2008年12月20日星期六

«Diwan Lughatit Türk»tiki riwayetler(3)


بۆكە بۇدراچ ھەققىدە رىۋايەت
تۈبۈت ھەققىدە رىۋايەت
<ئۇيغۇر> تەبىرى ھەققىدە رىۋايەت





تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى

ئەپسانە - رىۋايەتلەرنىڭ يېشىمى(3)




يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق



بۆكە بۇدراچ ھەققىدە رىۋايەت


بۆكە بۇدراچ رىۋايىتى دەل 11-ئەسىردە ھەقىقىي بولۇپ ئۆتكەن تارىخىي ۋەقەلىك ئاساسىدا تارقالغان ھېكايە. بۇ ۋەقە يۈز بەرگەن دەۋردە مەھمۇد كاشغەرىي تىخىي ياش، گۆدەك دەۋرلىرى بولسا كېرەك. بۇ رىۋايەتنى بۆكە بۇدراچ بىلەن ئارسلان تېكىن بىلەن بولغان ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا بولغان قەبلىلەرئارىسىدىكى نىزا -توپىلاڭنى باستۇرۇش ئۈچۈن بولغان شۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان ئادەمنىڭ بىرىدىن ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. رىۋايەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق:<بۆكە بۇدراچ بىلەن بىللە بولغان كاپىرلارنىڭ سانى 700مىڭ ئىدى(1). 40مىڭ ئەسكەرگە ئىگە بولغان ئارسلان تېكىن غازىغا قارشى جەڭدە تەڭرى ئۇنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى.>

مەھمۇد كاشغەرىي بايان قىلغان بۇ مەزمۇن رىۋايەت ئەمەس، تارىخ. ئۇ ئاپتورنىڭ بىۋاستە بايانى. تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا، بىكەچ ئارسلان تېكىن-سۇتۇق بۇغراخاننىڭ نەۋرىلىرىدىن بىرى بولغان ھەسەن (ھارۇن)بۇغراخاننىڭ چوڭ ئوغلى يۈسۈپ بۇغراخاننىڭ چوڭ ئوغلى سۇلايمان ئارسلانخان بولسا كېرەك. <بىكەچ ئارسلان تېكىن>ئۇنىڭ شاھزادە ۋاقتىدىكى ئۇنۋانى. مەلۇمكى، تېكىن سۆزى ئافراسىياپنىڭ ئوغۇللىرىدىن قالغان ئاتاق نام بولۇپ، ئەسلى <قۇلىڭىز، چاكىرىڭىز> دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرەتتى. كېيىن شاھزادىلەرگە ئۇنۋان ئورنىدا، يەنى شاھ ئوغلى دېگەن مەنىدە قوللىنىلغان. مەھمۇد كاشغەرىي بىكەچ سۆزىنى ئىزاھلاپ: <بىكەچ تېكىنلەرنىڭ لەقىمى>،<بىكەچ ئارسلان تېكىن>دېگەنگە ئوخشاش. بۇ سۆز يۇمشاق <دە >بىلەن ئېيتىلسا، <بەگ >سۆزىنىڭ كىچىكلىتىلگەنلىكى بولۇپ، ئامراقلىق ۋە ئەركىلىتىش تۇيغۇلىرىنى بىلدۇرىدۇ. چۈنكى <ئەمىر>مەنىسىدىكى<بەگ >سۆزىنىڭ ئاخىرقى ھەرپى يۇمشاق <ك>دۇر. (<دىۋان>1-توم،فاكسىمىل 227-بەت) دەيدۇ. بىكەچ ئارسلان تېكىن ھىجىرىيە 423-448(مىلادى 1031-1057)يىللىرى <شەرەفىد دەۋلە>دېگەن ئۇنۋانى بىلەن قاراخانىيلارغا خاقان بولغان.

قاراخانىيلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۆز دەۋرىدە خوتەن، ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى، يەتتە سۇ، ئېرىتىش بويىدىكى باسمىل، قاي، ياباقۇ قەبىلىلىرى مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ تۇرغان. مىلادى1013-ياكى 1017-يىللىرى قىتانلار ۋە باسمىللاردىن 100مىڭ ئۆيلۈك جۇڭغارىيە ۋە يەتتە سۇ رايونلىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان. بۇلارغا قارشى تۇرغان ئەھمەد ئىبنى ۋەلى جازا يۈرۈش قىلىپ، ئۇلارنى بەشبالىققىچە سۈرۈپ كەلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئېرتىش، ئىمىل ۋادىلىرىدىكى باسمىللار ۋە ئىسسىق كۆلنىڭ شىمالىدىكى ياباقۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگەن قىسمىغا قارشى جەڭ قوزغىغان، ئارسىلان تېكىن ئاشۇ باسمىل، ياباقۇلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغان. بۇ ئۇرۇشتا نۇسرەت قازىنىپ غازى ئاتالغان. مەزكۈر ئارسلان تېكىننىڭ غەلىبىسىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن 1041-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى پەرغانىدە ئورنىتىلغان ئەرەبچە خاتىرە تاش ھازىرمۇ <ۋاروخ>يېنىدىكى ئېگىز قىيادا ساقلىنىپ قالغان(2).<بۇدراچ ياباقۇ قەبىلىسىنىڭ چوڭلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى، بىكەچ ئارسلان تېكىن زامانىدا، بۇ ئادەم مۇسۇلمانلارغا ئەسىر چۈشكەن ئىدى.>(مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئىزاھاتى).

بۆكە، ئەجدىھا، يوغان دېگەن مەنىدە، ماقالىدە مۇنداق كەلگەن: يەتتە باشلىق يەل بۆكە-يەتتە باشلىق يەل بۆكە(مۈڭگۈز)ياباقۇلارنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ ئىسمى شۇنداق ئاتىلىدۇ. باتۇر يىگىتلەرگىمۇ شۇنداق نام بېرىلىدۇ. ناھايىتى روشەنكى يەتتە باشلىق يالماۋۇز تەسۋىرلەنگەن چۆچەكلەر ئۇيغۇر چۆچەكلىرى ئارىسىدا خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ.

مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بايانىنىڭ داۋامىدا بۆكە بۇدراچلار بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئەھۋالىنى شۇ ئۇرۇشقا قاتناشقانلاردىن سورىغان: <كاپىرلار شۇنچە جىق تۇرۇپ نېمىشقا يېڭىلدى؟>دەپ سورىدىم. ئۇ : <بىزمۇ بۇنىڭغا ئەجەبلەندۇق ، بىز مەغلۇب بولغان كاپىرلاردىن سىلەر شۇنچە جىق تۇرۇپ نېمىشقا يىڭىلدىڭلار دەپ سورىساق ئۇلار؛(جەڭ دۇمبىقى چېلىنىپ، كاناي تارتىلغاندا، باش ئۈستىمىزدە پەلەكنى قاپلاپ كەتكەن بىر يېشىل تاغنى كۆردۇق، بۇتاغدا سان-ساناقسىز ئىشىكلەر بولۇپ، ئۇلار ئوچۇق ئىدى. بۇ ئىشىكلەردىن بىزگە جەھەننەم يالقۇنلىرى ئېتىلاتتى. بىز بۇنىڭدىن قورقۇپ كەتتۇق. شۇنداق قىلىپ سىلەر بىزنى يەڭدىڭلار) دەپ جاۋاب بەردى. دېدى. مەن بۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇسۇلمانلا قوشۇنىغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىدىن بىرى ئىكەن دېدىم> 3-توم، 314-بەت.

