2008年12月30日星期二

م«دىۋان»دىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىك قاراشلىرىغا نەزەر





م«تۇركىي تىللار دىۋانى»دىكى مەنبەلەردىن

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۇزەللىك قاراشلىرىغا نەزەر



گۇلزەپەر مۇھەممەت

(شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى سىياسەت ۋە ئاممىۋىي باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى)


مەھمۇد كاشغەرىي پۇتۇن دۇنياغا مەشھۇر تىلشۇناس ، پۇتۇن دۇنيا ئىتىراپ قىلغان ئۇيغۇر ئالىمى، ئۇ ئۆزىنىڭ جاپالىق ئىلمىي ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسى بولغان «تۇركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئۆلمەس ئەسىرىدە ئۇيغۇر قاتارلىق تۇركىي مىللەتلەرنىڭ تىلى، جۇغراپىيىلىك جايلىشىش ئەھۋالى، تارىخى، ئەدەبىيات–سەنئىتى، ئۆرپ-ئادىتى، ئاستىرنومىيە، كالىندارچىلىق، تىبابەتچىلىك، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق ھەر خىل ھايۋاناتلار، ئۇچار قاناتلاردىن كوپ ئۇچرايدىغانلىرىنىڭ ناملىرى ۋە ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى، غىزا ئىتىش يوللىرى، چالغۇ ئەسۋاپلىرى، كىيىم-كىچەك، زىننەت بۇيۇم، كىشلىك مۇناسىۋەت قاتارلىق تەرەپلىرىنى ناھايىتى مول ماتىرىيال مەنبەسى بىلەن مۇكەممەل يۇرىتىپ بىرىش بىلەن بىللە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق يىللىق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدىكى رەڭگارەڭ ۋە مول مەدەنىيەت كارتىنىسىنى يارىتىشتا ئۆزىگە مۇناسىپ تۆھپىلەرنى قوشقان.
«دىۋان»دا ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىم-كېچەك مەدەنىيىتى، زىبۇ – زىننەت تاقاش ئادىتى، گۈزەللىك قاراشلىرى، ئەدەپ–ئەخلاققا دائىر سۆزلەملەر ناھايىتى كۆپ ئۇچىرايدۇ.
كىيىم- كېچەك ئادەمنىڭ ئەڭ ئاساسلىق زىننىتى، گۈزەللىك زوقىنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى. ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى بولىدۇ. كىيىم-كېچەك جەھەتتىكى ئالاھىدىلىك شۇ مىللەتنى تاشقى جەھەتتە باشقا مىللەتلەردىن پەرقلەندۇرىدىغان موھىم بەلگىلەرنىڭ بىرى. ئىنسانلارنىڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىدىن كېيىنلا بارلىققا كەلگەن ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەت ئۇتۇقلىرىدىن بىرى.
ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش-ياسىنىش مەدەنىيىتىمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ كېيىنىش-ياسىنىش ئادەت-ئەنئەنىلىرىمۇ ئۆزگىرىپ، بېيىپ، رەڭدارلىشىپ تېخىمۇ كۈچلۈك مىللىي تۈس ئالغان. جۈملىدىن جىنسىي ۋە ياش قۇرام پەرقىگە قاراپ كېيىنىش-ياسىنىش جەھەتتە ئۆزگىچە ئادەت-ئەنئەنە شەكىللەنگەن.
ئەجدادلىرىمىز ئوۋچىلىق، كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان دەۋرلەردە چارۋا مال ۋە ھايۋان تېرىلىرىدىن، قوي يۇڭى توقۇلمىلىرىدىن كىيىم كىيگەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردە پاختا توقۇلمىلىرى، پاختا-يۇڭ ئارىلاش توقۇلمىلار ۋە يىپەك توقۇلمىلىرىدىن كىيىم كىيىدىغان بولغان. ئوتتۇرا ئەسىردىلا قولياغلىق، باغىرداق، دەزمال قاتارلىق بۇيۇملارنى، تاش، سۆڭەك مونچاقلار ئورنىغا ئۈنچە-مەرۋايىت، ئالتۇن-كۈمۈش قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرى؛ ئۇپا- ئەڭلىك، سۈرمە، قاشلىق، ئوسما گىرىملىكلەرنى ئىشلىتىلىدىغان بولغان.
ئەجدادلىرىمىز ئۆزىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش يولىدا ئېلىپ بارغان تارىخىي كۈرەشلىرى جەريانىدا، ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرى بويىچە ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى، جۈملىدىن شۇنىڭغا مۇناسىپ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۇرگەن. كىيىم تىكىپ كىيىش ئۈچۈن توقومىچىلىق ئىشلىرىنى ئالاھىدە تەرەققىي قىلدۇرغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ توقومىچىلىق سانائىتىدىن پايدىلىنىپ ھەر خىل گۈللۈك، گۈلسىز، ئارىلاشما تالالىق رەختلەردىن، يۇڭ، يىپەك، پاختا قاتارلىق رەختلەردىن ناھايىتى نەپىس كۆركەم كىيىم- كېچەكلەرنى تېكىپ كېيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ناھايىتى چىرايلىق قىلىپ خىلمۇ–خىل كەشتە نۇسخىلىرىنى كەشتىلەپ ئۆزلىرىنىڭ گۈزەللىك ئارزۇلىرىنى قول ماھارىتى بىلەن نۇرلاندۇرۇپ كەلگەن.
مەن تۆۋەندە «تۇركىي تىللار دىۋانى»نى ئىزلاپ قەدىمقى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىيىم–كىچەك، ياسىنىش، تارىنىش ۋە باشقا جەھەتلەردىكى گۈزەللىك قاراشلىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمەن.



(1) ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىك قاراشلىرى–كىيىنىش

ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆز قوللىرىنىڭ چىۋەرلىگى بىلەن قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ توقومىچىلىق ھۈنىرىدە ئۆز رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرغان. ئۇلار ھەر خىل تىخنىكىلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ ھەر خىل گۈللۈك، گۈلسىز، ئارىلاشما تالالىق رەختلەرگە، كىيىم–كىچەككلەرگە، ئۆي جابدۇقلىرىغا گۈل بېسىش، زەر بېسىش، كەشتە تىكىش قاتارلىق تېخنىكىلار بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇلار ئەرلىرىگە يۇڭ تىۋىتتىن پىشىقلاپ ئىشلەنگەن ھەر خىل تۇماق ۋە قالپاقلارنى، رەڭگارەڭ چىمەن دوپپىلارنى كىيدۇرگەن، پوتا، بەلۋاغ باغلاتقان ۋە نەقىشلىق كەمەرلەرگە توقۇ بىكىتىپ ئەرلىرىنىڭ سالاپىتىگە ئەھمىيەت بەرگەن. ئۆزلىرى ھەر خىل يۇڭ، يىپەك توقۇلما رەخلەردىن ناھايىتى نەپىس كۆركەم، يوللۇق چۈۋەر پۈرمە، نىمچا، كەمزۇل، جىلىتكە، چاپان كۆڭلەكلەرنى تىكىپ كىيگەن، يىپەك قول ياغلىقلارنى تۇتقان. ئەر-ئاياللارنىڭ شىم-تامباللىرىنىڭ پۇشقاقلىرىغا گۈل كەشتىلەنگەن. ئاياللار كۆڭلەك ياكى نىمچا ئۈستىگە نىم تاناپلار (تور يۇپۇقلار) تارتقان. ئۇيغۇرلار يەنە قاما، كەمچەت، سۇسەر، قۇندۇز، بولغۇن قاتارلىق قىممەتلىك ھايۋان تېرىلىرىدىن ھەر خىل جۇۋىلارنى تىكىپ كىيگەن. ئۇيغۇرلار كىيىم-كېچەكنى نەپىس تىكتۈرۈپ كىيىش بىلەنلا قالماي، كىيىم-كېچەكلەرنى تېخىمۇ يارىشىملىق ۋە چىرايلىق ئىسكەتكە كىرگۈزۈش، يىپەك كىيىملەرنىڭ پۇرلاشقان يەرلىرىنى سىلىقلاش ئۈچۈن ھاندۇۋا شەكىللىك دەزمالنى بارلىققا كەلتۇرگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم–كىچەك ئەنئەنسىدە، گۈللۈك يىپەك رەخت كىيىملەر چوڭ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەر خىل گۈللۈك، نەقىشلىك ۋە رەڭلىك يىپەك رەختلەرنى كىيىش بىر خىل گۈزەللىك دەپ قارىغان .
«دىۋان»دا ‹قىلىقلىناي دېسە قىزىل كىيەر، ياراي دېسە يېشىل كىيەر›(1-توم 512-بەت)دېگەن تەمسىل بار. ئۇيغۇرلار كىيىمنى بەدىنىنى يوشۇرۇش ئۇچۇنلا ئەمەس بىر خىل گۈزەللىك ئۈچۈن كەيگەن. ئۇيغۇر ئاياللىرى كىيىم–كىچەكلىرىنى رەتلىك، پاكىز كىيىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ. چۇنكى ئۇلار كىيىم–كىچەك ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ گۈزەللىك لاتاپىتىنى نامايان قىلالايدىغانلىقىنى ناھايىتى ئوبدان چۇشىنىدۇ.

قەدىمقى ئۇيغۇر ئاياللىرى كىيىم–كىچەكلىرىنى ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچىگە ئايرىپ ئاتايدۇ.

