھسىل بېغىدا ،
ئۆمەر پانسات كىرىپ كەلدى ئىشىكتىن ،
قولدا قىلىچ ،
قىلىچتا قان دېغى بار .
-تۇرۇڭ مەھمۇد !
يۈز بەردى چوڭ خىيانەت ،
مەلىكىمىز قىلدى بۈگۈن جىنايەت !
ئاھ ، قىرىلدۇق ،
تۆكۈلمەكتە قىزىل قان ،
پاك دىيارنى باسماق بولدى جاھالەت !
-ئاتاملارچۇ ؟
-زەھەرلەنگەن پاناھلار ،
-قىلىچ !- دېدى ،- قورۇنمىغاي ئەرۋاھلار ،
-قىلىچ !-دېدى ئۇ ئورنىدىن چاچراپ ،
-مۆكۈنگەننى كەچۈرمىگەن ئەۋلادلار !
ئويغىتىڭلار !
يۇرت ئويغانسۇن غەپلەتتىن ،
چېلىش ئەلا كېيىن قىلغان ھەسرەتتىن .
قىلىچ ئالغاي ،
پەيتى كەلگەن مەزگىلدە
بەخت كەلمەس ياۋ قېنىنى تۆكمەستىن ... !
-مەلىلەردە ئاينىپ بارار قانلىق جەڭ ... !
بىز كېلەلمەي قالدۇق دۈشمەن بىلەن تەڭ .
چېكىنمەكلىك كېرەك ئەمدى، شاھزادە،
كاشىغەر خەلقى تۈرگەن بىلەن يەنە يەڭ !
ئاۋاز كېلەر نەلەردىندۇر دادلانغان ،
ئات ئاۋازى ،
كىملەردۇر بۇ ئاتلانغان ؟!
ئوت يانماقتا ،
كاشىغەر ئۈستى تۇمانلىق ،
قانلىق قىرغىن كوچىلاردا باشلانغان .
ئىككى قىلىچ ،
كۆڭلەككە قان تېمىپتۇ ،
مەھمۇد مانا توپ ئالدىدا مېڭىپتۇ .
جەڭ بارىدۇ تار كوچىلار ياقىلاپ ،
تۆكۈلگەن قان ئۈلگۈرۈپتۇ سىڭىپمۇ .
*
بەس ، ئەي ئىنسان ،
راۋا ئەمەس كۈلمەكلىك ،
راۋامىدى كۈلمەي تۇرۇپ ئۆلمەكلىك ؟!
كاشىغەر كۆكسى ئۆرتەنمەكتە ، نە ھال بۇ ؟
ئەمەسمىدى نېسىپ ئەركىن يۈرمەكلىك ؟!
تۇتۇل ئاسمان ،
ئاچچىق يېشىڭ تۆكۈلسۇن ،
بۇ نومۇستىن پۈتۈن ئالەم ئۆكۈنسۇن !
تۇتۇل ئاسمان ،
ئادىل ھۆكمىڭ ئالدىدا
جىنايەتنىڭ قۇزغۇنلىرى يۈكۈنسۇن !
تۈن قاراڭغۇ ،
قۇزغۇن قانات يايغاندەك ،
مۇشۇ ئۇلۇغ يۇرتنى پۈركەپ ئالغاندەك .
كۆيۈك ئارىلاش ھىد ئۇرۇلار دىماغقا ،
يەر -يۈزىدە پەقەت زۇلمەت قالغاندەك ... !
شەھەر ھارغىن ،
ھارغىن يېزا ،قىشلاقلار ،
يانماي قالغان شۇڭا نۇرلۇق چىراغلار .
شەھەر جۇل -جۇل ،
يىرتىلغان بىر كۆڭلەكتەك ،
ئىت -مۈشۈكنىڭ ئۈنى ئۆچكەن بىراقلا !
چوقانلارمۇ ئەمدى قاپتۇ سېلىكىپ ،
ھاردىمۇ يا پالۋانلار كۆپ ئېلىشىپ .
ئۇلار شۇنداق ئۆتتى چېغىر يوللاردىن ،
ماڭدى قىلىچ چۈشمەي كۈچلۈك قوللاردىن .
ئۆتتى چۆلدىن ،
كېچىلىپ تېز كېچىكلەر ،
ئۆتتى ئۇلار ئوتى ئۆچكەن تۇرلاردىن .
*
كىچىك شاھزادە -
ئىبراھىم شاھ بۇ كېچە
تاج كىيپتۇ ئۇ بېشىغا ئۆزگىچە .
قانلىق قىرغىن ،
ئوردا ۋەيران ،
كىملەردۇر
قىلىچلىشار تۇتقۇن بولۇپ ئۆلگىچە .
-كۆيدۈرۈلسۇن !- دېدى ،-تەختنى سۆيمىگەن ،
كۆيدۈرۈلسۇن بىزدىن قېچىپ ئۆلمىگەن .
دار ئالدىغا كەلتۈرۈلگەي مەھمۇدمۇ ،
قەھرىمىزنى ئۇ تېخىچە بىلمىگەن !
مەدرىسەئى <ھامىدىيە >كۆيمەكتە ،
مەدرىسەئى <ساجىيە > كۆيمەكتە .
ئاسراڭلار ،
ئاسراڭلار ،ئەي خالايىق ،
ئۇلۇغ ئوردا ،
تارىخىمىز كۆيمەكتە ... !
كۆيدى كىتاب ،
كۆيدى قۇتلۇق بۇ ماكان ،
بايقا ، بۈگۈن ئەللەمىلەر باغرى قان !
كاشىغەر ۋەيران ،
ئىس ،
تۈتەكنىڭ بېسىمى ،
نارەسىدىگە تېپىلمايدۇ پارچە نان ... !
ئىلىم كۆيەر ،
ئەقىل كۆيەر ،
ساخاۋەت ،
كۆيەر تارىخ ،
ساقلىنىپتۇ ئاداۋەت ،
چىرقىراشلار ،
ھۇۋقۇشلارنىڭ ئاۋازى ،
قىرغىنلاردىن كۆرۈش باركەن ھالاۋەت ... !


سەككىزىنچى باب


مەھمۇد كېلەر ھۆل تاياقنى تايىنىپ ،
مەھمۇد كېلەر ئانا يۇرتتىن ئايرىلىپ .
يىرتىق كۆڭلەك يەلپۈنەر بىر بايراقتەك ،
پۇتى بايا كەتكەن تاشتىن قايرىلىپ .
ھاسا بېرىپ كېلەر ئاڭا كۆپ مەدەت ،
قايرىلغان پۇت قىلمىغىيدى ئېغىر دەرت .
قىلىچلارنى تايىنىپتۇ بەزىلەر ،
بەزىلەردىن چىقىپ قالار ئارىلاپ گەپ .
يالغۇزئاياغ يول پۈتمىكى بولدى تەس ،
يالغۇز ئاياغ يولمۇ ئىكەن ئېگىز -پەس .
چاڭقاقلىقمۇ كۆرسەتمەكتە ئۆزىنى ،
ئاھ ، پالۋانلار قەلبىدە بار قايغۇ -غەش !
كېلەر ئۇلار يېقىلغاننى كۆتۈرۈپ ،
جاراھەتلىك تەنلەر بارار كۆكىرىپ ،
بىرلىرىنى يۆلىشىدۇ بىرلىرى ،
بىرلىرىنىڭ تېڭىقلىرى سۆكۈلۈپ .
ھە ، ئاسمانمۇ تۈرۈۋاپتۇ قوشۇما ،
ئېغىر كۈندە ساخاۋىتىڭ مۇشۇما ؟
قىلارىڭنى ئەمدى سەنمۇ قىلىۋال ،
يەنە قانداق يازمىشىڭ بار ، يوشۇرما !
بىردە <لىپ>قىپ چېقىپ قالار ئوت -چاقماق ،
بولغىنىدەك تۈن باغرىدىن نۇر تاپماق .
بىردە بۇلۇت ،
گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەر ،
بىرىدە سەل تاشقىنلايدۇ بوپ تاشماق .
-يېتىپ كەلدۇق ،-
دېدى ،- مارجانبۇلاققا !
زەپ يېقىملىق ئىدى بۇ ئۈن قۇلاققا .
تولدى كۆكرەك ،
تولدى ھېسقا بۇ كۆڭۈل ،
جىگدە ھىدى ئارىلاش ئېسىل پۇراققا .
ئانا تۇپراق ،
چىمدىم توپاڭ،
دەرگاھىم ،
سەندە قالار مانا مېنىڭ مۇڭ -زارىم .
سېنى تاشلاپ كەتمەك بولدۇم ،نە ھال بۇ ،
نە كۈن كەلدى بۇ بېشىمغا ، خۇدايىم ؟!
ئۇ ئەتراپقا تويماي قارار تەلپۈنۈپ ،
باقتى ئوپال تاغلىرىغا تەلمۈرۈپ .
پۈتمەس خىيال ،
پۈتمەس ئويلار يىغىلدى ،
تۇرار مەھمۇد ھېسلار بىلەن تولغىنىپ .
كۆرگەن ئىدى يېقىندىلا ئۇ بىر چۈش ،
(چۈش كۆرۈشكە بولسىمۇ گەر ئۆزى ئۆچ .)
تۇيۇقسىزدىن گۈلدۈر -چاقماق چېقىلىپ ،
ۋەيرانچىلىق باشلانغانتى تۇشمۇ -تۇش !
قاراڭغۇلۇق ،
ھۆكۈمران سوغ ، ئەندىشە ،
نەدىن پەيدا بولدى مۇنۇ دەدىسە ؟
غەلىتە بىر چىرقىراشلار ئاڭلىنار ،
ئېغىركەنغۇ كۈن نۇرىنى بەرمىسە !
گۈلدۈرلىدى مانا ئەمدى ئەزىز يەر ،
بۇ ئەھۋالغا ئادەم ئەقلى نېمە دەر ؟
پەيدا بولۇپ قالدى يوغان ئەجدىھا ،
سۈمۈرمەكچى توغرا كەلسە تاغنى گەر .
بالىلىرى كېلىشمەكتە يەر يالاپ ،
كېلىشمەكتە ئۇچرىغاننى يەپ ،يالماپ !
بىردەمدىلا بار ئەتراپنى كۆيدۈرۈپ ،
نېمە بولسا قويماي كەلدى ھەم تالاپ .
يەر تاتىلايدۇ ئۇنىڭ قانلىق تىرنىقى ،
ئەجدىھانىڭ شۇنداققۇ شۇم قىلىقى .
بۇ ئەتراپتىن قويمىغاچقا تىرىك جان ،
ئىتتىكلىشىپ كەتتى زەھەر تىنىقى .
ئەمدى يېتەر تىرىك بىر جان قالمىغاچ ،
ئاغزىغا قان ئارىلاش گۆش سالمىغاچ .
بىر -بىرىگە ئالىيىشتى كۆزلىرى ،
يەر سۈپۈرگەن تىللىرىنى يالىغاچ !
پاتمىغاندەك بالىلىرى چىرقىراپ ،
گويا دەھشەت قۇيۇن كەبى پىرقىراپ .
ئانىسىغا ھۇجۇم قىلدى قاراڭلار ،
ھەر تەرەپتىن تالىشىدۇ خىرقىراپ ... !
كۆزلىرىدىن ئوت ياناتتى ،ئاغزى قان ،
بىردەمدىلا مانا ئانا يېرىمجان .
كۆيۈك تەندەك ئىس -تۈتەكنىڭ ئاستىدا
تۇرار ، نېتەي ،
خاراب بولۇپ بۇ ماكان .
ئانىسىنىڭ قاپتۇ يوغان بېشىلا ،
(تالىشىشلار ئەمدى قاچان بېسىلار ؟)
ئەجدىھانىڭ تۇرار قانلىق كۆزلىرى ،
زەھەرلىك تىل يەر سۈپۈرگەن پېتىلا !
بىردەمدىلا ئانىنىمۇ يەپ قويدى ،
بىر-بىرىگە ئەمدى ئۇلار تاشلىنىپ ،
ئەزىز يەرگە بۇ تالاشتىن قان تولدى ... !
ئاسمان يورۇپ قالدى مانا ئەجابا ،
بۇزۇلغان چاغ بۇ ئۆلكىدە پاك ھاۋا .
بىر سۈرمە قۇش قانات سوزۇپ كەلمەكتە،
بولغىنىدەك ئاغرىق تەنگە ئۇ داۋا !
ئەجدىھالار قالدى ئەمدى پۈكلىنىپ ،
ئەجدىھالار قالدى ئەمدى تۈگۈلۈپ .
ئۆرتەنمەكتە ،
مۇنۇ مەخلۇق كۆيمەكتە ،
كەپتىكەن قۇش ئەجەپ ۋاخقا ئۈلگۈرۈپ .
قۇش ئايلىنىپ كۆك گۈمبەزگە قونغاندا،
ئادەم بولدى ئەتراپ نۇرغا تولغاندا .
-يا ھەزرەت !
سۇتۇق بۇغرا قىبلىگاھ ،
مەدەت بەردى باغلاردا گۈل سولغاندا .
-ئۇلۇغ پاناھ ،
مەھمۇدتا ئۈن يوق ئەجەب ،
تۇرۇپ باقتى ئۇ ئورنىدىن تىرەجەپ .
سۆزلەي دېسە تىلى بارۇ ، ئۈنى يوق ،
پۇتى بارۇ ، ماڭالمايدۇ قىزىق گەپ .
ئۇ قىينىلىپ كەتكەنىدى ئويغىنىپ ،
بۇ دەھشەتلىك چۈشىدىن مىڭ تولغىنىپ .
ئۇختىسىغا كەلگىنمۇ، خۇدايىم ،
مۇنداق چۈشنى كۆرمىۋىدىم تۇغۇلۇپ !
ئۇلاشقاندەك بولدى سوغۇق بىر تىترەك ،
بولالماستىن قالدى يۈرەكمۇ تىرەك .
مۇشۇنداق ھال يۈز بەرگەنلەر ئېيتىڭلار ،
مۇشۇنداق ھال باشقا كەلسە نە كېرەك ؟!
*
ئۇ تۇغۇلغان يۇرتىنى ئەتمەكچى تەرك ،
يىتتۈردىغۇ ئۆز يېرىدە ئۇ ئەرك .
ئەرك ئىزدەپ ئاشماقچىغۇ تاغلارنى ،

