2008年12月23日星期二

تۈركىي تىللارنىڭ شاھانە قامۇسى

http://www.kasgarlimahmud.org/resimler/divan-u_lug_orgi-2.jpg





تۈركىي تىللارنىڭ شاھانە قامۇسى - «دىۋان لۇغاتىت-تۈرك»


ئۇلۇغ ئالىم ، تىلشۇناس ، مەھمۇد بىننى ھۈسەيىن قەشقەرى 11 -ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم شەھەرلەرنىڭ بىرى بولغان قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ يازلىق پايتەختى بولغان قەشقەردە دۇنياغا كۆز ئاچقان .ئۇنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خاقانلىرىدىن ئىدى.ئۇ سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ 11- ئەۋلادى ھىسابلىنىدۇ .مەھمۇت قەشقىرىنىڭ بالىلىق چاغلىرى قارا خانىيلار سۇلالىسىنىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسى زەئىپلىشىپ ، ئوردىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھوقوق تالىشىش زىددىيەتلىرى ۋە ئەتراپتىكى ئەللەر بىلەن بولغان نىزالار مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مۇھىتقا توغرا كەلگەن ئىدى .بۇ خىل مۇھىت مەھمۇت قەشقىرىنىڭ گۆدەك قەلبىدە چوڭقۇر جاراھەتلەرنى قالدۇرغان بولسا ، ئۇنىڭ خاراكتىر جەھەتتىن قەيسەر ، تىرىشچان ، ئىرادىلىك بولۇپ چىقىشى ئۈچۈنمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەيمۇ قالمىدى.ئۇ قارا ئىئانىيلار سۇلالىسىنىڭ ھاكىمىيەت ھوقوقىغا ۋارىسلىق قىلىش ئالدىدىكى قىرانلىق مەزگىلىدە ، يەنى مىلادىيە 1058-يىلى ھۈسەيىننىڭ ئوردىسىدا قانلىق سىياسىي ئۆزگۈرۈش يۈز بىرىپ ، ھۈسەيىن جەمەتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك قىرىپ تاشلاندى ! شۇ قىتىملىق ئوردا سىياسىي ئۆزگۈرۈشدە ئامان قالغان مەھمۇد قەشقەرى ئوردىدىن مەخپى ئايرىلىپ ياقا يۇرتلاردا پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ . مەھمۇد قەشقەرى بۇ جەرياندا ئىلى دەريا ۋادىسى ، سىر دەريا ۋادىسى ، ئوغۇز (دەريايى جەيھۇن) دەريا ۋادىلىرىدا ياشايدىغان تۈرك ، تۈرۈكمەن ، ئوغۇز ، چىگىل ، ياغما ، قىرغىز قاتارلىق تۈركلەر زىمىنىنىئايلىنىپ ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان بۇخاراغا بارىدۇ .
مەھمۇد بىننى ھۈسەيىن قەشقەرى كىچىكىدىن تارتىپلا قاراخانىيلار سۇلالىسىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن بولغان «مەدرىسەئى ھامىيە » ۋە «مەدرىسەئى ساچىيە » لەردە داڭلىق ئۇستازلارنىڭ تەربىيلىشى بىلەن ھەممىدىن خەۋەردار ، ياراملىق تالىپلاردىن بولۇپ يىتىشىپ چىققانلىقى سەۋەبلىك ، ئۇنىڭ كەڭ تۈرك زىمىنلىرىدىكى يىگانە پائالىيتى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئۆتىدۇ . ئۇ بارغانلىكى يەردە بىر مەزگىلدىن تۇرۇپ ، شۇ جايدا ياشاۋاتقان ئولۇسلارغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ تەرەپلىمىلىك ماتىرىياللارنى توپلايدۇ . 40 ياشقا قەدەم بىسىش ھارپىسىدا سودىگەرلەرگە ئەگىشىپ بۇخارادىن سالجۇق تۈركلىرى ھامىيلىقىدىكى باغدادقا بارىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا توپلىغان ماتىرىياللىرى ئاساسىدا مەشھۇر قامۇس « تۈركىي تىللار دىۋانى » نى يىزىشقا كىرىشىدۇ .
