2008年12月22日星期一

ئاڭلا جاھان! مەھمۇد تېخى ھايات



ئۇيغۇرنىڭ يەنە بىر دۇنياۋىي ئالىمى ــ

شۆھرەت مۇتەللىپ
(2008-يىل 9-ئاي)


يىل بېشى كېلىپلا مېنى قاتتىق ھاياجانغا سالماقتا . بۇ يىل باھار ئاۋالقىغا قارىغاندا خېلىلا تېز كەلگەن ئىدى . ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگەن خۇش خەۋىرى بۇ بىپايان زىمىنغا ئۆزگىچە گۈزەللىك ئاتا قىلغان ئىدى .... تارىمنىڭ قاغجىرىغان ۋادىلىرى باشقىدىن ئۆركەشكە تولۇپ بارلىق خوشاللىقىنى ئۆز شاۋقۇنلىرىغا مۇجەسسەملىمەكتە . تەڭرى تېغىنىڭ قاقاس ، گىياھسىز باغرىلىرى ئۆزىگە سۇس يىشىل گىرىم قىلىپ قەشقەرگە قاراپ ئۆزىنىڭ تۈمەن يىللىق خوشاللىق ۋە قايغۇسىنى ئون ئىككى مۇقامنىڭ ھەربىر ئەۋجىگە جۆر قىلماقتا ...





ئاڭلا جاھان!... مەھمۇد تېخى ھايات!!



(مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىغا بېغىشلايمەن )


