2008年12月22日星期一

مەھمۇد كاشغەرىي ۋە مىللەتشۇناسلىق


يۈز يىلغا يېقىن ۋاقىت مابەينىدە، بۇ ئۇلۇغ ئەسەرگە نەزەر ئاغدۇرغان تەتقىقاتچىلار بولسۇن، ئالىم - مۇتەخەسىسلەر (مەيلى ئۇلار چەت ئەللىك ياكى ئېلىمىز كىشىلىرى بولسۇن) بۇ كىتابنى ئوقۇغاندا، تەھلىل قىلغاندا ۋە تەتقىق قىلغاندا ئۇنىڭدىكى باشتىن - ئاياغ ئىزچىل رەۋىشتە كۆرۈنۈش قىلىۋاتقان <مىللەتشۇناسلىق> ئامىللىرىدىن چەتنەپ، ئۇنىڭ ئەدەبىيات، تىل ۋە فولكلور جەھەتتىكى ئىلمىي قىممىتىنى كۆپرەك تەكىتلىدى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى ئورنى ۋە تەسىرىنى كۆپرەك غۇلغۇلا قىلدى





مەھمۇد كاشغەرىي ۋە مىللەتشۇناسلىق



ئىمىن ئەھمىدى



... مەھمۇد كاشغەرىينى <11-ئەسىردىكى> دەپ ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئەلۋەتتە يېتەرلىك ئىلمىي دەلىللىرى بار...

... مەھمۇد كاشغەرىي گەرچە «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى مىللەتشۇناسلىق جەھەتتىكى نوقۇل نەزەرىيۋى، سېستىمىلىق، مەخسۇس ئىلمىي ئەسەر قىلىپ يېزىپ چىقمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھارزىرقى زامان ئادەملىرى ئۈچۈن ئالغاندا < شۇ چاغدىكى ھەرقايسى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدىغان بىردىن-بىر كىتاب>، <ئوتتۇرا، قەدىمكى دەۋرلەردىكى ھەرقايسى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى پايدىلىنىش قىممىتى بولغان مۇھىم ماتېرىيال>ئىكەنلىكى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مىللەتشۇناسلىق بويىچە تۇنجى قەدەمنى باسقان دۇنياۋى شەخىس ئىكەنلىكىنى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھالدا شەرھلەيدۇ... ...

مەھمۇد كاشغەرىي مىلادىينىڭ 1076-1077-يىللىرى ئارىسىدا يېزىپ تاماملىغان «تۇركىي تىللار دىۋانى» دۇنيا جامائەتچىلىكى بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن بۇيان، دەسلىپىدە چەتئەللەردە، ئۇنىڭدىن كېيىن ئېلىمىزدە كۆپلىگەن تەتقىقاتچى، ئالىم-مۇتەخەسىسىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى. مىلادىينىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئۇزاق قەدىمكى دەۋرلەردىن ياكى مىلادىيە 11-ئەسىرگىچە بولغان تارىخىي مۇساپىدىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆركەم ۋە ھەقىقىي ئىجتىمائى تۇرمۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان بۇ كىتابنى ئۇلار <سېلىشتۇرما تەتقىقاتنىڭ يولىنى ئاچقان گىگانىت ئەسەر >،<مەركىزىي ئاسىيا توغرىسىدىكى قامۇس >،<11-ئەسىردە>، <ئەدەبىيات تارىخىدىكى قەدىم بىلەن بۈگۈننى تۇتاشتۇرىدىغان بۈيۈك دەستۇر>دەپ ماختىدى.

100يىلغا يېقىن ۋاقىت مابەينىدە، بۇ ئۇلۇغ ئەسەرگە نەزەر ئاغدۇرغان تەتقىقاتچىلار بولسۇن، ئالىم -مۇتەخەسىسلەر (مەيلى ئۇلار چەت ئەللىك ياكى ئېلىمىز كىشىلىرى بولسۇن) بۇ كىتابنى ئوقۇغاندا، تەھلىل قىلغاندا ۋە تەتقىق قىلغاندا ئۇنىڭدىكى باشتىن -ئاياغ ئىزچىل رەۋىشتە كۆرۈنۈش قىلىۋاتقان <مىللەتشۇناسلىق> ئامىللىرىدىن چەتنەپ، ئۇنىڭ ئەدەبىيات، تىل ۋە فولكلور جەھەتتىكى ئىلمىي قىممىتىنى كۆپرەك تەكىتلىدى، بولۇپمۇئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى ئورنى ۋە تەسىرىنى كۆپرەك غۇلغۇلا قىلدى. ئەكسىچە، بۇ ئەسەردە قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ يازما ئەدەبىياتى بىلەن ئېغىز ئەدەبىياتىغا ئائىت ماتېرىياللاردىن، قەدىمكى ئۇيغۇر تىللىرىدىكى ئاساسىي سۆزلۈكلەردىن، ناخشا-قوشاق، ماقال-تەمسىللەردىن، ئېپوس-داستانلاردىن، جۇغراپىيىلىك ناملاردىن نامايان بولۇۋاتقان <مىللەتشۇناسلىق ئىلمىي>گە تەئەللۇق مەسىلىلەرگە سەل قارىدى.

ئۇلار ئالدى بىلەن تۈركىي تىللارنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىنى ئاساسلىق تەكشۈرۈش ئوبېكتى قىلغان بۇ «دىۋان»نىڭ تىل ئارقىلىق مىللەت تارىخىغا مۇراجىئەت قىلغانلىقىدەك بىر ھەقىقەتنى، ئۇنىڭ تىل ئىلمىنىڭ بۇ قىرغىقىدىن شۇ تىل بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان مىللەتشۇناسلىق ۋە مەدەنىيەت ئانتىروپولوگىيىسىنىڭ ئۇ قىرغىقىغا مەقسەتلىك يوسۇندا ئۆتكەنلىكىدەك ئەمەلىي پاكىتىنى ئاساسەن تىلغا ئالمىدى ياكى ناھايىتى ئاز تىلغا ئالدى. <دىۋان>دىكى كونكېرت ئاتالغۇ ۋە كونكېرت ھادىسىلەرگە نىسبەتەن پارچىلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ تەتقىقات ئېلىپ بارغانلارمۇ ، «دىۋان»نىڭ مەزمۇنىنىڭ بىرپۈتۈنلۈكى پەقەت ئۇنىڭدىكى مىللەتشۇناسلىقتا ئىكەنلىكىگە، مەھمۇد كاشغەرىنىڭ جىمىكى ئىزدىنشىلىرىنىڭ پەقەت مىللەتشۇناسلىق ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلالمىدى. ئومۇمەن، ئۇلار مەھمۇد كاشغەرىينىڭ يالغۇز ئەدىب ۋە تىلشۇناس بولۇپلا قالماي، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر مىللەتشۇناسلىقىغا يول ئاچقۇچى ۋە ھازىرقى زامان مىللەتشۇناسلىقىغا ئۇل سالغۇچى زات ئىكەنلىكىنى ئاز سۆزلىدى. بەزى تەتقىقاتچىلار مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بۇ جاپالىق مېھنىتى ۋە ئىلمىي پىرىنسىپلار بىلەن تويۇنغان يېگانە تەتقىقاتىنى <ئۇ ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن يىللاردا دۇچ كەلگەن تاساددىپىيلىق > دېمەكچمۇ بولدى. ئەگەر مەھمۇد كاشغەرىي جان ساقلاش كويىدىلا ئۇياقتىن -بۇياققا مېڭىپ يۈرگەن بولسا، ئۇ مۇسۇلمانلار ئولتۇراقلاشقان ئەللەردە جان ساقلىغان ياكى مۇسۇلمان بولمىغانلار ئولتۇراقلاشقان ئورۇنلاردا پاناھلانغان بولسا، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى مۇنداق ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتمىگەن بولاتتى. بۇلارنى ئۇنىڭ تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى، ئۆرپ-ئادىتىنى مەقسەتلىك ھالدا تەتقىق قىلغانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق قەدىمكى ئۇيغۇرلار ھەم تۈركىي تىللىق باشقا مىللەتلەرنىڭ قوۋم-جەمەت، ئۇرۇق- ئايماق، قەبىلە ۋە قەبىلە ئىتتىپاقى بولۇپ شەكىللىنىشى ئۈستىدىن تارىخىي رېئاللىققا ئۇيغۇن خۇلاسە چىقارغانلىقىنى <رۇم ئۆلكىسىنىڭ يېنىدىن كۈن چىقىشقا قاراپ كەتكەن تەرتىپ بويىچە، شەرقتىكى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ تۇرار جايلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتتۈم> دېگەنلىرى تولۇق ئىسپاتلايدۇ.

