2008年12月21日星期日

م 11 - ئەسىردىكى ئۇلۇغ ئىزچى



م 11-
ئەسىرگىچە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى ھەققىدە مۇپەسسەل بىر ئەسەرنىڭ يېزىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. 11-ئەسىرگە كەلگەندە، قاراخانىيلارنىڭ شاھزادىلىرىدىن بىر ئەزىمەت يېتىشىپ چىقىپ ئەجدادلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىزلىرىنى ئىزدەشكە كىرىشىپتۇ. بۇ قۇتلۇق ئىزچى «تۈركىي خەلقلەر ياشايدىغان زېمىنلارنى باشتىن -ئاياغ كېزىپ چىقتىم» دېيىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ جاپالىق ئىزدىنىشلىرىدىن ئۇچۇر بەرگەنىدى







م 11 - ئەسىردىكى ئۇلۇغ ئىزچى



يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق



قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

- مەھمۇد كاشغەرىي

ئنسانىيەت بۇ زېمىنغا -دۇنياغا ئاپىرىدە بولغاندىن ھازىرغىچە مىليون يىللارنى بېشىدىن كەچۈردى. بۇ جەرياندا ئۇلار نى-نى قىسمەتلەرنى كۆردى، نى-نى ئۆزگىرىش ۋە يېڭىلىنىشلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، بۈگۈنكى قىرانلىق مەزگىلىگە قەدەم قويدى. ئۇلار بۇ ئۇزۇن مۇساپىنى ئىز-دېرەكسىز باسمىدى، بەلكى ھەرقايسى دەۋرلەردىن روشەن ئىزلارنى قالدۇرۇپ، ئادەملىك بەلگىسى سۈپىتىدە نىشان قالدۇرۇپ كېتىشتى. بىز بۈگۈنكى پەن-تېخنىكا دەۋرىدە ئۇلارنىڭ قالدۇرغان ئىزلىرىدىن نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى بايقىدۇق. بىز بۇنىڭدىن ئىنسانلار تۈركۈمىنىڭ ئىپتىدائى باسقۇچتا بولسۇن، مەدەنىيەت باسقۇچىدا بولسۇن، پائالىيەت قىلغانىكەن، ئىز قالدۇرماي مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۇق. يەنە بىر جەھەتتىن بۇنداق ئىزلاردىن ئۇلارنىڭ ئىرقى تىپى، ئېتىقادى، تۇرمۇشى ۋە باشقا ياشاش ئادەتلىرىنىڭ ھەممە تەرەپلىرى مۇجەسسەملەشكەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۇق، چۈنكى زەررىچە سۇدا ئالەمنى يورۇتقان قۇياشنىڭ ئەكسى كۆرىنىدۇ ئەمەسمۇ؟

11-ئەسىرگىچە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى ھەققىدە مۇپەسسەل بىر ئەسەرنىڭ يېزىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. 11-ئەسىرگە كەلگەندە، قاراخانىيلارنىڭ شاھزادىلىرىدىن بىر ئەزىمەت يېتىشىپ چىقىپ ئەجدادلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىزلىرىنى ئىزدەشكە كىرىشىپتۇ. بۇ قۇتلۇق ئىزچى <تۈركىي خەلقلەر ياشايدىغان زېمىنلارنى باشتىن -ئاياغ كېزىپ چىقتىم > دېيىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ جاپالىق ئىزدىنىشلىرىدىن ئۇچۇر بەرگەنىدى. ئۇ ئۆمۈر بويى تىنىمسىز ئىزدىنىپ، ھېكمەتلىك ئىز-دېرەكلەرنى تېپىپ چىقىپتۇ، ئاخىرىدا ئۇ شۇنداق بىر تولۇق يەكۈنگە كەپتۇ: <قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.> يەنى، بىراۋ ماڭغانىكەن، چوقۇم ئۇنىڭدىن ئىز-دېرەك قالىدۇ. ئىز-دېرەك بىر ئادەمنىڭ ماڭغانلىقىنىڭ، يول ئاچقانلىقىنىڭ دەلىلى بولىدۇ... ئۇ مانا شۇ مەڭگۈلۈك قانۇنىيەتنى بايقىغاندىن كېيىن، ئەجدادلىرى بېسىپ ئۆتكەن ئىز ۋە يوللارنى باشتىن -ئاياغ كېزىپ چىقىپ، مول ماتېرىياللارغا ئېرىشكەن. مەھمۇد كاشغەرىي ئۆزى ئېرىشكەن بۇ ماتېرىياللارنى تەرتىپلەشتۈرۈپ <دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك> ئەسىرىنى يېزىپ چىققان. مانا شۇ ئەسەرنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئۇ <قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى كۆرىسىتىدۇ> دېگەن يەكۈننى جاكارلىغان. بۇ ئارقىلىق ئۇ بۇ قۇتلۇق ئىزلاردىن ئەۋلادلىرىنى ۋاقىپلاندۇرۇش مەقسىتىنى ئايان قىلغانىدى.