مەسىلەن: باش كىيىملەر:
«سارىغۇچ». خوتۇنلار رومىلىنىڭ بىر خىلى.(1-توم 634– بەت)
خوتۇن سارىغۇچ سالدى. (3–توم 283–بەت)
«بۇرۇنچۇق». پۇركەنچە. (1-توم 663–بەت)
خوتۇن پۇركەنچە پۇركەندى. (1–توم 270–بەت)
«دەدەك ». كېلىننىڭ يات كىشلەرگە كۆرۈنمەسلىكى ئۇچۇن بېشىغا ئارتقان پۇركەنچىسى (1-توم 531–بەت)
«بۇرتالاندى». بوككە ئالتۇن قاداق تۇتۇلدى. 3–توم 277–بەت.
«بۇرتالادى». ئۇ بوككە ئالتۇن قاداقلارنى بەكىتتى. 3–توم480–بەت.
«كىمسەن». زىننەت ئۇچۇن دوپپا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرگە تاقىلىدىغان ئالتۇن قاداق. 1-توم 570–بەت.
«پاتغا». تۇماق تىكىدىغان تېرە ۋە كىگىزنى قويۇپ كېسىدىغان كېسىمچى تاختىسى. 1-توم 553– بەت.
«قىيماچ» ئاق تىۋىتتىن ئىشلەنگەن بۆك بولۇپ، بۇنى چىگىللەر كىيىدۇ. (3–توم 241–بەت)
«قىزىللىغ» جىيەكلىك بۆك، 1- توم 646– بەت.
«ساقالدۇرۇق» ئېڭەكباغ ئىشلەتكەن. ئۇ، يىپەكتىن توقۇلغان بولۇپ، ئېڭەكتىن قوشۇپ باغلاپ قويۇلىدۇ. 1- توم 686 –بەت
«سۇقارلاچ »كۇلاھ، ئۇزۇن قالپاق. 1- توم 642 –بەت.
«قۇتۇرما» قايرىما بۆك. ئالدى ۋە ئارقا تەرىپىدە قايرىمىسى بولغان قالپاق. 1-توم 638–بەت. «قالپاق». قالپاق ئۇيغۇرلىرنىڭ تەلپەكتىن كېيىن ئىجاد قىلىپ كىيگەن خاس باش كىيىمى.
«تۈركى تىللار دىۋانى» دا مۇنداق نەقىل كەلتۈرۈلگەن: «ئۇلارنىڭ (ئۇيغۇرلارنىڭ دېمەكچى) قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن. 1 –توم 151 – بەت»
قالپاقنىڭ ئالدى ۋە ئارقا تەرىپى ئاچىماق، ئىككى يان تەرىپى ئۈستىگە قايريپ قويۇلىدۇ. ئۇ 20–ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىغىچە قۇمۇل، لوپنۇر، بۈگۈر، باي، ئىلى، ئاقتۇ قاتارلىق جايلاردىكى دېھقان –چارۋىچىلاردا بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلانغان.

«دىۋان» دا يەنە ئىچ كىيىملەردىن:

«ئارتېغ». ئايالچە جىلىتكە، 1- توم133– بەت.
«باغىرداق».باغىرداق ، لىپتىك 1- توم 653– بەت. قاتارلىق سۆزلەملەر ئۇچىرايدۇ. «باغىرداق»- ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۆز بەدەن گۈزەللىكىنى قوغداش ۋە ھايالىق لاتاپىتىنى ساقلاش ئۈچۈن كەشىپ قىلىپ ئىشلەتكەن قوشۇمچە ئىچ كىيىم تۈرىدىكى بۇيۇمى. ئۇ بىر خىل يۇقىرى كىيىنىش، ياسىنىش مەدەنىيىتىنىڭ ھاسىلاتى.
تەتقىقاتچىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۇرىشىچە: باغىرداق تەخمىنەن بۇنىڭدىن ئىككى مىڭ يىللار ئىلگىرىكى بۇددىزىم مەدەنىيىتى دەۋرىدە ئۇيغۇر كېيىم–كېچەك مەدەنىيىتىنىڭ يەنە بىر جۇلاسى. تۇرپان، كۇچا، باي ۋە دۇنخۇاڭ مىڭئۆيلىرىدىكى تام رەسىملىرىگە قارايدىغان بولساق: ئاياللار، ئايال ئۇسۇلچىلارنىڭ كىيىنىش، ياسىنىشى ۋە بەدەن شەكلىدە ئاياللارنىڭ كۆكرەك قىسمى ئىككى توپچا شەكلىدە ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇ دەل «باغىرداق» ئىشلەتكەنلىگىنىڭ بىر خىل ئىپادىلىنىشى بولۇپ، نېپىز يىپەك كىيىملەر ئىچىدىن ئاياللارنىڭ كۆكسى باغىرداق شەكلى بىلەن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
«باغىرداق» ئارقىلىق قەدىمقى ئانىلىرىمىز ئەمگەك قىلىش، ئۇسۇل ئويناش قاتارلىق ھەركەتلەردە مەيدىسىنى يېپىپ، كۆكسىنىڭ ئېچىلىپ قالماسلىقى ۋە ئۇنىڭ ۋاقىتسىز شەكىل ئۆزگىرىشىدىن ساقلىنىش مەقسىتىگە يەتكەن.
«باغىرداق» دۇنياغا مەشھۇر «يىپەك يولى مەدەنىيىتى» ئارقىلىق ياۋروپاغا تارقىلىپ، ھازىرقى «لىپتىك»نىڭ شەكىلىنىشى ۋە ئومۇملىشىشىغا ئاساس سالغان.

تاشقى كىيىملەر:

ئۇيغۇرلاردا تاشقى كىيىم چاپان، ئىشتان، تون (تاش تون. سىرىتقا كېيىدىغان تون. (3-توم 207–بەت) دەپ بىر قانچە تۇرگە بۆلىنىدۇ.
چاپان تاشقى كىيىمنىڭ ئومۇم ئاتىلىشى بولۇپ، شەكىلگە قاراپ يەنە خاس نامدا ئاتىلىدۇ.
تون ۋە جۇۋا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يازلىق، قىشلىق تاشقى كىيىمى بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرلىرى خىلمۇ خىل. ئاساسەن ، كېپىنەك تون شەكىللىك بولۇپ ، كۆپرەك قوي، بۇلغۇن، سۆسەر، تۈلكە، ئۆچكە، بۆرە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن تىكىلگەن. ھۈنەر – سەنئەت ئەھۋالىغا قاراپ بەزى تون، جۇۋىلار سىدام رەختلەر بىلەن ئىچلەنگەن «ئۇ تونىنى ئىچىكلىدى، يەنى تونىنىڭ ئىچىگە بۇلغۇن، تىيىن تىرىلىرىدىن ئىچلىك قىلدى. 1-توم 401–بەت»، بەزىلىرى رەخت بىلەن تاشلانماستىن، تېرىنىڭ يۇڭلۇق تەرىپىنى ئىچىگە ئالغان ياكى تېشىغا چىقىرىپ ئالاھىدە ھۈنەر بىلەن ئىشلەنگەن .
مەسىلەن:
«كافتان». تون . 1 توم 567– بەت.
«قارىس». يۇڭ چەكمەن چاپان، تۆگە ياكى قوي يۇڭىدىن ئىشلەنگەن كىيىم. (1-توم 453–بەت)
«ئىچۇك». ئىچىك–ئۇچۇك. بۇلغۇن، سۆسەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قىممەتلىك ھايۋان تېرىسىدىن تىكىلگەن جۇۋا. (1-توم 93–بەت) دېيىلگەن.
«چەكرەك ». چەكرەك قاپا–يۇڭ رەختتىن تېكىلگەن يانچۇقسىز تون. ئۇنى قۇللار كىيىدۇ. 1-توم 623–بەت.
«بەرتۇلەندى». كەمزۇللۇك بولدى. ئادەم كەمزۇللۇك بولدى. 3-توم 277–بەت.
«تەپچىدى». ئۇ تونىنى تەپچۇپ تىكتى . 3- توم 376– بەت .
«ئچلىدى». ئىچلىدى، ئەستەرلىدى. ئۇ توننى ئەستەرلىدى. 1 – توم 376 – بەت .
«مۇنەدى». قىرقىدى، كەستى. ئۇ توننى قىرقىدى ، يەنى توننىڭ ئۇزۇن قىسقا جايلىرىنى تۇزەش ئۇچۇن، ئەتراپلىرىنى كەستى . 3- توم 374– بەت .
«قارشادى». غېرىچلىدى. ئۇ توننى غېرىچلىدى. 3- توم 391– بەت .
ئەجدادلىرىمىز بۇلاردىن باشقا يەنە كىيىملەرنىڭ يارشىملىق ، ئەر – ئاياللارنىڭ سالاپىتىنى ئاشۇرۇش ئۇچۇن بوز ، مەشۇت يىپلاردا تىكىلگەن (چېكىم يىپى، مەشۈت يىپ 1-توم 541–بەت)

كىيىملەرگە توپچا(تۇگمە)تاقاش ئارقىلىق بەلگىلىك توقۇمچىلىق ، تىكىمچىلىك مەدەنىيىتىنىمۇ بەرپا قىلغان.
مەسىلەن :
«ئەتەكلىدى». ئېتەك قىلىنىدىغان بوز. كېيىم ئىتەكلىرى 1- توم 206- بەت.
«ئىچۇكلەدى». ئىچىكلىدى. ئۇ تونىنى ئىچىكلىدى ، يەنى تونىنىڭ ئىچىگە بۇلغۇن ، تىيىن تىرىلىرىدىن ئىچلىك قىلدى. 1 - توم 401 – بەت.
« ساپدى». ساپتى، ئۆتكۈزدى. تىكىمچى يىڭنىگە يىپ ساپتى . 2 – توم 2 – بەت .
«بۇركۇردى». پۇركىدى . يۇغۇچى تونغا سۇ پۇركىدى .يەنى كىرچى ئىۋىتىش ئۇچۇن تونغا سۇ پۇركىدى. 2 - توم 241– بەت.
«يى» تىكىچ. كىيىمنىڭ تىكىچى ، كىيىم تىككۇچىنى « يىچى»دىيىش شۇنىڭدىن ئېلىنغان . 3- توم 297 – بەت .
«ئەر بوز توقىدى». ئادەم بوز توقىدى. 3- توم 366– بەت .
«چىغلادى». چىيلىدى، گەزلىدى، ئۆلچىدى . ئۇ (تۇرك گەزە بىلەن )بوز گەزلىدى. 3- توم 404– بەت.