ئۆز سۆزىمىزگە كەلسەك، قاراخانىيلار خانىدانلىقىنىڭ خان جەمەتىدىن بولغان ۋە ئۆز زامانىسىدا يېتەرلىك بىلىم سەۋىيىسىگە ئىگە بولغان مەھمۇد كاشغەرىي دادىسى تەخىت ۋارىسى بولغان يىلى يۈز بەرگەن ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ پۈتكۈل زېھىن -شىجائىتى، ئەقىل -پاراسىتىنى قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتى، تىلى، مەدەنىيىتى تەرەپكە قارىتىپ، ئىلى دەريا ۋادىلىرى، چۇ دەريا ۋادىلىرى ۋە قىپچاق دالالىرىدا كەڭ كۆلەمدىكى يۇت ئارىلاپ، ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش بىلەن شۇغۇللاندى. شۇ رايونلاردىكى قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەر بىلەن ئۇچراشتى؛ تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، ياغما، قىرغىز قاتارلىق قەبىلىلەر ئولتۇراقلاشقان شەھەر، قەلئە، يېزا-قىشلاقلاردا ئۇلارنىڭ تىلىنى، تارىخىنى، دىنىي-ئېتىقادىنى، تەشكىلىي قۇرۇلمىلىرىنى، ئۆرپ-ئادىتىنى، ئۇلاردىكى يەرلىك دېئالىكتىكىلارنى ۋە شېۋىلەردىكى پەرقنى خاتىرىلىدى؛ قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ ئەمەلىي، ئەڭ رەڭدار سۆزلۈكلەرنى، بېيىت -قوشاقلارنى، ماقال -تەمسىللەرنى، شېئىر-نەزمىلەرنى، ئېپوس-داستانلارنى، ھېكمەتلىك سۆزلەرنى تەھلىل قىلدى... ... بولۇپمۇ ئەينى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە تۈركىي تىللىق مىللەتلەردە، مەركىزىي رايون ۋە چەت-ياقا جايلاردا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان شېۋىلەرگە تېخىمۇ دىققەت قىلىپ، <دىۋان>دا شېۋىلەردىكى پەرق ئۈستىدە ئايرىم تېما ئاجراتتى. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ، قەبىلىلەرنىڭ تىلىنى ئۆز-ئارا سېلىشتۇردى. شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، مەھمۇد كاشغەرىي بۇ مىسلىسىز بۈيۈك ئەسەردە قارىماققا ئەدەبىيات، تىل ۋە فولكلوردەك كۆرۈنىدىغان، ماھىيەتتە قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشىدىغان خىلمۇ خىل ئالاھىدىلىكلەرنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 11-ئەسىردىكى ھەتتا، ئۇنىڭدىنمۇ يىراق قەدىمىي دەۋرلەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى، تەرەققىي قىلىش جەريانى، ئىجتىمائى-سىياسىي تۈزۈمى، بۇ تۈزۈملەرنىڭ بارلىققا كېلىشى، ئۆزگىرىشى، مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ، مەدەنىيەت سەۋىىيسى ، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى قاتارلىق مىللەت ئورتاق گەۋدىسى بىلەن بىۋاستە ئالاقىدار ئىچكى ئامىل ۋە تاشقى شەكىللەر ئۈستىدە باش قاتۇردى. «دىۋان»دا خاتىرىلەنگەن 7500دىن ئارتۇق سۆزلۈك، چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق، يايلاق، ئۇرۇش، ئەخلاق، مۇھەببەت، دوستلۇق، ئېتىكا، بىلىم قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىدىئوم سۆزلەر، ناخشىلار؛ پەلسەپىۋىلىكى قويۇق، تەسەۋۋۇر كۈچى مول ماقال-تەمسىللەر ئارقىلىق مىللەت ئورتاق گەۋدىسىدىكى ئورتاق مەدەنىيەتتە ئىپادىلىنىدىغان ئورتاق پىسخىكىلىق ئالامەتلەرنى ئەكىس ئەتتۈردى. يەنە قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گەۋدىسى مەنبە، كۆچۈش، قوشۇلۇپ كېتىش، توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش، پارچىلىنىش، ئارىلىشىپ كېتىش، سىڭىشىش قاتارلىق تارىخىي ئۆزگىرىش بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولغان مەدەنىيەت تىندۇرمىلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرتىلىنىڭ مىللەت تەتقىقاتى ۋە مىللەتشۇناسلىقتىكى پەۋقۇلئاددە ئورنىنى سەمىمىزگە سالدى.