كەتمەك بولدى شۇڭا دەردكە بوپ غەرق .
قالدى كاشىغەر ،
ئۆتكەن چاغلار يىگىتلىك ،
قالدى ئوپال ،
خۇشپۇراقلىق جىگدىلەر .
ۋادەرىخا ، قالدى يۈرەك يېرىمى ،
پەرۋەردىگار بۇ ھالغا نە دېگۈلۈك ؟!
ئۇ ھاسىنى قولغا ئالدى تەلمۈرۈپ ،
بىر نېمىنى ئيتقىنىدەك يالۋۇرۇپ .
مارجانبۇلاق يېنىغىلا تىكتى -دە ،
-كەتمەكچىمەن !- دېدى ،-سېنى قالدۇرۇپ ،
سېنىڭ بىلەن قالدى ،بىلگىن ،مۇھەببەت ،
مېنىڭ بىلەن بىللە كەتسۇن بارچە دەرت !
كۆكلەپ قالغىن مارجانبۇلاق يېنىدا ،
ئۆزۈڭ ئۆسكەن يەردە ،دوستۇم ، ئامەت بار ئامەت !
كۆكلەپ قالغىن يۇرتىمىزدا< مەن >بولۇپ،
ئۇنتۇمىغاي بۇ يۇرت مېنى سەن تۇرۇپ .
كۆكلەپ قالغىن ، كۆكلەپ قالغىن ،بۇرادەر،
قايغۇ باسار كېتىپ قالساڭ سەن قۇرۇپ !
- ۋاقىت ئەمەس خىياللارغا پۈركىنەر ،
ۋاقىت ئەمەس بۇ ئىشلارغا ئۆكۈنەر ،-
دېدى بىرى قولتۇقىدىن قولتۇقلاپ ،
-ۋاقىت ئەمەس ئەمدى ئارتۇق يۈكۈنەر !
ئارقىمىزدا باردۇر بىزنى بايقىغان ،
باردۇر سۈزۈك بۇلاقلارنى لاي قىلغان .
قېنى دوستلار پامىر بىزنى كۈتمەكتە ،
ئۆز باغرىدىن كۆز ياشلارنى ساي قىلغان .
ئاھ ،ئادەملەر ،
بارمىكىن دەرد كۆرمىگەن ؟!
بارمىكىن دەرد كۆرمەي يەرگە كۆمۈلگەن ؟
دەقىقىلەر ،
ئايرىلار چاغ كەينىدىن
كۆرمىسۇن ،ئاھ ، بۇ دەقىقىنى ئۆلمىگەن !
پامىر يېقىن ،
ئېغىرلىشار قەدەملەر ،
ئېغىرلىشار دىلدىكى بۇ ئەلەملەر .
ئۈزۈلمەستىن كېلەر مېھىر يىپلىرى ،
ئېغىركەنغۇ مۇنداق دەملەر ،
ئادەملەر ... !
پامىر يېقىن ،
كۆزلەردىن ياش تاراملاپ ،
چىقماي قالدى ئەمدى ئۈنلەر جاراڭلاپ .
مۇنداق چاغدا باشقىچىكەن ئۈمىدمۇ ،
دەل -دەرەخلەر بارار ئاستا شالاڭلاپ .
يول باشلىدى ئۈمىدلىرى ئەجەب ئىش ،
بۇلۇت قاپلاپ باشلانغاندەك ئەمدى قىش .
ئارام بولار ئىكەن ئارمان بولسىلا ،
ئارمان -ھايات ،
بار نەرسىكەن ئەمەس چۈش .
ئۇلار ئېگىز <مۇق> يولىغا يەتكەندە ،
ئاھ ، ۋەتەندىن ئۈزۈلمەكمۇ تەسكەن -دە !
قالدى قەبرە ،
قالدى ئۇلۇغ ئەللامە ،
قالدى دىلدا<ۋەتەن> نامى ھامانە .
قالدى ئۆمۈر بويى بولۇپ ئۇنتۇلماس ،
جان بەرگەنلەر ،
ئەرك ئۈچۈن مەردانە ... !
*
<مۇق > يولىغا كۆپ ئادەملەر يەتمىگەن ،
قۇش يولى بۇ ،
قۇشلار تەرك ئەتمىگەن .
<مۇق >يولىنى قۇشلاريولى دەر خەلق ،
ئەلەملىك يول،
دەردى باشتىن كەتمىگەن .
خادا تاشلار كۆرىنىدۇ نەيزىدەك ،
كۆرىنىدۇ قۇشلارغىلا پەيزىدەك .
گىياھلار بار سۇنۇق تاشلار ئۈستىدە ،
سۇنۇق تاشلار كۆرىنەر بىر كەيزىدەك .
ئېغىر دەمدە ،
قۇشلار بىلەن بەسلىشىپ ،
قۇشلار بىلەن مۇڭدىشىپ ھەم بەتلىشىپ .
ئۆتۈپ بارار ئۆز يېرىنى قالدۇرۇپ ،
ئۆتۈپ بارار تارىخ بىلەن گەپلىشىپ .
ئاھ ،<مۇق>يولى ،
مېڭىش كەپتۇ مەھمۇدقا ،
مېڭىش كەپتۇ يۇرتى ئۈچۈن بىر ئوتقا .
يۈرىكىدە قالدى ئەجىر چالىسى ،
قالدى يېرى تالان -تاراج بوپ جۇتقا !
كېتىپ بارار غەزەپتىن تەن شۈركىنىپ ،
تىك چوققىلار بارغىنىدەك يۈكۈنۈپ !
كېتىپ بارار مەھمۇد ئېگىز تاغ بىلەن ،
كېتىپ بارار بۇ ئىشلارغا ئۆكۈنۈپ ... !


توققۇزىنچى باب


بەرگىنى يوق ئوردا بۈگۈن زىياپەت ،
بولغان بىلەن زىياپەتتەك قىياپەت .
ئەزەلدىنلا مەلىك شاھتا بار ئىدى
يېقىنىنى چاقىرغاندا بىر ئادەت :
ئولتۇرغۇزدى مەلىكىنى يېنىغا ،
(ھە ، بۇ شاھنىڭ مەلىكىدەك گۈلى بار .)
مۇڭدىشاتتى قوبۇل قىلماي باشقىنى ،
پىنھان تۇتماس ئىدى دىلدا نېمە بار .
مانا ، بۈگۈن تۈركان خېنىم مەيۈسراق ،
چىرايىدا گۈلنىڭ ئەكسى بار بىراق .
ئولتۇرىدۇ تاجىدارنىڭ يېنىدا ،
مەھمۇدمۇ بار ئىككىسىدىن نېرىراق .
ئولتۇرىدۇ ئۈچى ئۈچ خىل يۇلتۇزدەك ،
تۈننى قىلىپ ئۈچ خىل يۇلتۇز كۈندۈزدەك .
سۆھبەت كاشىغەر ،
ۋەيرانە تەخت ھەققىدە ،
ئۆتتى رەنجىپ كەلگەن پەرزەنت كۆڭۈلدەك .
-ھەسرەت كەپتۇ باغىرلىرىم بېشىغا ،
نېتەي بارماق نېسىپ بولماق قېشىغا ،-
دېدى تۈركان خېنىم ئاچچىق ئۆكۈنۈپ ،
-زەھەر ساپتۇ قېرىنداشلار ئېشىغا ... !
تۈركان خېنىم كۆڭلى بولدى پەرىشان ،
جىمىپ قالغان ئىدى سۆھبەتمۇ شۇئان .
ئارام بەرگەن كەبى بولۇپ مەلىكشاھ ،
دېدى :- زەئىپ قىلار چەكسە كۆپ يىغا .
نە كۈن كۆرمەك ، بارمۇ دىلدا مۇددىئا ؟
مۇددىئاغا كۆرەر چارە بىزدە بار .
يۆلىگەندەك بوپ ھۆكۈمران مەھمۇدنى :
-تولا رەنجىپ چېكىپ كەتمەڭ سىزمۇ ئاھ !
مەھمۇد بېشىنى ئەگدى ، قولى كۆكسىدە ،
قىزارغاندەك ئىككى مەڭزى ھۈپپىدە .
-مەرھەمەتلىك شاھقا رەھمەت ئېيتقايمەن ،
چالا ئەجرىم ...
تەڭرى ئاڭا يەتكۈزەر .
باردى مېنىڭ چالا قالغان ئەجرىم ،
بىللە كەلدى ، ئۇنى تەرك ئەتمىدىم .
تۈركى ئەللەر تىللىرىنىڭ پەرقىنى
يەشمەك ئىدىم ،
تېخى ئاڭا يەتمىدىم .
-ھە ،شۇنداقمۇ ؟
مەقسەت ئۇلۇغ دەڭ ، پەرزەنت !
-كۆپ ئىشلەشكە ،
كۆپ چېكىشكە كېلەر دەرت .
-ئىنشائاللا ، بۇ مەقسەتكە تەختىمىز ،-
دەپ مەلىكە باقتى شاھقا ،-يار ،مەدەت !
-تۈركى تىللار ،-
دېدى مەھمۇد ياندىشىپ ،
-بىر -بىرىنى كەلمىدى تەڭ ئاڭلىشىپ.
ئۆزگىچىدۇر قەبىلىلەر تىللىرى ،
ئۆز تىللىرىنى ئۆتتى ھەركىم داڭلىشىپ .
چېچىلغان ئۇ ، تېرىۋالار كىشى يوق ،
تىلى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىشى يوق .
شۇ بىر بايلىق گۆھەر كەبى يېتىپتۇ ،
رەتلىگەنگە گۆھەرى بار ، تېشى يوق !
مەھمۇد سۆزلەر بۇ ئارماننى يورۇتۇپ ،
ئارمان تاتلىق ئالغانلارغا چىڭ تۇتۇپ .
تۇتاشقان ئۇ پەقەت كۆيۈپ پۈتمەسكە ،
تۇتاشقان ئۇ ئىلىم ئەھلىن يورۇتۇپ .
كەڭ پېشانە ،
ئاھ ، بۇ كۆزلەر خاتىرجەم ،
ئاھ ،بۇ كۆزلەر ئىشەنچ بىلەن بولغان جەم .
شاھ كۆڭلىنى يورۇتقاندەك قىلدى ، پاھ !
سۆز تەپتىگە قاقلىنىپتۇ مەلىكەم .
شاھ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى بۇ قېتىم ،
ئۇلۇغلىغان كەبى مەھمۇد جۈرئىتىن .
-بارىكاللا !
بۇ ئالىيلىق ،-دېدى ئۇ
ئۆلچىگەندەك بولۇپ ئۇنىڭ قىممىتىن ،
-بۇ بىباھا ئىشقا تىللا چاچقايمەن ،
ھۆرمىتىگە خەزىنەمنى ئاچقايمەن .
ئاختۇرغاندا تۈركى ئەللەر زىمىنىن ،
سىزگە ياخشى دوستلىرىمنى قاتقايمەن .
پاناھ بولغاي، مەھمۇد ،ئۇلۇغ تەڭرىمىز ،
ساخاۋەتلىك تەرىپىدىن كەڭرى بىز .
ھەر قەبىلە ،
ھەر زېمىنغا بارغاندا ،
سايە بەرگەي بىزنىڭ پەرمان ، ئەمرىمىز !
شاھ بىر قاراپ مەلىكىگە تىكىلدى ،
مەلىكە شاھ ئالدىغا كەپ يۈكۈندى .
-رەھمەت ،شاھىم ،ماڭا يېنىك قىلدىلا
قايغۇلاردىن ئېغىرلاشقان يۈكۈمنى ،-
دەپ مەلىكە شاھ كۆڭلىدىن چىققاندەك ،
بولدى مۇشۇ سۆھبەتتىن ئۇ ئۇتقاندەك .
بولدى كۆڭۈل پەتنۇسىدا مەھمۇدقا
ياخشىلىقنىڭ بارىن سېلىپ تۇتقاندەك .
ئۈمىدسىز دىل يەنە ياندى ئارماندا ،
ئوخشايتتى ئوت ئايلانغان بىر پەرمانغا .
سۇنغان تەلەي
بىخ چىقاردى قايتىدىن ،
كۈچ قېتىلدى ھالسىزلانغان دەرمانغا .
ئۇ قاناتلىق مۇشۇ تاپتا بىر شۇڭقار ،
پەرۋازىغا ئەمەس ھازىر زېمىن تار !
ئارمان يانار ،
ئارمان ئۇلۇغ ھەمىشە ،
بۇ ئارمانغا باغدات بولۇپ تۇردى يار .