ئاياق كىيىم

ئۇيغۇرلار ھەر قايسى مۇھىتقا ئوخشاشلا كىيگىلى بولىدىغان ھەرخىل مىللىي كىيىم- كېچەكلەرنى ئىجات قىلغان. جۇملىدىن ئاياغ كىيىم خېلى بۇرۇنلا پەقەت پۇتنىلا ئاسراش ئېھتىياجىدىن ھالقىپ، كىشىلەرنىڭ گۈزەللىك، نەپىسلىك ئۆلچىمى، جىنسى ۋە پەسىل جەھەتتىكى ئۇيغۇنلۇقى قاتارلىق جەھەتلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن. ئۇيغۇرلار پەسىللەرگە ماسلاشتۇرۇپ، ئەر- ئاياللارغا خاس، بەدەن قىياپىتىگە ماس كېلىشتەك ئالاھىدە زۆرۈرىيەت بىلەن يۇڭ ۋە تېرىنى ماتېريال قىلىپ مەيسە، ئۆتۈك قاتارلىق ئاياغ كىيىمنى ئىشلەپ چىققان.
مەسىلەن:
«سىغزىق». زىغزىق . مەيسە ۋە ئۆتۈككە ئوخشايدىغان نەرسىلىرنى تىكىشتە ئىككى تىكىش ئارىسىغا قىستۇرىلىدىغان تېرە تىلىمى . 1- توم 606– بەت.
«باشماق». باشماق ، كەش ، پوپۇچ . 1- توم 609– بەت.
«ئەتۇكلۇك». ئۆتۈكلۈك قىرىم ، ئۆتۈك تىكىدىغان قىرىم 1- توم 206– بەت.
«پۇچغاق». پۇچقاق تېرە. بۇنىڭدىن ئاياق كىيىمى ياكى چورۇق قىلىنىدۇ.1–توم 608–بەت.
«تىزىلدۇرۇق». ئۆتۈكنىڭ تۇمشىقىغا زىننەت ئۇچۇن تاقىلىدىغان تەڭگىلەر 1–توم 686–بەت. قاتارلىقلار.

قوشۇمچە كىيىملەر:

قوشۇمچە كىيىملەر ئاساسلىق كىيىملەر بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرۇپلا قالماي، مەدەنىيەتلىك دەرىجىسى جەھەتتە ئاساسلىق كىيىملەردىن يۇقىرى تۇرىدۇ. قوشۇمچە كىيىملەر ئاساسلىق كىيىملەردىن خېلى كېيىن بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ تۈرى ناھايىتى كۆپ. قوشۇمچە كىيىملەرنىڭ كۆپ خىل بولۇشىمۇ شۇ خەلقنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ئىستىتىكىسى ۋە گۈزەللىك قاراشلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
«دەدەك». كېلىننىڭ يات كىشىلەرگە كۆرۈنمەسلىك ئۈچۈن بېشىغا ئارتىدىغان پۇركەنجىسى. 1- توم 531– بەت.
«بۈرۈنچۈق» پۈركەنجە، 1- توم 663– بەت.
«ئۇلاتۇ». بۇرۇن ئېيتىلىدىغان يىپەك قولياغلىق .قويۇندا ساقلىنىدۇ . 1 - توم 183 – بەت.
«سۇۋلۇق» قولياغلىق 1- توم 616– بەت.
« ساچۇ». چۇچا. تون، ياغلىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنىڭ چۇچىسى. 3-توم 302–بەت.
«ئەلىكلىك» پەلەي، قولقاپ، 1 – توم 207 – بەت.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش ئادىتى كۈچلۈك مىللىيلىققا ھەم خاسلىققا ئىگە ئادەت تۈرى. ئۇ كىيىم–كېچەك فورمىلىرى ، كىيىم تۈرلىرى بىلەن كىيىنىشتىكى ئېستىتىك مەزمۇن ۋە شەكىلنىڭ گۈزەللىكى بىرىككەن خاس كىيىنىش ئادىتىدە گەۋدىلىنىدۇ.

(2)
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىك قاراشلىرى

- چاچ قويۇش ۋە تارىنىش


تارىنىش – ئاياللارنىڭ چاچ تاراش ، چاچ شەكلى چىقىرىش ، چاچ ئۆرۈش قاتارلىقلارنى ئىچىگە ئالغان پەردازلىنىش ئادىتى. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تارىنىش ئادىتى مىللىي خاسلىقى بىلەن گەۋدىلىنىدۇ . ئۇيغۇر قىز–ئاياللارنىڭ تارىنىش ئادىتى ئۇلارنىڭ ئۆمۈر باسقۇچلىرىدىكى چاچ شەكلى پەرقى ئارقىلىق خاسلىق ھاسىل قىلىدۇ. يەنى بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك، ياشلىق، چوكانلىق، جۇۋانلىق مەزگىلى ۋە قېرىلىق دەۋرلىرىدىكى چاچ شەكلى چاچنىڭ ئۆرۈمە سانى، پېشانە، ماڭلاي چاچ شەكلى پەرقى بىلەن ئايرىلىدۇ.
«ئۆرچۈك». ئۆرۈلگەن چاچ 1- توم 140– بەت.
«تاراندى». تاراندى ، تارىدى . ئۇ چىچىنى تارىدى 2- توم 205 – بەت.
«ئورىدى». ئۇ چاچ ئورۇدى1- توم 232- بەت .
«ئۆرگۈچ». ئۆرۈمە چاچ – خوتۇنلارنىڭ ئۆرىمە چېچى 1- توم 129– بەت.
«ئۆرگۇچلەندى» . ئۆرىمە چاچلىق بولدى . قىزنىڭ چىچى ئۆرۈمگە كىردى ، يەنى قىز ئۆرۈمە چاچلىق بولدى . 1 - توم 411 – بەت.

قىرىق تال ئۆرۈمە چاچ.
قىز بالا توققۇز ياشتىن ھالقىغاندىن كېيىن، نىكاھلانغىچە بولغان ئارلىقتا (2 × 9) چېچى ئۆسۈشكە قويۇۋىتىلىپ، چچ ئارقىغا تارىلىپ ، 40 تال (بەزىدە 41 تال دەپمۇ ھېسابلىنىدۇ) ئۇششاق ئۆرۈمە قىلىنىدۇ. پېشانە قىسمىغا پېشانە چاچ چىقىرىلىدۇ . بۇ قىزلىق بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ . بۇ يەردىكى چاچنى 40 تال ئۆرۈمە قىلىش مىللەتنىڭ قەدىم «40 خاسىيىتى» چۈشەنچىسى ئاساسىدىكى شەكىل بولۇپ ، قىزلارنىڭ چېچىنىڭ توم بولۇشى ۋە جىق بولۇشىنىلا ئەمەس، بەلكى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تىلەشتىن كېلىپ چىققان ئادەت.

چوكان چاچ.
قىز نىكاھلىنىپ تويىنىڭ ئىككىنچى كۈنى يۇيۇنۇپ تارانغاندا، ئەسلىدىكى 40 تال ئۆرۈمە چېچى 15، 17، 21 تال قىلىنىپ ئۆرۈمە قىلىنىدۇ. بۇ چوكان چاچ دېيىلىدۇ .
بۇ يەردىكى ئۈچ خىل ئۆرۈمە چاچ سانى نىكاھلىنىپ تويى بولغان قىزنىڭ يېشىنى ئاساس قىلغان.
يەنى 15 ياشتىن ھالقىغان ، 17 ياشقا توشمىغانلارنىڭ 15 تال ،
17 ياشتىن 20 ياشقىچە بولغانلارنىڭ 17 تال ،
20 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ 21 تال ئۆرۈمە قىلىنىپ، تويى بولغان قىزلارنىڭ يېشىنى چاچنىڭ ئۆرۈمە سانى ئارقىلىق ئىپادىلىگەن.

تۆت تال ئۆرۈمە چاچ.
چوكان بولغان ئاياللار تۇنجى پەرزەنتىنى تۇغقاندىن كېيىن، بالىسىنىڭ «قىرىق تويى» ئۆتكۈزىلىدىغان كۈنى چېچى تۆت تال ئۆرۈمە چاچ قىلىنىدۇ. بۇ مەرىكە «چاچ قوشاق تويى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۆت تال ئۆرۈمە چاچ پەرزەنتلىك ئاياللارنىڭ بەلگىسى بولىدۇ .

جۇۋان چاچ.
چوكانلارنىڭ توي قىلغىنىغا توققۇز يىل توشقان كۈنى «جۇۋان تويى» ئۆتكۈزىلىدىغان چاغدا ، چېچى ئىككى تال ئۆرۈمە چاچ شەكلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. بۇ شۇ ئايالنىڭ ۋايىغا يەتكەنلىكىنى ئايرىيدىغان بەلگە قىلىنغان.
«ئوترۈشدى». ئۇ ماڭا ماڭلاي چاچ قىرقىشىپ بەردى . 1- توم 310- بەت.
«ئوترۇلدى». چاچ قىرقىلدى 1 – توم 328- بەت.
« ئۆڭىكلەندى» . چاچ سالدى. خوتۇن چاچ سالدى . يەنى ئۆچىكە چۇپۇرىدىن ياسالغان ماڭلاي چاچ تاقىۋالدى . 1 - توم 409 – بەت.