شۇنداق قىلىپ ئۇ، تۈركىي خەلقلەر تارىخى ۋە مەدەنىيەت ئىزلىرىنى بېسىشقا نىيەت قىلغان ۋە ئۇلار قالدۇرغان ئىزلارنى ئەۋلادلىرىغا ئايان قىلماقچى بولغان. لۇشۈن ئەپەندى:<جاھاندا بۇرۇن يول يوق ئىدى، كىشىلەر ماڭغاندىن كېيىن يول پەيدا بولغان> دېگەن ھېكمەتنى جاكارلىغانىدى. ئارىدا 1000يىللىق تارىخىي مۇساپە بولغان شۇنچە پەرقلىق دەۋردە ياشاپ ئۆتكەن بۇ ئىككى مۇتەپەككۈرنىڭ پىكىرلىرىدىكى ئورتاقلىق ۋە چىقىشى نۇقتىسى بىردەك بولغانلىقىغا ھەيران قالىمىز. بۇ ئىككى زات ئوتتۇرىغا قويغان ئىز ۋە يول ئىنسانىيەت بېسىپ ئۆتكەن ئىز ۋە يوللارنى، ئىنسانىيەت ياراتقان مەدەنىيەت ئىزلىرى، ئىنسانىيەت ئاچقان مەدەنىيەت يوللىرىنى كۆرسەتتى. ئۇ گېگانت تۆھپىكار قەھرىمانلار قالدۇرغان ئىز، ئۇ ئەقىل-پاراسەتلىك ئىنسانلار ئاچقان يول.

<يول> دېگەنمۇ كىشىلەر ماڭغاندىن كېيىن ئېچىلىدۇ، <ئىز>دېگەنمۇ كىشىلەر ماڭغاندىن كېيىن قالىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخى مۇساپىسىدە بىزگە مەلۇم بولغان ياكى مەلۇم بولمىغان بارلىق مۆجىزىلىك ئىختىرالار، ھازىرقى زامان كىشىلىرى تۇرمۇشىدا ئىشلىتىۋاتقان بارلىق ماددىي مەدەنىيەت بايلىقلىرى ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت ھاسىلاتلىرىنىڭ ھەممىسى قەدىمكىلەر بىزگە قالدۇرغان ئىز ۋە يوللاردۇر. بىز سۆزلەۋاتقان، بىر-بىرىمىز بىلەن ئۆز-ئارا مەنە، مەزمۇن ئاڭلىتىشىمىزدا قورال بولۇۋاتقان ئەڭ مۇھىم ئىنسانلىق بەلگىمىز بولغان تىلىمىزمۇ ئەجدادلىرىمىز بىزگە يارىتىپ بەرگەن باھاسىز يول ۋە ئىزدۇر. روشەنكى، بۇ يوللارشۇنداق ئۇزۇن، بۇ ئىزلار شۇنداق تۇتىيا، شۇنداق قۇتلۇق بولۇپ، ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا، يوللار بارغانچە كېڭەيمەكتە.

بىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بۇ ھېكمىتىدىن يەنە مۇنداق بىرقانچە چوڭقۇر مەنە ۋە مەزمۇنلارنى يەكۈنلىيەلەيمىز :

مۇقەددەس ئىز بىزنىڭ دىققىتىمىزنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئېتەكلىرىدە قالدۇرۇلغان مەدەنىيەت ئىزلىرىغا تارتىدۇ. مەركىزىي ئاسىيانى شەرق بىلەن غەربكە تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان بىر ئالتۇن لېنىيە بار. ئۇبولسىمۇ نەچچە مىڭ يىللار جەريانىدا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ شاھىتى بولغان، نۇرغۇن قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، نى-نى ئىمپىرىيىلەرنىڭ گۈللىنىش، خارابلىشىشى، مىللەتلەرنىڭ كۆچۈشى، دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ جاپالىق سەرگۈزەشتىلىرىنى كۈتۈۋاتقان خەلقئارا كارۋان يولى. بۇ ئالتۇن لىنىيە خۇددى ئىنسانلارنىڭ ئەقىل -پاراسىتىدىن پۈتكەن موكىدەك توختاۋسىز ئۆتۈشۈپ تۇرغان شەرق ۋە غەرب مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ سىمۋولى. مەھمۇد كاشغەرىي مانا شۇ كارۋان يولى ئارقىلىق ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ تەكتىدە يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەڭ قەدىمكى تارىختىن، ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرىدىن ۋاقىپ بولالىغان. ئۇ مانا شۇ ئىزلارنى بويلاپ قەدىمكى مەدەنىيەت يولىنى، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىش ۋە خاراب بولۇشىنى، ئاتلىق كۆچمەنلەرنىڭ قىسمەتلىرى، تەۋەككۈلچىلەرنىڭ ئوينىغان ئويۇنلىرى...ئومۇمەن، خىلمۇ-خىل ئىجتىمائى، سىياسىي، ھەربىي، دىنىي مۇناسىۋەتلەر داۋامىدا يۈز بەرگەن تىراگېدىيىلەر ۋە كومېدىيىلەردىن خەۋەردار بولالىغان... قىسقىسى، مەھمۇد كاشغەرىي كۆرگەن ۋە نەزەردە تۇتۇۋاتقان ئىزلار ئەنە شۇ تارىخىي مۇساپىدىن يەكۈنلەنگەن ئەڭ ئىخچام ھاسىلاتتۇر.

مەھمۇد كاشغەرىي <دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك> ئارقىلىق نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت قاتلىمى ئىز سالغان مەدەنىيەت ھاسىلاتلىرىدىن ۋاقىپلانغانلىقىدىن ئۇچۇر بېرىدۇ. بىز <دىۋان>نى چوڭقۇر تەتقىق قىلىدىغان بولساق ، ئۇنىڭ تىلشۇناسلىق ئەسىرى ۋە لۇغەتلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نەچچەمىڭ يىللىق تارىخىنى تىلشۇناسلىق، مەدەنىيەتشۇناسلىقتىن ئىبارەت ئىلمىي ئەڭگۈشتەر ئارقىلىق ئاجايىپ ئۇتۇقلۇق يورۇتۇپ بەرگەنلىكى، مەركىزىي ئاسىيانىڭ بىز ئۇنتۇپ كەتكەن تارىخى، بىز يوقىتىپ قويغان تارىخىي ئىزلار ئىكەنلىكى ئايان بولىدۇ.مەھمۇد كاشغەرىي بىزگە نەچچەمىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىمىزنىڭ ئىزلىرىدىن ئۇچۇر بەردى. بۇ مەدەنىيەت تارىخى ئىزلىرىنى بويلاپ ماڭساق، نۇرغۇن تارىخىي سەرگۈزەشتلەرنىڭ بۇ مەدەنىيەت قاتلىمى ئىچىدە مەۋجۇتلۇقىنى بايقايمىز. ھەربىر ئۇقۇم، ھەربىر ئاتالغۇ، ھەربىر شەيئىگە قويۇلغان نامدا خەلقىمىزنىڭ تارىخى ۋە ئىزلىرى روشەن ئايان بولۇپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: ئۇ <تاشكەنت> ،<ئۆزكەنت> دېگەن شەھەر ناملىرىنى تىلغا ئالغاندا، بۇ شەھەرلەرنىڭ نامىنىڭ تۈركچە -ئۇيغۇرچە ئىكەنلىكى، ئۇنى قەدىمكى بوۋىلىرىمىز ئۆزى بىنا قىلىپ ئۆزى ئات قويغانلىقىنى يازىدۇ. <تۈگۈرمەن>دىن ئىبارەت قەدىمكى سۇ كۈچى ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان ماشىنىنى يىپىدىن -يىڭنىسىغىچە تۇنۇشتۇرۇپ، بىزگە بۇ دىياردا مەھمۇد كاشغەرىيدىن نەچچە يۈز يىللار بۇرۇن پىرقىراپ كەلگەن تۈگۈرمەندىن ئىبارەت بۈيۈك ئىختىرانىڭ خەلقىمىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن ئۇلۇغ كەشپىيات ئىكەنلىكىدىن ۋاقىپلاندۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆز دەۋرىدىلا خارابىيلىككە ئايلانغان قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، شەھەر مەدەنىيىتى ۋە بۇ دىياردىكى تارىخىي ئىزلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق خاتىرىسىدىن ئۇچۇر بەردى. روشەنكى، <دىۋان> - تارىخ ۋە تارىخىي ئىزلار خاتىرىلەنگەن مەدەنىيەت، مەدەنىيەت خاتىرىلەنگەن تارىخ. بىز <دىۋان> دىكى يارقىن ئىزلار ئارقىلىق بىز ئۈچۈن قاراڭغۇلىشىپ قالغان تارىخىي ئۈزۈكلۈكنى ئۇلىيالايمىز. بىز بىلەن يىراق قەدىمكى تارىخىي قىرغاق ئوتتۇرىسىدا شەكىللىنىپ قالغان ھاڭغا مۇستەھكەم كۆۋرۈك سالالايمىز.

