2008年12月19日星期五

«Diwan Lughatit Türk»tiki riwayetler(2)


تۈركمەن ھەققىدە رىۋايەت

ئالتۇن قان رىۋايىتى
<مۆچەل >ھەققىدە رىۋايەت




تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى

ئەپسانە - رىۋايەتلەرنىڭ يېشىمى(2)




يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق



تۈركمەن ھەققىدە رىۋايەت


تۈركمەن رىۋايىتى <دىۋان>دىكى خېلى مۇكەممەل رىۋايەتلەرنىڭ بىرى. رىۋايەتلەرنىڭ مەزمۇنىدا، زۇلقەرنەيىننىڭ شەرققە قىلغان يۈرۈشى داۋامىدا مەركىزىي ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق قوۋملار بىلەن بولغان ئۇچرىشىش جەريانىدا پەيدا بولغان بەزى مۇھىم ئېتنىك مەنالار، بۇ چاغا تۇران خاقانى <شۇ>خاقاننىڭ پاراسىتى، تەمكىنلىكى ۋە شۇنىڭ خاسىيىتىدىن ئۇرۇش ئوتىدىن ۋە بىر قېتىملىق زور قىرغىنچىلىقتىن ساقلاپ قالغانلىقىدەك تىنچلىقپەرۋەرلىك روھىغا ئاپىرىن ئوقۇلغان.

تۈركمەن، بۇلارئوغۇزلاردۇر. بۇلارنىڭ تۈركمەن دەپ ئاتىلىشىدا مۇنداق بىر ھېكايە بار:
زۇلقەرنەيىن سەمەرقەنتتىن ئۆتۈپ، تۈرك شەھەرلىرىگە يول ئالغان چاغلاردا تۈركلەرنىڭ <شۇ >ئىسىمىلىك بىر ياش خانى بار ئىدى. ئۇ چوڭ قوشۇن ئىگىسى ئىدى. بالاساغۇن يېنىدىكى <شۇ >قەلئەسىنى <شۇ> ئۆزى ئالغان ۋە بىنا قىلدۇرغان. رىۋايەتنىڭ بۇ قىسىمىدا ئىككى مۇھىم نوقتىنى يورۇتۇپ بىرىدۇ. بىرى، تۈركمەن بىلەن ئوغۇزلارنىڭ بىردەكلىكى، يەنى تۈركمەنلەر دېگەندە ئۇلارئوغۇزلارنى كۆرسىتىدىغانلىقى، يەنە بىرى، شۇ خاقاننىڭ ئەزەلدىن باتۇر خاقان ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت چۈشەنچىگە كەلتۈرۈلىدۇ. رىۋايەتنىڭ داۋامىدا شۇ خاقاننىڭ كۈمۈش كۆلچەكتىكى غاز، ئۆردەكلەرگە قاراپ خاتىرجەم تۇرۇپ: زۇلقەرنەيىن يېقىن كېلىپ قاپتۇ، قانداق قىلىمىز،ئۇرۇشىمىزمۇ ياكى نېمە تەدبىرلىرى بار دەپ تەشۋىشلىنىپ سورىغۇچى مۇلازىملىرىغا تەمكىنلىك بىلەن: قاراڭلار، كۈمۈش كۆلچەكتىكى غاز، ئۆردەكلەر قانداق شۇڭغۇيدىكەن، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەل خاقاننىڭ خاتىرجەملىكىگە قاراپ، بىرەر تەدبىرىنى قىلىپ قويغان ئوخشايدۇ، دەپ خاتىرجەم بولىدۇ. راستتىنلا شۇ خاقان خوجەند دەرياسى بويىغا ئاللىبۇرۇن 40كىشىدىن تەركىب تاپقان چارلىلغۇچى قوشۇننى ماڭغۇزغان ئىدى. زۇلقەرنەيىن خوجەند دەرياسىدىن ئۆتۈپتۇ، شۇندىلا <شۇ >خاقان كېچىلەپ شەرققە چېكىنىپتۇ. بۇ ئارقىلىق <شۇ>خاقاننىڭ ئىستىراتىگىيىلىك چېكىنىشىدىن ئۇنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى، دانالىقىنى نامايان قىلىپ بەرگەن. چۈنكى ئۇرۇش ھەر ئىككى تەرەپكە ئېغىرتالاپەت، مۇسىبەت كەلتۈرەتتى. ھەممىدىن مۇھىمى تىنىچلىق، ئىشنى تىنىچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىپ خەلققە تىنىچلىقنى سوۋغا قىلىش ئىدى.

شۇڭا تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا، تۈركىي تىللىق خەلقلەر بىلەن زۇلقەرنەيىن ئوتتۇرىسىدا چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇش بولمىغان. تۈرك، تۇران خاقانىنىڭ دانالىقى ۋە تىنىچلىقپەرۋەرلىكىنىڭ خاسىيىتى بىلەن سۈلھى تۈزۈلۈپ، ھەر ئىككى تەرەپ بىر قېتىملىق زور قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغان. شۇ ۋاقىتتىكى ۋەقە ئاتلار توغرىسىدا مۇتەپپەككۇر شائىر ناۋايى ئۆزىنىڭ <سەددى ئىسكەندەر> دېگەن تارىخىي ۋە پەلسەپىۋى ئەسىرىدە ئىسكەندەرنىڭ شەرققە قىلغان يۈرۈشى ۋە ئۇنىڭ بىلەن تۇران پادىشاھى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن سۈلھىنىڭ ئارقىسىدىكى ئاجايىپ سىرلىق، جەلىپ قىلارلىق بىر ۋەقەلىكنى بەدىئى يول بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. ئەلىشىر ناۋايىنىڭ كۆزىتىشى ۋە غايىسى ئاستىدىكى <شۇ >خاقان يەنى تۇران خاقانىنىڭ پىداكارلىقى ھەققىدە قىسقىچە بايان بىرىپ شۇ گۈزەل، ئەھمىيەتلىك تارىخنىڭ بەدىئىي كامالەت گۈلىستانىدا ئېچىلدۇرۇلغان غۇنچىلىرىدىن بەھرىمەن بولساق ئارتۇق كەتمەس، دېگەن نىيەتتە ئازراق ئۇچۇر بېرىپ ئۆتىمىز.