چۇپۇر چاچ .
خوتۇنلارنىڭ ئۆچكە چۇپۇرىدىن قىلىنغان ياسىما چېچى. ئۇلانما چاچ 1 - توم 182 – بەت. يالغان چاچ سېلىشمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىر خىل پەردازلىنىش ئۇسۇلىدۇر . ئاياللار چېچىنىڭ ئۇزۇن ياكى توم بولۇشىنى بىر خىل ئاياللار گۈزەللىكى ۋە جەزبىدارلىقىنى ئاشۇرۇش ۋاستىسى ھېسابلايدىغانلىقتىن، چېچى ئازلار يالغان چاچ سېلىش ئارقىلىق چېچىنى توم ۋە ئۇزۇن قىلغان. ئەجدادلىرىمىز چاچ گۈزەللىكىنى ئاياللار گۈزەللىكىنىڭ مۇھىم بىر ئۆلچىمى قىلىپ كەلگەچكە، ئاياللار چېچىنى ئاسراشقا، چاچلىق بولۇش، چېچىنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. چاچلىق چېچى قارا سۇمبۇل چاچلىقلارغا ھەمە كىشىنىڭ مەسلىكى كېلىدۇ. بىراق ھەممە ئاياللارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك چېچىنىڭ بولۇشى ناتايىن. شۇڭا ئاياللار چېچىغا ئۆچكە چۇپۇرىدىن قىلىنغان ياسىما چاچ ئۇلايدۇ،
بۇنداق يالغان چۇپۇر چاچ «ئۆڭىك» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆرۈمە چېچى «ئۆرگۈچ» دېيىلىدۇ.
ئاياللار يەنە ئۆچكە چۇپۇرىدىن ياسالغان ماڭلاي چاچ تاقىۋالىدۇ.
بۇنداق چاچ سېلىش «ئانىكلەندى» دېيىلىدۇ.
ئۆزىنىڭ ماڭلاي چېچى «بۈرچەك» دەپ ئاتىلىدۇ.

«كەسمەلەندى». كوكۇلا قويدى. قىز كوكۇلا قويدى . 3- توم 281 – بەت .
«ئوتوردى» . ئۇ چاچ كەستى كىيىم ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلىرنى كېسىشكىمۇ مۇشۇ سۆز .ئېشلىتىلىدۇ . 1- توم 238- بەت.
«ئوترۇلدى» . چاچ قىرقىلدى 1 - توم 328– بەت.

كوكۇلا چاچ.
قىز بالا ئۈچ ياشتىن توققۇز ياشقىچە بولغان ئارلىقتا سېكىلەك چاچ ئۆستۈرىدۇ. پەقەت قۇلاق ئۈستى تەرىپى ئاساس قىلىنىپ، باشنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى چاچ ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاستى تەرىپى ئۆستۈرۈلمەي چۈشۈرۈپ تۇرۇلىدۇ. پېشانە چېچى كۆزىگە چۈشمىگەن ئۇزۇنلۇقتا ئۆستۈرۈلۈپ پېشانىسىنى يېپىپ يېپىپ تۇرىدۇ. بۇ ئۆسمۈرلۈك چېچى ھېسابلىنىدۇ.
كوكۇلا چاچ –ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇش ئادىتىدىكى ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ، باشقا توي شەكىللىرىدىن روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئەنئەنىۋى توي شەكلىدۇر. بۇ خىل توي شەكلى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بىر قىسىم رايونلاردا تۈرلۈك يېڭى مەدەنىيەت ئامىللىرىنى قوبۇل قىلىش داۋامىدا ئىستېمالدىن قېلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن بولسىمۇ، ئايرىم چەت – ياقا قىشلاقلاردا يەنىلا ساقلىنىپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولغان توي شەكىللىرىنى بېيىتىپ تۇرماقتا . ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەر خىل شەكىلدە چاچ ئۆرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ گۈزەللىك لاتاپىتىنى ۋە مەقسەت – مۇددىئاسىنى ئىپادىلىگەن.
ئۇيغۇر قىز – ئاياللىرىنىڭ چاچ ئۆرۈمە شەكلى ۋە مەزمۇنى ئۇيغۇر قىز – ئاياللىرىنىڭ تارىنىش ۋە چاچ ئۆرۈمە ئادىتىنى ھاسىل قىلغان . ئۇ مىللەتنىڭ ئېتىقادى ، ئۇلۇغلايدىغان سان چۈشەنچىلىرى ۋە غۇرۇرى بىلەن مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ ، خاسلىقىنى، ئېتىقادنى ئىپادىلەش ۋاستىسى قىلغان. ئۇ ئەجدادلارنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئېستېتىك چۈشەنچىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ ئادەتلەر 20 – ئەسىرگىچە داۋاملاشقان. ھازىرمۇ چەت يېزىلاردا ساقلانماقتا. شەھەرلەردە 40 تال ئۆرۈمە چاچ بىر تالغا، چوكان چاچ ئىككى تال ئۆرۈمە چاچ شەكلىگە قىسقارغان.
ئۆرۈمە چاچ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چاچ قويۇش، تارىنىش شەكلىدىكى ھەم چاچ ئۆرۈمىسى ئېستېتىك مەزمۇنىدىكى ئەنئەنىۋى خاسلىق ۋە مىللىيىلىك بولۇپ، ئەجدادلار ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن.


(3) ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىك
قارىشى

– ياسىنىش(گىرىم) ئادىتى


ھۆسنىنى تۈزەش ۋە گىرىم قىلىش تۇرمۇشتىكى بىر خىل سەنئەت، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى گۈزەللەشتۈرۈشتىكى مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى. زاماننىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، كەسپىي خىزمەتتىكى خانىم–قىزلارنىڭ جەمئىيەتتە ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرى كۈنسايىن كۆپىيىدۇ. ئۇلار تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش جەريانىدا ، بىر تەرەپتىن پىسخىك جەھەتتىكى ئاجىزلىقلىرىنى يېڭىپ، ئۆزلىرىدە ئەرلەر بىلەن تەڭ رىقابەتكە قاتنىشالايدىغان قەيسەر روھنى يېتىلدۈرۈشكە تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن تاشقى قىياپىتىنىڭ گۈزەل ، سالاپەتلىك بولۇشىغا ئېتىبار بېرىپ، ئۆزلىرىدىكى ئاياللارغا خاس نازاكەت ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى تولۇق نامايان قىلىشقا ئىنتىلىدۇ. مانا بۇنىڭدا گىرىمنىڭ رولىنى تۆۋەن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.
گىرىم قىلىش نوقۇل ھالدا يۈزگە ئۇپا، ئەڭلىك سۈرۈش بولماستىن، بەلكى ئىلمىي، ساغلام بولغان گىرىم سەنئىتىنى ئىگىلەش ئارقىلىق تۈرلۈك رەڭلەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ چىراي ئالاھىدىلىكى ۋە كەسپى ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان بىر خىل گۈزەل، يېقىملىق قىياپەتنى يارىتىشتىن ئىبارەت . مۇۋاپىق ھەمدە لايىقىدا قىلىنغان گىرىم خانىم–قىزلارنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكىنى تېخىمۇ يارقىن گەۋدىلەندۈرۈپ، ھۆسنىگە ھۆسىن قوشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خانىم–قىزلارنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ ۋە گۈزەللىكى كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئۆزىنى ئەركىن–ئازادە تۇتۇشى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن پايدىلىق رول ئوينايدۇ. چۈنكى، خانىم–قىزلار ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتىدىن رازى بولغاندىلا، ھەر قانداق ۋاقىت ، ھەر قانداق جايدا جۇشقۇن، تەشەببۇسكار، تىرىشىپ ئالغا ئىلگرىلەيدىغان روھىي ھالەتنى ئىپادىلىيەلەيدۇ.
«زامانە قېرىتقانغا بوياق (پەدەز)ئەيىپ ئەمەس( 2 - توم 445– بەت)»
گۈزەللىكنى سۆيۇش، گۈزەللىككە ئىنتىلىش بارلىق مىللەتتە ئورتاق ھالەت.
ئەمما مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش شارائىتى، ياشاش يوسۇنى ئوخشاش بولمىغاچقا بەزى ئادەتلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ . قەدىمقى ئانىلىرىمىز ئۆزگىچە كىيىم-كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرى بىلەن ئۆزىگە خاس گۈزەللىك ئادىتىنى يېتىلدۇرۇپ قالماي، سىن- سىياق، مىجەز- خۇلىق گۈزەللىكىدىمۇ كۈچلۈك مىللىي تۈسكە ئىگە ئادەت ئەنئەنىلەرنى يېتىلدۇرگەن. ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆزىنىڭ تەبىئىي يارالمىش گۈزەللىكىگە قانائەت قىلماي، گۈزەللىككە بولغان ئارزۇلىرىنى گىرىم قىلىش ئارقىلىق قاندۇرغان.
ئۇيغۇر ئايال- قىزلىرى تەبىئىي نەرسىلەر بىلەن پەرداز(گىرىم) قىلىشتا، قاش گۇزەللىكى ئۇچۇن ئوسما قويغان، كۆز گۈزەللىكى ئۇچۇن سۈرمە، چاچ گۈزەللىكى ئۇچۇن چاچنى توم قىلىپ، ئۇزۇن چاچ سالدى (1 - توم 409 – بەت) ماڭلاي چاچ، سېكىلەك قويۇش، چىراي گۈزەللىكى ئۇچۇن يۈزىنى ئېچىش ۋە ئۇپا- ئەڭلىك قاتارلىقلار بىلەن پەرداز قىلغان، خۇشبۇي بولۇش ئۇچۇن ئىپار، زەپەر، سەندەل، ئەمبەر قاتارلىقلارنى يىنىدا ساقلاشقا ئادەتلەنگەن. كۆكرەك گۈزەللىكى ئۇچۇن بېغىرداق ( لىفتىك ) ئىشلىتىپ كەلگەن.ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گىرىم قىلىش ئادىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان مۇھىم ئۈلگىلەرنىڭ بىرى.