مەھمۇد كاشغەرىي بىزگە ئاجايىپ ياسىداق، تەرەپ- تەرەپكە تۇتاشقان مۇقەددەس يولنى تۇتاشتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن پۈتۈن ھاياتىنى سەرپ قىلدى. بۇ ئارقىلىق ئۇيەنە بىر ئۇلۇغ يولنى- ئىزدىنىش، ئىجاد قىلىش، ۋايىگە يەتكۈزۈش، مىراس قالدۇرۇش مەركەز قىلىنغان مەھمۇد كاشغەرىي يولىنى ئېچىپ بەردى ! ئۇ ئىز قالدۇرغان بۇ يول ئۈمىدكە، ئىشەنچكە تولغان، بىزگە جاسارەت ۋە روھ ئاتا قىلىدىغان ئىز ۋە يول ئىدى. ئۇ يولنى مەھمۇد كاشغەرىي <ئەبەدىي يادىكارلىق، پۈتمەس- تۈگىمەس بايلىق ئاتا قىلىدىغان يول > دەپ ئاتىدى.

تارىختا ئاجايىپ مەشھۇر شاھىنشاھلار سەلتەنەت سۈرۈپ ئۆتۈشتى، دۇنيانى تەسەررۇپى ئاستىغا ئالغان داڭلىق ئىمپىراتورلارمۇ بۇ دۇنياغا مېھمان بولۇپ، خۇددى بىركېچىلىك شېرىن ۋە قاباھەتلىك چۈش كۆرۈپ ئۆتكەندەكلا ئارمان ۋە پۇشايمان بىلەن دۇنيادىن كېتىشتى. نى-نى ئوردا -سارايلارمۇ، قارۇننىڭ خەزىنىسىدەك خەزىنىلەرنىڭ تۇمانىمۇ كۆككە سورۇلۇپ، ھېچقانداق ئىز قالمىدى. ئۇنىڭدىن قالغىنى پەقەت بىر ئەسلىمە ۋە ئىبرەت بولدى. مەھمۇد كاشغەرىي قالدۇرغان بۇ ئىز ۋە يوللار ئۆز بېشىدىن ئاجايىپ ئېغىر قىسمەتلەرنى كەچۈرگەن ۋە تارىخنىڭ دەھشەتلىك بوران - چاپقۇنلىرىغا يولۇققان بولسىمۇ، لېكىن ئنساننىڭ ئەقىل-پاراسىتىدىن بىنا قىلىنغان مەنىۋى پىرامىدا بىز ئۈچۈن مەڭگۈلۈك تەۋەررۈك بولۇپ قالدى.