مەھمۇت قەشقىرى « تۈركىي تىللار دىۋانى » نى مىلادىيە 1074-يىلى باغدادتا يىزىپ تاماملايدۇ ھەمدە ئەسەرگە ئۆزىنىڭ قايسى يۇرتقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن تەخەللۇسىغا « قەشقەرى » دىگەن نامنى قوللۇنۇشنى زۆرۈر كۆرىدۇ (ئەسەرنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن يىزىلىشى ئالىمنىڭ ئۆز ئانا يۇرتىنىڭ نامىنى تەخەللۇس قىلىپ تاللىشىغا سەۋەپ بولغان بولىشى مۇمكىن . ) . ئەسەر مىلادىيە 1074- يىلى 2- ئايدا يىزىلىپ تاماملانغاندىن كىيىن ، دەمەشىقلىق مۇھەممەت ئىبنى ئەبۇبەكرى ئىبىن ئەبلىپەتىھ بۇ كىتابنى ئەسلى نۇسخىسىدىن ھىجرىيە 446- يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ 27-كۈنى قايتا كۆچۈرۈپ چىقىدۇ . مەھمۇت قەشقىرى ھىجرىيە 464-يىلىدىن 466-يىلىغىچە (مىلادىيە 1074_1073) تەھرىرلەپ قايتا تولۇقلاپ ، ھىجرىيە 467-يىلى (مىلادىيە 1075-يىلى ) بۇ قىممەتلىك ئەسەرنى ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ 27-خەلىپىسى ، ھاشىمىلار ئۇرۇقىدىن بولغان خەلىپە مۇھەممەت ئۇغلى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىئەمرۇللا ھەزرەتكە تەقدىم قىلىدۇ .

ئالىمنىڭ ئۆز قەلبىگە پۈككەن ئۇلۇغ ئارزۇ - ئارمانلىرى رىئاللىققا ئايلىنىدۇ . بىراق ، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئانا يۇرتقا بولغان سىغىنىش ئوتى بارغانسىرى يالقۇنجاپ ، ھىجرىيە 472 -يىلى (مىلادىيە 1080 - يىلى ) ئايرىلغىنىغا 30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان ئانا يۇرتى قەشقەرگە قايتىپ كىلىدۇ . ئۇ قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ، كىندىك قىنى تۆكۈلگەن توپراق ئوپالنىڭ ئازىخ دىگەن يىرىدە « مەدرىسەئى مەھمۇدىيە » نامىدىكى مەدرىسەنى قۇرۇپ ، « ھەزرىتى موللام » ( بىلىمگە ھۆددىگەر پىرىم ) دىگەن نامدا ئۆزى مۇددەرىسلىك قىلىدۇ . 8 يىل مۇددەرىسلىك قىلغاندىن كىيىن ، مىلادىيە 1105 - يىللىرى ئەتراپىدا ۋاپات بولىدۇ .