بۇ رىۋايەتتە ئۆز دەۋرىدىكى رېئال تارىخىي ۋەقەنى تارىخىيلىق ۋە رىۋايەتلىك ئامىللار يۇغۇرۇلغان ئاساستا ئىپادىلەپ بەرگەن. دىنىي رىۋايەتلەرگە ئاساسەن، مۇسۇلمانلار بىلەن <كاپىرلار >ئۇرۇشقاندا مۇسۇلمانلارغا پەرىشتىلەر ياردەم بېرىدۇ، دېيىلگەن. يۇقىرىقى رىۋايەتتە مانا شۇ ئەقىدە ئەكىس ئەتكەن بۇلۇپ، مۇسۇلمانلار ئۆز دەۋرىدىكى كۈچ سېلىشتۇرمىسى جەھەتتىكى شۇنچە يۇقىرى پەرق ئاستىدا ئارسىلان تېكىن غازىنىڭ غەلىبە قىلىشىنى ، پەرىشتىلەرنىڭ قىلغان ياردىمىدىن بولغان دەپ چۈشەنگەن. شۇڭا مەھمۇد كاشغەريىمۇ بۇنى <پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى>دەپ باھا بەرگەن. قانداقلابولمىسۇن بۇ رىۋايەت ئۆز دەۋرىدىكى قاراخانىيلارنىڭ ئېرتىش بويلىرىدىكى ياباقۇلار بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ رېئال جەريانىنى تەسەۋۋۇرقىلىش پۈرسىتىگە ئىگە قىلغان.



تۈبۈت ھەققىدە رىۋايەت


<دىۋان> نىڭ بىرقانچە يېرىدە تۈبۈتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. بۇلارنى جەملىگەندە بىر پۈتۈن رىۋايەتنى تەشكىل قىلىدۇ. تېبەتلەر بىلەن قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر، خېلى ئۇزاق تارىخىي دەۋلەردىن قوشنا ياشاپ بىر-بىرىگە تەسىر قىلىشقان. دوستانىمۇ ئۆتكەن ھەم بەزىدە دۈشمەنلىشىپ ئۇرۇشلارمۇ قىلغان. قەدىمىي تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى چۈشەنچىسىدە تۈبۈتلەر يەمەندىن كەلگەن بىر تائىپە دەپ قارىغان. بەلكىم بۇ تۈبۈتلەرنىڭ ئارىسىدا تارقالغان رىۋايەت بولۇشى مۇمكىن. <دىۋان>دىكى تۈبۈتكە دائىر مەلۇماتلارنى تەرتىپلەشتۈرگەندە مۇنداق بىررىۋايەت نامايەن بولىدۇ.

< تۈبۈت تۈرك ئەللىرىدە ياشايدىغان بىر قوۋم. ئىپار كىيىك شۇلارنىڭ يۇرتىدىن چىقىدۇ. بۇ كىيىكنىڭ كىندىكى كېسىۋېلىنىدۇ. ئەنە شۇ نەرسە كىندىك ئىپار دىيىلىدۇ. <تۈبۈتلەر> سابىت ئىسىملىك بىر ئادەمنىڭ ئەۋلادىدۇر. بۇ يەمەنلىك ئادەم بولۇپ، يەمەندىن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقتىن جىنايىتىدىن قورقۇپ كېمە بىلەن چىنغا كەلگەن. بۇ يەر ئۇنىڭغا ياراپ قېلىپ، شۇ يەرگە ئورۇنلىشىپ قالغان، كېيىن ئۇنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادى كۆپىيىپ تۈركلەر زېمىنىدىن 1500پەرسەخ يەر ئالغان. بۇيەرنىڭ شەرق تەرىپى چىنغا، غەرپ تەرىپى كەشمىرگە، شىمال تەرىپى ئۇيغۇر يۇرتىغا، جەنۇپ تەرىپى ھىندى دېڭىزىغا تۇتىشىدۇ. ئۇلارنىڭ تىللىرىدا ئەرەبچىنىڭ تەسىرى بار. <سابىت>سۆزى <تۈبۈت> دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان. (<دىۋان>نىڭ 1-3- توملىرىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسەن رەتلەندى.)

بىر يەر-جاي، قەبىلە ناملىرىنى تونۇشتۇرغاندا<تۈبۈت>نىڭ ئېتنىڭ مەنبەسى، ئۇلارنىڭ تۈركىي قوۋملار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالغان. بىز تارىخىي ماتىرىياللاردا ئۇلارنىڭ قەدىمكى <چاڭ>لاردىن تەشكىل تاپقان قەدىمكى قەبىلە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.<يەمەندىن قېچىپ كەتكەن سابىت ئىسىملىك ئادەمنىڭ ئەۋلادلىرى >دېگەن مەلۇمات ئۇچرىمايدۇ. ئەمدى تۈركلەردىن 1500پەرسەخ زېمىن سېتىۋالغان دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، بۇ تارىخىي رېئاللىققا تازا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. چۈنكى قەدىمكى تۈركىي قوۋملار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى زېمىن سېتىشنى ئىنتايىن ئېغىر ئالاتتى.زېمىن ساتقانلىق ۋەتەن ساتقانلىق دەپ چۈشىنەتتى.

بۇ مەنىدىن ئالغاندا بىز رىۋايەتلەردە ئىپادىلەنگەن بەزى يۈكلىمىلەرگە بىرنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈش نوقتىئىنەزەرى بىلەن، تارىخىي نوقتىئىنەزەردىن چىقىپ باھا بېرىپ قوبۇل قىلشىمىز لازىم.



<ئۇيغۇر> تەبىرى ھەققىدە رىۋايەت


بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئىسمىنى بىلىشى قانداق مۇھىم بولسا، بىر مىللەتكە نىسبەتەن ئۆزلىرىنىڭ مىللى نامىنىڭ مەنىسى، ئۆزىنىڭ ئېمولوگىيىسىنى بىلىشى نەچچە ھەسسە مۇھىم بولغان بىلىش تەلەپلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. تارىختىكى ناھايىتى چوڭ سىياسىي بىرلەشمىنىڭ نامى بولغان <ئۇيغۇر >دېگەن مىللى نامغا ھازىرقى ئۇيغۇر مىللىتى ۋارىسلىق قىلغان. بۇ شەۋكەتلىك نام نۇرغۇن -نۇرغۇن تارىخىي بوران -چاپقۇنلار ئىچىدە تاۋلىنىپ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن. ئۇ ھەربىر تارىخىي دەۋرلەردە ئوخشىمىغان مەنىلەردە ئىزاھلانغان. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ <ئۇيغۇر>غا بەرگەن تەبىرى بىزنى بۇ خىجالەتچىلىكتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. ئۇ ھەم تارىختىكى ئۇيغۇرغا بېرىلگەن تەبىرلەر ئىچىدە ئەڭ ئىشەنچلىك، ئىلمىي ئاساسىي كۈچلۈك رىۋايەتلىك تەبىردۇر.