«ئەڭلىك». ئەڭلىك. خوتۇنلار مەڭزىگە سۇرتىدىغان ئاچ قىزىل بوياق. 1-توم 156–بەت.
«كىز». قۇتا. قاپچۇق. ساندۇق قاتارلىق نەرسىلەر . قۇتىدىكى كىندىك ئىپار، قۇتىدا ساقلانغان كىندىك ئىپار. بۇ ماقال خوتۇن قىزلارنىڭ ئاغزىنىڭ خۇش پۇرقىنى ئىپارغا ئوخشاتقاندا ئېيتىلىدۇ. 1- توم 428– بەت.
«ساچتىم». ساچتىم - چاچتىم . مەن ئىپار چاچتىم . 2- توم 3 – بەت .
«كىرشەنلەندى». ئۇپىلاندى، ئۇپا-ئەڭلىك سۇرتتى. خوتۇن ئۇپا-ئەڭلىك سۇرتتى. 2-توم 406–بەت.
«يولراتتى». ۋالىلداتتى، پاقىراتتى، يالتىراتتى. ئۇپا ئۇنىڭ يۇزىنى ۋالىلداتتى. 2-توم 517–بەت.
«يۇقتۇردى». يۇقتۇردى. ئۇ ئۇنىڭ تونىغا(كىيمىگە) ئىپار يۇقتۇردى. 3- توم 131–بەت.
«سۇرتۇردى». سۇردۇدى. ئۇ ئۇنىڭغا تاش سۇردۇدى (پەدەزلاتتى) 2-توم 262–بەت. سۇردۇدى.

«دىۋان»دا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ پەرداز ۋە تارىنىش بۇيۇملىرىدىن يەنە سۈزگۈچ، تارغاق(تاغاق1- توم 611– بەت) قاتارلىقلار بىر قانچە جايدا تىلغا ئېلىنغان.


(4) ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىك
قارىشى

-يىپ سېلىش (قاش تېرىش)


يىپ سېلىش – ئۇيغۇر چوكان ، جۇۋانلىرى ئۆزى قىلىدىغان تەبىئىي پەردازنىڭ بىر خىلى . ئۇ ئايال ئەجدادلىرىمىزنىڭ گۈزەل ھۆسنىنى قوغداش ، بەرپا قىلىش ئىستىكىدە قەدىمكى دەۋردە بەرپا قىلغان پەردازلىنىش ئادىتى . بۇ چىراي گۈزەللىكى بويىچە قىلىنىدىغان بىر خىل پەرداز. بۇنىڭدا موچۇن ۋە مەشۇت يىپتا يۈز، قاپاق ۋە پىشانىدىكى يۇمران سېرىق تۇكلەرنى ئېلىپ يۈز- كۆزنى كۆركەملەشتۇرۇش مەقسەت قلىنغاچقا « يۈز ئېلىش ياكى يۈز ئېچىش » دەپ ئاتالغان. يىپ سېلىش ئۇ قاش بېشى ، ئوتتۇرىسى ۋە قۇيرۇقىنى رەتلەپ ، ئىنچىكە ، ئۇزۇن قاش شەكلىنى چىقىرىپ ، ئۇنىڭغا نۇقسان يەتكۈزىدىغان ئارتۇقچە قاش تۈكلىرىنى ۋە سېرىق تۈكلەرنى يۇلۇۋېتىدىغان پەردازدىن ئىبارەت .
«ئەردىنى». چوڭ مەرۋايىت . بەدىنى مەرۋايىتتەك خوتۇن (1- توم 192– بەت).
«ئارزىتال». بەدەندىكى موينى چۇشۇرۇشكە ئىشلىتىلىدىغان ھاك ئارلاشمىسى 1- توم 196– بەت.
«يىپلاتتى». يىپلاتتى ، يەنى يىپ سالدۇردى . خوتۇن يۇزىنى يىپلاتتى ، يەنى يۇزىنى يىپ بىلەن تەردۇردى . 2 - توم 519– بەت.
«مەڭدەشتى» . يىپ سېلىشتى ، ئىككى خوتۇن يىپ سېلىشتى . يەنى يىپ بىلەن بىر – بىرىنىڭ يۇزىدىكى تۇكلەرنى ئېلىشتى.( 3 - توم 545– بەت)
«يىپلاشتى». يىپلاشتى . خوتۇنلار بىر – بىرىنىڭ يۇزىنى يىپلاشتى ، بىر – بىرىنىڭ يۇزىگە يىپ سالدى.( 3- توم 141 – بەت )
ياش چوكانلار بىر – ئىككى بال تۇغقاندىن كېيىن يىپ سېلىپ قاش تېرىشنى ئادەت قىلىدۇ . ئۇنىڭدا چېكە ئوتتۇرىسى ، قاش ئوتتۇرىسى ، ماڭلاي قاش (قۇيرۇق قىسىم) رەتلىنىپ ، ئىككى قاش ئوتتۇرىسىغا ئۈنگەن قاش – تۈكلەر (قاش ئوتتۇرا قىسىمى ، ئۈستى ۋە ئاستىنى توملاشتۇرۇپ قويغان قاش – تۈكلەر) ۋە ماڭلاي تەرەپتىكى قاشنى توملاشتۇرۇپ قويغان قاش ، تۈكلەر يىپ سېلىپ يۇلۇۋېتىلىپ ، قاشنىڭ باشلىنىش قىسمى توم ، ئوتتۇرا قىسمى سەل ئىنچىكە ، قۇيرۇق (ماڭلاي) قىسمى ئىنچىكە قىلىپ رەتلىنىدۇ . بۇ خىل پەرداز يىلدا 1 -2 قېتىم ئىشلىتىلگەن. بۇ خىل ئادەت ھازىر ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلدىن قالغان بولسىمۇ يىراق-چەت، يىزا قىشلاقلاردا مەلۇم نىسپەتتە ساقلىنىپ كەلمەكتە.


(5) ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىك
قارىشى

- زىننەت بويۇملىرىنى تاقاش


زىننەت بۇيۇملىرى تاقاش ئۇيغۇر قىز – ئاياللىرى قەدىمىي دەۋردىن باشلاپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئەنئەنىۋىي گۇزەللىك قاراشلىرىنىڭ بىرى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆرۈمە چاچلىرىغا سۆڭەكتىن ياسالغان ھالقا ، مىس ، قاشتېشى ، ئالتۇن – كۈمۈشتىن ياسالغان ئوتۇغات تاقىغان بولسا ، بويۇن ، قول ، قۇلاقلىرىغا ئالتۇن ، كۆمۇش ، مەرۋايىتلاردىن ئىشلەنگەن ھالقا ، ئۈزۈك ، بىلەيزۈك، زىرە قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاش ، سېلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىپ كەلگەن . بۇ خىل ئادەت ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى ، ئىلمىيلىكى ۋە ئېستېتىك مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلىقى بىلەن ھىلىمۇ مەشھۇر .
ھالقا - ئاياللارنىڭ گۈزەللىك لاتاپىتىنى نامايەن قىلىدىغان بىر خىل زىننەت بۇيۇمى . قەدىمقى ئەقىللىق ئۇيغۇر ئانىلىرىمىز قىز بالا يەتتە ياشقا كىرگەندە قۇلىقى تېشىلىپ ، قۇلىقىغا ھالقا تاقاش ھازىرلىقى قىلغان. قىزلارنىڭ قۇلىقىنى تىشىشتە ئالدى بىلەن مۇۋاپىق ۋاقىت ۋە پەيىت تاللىنىدۇ . ئۇلار ھەر ئەتىياز زىغىر چىچەكلىگەن چاغ قۇلاق تىشىشنىڭ ياخشى پەيتى دەپ قارايدۇ . دەسلەپ قۇلىقى تېشىلگەندە ، ئامۇت ، ياڭاق ، ئۆرۈك قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخ ياغىچىدىن قۇلاق تۆشۈگىگە مۇۋاپىق قىلىپ تەييارلانغان «ياغاچ ھالقا» غا ماي سۈركىلىپ قۇلاق تۆشۈكىگە سېلىنىپ، تېشىغا خېمىر چاپلاپ قويۇلىدۇ (بۇغداي ئۇنىدىن قىلىنغان خېمىر تېشىلگەن جاينىڭ ئىششىقىنى ياندۇرىدۇ). قۇلاق تۆشۈكى يارىسى ساقايغاندىن كېيىن «ياغاچ ھالقا» ئېلىۋېتىلىپ، مىس ياكى زالتاي ھالقا سېلىنىدۇ . چوڭ بولغاندا ئالتۇن ھالقا، ياقۇت كۆزلۈك ئالتۇن ھالقا، زالتاي ھالقىلارنىڭ بىرى سېلىنىدۇ .
«ئۆكمەك». خوتۇنلار قۇلىقىغا تاقايدىغان ئالتۇن ياكى كۆمۈش ھالقا ، زىرە 1- توم 142– بەت.
«ئۆكمەكلەندى». زىرىلىك بولدى ، ھالقىغا ئىگە بولدى ، خوتۇن زىرىلىك بولدى. 1 - توم 413– بەت.
«تولغاغ». سۆكە ؛ ھالقا قۇلاققا تاقايدىغان سۆكە – ئۇنچە ھالقا . 2 - توم 420– بەت.
«كۇپە». ئاياللار قۇلىغىغا سالىدىغان ھالقىنىڭ بىر خىلى . 3- توم 299– بەت .
«تولغادى». تولغىدى ،تاقىدى . قىز ئۇنچە تاقىدى . يەنى قىز ئۇنچە ۋە باشقا نەرسىلەردىن ياسالغان سىرغا تاقىدى. 3- توم 395– بەت .

