2008年12月23日星期二

دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ياپونىيەدە دوكلات بەردى




«Biliwal.com» xewiri:
كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزىدە 10-ئاينىڭ 16-كۈنى «تۇنجى ئۇيغۇر دۇنيا خەرىتىسى ۋە ئۇنىڭدىكى ‹ياپونىيە› ئاتالغۇسى» دېگەن تېمىدا ئىلمىي دوكلات بەردى





ياپونىيىدە «تۇنجى ئۇيغۇر دۇنيا خەرىتىسى ۋە ئۇنىڭدىكى ‹ياپونىيە› ئاتالغۇسى» ناملىق ئىلمىي دوكلات مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى


«Biliwal.com»
خەۋىرى: كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزىدە 10-ئاينىڭ 16-كۈنى «تۇنجى ئۇيغۇر دۇنيا خەرىتىسى ۋە ئۇنىڭدىكى ‹ياپونىيە› ئاتالغۇسى» دېگەن تېمىدا ئىلمىي دوكلات بەردى.
دوكلات يىغىنىغا تەكلىپ بويىچە كاگوشىما شەھىرىدىكى ئالىي مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى چەت ئەللىك ۋە ياپونىيىلىك ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋە تەتقىقاتچىلار بولۇپ 250 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

ئىلمىي دوكلات يىغىنىدا دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلار بويىچە تەرتىپلىك بايان قىلدى.

(1) ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار
(2) ئىسلام دۇنياسىدىكى تۇنجى مەدرىسە «ساجىيە مەدرىسىسى»
(3) مەھمۇد قەشقىرى ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى»
(4) مەھمۇد ۋەتىنىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە تارىختىكى رولى
(5) مەھمۇد قەشقىرى ۋە ماركو-پولونىڭ ياپونىيە ھەققىدىكى مەلۇماتلىرى
(6) ماركو-پولودىن ئىلگىرى مەھمۇد قەشقىرى ياپونىيە خەرىتىسىنى سىزغان
(7) ئۇيغۇر،ياپون تىللىرىنىڭ گرامماتىكىلىق جەھەتتىكى ئوخشاشلىقى ۋە پەرقى

90 مىنۇتلۇق دوكلاتتىن كېيىن، دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرىينىڭ ئۆزى كىرىشتۈرۈپ ئىشلىگەن «كاشغەردىن –ئىستانبۇلغىچە» دېگەن DVD سى كۆرسىتىلدى.
قىزغىن ئاخىرلاشقان دوكلاتتىن كېيىن، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئۇيغۇر ھەققىدە ھەر خىل سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويدى. سوئال-جاۋاب 40 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملاشتى.
كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور نىشىخارا دوكلات يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى:
«مەن مەكتەپ نامىدىن دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرىيغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنداقلا دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرىينىڭ كېلەر يىلدىن باشلاپ مەكتىپىمىزگە ھەر ھەپتىدە ئىككى سائەتتىن ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا دەرس ئۆتۈپ بېرىشكە قوشۇلغانلىقىغا، مەكتىپىمىز بۇ يىل 12-ئايدىن باشلاپ ئىشلەشنى پىلانلىغان خەلقئارالىق تېمىلار تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىپ، تېمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت تەتقىقاتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن»
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

没有评论:

发表评论