ھەممىمىزگە مەلۇم، <ئاۋام - پۇقرانىڭ تىلى مەدەنىيەت ئانتروپولوگىيەئىلمى، مىللەتشۇناسلىق، تارىخشۇناسلىق، قاتارلىق گۇمانىتار پەنلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك>. شېۋىتسارىيىلىك ئالىم سوسسۇرنىڭ سۆزى بويىچە ئالغاندا<بىر مىللەتنىڭ ئۆرپ-ئادىتى كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭ تىلىدا ئەكىس ئېتىدۇ، يەنە بىر ياقتىن مىللەتنى شەكىللەندۈرىدىغان نەرسە مۇتلەق ئەھۋال ئاستىدا تىلدىن ئىبارەت بولىدۇ.>شۇنى تەكىتلەش زۆرۈركى، پەقەت تىل بولغاندىلا مىللەت مەۋجۇت بولىدۇ. بىر تىلنىڭ مەۋجۇتلۇقى شۇ تىلنى ئۆزىگە قورال قىلىدىغان مىللەتنىڭمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ، بىر مىللەتنىڭ تارىخىي، ئۇنىڭ ئىپتىدائى ئەھۋالى ئالدى بىلەن شۇ مىللەتنى ئۆرە قىلغان تىلدىكى ئەڭ قەدىمكى <ئىزنالار >ۋە شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىدىكى ئەڭ قەدىمكى <قالدۇقلار>دا ئىپادىلىنىدۇ. مىللەتشۇناس ياڭ چۇن ئېيتقاندەك : <بىر مىللەتنىڭ ئورتاق تىلى-مىللەت ئورتاق گەۋدىسىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئورتاق ئالاھىدىلىكىنىڭ بىرى. ئۇ شەكىللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت تارىخىي جەرياننى باشتىن كەچۈرىدۇ. يەنە مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىدۇ. شۇڭا، بىر مىللەتنىڭ تارىخي، ھامان مىللەتنىڭ تەرەققىيات تارىخىي بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ. تىلنىڭ پارچىلىنىش، بىرلىككە كېلىش ۋە ئۆز ئارا ئۇچرىشىشى ماھىيەتتە مىللەت ئورتاق گەۋدىسىدىكى پارچىلىنىشىنى ، بىرلىككە كېلىشىنى ۋە ئۇچرىشىشىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. مۇشۇنىڭدىن كۆرە، مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان مىللەت ئورتاق تىلىدىن شۇ مىللەت ئورتاق گەۋدىسنىڭ بۇرۇنقى تارىخىدىكى بەزى ئالاھىدىلىكلەرنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. > بىز مۇشۇلارغا ئاساسەن شۇنداقلا «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ پۈتكۈل قۇرۇلمىسى بويىچە<مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلىنى تەكشۈرۈشتىن چىقارغان يەكۈنى ئالدى بىلەن مىللەتشۇناسلىق كاتېگورىيسىگە ياتىدۇ> دەپ جەزم قىلمىز.

مەھمۇد كاشغەرىينى<> دەپ ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئەلۋەتتە يېتەرلىك ئىلمىي دەلىللىرى بار. ھەرقانداق دەۋر، ھەرقانداق ئەلدىكى مىللەتشۇناسلىقتا كەم بولسا بولمايدىغان <يۇرت ئارىلاپ دالا تەكشۈرۈش> مۇشۇ دەلىلنىڭ دەل ئۆزى. يەنىلا ياڭ چۈن ئېيتقاندەك : <يۇرت ئارىلاپ دالا تەكشۈرۈش- مىللەتشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، شۇنداقلا ئەڭ ئاساسلىق ئۇسۇل. تەتقىقات ئوبيېكتىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ.>

مەللەتشۇناسلىق تەتقىقاتى ئەزەلدىن تارتىپ تەكشۈرۈشنى قەبىلىدىن ياكى ئەينى چاغدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مىللەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدىن باشلايدۇ. تەتقىقات ئوبېكتى بىلەن، يەنى شۇ چاغدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ياكى <تىرىك>ياشاۋاتقان مىللەت ئورتاق گەۋدىسى بىلەن بىۋاستە ئالاقە ئورنىتىدۇ. ئاندىن شۇ مەزگىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان خىلمۇ-خىل ھادىسىلەرنىڭ تارىختا قانداق بارلىققا كەلگەنلىكىنى، تەرەققىيات جەريانىدا قانداق مۇھىم باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى تارىخنىڭ بېشىغا ياندۇرۇپ سۈرۈشتۈرىدۇ ۋە مىللەت مەدەنىيەتشۇناسلىقى، مەدەنىيەت ئىلمى، جۇغراپىيىشۇناسلىق، تارىخىي ھۆججەتلەر، ئاسارە -ئەتىقىلەر، تارىخشۇناسلىق، ئارخېئولوگىيە قاتارلىقلاربىلەن بىرلەشتۈرىدۇ، بولۇپمۇ تىلنى مىللەتشۇناسلىقنىڭ ئاساسىي بىلىدۇ. بۇ، يالغۇز ھازىرقى زامان مىللەتشۇناسلىقىدىلا يەكۈنلەنگەن تەجرىبە ئەمەس، بەلكى مەھمۇد كاشغەرىي 11-ئەسىردە قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ئۈستىدىكى مىللەتشۇناسلىق تەتقىقاتىنى باشلىغاندا قوللانغان تەجرىبە. مەھمۇد كاشغەرىي مۇشۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرگە قارىتا يۇرت ئارىلاپ دالا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. ئىشنى كونكېرت <تىرىك> قەبىلە ۋە مىللەتلەردىن باشلىدى. خۇددى ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغاندەك، رۇم ئۆلكىسىدىن كۈن چىقىشقا قاراپ، تۈركلەرنىڭ 12 قەبىلىسىنى، ئۇلارنىڭ ئاساسىي قەبىلىلىرىنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-ئايماقلىرىنىمۇ چالا قويماي ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ بېقىشقا تىرىشتى. <دىۋان>دا نامى ئېلىنغان جۇغراپىيىلىك رايونلار ۋە يۇرتلارنىڭ ھەممىسىگە باردى. ئۇ، ئەقەللىيسى ئارىلىقنى چوڭ دېڭىز ئايرىپ تۇرىدىغان ياپونىيىگە قەدەر كۆڭۈل بۆلدى. ئۆزى بارالمىغان جايلارنى سىزىپ چىققان يەر يۈزى شەكلىنىڭ دائىرىسى ئىچىدە كۆرسەتتى. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھازىرقى زامان مىللەتشۇناسلىقىغا ئوخشاش <يۇرت ئارىلاپ دالا تەكشۈرۈش> بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

تېخىمۇ قىززىق يېرى، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بۇ خىل يۇرت ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلىغا بۈگۈنكى كۈندە <مىللەتشۇناسلىق ئىۋولوتسىيە ئېقىمىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى>دەپ ئاتىلىۋاتقان لىۋىس ھېنىرى مورگان (1818-1881)نىڭ ئامېرىكىنىڭ شەرقىدىكى نيۇيورك ئوبلاستىغا قاراشلىق ئىندىئانلار تۈركۈمىدىن بولغان ئېرۇكىز قەبىلىسىگە بېرىپ تەكشۈرۈشلىرى ئادەمنى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. مورگان ئېرۇكىز قەبىلىسىنى بۇرۇن ئاڭلىغان، كېيىنچە <ئاسراندى بالا> تەرىقىسىدە ئۇلارنىڭ جەمەتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. ئۆزىنىڭ ئادۋوكاتلىق سالاھىتىدىن پايدىلىنىپ، ئىندىئانلارنى ئاقلاپ سوتقا چىققان. بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، ئۇلار بىلەن ئۇزاق مەزگىل بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن (مەھمۇد كاشغەرىي ئۆزى تەكشۈرىۋاتقان ئاھالە تۈركۈمى ئىچىدە ئون نەچچە يىل ياشىغان)، ئۇلارنىڭ تىلىنى، ئىجتىمائى تەشكىللىنىش ئەھۋالىنى، ئۆرپ-ئادىتىنى، ئۇلارنىڭ قەبىلە بولۇپ ئۇيۇشۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىگەن. نەتىجىدە، ئېرۇكىز قەبىلىسىنىڭ جىمىكى مەخپىيەتلىكىنى ئۈجۈر-بۈجۈرىگىچە بىلىپ، 1851-يىلىغا كەلگەندە دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن <ئىندىئانلار توغرىسىدىكى تۇنجى ئەسەر>دەپ قارالغان <ئېروكىز قەبىلە ئىتتىپاقى> دېگەن ئەسەرنى يېزىپ چىققان.