مەھمۇت قەشقىرى باغدادتىن قەشقەرگە قايتىپ كىلىپ ئۇزاق ئۆتمەستىنلا ئەرەپ زىمىنلىرىنى ئۇرۇش تۇمانلىرى قاپلاشقا باشلىغانىدى . شۇ يىللاردىكى ئۇرۇشتا خەلىپە مۇقتەدىنىڭ ئوردىسى كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىدۇ . ئوردا كۈتۈپخانىسىدىكى نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك كىتابلارمۇ كۆيۈپ كەتكەن بولۇپ ، شۇ قىتىم كۈتۈپخانىدا ساقلىنىۋاتقان « تۈركىي تىللار دىۋانى » نىڭ كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى ياكى باشقىلار تەرىپىدىن ئىلىپ كىتىلگەنلىكىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ . ئارىدىن يۈز يىل ئۆتۈپ كىتىدۇ . بۇ جەرياندا يوقالغان كىتابلارنىڭ بىر قىسمى كىشىلەرنىڭ قوللىرىدا پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ . ئەمما « تۈركىي تىللار دىۋانى » نىڭ نەدىلىكىنى ھىكىم بىلمەيدۇ . ئەجەبا بۇ قىممەتلىك قامۇس ئەنە شۇنداقلا ئىز - دىرەكسىز يوقاپ كەتكەنمىدۇ ؟ مەھمۇت قەشقىرىنىڭ قان - تەرى سىڭگەن بۇ ئەسەر شۇنداقلا يوققا چىقارمۇ ؟ ئەرەپ زىمىنىدا ھىچكىممۇ بۇ قىممەتلىك ئەسەرنىڭ دىرىكىنى قىلىپ باقمايدۇ . ئەمما ، ئۇرۇش ئوتلىرى خەلىپىنىڭ ئوردىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىيالىغىنى بىلەن ، بۇ ئىسىل ئەسەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىيالمىغانىدى . ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا ئوردىدىكىلەر ئۆز جانلىرىنى ساقلاپ قىلىشنىڭ ئامالىنى قىلىۋاتقاندا ، مۇقتەدىنىڭ ئوردىسىدا تەلىم ئىلىۋاتقان نامالۇم بىر تالىپە ۋەيران بولۇپ كەتكەن ئوردا كۈتۈپخانىسى ئىچىدىن بىر نەچچە پارچە قىممەتلىك كىتابنى ئىلىپ چىقىپ كىتىدۇ . ئۇنىڭ قولىدىكى كىتابلارنىڭ ئارىسىدا مەشھۇر قامۇس « تۈركىي تىللار دىۋانى » نىڭمۇ بارلىقىنى ئۇنىڭدىن باشقا ھىچكىشى بىلمەيدۇ .
تارىخ چاقى مىلادىيە 1200 - يىلىنىڭ سۈبھىسىگە قەدەم قويغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە باغداد كوچىسىدا چاچلىرى چۇۋۇلغان ، جۇلدۇر كىپەن بىر قىرى تىلەمچى ئايال پەيدا بولۇپ قالىدۇ . ئۇ بىر كۈنى ھىچكىمگە پەرۋا قىلماستىن شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شاھ ئوردىسىغا قاراپ ماڭىدۇ . ئازراقمۇ ئەيمەنمەستىن پادىشاھنىڭ ئوردىسغا قاراپ كىلىۋاتقان جۇلدۇر كىپەن بىر تىلەمچىنى كۆرگەن ئىشىك باقارلار ئۇنى قىلىچ - نەيزىلىرى بىلەن توسىۋىلىپ ، نەدىن كەلگەنلىكىنى ، پادىشاھقا ئىيتىدىغان قانداق ئەرز - دادىنىڭ بارلىقىنى سورايدۇ . ئۇلار بۇ تىلەمچى ئايالنىڭ شاھ ئالىيلىرىغا ئاتاپ بىر قىممەتلىك