ئەلىشىر ناۋايى بايان قىلغان تەپسىلاتتا، زۇلقەرنەيىن ئاۋۋال دارا ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، ھىندىستان، كەشمىر دۆلىتىگە ھۇجۇم قىلىپ كۆپ قان تۆكىدۇ. ئەلىنىڭ قەلبىدە يۇيغۇسىز داغلارنى قالدۇرىدۇ. نۇرغۇن قەدىمكى ئاسارە -ئەتىقىلەرنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. ئەمدى تۇران زېمىنىغا ئۇرۇشنىڭ ئوتىنى تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن، سانسىز لەشكەرلەرنى تەق قىلىپ، ئەتىياز بولۇشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. شۇ كەزدە تۇران پادىشاھىنىڭ ئەلچىسى كېلىپ، زۇلقەرنەيىن بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئىجازەت سورايدۇ، ئىجازەت بېرىلگەندىن كېيىن زۇلقەرنەيىننىڭ دەرگاھىغا كىرىپ، <شۇ>خاقان تاپشۇرغان گەپ- سۆزلەرنى شۇنچىلىك قايىل قىلارلىق دەرىجىدە يەتكۈزىدۇ.

بىراق، ئەلچىنىڭ شۇنچە يوللۇق سۆزلىرى ئىسكەندەرگە تەسىر قىلمايلا قالماي، ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇقى تېخىمۇ ئېشىپ ئەلچىگە دۈشمەنلىك قىلىچىنى سۇغۇرىدىغاندەكلا ئەلپازدا مۇئامىلە قىلىدۇ.

ئەلچى قايتىپ خاقانغا ئىسكەندەر بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ نەتىجىسىز بولغانلىقىنى يەتكۈزىدۇ. خاقان ئەلچىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، جىددىيلەشمەستىن ياكى تېرىكمەستىن، بىر تەرەپتىن، ھەربىي ھازىرلىقلارنى كۈچەيتىشكە، قوشۇنلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ ئىسكەندەر بىلەن بولىدىغان ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسكەندەر بىلەن يۈزتۇرانە سۆھبەتلىشىپ، سۈلھى تۈزۈشنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ. شۇنداق قىلىپ ھەر ئىككى تەرەپ غايەت زور قوشۇن تەييارلاپ، قاتتىق ئۇرۇشۇش ئۈچۈن روبىرو تۇرۇشىدۇ. قاتتىق قىرغىنچىلىق بولىدىغانلىقى قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا قالىدۇ. <شۇ >خاقان ئەسكەرلىرىنىڭ باتۇرلۇقىغا ئىشەنسىمۇ، لېكىن بىھۇدە قان تۆكۈشنىڭ، ۋەيرانچىلىق، بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئۆزلىرىنى ئاخىر نەگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنىمۇ كۆڭلىگە پۈكۈپ قويىدۇ.

ئۇ مەھرىمىگە ئوردىنىڭ ئىشلىرىنى تاپشۇرۇپ، سىر ساقلاشنى تاپىلاپ، ئۆزى ئەلچى سۈپىتىدە ياسىنىپ ئىسكەندەرنىڭ ئالدىغا بېرىشقا تەييارلىنىدۇ. ئىسكەندەر كەشمىرگە كىرىپ، ئۇ يەردىكى نەچچەمىڭ يىللىق مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى پۈتۈنلەي بۇزۇپ يوقۇتۇشقا ئەمىر قىلىدۇ. ئەمىرلىرى ئۇنىڭدىن: <كەشمىر سىزنىڭ قولىڭىزغا ئۆتكەن تۇرسا، نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىسىز؟> دەپ سورىغاندا، ئۇ : <بۇ مۇقەددەس مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىگە ئۇلارنىڭ روھى سىڭگەن، ئۇلار ھەرقاچان بۇ خەلققە روھىي مەدەت بېرىپ، ئۇلارنى بىزگە قارشى تۇرۇشقا ئۈندەيدۇ. ئەگەر بۇ نەرسىلەرنى ك-پاكىزە يوقىتىۋەتسەك ،ئۇلاربۇ روھىي تۈۋرۈكتىن مەھرۇم بولىدۇ-دە، يېيىش - ئىچىشتىن باشقىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ئىتائەتمەن قۇلغا ئايلىنىدۇ.>دەپ جاۋاب بەرگەن.

تاڭ سۈزۈلگەندە، شۇ خاقان ئەلچىلىك دەستىكىنى كۆتۈرۈپ ئىسكەندەرنىڭ دەرگاھى ئالدىغا پەيدا بولدى. مۇلازىملار بۇ ئەھۋالنى دەرھال ئىسكەندەرگە مەلۇم قىلىدۇ:

بىر نۇرانە چىراي ئەلچى يېتىپ كەپتۇ، ئۇنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدىدىن ئەقىل -پاراسەت تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ، ئۇ بەئەينى غايىبتىن كەلگەن ئەلچىگە ئوخشايدۇ، دېدى. ئىسكەندەر <ئەلچى>نى ئېھتىرام بىلەن ئېلىپ كىرىشكە ئەمىر قىلدى ۋە بۇ كېچەئاجايىپ بىر چۈش كۆرگەنىدىم، ئۇنىڭ تەبىرى مۇشۇ بولسا كېرەك. چۈشۈمدە ئۆزۈم قوياشقا ئوخشاپ قالغانمىشمەن، شۇ پەيتتە يەنە بىر قۇياش پەيدا بولۇپ كېلىپ ئايىغىمغا باش قويارمىش دەپ ئويلىدى. <ئەلچى> كىردى، ئىسكەندەر بۇ <ئەلچى> دىن سۆيۈنۈپ، ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى ۋە ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.