ئۇيغۇر دېگەن بۇ نام قانداق پەيدا بولغان؟ ئۇ ئۆز ئىچىگە قانداق مەنە ۋە مەزمۇنلارنى يۇغۇرغان ؟ بۇ نام قايسى تارىخىي دەۋردىن بېرى قوللىنىلغان؟ دېگەن مەسىلە ھەققىدە ھازىرغىچە ئوخشاش بولمىغان خېلى كۆپ كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئىشەنچلىك تارىخىي خاتىرىلەر ساقلانمىغانلىقى ئۈچۈن تېخى بىرەر كۆز قاراشنىمۇ مۇقىملاشتۇرىۋېتىشكە ئىمكانىيەت يوق. <ئۇيغۇر >ئاتالغۇسىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. مەن بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ياردەم بىرەر دېگەن مەقسەتتە ھازىرغىچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆز قاراشلار ئىچىدە <ئۇيغۇر>تەبىرى ھەققىدە قىسقىچە پىكىر يۈرگۈزىمەن.


(1)

<ئۇيغۇر> دېگەن بۇ نام ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنى مەركەز قىلىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللى ۋە تارىخىي نامى. ھەرقانداق مىللەت ۋە قەبىلە ناملىرىنىڭ پەيدا بولۇشىدا بەلگىلىك بىر تارىخىي سەۋەب بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ھەرقانداق بىر مىللەت ياكى قەبىلە نامىنىڭ ئىپادىلەيدىغان مەنە ۋە مەزمۇنلىرى بولىدۇ. بىرەر مەنە ۋە مەزمۇننى ئىپادىلىمەيدىغان مىللەت ياكى قەبىلە بولمايدۇ. بىرەر مىللەتنىڭ نامى شۇ مىللەتنىڭ مىللى تامغىسى بولۇپ، ئۇ شۇ خەلقنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى، تارىخىي شەكىللىنىش جەريانى ۋە تەرەققىياتى، ئېتنوگىرافىيىسى قاتارلىق خېلى كۆپ تەرەپلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بىرەر مىللەتنىڭ مىللى نامىنى تەتقىق قىلىش شۇ مىللەتنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

11-ئەسىردە ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئۇلۇغ تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرىي تۈركولوگىيە ئىلمىگە ئاساس سالغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆز دەۋرىدىكى تۈركىي خەلقلەردىن خېلى كۆپ قەبىلىلەرنىڭ ئېتنىك تەركىبى ۋە قەبىلە ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە بىرقەدەر ئەتراپلىق ئىزدەنگەن ئاپتور. شۇڭا <تۈركىي تىللار دىۋانى>ئۇيغۇر تەتقىقاتى، جۈملىدىن تۈركولوگىيە ئىلمىي ساھەسى ئۈچۈن يىڭى بىر سەھىپە ئېچىپ بەردى. <دىۋان>دا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ تەبىر بېرىلگەن <ئۇيغۇر > توغرىسىدىكى چۈشەنچە بىزنىڭ <ئۇيغۇر >نامىنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدىكى ئىزدىنىشىمىزنى مۇھىم ئاساسلار بىلەن تەمىن ئەتتى.

مەھمۇد كاشغەرىي <ئۇيغۇر>نامىنىڭ قانداق مەزمۇنلارنى ئىپادىلەيدىغانلىقى ۋە قايسى تارىخىي ۋەقەلەردە ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بەرگەن:

ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ ئىسمى(4). ئۇنىڭ بەش شەھىرى بار، بۇ شەھەرلەرنى زۇلقەرنەيىن تۈرك خاقانى بىلەن پۈتۈم تۈزگەندىن كېيىن سالدۇرغان ئىكەن... زۇلقەرنەيىن ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا، تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى 4000ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن. ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەيىن بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە <ئىناند خۇز خورەند - بۇلار باشقىلارغا موھتاج بولماي، ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن؛ بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، قاچان خالىسا شۇ چاغدا ئېتىپ يېيەلەيدۇ> دەپتۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ ئەل <خۇزخور>دەپ ئاتىلىپتۇ (5).

يۇقۇرىقى بايانلار مەھمۇد كاشغەرىينىڭ خەلق ئىچىدە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان <ئۇيغۇر>نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى رىۋايەتكە ئاساسەن، ۋاستىلىك ھالدا تەبىر بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاخىرى ئاپتور <خۇزخور>نىڭ فۇنتېكىلىق ئۆزگىرىش جەريانىنى ۋە تۈركىي تىلنىڭ فۇنتېكىلىق تەرەققىيات قانۇنىيەتلىرىنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ، <ئۇيغۇر> ئاتالغۇسىنىڭ شەكىللىنىشى ھەققىدە ئىلمىي يەكۈن چىقارغان.

بىز ئالدى بىلەن شۇنىڭغا دىققەت قىلىمىزكى، <تۈركىي تىللاردىۋانى> مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئۇزاق يىللىق جاپالىق ئىزدىنىشلىرىنىڭ شانلىق مېۋىسى. ئۇ، بۇ ئەسىرىنى يېزىش ئۈچۈن، ئەينى دەۋردە تۈركىي خەلقلەر ئولتۇراقلاشقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ناھايىتى نۇرغۇن شەھەر ۋە يېزا-قىشلاقلارنى ئارىلاپ ئاجايىپ مول ماتىرىيال توپلىغان. بۇ جەرياندا ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئەھۋالى ۋە مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ھەمدە <ئۇيغۇر>دېگەن ئاتالغۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە كۆپلىگەن مەلۇماتلار بىلەن ئۇچراشقان. ئۇ، توپلىغان مول ماتېرىياللىرىنى قايتا-قايتا سېلىشتۇرۇش، تاللاش، تەتقىق قىلىش ئاساسىدا ئوبىيكتىپ رېئاللىققا، ئىلمىي ۋە تارىخىي ئاساسقا ئىگە بولغان ئۆرنەكلەرنى يۇلۇپ ئېلىپ، ئەسىرىگە كىرگۈزگەن. ئۆز دەۋرىدە <ئۇيغۇر>ھەققىدە كۆپ خىل رىۋايەتلەر تارقالغان بولۇشى ۋە ھەرخىل چۈشەندۈرۈلۈپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. مەھمۇد كاشغەرىي بۇلارنىڭ ئىچىدە دۇنيا تارىخىدا ئەڭ چوڭ ۋەقە بولغان زۇلقەرنەيىننىڭ زور كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا بېسىپ كىرىشى بىلەن باغلانغان <ئۇيغۇر>توغرىسىدىكى رىۋايەتنى تاللاپ ئېلىپ كىرگۈزگەن. بۇ رىۋايەتنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى باشقا چۈشەنچىلەر ئىچىدە ئىلمىي ئاساسىي ۋە تارىخىي ئاساسىي كۈچلۈك، ئاپتورنىڭ شەخىس چۈشەنچىسىگە ئۇيغۇن بولغانلىقى ئېنىق.

يۇقىرىقى رىۋايەت دۇنيا تارىخىدا زور تەسىر پەيدا قىلغان، تەسىر دائىرىسى نىسبەتەن چوڭ، تارىخىي دەۋرى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىردىكى ماكىدونىيىلىك ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشى ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۈركىي خەلقلەرنىڭ باتۇرانە كۈرىشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان. ئاپتور پايدىلانغان بۇ رىۋايەت خەلقىمىزنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن، ۋەتەننىڭ بىر پۈتۈنلۈكى، خەلقنىڭ ئەمىنلىكى ئۈچۈن قىلغان قەھرىمانلىق ئۇرۇشلىرىنىڭ خەلق ئاغزىدا ئەسىرلەردىن بىرى ساقلىنىپ كەلگەن تارىخىي داستانى ئىدى. بۇ رىۋايەتنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باتۇرلۇقى، جەڭگىۋارلىقى قاتارلىق مىللى خۇسۇسىيىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن ئەركىنلىك ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى ئۈچۈن بولغان كۈرەشتە ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتاشتىن ئىبارەت تارىخىي خاراكتېرى مەركەزلىك ئىپادىلەنگەن.

تارىخىي پاكىتلاردىن قارىغاندا، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىرلەردە ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنى ئىشغال قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۈستىگە باسقۇن قىلىپ كەلگەندە، تۈركىي خەلقلەر زۇلقەرنەيىنگە قارشى باتۇرلارچە قارشى كۈرەشكەن ۋە ئۇنى خېلى ئېغىر چىقىمدار قىلغان. تۈركىي خەلقلەرنىڭ باتۇرلۇقىدىن ھەيران قالغان زۇلقەرنەيىن بۇ خەلقنى بويسۇندۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن سۈلھى تۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. بۇ ئۇرۇشنىڭ غەلبىسى تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخىدا ئاجايىپ زور ۋەقە بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ<تۈركىي تىللار دىۋانى>دا زۇلقەرنەيىننىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان يۈرۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان خېلى مۇھىم رىۋايەتلەر كىرگۈزۈلگەن. بۇ، تارىخ ئېتىراپ قىلغان ئومۇمىي پاكىت.

رىۋايەتنىڭ مەزمۇنىدىن بىز ئالدى بىلەن شۇنداق مۇھىم بىر ئىشنى بايقايمىزكى، <ئۇيغۇر>دېگەن بۇ نام مىلادىيدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىرلەردىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكى ۋە تەسىرى خېلى زور بولغان سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى كۆرۈش مۇمكىن، بۇ بىر تەرەپ. يەنە بىر مۇھىم تەرەپ شۇكى، مەھمۇد كاشغەرىي پايدىلانغان رىۋايەتتە تىلغا ئېلىنغان<ئۇيغۇر> بىزنىڭ ھازىرقى چۈشەنچىمىزدىكى ئۇيغۇر مىللىتىنى كۆرسىتىدىغان خاس نام ئەمەس ئىدى. ئۇ زۇلقەرنەيىنگە قارشى بىرلىشىپ كۈرەشكەن چوڭ سىياسىي بىرلەشمىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولغان. بىرەر نامنى قەبىلىلەر ئىتتىپاقىغا قاتناشقان قەبىلە بىرلەشمىسىنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىگە ئومۇمىي نام قىلىپ قوللىنىشى، تارىختا خېلى كۆپ ئۇچرايدىغان ھادىسە. بۇ ھەقتە رادلوف بەزى تارىخي خاتىرىلەردىكى رىۋايەتتىن پايدىلىنىپ مۇنداق يازغان:<ئۇنىڭغا رىۋايەتلەردىكى تۈركىي تىللاردا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ بوۋىسى ئاللاغا ئىتىقاد قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تاغىلىرى، بۇرادەرلىرى، ھەمشىرىلىرى قاتارلىق بىرمۇنچە تۇغقان-جەمەتلىرى بىلەنمۇ ئۇرۇش قىلىشقا توغرا كەلدى. ئۇرۇش جەريانىدا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭغا ھەمكارلاشتى. بەزىلىرى ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ، يېڭىلىپ قالغاندىن كېيىن تىز پۈكتى. ئۇ غەلىبە قىلغانىدىن كېيىن، زەپەر تويى ئۆتكۈزۈپ ئۆز قوۋملىرىغا، جەمەت ئاقساقاللىرىغا، جەڭچىلەرگە ئىنئام بېرىپ، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن بۇ قەلبداشلارنىڭ ئورتاق نامىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىدى. بۇ ئاتالغۇ بىرلەشكەنلەر، ھەمكارلاشقانلار دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئاتالغۇنى قەبىلىلەر بىرلىكىگە قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى ئورتاق قوللىنىدىغان بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ۋە ئەۋلادلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ نامى قىلىدىغان بولدى> (6). يۇقىرىقى رىۋايەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇن ئوبۇلغارى باھادىرخاننىڭ <شەجەرەئى تراكىمە> دىكى رىۋايەتلەر ئاساسىدا قويۇلغان بولسىمۇ، مەھمۇد كاشغەرىي پايدىلانغان رىۋايەتنىڭ مەزمۇنى بىلەن خېلى كۆپ جەھەتلەردە پەرقلىق بولسىمۇ ، بىراق مۇھىم بىر ئورتاقلىق شۇكى،<ئۇيغۇر> دېگەن نام ئۆز دەۋرىدە خاس بىر قەبىلىنىڭ نامىلا بولماستىن، بەلكى ئۇ بىر سىياسىي بىرلەشمىنىڭ ئومۇمىي نامى سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ ئەھۋالنى ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانلىق ئېپوسى <ئوغۇزنامە> دىكى بەزى مەلۇماتلاردىنمۇ روشەن ھېس قىلىش مۇمكىن. ئېپوسنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئوغۇزخان بارلىق تۈركىي خەلقلەرنى بىر بايراق ئاستىغا يىغىپ، تۈركىي خەلقلەرنىڭ چوڭ بىرلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان قەھرىمان سۈپىتىدە گەۋدىلىنىدۇ. ئوغۇزخان بايرىقى ئاستىغا توپلانغان قەبىلە يالغۇز ئۇيغۇر قەبىلىسى بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئەتراپىغا ناھايىتى كۆپ تۈركىي قەبىلىلەر ئۇيۇشقان. ئوغۇزخان پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرنى بىرلەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، تەسىر دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن يات قەبىلىلەر ئۈستىگە زور كۆلەملىك يۈرۈشكە ئاتلىنىدۇ. دەل شۇ پەيتتە تەرەپ- تەرەپكە يارلىق چۈشۈرىدۇ. ئۇ يارلىقىدا : <مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن، مەن پۈتۈن جاھاننىڭ خاقانى بولۇشۇم كېرەك...> (7). دەيدۇ.كۆرۈشكە بولىدۇكى ، بۇيەردە ئوغۇزخان كۆزدە تۇتۇۋاتقان <ئۇيغۇر> ئۆز ئەتراپىغا ئۇيۇشقان پۈتۈن تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ ئورتاق ئاتىلىشى بولغان.بۇ تىل ئورتاقىلىقى مەھمۇد كاشغەرىي پايدىلانغان رىۋايەتتىمۇ روشەن سېزىلىپ تۇرىدۇ. رىۋايەتتە <تۈرك >ئاتالغۇسى بىلەن<ئۇيغۇر>ئاتالغۇسى ئوخشاش قوللىنىلغان. <ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ ئىسمى، ئۇنىڭ بەش شەھىرى بار، بۇ شەھەرنى زۇلقەرنەيىن تۈرك خاقانى بىلەن پۈتۈم تۈزگەندىن كېيىن سالدۇرغانىكەن>، <زۇلقەرنەيىن ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى 4000ئادەم ئەۋەتكەن>. دېمەك، بۇ يەردە <ئۇيغۇر>ئۇقۇمى بىلەن تۈرك ئۇقۇمى پەرقلەندۈرۈلمەي ئورتاق قوللىنىلغان.

<ئۇيغۇر>نامىنىڭ خېلى ئۇزۇن تارىخىي دەۋرلەرگىچە ئومۇمىي نام سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىقىنى مەھمۇدكاشغەرىينىڭ باشقا تۈركىي قەبىلىلىرىنىڭ قەبىلە ناملىرى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشى بىلەن <ئۇيغۇر> توغرىسىدىكى ئىزاھلىرى روشەن ئىپادە قىلىپ تۇرۇپتۇ. ئاپتور <دىۋان>دا تىلغا ئالغان بارلىق تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ نامى شۇ قەبىلىلەرنىڭ قەدىمكى بابىلىرىنىڭ نامىغا قويۇلغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بىراق <ئۇيغۇر> دېگەن بۇ نام ئۇيغۇرلارنىڭ بابىلىرىنىڭ نامىغا قويۇلغان بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ تارىختىكى مۇھىم سىياسىي ۋەقە بىلەن باغلانغان ئومۇمىي نام بولغانلىقىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ.

<ئۇيغۇر>نامىنىڭ كېينكى تارىخىي باسقۇچلاردا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ خاس نامى بولۇپ قالغانلىقىغا كەلسەك، بۇنىڭ تۈرلۈك ئوبىيكىتىپ سەۋەبلىرى بار. مىلادىيىدىن كېيىن تۈركىي خەلقلىرىنىڭ ھاياتىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. بىر مەزگىل زور بىرلىشىش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن بولسا ، يەنە بىر مەزگىل بۇ چوڭ گەۋدە بۆلۈنۈپ، پارچىلىنىپ بۆلۈنمە ھالەتتە ياشىغان. بۇ جەرياندا بەزى قەبىلىلەر باشقىلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن. كىچىك-كىچىك بۆلۈنمە خانلىقلار ئومۇمىي نام بولغان <ئۇيغۇر> ئاتالغۇسىنى قوللانماي، باشقا-باشقا ناملار بىلەن ئاتالغان. بولۇپمۇ بۇ خىل ئەھۋال 14-15-ئەسىرلەردە خېلى گەۋدىلىك بولغان. ئۆز-ئارا قوشۇلۇپ ۋە پارچىلىنىش نەتىجىسىدە قەدىمدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بەزى قەبىلە ناملىرى ئۆزگەرگەن ۋە يېڭى-يېڭى قەبىلە ۋە مىللەت ناملىرى بارلىققا كەلگەن. قارخانىيلار دەۋرىدە بارلىق تۈركىي خەلقلەر قەبىلىلەرنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈنلا قەبىلە ناملىرىنى قوللانغاندىن باشقا كۆپ ھاللاردا ئۇيغۇرلار ، تۈركلەر دېگەن ئومۇمىي نام بىلەنلا ئاتالغان. بۇ پىكرىمىزنى، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئۆز ئەسىرىگە <ئۇيغۇر تىلى دىۋانى>،<قارلۇق تىلى دىۋانى>ياكى<ئوغۇز تىلى دىۋانى>ئەمەس بەلكى، <تۈركىي تىللار دىۋانى>دەپ نام قويغانلىقىنىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ بىرىدۇ. چۈنكى، <دىۋان> غا كىرگۈزۈلگەن تىل پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلى خاقانىيە تىلى ئىدى. بۇ چاغدا تۈركىي خەلقلەر تىل ئالاھىدىلىكى، ئۆرپ-ئادەت ۋە باشقا مىللىي خۇسۇسىيەتلەرجەھەتتىن ئانچە پەرقلەنمەيتتى. دىنىي ئېتىقاد تۈپەيلى قوجۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن قاراخانىيلار تېررىتورىيىسىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر پەرقلەندۈرۈلۈپ ئاتالغان. مەسىلەن: مەھمۇد كاشغەرىي قاراخانىيلار تېررىتورىيىسىدىكى خەلقلەرنى <تۈركلەر> دەپ ئومۇمىي نام بىلەن ئاتىغان بولسا، قوجۇ ئۇيغۇرلىرىنى بۇ چاغدا بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقى ئۈچۈن <ئۇيغۇر تارتلار، كاپىر ئۇيغۇرلار> دەپ ئاتىغان. تۈركىي خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق قاراخانىيىلار دەۋرىدىن كېيىن بارا-بارا روشەنلىشىشىكە باشلىدى. ئاخىر بىرقانچە مىللەت شەكلىدە ياشاش ھالىتىنى شەكىللەندۇردى. چوڭ گەۋدىدىن پارچىلانغان قەبىلىلەر باشقا ناملار بىلەن ئاتالغان بولسا، بۇ گەۋدىنىڭ ئۇلىنى تەشكىل قىلغان ئۇيغۇرلار بۇ نامنى داۋاملىق ساقلاپ قالدى.


(2)

مەھمۇد كاشغەرىينىڭ <ئۇيغۇر>تەبىرىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللى خاراكتىرى ۋە ئالاھىدىلىكى خېلى روشەن گەۋدىلەندۈرۈلگەن. رىۋايەتنىڭ باش قىسمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئات ئۈستىدىكى چەۋەندازلىقى، ئوقيا ئېتىشقا ماھىرلىقى، ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت مىللى ئالاھىدىلىك ئىپادىلەنگەن.