گەرچە «تۈركىي تىللار دىۋانى» مىللەتشۇناسلىق جەھەتتىكى نوقۇل نەزەرىيۋى، سېستىمىلىق، مەخسۇس، ئىلمىي ئەسەر بولمىسىمۇ، ئۇ ھازىرقى زامان ئادەملىرى ئۈچۈن ئالغاندا <شۇ چاغدىكى ھەرقايسى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدىغان بىردىنبىر كىتاب >،<ئوتتۇرا ، قەدىمكى دەۋرلەردىكى ھەرقايسى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى پايدىلىنىش قىممىتى بولغان مۇھىم ماتېرىيال>بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مىللەتشۇناسلىق بويىچە تۈنجى قەدەمنى باسقان دۇنياۋى شەخىس ئىكەنلىكىنى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھالدا شەرھلەيدۇ. دېمىسمۇ مەھمۇد كاشغەرىي <رۇم ئۆلكىسىنىڭ يېنىدىن كۈنچىقىشقا كەتكەن تەرتىپ بويىچە ، شەرقتىكى تۈرك قەبىلىلىرنىڭ تۇرار جايلىرى>نى كۆرسەتتى. بولۇپمۇ، قەدىمكى ئۇيغۇرلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىپ، مىللەتشۇناسلىقنى ئۇلارنىڭ تارىخى بىلەن، جۇغراپىيلىك ئورنى بىلەن، مەدەنىيىتى بىلەن ئورگانىك ھالدا باغلىدى. قەدىمكى تىل <ئىزنا >لىرنى ۋە مەدەنىيەت <قالدۇق>لىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلمىدى. يۇرت ئارىلاپ دالا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇرۇپ ، ئۆزى ئۇچراتقان ھادىسىلەرگە جىددى ۋە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلدى. ئۇنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بىزگە قالدۇرغانلىرى ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىدىن كۆپ ئەسىر كېيىن بارلىققا كەلگەن <مىللەتشۇناسلىق ئىلمى> توغرىسىدىكى قاراشلارغا ئوخشاشلا تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنداقلا يەنە ھازىرقى زامان مىللەتشۇناسلىقنىڭ ۋەكىلى مورگان ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى <قەدىمكى جەمىئەت> تە ئىلمىي ئىپتىدائىي جەمئىيەت تارىخىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن قالدۇغان ماتېرىياللارغا ئوخشاشلا رېئال ئىجتىمائى ئەھمىيەتكە ئىگە. مۇشۇلارغا كۆرە، مەھمۇد كاشغەرىينىڭمۇ ئالدى بىلەن شۇ تارىخى شارائىتتا <تىرىك >ياشاۋاتقان مىللەتنىڭ تىل <ئىزنا>لىرىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ رېئال مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مىللەتلەرنىڭ، جۈملىدىن قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت گەۋدىسىنى چىقىش قىلىپ، بۇ ئورتاق گەۋدىنىڭ تارىخىدىن قالغان، داۋاملاشقان ۋە ئەينى ۋاقىتتا كەڭ جامائەت قوللانغان تىلدىكى <ئىزنا>ۋە <قالدۇق>لارغا ئاساسەن مىللەتنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مىللەتشۇناسلىق جەھەتتىكى تۆھپىسىنى تۆۋەندىكى بىرقانچە نوقتا ئارقىلىق چۈشەندۈرىمىز :

بىرىنچى، مەھمۇد كاشغەرىي قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ، قەبىلىلەرنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندە، ئالدى بىلەن مەدەنىيەت< قالدۇق>لىرىنى تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىنى قوللاندى.

شۇنى چۈشىنىۋېلىش لازىمكى، تارىخىي دەۋرلەردىكى ھەرقايسى قەبىلە ۋە مىللەتلەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان تىل، ئۆرپ-ئادەت، پىسخىكىلىق مىجەز قاتارلىقلاردا، ھەتتا كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق قاتارلىقلاردىمۇ، تارىخىي مەدەنىيەت ھادىسىلىرى <قالدۇق>لىرىنىڭ بولىدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. مەھمۇد كاشغەرىي ئىنسانلار جەمىيىتىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدىن قارىغاندا ، ئالدىنقى باسقۇچتىكى قىسمەن مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنىڭ تىلدا ياكى ئۆرپ - ئادەتتە مەلۇم شەكىلدە داۋاملىشىپ ، تارىخىي باسقۇچنىڭ كېيىنكى مەزگىلىگە كىرەلەيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ <قالدۇق>ھالىتىگە تايىنىپ كېيىنكىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدى. شۇڭا ئۇ يۇرت ئارىلاپ تەكشۈرۈش داۋامىدا، قەبىلىلەرنىڭ ھەرقايسى تارىخىي باسقۇچلىرىدا تۆرەلگەن، بىخلىغان ۋە قەيسەرلىك بىلەن داۋاملاشقان تىل<ئىزنا>لىرى بىلەن مەدەنىيەت <قالدۇق>لىرىغا ئالاھىدە ئېتىبار بەردى. ئۇنىڭ بۇ ئۇسۇلى ھەتتا مورگاننىڭ تارىخىي مەدەنىيەت <قالدۇق>لىرىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئېرۇكىز قەبىلىسىنىڭ تۇغقاندارچىلىق نام، سېستىمىسىنى تۇرغۇزۇپ چىقىشىدا تۇلۇقى بىلەن تەكرارلاندى.مىللەتشۇناسلىقتىكى ئىۋولوتىسيە ئېقىمىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولغان گېرمانىيىلىك باستېئان (1826-1905)، ئەنگىلىيىلىك تايلور(1823-1917)، شۋېتسارىيىلىك باسخوفىن (1815-1887)، شوتلاندىيىلىك مىكلىننان(1827-1881) قاتارلىقلارنىڭ مەدەنىيەت <قالدۇق>لىرىدىن پايدىلىنىش ئۇسۇلىمۇ مەھمۇد كاشغەرىيىنىڭ ئۇسۇلىغا ئاساسەن ئوخشىشىپ قالدى.

ئىككىنچى، مەھمۇد كاشغەرىي قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي قەبىلىلەر بىلەن مىللەت تۈركۈملىرىنىڭ تەبىئى ئورۇنلىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، قەبىلە رايونلىرىغا <ئايرىپ تەكشۈرۈش > ئۇسۇلىنى قوللىنىپ تىل، ئۆرپ-ئادەت، ئىجتىمائى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

