2008年12月22日星期一

مەھمۇد كاشغەرىي -- ئاتا بۆرە



ئىسىمداش، قەلىبداش، جىسىمداش قەشقەر
مەھمۇدنىڭ سۆيگۈسى ئاتالغان شەھەر ،
ئەي، قەشقەر! شاھ شەھەر، كېچەيۇ - سەھەر
پەخىرلەن سېنىڭدە تۇغۇلغاچ گۆھەر ،
« پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى » ،
ئۈشبۇ كۈن مەھمۇدنىڭ مىڭ يىللىق تويى .






مەھمۇد كاشغەرىي


ئاتا بۆرە


مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىغا بېغىشلايمەن



جاھان ئۇ سىرلارنىڭ كانى ، تىلسىمى ،
ئالىم ئۇ ئەقىلدە سىرلار ئاچقۇچى ،
ئالىملىق شەنىدە باردۇر سەرۋەرى ،
ئۇ شۇنداق چىن ئىنسان ، مەھمۇد كاشغەرىي ،
« پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى » ،
ئۈشبۇ كۈن مەھمۇدنىڭ مىڭ يىللىق تويى .


ئۇ يۇلتۇز چاقنىغان جاھان چولپانى ،
ئۇيغۇرنىڭ ئوغلانى ئۆچمەس گۈلخانى ،
قالدۇردى تۈرۈك تىل لوغەت دىۋانى،
ئۇ گۆھەر ، بىباھا ھېكىمەت كانى ،
« پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى » ،
ئۈشبۇ كۈن مەھمۇدنىڭ مىڭ يىللىق تويى .


كۆر جاھان ! بۈگۈن ئۇ مىڭ ياشقا تولدى ،
ئىڭڭەلەپ – ئىڭڭەلەپ ئالىم تۇغۇلدى ،
جاھاننىڭ ھۆكەرى ئوپالغا قوندى ،
مەغرىپتىن – مەشرىققە گۈللەر تىزىلدى ،
« پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى » ،
ئۈشبۇ كۈن مەھمۇدنىڭ مىڭ يىللىق تويى .


تەڭرىتاغ باشلىدى مەشىرەبنى لىۋەن
بۇلبۇللار چاڭ سالدى ئاراسى چىمەن ،
ھەممە خۇش ھەتتاكى كۆردۈڭمۇ تۈمەن
ھاياجان ئىلكىدە سالماقتا سۈرەن ،
« پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى » ،
ئۈشبۇ كۈن مەھمۇدنىڭ مىڭ يىللىق تويى .


ئىسىمداش، قەلىبداش، جىسىمداش قەشقەر
مەھمۇدنىڭ سۆيگۈسى ئاتالغان شەھەر ،
ئەي، قەشقەر! شاھ شەھەر، كېچەيۇ - سەھەر
پەخىرلەن سېنىڭدە تۇغۇلغاچ گۆھەر ،
« پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى » ،
ئۈشبۇ كۈن مەھمۇدنىڭ مىڭ يىللىق تويى .


گاھ ئىنسان ئۆتىدۇ بىر بۇردا نان دەپ ،
گاھ ئېنسان ئۆتىدۇ بىر ئۆمۈر جان دەپ ،
گاھلىرى ئۆتىدۇ نەپ ۋە جاھان دەپ ،
مەھمۇد ئۇ ئۆتكەنكەن ۋەتەن ۋەتەن دەپ ،
« پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى » ،
ئۈشبۇ كۈن مەھمۇدنىڭ مىڭ يىللىق تويى .


ھاياتلىق بىر سىناق كېلىدۇ تەستە .
كېلىدۇ – كېتىدۇ قانچىسى ئەستە ؟
ياشىغىن مەھمۇدتەك قېلىپ ھەۋەستە
ئىسمىڭنى ياد ئەتسۇن ھەممە بەس – بەستە ،
« پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى » ،
ئۈشبۇ كۈن مەھمۇدنىڭ مىڭ يىللىق تويى .


ئۇنۇتماق نۇمۇستۇر ئۇل ئەجداد ئىزى ،
يۇرۇتماق بۇرۇچتۇر ئۇل ئەجداد يۈزى ،
ئىزلەبان مەھمۇدتىن قېزىپ شان نۇرى ،
چىققۇسى تۈمەنلەپ ئوغۇل ۋە قىزى ،
« پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى » ،
ئۈشبۇ كۈن مەھمۇدنىڭ مىڭ يىللىق تويى .


ئەسكەرتىش:
« پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى »
دىگەن بۇ مىسرا شائېر نۇرمۇھەممەت ئېركىنىڭ
شۇ ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى.

ئاپتۇر: قەلەم

menbe: http://asrim.cn/Default.asp
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&


没有评论:

发表评论