مەلۇمكى، چارۋىچىلىقنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان قەدىمكى تۇرمۇش شارائىتى ئۇيغۇرلارنى شۇ ئىجتىمائى مۇھىتنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن ئىمكانىيەتلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇش ۋە ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىشقا ئۆگەتكەن. بولۇپمۇ ئات مىنىش، ئوقيا ئېتىش ماھارىتىنى ئەينى ۋاقىتتىكى چارۋىچى خەلقلەرنىڭ مۇھىم تۇرمۇش تەلىپى ۋە ياشاش تەلىپى ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ئوۋچىلىقتا يېتىلىشى زۆرۈر. ئوۋچىلىق تۇرمۇشى كىشىلەردىن زېرەكلىك، باتۇرلۇق، قورقماس ئىرادە ۋە چەبدەسلىكىنى تەلەپ قىلىشتىن باشقا، يەنە قارىغا ئېتىشتا يۇقىرى ماھارەت بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ يۇقىرىقىدەك خۇسۇسىيەتلەرنى يېتلىدۈرۈشنىڭ مەشىق مەيدانى بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ۋەتەن، خەلقنى سىرتقى دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداش، تۇرمۇشنىڭ خاتىرجەملىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇرۇش قورالى ئوقيا، نەيزە، قىلىچ ئىشلىتىش ۋە ئات مىنىش ماھارىتىدە يۇقىرى كامالەتكە يېتىش -ھەربىر ئائىلە ئەزالىرىغىچە مۇھىم بىر ھايات مىزانى بولغان. بۇ مىزانغا پادىشاھتىن تارتىپ، پۇقراغىچە ھەممە كىشى ئەمەل قىلىشى لازىم ئىدى.ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي تۇرمۇش شارائىتى ۋە ئۇزاق يىللىق يات قەبىلىلەر بىلەن بولغان ئۇرۇش ماھارىتىدە ئۇلارغا شۇنداق باتۇر، چەبدەس، قورقماس، پىداكار روھ بىلەن يېتىشتۈرۈپ قالماي، بەلكى ئۇرۇش ماھارىتىدە ئۇلارغا يۇقىرى كامالەت ئاتا قىلغان. بۇخىل مىللى ئالاھىدىلىك ئەلۋەتتە ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ قوشۇنىنى مەغلۇب قىلىش ۋە ئىسكەندەرنى ھەيران قالدۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسى بولغان ئىدى.

تارىخىي پاكىتلارغا نەزەر سالىدىغان بولساقمۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوقيا ئېتىش، ئات مىنىش ماھارىتى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىشەنچلىك پاكىتلار مەۋجۇت. ئورخۇن بويىدا قۇرۇلغان قۇدرەتلىك ئۇيغۇر خانلىقى (646-845) دەۋرىدە شەرقتىكى قارلۇقلار ئۇيغۇر ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىشكە ئورۇنۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن قارشىلاشقاندا غەربىي ئۇيغۇرلار شەرقتىكى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، پاراكەندىچىلىك سېلىشقا ئۇرۇنغان. 11-ئەسىرلەرنىڭ باشلىرىدا قارلۇقلارنىڭ تىبەتلەربىلەن بىرلشىپ ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇر خانلىقنىڭ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا ۋەھىمە تۇغدۇرۇپ، ئاي بىلگە قاغاننى بۇ رايونلارغا يۈرۈش قىلىپ، پاراكەندىچىلىكنى تىنجىتىشقا مەجبۇر قىلغان. بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشىدا بۇ قېتىمقى يۈرۈش مۇنداق خاتىرىلەنگەن: دەسلەپ شىمالدىكى كۆنكۇت (قىرغىز)ئېلى 40مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر بىلەن ھۇجۇم قىلدى، ئەمما خاقان ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدىن تارتىپلا باتۇر، زېرەك، مەرگەن بولغانلىقتىن ئاتقان ئوقى زايە بولماي كۆنكۇرت خانىنى ھەق جايغا قارار تاپقۇزدى. <يىڭى تاڭنامە>ئۇيغۇرلار تەزكىرىسىدىمۇ <ئۇلار سۇ، ئوتلاق قوغلىشىپ كۆچۈپ يۈرىدۇ، ئات مىنىش، ئوقيا ئېتىشقا ماھىر>دېيىلگەن خاتىرىلەر بار. <كونا تاڭنامە>دىمۇ ئۇيغۇرلارنى <شۇڭقاردەك چەبدەس، باتۇر>دېگەن مەنىدىكى خاتىرىلەربار. ئەرەب تارىخچىسى مەسئۇدى ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە ئەڭ باتۇر ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. جۇڭگۇ مەنبەلىرىدە خاتىرىلەنگەن <ئۇيغۇر>نىڭ خەنزۇچە خەت بىلەن ئىپادە قىلىنغان مەنىلىرى ھەم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ يۇقىرىقى تەبىرىدىكى ئۇلار ئەڭ ئەشەددى كاپىرلار ھەم ئەڭ ئۇستا مەرگەنلەردۇر، دېگەن مەنە بىلەن خېلى كۆپ ئورتاقلىققا ئىگە. جۇڭگۇ مەنبەلىرىدە ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردە ئۇيغۇر نامى ھەرخىل خاتىرىلەنگەن، مەسىلەن: دىڭلىڭ، تېلى، گاۋچاڭ، خۇ، روڭ، دې قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتالغان. كېيىن ئۇيغۇر خانلىقى تازا قۇدرەت تاپقاندا خېلى كۆپ قەبىلىلەر ئۆزلىرىنىڭ قەبىلە ناملىرىنى تاشلاپ <ئۇيغۇر>نى ئومۇمىي نام قىلىپ قوللانغان. <ئەل تۇتۇش ئۆرنەكلىرى>دېگەن كىتابنىڭ 235-جىلىدىدا خاتىرىلىنىشىچە، چىن يۈەننىڭ 5-يىلى (مىلادىيە789-يىلى)تون باغا جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋتىپ، خاننىڭ نامىنى <شۇڭقاردەك پەرۋاز قىلىدىغان >دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئەنئەنىۋى نام- ئۇيغۇر بىلەن ئاتاشنى ئۇقتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر خانلىقى 回鹘(خۇي گۇ) دەپ ئاتىغان. بۇ يەردە ئىپادە قىلىنغان مەنە بىلەن مەھمۇد كاشغەرىي ئىپادىلەۋاتقان مەنە ئوتتۇرىسدا ماھىيەتلىك ئورتاقلىق مەۋجۇت.

قەدىمكى تارىخىي خاتىرىلەردىكى مەلۇماتلار ۋە <دىۋان>دىكى بەزى ئۆرنەكلەردىن مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار ناھايىتى كۆپ ئاممىۋى خاراكتېرلىك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئۆزلىرىنى چېنىقتۇراتتى. بەيگە، ئوقيا ئېتىش مۇسابىقىسى دائىمىي پائالىيەتلەرنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى ئىدى. <دىۋان>دا مەھمۇد كاشغەرىي قېرىن سۆزىنى ئىزاھلاپ: <قېرىن ئاتماق، قېرىننى قارىغا ئېلىپ ئېتىش. بۇنىڭدا سويۇلغان مالنىڭ قېرىنى نىشان قىلىنىپ، ئۇنىڭغا ئوق ئېتىلىدۇ، تەگكۈەلىگەن كىشى گۆشتىن بىر پارچە ئالىدۇ> (8) دېگەن. بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەرلەشكەن، شەھەر تۇرمۇشىدىكى ھەربىي تەييارلىق ئۈچۈن قىلىنىدىغان مەشقلىرىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىدى.

يۇقىرىقى پاكىتلاردىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلقەرنەيىننى ھەيران قالدۇرغانلىقى ۋە زۇلقەرنەيىننى مەغلۇپ قىلغانلىقى ئوبيىكتىپ ئاساسلارغا ۋە تارىخىي ئاساسلارغا ئۇيغۇن.


