2008年12月29日星期一

چۈشۈرىۋىلىڭ: «دىۋان»نىڭ تۆت تىللىق نۇسخىسى


بۇ تۆت تىللىق لۇغەت ـ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۆپ خىل تىل-يېزىق ئۇچۇر تېخنىكىسى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى بېيجىڭدا چاقىرىلغان «مەھمۇد كاشغەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى» ئۈچۈن تەييارلاپ ھەقسىز تارقاتقان «‹دىۋان لۇغەتىت تۈرك›نىڭ كۆپ تىللىق (تۈركچە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە) ئېلېكترونلۇق لۇغىتى»م




ئالاھىدە ئەسكەرتىش: بۇ لۇغەت داۋاملىق ياخشىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن ھەرقايسى تور بېكەت باشلىقلىرى ۋە بلوگ ئىگىلىرىنىڭ بۇ لۇغەتنى تارقىتىشتا «ئورخۇن»دىكى مۇشۇ ئادرېسنى ئۇلانما قىلىپ قويۇشىنى ۋە ئۆز تور بېكەتلىرىدە خالىغانچە تارقاتماسلىقىنى ئۇقتۇرىمىز.

ھۆرمەت بىلەن: ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تور بېتى


يۇمشاق دېتال چۈشەندۈرۈشى

ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۆپ خىل تىل-يېزىق ئۇچۇر تېخنىكىسى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى بېيجىڭدا چاقىرىلغان «مەھمۇت كاشىغەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى» ئۈچۈن تەييارلاپ ھەقسىز تارقاتقان «‹دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك›نىڭ كۆپ تىللىق (تۈركچە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە) ئېلېكترونلۇق لۇغىتى».
تور بېتىمىز مەزكۇر تەجرىبىخانىنىڭ ئالاھىدە ئىجازىتى بىلەن بۇ لۇغەتنى توردا تارقىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر تەجرىبىخانىدىكى بارلىق تەتقىقاتچى خادىملارغا ئالاھىدە ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.


قاتتىق دېتال تەلىىپى

CPU Pentium (R) 4 1.6GHz دىن يۇقىرى؛
ئىچكى ساقلىغۇچ 60Mb دىن يۇقىرى؛
قاتتىق دېسكىدا MB 250 دىن چوڭ بوشلۇق بولۇشى كېرەك.
سىستېما تەلىپى:
Windows Server 2003/ Windows XP/ Windows Vista


بەت يۈزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى:

1. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى دائىرە شەكىللىك خەرىتە.
2. كىرگۈزۈش بۆلىكى. بۇ ئورۇنغا ئىزدىمەكچى بولغان سۆز كىرگۈزىلىدۇ.
3. تېما سىتونى. بۇ ئورۇنغا مەزكۇر يۇمشاق دېتالنىڭ ئىسمى چىقىدۇ.
4. ئىزدەش كۇنۇپكىسى. بۇ كۇنۇپكىنى چەكسىڭىز، كىرگۈزۈش بولىكىگە كىرگۈزگەن، سۆزنىڭ مەزمۇنىنى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن ئىزدەيدۇ.
5. ئالدىنقى سۆزگە يۆتكەش كۇنۇپكىسى. بۇ كۇنۇپكىنى چەكسىڭىز نۆۋەتتىكى سۆزنىڭ ئالدىكى سۆزنى چىقىرىپ بېرىدۇ.
6. كېيىنكى سۆزگە يۆتكەش كۇنۇپكىسى. بۇ كۇنۇپكىنى چەكسىڭىز . نۆۋەتتىكى سۆزنىڭ كېيىنكى سۆزنىڭ مەنىسىنى چىقىرىپ بېرىدۇ.
7. ياردەم كۇنۇپكىسى. بۇ كۇنۇپكىنى چەكسىڭىز ، مەزكۇر يۇمشاق دېتالغا مۇناسىۋەتلىك ياردەم ئۇچۇرى چىقىدۇ.
8. مەھمۇد كاشغەرىنىڭ سىزما رەسىمى.(غازى ئەمەت سىزغان)
9. تۈركچە سۆز سىتونى
10. سۆزنىڭ ترانسكرىپسىيىسى.
11. سۆزنىڭ ترانسلېتىراتسىيىسى .
12. تۈركچە تەرجىمىسى.
13. تۈركچە نەشرىدىكى بەت ئورنى.
14. ئۇيغۇرچە سۆز سىتونى
15. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ترانسكرىپسىيىسى.
16. ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى
17. ئۇيغۇرچە نەشرىدىكى ئورنى.
18. خەنزۇچە سۆز سىتونى.
19. خەنزۇچە تەرجىمىسى..
20. خەنزۇچە نەشرىدىكى ئورنى.
21. ئېنگلىزچە سۆز سىتونى.
22. ئېنگلىزچە تەرجىمىسى.
23. ئېنگلىزچە نەشرىدىكى ئورنى.
24. تاللاش بۆلىكى رايونى. بۇ رايوندا تۆت خىل تاللاش بۆلىكى بولۇپ
(ṭr-تۈركچە)
(
،Uyئۇيغۇرچە)
،Zh (خەنزۇچە)
(ēEnم(ئېنگىلىزچە-
ئاپتۇماتىك ھالدا مەلۇم بىر سۆزنىڭ تۆت خىل تەرجىمىسى كۆرىنىدىغان قىلىپ تەڭشەلگەن. ئەگەر سىز مەلۇم بىر بۈلەكنى تاللىمىسىڭىز . مەلۇم بىر سۆزنىڭ شۇخىل تىلدىكى تەرجىمىسى كۆرۈنمەيدۇ.
25. سۆزلەر ئىندىكىس رايونى. بۇ رايونغا بارلىق سۆزلەرنىڭ ئىندىكىس ھالەتتە كۆرىنىدۇ.
26. تاللاش بۆلىكى. ئەگەر سىز بۇ بۆلەكنى تاللىسىڭىز، كىرگۈزۈش بۆلىكىگە كىرگۈزگەن سۆزنى شۇ سۆزنىڭ مەنىسىگە ئاساسەن ئىزدەيدۇ.

مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى تەييارلىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر

مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى ياسىغان ئورۇن:
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۆپ خىل تىل-يېزىق ئۇچۇر تېخنىكىسى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى

مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى ياساشقا قاتناشقۇچىلار:
باش تۈزگۈچى: تۇرگۈن ئىبراھىم
(شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر ئىلمى ۋە قۇرۇلۇشى ئىنىستىتوتى)

پروگراممىسىنى ئىشلىگۈچى: مەھمۇد مەمەت، ھەسەن ئۆمەر
(شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر ئىلمى ۋە قۇرۇلۇشى ئىنىستىتوتى)

تېكىست كىرگۈزگۈچىلار:
تەشكىللىگۈچى ۋە تۈركچە قىسمىنى كىرگۈزگۈچى: ئابدۇرېھىم راخمان
(شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىولوگىيە ئىنىستىتوتى)

ئۇيغۇرچە قىسمىنى كىرگۈزگۈچى:مەھمۇد مەمەت
خەنزۇچە قىسمىنى كىرگۈزگۈچى: ئىمام مىجىت، ئەمەتجان

ئىنگلىزچە قىسمىنى كىرگۈزگۈچى: نىزامىدىن
مۇقاۋىسىنى ۋە بەت يۈزىنى لاھىيىلىگۈچى: ياسىنجان


مەزكۇر لۇغەتكە ئاساس قىلىنغان نەشرلەر
各语种蓝本

ئۇيغۇرچە نەشرى ئۈچۈن:
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇيۇشتۇرغان «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى نەشرگە تەييارلاش گۇرۇپپىسى نەشرگە تەييارلىغان.

نەشرگە تەييارلىغۇچىلار (ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە):
ئابدۇسالام ئابباس،
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر،
ئابدۇرېشىت قارىم سابىت،
خەلىم سالىخ،
ئوسمان مۇھەممەتنىياز،
سابىت روزى،
ئىبراھىم مۇتىئى (مەسئۇل مۇھەررىر)،
ئىمىن تۇرسۇن (مۇھەررىر)، مىرسۇلتان ئوسمانوۋ (مۇھەررىر)
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،
1-توم 1980-يىل8-ئاي 1-نەشرى، 1981-يىل 9-ئاي 1-بېسىلىشى؛
2-توم 1983-يىل 6-ئاي 1-نەشرى، 1984-يىل 3-ئاي 1-بېسىلىشى؛
3-توم 1984-يىل 1-ئاي 1-نەشرى، 1984-يىل 5-ئاي 1-بېسىلىشى


: 汉文版本
第一卷 翻译:何锐 丁一 校仲彝 刘静嘉
审阅:米尔苏里唐•奥斯满
校对:米尔苏里唐•奥斯满 牛小莉

第二卷 翻译:校仲彝 刘静嘉
审阅:郝关中
校对:齐清顺 塔伊尔江•默罕默德

第三卷 翻译:校仲彝
审阅:李经纬
校对:齐清顺 塔伊尔江•默罕默德
民族出版社,2002年2月第一版,2002年2月北京第1次印刷

: Türkçe yayını
Atalay, Besim, Divanü Lugat-it-Türk Tercümesi, C. I-V, Türk Dil Kurumu Yayınları: Ankara 1985-1986.

: English version
Dankoff, Robert, James Kelly, Mahmud Al-Kāşġarî, Compendium of Turkic Dialect (Divan Lugat at-Turk), I-II-III, Harvard University Printing Office, 1982

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۆپ خىل تىل-يېزىق ئۇچۇر تېخنىكىسى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىدىكى بۇ خىزمەتكە قاتناشقان تۈرگۈن ئىبراھىم باشلىق بارلىق تەتقىقاتچى خادىملارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز

چۈشۈرۈش ئادرېسى
http://www.orkhun.com/Yawuz/Diwan.rar


1 条评论: