2008年12月22日星期一

مەھمۇد كاشغەرىي مەقبەرىسى ۋە يىپەك يولى



مەھمۇد كەشغەرىي مەقبەرىسى ــ قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوپال يېزىسى ئازىق كەنتى ھەزرىتى موللام تېغى باغرىغا جايلاشقان





مەھمۇد كاشىغەرىي مەقبەرىسى

«يېپەك يولى»نى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسىغا

ئىلتىماس قىلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى



بۈيۈك ئالىم، تىلشۇناس مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ كوناشەھەر ناھىيىسىنىڭ ئوپال يېزىسىغا جايلاشقان مەقبەرىسى يېقىندا «يېپەك يولى» نى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسىغا ئىلتىماس قىلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.«يېپەك يولى» نى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسىغا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى جۇڭگو، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق بەش دۆلەت ھەمكارلىشىپ قانات يايدۇرغان بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتى«يېپەك يولى» جۇڭگو بۆلىكىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىلىمىزدە مەدەنىيە تمىراسلىرى بىر قەدەر كۆپ بولسىمۇ، ئەمما مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ مەشھۇر« تۈركى تىللار دىۋانى» دېگەن شاھانە ئەسىرىنىڭ خەلقئارادا نامى بارلىقى، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ تەسىر دائىرىسى چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن، قايتا – قايتا مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق ئالىمنىڭ مەقبەرىسى بۇ قېتىمقى ئىلتىماس قىلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. بۇ يىلنىڭ بېشىدا چاقىرىلغان «يېپەك يولى» نى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسغا ئىلتىماس قىلىشنى ماسلاشتۇرۇش يېغىنىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن– مائارىپ كومىتېتى دۇنيا مىراسلىرى مەركىزىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ماسلاشتۇرىشى ئارقىلىق، جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى «يېپەك يولى» ھەمكارلىشىپ ئىلتىماس قىلىش نەزەرىيۋى ھۆججىتىنى شەكىللەندۈرگەن ھەمدە 2010 – يىلى بىرلىكتە ئىلتىماس قىلىش پىلانلانغان. جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بۇ يىل 9 – ، 10 –، ئايلاردا دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى مەركىزىگە « يېپەك يولى» نى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسىغا ئىلتىماس قىلىشنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈش ھۆجىتىنى تاپشۇرىدۇ، كېلەر يىلى 9 –ئايدا باھالاپ بېكىتىشنى قوبۇل قىلىدۇ.

مەنبەسى: مەرىپەت تورى
http://asrim.cn/ShowPost.asp?ThreadID=936
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&


没有评论:

发表评论