-ئەي ئالەمنىڭ باشپاناھى،-دېدى <ئەلچى> ئىسكەندەرگە، ئۇ شۇ تاپتا ئۆزىنىڭ سۆزىنى ئۆزى ئەلچى بولۇپ يەتكۈزمەكتە ئىدى،- چىن خاقانى ئۆز تەدبىرى بىلەن ماڭا بىر نەچچە تۈرلۈك شەرەپلىك سۆزلەرنى دېگەنىدى. بۇ سۆزلەرنى ساڭا يالغۇز ئېيتماقچىمەن.

ئىسكەندەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ئەجەبلەنگەن ھالدا ئەمىرلىرىنى چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇدى.

-ئەي پاك نىيەتلىك پادىشاھ،- دەپ سۆزىنى باشلىدى <شۇ > خاقان بارگاھتا ئىسكەندەر بىلەن يالغۇز قالغاندىن كېيىن،- سەن مېنى <ئەلچى> دەپ ئويلاپ قالما، چىن خاقانى دەرگاھىڭغا كېلىپ، بوسۇغاڭ تۇپرىقىنى كۆزىگە تۇتىيا قىلدى. مېنىڭ بۇ ھالەتتە دەرگاھىڭغا كېلىشىمدە مۇنداق بىرنەچچە سەۋەب بار.

ئىسكەندەر ھەيران بولماقتا ئىدى.

- سەن بىر مەملىكەتنىڭ پادىشاھى تۇرساڭ، پادىشاھ بولغان كىشى قانداقلارچە ئۆزىنى دۈشمىنىگە ئەسىر قىلىپ بېرىدۇ؟ ئۆز ئايىغىڭ بىلەن ئەسىرگە چۈشكەن تۇرۇقلۇق يەنە ئەركىن-ئازادە سۆزلەۋاتىسەنغۇ؟

- مەن سېنىڭ ياخشى سۈپەتلىرىڭنى ئاڭلاپ، ساڭا ئىشىنىپ كەلدىم. يۈز-خاتىرە دەيدىغان گەپمۇ بارغۇ. ئەگەر ئۇنداق ئىلتىپاتقا نائىل بولالمىسام، بۇ تەتۈر پەلەكتىن نېمە كۆرسەم رازىمەن. سەن ماڭا زەھەردىن ئاچچىق، قىلىچتىن ئىتتىك تەلەپپۇزدا مەكتۇب يوللىغان ئىكەنسەن، ئۇ چاغدا بەلكىم ئەقلىڭدىن ئادىشىپ، سۆز-ئىبارىلەرنى ئويلىماي ئىشلىتىپ قالغان ئوخشايسەن. بىر دۆلەتنىڭ پادىشاھىغا ئۇنداق قوپال تەلەپپۇزدا مەكتۇب يېزىش ئاقىلانىلىك ئەمەس. زۇلقەرنەيىن ئۆز ۋاقتىدا تۇران پادىشاھىغا: ئالدىمغا كېلىپ بېشىڭنى ئايىغىمغا قوي، دېگەندەك قاتتىق تەلەپپۇزدا خەت يازغان ئىدى. لەشكىرىم كۆپ، خەلقىم باياشاد، بۇ جەھەتتە سەندىن قالغۇچىلىكىم يوق، دارا بىلەنمۇ دوستانە ئۆتكەن ئىدۇق. ھېچكىم ماڭا سەن ئېيتقان ھېلىقىدەك سۆزلەرنى قىلىشقا پېتىنالمىغان ئىدى. سەن چىن مەملىكىتىنىڭ باشقىچە بىر جاھان ئىكەنلىكىنى ئۇقمايدىغان ئوخشايسەن. شۇڭا، مەن تەھدىت سۆزلىرىڭدىن ئانچە ھودۇقۇپمۇ كەتمىدىم، ساڭا لايىقىدا جاۋاب قايتۇردۇم، مەن تەقدىردە نېمە پۈتۈلگەن بولسا شۇنى كۆرۈشكە تەييارمەن. مەن ھازىرغا قەدەر شۇنى ئۇقالمايۋاتىمەن، شۇنچە چاڭ توزىتىپ بۇ دىيارغا كېلىشڭدىكى مۇددىئايىڭ نېمە؟ بۇ دوستلۇقمۇ ياكى دۈشمەنلىشىشىمۇ، بۇنىڭدىن نېمىگە ئېرىشمەكچى؟ ئەگەر ئۇرۇش قىلىش نىيىتىڭ بولسا، بۇنىڭغىغۇ مەن تەييار، لەشكەرلىرىمنىڭ سانى يوق، قورال -ياراقلىرىم شۇ قەدەر خىلكى، بۇنىڭدىن قۇسۇر تاپالمايسەن. مېنىڭ خەلقىم مەيلى ئايال ياكى ئەر بولسۇن، قېرى ياكى ياش بولسۇن، تېنىدە جانلا بولىدىكەن، ۋەتەن ئۈچۈن، ئەۋلادلىرى ئۈچۈن پۈتۈن ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە جان تىكىپ جەڭ قىلىدۇ. بىراق، ئىككى پادىشاھ بىر-بىرىگە قارشى جەڭ قىلغاندا، قايسىسى مەغلۇپ بولۇپ، قايسىسىنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش تەس. بۇ خىل ئاقىۋەت ھېچكىمنىڭ پېشانىسىگە يېزىپ قويۇلغانمۇ ئەمەس. تىنىچلىق ھەممىدىن ئەۋزەل. ئۇرۇشنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىسى يوق. ئەڭ مۇھىمى بۇ ئىشتىن ياخشى نەتىجە چىقمايدۇ، ياخشى نەتىجە چىقمىغان ئۇرۇشنى قىلىپ ئەسكەرلىرىمىزنى، خەلقىمىزنى قانغا پاتۇرۇشتىن نېمە ھاسىل بولىدۇ؟ مەن بالدۇرلا نالايىق سۆزلەرنى قىلغان بولسام، مانا گۇناھىمنى بىلىپ ئالدىڭدا تۇرۇپتىمەن، جېنىم ساڭا تەئەللۇق بولسۇن، ئەگەر ئەپۇ قىلىپ يارىشىش تەرەپدارى بولىدىغان بولساڭ، بۇ ھەر ئىككىمىز ئۈچۈن چوڭ شان- شەرەپ بولغۇسى، تارىخ بەتلىرىدە ياخشى نامىمىز يادلانغۇسى.

- ئەي سائادەتمەن پادىشاھ، سۆزلىرىڭ ناھايىتى ئورۇنلۇق، راست، مەن قەستەن سۆزۈڭدىن قۇسۇر تېپىپ، جاھانگىرلىكنى ئىختىيار قىلىپ ۋەتىنىڭگە ئاياغ باستىم. ھەر قانداق خاتالىق ئۆتۈلگەن بولسا مەندىن ئۆتتى. سېنىڭ ئالىيجانابلىقىڭ مېنى ھوشۇمغا كەلتۈردى. مانا ئەمدى ساڭا نىسبەتەن كۆڭلۇم ساپ بولدى، سەن خاتىرجەم بولغىن ئەي مويسىپىت شاھ، ئىككىلا ئالەمدە سەن ئاتام، مەن ئوغلۇڭمەن. مەن سەن ئۈچۈن پەرزەنتلىك بۇرچۇمنى بەجاندىل ئورۇندايمەن، ماڭا نىسبەتەن ھازىر پەيلەقوس ئاتام تىرىلىپ كەلگەندەك بولدى، مەن سېنىڭ ئىتائىتىڭگە ئۆتۈشكە تەييارمەن.

ئۇلار قىلىشقان گەپ- سۆزلىرىنى پىنھان تۇتىدىغان بولۇشۇپ، ئىسكەندەر ئەسكەرلىرى بىلەن مېھمان سۈپىتىدە چىن مەملىكىتىگە كىرىپ، بىر قانچە ۋاخ تۇرۇپ قايتىدىغان بولۇپ پۈتۈشتى. ئىككى ئوتتۇرىدىكى ئىشلارنىڭ مەڭگۈ سىر بولۇپ قالىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆز -ئارا ۋەدىلەر بېرىشتى...

بۇنداق يارىشىش ھەر ئىككى تەرەپ ئەھلىنى شادلىققا چۆمدۈردى. مۇلازىم ئەتىسى پادىشاھ ئىسكەندەرنىڭ ئالدىغا ھەيۋەتلىك قارشى ئېلىش ئەترىتىنى باشلاپ باردى. <شۇ> خاقان بىلەن ئىسكەندەر ئىككى قۇياش بىر رۇجەكتىن چىققاندەك تەخىتتە ئولتۇرۇشتى، ئاتا- بالىلاردەك قۇچاقلاشتى.

ئىسكەندەر قايتىش ئۈچۈن جابدۇنغاندا، <شۇ> خاقان بىر گۈزەل ۋە باتۇر مەلىكىنى ئىسكەندەرگە سوۋغا قىلدى. يولدا ئىسكەندەر ناھايىتى ياۋۇز بىر قەبىلىگە دۇچ كەلدى، ئىسكەندەرنىڭ نەچچە سەركەردىسى تەڭ كېلەلمەي يېڭىلىپ قېلىشتى. شۇ چاغدا بىر سەركەردە ئات چاپتۇرۇپ بېرىپ ھېلىقى ياۋۇز قەبىلىنىڭ سەركەردىسىنى يەرچىشلەتكەندىن كېيىن، ئۇ قەبىلە چېكىندى. ئىسكەندەر بۇ سەركەردىنى بارگاھىغا ئېلىپ كىرىشنى بۇيرۇدى. قاراپ كۆردىكى، ئۇ دەل <شۇ> خاقان سوۋغا قىلغان مەلىكە ئىكەن. بۇنىڭدىن ئىسكەندەر شۇ خاقاننىڭ ئالىيجانابلىقىغا، ئۇنىڭ خەلقپەرۋەرلىكى ۋە تىنىچلىقپەرۋەرلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇدى. ئىسكەندەر بىلەن تۇران خاقانى ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن بۇ ۋەقەلەر <تۈركىي تىللار دىۋانى > بىلەن ناۋايىنىڭ < سەددى ئىسكەندەر> دە بېرىلگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن ئۆزلەشتۈرۈلدى. مانا بۇ دانالىق، مانا بۇ ئەقىل -پاراسەت. كىچىككىنە يول قويۇش بىلەن، شۇنچە دەھشەتلىك قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدى ئېلىندى. خەلقىمىز ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت پىرامىداسىنى ئەنە شۇنداق باتۇرلۇق، ساداقەت ۋە ئەقىل -پاراسەتكە تايىنىپ تىكلىگەن، ئۇنى ھەم شۇنداق ئەقىل -پاراسەتلىك خەلقلا قوغداپ قالالايدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادا كۆزنى چاقنىتىدىغان بوستانلىق مەدەنىيىتى ئەنە شۇنداق دانا، باتۇر پادىشاھلارنىڭ يېتەكچىلىكى، باتۇر، ئەقىل-پاراسەتلىك خەلقنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن. ۋەتەن دېگەن ئادەم جىسمىدىكى جانغا ئوخشايدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۇنى قوغداشنى جېنىنى قوغداش بىلەن باراۋەر دەپ قارايدۇ. بۇ خىل پەزىلەت دۈشمەنلەرنىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشقا، قايىللىققا ئۈندەيدۇ.

زۇلقەرنەيىننىڭ بۇ قېتىمقى شەرققە قىلغان يۈرۈشى، شەرق مەدەنىيىتى بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنى ناھايىتى قويۇق ئۇچرىشىش پۈرسىتىگە ئىگە قىلغان مۇھىم بىر سەۋەب ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن بۇ ۋەقە تىللاردا داستان بولۇپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا تارقاپ، رىۋايەت شەكلىدە زاماندىن زامانلارغا يادىكار قالغان.

تۈركمەن رىۋايىتىنىڭ داۋامىدا، شۇ خاقان شەھەرنى تاشلاپ، قۇرۇق قالدۇرۇش ھىيلىسىنى قوللىنىپ، شەرق تەرەپكە چېكىنگەن بىر چاغدا، زۇلقەرنەيىن يېتىپ كېلىپ، شەھەرنىڭ تۈپتۈز، قۇرۇق سايغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرىدۇ. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ چۈشەندۇرۇشىدە بۇ چاغدا تېخى تىراز، ئىسجاب، بالاساغۇن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بەزى شەھەرلەر بىنابولمىغان ئىكەن. ئۇيەرلەردە ئۇچاغلاردا چېدىر ئۆيلەردە ياشايدىغان كۆچمەن تۈركلەر ھايات كەچۈرىدىكەن، شۇ چاغدا پەقەت 22 كىشى ئات ئۇلاغ تاپالماي توپتىن قېپقاپتۇ.شۇ ئارىدا ئىككى ئائىلىلىك ئۇ ئائىلىلىكنىڭ يېنىغا كېلىپ، بۇ 22 ئائىلىلىكلەرگە قوشۇلۇپ، زۇلقەرنەيىن بىر يولۇچى، بىر يەردە مۇقىم تۇرمايدۇ، بىزنىڭ بۇ يەردە قېپقالمايدۇ. بىز بەرىبىر ئۆزىمىزنىڭ يېرىدە تۇرىمىز دېيىشىپ پاراڭلىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن 22 ئائىلە كېيىن قۇشۇلغان ئىككى ئائىلىگە ، بۇنداق بولسا سىلەر مۇشۇ يەردە قېلىڭلار، ئاچ دېگەن مەنىدە<قال ئاچ > دەپتۇ. كېيىن ئۇلارخالاچ بولۇپ قالغان، خالاچلارنىڭ نەسلى مانا شۇ. ئۇلار ئىككى قەبىلە ، دەپ خالاچلارنىڭ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرگەن.

زۇلقەرنەيىن بۇ يەرگە يېتىپ كەلگەندە بۇ ئادەمنىڭ ئۇزۇن چاچلىرىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تۈركلەرگە خاس بەلگىلىرىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن گەپ سورىمايلا بۇلار: <تۈرك مانەند>(تۈرك ئوخشايدۇ، تۈركلەرگە ئوخشايدۇ) دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ نام بۇلارغابۈگۈنگە قەدەر نام بولۇپ قاپتۇ. مەھمۇد كاشغەرىي ئىزاھات بىرىپ، تۈركمەنلەر نەسلى 24قەبىلە، لېكىن ئىككى قەبىلىدىن ئىبارەت بولغان خالاچلار بەزى جەھەتتىن ئۇلاردىن پەرقىلىنىپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئوغۇز قاتارىغا كىرمەيدۇ، دەپ چۈشەندۇرىدۇ.

بىز بۇ رىۋايەتنىڭ مەزمۇنىدىن <تۈركمەن> دېگەن قەبىلە نامىنىڭ <تۈرك ئىكەن>دېگەندەك مەنىدە كەلگەنلىكىنى، بۇلار بىلەن ئوغۇزلار دىن، يەنى تۈركمەنلەردىن پەرقلەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى تۈركمەن ياكى ئوغۇز ھېسابلىمىغانلىقىنى چۈشەندۇق. ئۇلارنىڭ قىياپەت تەسۋىرىدىن قارىغاندا تۈركلەرنىڭ ئۆز دەۋرىدە ئۇزۇن چاچ قويىدىغانلىقى تارىخىي رېئاللىققا ئۇيغۇن. بۇ خۇسۇستا <دىۋان>دىمۇ روشەن بايانلار بار.



ئالتۇن قان رىۋايىتى

ئوغۇزلار -تۈركمەنلەر ھەققىدىكى يۇقىرىقى رىۋايەتكە ئۇلاپلا <ئالتۇن قان رىۋايىتى> بايان قىلىنغان. <ئالتۇن قان رىۋايىتى> دە شۇ خاقاننىڭ كېيىنكى تاكتىكىسى ۋە زۇلقەرنەيىن قوشۇنلىرى بىلەن شۇ خاقاننىڭ چارلىغۇچى قوشۇنىنىڭ تۇتۇشۇپ قالغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

<خاقان شۇ>چىن تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ.بۇ تۈرك -تۇران خاقانىنىڭ قەشقەر تەرەپكە چېكىنىپ تۇرغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. قەشقەر دېمەك تۆۋەن چىندۇر. زۇلقەرنەيىن ئۇنىڭ كەينىگە چۈشىدۇ، چارلىغۇچى قوشۇن ئەۋەتىدۇ. زۇلقەرنەيىنمۇ شۇنداق قوشۇن ئەۋەتىدۇ، توقۇنۇش نەتىجىسىدە زۇلقەرنەيىن ئەۋەتكەن قوشۇن مەغلۇب بولىدۇ. بۇ توقۇنۇش <ئالتۇن قان >دېگەن يەردە بولغان ئىكەن. بۇ تاغ ھازىرقى كۈندە <ئالتۇنخان>دەپ ئاتىلىدۇ. زۇلقەرنەيىن ئەنە شۇ يەردە خاقان بىلەن سۈلھى تۈزىدۇ. ئاندىن ئوغۇز شەھەرلىرىنى بىنا قىلىدۇ ۋە بىرمەزگىل شۇ يەردە تۇرۇپ قالىدۇ. زۇلقەرنەيىن چېكىنىپ كەتكەندىن كېيىن، <خاقان شۇ>مۇ قايتىپ كېلىدۇ ۋە بالاساغۇنغا قەدەر ئىلگىرىلەيدۇ. ئاندىن ئۆز نامى بىلەن ئاتالغان <شۇ >شەھىرىنى سالدۇرۇپ، ئۇ يەرگە بىر تىلسىم قۇردۇرىدۇ.<بۈگۈنكى كۈندە لەگلەكلەر بۇ تىلسىملىق شەھەرنىڭ ئەتراپىغا كېلىپ توختاپ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن ئۇچۇپ ئۆتەلمەيدۇ، تىلسىم بۈگۈنگە قەدەر بۇزۇلماي كېلىۋاتىدۇ>.