(3)

<ئۇيغۇر> تەبىرى توغرىسىدىكى يۇقىرىقى رىۋايەتتە دىققەت قىلشقا تىگىشلىك يەنە بىر مۇھىم نۇقتا، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىنىڭ <قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قانىتىغا ئوخشايدىكەن> دېگەن سۈپەتلەش بار. يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكنى چوڭقۇرراق كۆزىتىدىغان بولساق، ئۇ يالغۇز ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىكى كىيىنىش ئادىتىنىلا ئىپادە قىلىپ قالماستىن، بەلكى بۇ يەردە مۇھىم بىر سىمۋوللۇق مەنىنىڭ ئىپادىلەنگەنلىكىنى ھېس قىلىش مۇمكىن. كىلياشتۇرۇشنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، كۆل تىگىننىڭ ھەيكىلىنىڭ باش قىسمىنى مۇنداق تونۇشتۇرىدۇ: <كۆل تېگىن ھەيكىلىنىڭ بېشىغا بەش دانە قالقانسىمان شەكىلدىكى شاھانە تاج كەيدۇرۇلگەن بۇلۇپ ، ئۈستىگە قاناتلىرىنى كېرىپ تۇرغان بۈركۈت قويۇلغان>. (9)

بۇنىڭدىن، باشقا قالپاقلاردا قۇش پەيلىرى بولۇش. قۇش ئوبرازى بولۇشنىڭ تارىخى ناھايىتى قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلانغانلىقى ھازىرقى ئارخېئولوگىيىلىك بايقاشلار ئارقىلىق ئىسپاتلانماقتا. ئىچكى مۇڭغۇلىيىدىكى تىكرۇسېتتىن تېپىلغان ئەجدادلار يادىكارلىقلىرىدىن شۇڭقارنىڭ شەكلى ئورنىتىلغان ئالتۇن تاج بۇ نۇقتىنى ئىككى تەرەپتىن ئىسپاتلايدۇ. بۇ ئادەتنىڭ بارلىقى، يەنە بىرى، ئۇيغۇرلار بىلەن زۇلقەرنەيىننىڭ سۈركىلىشىنىڭ دەۋرى ئاساسەن مۇشۇ دەۋرگە توغرا كېلىدۇ. تارىخىي ۋە رېئال پاكىتلاردىن قارىغاندا، قەدىمكى ئۇيغۇرلار يالغۇر بۆرىنىلا قۇتادغۇ قىلىپ قالماي، ئۇنىڭدىن باشقا ئات ۋە قۇشلارنىمۇ قۇت بەلگىسى قىلغانلىقى مەلۇم. قەدىمكى زاماندا ئۇيغۇرلار لاچىننى <توغرۇل> نامىدا ئاتاپ، ئۇنى قۇتادغۇ قىلىپ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىسىم قىلىپ قوللانغان. بۇنىڭ خېلى ئومۇمىي ئەھۋال ئىكەنلىكى مەلۇم. بىز قەدىمكى ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ئىچىدە <توغرۇل> ،<توغرۇلبەگ> نامىدا ئاتالغان ئىسىملارنى خېلى ئۇچرىتىمىز. ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا گەرچە لاچىن نامىدا ئاتالغان كىشى ئىسىملىرىنى بۇرۇنقىدەك كۆپ ئۇچراتقىلى بولمىسىمۇ، لېكىن لاچىن تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ ياخشى سۈپەتلىگۈچى ئورنىدا تۇرىدىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ناھايىتى باتۇر، چەبدەس، يۈرەكلىك، جىگەرلىك ئوغۇللارنى :<لاچىندەك يىگىتكەن، لاچىندەك ئەزىمەتكەن>، <لاچىندە! لاچىن > دەپ پەخىرلىنىش بىلەن تىلغا ئالىدىغانلىقىنى ھەرگىز تەساددىپى بولمىسا كېرەك . مەھمۇد كاشغەرىي <تۈركىي تىللار دىۋانى >دا <لاچىن > سۆزىنى ئىزاھلاپ :<ئۇ، بىر خىل يىرتقۇچ قۇش، باتۇر يىگىتلەرمۇ لاچىن دىيىلىدۇ > دېگەن. بۇ خىل ئىزچىللىق ئۇيغۇرلارنىڭ لاچىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتنىڭ ئادەتتىكىچە بولمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

مەھمۇد كاشغەرىي كۆرسەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قانىتى لاچىن قانىتىغا ئوخشىغانلىقى بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزغا يەنە بەزى سىمۋوللۇق ئىپادىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش ئادىتىدىن قارىغاندا، مۇنداق ئىككى خىل ئالاھىدىلىكىنى بايقاشقا بولىدۇ. بىرى، قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىمى ئېگىز ۋە ئۇچلۇق قىلىپ لايىھىلەنگەن. بۇ خىل ئالاھىدىلىك بىرلا قاراشتا پەرۋاز قىلىۋاتقان لاچىننىڭ قانات قاققان شەكىلگە ئوخشايدۇ.ئىككىنچى ئالاھىدىلىك، قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا باش كىيىمى ئۈستىگە قۇش پەيلىرىنى قاداش ئادىتى بولغان . مىلادىيىدىن خېلى بۇرۇنقى دەۋرلەرگە مەنسۇپ ئارخېئولوگىيىلىك قېزىلمىلاردىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ئادىتى ناھايىتى قەدىمكى زامانلاردىن بېرى داۋاملاشقان ئىكەن. كۆنچى ۋادىسىدىن قېزىۋېلىنغان ئايال مۇميانىڭ ئاخىرەتلىك بويۇملىرى ئىچىدىن ئۈستىگە قۇش پەيلىرى قادالغان كىگىز قالپاق چىقتى. ئۇيغۇرلاردا بۆكىگە قۇش پەيلىرىنى قادايدىغان ئادەت ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن. كۈنەستىن تېپىلغان مىستىن ياسالغان چەۋەندازنىڭ قالپىقىنىڭ ئۈستىگە قۇش پېيىنىڭ ئېگىلىپ تۇرغان ھالىتىنى ئىپادە قىلىپ ياسىغان ئىلمەك بېزەك بىلەن، قازاقىستاندىكى <ئېسىك>قەدىمكى قەبرىسىدىن ئالتۇن كىيىملىك شاھزادىنىڭ تاجىسىدىكى قۇش ۋە قۇش پەيلىرى ئوبرازى بۇ خىل ئەنئەنىنىڭ ناھايىتى قەدىمدىن تارتىپ داۋاملاشقان ئەنئەنىۋى ئىزچىللىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىسى پاكىتكى، ئۇيغۇرلارنىڭ قالپاقلىرىنى پەرۋاز قىلىۋاتقان <قۇش>نىڭ ھالىتىگە سىمۋول قىلىپ ئىشلىگەنلىكى ناھايىتى ئېنىق. يۇقىرىقىدەك ئالاھىدىلىكنى تەساددىپى ئەھۋال دەپ قاراشقا بولمايدۇ.