بىز تېخى مەھمۇد كاشغەرىي ئىز قالدۇرغان بۇ مەنىۋى شەھەرنىڭ كوچىلىرىنى زىيارەت قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىدۇق. ئۇ ئىزلارنى تۇتىيا قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالمىدۇق، بىز ئۇ يوللارنى تاپقاندا كۆز ئالدىمىزدا مۇقەددەس مەنىۋى بايلىقلار كۆمۈلۈپ ياتقان يوللارنى كۆرەلەيمىز . ئەقلىمىزنى ھەيران-ھەستە قالدۇرىدىغان سىرلىق كۇھىقاپلارنىڭ قاپقىنىنى ئاچىدىغان خاسىيەتلىك ئاچقۇچلارغا ئىگە بولالايمىز. ئىز دېگەن ماڭغاندىن كېيىن چۈشىدۇ، يول دېگەنمۇ ماڭغانىدىن كېيىن ئېچىلىدۇ. كىشىلەر ماڭمىغان بولسا ئىز نەدە بولسۇن، يوللار نەدە ئېچىلسۇن، ھاياتلىق نەدە بولسۇن ؟! <ئىز> دېگەن ھاياتلىقتىن، قەدەم ئىزىدىن، ئىزدىنىش، تىرىشىش- كۈرەشتىن ھاسىل بولىدۇ. ئىز يوق دېمەك -ھاياتلىق يوق، يول يوق دېمەكتۇر. بىر قەدەم ماڭساق، بىر قەدەمنىڭ ئىزى قالىدۇ، ئىككى قەدەم ماڭساق ئىككى قەدەمنىڭ ئىزى قالىدۇ. ئەگەر ماڭمىساق ئىزمۇ قالمايدۇ، يولمۇ بولمايدۇ، ھاياتلىقتىنمۇ دېرەك بولمايدۇ، مەۋجۇتلۇقمۇ يوقىلىدۇ. ئېقىن سۇ چىرىمەيدۇ، ھاياتلىق ھەرىكەتتە، ھاياتلىقتىن نىشان-ئىز بولمىسا ئۆلۈمدىن نىشان بولىدۇ. مەۋجۇدلۇقتىن نىشان بولمىسا، يوقىلىشتىن نىشان بولىدۇ. مەھمۇد كاشغەرىي ئۆزى ئاچقان بۇ قۇتلۇق ئىز ۋە يوللارنى <ئەۋلادلار ئۆزىدىن كېيىنكىلەرگە ، ئۇلار ئۆزىدىن كېيىنكىلەرگە يەتكۈزسۇن، ھەرگىزمۇ ئۈزۈپ قويمىسۇن >دېگەننى ئۈمىد قىلغان. تارىخ دېگەن مانا شۇنداق ئۈزلۈكسىز ۋارىسلىق قىلىش، تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق ئېچىلىدۇ ۋە يېڭىلىنىدۇ. ئەۋلادلار بۇ يوللاردىن ماڭىدۇ ۋە يېڭى يوللارنى ئاچىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە پەن-تېخنىكا تەرققىي قىلىپ ئىنسانلار ئاسمانغا يول ئالدى، ئۇلار ئاي شارىغا، مارىسقا ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ ئەقىل-پاراسەتلىك ئىنسانلار ئىنسانلارنىڭ مۇقەددەس تامغىسىنى باستى. يول دېگەن مانا شۇنداق ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق بىرقەدەم-بىرقەدەمدىن ئېچىلىپ جاھان تورىنى شەكىللەندۇردى. مەھمۇد بوۋىمىزنىڭ روھى بىزدىن ب ئىزلارنى تېپىشنى ۋە يېكى ئىزلارنى قالدۇرۇشنى كۈتمەكتە. شانلىق ئىز، نۇرانە يوللارنى تاپالماسلىق ياكى ئۇنى ئۈزۈپ قويۇش -ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۈمىد ۋە تەقەززالىق تىكىلگەن كۆزىنى كۆمۈپ تاشلايدۇ.

