2008年12月24日星期三

م«دىۋان»دىكى ئۇچۇرلاردىن «ئۇچتۇرپان» نامىنى چۈشىنىش





م«دىۋان»دىكى ئۇچۇرلاردىن

«ئۇچتۇرپان» نامىنى چۈشىنىش



ئۇچ - ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ قەدىمكى نامى. ھازىرقى ئاقچى ناھىيىسى جايلاشقان يەر «ئۇچ» دەپ ئاتىلىدۇ. «تاۋۇشقان ئۆگۈز - ئۇچ شەھرىدىكى بىر دەريا» دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ دەريا ئۈچ تۇرپان شەھرىنىڭ يېنىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. ئۇ ھازىرمۇ «توشقان دەريا» دەپ ئاتىلىدۇ.
ــ(«دىۋان»1-قىسىم 49-بەت).

ئۇچ - تاغدا ئۆسىدىغان بىر خىل دەرەخ. تۇركلەر قەلەمنى شۇنىڭدىن ياسايدۇ. ئۇنىڭدىن يەنە يىك. ھاسا قاتارلىق نەرسىلەرمۇ ياسىلىدۇ
- («دىۋان» 1-قىسىم 49-50-بەت).

ئۇچ - نەرسىنىڭ ئۇچى. پۇتاق ئۇچى، شاخ ئۇچى
- («دىۋان» 1-قىسىم62-بەت).

ئۇچ - چېگرا، چېگرادىكى ئەل
- («دىۋان» 1-قىسىم 62-بەت).

ئۇچ - بىرەر نەرسىنىڭ تۈگەپ كېتىشى. بويدا نە ئۇچ بار - كىشىلەر توپى(قەبىلە)كۆپ بولغىنى ئۈچۈن تۈگىمەيدۇ
- («دىۋان» 1-قىسىم62 -بەت).

«دىۋان» دىكى بەش دانە «ئۇچ» ئاتالغۇسىنىڭ قايسىسى مەزكۇر تېمىدىكى«ئۇچتۇرپان» ئاتالغۇسىغا يېقىن كېلىدۇ؟

ئەلۋەتتە بىرىنچى ئاتالغۇ.
مېنىڭچە بىرىنچى ئاتالغۇ: «ئۇچ - ئۇچتۇرپان ناھايىسىنىڭ قەدىمكى نامى». بۇ، ئۇچتۇرپاننىڭ ئاتالغۇ مەنبەسى بولغىنى بىلەن ئەمما، ئۇنىڭ مەنا چۇڭقۇرلىقى مەسىلىسىگە دۇچ كېلىشىمىز بىلەنلا يەنە قىيىنچىلىق تۇغۇلىدۇ.

«ئۇچتۇرپان»دىكى «ئۇچ»نىڭ تىل جەھەتتىن يېشىلىشىگە، قالغان تۆت ئاتالغۇ پۈتۈنلەي ئاساس بولۇش بىلەن يۇقارقى قىيىنچىلىق پۈتۈنلەي ھەل بولۇشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ.

ئىككىنچى ئاتالغۇدىكى: «ئوچ - تاغدا ئۆسىدىغان بىر خىل دەرەخ. تۇركلەر قەلەمنى شۇنىڭدىن ياسايدۇ. ئۇنىڭدىن يەنە يىك. ھاسا قاتارلىق نەرسىلەرمۇ ياسىلىدۇ» دېگەن يېشىمدا، بۇ دەرەخ ياغىچىنىڭ ئىنتايىن قاتتىق بولۇش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، ئۇيغۇرلاردىكى يىپ ئېگىرىش ماشىنىسى «چاق»نىڭ ئالدىنقى ئىككى تۈۋرۈك بېشىدا ئۆزلۈكسىز ئايلىنىپ تۇرىدىغان ئۇچى ئىنتايىن ئۆتكۈر سايماننى«يىك» دەپ ئاتاپ، بۇ دائىرىدىكى خەلققە جەڭگىۋار، خۇددى «يىك»تەك ئۆتكۈر ئۇچلۇق ھەم قاتتىق سۈپەتلىرىنى بەرگەن.

ئۈچىنچى ئاتالغۇ: «ئۇچ - نەرسىنىڭ ئۇچى. پۇتاق ئۇچى،شاخ ئۇچى» ئارقىلىق ئىككىنچى ئاتالغۇنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكىنى يورۇتقان.

تۆتىنچى ئاتالغۇ: «ئۇچ - چېگرا، چېگرادىكى ئەل» دېگەن ئېنىقلىما ئارقىلىق ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئاتالغۇدىكى نەرسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئادەم ۋە كىشىلەر توپىغا تەققاسلاپ لەۋھە ئىنئامى قىلغان.

بەشىنچى ئاتالغۇ: «ئۇچ - بىرەر نەرسىنىڭ تۈگەپ كېتىشى. بويدا نە ئۇچ بار - كىشىلەر توپى(قەبىلە)كۆپ بولغىنى ئۈچۈن تۈگىمەيدۇ» ئارقىلىق، بۇ ئەلگە ئەۋلادلار نامىدىن مەدەت بېرىش بىلەن بىرگە، تۆتىنچى ئاتالغۇ بىلەن بىرلىشىپ، چېگرا قوغدىغۇچى جەڭگىۋار خەلقنىڭ سىماسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.

ئومۇمەن، بۇ بەش ئاتالغۇ: جەڭگىۋار(يىكتەك ئۇچلۇق، ئۆتكۈر)،چېگرا قوغدىغۇچى قەھرىمان خەلق يېشىمى بىلەن چەكسىز ئىپتىخارىمىزنى قوزغايدۇ.

«ئۇچتۇرپان»دىكى «تۇر» - تۇرۇش، ساقلاش، قاراپ تۇرۇش.
«ئۇچتۇرپان»دىكى «پان»نىڭ كېلىش ئورنىدىن قارىغاندا ئۇ،«ئاند» بولۇش مۇقەررەرلىكى بىلەن «ئاند» -قەسەم («دىۋان» 1-قىسىم 60-بەت)ئىزاھاتىدا «ئۇچتۇرپان» ئاتالغۇسىنىڭ ئاخىرقى خۇلاسىسىنى بېرىدۇ.

يەكۈن شۇكى: «ئۇچتۇرپان» ــ «چېگرانى يىكتەك تۇرۇپ قاتتىق قوغداشقا ئانت ئىچكەن جەڭگىۋار خەلق» دىگەن بىر پۈتۈن يېشىم بىلەن «دىۋان لۇغاتىت تۇرك»نىڭ ئاپتۇرى - تىل ئۇستازى بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىي «ئۇچتۇرپان» >خەلقىگە ئاجايىپ خۇشبۇي بىر ھۆرمەت شارابىنى تەڭلىگەن...

ــ«شەبنەم مۇنبىرى»دىكى («ئۇچتۇرپان»نىڭ تىل يەشمە چۇڭقۇرلىقى) دىگەن تىمىغا ئاساسەن رەتلەندى ۋە يېڭى ماۋزۇ قويۇلدى.

مەنبەسى
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-80780-fpage-5.html
&&&&&&&&&&&&&&&


没有评论:

发表评论