ئونىنچى باب


كۈن كۆيدۈرەر ،
ھۆپۈلدەيدۇ بۇ ئىسسىق ،
يەرنى دەسسەپ بولمايدۇ ، ئاھ ، يەر قىزىق .
شامالسىز چۆل گويا تونۇر تەپتىدەك ،
چاڭقاق تەنگە سانچىلغاندەك ئوتلۇق زىق !
ھارغىن كارۋان ئاستا تاشلار قەدەمنى،
زېرىكتۈرەر بىللە ماڭغان ئادەمنى .
بېشى تۆۋەن ساڭگىلىغان جانۋارلار
بىر يىلغا تەڭ قىلىپ چامدار بىر دەمنى .
*
... كېچە بىلەن كۆچەيلى ،
يانار سۈيىن كېچەيلى ...
ناخشا كېلەر ئەمدى يېقىن يېزىدىن ،
ناخشا كېلەر شۇ يېزىنىڭ قىزىدىن .
كارۋانبېشى شۇ تەرەپكە بۇرالدى
كىملەرنىڭدۇ سېلىپ كەتكەن ئىزىدىن .
ناخشا ئۈنى ئەمدى يېقىنلاشماقتا ،
ناخشا ئۈمىد يۇلتۇزىنى چاچماقتا .
ناخشا خىيال باسقان مۇنۇ يۈزلەرنىڭ
ئۈگدەك ئارىلاش كۆزلىرىنى ئاچماقتا .
كېچە بىلەن كۆچەيلى ،
يانار سۈيىن كېچەيلى ... !
سۇ بويىدا ئولتۇرۇپتۇ بوۋايلار ،
سۆزگە چېۋەر ئاق روماللىق مومايلار .
يول ئازابى چىقىپ تۇرغان بۇ ئادەم
تونۇشۇپمۇ ئۈلگۈرگەندەك ئوڭايلا .
-تىنما بالام ! -
دېدى موماي ئېسەنكىرەپ ،
نېمىشقىدۇر بىرنەرسىدىن ئەنسىرەپ .
<ئوغۇزلاركەن !>دېدى مەھمۇد ئىچىدە ،
قېرىلىقتىن ئاران ماڭار ھاسىراپ .
<تىنما !>دەيدۇ توختىماقچى بولغاننى ،
يىراق جايدىن كېلىپ خورجۇن قويغاننى .
دېمەك ، خاتا بۇ ئىبارە ،دەپ مەھمۇد ،
<تىنما >دەيدۇ تىنىپ بولغان بىر جاننى .
<ئادەت قالماس ، ئەل قالار >دەپ بۇ ئەلدە،
كۆپ ئىشلارنى كۆرەر جېنى بار تەندە .
ئۆزلىرىدىن باردەك تۇرار سورارىم ،
رەنجىمىگەي ، مېھمان بىزغۇ بىر بەندە .
كۆرۈنگەنگە ئەل ئارىلاپ كەلگەندەك ،
تۇرمايلىلا يۇرتلىرىدىن بەزگەندەك.
<تىل تۈگكەننى چىش يېشەلمەس >دەيدىكەن ،
كەپ قاپتىلا بىزگە خۇدا بەرگەندەك .
-ئەل كەزگىنىم چىقىپ تۇرار تۇرقۇمدىن ،
ئۇزۇن بولدى مەن چىققىلى يۇرتۇمدىن .
-ماكانلىرى يىراقمىكىن ، يېقىنمۇ ؟
-كاشىغەر ،
باغداد خەۋەردار بار -يوقۇمدىن .
-ھەق ،راست ،
-ھەق ،راست !-
دېدى ساقال سىقىملاپ ،
بىرى قۇملۇق تاشلىرىنى ئۇچۇملاپ .
-<ئالدىراقسان چىۋىن سۈتكە چۈشەر >دەر ،
دەم ئالايلى ،
ماڭدى بىرى قولتۇقلاپ .
<تىل تۈگكەننى ... >
دېدى مەھمۇد پىچىرلاپ ،
ئۇنىڭ قەلبى كەتتى بىردىن تېپىرلاپ ،
<چىش يېشەلمەس >،
قاراڭلارچۇ تىلدىكى
بايلىقلارنى يىغمىدۇققۇ ئوچۇملاپ ...
مەھمۇد تۇتقۇن بولدى خىيال ئىلكىگە ،
ئىگە بولغان كەبى ئەۋلاد مۈلكىگە ،
كۆز ئالدىدا تۇرار ئۇلۇغ بۇغراخان ،
ئۇستازنىڭ قاراپ كۆڭۈل كۆكىگە .
ئىللىق ئۇستاز :
-توققۇز ئوغۇز ،
ئون ئۇيغۇر
يۈرگەن مۇشۇ كەڭ دىيارغا بوپ تۇرغۇن .
بەك بۇرۇنلا تىكلىگەن بۇ خانلىقنى ،
جەڭلەر بولغان ،ئاھ ، نۇرغۇن ... !
-ئۇزۇن تارىخ ،
تەكرارلىدى ھەم سۇتۇق ،
ئۇزۇن تارىخ بوپ قالدىغۇ بۇ قۇتلۇق .
مەھمۇد سۇتۇق بىلەن تۇرغاندەك ،
قەلبى كۆيەر ،
قەلبى كۆيەر ، پاھ ، ئوتلۇق !
بىر بوۋاي كەپ بۇزدى مەھمۇد خىيالىن ،
خىيال ئارىلاش كېلىۋاتقان پىلانىن .
ئەجەب مېھرىن قويدى ھارغىن بۇ زاتقا ،
تاپقىنىدەك چىگىش ئويلار ئامالىن .
-شۇنداق قىلىپ مېھمىنىمىز بولغاي قۇت ،
مېھمان ئۈچۈن داستىخانلىق مۇشۇ يۇرت .
-رەھمەت تەقسىر ،
-نەدۇر ئەينى مۇددىئا ؟
-ئەلنى كەزمەك ،
پۈكۈلمىسە يولدا پۇت .
ئارغۇلارغا سالام بېرىپ ئۆتكەيمەن ،
غازاڭ چۈشسە ياغمىلارغا يەتكەيمەن .
مەن بىر سەيياھ ،
مەرھەمەتتىن كۆرۈپ كۈن ،
غەزىپىڭلار بولسا بىردىن يىتكەيمەن !
-ئەۋلىيامۇ ؟-
-دېدى بىر پىچىرلاپ ،
كەتكىنىدەك بولۇپ قەلبى تېپىرلاپ .
-ئۆيگە ، مېھمان ، جاي قىلىنغان سىلىگە ،-
دەر ئالقانغا ئالغىنىدەك ئوچۇملاپ .
-خىزمىتىنى قىلىشايلى، بوۋايلار،
بۇ زات كۆڭلىن ئېلىش ئەمەس ئوڭايلا .
شۇنداق بولدى ئەڭ دەسلەپكى ئۇچرىشىش ،
ھېجىرلاردا قېتىق سۇنۇپ مومايلا ...
*
بىردىن بىرى بوۋىينى شەرەت قىپ ،
ئۆز يېنىغا كېلىشىنى تەلەپ قىپ .
چاقىرغاننى بوۋاي سالدى كۆرمەسكە ،
گەپنى بۇزماي تۇرۇپ باقتى غەيرەت قىپ .
موماي بولسا رەڭگى ئۆچۈپ شەرەتلەر ،
قولى بىلەن بىر نەرسىنى تەرىپلەر .
كۆرسىتىدۇ ئالدىدىكى تۈزلەڭنى ،
تۈزلەڭدە ئەل ،
كۆپى مۇشۇ يەرلىكلەر .
چاچلار چوۋۇق ،
يالاڭ ئاياغ ئاياللار ،
ھېچكىم دېمەس بۇ جانلارنى <ئاياڭلار !>
نارەسىدىلەر تاش -توپىغا تاشلانغان ،
<خۇدا !>دەپ ياش تۆكۈشمەكتە ، قاراڭلار !
باش قويۇشۇپ ، ياغدى ئەمدى تىلەكلەر ،
تىلەك تىلەپ كۆتۈرۈلدى بىلەكلەر .
سۈرلۈكرەك بولدى مۇشۇ ئىبارە ،
يىغا بىلەن سۆزلىمەكتە يۈرەكلەر .
تەلەپ قىلار تەلمۈرۈشۈپ ساماغا ،
دېگىنىدەك :
-چەكسىزلىكتە خۇدا بار !
داۋام قىلدى خېلى ئۇزۇن بۇ تاۋاپ ،
تاۋاپ دېگەن بەندە ئۈچۈن كۆپ ساۋاب .
مەھمۇد ھەيران ،
مۇشۇ تاۋاپ تۈپەيلى
يامغۇر قۇيدى كەتمەي تېخى ئەل تاراپ .
يامغۇر قۇيار مانا ئەمدى چېلەكلەپ ،
بۇلۇتلارنى ئەكەلگەندەك يېتەكلەپ .
بەندىسىگە سېخىي ئىكەن تەڭرىمۇ ،
بېرىدىكەن خالىغانغا ئېتەكلەپ .
كۆز ئالدىدا بولدى بۇ ئىش مانا نەق ،
كۆز ئالدىدىن كەتمەي تۇرۇپ تېخى خەق !
تىل ئايرىمى بولغان بىلەن بىراقتا ،
بۇنداق ئىشلار تارىخ بولۇپ قالار نەق !
ياغاچ كەپە ،
چىراغ كۆيەر ئىسلىشىپ ،
ئاجىز نۇردا كەپە ئىچىن ئىس بېسىپ .
مەھمۇد چېگىش ئويلىرىنىڭ تۇتقۇنى ،
تۇرار جۈملە ،
تۇرار جۈملە بىلەن سۆزلىشىپ .
ئارغۇلاردا <ي>،<يا> <نې >غا ئالمىشىپ ،
كېلىدىكەن بىر -بىرىگە باغلىشىپ .
پېئىللار بۇ قائىدىگە بوي سۇنۇپ ،
ھەممە تۇرار جانىلىق تىلدەك ئاڭلىنىپ .
-كۆل بېلىقلىق،-
دېگەنىكەن ،-پاتقاقلىق ،
ھارۋا سېلىپ قىلما يەنە ئاخماقلىق !
ئۇيغۇرلاردا شەھەر بولسا بىرەر جاي ،
<بېلىقلاندى >
دېگەن سۆز بار ئاتاقلىق .
پەرقلەرنى ئۇ ئېنىقلاپ يەشمەكتە ،
پەرقلەرنىڭ تېگىگە ھەم يەتمەكتە .
جۈملىلەرگە كۈنلەپ چۆكۈپ ئولتۇرار ،
ئاھ ، بۇ سۆزلەر ئۇنى مەپتۇن ئەتمەكتە .
*