<تۈركىي تىللار دىۋانى>دىكى بەزى رىۋايەتلەر ئەسلىي بىر پۈتۈن رىۋايەت بولسىمۇ، لېكىن سۆزلەرنى ئىزاھلاش زۆرۈرىيىتىدىن بىر پۈتۈن رىۋايەت ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. يۇقىرىقى رىۋايەت<ئالتۇن قان>رىۋايىتىنىڭ بىر قىسمى. بىراق ئۇنىڭدا رىۋايەتنىڭ ئاساسىي قىسمى يورۇمايدۇ. بۇ رىۋايەتنىڭ يەنە بىر قىسمى باشقا يەردە كېلىپ، زۇلقەرنەيىن ئەسكەرلىرى بىلەن تۇران ئەسكەرلىرى كېچىسى قاتتىق ئېلىشىدۇ. بىر تۇران يىگىت زۇلقەرنەيىننىڭ ئەسكرىدىن بىرىنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئىككىگە بۆلۈۋېتىدۇ. ئەتىسى بۇيەرگە كەلگەندە كۆردىكى، بىر ئەسكەر قانغا مىلىنىپ يېتىپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدا ئالتۇن قاچىلانغان ھەميان بولۇپ، ئۇمۇ چېچىلىپ قانغا مىلىنىپ كېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن بىرى بۇ نېمە دەپ سورىسا ، يەنە بىرى <ئالتۇن قان>(يەنى قان بولۇپ كەتكەن ئالتۇن)دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ يەرنىڭ ئىسمى <ئالتۇن تاغ>،<ئالتۇن قان> دەپ ئاتىلىدۇ.

يۇقۇرىقى رىۋايەت گەرچە سۆزلەرنىڭ ئېتمولوگىيىسىنى چۈشەندۈرۈش مەقسىتىدە مىسال كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىزگە پايدىلىق خېلى مۇھىم ئۇچۇرلارنى بېرىدۇ.

بىرى، تۈركمەنلەر مىلادىدىن بۇرۇن ئۇزۇن چاچ قويىدىكەن، بۇخىل ئادەت قاراخانىيلار دەۋرىگىچە، يەنى ئىسلامىيەتكىچە داۋاملاشقان. بۇ خىل ئادەت ناھايىتى قەدىمكى دەۋرلەرگە تەئەللۇق بولۇپ، ئەرلەرنىڭ ئۇزۇن چاچ قويىدىغانلىقى شىنجاڭدىكى قەدىمكى قەبرىلەردىن قېزىلغان ئارخېئولوگىيىلىك قېزىلمىلار داۋامىدا بايقالغان جەسەتلەر ئارقىلىق ئىسپاتلاندى. <دىۋان>دىمۇ ئەرلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆرۈمە چاچ قويىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار بار، بۇنىڭدىن بىر ئورتاقلىقنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

ئىككىنچى <شۇ>خاقان <چىن تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى >دېگەن ئىبارە ۋە <ئۇيغۇرلارغا يىقىن يەردە >دېگەن ئىبارىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش. بىز باشتا مۇھاكىمە قىلغاندەك، قەشقەردىن تارتىپ ماچىنغىچەبولغان ئارىلىق <چىن >دەپ ئاتىلاتتى. مەھمۇد كاشغەرىي تىلغا ئېلىۋاتقان<چىن>ئۇقۇمىغا قارىغاندا قەشقەر تەرەپلەرگە ۋە ياكى تۇرپان تەرەپلەرگە سۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.<چىن> بىلەن <ئۇيغۇر> ئوتتۇرىسىدا نازۇك بىر باغلىنىش بارلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

ئۈچىنىچى، بىز <ئۇيغۇر>ھەققىدىكى رىۋايەت بىلەن <تۈركمەن>ۋە <ئالتۇن قان>ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ مۇھاكىمە يۈرگۈزىدىغان بولساق، زۇلقەرنەيىننى سۈلھى تۈزۈشكە مەجبۇر قىلغان ئالدىن يۈرەر قىسىم دەل <ئۇيغۇرلار>دىن تەشكىل تاپقان ئەسكەرلەر ئىدى. بىراق بۇلار تېخى ئۇچاغدا <ئۇيغۇر >دەپ ئاتالمايتتى، شۇ قېتىملىق توقۇنۇشتىن كېيىن ئاندىن <ئۇيغۇر>دېگەن قەبىلە نامى تارىخىي يوسۇندا بارلىققا كەلگەن بولىدۇ.