ئۈزۈك - خەلقىمىزنىڭ ئۈزۈكنى ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى بىر خىل زىننەت بۇيۇمى سۈپىتىدە ئشلەتكەن. دەپ تەبىر بېرىلگەندىن سىرت يەنە مەھمۇد كاشغەرى«دىۋان»دا،
«قاش» سۆزى چۈشەندۈرۈلۈپ:
قاش kax- قاشتاش. بۇ بىر خىل سۈزۈك تاش بولۇپ ، ئاق ۋە قارا رەڭلەردە كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئېقىنى گۆلدۈرمامىدىن ، ئۇسسۇزلۇقتىن ۋە چاقماق چۈشۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۈزۈككە كۆز قىلىدۇ. ‹كىمنىڭ يېنىدا قاشتاش بولسا ئۇنىڭغا چاقماق تەگمەيدۇ› دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بار. بۇ تۈركلەرنىڭ بىر خىل چۈشەنچىسى». دەيدۇ.
بۇنىڭدىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئون ئەسىرلەردىن بۇرۇنلا ئۈزۈكنى بىر خىل زىننەت بۇيۇمى سۈپىتىدە قاشتىشىنى ئۈزۈكنىڭ كۆزى قىلىپ ئىشلىتىپلا قالماستىن ئۇنىڭغا ئىپتىدائىي ئىتىقاد ۋە سالامەتلىك ئىڭىنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ .
ئۇنىڭدىن باشقا:
«يۇزۇك». ئۈزۈك. بارماققا سېلىنىدىغان ئۈزۈك . 3- توم 22– بەت .
«چىچامۇق». چىچامۇق ، ئاتسىز ( نامسىز ) بارماق، ئۈزۈك سالىدىغان بارماق . بۇنى بىلىدىغان ئادەملەر ئاز . 1 - توم 634 – بەت.
«بىلەزۇكلەندى». خوتۇن بىلەيزۇك سالدى . 3- توم 283 – بەت . بىلەيزۇك (چۆرىنىڭ) قولىنى قىستى. (2 - توم 109– بەت)
بىلەيزۈك سېلىش. بىلەيزۈك (بىلەك ئۈزۈك) نىكاھلىنىشنىڭ ئىككىنچى بىر بەلگىسى . ئۇ توي قىلغانلىقىنى، چوكان، ئاياللارنىڭ بوينى باغلاقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ . شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدە ئۈزۈك ۋە بىلەزۈكلەرنىڭ كۆپلەپ تېپىلىشىدىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ مېتال بۇيۇملار قول ھۈنەرۋەنچىلىكى تارىخىنىڭ ئۇزۇن ، تەرەققىيات سەۋىيسىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى مەلۇمدۇر.
بويۇن ئاسقۇ: قىز - ئاياللارنىڭ بوينىغا بويۇن ئاسقۇ ئېسىشى ئاياللارنىڭ بوينىغا تۇمار ئېسىشتىن تەرەققى قىلىپ شەكىللەنگەن ئادەت . قەدىمكى ۋاقىتلاردا. قىز-ئاياللارنىڭ بوينىغا بۆرە ئوشۇقىدىن توققۇز دانىسى يىپقا ئۆتكۈزۈلۈپ تۇمار قىلىنغانلىقى مەلۇم. بۇ ئەمەلىيەتتە بويۇن ئاسقۇ بولغان. بويۇن ئاسقۇ ، چاچ ئاسقۇلار قىز – ئاياللارنىڭ لاتاپەتلىك، جەزبىدارلىقىنى ئاشۇرۇش رولىنى ئوينىغان . بۇ ئادەت چارۋىچىلىق ئىگىلىكى باسقۇچىدا ئومۇمىي ئادەتكە ئايلنغان بولۇپ، چاچ ئاسقۇلار ھازنر قازاق ، قىرغىز خەلقى ئىچىدە مەۋجۇت.
«مۇنچۇق». مۇنچاق . زىننەت ئۇچۇن بويۇنغا ئېسىلىدىغان قىممەتلىك تاشلار 1- توم 621– بەت.
«مۇنچۇقلاندى». مۇنچاقلىق بولدى – قىز مۇنچاقلىق بولدى،تاقايدىغان ئۇنچە مارجانلىق بولدى. 2 - توم 403– بەت
‎م«بوز مۇنچاق» بوز مۇنچاق . بۇ ئىپار بىلەن سۇكتىن ياسىلىدۇ ، خوتۇنلار تاقايدۇ . 3- توم 167 – بەت.
ئوتۇغات تاقاش. تويى بولغان قىزنىڭ بېشىغا توي كۈنى توي مۇراسىمىدا ئوتۇغات (ئاياللار تاجى) تاقىلىدۇ.
«دىۋان»دا مۇنداق كەلگەن: «بوت». بىر خىل قىممەتلىك چوڭ يېشىل چەش (پېروزە )بولۇپ ، ئۇلۇغلارنىڭ ئوغۇل ۋە قىزلىرى ماڭلىيىغا تاقايدۇ. قىز پېروزە تاقىدى. (3-توم 166–بەت) بۇ ئادەت كۆپىنچە خان، ئىلىكخان، خان ئەۋلادلىرى ئىچىدە شەكىللەنگەن ۋە ئادەتكە ئايلانغان . بۇ قىز–ئاياللارنىڭ ئۇلۇغلىنىشى، توي ئارقىلىق ئاياللارنىڭ «شاھ» لىق دەرىجىدە سىمۋوللاشتۇرۇلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇرلار ياشىغان جايلاردىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقلاردىن تېپىلغان بۇيۇملار ئىچىدە ھايۋان سۆڭىكىدىن نەپىس ياسالغان ھالقا ، چاچ ئاسقۇ ، بويۇن ئاسقۇ ، ئۈزۈك قاتارلىقلار بار . بۇلار ئىپتىدائىي دەۋرگە مەنسۇپ . كېيىنىكى برۇنزا قۇراللار دەۋرىگە ئائىت ئارخېئولوگىيىلىك تېپىندىلار ۋە ئاز ئۇچرايدىغان يازما خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا ، مېتال تاۋلاشنىڭ بارلىققا كېلىشى ، قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ تەرەققىياتى ئاستىدا ، ئاياللار زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ماتېرىيالى ۋە شەكلىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، مىس ، تۇچ ، كۈمۈش ، ئالتۇن ۋە قاشتاشلاردىن ئىشلەنگەن زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاشقا تەرەققىي قىلغان .
ئۇيغۇر قىز – ئاياللىرىدا شەكىللەنگەن زىننەت بويۇملىرىنى تاقاش ئادىتى پەقەت گۈزەللىك قوغلىشىپ مەيدانغا چىققان بولماستىن ، بەلكى خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن بىر چاغدا ، زىننەت بويۇملىرىنىڭ شىپالىق رولى ۋە ئېستېتىك رولىدىن پايدىلىنىش ئاساس قىلىنغان بولۇپ ، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى نازۈك زىببۇ زىننەتلەر بىلەن بېزەش ئۈچۈن زەرگەرچىلىقنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغان.


(6) ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىك
قارىشى

- ئەرلەرگە بەلۋاغ باغلىتىش


بەلۋاغ باغلاش ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي كىيىنىش ئادىتى تەركىبىدىن ئورۇن ئالغان خاس شەكىلنىڭ بىرى. ئۇ ئۇيغۇرلىرنىڭ ياسىنىش ئادىتىدە ئالاھىدە رولغا ئىگە ھەم ئېستىتېك مەنىگە ئىگە. «دىۋان»دا:
«قۇرشاغ». قۇر باغلاش، بەلباغ باغلاش 1- توم 606– بەت.
دىگەن مەلۇمات ئۇچىرايدۇ. دېمەك، قەدىمىي ئۇيغۇر ئانىلىرى ۋە قىز – چوكانلىرى تۇرمۇشنى سۆيۈش، گۈزەللىككە ئەھمىيەت بىرىش ، ئېتىقادى ۋە ئارزۇسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ، ئوغۇللىرىنىڭ، يىگىتلىرىنىڭ، ئەرلىرىنىڭ روھلۇق ۋە جاسارەتلىك بولۇشىنى ، روھىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرۇشىنى تىلەپ ، يىپەڭ رەخت ۋە پاختا رەختلەردىن بەلۋاغ تەييارلاپ ، ئۇنىڭغا گۈل كەشتىلەپ يىگىتلىرى ۋە ئەرلىرىگە تۇتۇش ئادىتىنى بەرپا قىلغان.