كېچە بولغان بىر سۆھبەتنى ئەسلىدى ،
(بۇنداق سۆھبەت بولمىقىمۇ تەس ئىدى .)
يىل نامىچۈن بولغاندەك بىر رىۋايەت ،
دەپ مەھمۇدقا بوۋاي سۆزنى باشلىدى :
-تاۋغاچلاردا باشلانغانىكەن قانلىق جەڭ ،
ياۋ كۈچىمۇ كەلگەن ئەمما تەڭمۇ -تەڭ !
شۇ جەڭدىكى پالۋانلارنىڭ ئىشى زور ،
قورال ئالغان ئاياللارمۇ تۈرۈپ يەڭ .
ئاھ ، قانلىق جەڭ ،
بىخۇدلۇقنىڭ دەردىنى ،
سۇندۇرغاندەك ئۇرۇش گۈلنىڭ بەرگىنى .
پەرزەنتلەرنىڭ قىرىلغىنىن دېمەمسىز ،
بولغان ئۇمۇ تەڭرىمىزنىڭ بەرگىنى .
-قايسى يىلى بولغان بۇ جەڭ ؟
-ھەي توۋا !
يىل ، ئايلارنى ئەسلەلمىدى ئۇ ئەمما ،
-قايسى پەسىل ؟
-قايسى ئايدا ؟
-قايسى كۈن ؟
-يېڭىلمىسەم، بولغانغۇ جەڭ بۇلتۇرلا .
-جەڭنى ئۇنتۇپ قالمىدۇققۇ بۇرادەر ،
نۇمۇس قانلىق جەڭنى ئۇنتۇپ قالسا گەر .
-قايسى يىلى ،
قايسى ئايدا بولغان جەڭ ؟
يىل ئېتىنى ئېيتىپ بېرەر بارمۇ ئەر ؟
بىرى دەيدۇ :
-قوناق پۆپۈك چىقارغان ،
جەڭگە كېتىپ ئېتىزلاردا ئىش قالغان .
-يوق گەپنى قوي ،-
دەيدۇ بىرى غەزەپتە ،
-قايسى چاغدا بىزنى خاقان چاقىرغان ؟
ئەسلىيەلمىدى ،
ۋاقىت ئەستە قالماپتۇ ،
نامسىز يىللار يىتتۈرۈپتۇ ،يالماپتۇ .
ئۇنتۇلمىغان بىلەن ئەلنىڭ كۆڭلىدىن ،
ۋاقىت نامىن ھېچكىم تىلغا ئالماپتۇ .
شۇندا ئۇلار تۈزدى مۇنداق كېلىشىم ،
كېلىشىمدە بولدى ئېسىل بىر يېشىم .
ئايرىغايمىز يىللار بىلەن پەسىلنى ،
-مۇشۇ بولغاي ،-دېدى تاۋغاچ ،-ئىش بېشىم .
ھايۋانلارنى ھەيدەپ ئىلى دەرياغا ،
ھەيدەپ قويدى كۆزەتچىلەر ساي -سايغا .
سۇدىن ئۈزۈپ چىققانلارنى بەلگىلەپ
بەرمەك بولدى ئارزۇلاپ يىل نامىغا .
ھەممە ھەيدەپ قوغلانماقتا ئورماندىن ،
سۇغا چۈشتى قۇتۇلماستىن بۇ ئاندىن .
يولۋاس ،
توخۇ ،
ئات ،ئېشەكمۇ قوغلاندى .
خەۋەر ئېلىپ تۇردى ئىلى بويىدا ،
بولۇپ يىلنى ئېنىقلاشنىڭ كويىدا .
ئىلى بولسا دولقۇنلىنىپ ئاقاتتى ،
قېتىلغاندەك تاۋغاچ خاننىڭ ئويىغا .
-مەلۇم قىلغىن ئەڭ دەسلەپكى ئۆتكەننى ،
مەلۇم قىلغىن سۇغا كىرمەي مۆككەننى .
-ئەنە ،شاھىم ،چاشقان ئۈزۈپ كەلمەكتە ،
-چاشقان دەمسەن ؟
بىلگىنىدەك كۈتكەننى .
- يا بىسمىللا ، چاشقان يىلى باشلاندى ،
يىل بېشىغا ئەمدى قەدەم تاشلاندى .
-يەنە قايسى ؟
-كالا ،
توخۇ ،
يولۋاس ،
ئات .
-ئېيتىۋەرگىن قىرغا قەدەم باسقاننى .
-ئون ئىككىسى ئۆتەلىدى دەريادىن ،
كېتەي دەپتۇ -ھە ،ئۇلارمۇدەرماندىن .
-ھەر بىرىگە بىر يىل نامىن بەرگەيمەن ،
يىل نامى بوپ ئۆتكەي بۇلار زاماندىن .
شۇنداق قىلىپ پەيدا بولدى يىل نامى ،
ھەل بولغاندەك تاۋغاچ خاننىڭ ئارمانى .
توختىغاندەك بولدى مەھمۇد يېزىشتىن ،
تاڭ سۈزۈلۈپ كېتەي دەپتۇ دەرمانى ...
*

بەك يىراقتىن كارۋان كېلەر كولدۇڭلاپ ،
دىلغا يېقىن ئارمان كېلەر ئۇدۇللاپ .
مەھمۇد ياتار خورجۇنىدا قوللىرى ،
سۇ بولسا -ھە !
تۇرالمايدۇ نە چارە ،
كۆزلەردە قۇم ،
ئاچالمايدۇ بىچارە .
ھالسىز ياتار چۆل تەپتىگە قاقلىنىپ ،
غىرىچ يەرنى ئالغىنىدەك ئىجارە .
ئاڭلىنىدۇ ئەمدى بىر ئۈن بەك غۇۋا ،
-جېنى بارمۇ ؟
-باردەك تۇرار ،ھەي توۋا !
-قاراڭلارچۇ ، خورجۇندىكەن ئىككى قول ،
كىرىشىپلا كەتكەنكەنغۇ ، ئاھ خۇدا !
مەھمۇد ئاستا ئاچماق بولار كۆزىنى ،
كىملەرنىڭدۇر ئاڭلاپ قىلغان سۆزىنى .
كىملەرنىدۇر قۇچاقلىماق بولدى ئۇ ،
تۇرالمايدۇ دەڭسەپ باقسا ئۆزىنى .
ئۇ لەۋلىرىن قىمىرلىتىپ ئۈلگۈرمەي ،
تۇرغان چاغدا كۆزىن ئېچىپ سۆزلەلمەي ،
ئادەملەرنى كۆردى بېشىن يۆلىگەن ،
قانداق چىدار ئۇلار ئوچۇم سۇ بەرمەي .
-تەڭرى شەپقەت قىلىپ قايتا بەردى جان ،
تەڭرى شەپقەت قىلىپ ئەمدى ماڭدى قان .
دېدى بىرى خورجۇنغا كۆز يۈگۈرتۈپ ،
خورجۇنىدا نېمە باركىن ؟
-بەلكى نان !
-تەگمە بۇ زات ئۆزىمىزدىن ئەمەستەك ،
-كۆرۈنىدۇ بىزنىڭ تىلنى بىلمەستەك .
كىيگەن تونى ئوخشىمايدۇ قاراڭلار ،
راۋا ئەمەس مۇساپىرنى رەنجىتسەك .
شۇندا مەھمۇد ئاستا تۇردى ئورنىدىن ،
قۇم تۆكۈلۈپ تۇرار قۇلاق ،بۇرنىدىن .
چۆلنى بوران سۈپۈرگەندە ھۇۋلىشىپ ،
قالغان ئىكەن مۇشۇ يەردە يولىدىن .
ئاھ ،دېڭىزدەك قۇم -بوراندا مەن ئاقتىم ،
كۆز ئاچالماي چۆلدە ئۆتتى كۆپ ۋاقتىم .
ماغدۇر كەتكەن چاغدا تەڭرىم سىلەرنى ،
ئاتا قىپتۇ ،
يولۇققىنىم زور بەختىم !
-ياغمىلاربىز .
-ياغما دەمسىز ؟
ئاھ ،تەڭرىم ،
بار ئىدىغۇ ياغمىلاردىن گۈل تەرگۈم .
نىيىتىمگە يەنكۈزگىنىن قاراڭلار ،
يېتەلمىسەم سۇنار ئىدى گۈل بەرگىم .
-تەڭرى بىزنى ئۇچراشتۇردى مەشەدىن ،
ئېيتسىلىكەن ئۆزلىرى كىم ،
يۇرت نەدىن ؟
-مەن بىر سەيياھ ،
ئۇيغۇردىنمەن شۇنداقلا ،
يۇرتۇم مېنىڭ ،
يۇرتۇم مېنىڭ كاشىغەردىن .
-كاشىغەردىن ؟
-كاشىغەردىن ؟!
قوللار كەتتى ياقىغا ،
داجىغاندەك بولۇپ بىرى ئارقىغا .
ئۇلۇغ يۇرتنىڭ ئادەملىرى كەپتۇ -دە ،
كاشىغەرلىكنى كۆرۈپتۇ -دە ، ياغمىلار !
قوللىرىنى ئاران ئالدۇق بوشىتىپ ،
خورجۇن بىلەن قالغانلىرىمۇ بوغىشىپ ؟
-خورجۇنۇمدا ئەجىرلىرىم تۈگۈنى،
بوران ئېلىپ قاچماق بولغان ھۇۋلىشىپ !
شۇڭا ئۇنى كۆكرىكىمگە باسقانمەن ،
بوي بەرمەستىن خېلى قىردىن ئاشقانمەن !
پىرقىرىغان چاغدا قۇيۇن كەتمەستىن ،
خورجۇن بىلەن مۇشۇ جايدا ياتقانمەن .
ئاچتى مەھمۇد خورجۇنىنىڭ بېشىنى ،
كۆرسەتمەك بوپ ئۇنىڭ ئىچى -تېشىنى .
-قەغەزلەرغۇ ؟-
دېدى كۆرۈپ تۇرغانلار ،
قاقتى بىرى چاپىنىنىڭ پېشىنى !


ئون بىرىنچى باب


ئالدىرايدۇ بۇ ئادەملەر قاراڭلار !
خۇشاللىقتىن دېرەك بېرەر ، قاراڭلار .
ئاتلىقمۇ بار ،
ئارىسىدا ھارۋىلىق ،
نەگە شۇنچە ،
سوراڭلارچۇ ، ئامال بار ؟
ئاۋۇ ئايال بالىسىنى ھاپاشلاپ ،
كېتىپ بارار بىرلىرىگە يول باشلاپ.
كاشىغەرلىكتەك تۇرار مۇشۇ ئاقساقال ،
ھارۋىسىغا يېتىۋاپتۇ يانپاشلاپ .
سوراڭلارچۇ ، ئۇلار ماڭدى قاياققا ؟
نېمە ئۈچۈن تۇرۇپتۇ يۇرت ئاياققا ؟
ياكى بازار قىزىقتۇرۇپ قاپتۇمۇ ،
ئالدىرىدىمۇ يېڭى كېيىم ئالماققا ؟
ئەكىرگەنمۇ مۇنۇ ھارۋا ئۆرۈك ، قاق ،
قىستاڭلارغا چۈشۈپ چىقار قىڭغىر چاق .
چاققا باقماي ، قامچا ئۇرار ئېتىغا ،
نەگە شۇنچە ،
دوستۇم ،قېنى سوراپ باق !
مۇنۇ چوكان قىڭغىر كىيىپ تۇمىقىن ،
ئېلىۋاپتۇ قۇچىقىغا بوۋىقىن .
ئالدىراشلىق چىقىپ تۇرار ئەپتىدىن ،
نەگە شۇنچە ،
بۇ چوكاندىن سورىغىن ؟
سوراڭلارچۇ ، يۇرت بۇلاردىن ئامال بار ،
سوراڭلارچۇ ، يېقىنلىغۇ ئاراڭلار ؟
ھەممسىنىڭ چېھرىسىدە ئىللىقلىق ،
خۇشاللىقنىڭ ئەكسى بارغۇ ، قاراڭلا !
*

ھەي ، بۇرادەر ، نەگە شۇنچە ئالدىراش ،
نەگە شۇنچە چاپسان مېڭىپ جان تالاش ؟
قىلىپتۇمۇ يا شەھەرلىك بايۋەتچە
كەمبەغەلگە بىر ئېتىنى خامتالاش ؟
-ئاڭلىماپسەن يېڭىلىقنى ھەي يۇرتلۇق ،
بار ئىكەن -دە ، شۇنچىۋالا بىخۇدلۇق !
پۈتۈپتىغۇ <تۈركى تىللار دىۋانى >،
ئىشقۇ ،دوستۇم ، بۇ بىز ئۈچۈن ئەڭ قۇتلۇق !
-<جاھاننەما >
پۈتۈپتىمۇ بۇرادەر ؟
ساخاۋەتلىك بۇ ئىش ئۈچۈن قولۇڭ بەر !
شۇ سەۋەبتىن باغدادنىڭ پاك قوينىنى ،
خاسىيەتلىك ئاسمىنىنى يورۇق دەر !
- <جاھاننەما > ئۈلگۈرمەپتۇ كۆچۈرۈلۈپ ،
خەتتاتلارمۇ كەتتى ئەمدى كۆتۈرۈلۈپ .
بۇيرۇتمىلار ...
بۇيرۇتمىلار بار مىڭلاپ ،
تەگمەي تۇرار ئەل قولىغا ئۈلگۈرۈپ .
ئەل كەلمەكتە بەرمەك ئۈچۈن بۇيرۇتما ،
پۇلى ئازلار ،
كېتىپ بارار پۇللۇقمۇ .
كابۇل ،
تېھران خەتتاتلىرى يىغىلىپ ،
بىزدىن بۇرۇن ئېلىپ بوپتۇ چىنلىقمۇ .
<نىزامىيە >مەدرىسىدە ئىش باشقا ،
شاھتىن بۈگۈن چېچىلغاندەك بىر چاچقا .
تالىپلارنىڭ قولى كىتاب رەتلەشتە ،
تېپىلىپتۇ ئەمدى ئىشمۇ نەققاشقا .
بېزىلىپتۇ كىتابنىڭ بەت -بەتلىرى ،
گۈل ئارىلاپ يېزىلىپتۇ خەتلىرى .
ھەر بىر بەتنىڭ مەزمۇنىنى ئاچقاندەك ،
نەقىشلىك بوپ كۆرىنەر بەت چەكلىرى .
ھەر بەت ئۈچۈن دىلدىن بېرىپ ھارارەت ،
خەتلىرىدىن ئېلىپ ئۆزى ھالاۋەت .
بىر جۈملىدىن بىر جۈملىنى ئايرىشتا ،
كۆڭۈل قويۇپ يازىدىكەن ئالامەت !
خەتلەر چۈشەر بۇ نەقىشلىك بەتلەرگە ،
بەتلەر تولۇپ بارار گۈللۈك خەتلەرگە .
تېخى تولۇق يەتمىگەنتى بۇ كىتاب ،
نۆۋەت كۈتۈپ تۇرغان مۇنۇ خەقلەرگە .
ئاھ ، خەتتاتلار
چىداملىقكەن شۇنچىلىك ،
كىم بۇلارغا غەيرەت بەرگەن مۇنچىلىك ؟
كۈندىن -كۈنگە كۆپەيمەكتە بۇيرۇتما ،
خەتتاتلىقمۇ ئىكەنغۇ بىر گۈلچىلىك .
كۆچۈرۈلەر كۈندۈزى ھەم تۈنىدە،
كۆچۈرۈلەر قويۇپ كۆڭۈل تۆرىگە .
قاراڭلارچۇ ، <جاھاننەما > تۈپەيلى
خەتتاتنىڭمۇ نامى چىقتى ئۆرىگە .
*