تۆتىنچى رىۋايەتنىڭ ئاخىرىدا شۇ خاقاننىڭ يەنە ئەسلىي تۇرۇشلۇق ئورنىغا قايتىپ كېلىپ بالاساغۇن، تىراز، ئىسپجاب قاتارلىق شەھەرلەرنى ھەم <شۇ>قەلئەسىنى بىنا قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تىلسىملىق شەھەر قۇرغان.مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مەلۇماتىدىن قارىغاندا ،11-ئەسىرلەردە تېخى بۇ شەھەرنىڭ تىلسىملىق خۇسۇسىيىتى يوقالمىغان بولسا كېرەك، شۇڭا بۇنىڭدىن رىۋايەتنىڭ چىنلىق دەرىجىسىنىڭ تېخىمۇ يۇقۇرىلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

ئومۇمەن ، يۇقىرىقى رىۋايەتتە مەركىزى ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۆز دەۋرىدىكى تۈركىي قوۋملەر يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھ، قەيسەرلىك ۋە پىداكارلىق بىلەن دانا پادىشاھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىستىلاچى زۇلقەرنەيىنگە قارشى ئېلىپ بارغان قارشىلىق روھى ۋە بۇ روھتىن نامايان بولغان تىنىچلىق، خاتىرجەملىككە بولغان ئارزۇسى ۋە تىنىچلىقنىڭ ئېلىپ كەلگەن خاسىيىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.



<مۆچەل >ھەققىدە رىۋايەت


تۈركىي قوۋملارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا، ئۇلارنىڭ يىللارنىڭ ھېسابىنى قىلىدىغان مۆچەل كالېندارىنى ئىختىرا قىلىپ پايدىلىنىشقا باشلىغانلىقى ئىنسانىيەتنىڭ كالېندارچىلىق تارىخىغا قوشقان مۇھىم بىر تۆھپىسىدىن ئىبارەت. چۈنكى قەدىمقى زامانلاردا بۇرۇنراق ۋاقىتىنى كالېندار بويىچە ھېسابلاش دەۋرىگە قەدەم قويغان مىللەتلەر، مەدەنىيەت جەھەتتە بىر قەدەم ئىلگىرى ماڭغان مىللەت ھېسابلىناتتى. چۈنكى كالېندارچىلىق دېگەن يالغۇز يىللارنى، ئايلارنى، كۈنلەرنى خاتىرىلەيدىغان، ئۇنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان مۇھىم بىر ۋاستە بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە شۇ خەلقنىڭ ۋاقىتقا بولغان چۈشەنچىسى، ۋاقىت ئېڭى، ۋاقىت بىلەن ھاياتنىڭ مۇناسىۋىتگە بولغان چۈشەنچىسىنىڭ بىلىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، كالېندار ھېسابى شۇ مىللەتنىڭ ئاستىرونومىيلىك چۈشەنچىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئاستىرونومىيىلىك بىلىش بولمىسا، كالېندارچىلىقمۇ ئۆزىنىڭ رولىنى يوقىتىپ قويىدۇ. بىز قەدىمىي تۈركىي قوۋملارنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزنالىرىغا سەپسالىدىغان بولساق، ئاستىرونومىيلىك بىلىش سەۋىيىسىنىڭ دەۋر ئېتىبارى بىلەن خېلى يۇقۇرى سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. چۈنكى قەدىمىي تۈركىي قوۋملارخېلى قەدىمكى دەۋرلەردەيۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكەت ئاساسىدىن بۇروچلارنى ھېسابلاش، قۇياشنىڭ يەر بىلەن بولغان قانۇنىيەتلىك دەۋر قىلىش ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەر خىل مۇراسىم كۈنلىرىنى توغرا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە ۋاقىتنى توغراخاتىرىلەپ ماڭغان. 11-ئەسىرلەردە يەرنىڭ شارسىمان ھالەتتە ئىشلەنگىنى ئالەمدىكى پىلانېتىلار ۋە يۇلتۈزلار قۇياشنى مەركەز قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت يۈكسەك ئىلمىي بىلىش باسقۇچىغا كىرگەن.

مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قەدىمكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ يىللارنى مۆچەل بىلەن ھېسابلاش ھەققىدىكى تارىخىي ۋەقەلىكنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ كەلگەن رىۋايەتنى خاتىرىلەپ قويغانلىقى ، ئىنسانلارنىڭ كالېندارچىلىق تارىخىي ھەققىدە ئىزدىنىشىمىز ئۈچۈن ياخشى ئۆرنەك كۆرسىتىپ بەردى.

1-توم، 449-بەتتە، بارىس (يولۋاس)دېگەن ھايۋان ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ تۈركىي كالېندارى بويىچە12 مۆچەلىنىڭ بىرىنىڭ نامى دەپ، ئارقىدىن قەدىمكى تۈركىي خەلقلەردە مۆچەل بارلىققا كېلىشى ھەققىدىكى رىۋايەتنى خاتىرىلەپ قالدۇرغان، قەدىمكى شۇنداقلا تۈركىي خەلقلەرنىڭ بالىلارنىڭ ياشلىرىنى، جەڭ تارىخلىرىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مۇھىم خاتىرىلىك ئىشلارنى مۇشۇ يىللارنىڭ ئايلىنىشى بىلەن ھېسابلايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