مەدەنىيەت دېگەن تارىخ سەھىپىسىگە پۈتۈلگەن ئىز، مەدەنىيەت دېگەن ئەقىل-پاراسەتنىڭ مېۋىسى. ئۇ، نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا ناھايىتى چوڭقۇر، مەزمۇندار قاتلاملارنى شەكىللەندۈرگەن. بىز ئۇنىڭ ئىچكى چوڭقۇرلۇقىغا كىرسەك، مىللەت روھىنىڭ ئىزلىرىنى بايقايمىز . شۇنداق ئۇلۇغۋار، شۇنداق نۇرانە، شۇنداق ئۈمىدۋار بۇ روھ ئىنسان تۈركۈملىرى ئىچىدە ئەڭ مۇنەۋۋەر مىللەتنى ئاشۇ مەدەنىيەت ئىزلىرى ئارقىلىق جۇلالاندۇرغان. مەھمۇد كاشغەرىي ئاشۇ روھتىن ئوزۇق ئالغان، ئاشۇ روھىي ئاتەشتە تاۋلانغان، ئاشۇ روھىي تەۋەررۈكتىن مەدەت ۋە كۈچ -قۇدرەتكە ئىگە بولغان . ئۇ مۇنداق مۇقەددەس ئىزلاردىن ئەۋلادلىرىنى ۋاقىپلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئەۋلادلىرىنىڭ روھ قەسىرىنى ئاشۇ ئىزلار بىلەن جابدۇندۇرۇش، ۋۇجۇد مۈلكىنى ئاشۇ مۇقەددەس روھىي ئاتەشداندا تاۋلاش ئۈچۈن پۈتۈن ئۆمرىنى سەرپ قىلغان. مەھمۇد كاشغەرىي بۇ مەقسەتكە يېتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، <دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك>نى يېزىپ قالدۇرۇپ، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىتنىڭ تارىختىكى قىياپىتىنى، تۇرمۇشىنى، ئۆرپ- ئادەت، قائىدە-يوسۇنلىرى، ياشىغان زېمىنى ۋە ئۇنىڭ نام -شەرىپلىرىنى، يېمەك-ئىچمىكى، كېيىم- كېچىكى، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى داۋامىدا ياراتقان ئختىرالىرى، ئوردا ئىشلىرى، ھەربىي ئىشلار، تېبابەت، ئىسىم-فامىلە، ئۆي-روزىغار، ئېتىقاد، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ھاياتنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە قالدۇرغان ئىزلىرىدىن بىزنى خەۋەردار قىلغان. بىز ئۇنى زىيارەت قىلساق، ئىنتايىن گۈزەل، ياسىداق، ھايات ئۇرغۇپ تۇرغان مەدەنىيەت دۇنياسىنى زىيارەت قىلىش پۈرسىتىگە ئىگە بولالايمىز.

شۇنداق، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر خەلق ناخشىسىدا ئېيتىلغاندەك <بۇ يوللار ئۇزۇن يوللار>، بىراق، بۇ يولنى تاۋلانغان، پىشقان، ئەقىل-پاراسەتلىك، ئۈمىدۋار، تەۋرەنمەس خاراكتېرگە ئىگە بولغان ياراملىق ئەۋلادلار داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. بىز ئۆز ئۈستىمىزدىكى مەسئۇلىيەتنى دادىل ئورۇنداپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، ئەۋلادلارغا داغدام يوللارنى، قۇتلۇق، مۇبارەك ئىزلارنى قالدۇرۇپ قويۇشىمىز كېرەك. خۇددى مەھمۇد كاشغەرىي بىزگە شۇنچە نۇرانە ئىزلارنى قالدۇرغانغا ئوخشاش، بىزمۇ ئەۋلادلارغا شۇنداق بىر داغدام يولنى مىراس قالدۇرۇشىمىز كېرەك.


مەنبە:
جۇڭگو مىللەتلىرى ژورنىلى 2008-يىللىق5-سانىدىن
tewhide teyyarlighan.
menbe:
http://asrim.cn/ShowPost.asp?ThreadID=1097


没有评论:

发表评论