مەلىك شاھمۇ كۆرىنىدۇ مۇلايىم ،
ئىنساب بەرگەن كەبى بۈگۈن خۇدايىم .
خوشلۇقىدىن قوللىرىنى ئۇۋۇلار ،
شاھلار شۇنداق بولسا ئىدى ھەردائىم .
-شۇنداق قىلىپ كىتابقا كۆپ خېرىدار ،
دېدىڭلارمۇ باغدادتا جېق ئادەم بار ؟
-ھەق راست ،شاھىم ،
بۇ تەرەپتىن ئاجىز بىز ،
بولماي كەلدى خەتتاتلارغا ئوردا يار .
بار ،شاھلارنىڭ ،شاھىم سىزگە سالىمى ،
بايان قىپتۇ <تۈركىي تىللار > نامىنى .
<نېسىپ بولغاي بىزگىمۇ >،-
دەپ سوراپتۇ ،
ئۈلگۈرەلمەي تۇرماقتىمىز يامىنى .
ئالەم كۆزى ئەمدى ،شاھىم ، باغداتتا ،
يەتكۈزگەندەك قىلدى كىتاب ھەقدادقا .
يورۇپ بارار باغدادنىڭمۇ چىرايى ،
مەھمۇد ئەجرى بىلەن، شاھىم ، شۇ تاپتا .
شاھ ئۇرنىدىن تۇرۇپ كەتتى ئەمدى دەس ،
ئالەم كۆزى چۈشكەن جايدۇر مۇقەددەس !
ئالەم كۆزى چۈشمەكتىكەن باغدادقا ،
باشقىچە يول تۇتماق دەركار ئەمدى ، بەس !
- ۋەزىر !
-لەببەي !
-بارغاي خانلىق خەتتاتلار ،
بارغاي رەسسام بىلەن ئۇستا نەققاشلار !
مېنىڭ نامىم بىلەن بولغاي ھەرنە ئىش ،
مېنىڭ نامىم بىلەن ،ۋەزىر، ئىش باشلا !
-قۇللۇق شاھىم !
-چەتكە بېئىز چىقمىغاي ،
چەتتىن داڭلىق رەسسام تەكلىپ قىلىنغاي !
بېرىلىدۇ ئوردىمىزدىن ئىئانە ،
شەرتنى بۇزسا جەرىمانە ئېلىنغاي !
- بەجا ، شاھىم !
بۇيرۇتمىلار ،
ھەركۈنى ئەل يۈزلىگەن ،
يۈلىگەن ئەل كېلەر ئۈمىد ئۈزمىگەن .
خەتتات بىلەن كەشتە چېكەر نەققاشلار ،
شاھلارمۇ بار پۈتۈشىنى كۆزلىگەن .
باغدات يولى ،
ھە ،قانچىلىك ئاۋات يول ،
ئادەم تولا ،
تەڭرىم ، ئۆزۈڭ ئاگاھ بول !
كۆرىنىدۇ تۇلپار مىنىپ ئۆتكەنلەر ،
كۆرىنىدۇ ھاسا تۇتۇپ ماڭغان قول .
باغداد يولى ،
بۇ قەدىمىي ئاۋات يول ... !


ئون ئىككىنچى باب


-< جاھاننەما >،
ئەل قويۇپتۇ بۇ نامنى ،
ئەل تولدۇرار بولسا ئارتۇق ھەم كەمنى .
ئۆچۈرەلمەس قۇم ياغسىمۇ ئاسماندىن ،
يۇرت يارىتىپ يېقىپ كەتكەن بىر شامنى .
-ئۇلۇغ باھا !
-<جاھاننەما > راستىنلا .
-بېرىلىپتۇ كۆپنىڭ قەلبى بوپ لىللا .
-<تۈركىي تىللار >
<جاھاننەما > بوپقاپتۇ ،
باشلانماستىن تۇرۇپ تېخى بىسمىللا !
-ھېچكىم ئۇنى مۇشۇ نامدا سۇنمىغان .
-نېچۈن كىتاب ئۆز نامىدا تۇرمىغان ؟
<تۈركىي تىللار >دەپ ناملىسا ھەزرىتىم ،
كىملەر ئىكەن نامى بىلەن قويمىغان ؟!
-ئۆز خەلقىغۇ جاھانغا تەڭ ئەيلىگەن ،
جاھانغا تەڭ نام بولمىسا بەرمىگەن .
-راست ، جاھانغا تەڭداش كىتاب .
-ئۆلمەس ئۇ ،
-كاشىغەريى بۇ گۈلنى ئاسان تەرمىگەن .
-كاشىغەرىيمۇ ؟
كەچۈرگەيلا ھەزرىتىم ،
سوئالىم بار ،
ئاڭلاپ قالاي بۇ قېتىم .
سوئالىم بار يۈرىكىمدە ساقلانغان ،
كاشىغەرلىكمەن ،
ئۆزلىرىدىن يوق يېتىم .
ئۆزلىرىنى <كاشىغەرىي >دەپ ناملاپلا ،
مۇشۇ نامنى لايىق دەپ تېپىپ تاللاپلا .
سەۋەبى نە ؟
كەچۈرگەيلا ھەزرىتىم ،
قالسا رازى پېقىر ئاڭلاپلا !
ئولتۇرغانلار بۇ سوئالدىن ئىدى خوش ،
بۇ سوئالىنىڭ يىلتىزى چىڭ ، ئەمەس بوش .
مۇشۇ تاپتا ھەزرىتىمدە ھەممە كۆز ،
پەرۋازغا تەق تۇرغىنىدەك ئۇچقۇر قۇش .
سۆھبەت ئالدى باشقىچىلا قىياپەت ،
باشقىچە تۈس ئالدى ئەمدى زىياپەت .
ئەزەلدىنلا مۆتىۋەرلەر يىغىلسا ،
ئۇلۇغ ئىشلار سۆزلىنىدىغان بار ئادەت .
- راست كاشىغەرنى نامىم قىلىپ تاللىدىم ،
كاشىغەرىمنى ئۇنتۇپ نەپەس ئالمىدىم .
ئۆمۈر بويى تۇردى كاشىغەر دىلىمدا ،
شۇ سەۋەپتىن ئوت -يالقۇنسىز قالمىدىم .
ئەجرىمنى كۆتۈردى ئەل ئالقانغا ،
<جاھاننەما >قىلىپ بۈيۈك ئاسمانغا .
ئەجرىم بىلەن بىللە تۇرسا كاشىغەرىم ،
رەھمەت ئەلگە ،
بۈيۈكلەرنى قوشقانغا !-
دېدى مەھمۇد ساقىلىنى بىر سىلاپ ،
چېچىلغاندەك بولۇپ كەتتى نۇر -ئاپتاپ .
ھەممە جىمجىت ،
كۆڭۈللەردە يورۇقلۇق ،
كەڭ جاھانغا قىلشقاندەك بوپ خىتاب !
مېھىر قويۇپ تاڭ قالغىنى راست ئالەم ،
ئەجرى بىلەن ئالەمگە تەڭ بۇ ئادەم .
سۆزلەر كاشىغەر -
دىيارىنىڭ نامىنى ،
تەخەللۇس قىپ يۈرگىنىنى ئۇ ھەردەم .
-كاشىغەر نېمە ؟
كىم قويغان بۇ ئات بولدى ؟


نە سەۋەبتىن كاشىغەر ئۈچۈن گەپ بولدى ؟
- كاشىغەر دېگەن ئىسىم نەدىن چىقىپتۇ ،
بۇنى سوراپ قالغىنىڭلار خوپ بولدى .
شامان دىنى بولغان چاغدا ھۆكۈمران ،
قۇرامىغا بۇددىستلارمۇ راست تولغان ،
<كاش -ناگار >دەپ ئاتاپتىكەن بۇ جاينى ،
ھە ، خۇدانىڭ ئۆيى بولماس دەپ گۇمران .
شۇ سەۋەبتىن بۇ ماكاننى مۇقەددەس
بىلىپ كەلگەن ، قەست قىلغاننى قىلىپ پەس !
يۇرت خسىلىتى -
تەڭرى مېھرى چۈشكەن جاي ،
بۇ زىمىندە يوقىلشى ، بىلگىن ، تەس ... !
قول سەنئىتى ،
شايى -ئەتلەس ،
دوپپىلار ،
نەققاشچىلىق ،
كىم دەر كۆرمەي ،بوپتۇلا .
ھۈنەر بىلەن ھۆسنى باھار بۇ ئەلنىڭ ،
شۇڭا ئاتاپ كەلگەن <كاشا >دەپ ئۇلار .
<كاشا >دېگەن بىلگۈچىدۇ ر سەنئەتنى ،
ياسىغۇچى ئۆز يېرىدە جەننەتنى .
<كار >ياكى <ئىر>ناملىرىنى تۇتقا قىپ ،
<كاشائىر >دەپ بىلدۈرگەندۇر ھۆرمەتنى .
<كاشائىر>دەپ ناملاپتىكەن ئۇلۇغلار ،
ئەل ئەجرىگە قىلىپ مىڭ بىر قۇللۇقلار .
تاجى بىلىپ ھۈنەر بىلەن سەنئەتنى ،
يىغىلغانكەن قەبىلىلەر ، ئۇرۇقلار .
تۈمەندەريا ئاقار لىقلىشىپ ،داۋالغۇپ ،
بۇ ماكاننىڭ يۈرىكى بۇ ھەم ئۇرغۇپ .
ھۆسىن بېرىپ ئۇنىڭ نۇرلۇق ھۆسنىگە ،
بىر كاش تۇرار چىققىنىدەك سۇغۇرۇلۇپ .
بىر كاش تۇرار تۈمەن كەبى سوزۇلغان ،
كاش ھۆسنى بوپ مۇشۇ ماكان تونۇلغان .
دەپ كەلگەنتى شۇڭا <كاشنىڭ قىرى >دەپ ،
<كاشنىڭ قىرى>دېگەن ناممۇ قويۇلغان .
<كاش >دېگىنى خۇدا دېمەك تەپسىرى ،
<ناگار > ئۆيدۇر ،
<خۇدا ئۆيى >تەسۋىرى .
ئەجرى بىلەن پېشانىسى يورۇق جاي ،
ئاتالغانتى ئەل تىلىدا <كاشغەرىي >.
تەخەللۇس قىپ ئالدىم شۇڭا ئۆزۈمگە ،
ھەمراھ بولغاي كىتابىمنى كۆرگەنگە .
ئۇندىن باشقا بۈيۈكلۈكنى تاپماسمەن ،
كاشغىرىمسىز ئوخشايمەنغۇ ئۆلگەنگە !
كەلدى شۇڭا ئۆمرۈم مېنىڭ نۇرلىنىپ ،
مېنىڭ ئۈچۈن كەتتى جاھان ئويغىنىپ .
<جاھاننەما> بىلەن كاشغەر قوش كەتتى ،
مۇنداق بەخت كۆرمىگەنمەن تۇغۇلۇپ !