بۇمۇ ھازىرقى زامان مىللەتشۇناسلىقىدىكى «مىللەت ئورتاق گەۋدىسىنىڭ تەبىئى تارقىلىش ئەھۋالىغا قاراپ رايونلارغا بۆلۈپ تۇرۇپ تەكشۈرۈش» كە تامامەن ئوخشىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ھەرقايسى مىللەت ئورتاق گەۋدىسىنىڭ تارىخى جەريان ۋە تەبىئى شارائىتىنىڭ پەرقلىق بولغانلىقى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان، ئىجتىمائى تەرەققىياتتىكى تەكشى بولماسىلىققا قارىتىلغان تەكشۈرۈش ئۇسۇلى. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل تەكشى بولماسلىق ئوخشاش بىر مىللەت گەۋدىسى ئولتۇراقلاشقان ھەرقايسى رايونلاردىمۇ مەۋجۇت بولىدۇ، ھەتتا ئوخشاش بىر رايوندىمۇ مەركىزى رايون بىلەن چەت-ياقا رايونلار ئارىسىدا پەرق بولىدۇ. مەھمۇد كاشغەرىي مىللەتشۇناسلىقتىكى بۇ خىل ئۇسۇل -چارە ، پىرىنسىپلىق قاراشلار شەكىللىنىشتىن بۇرۇنلا قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنى، شۇنداقلا تۈركىي تىللىق مىللەتلەردىن بۆلەك مىللەت ۋە ۋە قەبىلىلەرنى ئۇلار بارلىققا كەلگەن تارىخي جەريان، ئۇلار ياشاۋاتقان تەبىئى مۇھىتنىڭ ئوخشىماسلىقى بويىچە رايونلارغا بۆلۈپ تەكشۈردى.
ئۇ، بۇ مىللەت ۋە قەبىلىلەرنى
«رۇم ئۆلكىسىنىڭ يېنى»،
«بالاساغۇن رايونى»،
«خاقانىيە مەركىزىي رايونى»،
«تىبەت ۋە خوتەن رايونى».
«يايلاق رايونلىرى»
دەپ بىرنەچچىگە بۆلدى.
ئۇ يۇرت ئارىلاپ تەكشۈرۈش داۋامىدا ، بۇ رايونلاردىكى ئىجتىمائى تەرەققىيات ، مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتتە تەكشى بولماسلىقتەك ئەھۋاللارنى بايقىدى، بولۇپمۇ ئوخشاش مىللەت گەۋدىسى ۋە ئوخشاش قەبىلە ئورۇنلاشقان ھەرقايسى رايونلاردىكى تىلنىڭ پەرقىگە ئالاھىدە دىققەت قىلدى، ھەتتا ئوخشاش بىر رايوندىكى مەركىزىي رايون بىلەن چەت-ياقا جايلاردىمۇ تەكشى بولماسلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆردى. مەھمۇد كاشغەرىي <دىۋان>دا <تىللارنىڭ يېنىكى ئوغۇز تىلى، توغرىسى توخرى تىلى ۋە ياغما تىلى >دەپ كېلىپ، <بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ پاساھەتلىك تىل خاقانىيىنىڭ مەركىزىي ئۆلكىسىدىكى خەلقنىڭ تىلى> دەپ يازدى.

بىز تەتقىقاتچى ياڭ چۈننىڭ <مىللەتشۇناسلىق مەدەنىيىتىدە مەركىزىي رايونغا قانچىكى يېقىن رايونلارنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇنچىكى پاكىز، روشەن بولىدۇ، چەت -ياقا رايونلارغا بارغانسىرى بۇ ئالاھىدىلىك شۇنچىكى مۇرەككەپ، شۇنچىكى گۇڭگا بولىدۇ> دېگەنلىرىنى نەقىل كەلتۈرىۋېتىپ، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ 11-ئەسىردىلا بۇ مەسىلىنى ھېس قىلغانلىقىدىن چەكسىز پەخىرلىنىمىز .

ئۈچىنچى، مەھمۇد كاشغەرىي <دىۋان> دا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى ھەرقايسى رايونلار بويىچە سېلىشتۇرۇپ چىقتى. ئۇنى باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلى بىلەن، شۇنداقلا ئەرەب تىلى بىلەنمۇ سېلىشتۇردى.

ھازىرقى زامان مىللەتشۇناسلىقى <سېلىشتۇرما تەتقىقات> نى مىللەتشۇناسلىقتىكى مۇھىم ئۇسۇل دەپ قارايدۇ، ئۇلارھەتتا <سېلىشتۇرما تەتقىقات>نى مىللەتشۇناسلار يۇرت ئارىلاپ دالا تەكشۈرگەندىن كېيىن قوللىنىدىغان خۇلاسە خاراكتېرلىك ئۇسۇل ،زور تۈركۈمدىكى ھېسسي ماتېرىياللارنى ھەقىقىي ئىلمىيلىققا كۆتۈرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم چارە دەپ تونۇيدۇ. مەھمۇد كاشغەرىي <دىۋان> دا ئۇيغۇر تىلىنى ھەرقايسى رايونلار بويىچە سېلىشتۇرۇپ چىقتى، ئۇنى باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ تىلى بىلەن،شۇنداقلا ئەرەپ تىلى بىلەنمۇ سېلىشتۇردى. ئوخشاش بىر تىلنى جۇغراپىيلىك مۇھىت، مەركىزىي رايون ۋە چەت-ياقا جايلار بويىچە سېلىشتۇرۇپ كۆردى. ئۇ تىل جەھەتتىكى يۇقىرىقىدەك سېلىشتۇرما تەتقىقاتقا تايىنىپ ، بولۇپمۇ شېۋىلەردىكى دىئالېكتىكىلاردىكى پەرق ئارقىلىق قەدىمكى ئۇيغۇرلار، ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرۋە باشقا مىللەت تۈركۈملىرى ئارىسىدىكى تىل پەرقىنى، ئوخشاشلىقنى ئىلمىي يوسۇندا بايان قىلدى. <رۇم ئۆلكىسىدىن ماچىنغىچە بولغان تۈرك ئەللىرى>دە ئېلىپ بارغان يۇرت ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە، تىل جەھەتتىكى سېلىشتۇرما تەتقىقاتنىڭ ئاساسىنى تۈرغۇزدى ھەمدە مىللەتشۇناسلىقتىكى كەم بولسا بولمايدىغان بۇ ئۇسۇل بىلەن كېيىنكىلەرنى تەمىنلىدى.

تۆتىنچى، مەھمۇد كاشغەرىي ئۆز زامانىسىدا ھازىرقى زامان مىللەتشۇناسلىقىدىكى <نەسەب -شەجەرەئارقىلىق پەرەز قىلىش >ئۇسۇلىنى تىلغا ئالدى.

