2008年12月21日星期日

مەھمۇد كاشغەرىي ھەققىدە باللادا



ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
(بۇ باللادا 1983 – 1984 – يىللىرى قەشقەردە يېزىلىپ، قەشقەر ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەبنىڭ «بەخت چېچەكلىرى» ژورنىلىدا ۋە «قەشقەر مائارىپى»ژۇرنىلىنىڭ 1986 – يىللىق سانىدا «ئەۋلادلار قەلبى» دىگەن نام بىلەن ئېلان قىلىنغان ئىدى . 2008 – يىلى 3 –ئايدا بەزى جايلىرىغا ئازراق تۈزىتىش كىرگۈزدۈم . بۇ قېتىمقى «مەھمۇدكاشغەرىي يىلى» مۇناسىۋىتى بىلەن شۇ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم)
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ





مەھمۇد كاشغەرىي ھەققىدە باللادا


ساداقەتجان ھاجى


ئۇيقۇدا ئالەم ، ئويغاقتۇر دەپتەر.
نۇر چاچار قەلەم مىسالى ئەختەر.
خىيالىم قۇشى كۆكتە ئۇچاتتى.
تارىختىكى بىر تاڭنى قۇچاتتى.
ئاشىق ئىدىم مەن جەننەت ۋەسلىگە،
جەننەتنى كۆرگەن ئەجدات ۋەسلىگە.
كەلدىم ئاخىرى بىر گۈزەل جايغا،
ھۆسنى تىللاردا كۈي – غەزەل جايغا.
ئېرىقتا ئاقار زەمزەم سۇلىرى،
ئىككى يېقىدا سۇمبۇل تاللىرى.
ئېچىلغان خۇشبۇي رەڭمۇرەڭ گۈللەر،
ئاشىق بۇلبۇللار كۈي – ناۋا ئەيلەر.
سۇۋادان تىرەك تىكىلگەن قاتار،
بۇغا – ماراللار ئوينىشىپ چاپار.
ھۇزۇرلىنىپ مەن قىلدىم ساياھەت،
كۆردۈم بىر گۈزەل كۆركەم ئىمارەت.
ئىمارەت ئالتۇن خىشتا ياسالغان،
ئاجايىپ رەڭدار نەقىش ئويۇلغان.
ئىمارەت گويا شاھلار ئوردىسى،
كۆكنى سۆيۈپتۇ ھەيۋەت قۇببىسى.
بۇ ئىمارەتكە قىزىقىپ شۇدەم،
بوسوغا تامان تاشلىدىم قەدەم.
يەتتە ئىشىكتىن ئۆتتۈم – ئاتلىدىم.
ساراي ئىچىگە نەزەر تاشلىدىم.
ئولتۇرار ئىدى تۆردە بىر بوۋاي،
نۇرلار ياغاتتى چېھرىدىن ئاي – ھاي !
بوۋاي ئالدىدا تۇراتتى كىتاب،
ئولتۇراتتى ئۇ كىتابقا قاراپ.
پەزىلەت بىلەن دېدىم: « ئەسسالام ! »
دېدى بوۋايمۇ: « كەلگىن ئەي بالام !
ئاتىڭ نىمىدۇر؟ زاتىڭ نىمىدۇر؟
يۈرىكىڭدىكى كىمنىڭ غېمىدۇر؟ »
بەردىم مەن جاۋاب ئەدەپتە تۇرۇپ،
بوۋايغا دىلدىن ھۆرمەت بىلدۈرۈپ:
«ساداقەتجاندۇر ئاتىم مېنىڭكى،
ئۇيغۇر مۇسۇلمان زاتىم مېنىڭكى.
قېنىم تۆكۈلگەن ماكانىم - قەشقەر.
يۈرەكتىن سۆيگەن جانانىم - قەشقەر.
جانىم ۋەتەننىڭ غېمىدە پارە.
ئەلنىڭ بەختىگە ئىزدەيمەن چارە. »
بوۋاي قۇچاقلاپ سۆيدى مەڭزىمدىن.
دېدى: « پەخىرلەن ئوغلۇم ئەسلىڭدىن.
بىركەن جان ۋەتەن – ئەزىز يۇرتىمىز.
ۋۇجۇدىمىزغا سىڭگەن قېنىمىز.
مېنى سورىساڭ، ئىسمىم مەھمۇددۇر.
شۇ ئەزىز كاشغەر - ئانا يۇرتۇمدۇر.
