2008年12月25日星期四

خەلقئارالىق «مەھمۇد كاشغەرىي ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى»نىڭ مۇكاپاتلاش مۇراسىمى





خەلقئارالىق

«مەھمۇد كاشغەرىي ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى»نىڭ

مۇكاپاتلاش مۇراسىمى



بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن - مائارىپ كومىتېتى 2008 - يىلىنى مەھمۇد كاشغەرىي يىلى دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تۈركىيە ياۋرو - ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى، خەلقئارالىق «مەھمۇد كاشغەرىي ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى» ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.

مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇسابىقىگە تۈركىيە، ئەزەربەيجان، بالقانلار، باشقۇرىستان، ئۇيغۇر دىيارى، مولداۋىيەنىڭ گاگاۋۇز يېرى، ئىراق، ئىران، ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان بولۇپ، پەقەتلا تۈركىيىدىن 415 كىشى ھېكايىسى بىلەن قاتناشقان.
تۈركىيىدە تونۇلغان يازغۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان باھالاش ھەيئىتى تەرىپىدىن ھېكايىلار باھالىنىپ چىقىلغان بولۇپ، تۈركىيىدىن ئاسۇمان گۈزەلچە خانىمنىڭ «سەسسىز گۆچ»، يەنى «جىمجىت كۆچ» ماۋزۇلۇق ھېكايىسى بىرىنچى بولۇپ باھالانغان. سەيفى شىرىننىڭ «ھەييامنىڭ مېھمانلىرى» ماۋزۇلۇق ماقالىسى ئىككىنچى، مەھمەت ئۇيار ئەپەندىنىڭ «سىمۇرگا دوگرۇ» ناملىق ھېكايىسى ئۈچىنچى بولغان.
تۈرك دۇنياسىدىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، ئەزەربەيجاندىن زاكىر ساداتلى، باشقۇرىستاندىن گۈلسىرە گىززەتۇلىنا، ئىراقتىن كېمال باياتلى، ئىرانلىق تۈركمەنلەردىن بەردى سالۇر، قازاقىستاندىن ئومىرجان ئابدىھالىققۇلى، قىرىمدىن سەيران سۇلايمان، قىرغىزىستاندىن ئەلمىرا ئاجىكانوۋا، ئۆزبېكىستاندىن نازار ئەسەنقۇل، ئۇيغۇر دىيارىدىن ئابلىكىم زوردۇن قاتارلىقلارنىڭ ھېكايىسى ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن.
بۇلارنىڭ مۇكاپاتلىرى 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تۈرك ئوجاقلىرى زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا تۈركىيە ساياھەت ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرتۇغرۇل گۈناي تەرىپىدىن تەقدىم قىلىندى.
مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كىشىلەردىن ئۆزبېكىستانلىق نازار ئەسەنقۇل بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىن ئابلىكىم زوردۇن مۇكاپاتىنى ئالغىلى كېلەلمىگەن. ئۇلارنىڭ مۇكاپاتىنى ئۇلارغا ۋاكالىتەن باشقا كىشىلەر ئالدى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا ياۋرو - ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى باشلىقى ياقۇپ دېلىئۆمەرئوغلى، تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرتۇغرۇل گۈناي قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلدى.
مىنىستىر سۆزىنى مۇنداق باشلىدى: «بۇ يىل بىزنىڭ مەدەنىيەت دۇنيامىزدىن بىر بۈيۈك زاتىمىزنىڭ يەنى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 - يىللىقىنى قۇتلۇقلاۋاتىمىز. مەھمۇد كاشغەرىي ئۆمرىنىڭ بۈيۈك بىر قىسمىنى بۇ ئىشقا ئاتاپ تۈرك دۇنياسىنىڭ نۇرغۇن يەرلىرىنى ئايلىنىپ بۇ بۈيۈك ئەسەرنى يازغان ئىكەن. بۈگۈن «تۈركىي تىللار دىۋانى» بىز پەخىرلىنىدىغان، دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىغا قوشقان ئەڭ چوڭ تۆھپىمىز. بىز تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ يىل تۈركمەنىستاندا، قازاقىستاندا، قىرغىزىستاندا ۋە جوڭگۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا خەلقئارالىق «مەھمۇد كاشغەرىي ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى» چاقىردۇق. دۆلىتىمىزدە ھاججەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىردۇق. بۈگۈن خەلقئارالىق مەھمۇد كاشغەرىي ھېكايە مۇسابىقىسىدە دەرىجىگە كىرگەنلەرگە مۇكاپاتىنى تارقىتىپ ئولتۇرۇپتىمىز. بۇلارنى قىلىشتىكى مەقسىدىمىز، ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشتىن ئىبارەت. بىزنىڭ تارىخى ئاسارە - ئەتىقىلىرىمىز پەقەتلا تۈركىيە زېمىنىدا ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەۋجۇتتۇر. بىز بۇلارنى تۈرك دۇنياسىغا ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز. مەن سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ھەممەيلەنگە ھۆرمەتلىرىمنى بىلدۈرىمەن.»
خەلقئارالىق مەھمۇد كاشغەرىي ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن ئاسۇمان گۈزەلچە خانىمنىڭ «سەسسىز گۆچ» يەنى «جىمجىت كۆچ» ناملىق ھېكايىسىدە 1960 - يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىپ تۈركىيىگە كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تراگېدىيىسى ئاڭلىتىلغان. مۇكاپات مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ ھېكايىنىڭ ئاپتورى ئاسۇمان گۈزەلچە خانىمغا مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.
ئاسۇمان گۈزەلچە خانىم مۇنداق دېدى: «مەن ئۈچۈن مەنىلىك بىر مۇسابىقە ئىدى. بۇنداق بىر مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىم ئۈچۈن ئۆزەمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىۋاتىمەن. ھېكايەمدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر ئايالنىڭ ئافغانىستان ئارقىلىق تۈركىيىگە كۆچۈش جەريانىدىكى سەرگۈزەشتىلىرىنى ئاڭلاتتىم. بۇ راس بولغان بىر ۋەقە. بۇ ھېكايىنىڭ قەھرىمانى تۈركىيىنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە ياشىماقتا. مەن بۇ ئايال بىلەن 20 يىل بۇرۇن تونۇشقان ئىدىم. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر خانىملارنىڭ قانچىلىك مەدەنىي ۋە نازۇك ئىكەنلىكىنى بۇ ئايالدىن كۆردۈم. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئايالنىڭ ھاياتىنى يېزىشقا باشلىدىم. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاياللارنىڭ ھاياتىنى ئاڭلاتقان يەنە بىر ھېكايەم بۇرسادا ئۆتكۈزۈلگەن ھېكايە مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى بولغان ئىدى. مەنچە مېنىڭ بۇ ھېكايىلىرىم ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلقىنىڭ تراگېدىيىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.»
ئاسۇمان گۇزەلچە خانىم ئىستانبۇلدا بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە رەسىم ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ھازىرغىچە نۇرغۇن ھېكايىسى نەشر قىلىنغان.

مەنبە : تۈرك خەۋەرلىرى
menbe:
http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=20793
&&&&&&&&&&&&&&&&


没有评论:

发表评论