ئاتالمىش <نەسەب-شەجەرە>-قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان ئىنسان تۈركۈمىنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تارقىلىشى بولۇپ، ئۇ كېيىنكى ئەۋلادلارنى تەربىيلەشتە ئائىلىۋى تارىخ ۋە مىللەت تارىخىنىڭ رولىنى ئوينىغان. ئەلۋەتتە، بۇ خىل ئۇسۇل مىللەتشۇناسلىقتا يېزىقى يوق مىللەت ئورتاق گەۋدىسىگە تېخىمۇ باب كېلەتتى. چۈنكى بۇ ئارقىلىق يازما تارىخى بولمىغان مىللەتلەردىكى تارىخى دەۋرلەرنى پەرەز قىلغىلى، ئۇلارنىڭ تەرەققىيات تەرتىپىنى بەلگىلىگىلى بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈسـتىگە، مۇنداق مىللەتلەردىكى نەسەب- شەجەرە پەقەت تىلدىلا ساقلىناتتى. بولۇپمۇ مۇنداق مىللەتلەرنىڭ تارىخى كۆپ ھاللاردا ئۇلاردىكى ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچىدىغان تارىخىي ئەپسانە-رىۋايەتلەردە، چۆچەكلەردە، ناخشا -قوشاقلاردا، ھەتتا بالا-چاقىلارنىڭ، ئاتا-ئانىلارنىڭ، يۇرت-مەھەللىلەرنىڭ نام-ئاتاقلىرىدا مۇقىملىققا ئىگە بولاتتى. مۇشۇ خىل ئاغزاكى ماتېرىياللارنى خاتىرىلەش ئارقىلىق، شۇ مىللەت ياكى قەبىلە ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئېتنوگىرافىيىلىك مەنبەسىنى، ئۇلارنىڭ كۆچمەنلىك ھاياتىنى، ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالىنى، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات جەريانىنى، مەدەنىيەت قاتلىمىنى، ئۆرپ-ئادىتىنى، ئۇلارنىڭ ھاياتىدا يۈز بەرگەن زور سىياسىي-ئىقتىسادى ۋەقەلەرنىڭ تەخمىنىي يىلنامىسىنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولاتتى. مۇشۇلارنى بىلىپ يەتكەن مەھمۇد كاشغەرىي <دىۋان>دا <ئالىپ ئەرتۇڭا> داستانىنىڭ باش قەھرىمانى ئالىپ ئەرتۇڭانى ئالاھىدە تىلغا ئالدى ۋە تۈرك ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇلۇغ خاقانى ئافراسىياپنى ئالىپ ئەرتۇڭا، دەپ يازدى. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مۇنداق دېيىشىگە غەربىي ئۇيغۇرلاردىكى بەزى قەبىلىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئەجدادىنى ئالىپ ئەرتۇڭادىن باشلانغان، دېگەنلىكى سەۋەب بولدى. ھالبۇكى، مەھمۇد كاشغەرىي ئالىپ ئەرتۇڭانى <تارىختا نامى قەيت قىلىنغان قەھرىمان ئافرا سىياپ >دەپ جەزم قىلغاندا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئىنتايىن يىراق ئۆتمۈشتىكى شەخىس ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتقان ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە 11-ئەسىردىكى ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ <قۇتادغۇ بىلىك>تە: <تاجىكلار ئالىپ ئەرتۇڭانى ئافراسىياپ دەيدۇ> دەپ ئىزاھلىغانىدى. 10-ئەسىردىكى پارىس شائىرى فىردەۋىس<شاھنامە>دە ئوخشاشلا ئافراسىياپنىڭ نامىنى تىلغا ئالغانىدى. تېخىمۇ مۇھىمى، <ئافراسىياپ>دېگەن بۇ ئىسىم باشتا ئىراندىكى كىلاسسىك ئەسەر <ئاۋىستا>دا كۆرۈنگەن. ئۇنىڭدا : <ئافراسىياپ تۇرانلارنىڭ خاقانى، ئىرانلارنىڭ دۈشمىنى > دەپ چۈشەندۈرۈلگەن ئىدى. يىغىپ ئېيتقاندا، غەربىي ئۇيغۇرلاردىكى بەزى قەبىلىلەرنىڭ ئالىپ ئەرتۇڭانى ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادى دەپ بىلىشى، ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ مىلادىيە 11-ئەسىردىن بۇرۇن يېزىلغان كىتابلاردا ئافراسىياپ دەپ ئاتالغانلىقى قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ نەسەب-شەجەرىسىنى ئېنىقلاشتىكى مۇھىم بىر مەسىلە ئىدى. بۇ ئەھۋال مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مىللەتشۇناسلىقتىكى نەسەب-شەجەرە ھادىسىسىگە ئىنتايىن دىققەت قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ بۇ ئارقىلىق شۇ قەبىلە ياكى مىللەتنىڭ ئېتنوگىرافىيىلىك مەنبەسى، كۆچمەنلىك ھاياتى، ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ يۇرت-مەھەللىلىرىنى ئەتراپلىق بىلمەكچى بولغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

بىز ماقالىمىزنىڭ تېمىسىنى تېخىمۇ ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن، مىللەت ۋە مىللەتشۇناسلىق ھەققىدە يەنە ئازراق سۆزلەشنى زۆرۈر دەپ قارايمىز. <مىللەت دېگەن زادى نېمە؟> سىتالىن : <ئادەملەر تەرىپىدىن تارىختىكى ئورتاق تىل، ئورتاق رايون، ئورتاق ئىقتىسادى تۇرمۇش ۋە ئورتاق مەدەنىيەتتە ئىپادىلىنىدىغان ئورتاق پىسخىكىلىق ساپا ئارقىلىق شەكىللەنگەن مۇقىم ئورتاق گەۋدە مىللەت بولىدۇ > دەپ جاۋاب بەرگەن، شۇنداقلا <بۇ ئورتاق ئالاھىدىلىكتىن بىرى كەم بولۇپ قالغان مىللەتنى مىللەت دېگىلى بولمايدۇ > دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. ئەلۋەتتە قىسمەن يەككە مىللەتلەردە پەۋقۇلئاددە تارىخى شارائىتتا ئۇرۇش مالىمانچىلىقى، تەبىئى ئاپەت ياكى بىرىكىپ كېتىش تۈپەيلى ئۆزىدىكى ھېلىقى ئالاھىدىلىكتىن بىرەرى ياكى بىر نەچچىسى يوقىلىپ كېتىدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ. ھەر تۈرلۈك سەۋەبلەرگە كۆرە، ھەرقايسى مىللەت ئورتاق گەۋدىسىدىن ئۇزاق مەزگىللىك كۆچمەنلىك جەريانىدا پارچىلىنىپ، قايتىدىن شەكىللىنىش، ھەتتا يوقىلىپ كېتىش ئەھۋالىمۇ ئۇچرايدۇ. لېكىن، تەكىتلەپ كۆرسىتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، <ھېلىقى ئەسلىدىكى ئورتاق رايوندا شەكىللەنگەن مىللەت ئورتاق گەۋدىسىنىڭ تىلى، ئورتاق مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىدە ئىپادىلىنىدىغان ئورتاق پىسخىكىلىق ساپا ئۇزاققىچە ساقلىنىدۇ، كۈچلۈك مۇقىملىققا ئىگە بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ئاساسىي سۆزلۈكلەرنىڭ ھاياتى كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ>. دېمەك، مەلۇم مىللەتنىڭ ئورتاق گەۋدىسىدە تۈپكى ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىمۇ، مىللەتنىڭ ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئامىللار، بولۇپمۇ ئورتاق تىل ۋە ئورتاق مەدەنىيەتتە ئىپادىلىنىدىغان ئورتاق پىسخىكىلىق ساپا (مۇنداقچە ئېيتقاندا، چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن مەدەنىيەت قاتلىمى )يەنىلا ئۆزىنىڭ <ئىزنا>لىرىنى ياكى <قالدۇق>لىرىنى قالدۇرۇپ، قەيسەرلىك بىلەن داۋاملىشىدۇ. بۇلار ئۆز نۆۋىتىدە مىللەتشۇناسلارنىڭ مۇشۇ تىل <ئىزنا>لىرى بىلەن مەدەنىيەت <قالدۇق>لىرىغا تايىنىپ، مىللەت ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىنى تەتقىق قىلىشنىڭ يولىنى تېپىشقا ياردەم بېرىدۇ. بۇ يەردىكى تىل <ئىزنا>لىرى مىللەتشۇناسلارنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان ۋە ئۇلارنى قىزىقتۇرىدىغان مۇھىم تەرەپ بولۇپ قالىدۇ، شۇنداقلا بۇ ئەھۋال مىللەت ئورتاق گەۋدىسى شەكىللىنىشنىڭ تىل تەرەققىيات مۇساپىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلايدۇ.

