2008年12月20日星期六

تۈركىيەلىك مېھمانلار قەشقەردە


مېھمانلار قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.



سۈرەتتە: مېھمانلار يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسىدە


سۈرەتتە: تۈركىيە تۈرك تىلى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى شۈكۈر خالىق ئاكالىن ئۆزى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ ئىستانبۇلدا نەشىر قىلغان «قۇتادغۇ بىلىگ» كىتابىنىڭ تۈركچە نۇسخسىنى سوۋغا قىلماقتا.



تۈركىيە زوڭتوڭ مەھكىمىسىنىڭ باش كاتىپى

مۇستافا ئېھسان قەشقەرگە كېلىپ
مەھمۇد كاشغەرىي

تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى

خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى



ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى ، فوتوسى: 28- نويابىر، تۈركىيە زوڭتوڭ مەھكىمىسىنىڭ باش كاتىپى مۇستافا ئېھسان باشچىلىقىدىكى مەھمۇد قەشقەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئېلىمىزگە كەلگەن 13 نەپەر تۈركىيىلىك مېھمان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۆرەش مەخسۇتنىڭ ھەمراھلىقىدا قەشقەرگە كېلىپ ، ئېكىسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولدى.

مۇستافا ئېھسان قاتارلىق تۈركىيىلىك مېھمانلار 24- نويابىردىن 26- نويابىرغىچە ، بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرىستېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەھمۇد قەشقەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئېلىمىزگە كەلگەن ئىدى. ئۇلار ئېلىمىزگە كېلىشتىن بۇرۇن ئېلىمىزنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئارقىلىق ، ئۆزلىرىنىڭ مەھمۇد قەشقەرىنىڭ يۇرتىنى كۆرۈپ ، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قەبرىسىنى تاۋاپ قىلىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن . ئېلىمىز ھۆكۈمىتى بۇ ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ ، تۈركىيىلىك مېھمانلارنىڭ جۇڭگودىكى پائالىيتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىگەن . بۇ قېتىم مۇستافا ئېھسان قاتارلىق تۈركىيىلىك مېھمانلار بېيجىڭدىكى پائالىيتىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن ، 27- نويابىر كەچتە ئايروپىلان بىلەن قەشقەرگە كەلدى. 28- نويابىر ئەتىگەندە ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۆرەش مەخسۇت ئېلىمىز ھۆكۈمىتىگە شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن مۇستافا ئەپەندى قاتارلىق مېھمانلارنى ‹‹قەشقەر مېھمانخانىسى›› دا قىزغىن كۈتۈۋالدى ھەمدە ئۇلارغا شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھۈنەر سەنئەت خاتىرە بۇيۇمىنى تەقدىم قىلدى. ئارقىدىنلار مېھمانلار قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم ، مەمۇرىي مەھكىمىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ھەمرالىقىدا كونىشەھەر ناھىيسىنىڭ ئوپال يېزا ئازىق كەنتىگە كېلىپ ، ئۇلۇق ئالىم ، تىلشۇناس مەھمۇد قەشقەرىنىڭ مەقبەرىسىنى تاۋاپ قىلىش ، مەھمۇد قەشقەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيتىگە قاتناشتى.

مەھمۇد قەشقەرىي 1008- يىلى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيسىنىڭ ئوپال يېزا ئازىق كەنتىدە تۇغۇلغان بولۇپ ، ئېلىمىزنىڭ 11- ئەسىردىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر تىلشۇناس ، ئالىم . ئۇ 1076- يىلى داڭلىق ئەسىرى ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى›› نى يېزىپ چىققان . بۇ ئەسەرنى تۈرىك تىلىدىكى مىللەتلەرنىڭ بىباھا ‹‹ گۆھىرى›› دېيىشكە بولىدۇ.
كۆرەش مەخسۇت تەبرىكلەش پائالىيتىدە ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان مەھمۇد قەشقەرىي مەقبەرىسىنى ياساش ، ئاسراپ قوغداش جەھەتلىرىدىكى ئىشلىگەن خىزمەتلىرى ئۈستىدە توختۇلۇپ ئۆتتى ھەمدە ئۇلۇغ ئالىمنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيتى ئۈچۈن قوشقان بۈيۈك تۆھپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى . ئارقىدىن يېقىندا نەشىردىن چىققان ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى›› دېگەن كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە نۇسخىلىرىدىن مېھمانلارغا بىر يۈرۈش سوۋغا قىلدى . چۈشتە مېھمانلار قەشقەر ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى ئورۇندىغان 12 مۇقامدىن ئارىيە ، دولان مەشرىپى قاتارلىق نادىر سەنئەت نومۇرلىرىدىن بەھرى ئالدى. چۈشتىن كېيىن مۇستافا ئېھسان قاتارلىقلار يەنە بىر ئۇيغۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت داۋامىدا ئۇلار مەقبەرە تېمىغا ئويۇلغان بىيىتلارنى بىرمۇ بىر ئوقۇپ چىقتى. تۈركىيە تۈرىك تىلى جەمىيتىنىڭ باشلىقى شۈكۈر خالق ئاكالىن نەق مەيداندا ‹‹ قوتادغۇ بىلىگ ›› كىتابىنىڭ تۈركىيىدە نەشىر قىلىنغان تۈرۈك تىلىدىكى باسما نۇسخسىسىنىڭ ھەر بىرىدىن بىر يۈرۈشتىن يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسىگە سوۋغا قىلدى. ئاندىن ئۇلار قەشقەر ‹‹ ھېيتگاھ جامىئەسى ›› ، قەشقەر ئوتتۇرا - غەربىي ئاسىيا خەلقارا سودا بازىرى قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش بۇيۇملىرى، مىللىي قول ھۈنەر سەنئىتى ، مېۋە-چىۋىلىرى بىلەن يېقىن ئارىلىقتىن ئۇچراشتى، سودىگەرلەر بىلەن پاراڭلاشتى. كەچتە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۆرەش مەخسۇت مېھمانلارنىڭ شەرىپىگە كەچلىك زىياپەت بەردى ھەمدە قەشقەردىكى ھەر ساھادىكى رەھبەرلەر بىلەن بىرگە قەشقەر ئايرودرومىغا چىقىپ ، مېھمانانلارنى بېيجىڭغا ئۇزۇتۇپ قويدى
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&

1 条评论:

  1. intayin yahxi ex boluptu... man bunigdin burun gezitta kurgan edim```

    回复删除