ئون ئۈچىنچى باب


كارۋان كېلەر كوچىلارنى قاق يېرىپ ،
كەتتى جىمجىت بۇ ئەتراپقا جان كىرىپ .
قوڭغۇراقلار مۈگدەك باسقان كۆزلەرگە
مەدەت بېرىپ ،
كارۋان كېلەر كۈچ بېرىپ .
قوڭغۇراقلار تۆگىلەرگە ھەمنەپەس ،
بىردە كۈچلۈك چىقار ئۈنى ،
بىردە پەس .
ئۇ ماسلاشقان تۆگە قەدەملىرىگە ،
چۆلدە قۇۋۋەت بولۇ ياڭرار دىلگە ، بەس !
كولدۇرۇڭ ، كولدۇرۇڭ ...
ئېغىر قەدەم تۆگىدە ،
تەۋرىنىدۇ تۆگىدىكى ئۈگىلەر .
چۆل كېمىسى يېتىپ كەلدى باغداتقا ،
تېڭىقتىكى كىم بىلىدۇ نېمىلەر ؟!
قوڭغۇراقتىن باغدات كۆزىن ئاچقاندەك ،
بولدى ئۇيقۇ
مۈگدەكلىرى قاچقاندەك .
بىر سەگەكلىك پەيدا قىلدى كاشىغەرگە ،
بەڭباش قىزلار بۇلاق سۈيىن چاچقاندەك .
كارۋان بارار چوڭ يول بىلەن ئېرەنسىز ،
كارۋان بارار چوڭ يول بىلەن ھېچ غەمسىز .
ئالدىرىماس ئېغىر يۈكلۈك تۆگىلەر ،
قەدەم تاشلاپ ماڭىدۇ بەك كېلەڭسىز .
تۆگىلەرنىڭ بويۇنلىرى پۆپۈكلۈك ،
ئادەملىرى بولسا قىزىل ئۆتۈكلۈك .
بۇ ھال ئېنىق كاشغەرلىكنى ئەسلىتەر ،
چەكمىنىنىڭ ئۇچى بەلگە پۈكۈكلۈك .
كارۋان ساراي ،
چۈشۈرمەك بوپ يۈكلەرنى ،
تۆگىلەرنى ئەمدى ئەپلىك چۆكۈردى .
بىر يۇتۇمدىن ئىچشكەندە ئىسسىق چاي ،
بىلىنگەندەك بولدى جانغا يول دەردى .
باغدادتا گەپ تارالماقتا ھەممىگە ،
باغداد خەلقى تەيياردەك بىر بەزمىگە ،
كەلدى ئېغىر يۈكلۈك كاشغەر كارۋىنى ،
سودىگەرلەر ئۈچۈن بۇ گەپ بەلگى -دە .. !
سودىگەرلەر ئەھلى بۈگۈن تەۋرىدى ،
سودىگەرلەر بۇ سارايغا جەم ئىدى .
مالنى كۆرمەي قىزغىنىدۇ بەزىلەر ،
ئالماي تۇرۇپ تېخى مالنىڭ خەۋىرىنى .
-جىگدىكەن-دە ،
-قاغا جىگدە ،-دەر بىرى ،
قاچۇرغاندەك قىلىپ تۇرار ئۇ نېرى .
-سەرگەز ئىكەن ،
-ياق ، چەكمەندەك كەلتۈرگەن ،
ئايلىنىشار بىلەلمەستىن بۇ سىرنى .
-كارۋانبېشى چىقمامدىكەن تالاغا ،
باھا قويسا يىڭى كەلگەن ماللارغا .
-كارۋانبېشى شاھ يېنىغا كەتكەنمىش ،
كىيىن مالنى سالار ئىمىش بازارغا .
ئاتلىق كەپتۇ ،
سودىگەرلەر ھارۋىلىق ،
يانچۇقلىرى پۇللۇق ، ئالتۇن -يامبۇلۇق !
جىگدىسىمۇ ئېتىبارلىق كاشىغەرنىڭ ،
گۈلە -قاقلىرى ،
ئەنجۈرلىرى باھالىق .
ماتا چەكمەن ،
گىلەملىرى خوتەننىڭ ،
زىلچىلىرى كۆزچاقىدۇ بۇ ئەلنىڭ .
ئەتلەسلىرى ئەسلىتىدۇ باھارنى ،
ئەتلەسلىرى دىل قېتىدا بىلگەننىڭ .
يىپەك ،شايى ،
تەڭدىشى ئاز ئالەمدە ،
بىر ئېتىقاد ئويغۇتىدۇ ئادەمدە .
كاشغەر مېلى كەپتۇ دېسە باغدادقا ،
سودىگەرلەر پەيدا بولار بىردەمدە .
*

ئىككى كىشى گويا خىزىر قىياپەت ،
ئولتۇرىدۇ شۇنچە ئىللىق قىياپەت .
-پىرىم !-
دېدى كارۋانبېشى قۇچاقلاپ ،
ۋېسال پەيتى ياش تۆكمەكلىك بار ئادەت .
-پىرىم ،سىلىنى سېغىندۇرغان يۇرتتىن مەن ،
سىلى سېلىپ ئۆتكەن ئىزدىن ئۆتتۈم مەن .
-پەرۋەردىگار ، سېغىنىپتۇ كاشغىرىم ،
ئاھ ، كاشىغەرنى مەنمۇ شۇنداق كۈتكەنمەن ،
دېدى مەھمۇد :
-سېغىندۇرغان تۇپرىقىم ،
بىلىنمەكتە تۇپرىقىمدا يوقلىقىم .
كىمگە دەركار يات يېرىگە بولۇپ گۈل ،
يەرسىز ئۆتكەن پادىشاھلىق توقلىقىم .
-كاشغەر سالام ئېيتتى ، پىرىم ، تاپقىن دەپ ،
چەكمەن بەردى پىرىمىزغا ياپقىن دەپ .
پەرزەنتىنى سېغىنىپتۇ -دە ،دېدى ،
بۇ ماللارنى شۇلار بەرگەن ساتقىن دەپ .
ياش يېتىپتۇ ، ئەمدى ، پىرىم ، قايتقايمىز ،
يەر دەردىنى بىللەتۇرۇپ تارتقايمىز .
بىز پاتقان جاي پىرىمىزنى كىنەپتۇ ،
ئەل كىنەپتۇ ،
كۆڭلىن ئۇقۇپ باققايمىز .
-ئىنشائاللا ،
يۇرتۇم مېنى كېنەپتۇ ،
يۇرتۇم مېنىڭ قايتىشىمنى تىلەپتۇ .
ئىنشائاللا ،
غېمىمنى ئەل يەپتۇ -دە ،
ياش يەتكەندە دەپتۇ پەرزەنت بىللە تۇر .
ئىنشائاللا ، بار غەم يېگۈدەك ،
خەلقىم باركەن قەدرىمنى ھەم بىلگۈدەك .
چۈشۈپ قالسۇن ھەم ئاخىرقى ئىزلىرىم ،
تونۇم قالسۇن بەرداشلىرىم كىيگۈدەك .
بىز قايتايلى ، پەرۋەردىگار ئاسرىغىن ،
پىرىمىزنى پاناھىڭدا ساقلىغىن ،
قول كۆتۈردى كارۋانبېشى دۇئاغا ،
دىيارىڭدا ياشاش ئۈچۈن باشقىدىن ... !


ئون تۆتىنچى باب


باغدات بۇگۈن يىڭى كىيىم كىيگەندەك ،
باغدات بۈگۈن بىرنىمنى بىلگەندەك ،
كۆرىنىدۇ ئادەملەرمۇ باشقىچە ،
كۆرىنىدۇ ئەجەب خىيال سۈرگەندەك .
بولغانمۇيا بۈركۈتىنى ئۇچۇرماق ،
بەخت قۇشى كەبى قولغا قوندۇرماق.
بولغانمۇيا ساخاۋەتتىن چېكىپ گۈل ،
ھەسەتخورنىڭ تەخسىسىنى سۇندۇرماق .
ئادەملەردە بىر تەشۋىش بار ئالامەت ،
كۆرسىتەرمۇ بىر سېھرىگەر كارامەت .
ھەممە شاھنىڭ ئوردىسىغا ئالدىرار ،
شاھ تەختىدە ئولتۇرارمۇ سالامەت ؟!
سودىگەرلەر دۇكان تاقار ئالدىراش ،
ناۋاي ناننى تېز -تېز ياقار ئالدىراش .
چالا قېقىپ ئېشىكىگە تاقىنى ،
ئىككى بوۋاي بىللە ماڭار ئالدىراش .
مەدرىسەئى <نىزامىيە > يېپىلغان ،
تالىپلارمۇ مۇشۇ توپقا قېتىلغان .
كېتىپ بارار ،
ئاشپەز ،
ناۋاي بۇ توپتا ،
دۇكانلار يوق بۈگۈن تاڭدا ئېچىلغان .
بىرى دەيدۇ :
- باغدادتىن كۈن كۆچەرمىش ،
بىزدىن ئەمدى ئۇ كاشغەرگە كېتەرمىش .
بىزنى تەرك ئېتىپ ئەمدى ئاشۇ ئەزىز جان ،
ئۇلۇغ كاشغەردىيارىغا يېتەرمىش .
بىرى دەيدۇ :
-باغداد جاۋاب بەرمەپتۇ ،
مەلىك شاھمۇ بۇ ئىشقا بوش كەلمەپتۇ .
تۈركان خانىم قارا خانىيلار پۇشتىمىش ،
خەلىپىگە كۆپ ئىختىيار تەگمەپتۇ .
ئەل ئىچىدە ئوخشىمىغان گەپ بولار ،
ئوخشىمىغان گەپ مۇشۇنداق كۆپ بولار .
ئوخشىمىغان گەپلەر بەزەن داۋالغۇپ ،
ئوخشىمىغان گەپلەر بىلەن ، دىل تولار .
ئېقىپ بارار ئادەملەرنىڭ ئېقىنى ،
كۆرۈنمەيدۇ توپنىڭ يىراق يىقىنى .
خوشلاشقىلى كېتىپ بارار بۇ خەلق ،
سۆرىگەندەك قىلىپ ئۆمۈر چېقىنى .
*

مەلىك شاھنىڭ ئوردىسىدا تەنتەنە ،
ئولتۇرىدۇ مەلىك شاھمۇ ، ئۇ ئەنە .
سەركەردىلەر ،
ئۆلىمالار سارايدا ،
كاشىغەرىيمۇ خان يېنىدا بار يەنە .
شاھ يېنىدا كۆرسىتىپ ئۇ سالاپەت ،
چىقىپ تۇرار ئەجەب ئۇلۇغ قىياپەت .
بار ئارىلاپ كاشغەر ۋەكىللىرىمۇ ،
بېرىلمەكتە شاھتىن بۈگۈن زىياپەت .
يەتكەنلىرى بۇنىڭ تېگى -تەكتىگە ،
شاھ تۇرۇپتۇ دېمەك، قىلغان ئەھدىگە .
ئۇزىتاركەن ئۆزى يورۇق يۇلتۇزنى ،
ئۇزىتاركەن ئەللامىنى ئەتىگە .
-ئەللامىلەر !
شاھ سۆزلىدى تەسلىكتە ،
شاھ سۆز قاتار ئەجەب دىلى غەشلىكتە .
-بىزدىن كەتمەك بوپتۇ بۈيۈك ئەللامە ،
ئۇزىتىمىز بىز ئەتىگە كەچلىكتە .
سەلچۇقىلار ھۆكمى قانات بولغان ،راست ،
سەلچۇقىلار بولۇپ كەلگەن دوست -قاياش .
تەختىمىزنىڭ سايىسىدە بولىدۇ ئۇ ،
شۇڭا ئېگىز ئۇ كۆتۈرۈپ يۈردى باش !
سىرلىق دۇنيا بەرگىنىدەك تەختىنى ،
تاپقىنىدەك بولدى ئالەم بەختىنى .
كەلگەن بىلەن بۈگۈن قېرى بىر ناردەك ،
ئالدى قىلغان ئەجرىگە پاك ھەققىنى .
رەنجىمىگەي بۇ تەڭداشسىز ئەللامە ،
دەردلىرىگە بىز دەردداشقۇ ھامانە .
كەتمەك بوپتۇ بىزدىن يەنە كاشغەرگە ،-
دېدى -دە،شاھ ،
-قىزىق -دە ،زامانە ... !
مەھمۇد ئاستا تۇرۇپ قويدى ئورنىدىن ،
ساقىت قىلغان كەبى قەرزىن بوينىدىن .
شاھقا تۇتقان جاھانغا تەڭ كىتابنى ،
كېلىپ ئۇيغۇر دىيارىدىن ،قوينىدىن ...
سېرىق سەللە ،
چەكمەن كىيىپ ئۈستىگە ،
چەكمەن ھۆسىن قوشۇپتۇ ، پاھ ، ھۆسنىگە .
شاھ تەرەپكە تىكىپ ئويچان كۆزىنى :
-رەھمەت ، شاھىم !-
دېدى مەھمۇد ،
-خەلىپەم ،
يۈرىكىمدە ئۆتكەن ئىش بار ھېلىھەم .
ياخشىلىق بىر مېۋە بېرەر دەرەختەك ،
ئاسرىغايمەن يۇرتۇم بىلەن ئۇنى مەن .
ساقلىنىدۇ كاشىغەر بىلەن بىرلشىپ ،
ساقلىنىدۇ كاشغەر -باغداد كېلىشىپ .
ساقلىنىدۇ ياخشىلىقنىڭ يىلتىزى
ئىككى ئەلنىڭ يۈرىكىدە چىرمىشىپ .
-تون !-
دېدى شاھ ،
-تون ياپقايمىز ئالىمغا ،
خەزىنىچىلەر كېلىڭلار تېز ئالدىمغا .
تون يېپىڭلار -
ئالىمغا شاھ تونىنى ،
ئۇ ئەجرىنى تۇتتى مېنىڭ نامىمغا .
تون يېپىڭلار !
دىلىمىزنى ئېپ بارسۇن ،
تون باغداتنىڭ ئاق يوللىقى بوپ بارسۇن .
ھەم ئېچىلغاي خەزىنىلەرنىڭ ئىشكى،
رەنجىپ كەلگەن ،
ئۇ يۇرتىغا خوش بارسۇن !
تون يېپىلدى ،
باغدات تونى ،
شاھ تونى ،
يىقىنلىرى قۇچاقلىدى دوستىنى .
ئىللىق سۆزلەر ياغدى تەرەپ-تەرەپتىن ،
-تون مۇبارەك ،
-تون مۇبارەك !
دەپ ئۇنى .
ئۇ بېشىنى ئەگدى قولى كۆكسىدە ،
ئوت ئالغاندەك بولۇپ قەلبى گۈپپىدە .
مۇشۇ ئوتنىڭ تەپتىدىنمۇ ، بىلمىدىم ،
ئىسسىغاندەك بولدى ئەتراپ ھۈپپىدە .
باغدات ، باغدات ،
ئۇ قەدىمىي گۈل ماكان ،
ئىلىم ئىزدەپ كەلگەنلەرگە سەن بىر كان .
ئۆز يېرىمدە كۆمۈلگەندە تەلىيىم ،
باغداد سەندىن تاپقانمەنغۇ زور ئىمكان .
يىلتىزىم بار مېنىڭ باغدات، كاشغەردە ،
مەن ئارماندا قالماي تاڭلا مەھشەردە !
سەندىن كەتمەك بولدۇم باغدات رازى بول ،
دوستلار يېرى بولغان ئەمەس بەخشەندە .
ئايرىلىشنىڭ ئالدىدا بىر تەۋرەندى ،
بىر تەۋرىنىپ قالدى كاشغەر پەرزەندى .
دەقىقىلەر يېقىنلىشىپ كەلمەكتە ،
ئۇ جۇدالىق دەملىرىنى سەزگەندەك ...