مەھمۇد كاشغەرىي تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئۆزگىرىشچان ئورتاق رايوندا جاھىللىق بىلەن ئۆزگەرمەي تۇرۇۋاتقان نەرسىنىڭ راستتىنلا <ئورتاق تىل، ئورتاق ئىقتىسادى تۇرمۇش، ئورتاق مەدەنىيەت ۋە ئورتاق پىسخىكىلىق ساپا >ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى.بولۇپمۇ <ھاياتى كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك >بولغان ئاساسىي سۆزلۈكلەردىن مىللەت ئورتاق گەۋدىسىدىكى ئالامەتلەرنى تولۇق ئۇچراتتى.بىز مۇشۇ نۇقتا بويىچە، ئالىپ ئەرتۇڭا ئەگەر غەربىي ئۇيغۇرلارنىڭ مەلۇم قەبىلىسىنىڭ ئەجدادى بولغان تەقدىردە، ئۇنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا <دىۋان>دا خاتىرىلەنگەن مەرسىينىڭ ھەرگىزمۇ ئالىپ ئەرتۇڭا ئالەمدىن ئۆتۈپ ئۇزاق يىللاردىن كېيىنكى 11-ئەسىرنىڭ ئۆزىدە پەيدا بولمىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئالىپ ئەرتۇڭا ئۆلۈپ كەتكەن چاغدىلا بارلىققا كەلگەن مەرسىيە ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرىمىز. بۇ ئەھۋالدا ئالىپ ئەرتۇڭا توغرىسىدىكى مەرسىيە بىزنى ئۇزاق دەۋرلەردىن بېرى داۋاملاشقان تىل <ئىزنا>لىرى ۋە مەدەنىيەت <قالدۇق>لىرى بىلەن تەمىنلىگەن بولىدۇ. بىز مۇشۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، شۇ قەبىلىنىڭ ياكى ئالىپ ئەرتۇڭا خاقان بولغان دەۋردىكى باشقا قەبىلىلەرنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنى تېپىپ چىقالايمىز. يەنە مۇشۇ ئەھۋالدا، ئالىپ ئەرتۇڭا توغرىسىدىكى مەرسىيىدىن قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرئەجدادلىرىنىڭ قانداقلارچە قوۋم، جەمەت، ئۇرۇق-ئايماق، قەبىلە ۋە قەبىلىلەر ئىتتىپاقى بولۇپ شەكىللەنگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئورتاق مىللەت گەۋدىسى بولۇپ ئۇيۇشقاندىكى ئالاھىدىلىكلەرنى كۆرۈپ يەتكەنلىكى مۇھىم ئورۇنغا ئۆتىدۇ. مۇشۇلارغا كۆرە، بىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ سېلىشتۇرما تىل تەتقىقاتىنىڭ يولىنى ئاچقانلىقى بىلەنلا كۇپايىلەنمەيمىز، <دىۋان>نىڭ ئەدەبىياتتىكى ئورنى ۋە قىممىتى بىلەنلا بولدى قىلمايمىز. مۇھىمى، ئۇنى <سېلىشتۇرما تىل تەتقىقاتى ئارقىلىق قەدىمكى مىللەتشۇناسلىق ۋە مەدەنىيەت ئانتروپولوگىيىسىنىڭ يولىنىمۇ ئاچتى> دەپ ئيتالايمىز.

<مىللەتشۇناسلىق>- خەت مەنىسىدىن ئالغاندا، ئادەمنى تەتقىق قىلىدىغان مۇستەقىل پەن. ئۇ يەككە شەخىسنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى قىلمايدۇ، بەلكى ئىنسانلار تۈركۈمىگە، يەنى مىللەتنىڭ ئورتاق گەۋدىسىگە نەزەر ئاغدۇرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، كونكېرت مىللەتنىڭ، قەبىلىنىڭ ياكى ئۇرۇقنىڭ مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، شۇ ئورتاق گەۋدىنىڭ مىللەتشۇناسلىقتىكى مەدەنىيەت قاتلىمىنى ئىزدەيدۇ. چۈنكى، مىللەتنىڭ ئورتاق گەۋدىسى ئىپتىدائى كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىنسان تۈركۈمىدىن باشلاپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتىغا ئەگەشكەن ھالدا تەدرىجى يوسۇندا <قانداشلىق>نى، <ئۇرۇق>نى،<قەبىلە>نى، ئاخىرىغا بېرىپ <مىللەت>نى شەكىللەندۈرگەن بولىدۇ. ماركىسىنىڭ <قەبىلە ئىتتىپاقى مىللەتكە ئەڭ يېقىن نەرسە> دېگەنلىرى، ئېنگىلىسنىڭ <قەبىلە مىللەتكە ۋە دۆلەتكە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ> دېگەنلىرى دەل مىللەت ئورتاق گەۋدىسىنى كۆزدە تۇتىدۇ. مەيلى ئىپتىدائى كۆچمەن <ئاھالە تۈركۈمى>بولسۇن، قانداشلىق مۇناسىۋەتتىكى <جەمەت>لەر بولسۇن ياكى <ئۇرۇق>،<قەبىلە>،<مىللەت>بولسۇن، ھەممىسى ئادەملەر ئۈچۈن ئورتاق گەۋدە بولىدۇ. مىللەتشۇناسلىقنىڭ كۆزىتىدىغىنى دەل ئادەملەردىكى مۇشۇ ئورتاق گەۋدە. بىز مەيلى <دىۋان>دىكى قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ سۆزلۈكلىرىگە بولغان چۈشەندۈرۈشتىن بولسۇن ياكى زور تۈركۈمدىكى شېئىر-قوشاقلارنى شەرھلەشتىن بولسۇن ۋە ياكى ماقال-تەمسىللەر، ھېكمەتلىك سۆزلەر ئۈستىدىكى تەھلىل بولسۇن، ھەر قەدەمدە قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گەۋدىسى بىلەن يۈز كۆرۈشىمىز. ئۇلارنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگىلا خاس تىل <ئىزنا >لىرى ۋە مەدەنىيەت <قالدۇق> لىرى بىلەن دەرقەم بولىمىز.