(4)

ھازىرغىچە بولغان خېلى كۆپ تەتقىقاتلاردا <ئۇيغۇر >سۆزىنىڭ ئېتمولوگىيىسى ھەققىدە خېلى كۆپ ئىلمىي پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ نۇقتىدا ئەڭ مۇھىم بىر مەسىلە <ئۇيغۇر >سۆزىنىڭ قايسى تىلغا مەنسۇپلۇقى مەسىلىسى ۋە بۇ سۆزنىڭ قانداق ئۆزگەرگەنلىكى مەسىلىسىدۇر. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تەبىرىدە <ئۇيغۇر>سۆزى يۇنانچە <خۇزخور>نىڭ فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياساش جەريانىدىكى تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارالغان. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسى ھەقىقەتەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن بولغان. <ئۇيغۇر>نامىنىڭ ئالېكساندىر ماكىدونىسكىي تەرىپىدىن قويۇلۇشىمۇ ھەرگىز ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

ئېنگىلىس : (قەبىلىنىڭ نامى مەقسەتلىك تاللىۋېلىنغان ئەمەس، كۆپىنچىسى، تەساددىپى پەيدا بولغان. قەبىلە ئۆزىگە قويغان نام باشقىچە بولغان بولسىمۇ، قوشنا قەبىلىلەر تەرىپىدىن ئاشۇ قەبىلىگە قويۇلغان نام بارا-بارا ئۇنىڭ دائىمىي نامى بولۇپ قالاتتى. مەسىلەن: نېمىسلارنىڭ <گېرمان> دېگەن بىرىنچى تارىخىي ئومۇمىي نامىنى كىلىتلار قويغان ئىدى) دەيدۇ. بۇ يەردىكى ماھىيەتلىك مەسىلە بىرەر مىللەتنىڭ نامىنىڭ كىم تەرىپىدىن قويۇلغانلىقى توغرىسىدىكى مەسىلە بولماستىن، بەلكى ئۇ نام شۇ مىللەتنىڭ تارىخىي ئېتنوگىرافىيىسى ۋەمىللى خاراكتېرى بىلەن قانداق باغلىنىشى بارلىقى مەسىلىسى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، شۇ خەلقنىڭ باشقىلار بەرگەن شۇ نامنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقى مەسىلىسى . ئەگەر باشقىلار زورمۇ-زور تاڭغان نام شۇ مىللەتنىڭ مىللى ئالاھىدىلىكى ۋە باشقا تەرەپلىرىگە مۇناسىپ كەلمىسە، ئۇ خەلق ئۇ نامنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ، قوبۇل قىلمىغانىكەن، ئۇنام ھەرگىز ئۇزاق داۋام قىلمايدۇ. يۇقىرىقى نام ئۇيغۇر خەلقنىڭ مىللى ئالاھىدىلىكى ۋە خاراكتېرىگە مۇناسىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى ئۆزلەشتۈرۈپ قوبۇل قىلغان، دەپ قاراشقا بولىدۇ.

يەنە بىر مۇھىم مەسىلىمۇ مەۋجۇتكى ، ھازىرقى شەكىلدىكى <ئۇيغۇر>سۆزىنى ھەرگىز يۇنانچە سۆز، دەپ قارىمايمىز.چۈنكى <ئۇيغۇر> سۆزى بىلەن<خۇزخۇر>سۆزىنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىغا ئىككى يېرىم مىڭ يىل بولدى. شۇڭا شەكىل جەھەتتىنمۇ ئورتاقلىق ساقلانمىغان. يەنە بىر تەرەپتىن، بىرەرمىللەت يەنە بىر مىللەتنىڭ تىلىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆز ئەينى بويىچە ئۆلۈك قوبۇل قىلمايدۇ، كۆپ ھاللاردا مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە بوي سۇندۇرۇۋالىدۇ. يەنە بىرى، باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلغان سۆزلەرنى مەقسەتلىك ئۆزگەرتكەندە، ئۆز ئانا تىلىدا ئەسلىي مەنىنى ئىپادىلەيدىغان ئاھاڭداش سۆزلەرنى تاللاپ قوللىنىدۇ ياكى مۇناسىپ دەرىجىدە ئۆزگەرتىپ سۆز ياسايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، سىرتتىن قوبۇل قىلىنغان ئۇ تىل تەدرىجى شۇ مىللەتنىڭ ئوي -پىكرىنى ئىپادىلەيدىغان ئانا تىلغا بويسۇندۇرۇلىدۇ. يۇقىرىقى ئەھۋالغائاساسلانغاندا، <خۇزخۇر> سۆزى ئەڭ ئاۋال <خۇزگور>، <ئۇيگۇر> شەكلىدە قوللىنىلغان بولسۇن ياكى <ئوغۇزخور> ،<ئوغۇزگور>، <ئوغۇز> شەكلىدە قوللىنىلىپ ئاخىر <ئۇيغۇر > شەكلىگە كەلگەن بولسۇن ، ئۇ بەرىبىر ئۇيغۇر خەلقنىڭ چۈشەنچىسى ۋە ئىستېمالىدا ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردە ئىزچىل ھالدا <قەھرىمان، باتۇر خەلق>دېگەن مەنىنى ئىپادە قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر تىلى.

دېمەك مەھمۇد كاشغەرىينىڭ <ئۇيغۇر> تەبىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق شانلىق تارىخىنىڭ ئىلمىي يوسۇندا ئومۇملاشتۇرۇلۇشى ۋە ئىلمىيلاشتۇرۇلۇشى. بۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىنى مەلۇم جەھەتتىن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان نام.


ئىزاھاتلار:

(1) بۇ ساندىن قارىغاندا ئۆز دەۋرىدە ئېلى رايونىنى مەركەز قىلىپ ئولتۇراقلاشقان ئاھالىنىڭ سانىنىڭ 1مىليوندىن ئارتۇق ئىكەنلىكى روشەن بولىدۇ.
(2) ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى <تارىمدىن تامچە> دە تارىخچى دوكتۇر زەكى ۋەلىدى توغاننىڭ <ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش > دە كەلتۈرگەن نەقىلىدىن نەقىل. 307-بەت.
(3) <تارىخىي خاتىرىلەر> 399-400-بەت.
(4) مەھمۇد كاشغەرىي :<تۈركىي تىللاردىۋانى>نى تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئەرەبلەرنىڭ تۈركىي خەلقلەرنى چۈشىنىش، تۈركىي تىلىنى ئۆگىنىش ئىېھتىياجىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويغانلىقى ئۈچۈن كونكېرت چۈشەندۇرۇشكە مەجبۇر بولغان.
(5) مەھمۇد كاشغەرىي <تۈركىي تىللار دىۋانى> 1-توم، 151-بەت.
(6) قۇربان ۋەلى :<بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز>، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1986-يىلى نەشىرى، 210-بەت.
(7) <ئوغۇزنامە>، مىللەتلەر نەشىرىياتى، 1980-يىلى11-ئاي نەشىرى، 46-بەت.
(8) <تۈركىي تىللار دىۋانى>، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1981-يىلى نەشىرى،1-توم، 524-بەت.
(9) س.ش كىلياشتورنى : <قەدىمكى تۈرك- رونىك يېزىقىدىكى ئابىدىلەر>، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000-يىلى نەشىرى. ئۇيغۇرچە 20-بەت.

(tugidi)

( zhornilining 2008-yilliq 4-5- sanidin tewhide torgha teyyarlighan)
tor menbesi:
http://asrim.cn/ShowPost.asp?ThreadID=1020
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&

没有评论:

发表评论