ئون بەشىنچى باب


كارۋان پامىر ئېتىكىنى بېقىنلاپ ،
قالدى تونۇش قىرغاققىمۇ يېقىنلاپ .
تونۇش تۇپراق بويلىرىغا يەتكەندە،
باش ئېگىشتى توپىسىنى سىقىملاپ .
-ئاھ ، ھەزرىتىم ، ئەنە ئاۋۇ كۆرۈنگەن ،
دەھبىتقۇ ئۇ ،
مەن بۇ يەرنى كۆپ كۆرگەن ،-
دەپ كۆزىدىن تۆكتى مۆلدۈرئىسسىق ياش ،
- كۆرىدىكەن ئامان بولسا ئۆلمىگەن ،
ئازراق ماڭساق ،-دېدى بىرى تەلپۈنۈپ ،
ئانا تۇپراق ئارزۇسىدا يەلپۈنۈپ .
-ئازراق ماڭساق گەزگە يېتىپ بارىمىز ،
سەجدە قىلار چاغمۇ كەلدى يۈكۈنۈپ .
-ئەنە ،پىرىم ،كۆرۈنۈپمۇ قاپتىكەن ،
گەز دەرياسى ،
ئاۋۇ ئۇلۇغ ئارت دېگەن .
ئۇلۇغئارتتىن ئۆتكەندىلا ئوپالغۇ ،
باشقىكەن-دە ،
باشقىكەنشۇ يۇرت دېگەن ... !
گەز دەرياسى پەسلىمەستىن شاۋقۇنى ،
يولچىلارمۇ پەسلەتمەي ئوت -يالقۇننى ،
يېتىپ كەلدى ئۇنىڭ ئىللىق بويىغا .
ھاپاش قىلىپ ئېغىر قىسمەت -تەقدىرنى ،
چۈشتى يوغان قېچىردىن ھەزرىتىم ،
چۈشكىنىدەك ئۆز يېرىگە بىر قېتىم .
كۈتۈۋالدى پەرزەنتىنى دەريامۇ ،
باشقىچىرەك سېغىنىپتۇ بۇ قېتىم .
-ئىمام مالىك !
-لەببەي ،تەقسىر !
-چۈشكەيمىز ،
گەز سۈينى تاۋاب قىلىپ ئىچكەيمىز .
ئۇلۇغئارتنىڭ داۋانىدىن ئۆتكەندە،
يۇرت توپىسىن پۇراپ يەرگە چۆككەيمىز .
-بەجا ، پىرىم !
بەجا بولغاي بۇ ئىشلار ،
ئالدىمىزدا تېخى تالاي مېڭىش بار .
كەلتۈرۈلدى گەز بويىغا ئېشەكلەر ،
چۈشۈرۈلدى قېچىردىن يۈك -تېڭىقلار .
*

قىزىق تۆمۈر ،
چاچرايدۇ ئوت -ئۇچقۇن ،
كىچىككىنە بۇ دۇكاندا ئىش جۇشقۇن .
قېرى ئۇستا بازغان ئۇرار سەندەلگە ،
ساداسىغا تەڭ كېلەلمەس ھېچ توسقۇن !
كۆيۈك پەشۋال ،ئوت ئالدىدا ئىسلىشىپ ،
ئارىلاپ قويار شاگىرت بىلەن گەپلىشىپ .
كۈنى ئۆتەر تۆمۈرچىنىڭ مۇشۇنداق ،
دوستلىرىنى كۆرگىنىدە دەردلىشىپ .
ئوچىقىغاتاشلار چېغى كۆمۈرنى ،
كۆمۈر بىلەن كۆمگەن پەيتتە تۆمۈرنى .
بىرى دېدى :
-تۆمۈر بىلەن ئېلىشىپ
ئۆتكۈزۈپتۇق ئۇستام گۈلدەك ئۆمۈرنى .
-ھە ، كەلسىلە ،
يوقلاپتىلا پېقىرنى ،
يۇيۇپ كەلگىن ، بالام ، مۇنۇ ھىجىرنى !
-كايىمىسلا ،
-قاراڭلار يۇرت ئېقىپتۇ ،
يۇرت ئوپالغا قاراپ قانات قېقىپتۇ .
كېلىۋاتقۇدەك ھەزرەت مەھمۇد كاشغەرىي ،
- نېمە ، نېمە ؟!
-قۇتلۇق قەدەم يېتىپتۇ .
يۇرت كۈتمەكتە شۇ ھەزرىتى موللامنى ،
ئادەم قاپلاپ كەتتى شۇڭا يوللارنى .
-ئاھ ،ھەزرىتىم ،
ئاھ ، كاشغەرىي بارمىكەن ؟!
قايغۇ يۈكى باسقان ئىدى غوللارنى ،-
دەپ پەشۋالنى يەشمەي كىردى ئېقىنغا ،
ئاڭلىنىپتۇ بۇ گەپ يىراق -يېقىنغا .
بولقىسىنى تاشلىماپتۇ ئۇستاممۇ ،
كېتىپ بارار ئوخشاپ ئوت -چېقنغا ... !
ئەل ئېقىنى ،
ئەجەب ئىشلار باركەن -دە .
يەر ئادەمگە ،
ئادەم يەرگە ، چۈشەنسەڭ ،
ياخشىلارغا ،ھە ، ياخشىلار زاركەن -دە ... !
*

ئوپال كۆكسى ئايلىنىپتۇ بىر تويغا ،
سېلىنىپتۇ گىلەم بۇلاق بويىغا ،
داش قازانلار ئېسلىپ ئوت قالاپتۇ ،
مىنىۋاپتۇ خەۋەرچىلەر قىليورغا .
جىگدىلىكلەر ئادەم بىلەن بوش ئەمەس ،
كۆرۈنمەيدۇ بۇگۈن كۆڭلى خوش ئەمەس .
راۋاب ياڭرار سېغىنىشلىق پەدىگە ،
بۇ ھەقىقەت ،
بۇ ئۇيقۇلۇق چۈش ئەمەس .
كۈتىدۇ ئەل ئېغىز تەگمەي تاماقتىن ،
ئەل كۈتمەكتە ناشتا قىلماي نە ۋاقتىن.
زىلچا تولغان مارجانبۇلاق بويىغا ،
مۇقام ياڭرار ئۆزھال بىلەن چارىگاھتىن .
تولۇپ كەتكەن مۇشۇ ئېگىز تۆپىلىك ،
ئوپال گۈللۈك ،
يەرلەر يېشىل كۆرپىلىك .
تەبىئەتنىڭ سېخىيلىقى بار مۇندا ،
باغلرىدا ئانار بىلەن ئۈزۈملۈك !
ئۆي -ئۆيلەردە ھورلۇق ناننىڭ پۇرىقى ،
بوپ تۇرىدۇ قايماقلىق سۈت سورىقى .
تونۇرلاردا سامسا تەييار بوپ قالدى ،
گۆشگىردىلەر كاشغەر قويىنىڭ قۇيرۇقى .
تەييار بولۇپ قالدى مانا ئۈگرە ،
يېتىپ كەلسە ھەزرىتىمگە ئۈلگۈرە .
تىلىنماقتا كاشىغەر سۇلىرى ،
كۆكچىلىرى ،
تۇلۇم، تۇلۇم بۈدرە ... !
*

گەزدەرياسىدىن ئۆتكىنىدە ھەزرىتىم ،
ئۇزاتقانلار قالغان ئۆتمەي دەھبىتتىن .
ئۇلۇغئارتنىڭ داۋىنىغا يەتكەندە ،
كۈتكۈچىلەر كەلدى تەرەپ-تەرەپتىن .
-پىرىم !
-مەھمۇد !
-يۇرتداشلىرىم ، ئەزىزلەر ... !
-ئۇھ ، ھەزرىتىم بىزنى كىنەپ كەپلا-دە ،
ئاپئاق ساقال ،
قەددى ئازراق پۈكۈلگەن ،
نۇرلۇق چىراي ،
كۆزلەردىن نۇر تۆكۈلگەن ،
كەڭ پېشانە بۇ يېقىملىق ئادەمنىڭ
مۇشۇ تاپتا دىل قاتلىرى سۆكۈلگەن .
قۇچاقلىشار ،
مېھىرلىك بۇ قۇچاقلار ،
ئۇلار شۇنداق بىر-بىرىگە دىل قاقلار .
قۇچاقلىشار ياش تامچىلاپ كۆزلەردىن ،
ئەمما ۋىسال ئوتىن ياقتى بۇ چاغلار .
-پىرىم ، ئەمدى بىز داۋاندىن ئۆتكەيمىز ،
مۈرىمىزگە سىلىنى ئېپ يۆتكەيمىز ،-
دېدى بۇ يۇرت كاشغەرىينى ھاپاش قىپ .
-ياق ، ئەپسىزغۇ !
-يەر دەسسەتمەي كەتكەيمىز .
ئۇلۇغئارتنىڭ داۋانىدىن ھاپاشلاپ ،
ئەل ماڭىدۇ مانا ئەمدى يول باشلاپ .
قولدىن -قولغا ،
قولدىن -قولغا يۆتكىلەر ،
مەھمۇد بارار مۈرىلەردە كۆز ياشلاپ .
قولدىن قولغا يەر دەسسەتمەي ئېپ كەتتى ،
تالاي يوللار ئارقىسىدا قىپ كەتتى .
يەر دەسسەتمەي كېتىپ بارار مۇشۇنداق ،
يۈرەكلەرگە مانا بۈگۈن ئوت كەتتى ...!
مۈرىلەرنى تۇتۇشماقتا مۇنۇ ئەل ،
مۈرىلەرنى تۇتۇشماقتا پۈكۈپ بەل .
كېتىپ بارار ئەل ئېقنى تەۋرەنمەي ،
ئوپالغىمۇ كەپ قالغاندەك تۇرار دەل .
مۈرىلەردىن ئۇ مۈرىگە يۆتكىلەر ،
كاشىغەرىيگە مۈرە تۇتۇپ يۇرت كېلەر .
بىرلىرىگە تەگمەي ئۆتۈپ كېتەر ئۇ ،
بىرلىرىگە گۈل پۇراقلىق بوپ كېلەر .
ئوپالغىچە ئەل دەسسەتمەي مۈرىدە ،
ئوپالغىچە تۇتۇپ كۆڭۈل تۆرىدە .
گويا يۇرتنىڭ ئالقىنىغا ئېپ كەلدى ،
ساناپ بولماس يۇرت تۇرار ئۆپچۆرىدە .
*

قۇرۇماستىن كۆزدىن شادلىق ياشلىرى ،
بېسىلماستىن يۇرتنىڭ قۇچاقلاشلىرى ،
مارجانبۇلاق يېنىدىكى تېرەككە ،
قاراڭلارچۇ ، موللام قەدەم تاشلىدى .
مان قىزىق :
قۇچاقلىدى تېرەكنى ،
ئەزگىنىدەك بولۇپ ئوتلۇق يۈرەكنى .
تۇرۇپ قالدى ئۇنى سىلاپ بىر ھازا ،
تاپقىنىدەك ئۇ ئۆزىگە كېرەكنى .
يوغان تېرەك تۇرار مانا ئېگىلىپ ،
مېھرى دىلغا قالغىندەك چىگىلىپ .
-تونۇدۇڭمۇ ؟
مانا سىرداش تىرىكىم ،
تونۇدۇڭمۇ ؟!-
دەر تېرەككە يۆلىنىپ .
-ھە ،تونۇدۇم ،
-قېنى تاغدەك گۈل بەستىڭ ،
نەدە ئوتلاپ ،
قەيەرلەردە سۇ كەچتىڭ ؟!
قېرى ناردەك يېنىپ كەپسەن يۇرتۇڭغا ،
ئازابىنى تارتىپسەن-دە ،چۆل-دەشتىنىڭ .
- شۇنداق ھاسام ،
قېلىۋىدىڭ ئورنۇمغا ،
سېغىنغاندا پۇراپ تۇردۇڭ بۇرنۇمغا .
گۇۋاھ قىلىپ مۇشۇ مارجانبۇلاقنى ،
كەتكىنىم راست ئىدى شۇ كۈن يولۇمغا .
جاھان كەزدىم ،
باشقا كەلدى يۈرمەكلىك ،
(راۋا باشقا كەلگەن ئىشنى كۆرمەكلىك .)
مانا تالاي قىش -ياز ئۆتۈپ كېتىپتۇ ،
نېسىپ بوپتۇ سېنى كۆزگە سۈرمەكلىك .
سەندە باھار،
مەندە كۈزنىڭ شامىلى ،
بۇغداي تۈگەپ ،
قالدى ئۆمۈرنىڭ سامىنى .
مەن بارمىغان شەرق -جەنۇپ قالمىدى ،
كۆرۈشتۇققۇ كۈز بولسىمۇ ھامىنى .
ھاي .- ھاي ... !
كۆكلەپ كېتىپسەن ، كۆز تەگمىسۇن ،
شاخلىرىڭنى دۈشمەن قولى ئەگمىسۇن .
ھاي -ھاي تېرەك ،
ھاي ، ھاي بولۇپ قېلىۋەر ،
ساڭا ھايات قېرىلقنى بەرمىسۇن !
كۆزتەگمىسۇن ھاي -ھاي تېرەك ، ھاي تېرەك ،
تەڭتۈشلىرىم بۆلەك ماڭا ،سەن بۆلەك .
بىر چاغلاردا ھاسام بولدۇڭ ، يۆلەندىم ،
ئەمدى سىرداش ، مۇڭدىشىم سەن ، ئاھ ، پەلەك ... !



ئون ئالتىنچى باب


بىر چوڭ بىنا قۇرۇلماقتا ، ئىش قايناق ،
بىنا بەرپا قىلىشقىمۇ يۇرت ئامراق .
قەد كۆتىرىپ قاپتۇ ئۇنىڭ يېرىمى ،
ئەل ئىستەيدۇ پۈتۈشىنى چاپسانراق .
ھەر كۈنلەرگە يۈزلىگەن ئەل پىدائىي ،
سودىگەرلەر قىلىپ تۇرار <خۇدايى >،
بىر مەدرىسە قۇرۇلماقتا ئوپالغا ،
پاكىز نىيەت ،
پاناھ بولۇپ ئىلاھى !
<مەھمۇدىيە > ،
يۇرت دېگەنمۇ يۇرتكەن -دە ،
يۇرت بەزىدە كۆيۈپ تۇرغان ئوتكەن -دە .
نام بىرىلىپ بولدى يۇرتنىڭ قەلبىدىن ،
تاقەت قىلىپ تۇرماي بىنا پۈتكەنگە .
ئوپال ئاۋات ،
تاۋاب قىلىپ كېلەر ئەل ،
تاۋاپچىلار ھەركۈن يۈزلەپ بولار تەل .
كېلىشىدۇ بۇ دەرگاھقا ئېگىلىپ ،
ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىلار باغلاپ بەل .
بەزەن بىر يۇرت بىر ئادەمگە تەڭ ئىكەن ،
بىر ئادەمنىڭ مېھرى يۇرتتەك كەڭ ئىكەن .
مۆرىتى كەلسە شەھەر بولۇپ ۋەيرانە ،
بىر ئادەمچۈن بولىدىكەن جەڭ دېگەن ... !
ئوپال ئاۋات ،
بۇ گۈل يۇرتقا كۆپ تەشنا ،
بۇ گۈل يۇرتقا كېلىشىدۇ كۆپ قوشنا .
زىيارەت قىپ <ھۆددىگەرنى >كۆرۈشەر ،
بولغانلار بار ھەم كۆرمەي تۇرۇپ ھەم ئاشنا .
كېلەر بەزەن شاھلارنىڭمۇ مەكتۇبى ،
جاۋاب يازار <مەھمۇدىيە > مەكتىپى .
ھىندى ، ئىران ، مىسىردىن بار تالىپلار ،
تولۇپ بارار ئۇلارنىڭ دىل دەپتىرى .
ئايلىنىپتۇ ئالىملارنىڭ شەھرىگە ،
ئايلىنىپتۇ ئوپال ئىلىم تەختىگە .
<مەھمۇدىيە > ھۆسنى ئەمدى تولماقتا ،
تولماقتائۇ ئۆز خەلقنىڭ بەختىگە .
*

نورۇز بايرام ،
تالىپلاردا تەنتەنە ،
بۇ ئەجدادتىن بىزگە قالغان ئەنئەنە .
ھېسقا تولغان ئالىملارنىڭ يۈرىكى ،
ھېسقا تولغان شائىرلارمۇ بار يەنە .
چىقىپتۇ يۇرت ئوپال بويلاپ سەيلىگە ،
بۈگۈن ھەممە بوي سۇنار ئۆز مەيلىگە .
بۈگۈن ناخشا ،
بۈگۈن ئۇسسۇل بايرىمى ،
ھۆكۈمرانلار كېلىشەر بۇ مەرىكىگە ،
بەزمە بىلەن تولۇپ كېتەر جىگدىلىك ،
جىگدىلىككە غەزەل بىلەن كىرگۈلۈك.
مۆلدۈرلەيدۇ بۇلاقلارنىڭ كۆزلىرى ،
كېرەك ، ئۇنىڭ سىرىنىمۇ بىلگۈلۈك.
تاللىنىپتۇ مۇشۇ يەردە ھاپىزلار ،
ھېكمەت بىلەن قەلبى تولغان پاكىزلار ،
ئىللىق پۇراق چېچىپ پۇراپ تۇرۇپتۇ ،
مارجانبۇلاق يېنىدىكى يالپۇزلار .

دارۋازلىرى دار تىكىپتۇ بىرچەتكە ،
مەزمۇن بىرىپ بەرىكەن كىردى بەرىكەتكە .
چاقپەلەكتەك چۆرگىلەيدۇ چىغرىقتا ،
كۆزلەر قاراپ تويمايدۇ بۇ ھەركەتكە .
بىر تەرەپتە ساپايىنىڭ ئاۋازى ،
نەي ئاۋازى بىرتەرەپتىن كەلمەكتە ،
بۇ ئىشلارغا ھەر بىر يۈرەك ،دىل رازى .
غەزەلخانلىق ،
بۇلاقلارنى چۆرگىلەپ ،
ئېيتىلماقتا بىر- بىرىنى بەلگىلەپ .
يۈرەكلىرى شائىرلارنىڭ بىر گۈلخان ،
ئالغىنىدەك ئوت تەپتىدە گۈل گۈللەپ .
ھەر نورۇزدا باھالىنار تالىپلار ،
مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ غالىپلار .
غالىبلارغا نام بىرىدۇ بۇ بايرام ،
باشقىچىرەك يۈرىشىدۇ ناملىقلار .
ئىلىم پاناھ ،
ھاي -ھاي تېرەك يېنىدا ،
نورۇز بايرام خوشاللىقى بار دىلدا .
شۆھرىتىمىز سېنىڭ بىلەن بىللە دەپ ،
ئەل باغلىغان پوتىسى بار بېلىدە .
پامىر تۇرار تارىخلارغا بوپ گۇۋا،
ئەۋلادلارغا ئۇ نەچچىنچى بىر بوۋا .
مۈكچەيمىگەن ،
ئۇنىڭ قارلىق چوققىسى ،
ئادەملەرچۇ ؟ ئادەملەرچۇ ؟
ھەي ، توۋا !
ئىلىم پاناھ خىيال قىلىپ ئۈلگۈرمەي ،
رەڭگى گۈلدەك تۇرۇپ ھېچبىر ئۆزگەرمەي ،
كۆزئالدىنى قاراڭغۇلۇق باسقاندەك ،
بولدى ھايات ئەمدى ئارتۇق سۆز بەرمەي .
توختاتقاندەك قىلدى ھايات سۆزىنى ،
يۇمۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەستىن كۆزىنى .
لەۋلىرىدە تېخى ئارمان تەپتى بار ،
ئەمما ئەجەل ئېلىپ بولغان ئۆزىنى .
ئەڭ ئاخىرقى تىنىق قالدى ئۈزۈلۈپ ،
كەتتى ھايات ئەزىز تەندىن يۈز ئۆرۈپ .
ھاي -ھاي تېرەك قالغىنىدەك بوراندا ،
كۆرىنىدۇ قاقشالدەك بوپ ئۆزگىرىپ .
كۆرىندۇ قۇرۇق قاقشال بولغاندەك ،
مارجانبۇلاق ئەمدى ياشقا ئايلىنىپ ،
كۆرىنىدۇ كۆكسى دەردكە تولغاندەك .
ئاھ ! ھەزرىتىم !
تەبىئەتكە ئەرزىم بار ،
تەبىئەتكە ئېيتارىم بار ، دەردىم بار .
كاشغەر قەلبى تىترەيدۇ نەچارە ،
ئېيتقىن، يەنە بىزدە قانچە قەرزىڭ بار ؟!
بارمۇ يەنە دىلنى ئېزىپ سالارىڭ ؟
قالمىدىمۇ زادى بىزدىن ئالارىڭ ؟
كاشغەر ماتەم ،
زېمىن ماتەم تونىدا ،
يەنە كىمنى ئېلىشتىن بار تامايىڭ ؟
يامغۇر چۈشەر كۆك ئاسماندىن سىمىلداپ ،
ئادەم تولۇپ كەتتى يەرگە قىمىلداپ .
مانا بۈگۈن پۈتۈن بىر يۇرت چۇۋۇلدى ،
كەتكەن ئوخشاش بۇ بۈيۈك يەر قىمىرلاپ .
ئاق يوپۇقلۇق تاۋۇت چىقتى مۈرىگە ،
ئاق يوپۇقلۇق تاۋۇت بارار ئۆرىگە .
ئەل دېڭىزى ...
تاۋۇت ئوخشار مۇشۇ تاپ
مۈرىلەردە چايقالغان ئاق كېمىگە .
تاۋۇت بارار ئاستاغىنە يەلپۈنۈپ ،
تاۋۇت بارار كەڭ ئالەمگە تەلپۈنۈپ .
مۈكچەيگەندەك قىلار پامىر چوققىسى ،
قالغىنىدەك تۇرار ئۆمۈر يۈكۈنۈپ !
ھاي -ھاي تېرەك تۆكۈپ قالدى ياپراق ،
تەگكىنىدەك ھاياتتىن بىر شاپىلاق .
ئۇ تاۋۇتقا ئېگىلدۈردى تېنىنى ،
دېگىنىدەك :
<ئەمدى سۇنغان ياخشىراق !>
ھاي-ھاي تېرەك قالدى مانا ئۈمچىيىپ ،
ھاي -ھاي تېرەك قالدى مانا شۈمشىيىپ .
ئېگىلىپتۇ يوغان بەستى ئەلەمدىن ،
قاپتۇ ئەجەب بوۋايلاردەك مۈكچىيىپ .
ئاپارمىدى تاۋۇتنى بەك يىراققا ،
كۆڭلى تارتىپ ئەلنىڭ مارجانبۇلاققا .
ئالدىدىكى دۆڭگە دەپنە قىلىندى ،
تولۇپ تۇرار جىگدە پۇراققا ... !


خاتىمە


ئىشەنمەيتتىم
قەبرەڭنى يوق دېگەنگە ،
ئىشەنمەيتتىم يات يەرلەرگە كۆمگەنگە .
كاشغەر تۇرسا سېنىڭ ئەسلى ماكانىڭ ،
ئىشەنمەيتتىم بىزدىن ئايرىپ بۆلگەنگە .
كىچىكىمدىن مېنىڭ ئويۇم باشقىدى ،
باشقا ئىدى يۈرىكىمنىڭ تاشقىنى .
كىندىك قېنىم تامغان يەردىن ئەجەبا ،
تېپىلماسمۇ دەيتتىم مەھمۇد كاشغەرىي ؟!
بار ھازىرمۇ بۇ تالاشتىن تويمىغان ،
ئۆز نەسلىنىڭ ئابرويىنى ئويلىغان .
ئالىملارمۇ يازدى تالاي دەستىگاھ ،
دەپ كاشىغەرگە :<جەسىتىنى قويمىغان !>
كەلدى تارىخ سېنى ئېيتىپ بېرەلمەي ،
ھەقىقەتنى كۆپى ئۆتتى كۆرەلمەي .
- بىزدە مەھمۇد !
-بىزدە قەبرە ،-دېگەنلەر
ئۆتتى سېنىڭ شۆھرىتىڭنى سۈرەلمەي .
شۇنداق بولار ئىكەن بەزەن ھەقىقەت ،
ھەقىقەتكە كېلىدىكەن كۆپلەپ دەرت .
ھەقىقەتنى كۆمۈپ بولماس ئىكەنغۇ ،
يالغان گۇۋاھ بولۇپ يازغان بىلەن خەت ... !
قەبرىستانلىق
ئەسىرنى قىپ نامايان ،
بولغىنىدەك تالاي قىسمەت ،
سىر ئايان .
تۇرار كونا قەبرىلەرنىڭ يېنىدا ،
كونا گۈمبەز ،
پامىر بىلەن يانمۇ يان .
كونا گۈمبەز ،
مۇشۇ بۈيۈك ئەللامە ،
مۇشۇ دۇنيا تاپالمىغان گۈلنامە .
مۇشۇ ئىلىم ھۆددىگەرنىڭ قەبرىسى ،
مۇشۇ مېنىڭ خەلقىم ئۈچۈن دۇردانە ... !
ئۆز يۇرتىدا يېتىپتۇ ئۇ ئەللامە
ئۆز يېرىدە يېتىپتۇغۇ ھامانە .
ئۆز يېرىدە ياتسا ھامان مۇشۇ زات ،
يەنە نېچۈن ئەنسىزلىنەر زامانە ؟.... !

(تۈگىدى)

مەنبە : بۇلاق ژورنىلىنىڭ 2008-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى .
yorgha teyyarlighuchi Tewhide.
menbe: http://asrim.cn/ShowPost.asp?ThreadID=894
*************************************************

没有评论:

发表评论