2008年12月23日星期二

ئۈرۈمچىدە مەھمۇد كاشغەرىي يىلى خاتىرىلەندى






ئۈرۈمچىدە «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» خاتىرىلەندى



ئۇيغۇر خەۋەر تورى تىز خەۋىرى:

15 - دىكابىر چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى كۇتۇپخانىسىنىڭ 2-قەۋىتىدە داغدۇغۇلۇق پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىپ، مەھمۇد كاشغەرى توغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى خاتىرىلەندى.
يىغىنغا ماھىنۇر قاسىم، مىجىت ناسىر، ئامىنە غاپپار، ئىمىن تۇرسۇن، مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندى قاتارلىق جامائەت ۋە ھۆكۈمەت ئەربابلىرى قاتناشتى

ئابلەت ئابدۇرېشىت، تۈمۈر داۋامەت، ئىسمايىل ئەھمەد قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تەبرىك تېلېگراممىلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

يىغىن باشلىنىشىدا شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ھامۇت، مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ نازىرى ئابلېز ئابدۇرېھىم. شىنجاڭ پىداگوكىگا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازاد سۇلتان ئەپەندى قاتارلىقلار تەبرىكنامە ھەم ئۈمىد تىلەكلىرىنى بايان قىلدى.

يىغىندا شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرى مەھمۇد كاشغەرىگە ئاتالغان شېئىرنى دىكلاماتسىيە قىلدى، يەنە ئابلىز شاكىر قاتارلىقلار ئىجراسىدىكى «مەھمۇد كاشغەرى» ناملىق ناخشا ئورۇندالدى.

ئاخىرىدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇراخمان ئەبەي سۆز قىلدى ۋە يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»نى تۇنۇشتۇردى.
تورىمىز تەۋسىيەسى: بۇ كىتاب پەقەت مىڭ نۇسخىلا بېسىلغان. پات ئارىدا بازارغا چىقىدۇ. بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالاھىدە نەشرى.
خالىس ھاجىم ئاخىرىدا لۇغەتنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى نەشرىگە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان ئىمىن تۇرسۇن، مىر سۇلتان ئەپەندى قاتارلىقلارغا بۇ كىتابنى سوۋغا قىلدى


menbesi:
http://www.uyhawar.com/mahmud/
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&

没有评论:

发表评论