بىز <(تۈركىي تىللار دىۋانى) گىگانت ئەسەر>دېگەندە، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ پەۋقۇلئاددە شەكلىنى، ئۇنىڭ نوپۇزىنى، بىردىنبىر ئىكەنلىكىنى ۋە تەكرارلاشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتىمىز. لېكىن، مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت شۇكى، مەيلى بۇ كىتابتىن بۇرۇن ياكى كېيىن ھېچقانداق بىر ئوخشاش شەكىلدىكى<لۇغەت>قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەر، قەبىلىلەردىكى قوۋم، جەمەت، ئۇرۇق-ئايماق ۋە قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى، ئۇلارنىڭ ئورتاق مىللەت گەۋدىسى بولۇپ ئۇيۇشۇش جەريانىنى، تەرەققىياتىنى تىلدىكى ھەر بىر سۆزلۈك، ھەربىر كۇبلېت شېئىر ياكى ناخشا -قوشاق بىلەن، ماقال -تەمسىللەر بىلەن مۇنداق بىرىكتۈرمىگەن؛ بۇ تىلنى مىللەت ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ۋە مىللەت تارىخىنىڭ پاكىتىغا ئايلاندۇرالىغان ئەمەس. بۇ ئىش مەھمۇد كاشغەرىينىڭ <بىر مىللەتنىڭ تىلى، شۇ مىللەتنىڭ تارىخى> دېگەن ئۇقۇمنى ئەمەلىي يوسۇندا ئىسپاتلىيالىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ شۇنداق قىلغان بىرىنچى شەخىس ئىكەنلىكى دەلىللەپ بېرىدۇ.

ماركسىزىم-لېنىنىزىم مىللەتشۇناسلىققا ئائىت كىلاسسىك ئەسەرلەردە <مىللەتشۇناسلىق>بىلەن<مەدەنىيەت ئىلمى>نىڭ مۇناسىۋىتىگە پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەينى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە مىللەتشۇناسلىقنى جۇغراپىيە، فولكلوربىلەن، بولۇپمۇ تىلشۇناسلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تىلدىكى <ئىزنا>لار بىلەن مەدەنىيەتتىكى<قالدۇق>لارنىڭ مىللەتشۇناسلىق تەتقىقاتىدا تۇتقان ئورنىنى يۇقىرى باھالايدۇ. ئېنگىلىس <ئائىلە خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە دۆلەتنىڭ كېلىپ چىقىشى>دېگەن ئەسىرىدە، سۆزلۈكلەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق گېرمانلارنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ زور كۆلەملىك كۆچۈش جەريانىدا ئۇرۇق بولۇپ شەكىللەنگەن ياكى شەكىللەنمىگەنلىكى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋە ئالىپ تاغلىرىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنى تەھلىل قىلغاندا، <مىللەت مەسىلىسىنى توغرا تەتقىق قىلىش ئۈچۈن بىز ئالىپ رايونىدىكى تىلنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىشىمىز لازىم> دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە ئىندىئان قەبىلىلىرىنىڭ رايونغا بۆلۈنۈش ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ئۇلارنىڭ تىلغا ئايرىلىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلغان. تىلنى ياكى شېۋىلەرنى قەبىلىلەرنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى، دەپ مۇئامىلە قىلغان. ئېنگىلىس يالغۇز نەزەرىيە جەھەتتىلا ئەمەس، بەلكى كونكىرت تەتقىقات ئەمەلىيتىدىمۇ مىللەتشۇناسلىق بىلەن تىلشۇناسلىقنىڭ بىرىكىشى جەھەتتىن بىزگە ئۈلگە يارىتىپ بەرگەن.

مەھمۇد كاشغەرىي سېلىشتۇرما تىل تەتقىقاتى ۋە ئىپتىدائى تىلدىكى <ئىزنا>لار ئارقىلىق مىللەتشۇناسلىق بىلەن تىلشۇناسلىقنى بىر-بىرىگە ئۇلىغان، ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ئالىملارنىڭ بىرى. ئۇنىڭدىن 700يىل كېيىن ياشىغان ئامېرىكىلىق مىللەتشۇناس ئالىم مورگان ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى <قەدىمكى جەمىئەت> تە ئوخشاشلا مىللەتشۇناسلىق بىلەن تىلشۇناسلىقنىڭ مۇناسىۋىتىگە يېقىن كۆڭۈل بۆلگەن . ئۇمۇ ئىندىئانلارنى ئېرۇكىز قەبىلىسىگە چوڭقۇرلاپ كىرىپ، قەبىلە بىلەن رايون، قەبىلە بىلەن شېۋىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە ئىزدەنگەن، بولۇپمۇ تىلدىكى <ئىزنا>لار بىلەن مەدەنىيەتتىكى <قالدۇق>لارنى ئىگىلەش ئارقىلىق، قەدىمكى قوۋملارنىڭ قۇرۇلمىسىنى، ئۇلاردىكى نىكاھ تۈزۈمىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائى ئۆزگىرىش جەريانىنى تەكشۈرگەن.

بىز مەھمۇد كاشغەرىينى مورگان بىلەن تەڭ تىلغا ئالغاندا، ئېھتىمال خېلى كۆپ ئالىم -مۇتەخەسسلەرنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇشىمىز مۇمكىن. بولۇپمۇ زور ۋە نازۇك ئىلمىي تەتقىقاتلاردا چەت ئەللىكلەرنىڭ باش لېڭشىتىپ ماقۇللىشى ھېساپ بولىدىغان ئەھۋال مودىغا ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە، بىزنىڭ مەھمۇد كاشغەرىينىمۇ <مىللەتشۇناس ئالىم>دەپ كۆتۈرۈپ چىقىشىمىز قاراملىق بولار.بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بەزىلەرنىڭ <11-ئەسىردە>دەپ سوراپ قېلىشى پەرەزدىن يىراق ئەمەس. لېكىن بىز بۇ خىل گۇمانلارغا يەنىلا مورگاننىڭ ئۆز سۆزى بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ ماقالىمىزنى تاماملايمىز: <ئىنسانلار بىرمەنبەدىن چىققان، شۇڭا ئۇلار ئوخشاش ئەقىل -پاراسەت پىرىنسىپلىرىغا، ئوخشاش ماددى شەكىلگە ئىگە. شۇڭا ئىنسانىي تەجرىبىلەرنىڭ ئوخشاش مەدەنىيەت ھالىتىدىكى نەتىجىسى بارلىق دەۋر ۋە رايونلاردا ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولىدۇ.> . <ئىنسانلار پاراسەت پىرىنسىپىدا ئىقتىدارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا كۆرە نازۇك پەرقلەر بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ غايىۋى ئۆلچەمگە بولغان ئىنتىلىشى يەنىلا باشتىن -ئاياغ بىردەك بولىدۇ... ئىنسانلارنىڭ پاراسەت پىرىنسىپلىرىنىڭ بىردەكلىكى ئىنسانلارنىڭ بىر مەنبەدىن چىققانلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىلى.>


پايدىلانمىلار:


ئا.راھمان باش مۇھەرىرلىكىدە تۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى»؛
مەھمۇد كاشغەرىي: «تۈركىي تىللار دىۋانى»؛
ياڭ چۈن: «مىللەتشۇناسلىق ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە»؛
سىتالىن: «ماركىسىزم ۋە مىللەت مەسىلىسى» (‹سىتالىن ئەسەرلىرى› 2-توم)؛
ماركىس: «مورگاننىڭ ‹قەدىمكى جەمىئەت› دېگەن كىتابىدىن تەرمىلەر»؛
ئېنگىلىس: «تەبىئەت دېئالىكتىكىسى»؛
مورگان: «قەدىمكى جەمئىيەت» قاتارلىق كىتابلار.


(مەنبەسى: «جۇڭگو مىللەتلىرى»ژورنىلىنىڭ 2008-يىللىق 5-سانىدىن)
torgha teyyarlighuchi: tewhide
menbe: http://asrim.cn/
ـــــــــــــــــــــــ


没有评论:

发表评论