سوۋغا ئەكەلگەنلىكىنى ، ئۇنى پادىشاھقا ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرۇپ بەرمەكتىن باشقا ھىچقانداق ئەرز - داتىنىڭ يوقلىقىنى بىلگەندىن كيىن ، ئەھۋالنى پادىشاھقا دەرھال مەلۇم قىلىدۇ . پادىشاھ تىلەمچىنىڭ ئوردىغا كىرىشىگە ئىجازەت قىلىدۇ . بۇ جۇلدۇر كىپەن بىچارىنىڭ ئەجەبا ماڭا بەرگىدەك قىممەتلىك قانداق نەرسىسى باردۇر ؟ ياكى ئۇ ماڭا قەست قىلىشقا كىرگەن پىرىخونمىدۇ ؟ تىلەمچىنىڭ تەققى - تۇرقىنى كۆرگەن پادىشاھ دەمال گاڭگىراپ قالىدۇ . قىرى تىلەمچى پادىشاھنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ تەزىم بەجا كەلتۈرگەندىن كىيىن ، قولىدىكى بوقچىنى ئاۋايلاپ يىشىپ ، بوخچىغا ئوراپ نەچچە ئون يىل ساقلاپ يۈرگەن بىر پارچە كىتابنى ئىلىپ پادىشاھقا ئىككى قوللاپ سۇنىدۇ . بۇ چوڭ ھەم نەپىس ئىشلەنگەن كىتابنىڭ ئەرەپ تىلى بىلەن يىزىلغان « تۈركىي تىللار دىۋانى » ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ 34 - ۋارىسى خەلىپە ئەل ناسىر ئىنتايىن رازىمەنلىك بىلەن تىلەمچى ئايالغا كۆپ تارتۇقلارنى بىرىپ يولغا سالىدۇ . بۇ مىلادىيەنىڭ 1225 - يىللىرىغا توغرا كىلەتتى . خەلىپە ئەل ناسىر (مىلادىيە 1225 - 1180 ) بۇ كىتابنىڭ بىباھا ، تىپىلغۇسىز كىتاب ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ ، دەرھال ئوردا پۈتۈكچىلىرىنى تەشكىللەپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا 10 نەچچە پارچە كۆچۈرۈتكۈزىدۇ ھەمدە ئۇنى ئوردا كۈتۈپخانىسىدا قەدىرلەپ ساقلاشقا بۇيرىشتىن سىرت ، باغدادتىكى مۇھىم مەكتەپلەردە دەرسلىك سۈپىتىدە پايدىلىنىشقا ئىجازەت بىرىدۇ . خەلىپە ئەل ناسىر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىنمۇ بۇ كىتاب بىر نەچچە زاماز باغداد شەھىرىدىكى مۇھىم مەدرىسلەرنىڭ قىممەتلىك ئوقۇشلۇقى سۈپىتىدە ئەتىۋارلىنىپ كىلىدۇ . ئەپسۇس ، خىرىستىيان قىساسچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئەھلى سەلىپ ( كىرىست قوشۇنى ) ئىككىنچى قىتىم شەرققە يۈرۈش قىلىپ ، ئەرەپ زىمىنلىرىنى تيەنە بىر قىتىم خانىۋەيرانچىلىققا دۇچار قىلىدۇ . ئاشۇ مالىمانچىلىقتا « تۈركى تىللار دىۋانى » يەنە بىر قىتىم دىڭىزغا تاش چۆككەندەك غايىپ بولۇپ كىتىدۇ . ئالتە ئەسىر ئۆتۈپ كەتكۈچە بۇ كىتابنىڭ ئىز - دىرىكىمۇ بولمايدۇ . كىشىلەر قادىمكى كىتاب خاتىرىلىرىدىن مەخمۇت قەشقىرى دىگەن تۈرك ئالىمنىڭ « تۈركى تىللار دىۋانى »ناملىق بىر مەشھۇر ئەسەر يازغانلىقىنى بىلىشىدۇ . ئەمما ، ھىچكىممۇ بۇنداق كىتابنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئارزۇسىغا يىتەلمەيدۇ .
1- دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدە تۈركىينىڭ ئىستانبۇل شەھىرى ئىغىر بومباردىمانغا ئۇچرايدۇ . بىر زەمبىرەك ئوقى ئاق سۆڭەك دىيار بەكرى جەمەتىدىن بولغان بىر كىتابپۇرۇچنىڭ ئۆگزىسىدە پارتىلاپ ، ئۇلارنىڭ ئەل ئىمىر نامىدىكى مەشھۇر كۈتۈپخانىسىنى ۋەيران قىلىۋىتىدۇ . كىشىلەر كىتاپ دۆۋىلىرى ئارىسىدىن ئۆزلىرى كۆرۈپ چۈشىنەلمەيدىغان ، ئەمما ئىنتايىن نەپىس ئىشلەنگەن دىۋاننى بايقاپ قالىدۇ .بۇ ئەسلىدە « تۈركى تىللار دىۋانى »نىڭ شۇ كەمگىچە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر نۇسخىسى بولۇپ ، ئوسمان تۈرك ئېمپىرىيسىنىڭ ۋەزىرلىرىدىن بىرى بولغان نازىپ بىينىڭ ئائىلە تاۋاباتىدىن بولغان بىر ئايال ئائىلىسىدە ئۇزاق يىل تەۋەرۈك سۈپىتىدە ساقلاپ ، كىيىنچە تۇرمۇش ئىھتىياجى تۈپەيلىدىن دىيار بەكرى جەمەتىنىڭ ئەل ئىمىر كۈتۈپخانىسىغا رەنىگە قويغان قولياما نىسخىسى ئىدى . ئەل ئىمىر كۈتۈپخانىسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئاڭلىغان مەشھۇر تىلشۇناس كىل سىلى رىفئەت ئەپەندى دەرھال كۈتۈخانىغا كىلىپ (ھىجرىيە 1335 - يىلى ، مىلادىيە 1974 - يىلى ) بۇ كىتابنى باشقىلاردىن سىتىۋالىدۇ . ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ تەڭداشسىز مىراسنى ئۈچ تومغا ئايرىپ ، 1917 - يىلى ئەسلى نامى بويىچە ئىتانبۇلدا مىخ مەتبەئەدە نەشىر قىلدۇرىدۇ . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ كىتاب دۇنيادىكى ھەر مىللەت تۈركولوگلارنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىشقا باشلايدۇ .دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالىملار بۇ كىتاب توغرىسىدا تۈرۈكچە ، نېمىسچە ، ئېنگىلىزچە ، رۇسچە ، ۋېنگر تىللىرىدا كىتاب ۋە ماقالىلەرنى ئىلان قىلىدۇ . گىرمانىيلىك « تۈركى تىللار دىۋانى » تەتقىقاتى بىلەن ئەڭ كۆپ شۇغۇللانغان ئالىم ، سام تىللىرى مۇتەخەسىسى كارىل . بىرىككىلىمان 1928 - يىلى « تۈركى تىللار دىۋانى » نىڭ نېمىسچە ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە ئىشلەپ چىققان ئىندېكىسنى ئىلان قىلىدۇ .

ئەمەلىيەتتە ، دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان بۇ مەشھۇر قامۇسنى چۈشىنىشكە بولغان ئىنتىلىش خخ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە ئاندىن ھەل قىلىنىدۇ . تۈركىيلىك داڭلىق تىلشۇناس ئاتالاي 21 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ، كىل سىلى رىفئەتنىڭ ئىستانبۇل مىخ مەتبەئە نەشىرىگە ئاساسەن 1941 -يىلى « تۈركىي تىللار دىۋانى » نىڭ ئۈچ توملۇق تۈركچە تەرجىمىسنى نەشىر قىلدۇرغاندىن باشقا ، يەنە بۇ كىتابنىڭ فاكسىمىل ( فوتو سۈرەت نۇسخىسى ) نۇسخىسىنىمۇ بەشىر قىلدۇرىدۇ .
1960 - يىلىسابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزبېك ئالىمى ، تىلشۇناس سالىھ مۇتەللىپوف « تۈركىي تىللار دىۋانى » نى تۈركچىدىن ئۆبېكچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرىدۇ .
1955 -يىلى قەشقەردە ئاكا - ئۇكا مۇھەممەت پەيزى بىلەن مەرھۇم ئەھمەت زىيائى ئەپەندى بىرلىشىپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا تەجىمە قىلغان بىرىنچى ئورگىنالى قولدىن چىققان ، ئەمما نەشىر قىلىنماسلىقى توغرىسىدىكى سەۋەبلەر تېخى ئېنىق ئەمەس .
1963- 1966 -يىللىرى ئۇيغۇر سايرانى تەرىپىدىن بۇ كىتابنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىككىنچى تەرجىمىسى ئىشلەنگەن ، ئەمما سوتچىل خاتا ئىدىيىنىڭ تەسىرىدىن نەشىر قىلىنماي نابۇت بولۇپ كەتكەن .
1980-يىلنىڭ بىشىدا دۆلىتىمىزنىڭ ھەر مىللەت تىلشۇناس ، مۇتەخەسىس ، ئالىملاردىن كۈچ تەشكىللەپ ، ئېنىسكوپېدىيلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان بۇ قىممەتلىك يازما يادىكارلىقنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ مەدەنىيەت ، تارىخ تەتقىقاتىدىكى يۈكسەك ئورنىنى تولۇق ئېتىبارغا ئېلىپ يغۇر ئالىملىرىدىن موللا ئابدۇلھىمىت ھاجى يۈسۈفى ، ئابدۇرېھىم تىلەشېۋ ئۆتكۈر ئەپەندى ، تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتئى ئەپەندى ، مەدەنىيەت - تارىخ تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى ، ئابدۇسالام ئابباس ئەپەندى ، تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندى ، سابىت روزى ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرىشى بىلەن « تۈركىي تىللار دىۋانى » نىڭ 1941 - يىلى بىسىم ئاتالاي تەرىپىدىن ئەنقەرەدە نەشىر قىلدۇرۇلغان فوتو - سۈرەت نۇسخىسى ئاساسىدا نەشىرگە تەييارلىنىپ ، 1981 - يىلدىن 1984 -يىلغىچە ھەممە قىسمى ھازىرقى زاماز ئۇيغۇر تىلىدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئارقا - ئارقىدىن نەشىر قىلدۇرۇلۇپ ، كەڭ كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن . مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئەجدادلىرى ياراتقان قىممەتلىك ئەسەر « تۈركىي تىللار دىۋانى » نى ئاشكارا كۆرۈشكە مۇشەررەپ بولغان ۋاقتىدۇر . بۇ كىتاب 2002 - يىلى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى .
« تۈركىي تىللار دىۋانى » مەزمۇن جەھەتتىن تىلشۇناسلىق ، ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە فولىكلور ، مەدەنىيەت ، تارىخ ، ئارخىلوگىيە ، دىن ، توپونومىيە - يەر ناملىرى ، سوتسىئولوگىيە ، ئېتنوگىرافىيە ، پەلسەپە ، جۇغراپىيە ، تېبابەتچىلىك ۋە ئېكىلوگىيە جەھەتلەرگە چىتىلىدىغان قامۇسى ئەسەر بولۇپ ، دۇنيا لۇغەتچىلىك تارىخىدا ھازىرغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان يۇقىرى سەنئەت ماھارىتى بىلەن ، سۆزلۈكلەرگە ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا « تۈركىي تىللار دىۋانى » غا 242 كۇپلېت شېئىر - قوشاق ، 300 پارچىدىن ئارتۇق ماقال تەمسىلنى ۋە ھىكمەتلىك سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ ، تۈرك قەبىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان 7500 دىن ئارتۇق سۆزلەرنى ئىخچام ، ئوبرازلىق جۈملىلەر ئارقىلىق فونتىكىلىق ، گىرامماتىكىلق ئانۇنىيەتلەر ئاساسىدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن .
مانا بۇ ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ بولغان شاھانە قامۇسنىڭ كەچۈرمىشلىرىدۇر !

menbe:
http://aqqush.com/bbs/simple/index.php?t1843.html


没有评论:

发表评论