بىز رىۋايەتنىڭ باش قىسمىدا تۈرك خانلىرىنىڭ بىرى ئۆزىدىن بىرنەچچە يىللار بۇرۇن ئۆتكەن بىر ئۇرۇشنى ئۆگەنمەكچى بولۇپ، يىللارنى ھېسابلاپ كۆرگەن. بىراق شۇ ئۇرۇش بولۇپ ئۆتكەن يىلنى ھېسابلاشتا خاتالاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىساڭ بىر ئەقىل تاپىسەن دېگەندەك، ئۇ پادىشاھتا بىر نازۇك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئويغىنىپتۇ. ئۇ شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقى بىلەن كېڭىشىپ قۇرۇلتايدا مۇنداق دېگەن: <بىز بۇ تارىخنى ئېنىقلاشتا قانداق خاتالاشقان بولساق، بىزنىڭ كېلەچەكتىكى ئەۋلادلىرىمىزمۇ شۇنداق خاتالىشىدۇ. شۇڭا بىز 12 ئاي ۋە ئاسماننىڭ 12 بۇروجىغا ئاساسلىنىپ، ھەر بىر يىلغا بىر ئات قويايلى، بىزدىن كېيىن يىل ھېسابى شۇ يىللارنىڭ ئايلىنىشى بىلەن ھېسابلانسۇن، بۇ ئارىمىزدا مەڭگۇ بىر يادىكارلىق بولۇپ قالسۇن>دېگەن. خەلقى خاننىڭ بۇ دانا پىكرىنى <شۇنداق قىلايلى>دەپ ماقۇللاشقان. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ھايۋاننى ئىلى دەرياسىغا قاراپ ھەيدىگەن. ئۆزىنى سۇغا ئاتقان ھايۋانلاردىن ئەڭ بۇرۇن قىرغاققا چىققىنى مۆچەلنىڭ بىرىنچى يىلى قىلغان. ئەڭ دەسلەپ چاشقان دەريادىن ئۆتكەن، يىل بېشى چاشقاندىن باشلانغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى تەرتىپ مۇنداق بولغان: 2.ئۇي يىلى، 3.بارىس يىلى، 4.توشقان يىلى، 5.لەھەڭ يىلى(تىمساق يىلى)، 6، يىلان يىلى، 7.ئات يىلى، 8.قوي يىلى، 9.مايمۇن يىلى، 10.توخۇ يىلى، 11. ئىت يىلى، 12. توڭگۇز يىلى. مۇشۇ تەرتىپ بويىچە يىللارنى بېكىتىپتۇ، يىل توڭگۇز يىلىدىن ئۆتكەندە، يەنە چاشقان يىلىدىن باشلىنىدىكەن.

بىز يۇقىرىقى مۆچەللىك كالېندارنى قەدىمىي تۈركىي خەلقلەرنىڭ قوللانغانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتقا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ بىر تەرەپتىن، مۆچەللىك كالېندار قەدىمىي تۈركىي خەلقلەرنىڭ باشقىلاردىن كۆچۈرۈپ كەلگەن مەدەنىيەت ھادىسىسى بولماستىن ،بەلكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.چۈنكى بىرى بۇ رىۋايەتنىڭ رېئال ئاساسلىرى ناھايىتى كۈچلۈك، دېتاللىرىنىڭ ھەممىسى قەدىمىي تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىلى ۋە ھاياتىدىن ئېلىنغان، ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېتى تۈركچە.

ئىككىنچى تەرەپتىن ئالغاندا، مۆچەلنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئىلى دەرياسى شاھىد بولغان ۋە بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان شەيئىلەرنىڭ بىرى بولغان. بۇنىڭدىن بىز تېخى يېزىق تارىخغا ۋە كالېندار تارىخىغا كىرىشتىن بۇرۇنقى تۈركىي قوۋملار ئۈچۈن ئىلى دەرياسى ۋە ئۇنىڭ ياقىلىرىنى مۇھىم ئانا ماكانى ۋە بۆشۈكى بولغانلىقىنى روشەن كۆرۈش پۈرسىتىگە ئىگە بولالايمىز.

ئۈچىنىچى، مۆچەللىك كالېندارنىڭ ئىختىرا قىلىنىشى بىلەن تارىخنى يېزىق دەۋرىگىچە ئۇلىغىچە بولغان ئۇزاق تارىخىي سەرگۈزەشتلەرنى ھېسابلاشنىڭ، شۇنداقلا يېزىق دەۋرىگە كىرگەندىن كېيىنمۇ مۇھىم تارىخىي ۋەقەلەرنى خاتىرىلەش، ئۆزلىرىنىڭ ياشلىرىنى ھېسابلاش جەھەتتە خېلى ئىلغار مەدەنىيەتكە ئىگە قىلغانلىقىنى كۆرەلەيمىز، تۈركىي قوۋملارنىڭ بەزىلىرى ھازىرغىچە مانا مۇشۇ مۆچەللىك كالېندارنى ئىزچىل ئىشلىتىپ كەلگەن.


ئىزاھاتلار:

(1) بۇ ساندىن قارىغاندا ئۆز دەۋرىدە ئېلى رايونىنى مەركەز قىلىپ ئولتۇراقلاشقان ئاھالىنىڭ سانىنىڭ 1مىليوندىن ئارتۇق ئىكەنلىكى روشەن بولىدۇ.
(2) ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى <تارىمدىن تامچە> دە تارىخچى دوكتۇر زەكى ۋەلىدى توغاننىڭ <ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش >دە كەلتۈرگەن نەقىلىدىن نەقىل. 307-بەت.
(3) <تارىخىي خاتىرىلەر> 399-400-بەت.
(4) مەھمۇد كاشغەرىي :<تۈركىي تىللاردىۋانى>نى تۈركىي خەلقلەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئەرەبلەرنىڭ تۈركىي خەلقلەرنى چۈشىنىش، تۈركىي تىلىنى ئۆگىنىش ئىېھتىياجىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويغانلىقى ئۈچۈن كونكېرت چۈشەندۇرۇشكە مەجبۇر بولغان.
(5) مەھمۇد كاشغەرىي <تۈركىي تىللار دىۋانى> 1-توم، 151-بەت.
(6) قۇربان ۋەلى :<بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز>، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1986-يىلى نەشىرى، 210-بەت.
(7) <ئوغۇزنامە>، مىللەتلەر نەشىرىياتى، 1980-يىلى11-ئاي نەشىرى، 46-بەت.
(8) <تۈركىي تىللار دىۋانى>، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1981-يىلى نەشىرى،1-توم، 524-بەت.
(9) س.ش كىلياشتورنى : <قەدىمكى تۈرك- رونىك يېزىقىدىكى ئابىدىلەر>، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000-يىلى نەشىرى. ئۇيغۇرچە 20-بەت.

(dawami bar)

(مەنبە: مىراس ژورنىلىنىڭ 2008-يىللىق 4-5-سانلىرىدىن تەۋھىدە تورغا تەييارلىغان)
مەنبە:
http://asrim.cn/ShowPost.asp?ThreadID=1020
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&

没有评论:

发表评论