(7) ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىك
قارىشى-كەشتە

كەشتىچىلىك ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىچىدى ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان ئىجتىمائىي كەسىپ، ئۇ رەڭگارەڭ گۈل نۇسخىلىرى بىلەن ئادەمگە گۈزەللىلىك ۋە ئىستىتىك زوق بەخىش ئىتىدۇ. كەشتە ئادەتتە دوپپا، كەشتىلەنگەن رومال، كۆينەك، بەلۋاغ، ياستۇق، تەكيە، بۆشۈك ئوۋدا-تاتقۇسى ۋە تۇرمۇشقا كېرەكلىك بولغان تۈرلۈك بۇيۇملارغا چىقىرىلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىي ئالاھىدىلىكى ئالاھىدە گەۋدىلەندۇرۇپ تۇرىدۇ. ئەجدادلىرىمىزنىڭ كەشتىدىن ئىبارەت بۇ قول ھۇنەرۋەنچىلىكىنى كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى بىلەن بىر گەۋدە سۇپىتىدە راۋاجلاندۇرۇپ كەلگەن.
ئۇيغۇر كەشتىلىچىكى ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە . تارىخىي خاتىرىلەر ، مىڭئۆي تام سۈرەتلىرى ۋە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيىلىك قېزىلمىلارغا ئاساسلانغاندا ، ئۇيغۇرلارنىڭ كەشتىچىلىك سەنئىتى مىلادىدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردە مەيدانغا كەلگەن . تۇرپان مىڭئۆي تاملىرىدا ھەر خىل نەپىس گۈل نۇسخىلىرى كەشتىلەنگەن كىيىملەرنى كىيگەن كىشىلەرنىڭ سۈرەتلىرى بار . لوپ ناھىيىسىنىڭ سامپول يېزىسىدىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقتىن 1000 پارچىگە يېقىن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تېپىلغان . بۇنىڭ ئىچىدە ھەر خىل گۈل بېسىلغان پاختا رەختلەر ، كەشتىلەر بار . ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى 2000 يىل بۇرۇنقى خوتەن رايونىدا ياشىغان يەرلىك خەلقلەرنىڭ قول – ھۈنەر سەنئىتى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.
« تۈركى تىللار دىۋانى »دا:
«ئۇستەم». ئىگەر ۋە كەمەرگە ئوخشاش نەرسىلەرنى بىزەش ئۇچۇن ئۇلارغا بىكتىلگەن ئالتۇن . كۆمۈش زىننەت بۇيۇملىرى 1- توم 145– بەت.
«كىمسەن». زىننەت ئۇچۇن دوپپا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرگە تاقىلىدىغان ئالتۇن قاداق . 1- توم 570– بەت.
«چەكىن». چەكمە . يىپەك رەخىتكە زەر بېسىش 1- توم 541– بەت
«تۇگمە». تۇگمە . كۆينەك، چاپان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ تۇگمىسى . 1- توم 563– بەت.
«تىزىلدۇرۇق». ئۆتۈكنىڭ تۇمشىغىغا زىننەت ئۇچۇن تاقىلىدىغان تەڭگىلەر . 1- توم 686– بەت.
«يەدىشدى». ئۇ ماڭا خۇرجۇننىڭ چورىسىگە كەشتە تىكىشىپ بەردى. بوخچا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ چورىسىگە كەشتە تىكىشكىمۇ مۇشۇ سۆز ئىشلىتىلىدۇ. 3-توم 94–بەت .
«بۇرتالاندى». بۆككە ئالتۇن قاداق تۇتۇلدى . 3- توم 277 – بەت.
«تۇگمىلەندى». تۇگلىمىدى . ئادەم كۆينىكىنى تۇگمىلىدى . 3- توم 281– بەت.
«توقۇ». توقۇ. كەمەرنىڭ توقۇسى . 3- توم 313– بەت .
«چەكنەدى». كەشتىلىدى . قىز كەشتە كەشتىلىدى ، يەنى قىز زەر يىپ بىلەن يىپەك رەخىت ئۇستىگە كەشتە تىكتى . 3- توم 412– بەت .
«ساچۇلادى». چۇچۇلىدى ، چۇچا بېكىتتى . ئۇ لۆڭگە چۇچىلىدى ، يەنى لۆڭگە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرگە چۇچا بېكىتتى . 3- توم 440– بەت .
«كەزلىك». خوتۇنلار كىيىملىرىگە تاقايدىغان ياكى يېنىدا ئېلىپ يۇرىيدىغان كىچىك پىچاق .1 – توم 625 – بەت.
«ساچۇ» . چۇچا. تون، ياغلىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنىڭ چۇچىسى. 3-توم 302–بەت.
«توقۇلادى» توقۇ بېكىتتى. ئادەم قېيىشقا توقۇ بېكىتتى. 3- توم 443– بەت .
«بورتالادى» ئۇ بۆككە ئالتۇن قاداقلارنى بەكىتتى. 3- توم 480– بەت .
«بوغماق». بوغماق. بۇ نەرسە ئالتۇن ياكى كۆمۈشتىن ياسىلىپ، ئۇستىگە قىممەت باھا تاشلار ۋە مەرۋايىتلار ئورنىتىلىدۇ، نىكاھ كېچىسى ياسانغان كىلىنگە تاقاپ قويىلىدۇ. 1-توم 610–بەت.
«چىرغۇي». توننىڭ ئىككى بىقىنىدىن ئىزمىلار ئۆتكۈزۈپ قويۇلىدىغان توپچا. 3-توم 332–بەت.
« بوغماق». بوغماق. كۆينەك بوقۇچى . 1- توم 609– بەت. دىگەنگە ئوخشاش.


(8) ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىك
قارىشى

– تازىلىق ۋە تازىلىق بۇيۇملىرى


قەدىمىي مەدەنىي مىللەتلەرنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر مىللىتى تازىلىقنى سۆيۈش ۋە تازىلىققا ئېتىۋار بىلەن قاراش جەھەتتىكى ئېسىل ئەنئەنىسى بىلەن باشقا مىللەتلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. جۈملىدىن بەدەن تازلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، تىرناقنى ئۇزۇن ئۆستۈرمەسلىك، چاچنى ئەرلەر قىسقا ياسىتىپ يۈرۈش، ئاياللار ئۇزۇن ئۆستۈرۈپ، پاكىز يۇيۇپ-تاراپ، يىلىم چېپىپ، ئۆرۈپ يۈرۈش؛ كىيىملەرنى پاكىز، رەتلىك كىيىش قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق ئەسىرلەر جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن ئەنئەنىۋى تازلىق ئادىتىدۇر. ئۇيغۇرلار يەنە خېلى بۇرۇنلا يۇيۇلغان ياكى پۈرلەشكەن كىيىملەرگە دەزمال سېلىپ كىيىشكە ئادەتلەنگەن.
«دىۋان»دا « دەزمال ھاندۇۋا شەكىلدىكى بىر پارچە تۆمۈر، كىيىمنىڭ چاكلىرىنى تۈزلەش ئۈچۈن ئۇ قىزىتىپ بېسىلىدۇ» دەپ مەلۇمات بەرگەن.
ئۇيغۇرلار ئاياللىرى ھەر ۋاقىت بېلىگە كەزلىك( پىچاق) ئېسىپ يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن.
«ئۇلاتۇ». بۇرۇن ئېيتىلىدىغان يىپەك قولياغلىق. قويۇندا ساقلىنىدۇ. 1-توم 183–بەت.
«سۇۋلۇق». قولياغلىق 1- توم 616– بەت.
«ياملاتتى». يامداتتى، سۇپۇرتتى. ئۇ ئۆينى يامداتتى، يەنى سۇپۇرتتى. 2-توم 521–بەت.
«ساچۇ» چۇچا . تون، ياغلىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنىڭ چۇچىسى. 3-توم 302–بەت.
«ئۇتۇدى». ئۇتۇكلىدى، دەزماللىدى، دەزمال سالدى. ئۇ تونىنى دەزماللىدى، ئۇ تونىنىڭ پۇرلەشكەن جايلىرىنى تۆمۇر پارچىسى بىلەن دەزماللاپ تۇزلىدى. 3- توم 345– بەت.
«بۇركۇردى». پۇركىدى. يۇغۇچى تونغا سۇ پۇركىدى .يەنى كىرچى ئىۋىتىش ئۇچۇن تونغا سۇ پۇركىدى. 2-توم 241–بەت.
«كەزلىك». خوتۇنلار كىيىملىرىگە تاقايدىغان ياكى يېنىدا ئېلىپ يۇرىيدىغان كىچىك پىچاق. 1– توم 625 – بەت.
«تايلاڭ». كېلىشكەن، زىرەك، پاكىز، زىرەك، زىلۋا، رەڭگى پاكىز، كىيىم-كېچىكى تازا ئادەم. (3-توم 526–بەت) دېگەندەك مەلوماتلار قەدىمقى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىككە، تازلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى تولۇق چۇشەندۇرۇپ بىرىدۇ.