قاراخانىيە دەۋرىدە ئۆتكەن.
ئوپال ئازىقتا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن.
ئىشقىمنى بەرگەچ مەرىپەتكە مەن،
ئېرىشتىم ئوغلۇم بۇ جەننەتكە مەن. »
ئوتلۇق ھېسسىيات، كۈچلۈك ھاياجان
قەلبىم قەسرىگە بولۇپ ھۆكۈمران.
ياڭراق ئاۋازدا سۆزلىدىم جانلىق:
« ئەي مەھمۇد بوۋا ، ئىجادىڭ شانلىق !
ماڭ كېتەيلى بىز ئانا ماكانغا،
يېتەيلى ئىجاد بىلەن ئارمانغا. »
بوۋام ھەسرەتتە ئېغىر « ئۇھ » دېدى.
« كېتىشكە ئەمدى قۇربىم يوق » دېدى.
ئاڭا تەلمۈرۈپ كۆزۈمنى تىكسەم،
« نېمىشقا بىللە كەتمەيسىز » دېسەم،
دېدى: « ئۆمۈرنى مەن ياشاپ بولدۇم،
لېكىن سىلەرگە مىراس قالدۇردۇم.
ۋەتەندە مېنىڭ ئۆچمەس ئىزىم بار.
سىلەردەك ئويغاق ئوغۇل – قىزىم بار.
مەندىن سىلەرگە شۇدۇر ۋەسىيەت:
ھەقىقىي بايلىق – ئىلىم مەرىپەت.
ئەگەر نىجاتلىق ئىزدىسەڭ ئەلگە،
كىرسەڭ ئەل ئۈچۈن شەرەپلىك جەڭگە،
بولسۇن قورالىڭ ئىلىم – پەن بالام.
باردۇر ‹ قۇت – بىلىم › دېگەن بىر كالام.
نادان ئەللەرنى باسار جاھالەت.
بىلىم ئەھلىگە كەڭدۇر ھۆرىيەت.
بىلىم بىلەندۇر ئىختىرا قىلىش.
يېڭىلىق بىلەن بولۇر گۈللىنىش.
ئىجاد قىل بالام، يېڭىلىق يارات.
ياخشى نامىڭنى ئالەمگە تارات.
ئۇيغۇرنى ئالەم تونۇسۇن – بىلسۇن.
ئارزۇيىمىزنى ئېتىراپ قىلسۇن.
مەندىن سىلەرگە مىراس بۇ ‹ دىۋان ›.
ئوغلۇم ، سىلەرگە ئاتاپ ساقلىغان. »
بوۋام ئۇزاتتى ماڭا ‹ دىۋان › نى.
نە ‹ دىۋان › ، بەلكى نۇرلۇق جاھاننى.
بوۋام ئالدىدا تىزلىنىپ شۇئان،
ئالدىم ‹ دىۋان › نى، ھىسلىرىم قىيان.
قولۇمدا كىتاب، كۆكسۈمدە قولۇم.
تېخىمۇ پارلاق كۆرۈندى يولۇم.
ئەۋلاد قەلبىنى قىلاي دەپ ئايان،
ئەيلىدىم ئارزۇ - ۋەدەمنى بايان:
« ئەي بوۋا ، مەڭگۈ بولغىن خاتىرىجەم.
ئەجداد ئىزىدىن باسىمىز قەدەم.
قوراللىنىپ پەن – مەرىپەت بىلەن،
كۈرەش قىلىمىز جاھالەت بىلەن.
بىلىم ئۆگىنىپ ، بولۇپ ئىجادكار،
تارىخ بوينىغا ئاسىمىز تۇمار.
قان – تەر ئاققۇزۇپ يۇرتنى گۈللەيمىز.
ۋەتەن قوينىنى گۈلگە پۈركەيمىز. »
بوۋام ۋەدەمدىن رازى بوپ كۈلدى.
بىز – ئەۋلادلارنىڭ قەلبىنى بىلدى.
بوۋام ئۇزۇتۇپ دېدى: « خوش ئوغلۇم،
سالامەت بولسۇن ئەزىز ئەل – يۇرتۇم. »
يۇرتۇمغا قايتتىم مەنمۇ خوشلۇشۇپ،
قارشى ئالدى ئەل خۇشال بولۇشۇپ.
بوۋامدىن ‹ دىۋان › يادىكار قالدى.
ئەجداد تۆھپىسى دىللاردا قالدى.
ئەۋلاد قەلبىدە چاقنايدۇ بىر نۇر.
بولماقتا شۇ نۇر دىللاردا غۇرۇر.
« بوۋا ! » دېسەم مەن ، ئاڭلارمۇ بوۋام؟
چايقىلىپ ئالەم تۈگىدى ئۇيقام.

★★★★★

ـــــــــــــــــــــــــــــ

没有评论:

发表评论