(9) ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىك
قارىشى

- ئۇياتچانلىق ۋە ئەخلاق


ئۇيغۇرلار ئەخلاقنى بىر خىل گۈزەللىك دەپ قارىغان . ئۇلاردا
«ئەردەمسىزدىن قۇت چەتىلۇر »(ئەخلاقسىزدىن قۇت كېتەر، يەنى پەزىلەتسىز ئادەمدىن بەخىت – دۆلەت كېتىدۇ (2- توم 332–بەت).
«ئېردەملىك كىشىلەرىگ ئاياغىل »پەزىلەتلىك كىشىلەرگە ھامىيلىق قىلغىن(2-توم 9–بەت). «ئەدەپ – ئەردەمنىڭ بېشى تىل ، چۇنكى چىرايلىق سۆزلەيدىغان كىشى ئابروي تاپىدۇ»(1- توم 145 – بەت)،
« ئەدەپ – ئەردەمنىڭ بېشى تىل»(3- توم 183 – بەت).
«ئەي ئوغلۇم مەندىن ئۇگۇت-نەسھەت ئال ، ئەدەپلىك ۋە تەرتىپلىك بولۇشقا تىرىش، تاكى ئەل ئېچىدە ئۇلۇغ ئالىم بولۇپ، ئەدەپ ۋە ئىلىم-ھىكىمەت تارات»(1-توم 72-بەت).
«ئەي ئوغلۇم ئۇگۇت – نەسىھەتنى قۇبۇل قىل، ئۆزۇڭدىن نادانلىقنى نېرى كەتكۇز؛ تالقىنى بولغان كىشى ئۇنىڭغا شىرنە قاتىدۇ،ئەقلى بولغان كىشى ئۇگۇت نىسىھەتنى قۇبۇل قىلىدۇ»( 1 –توم 574–بەت).
« ئوغلۇم ساڭا ئەدەپ ئەخلاقنى مىراس قىلىپ قالدۇرمەن؛ ئىلىملىك، ئەقىللىق ئادەملەرنى تېپىپ، ئۇلارغا يېقىنلاش، ئۇلاردىن پايدىلان»( 3 - توم 597– بەت).
دەپ قارىغان ھەمدە بۇ گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ ئادەملەردە بولىدىغان گۈزەل ئادەت ئىكەنلىگىنى، بۇخىل خىسلەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان كىشىنىڭ گۈزەللىك ئالىمىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدىغانلىقىنى بايان ئەتكەن.
«كۆركەم، چىرايلىق تونۇڭنى ئۆزۈڭ كىي، تاتلىق ئېشىڭنى باشقىلارغا بەر، مېھماننى ئىززەتلە، شۆھرىتىڭنى ھەممىگە يايسۇن» (1-توم 64–بەت).
«مېھمان كەلسە قۇت كېلەر، مېھمان بىلەن تەڭلا بەركەت كېلىدۇ. مېھمان ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى ، ئۇنى ئېغىر ئالغۇلۇق ئەمەس »(1-توم 124 – بەت)
قاتارلىق ماقاللاردىن قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماننى ياخشى كۇتۈشكە ئەھمىيەت بىرىشتەك گۇزەل ئەخلاق پەزىلىتىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ.
«سۇرەن چىقسا، ئۇرۇق–تۇققان جەملىشەر، يېغا كەلسە خەلق توپى تەۋرىشەر»(1–توم 119–بەت) ــ بۇ ماقالدا ئۆز ئارا ئىناقلىق، ئىتىپاقلىق تەكىتلەنگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا «تۇركىي تىللار دىۋانى»دا ئاياللاردا بولۇشقا تىگىشلىك شەرمىي ھايا، ئۇياتچانلىق، باشقىلار ئالدىدىكى ئولتۇرۇش قوپۇشلارنىڭ ئادەمدە بىر خىل گۈزەللىك لاتاپىتىنى نامايەن قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىمۇ ئېنچىكىلىك بىلەن مەلۇمات قالدۇرۇلغان.
مەسىلەن:
«ئوروندى». ئورىدى. خوتۇن پۇركەنچە پۇركەندى1- توم 270- بەت.
«ئۆرتۇندى». يېپىندى.خوتۇن يۇزىنى يېپىۋالدى 1 - توم 332– بەت.
«سېزېغ». پەش، كىيىمنىڭ پىشى . پېشىنى يىپىپ ئولتوردى ، يەنى يەكتىكىنىڭ ئىككى پېشىنى قىستۇرۇپ ئولتۇردى . بۇنداق قىلىش نازاكەت ھىسابلىنىدۇ . 1- توم 484– بەت.
«دەدەك». كېلىننىڭ يات كىشلەرگە كۆرۇنمەسلىك ئۇچۇن بېشىغا ئارتقان پۇركەنچىسى1- توم 531– بەت.
«قاتۇنلاندى». خېنىملاشتى. خوتۇن خېنىملاشتى، خېنىم قىياپىتىگە كىردى. 3-توم 284–بەت.
«قىزىل». قىزىل. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: قىلىقلىناي دىسە قىزىل كىيەر، ياراي دىسە يېشىل كىيەر. يەنى خوتۇنلار ئېرى بىلەن خۇش مۇئامىلىدە بولماقچى بولسا، قىزىل يىپەك كىيىم كىيىدۇ؛ غىلجىڭلىق قىلماقچى بولسا، يېشىل يىپەك كىيىم كىيىدۇ . بۇ ماقال خوتۇنلارنى ئېرىگە دائىم خۇش مۇئامىلىك بولۇشقا ئۇندەپ ئېيتىلىدۇ. (1- توم 512–بەت)
«قېلېنچ»خۇلق. خوتۇنلارنىڭ نازۇ –كەرىشمىسى .«ئاياللارغا كۆپ خۇلقلانما، كۆپ نازلانما» (3- توم 511– بەت)
«ئۇتۇنچ». ئۇيات. نۇمۇس . ئۇيات ئىش . 3 - توم 607– بەت.
مەلۇمكى ياسىنىش ئىنسانلاردىكى گۈزەللىك تۇيغۇسىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. چۈنكى ياسىنىش ياكى گۈزەللىك ئادىتى ئىنسانلار ئەجدادىنىڭ بىراق ئۆتمۈشتىكى تۇنجى ئەمگىكى جەريانىدا يېتىلگەن ئىپتىدائىي تەپەككۇرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا قارىتا ھاسىل بولغان گۈزەللىك تۇيغۇ - ھېسىياتتىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا ئۇ ئىنسان تۇرمۇشىنىڭ ھەممە ساھەسىگە ھامان چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. گۈزەللىك زوق ۋە گۈزەللىكنى سۆيۈش، گۈزەللىككە ئىنتىلىش بارلىق مىللەتتە ئورتاق ھالەت، ئەمما مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش شارائىتى پەرقلىق بولغاچقا، ئۇ ھاياتنىڭ كونكرېت ئىپادىلىنىشى ۋە ئادەت شەكلىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئەجدادلىرىمىزدا ئۆزىنىڭ ماددىي ئىشلەپچىقىرىشىغا ئەگىشىپ يۈرۈش - تۈرۈش بويىچىمۇ ئۆزىگە خاس مىللىي تۈسكە ئىگە ئادەت – ئەنئەنىلەر، گۈزەللىك قاراشلىرىنى شەكىللەندۇرگەن. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنە شۇنداق كىيىم - كېچەك ، زىبۇ – زىننەت، تارىنىش، كەشتە،تازلىق،شەرمىي – ھايا ۋە ئەنئەنىۋىي ئەخلاق قاتارلىق گۈزەللىك قاراشلىرى ئۇلارنىڭ ئىپتىدائىي ئىتقادى - شامان دىنىي ئەقىدىلىرىگە مانى، بۇددا ۋە ۋەئىسلام دىنى ئەقىدىلىرى سىڭىپ گىرەلىشىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ گۈزەللىك قارىشىدا ئەرلەر بىلەن ئاياللار گۈزەللىكى بويىچە ھەر خىل تەلەپ - ئۆلچەم بولسىمۇ، ئەجدادلىرىمىز نۇرغۇن ئەمەلىيەت سىناقلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ گۈزەللىكنىڭ سىرتقى ھالىتىلا ئىكەنلىكىنى، ھەقىقىي گۈزەللىك ئىچ يەنى قەلبى گۈزەللىكتە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇلار بۇ تونۇش - چۈشەنچىسىنى «چىرايلىقنىڭ كۆڭلىنى بىلىپ بولماس، چىرايىغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بولماس» دېگەن ماقال بىلەن بىزگە ئۆرنەك قىلىپ قالدۇرغان.
دىمەك: ئەجدادلىرىمىز كىيىم - كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرى جەھەتتە ئۆزىگە خاس گۈزەللىك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ قالماي، سىن - سىياق، مىجەز - خۇلىق گۈزەللىكىدىمۇ كۈچلۈك مىللىي تۈسكە ئىگە ئادەت ئەنئەنىلەرنى يېتىلدۈرگەن.


پايدىلانغان ماتىرىياللار:

1. ھەلىمە ئىسمايىل «ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنىڭ گىرىم سەنئىتى»، «شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى» 1996 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى.
2. تۇنسا روزى «<تۇركىي تىللار دىۋانى>دىكى كىيىم – كىچەك ، زىبۇ – زىننەت مەدەنىيىتىگە نەزەر»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى»2002 - للىق 2- سان (ئۇيغۇرچە)
3 . مەھمۇد قەشقىرى«تۇركىي تىللار دىۋانى»، «شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى » 1980 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى. 1 – 2 – 3 – توم .
4 . ئەنۋەر تۇرسۇن ئەپەندى «ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرىدىن ئۆرنەكلەر» ، « شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى نەشىرياتى»2007 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى.
5 . غەيرەتجان ئوسمان«قەدىمقى تارىم مەدەنىيىتى» ،« شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى نەشىرياتى»2007 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى.
6 . «<تۇركىي تىللار دىۋانى>تەتقىقاتى ماقالىلەر توپلىمى»،«شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى » 2006 – يىلى خەنزۇچە نەشىرى.
7 . ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا «ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسى»، «شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى » 1993 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى.
8 . ئابدۇكىرىم راھمان «ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان » ، «شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى » 1989 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى.
9 . ئابدۇكىرىم راھمان، رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا ، شېرىپ خۇشتار «ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرى»، «شىنجاڭ ياشلار–ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى» 1996 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى.
10. ياكاموتو كيوشىكى(ياپۇنىيە)«ئۈزۈكنىڭ مەدەنىيەت تارىخى»، «شاڭخەي كىتاپخانا نەشىرىياتى» 2004 – يىل خەنزۇچە نەشىرى

&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&

没有评论:

发表评论