مەھمۇد كاشغەرىي مىڭ ياشقا كىرىپتۇ ! .... بۇنىڭ ئەجەپلىنەرلىك نەرى بار ؟! ئىنسان ھاياتلا بولىدىكەن ئۇ ھەتتا ئون مىڭ ياشقىمۇ كىرەلەيدۇ ! ....
يىل بېشى كېلىپلا مېنى قاتتىق ھاياجانغا سالماقتا . بۇ يىل باھار ئاۋالقىغا قارىغاندا خېلىلا تېز كەلگەن ئىدى . ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگەن خۇش خەۋىرى بۇ بىپايان زىمىنغا ئۆزگىچە گۈزەللىك ئاتا قىلغان ئىدى .... تارىمنىڭ قاغجىرىغان ۋادىلىرى باشقىدىن ئۆركەشكە تولۇپ بارلىق خوشاللىقىنى ئۆز شاۋقۇنلىرىغا مۇجەسسەملىمەكتە . تەڭرى تېغىنىڭ قاقاس ، گىياھسىز باغرىلىرى ئۆزىگە سۇس يىشىل گىرىم قىلىپ قەشقەرگە قاراپ ئۆزىنىڭ تۈمەن يىللىق خوشاللىق ۋە قايغۇسىنى ئون ئىككى مۇقامنىڭ ھەربىر ئەۋجىگە جۆر قىلماقتا ....
ئىلى دەرياسى بويىدا ئولتۇرۇپ سۇنىڭ ئۈنسىز شىۋىرلاشلىرىنى ئاڭلىماقتىمەن . ئۇ ماڭا تۈمەن دەرياسىغا ئۆز سالىمىنى ئېلىپ بېرىشقا ئەۋەتتى . تۇلپىرىمنى ئېگەرلىدىم - دە ، بۇلۇتلار ئارىسىدا كېزىشگە باشلىدىم . ئەتراپ شۇنچە گۈزەل . ئەنە تۇمەن دەرياسى شۇنچىلىك ھاياجان ئىچىدە ئۆركەشلىمەكتە . ئۇنىڭ ھەربىر قاينىمىدا « قەشقىرى » دىگەن بۇ سۆز ھاسىل بولماقتا .....
- قېنى دەريا خوشاللىقىڭنى بايان ئەيلە !
- مەھمۇد ، مېنىڭ ئوغلۇم مىڭ ياشقا كىردى .... مىڭ ياشقا !
ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىدا تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ئىچىدىكى ھاياجان چاقنىماقتا . ياشلىرى قىرغاقلارغا مەۋىج ئۇرماقتا . سەن بۇنىڭغا ھەقلىقسەن . چۈنكى ، ئۇ سېنىڭ ئەركەك سۈيۈڭنى ئىچىپ چوڭ بولغان . قېنى قانغۇچە يىغلىۋال دەريا .... سېنىڭ كۆز يىشىڭدا يەنە تۈمەنمىڭ لالە - رەيھانلار ئۆسكىسى ....
قەشقەر بىلەن ئوپالغا سوزۇلغان زىمىن ئۈستىدە ئايلانماقتىمەن . بۇلبۇللار بوستانلارنى چەڭ كەتكۈزۋەتكەن ئىدى . ئۆي - ئۆيلەردە قازانلار ئېسىلىپ مەشرەپ بولماقتا . رەستىلەردە ئۇ توغۇرسىدا مۇنازىرىلەر ئەۋجىگە چىقماقتا . ئەنە تۆت كوچىنىڭ ئالدىدىكى ناۋايخانىدىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردە بىر دەرۋىش سۈپەت كىشى ۋائىزلىق قىلىپ « تۈركى تىللار دىۋانى » توغۇرسىدا بايان قىلماقتا . يىنىمدىن بىر كىچىك بالا ناخشا ئېيىتقاچ ئۆتۈپ قالدى . تۇتىۋىلىپ سورىدىم :
- ئېيتە شاكىچىك ! بەك خوشالغۇ سەن ، خوشاللىقىڭغا مىنىمۇ شېرىك قىلمامسەن ؟
- بولىدۇ ئاكا . دېدى ئۇ جاۋابەن . ۋە :
- ئانام ماڭا بىر ئۇكا تۇغۇپ بەردى . شۇنىڭ خوشاللىقى .
- ئىسمىنى نېمە قويدۇڭلار ؟
- مەھمۇد !
- مەھمۇد !؟ .... ئاناڭغا يۈزمىڭ تەشەككۈر ....
گۈزەل بىر يايلاقتا كەزمەكتىمەن . بارچە جان - جانىۋارلار بايرام شاتلىقى ئىچىدە . زىمىننىڭ قاق ئوتتۇرسىدىن بۇلاقلار ئېتىلىپ چىقماقتا .... بۇ ئۇنىڭ خوشاللىق ياشلىرى . پۈتمەس سېغىنىشنىڭ بەلگىسى .... سەن بۇنىڭغا ھەقلىقسەن . چۈكى ئۇ كىندىك قېنى سېنىڭ ئۈستۈڭگە تۆككەن . سېنىڭ مۇبارەڭ نامىڭنى ئۆزىگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ قىلغان . مانا ئەمدىلىك ئۇنىڭ مۇبارەك تېنى سېنىڭ قوينۇڭدا ياتماقتا .... ئاسماندىن يامغۇر يىپسىز مارجان كەبى تۆكۈلمەكتە . قېنى سەنمۇ ئۆز خوشاللىقىڭنى قانغۇچە ئىپادىلىۋال . چۈنكى سەن بىلەن بۇ زىمىن پاكلىنىپ ئۆز گۈزەللىكىنى تېپىپ ئەسلىگە قايتالايدۇ ....
تەڭرى تېغىمۇ بۇ خوشاللىقلاردىن مۇستەسنا ئەمەس . ئۇ ھەر بىر ھاياجان ئىچىدە تىتىرگىنىدە تاشلار دەھشەت بىلەن يېرىلاتتى . ئاق باش چوققىدىكى قارغايلار يىنىك سىلكىنەتتى . ئۇ بارچە ئەلەمگە خىتاپ قىلماقتا :
- مېنىڭ مەھمۇدىم مىڭ ياشقا كىرى ... مىڭ ياشقا !
دۇلدۇلۇمنى مىندىم دە تاغ ئۈستىگە چىقتىم ۋە تاغقا قاراپ ئۈنلۈك توۋلىدىم :
- ئەي تەڭرى تېغى قېنى بارلىق سىرلىرىڭنى ماڭا تۆككىن مەن ئۇنى پۈتۈن كائىناتقا چېچىۋىتەي . ئۇ قولىقىمغا شۇلارنى پىچىرلىدى .........
تاغنىڭ ئەڭ ئېگىز بىر چوققىسىدا تۇرماقتىمەن . تەنلىرىم تىتىرمەكتە . بۇ قورقۇشتىن ھاسىل بولغان تىتىرەك ئەمەس بەلكى خوشاللىقتىن ،پۈتمەس ھاياجاندىن ھاسىل بولغان .... ئۆزۈم ئۈزۈمنى كونتىرۇل قىلالمايۋاتاتتى . كۆككە قاراپ شۇلارنى دېدىم :
- ئېھ ! ... كەرەملىك ئىگەم ! ... ماڭا بىر قېتىم پۇرسەت بەر . ئاۋازىمنى بارچە جاھانغا يەتكۈز ... كۆكتىن سادا كەلدى :
- قېنى سۆزلىرىڭنى بايان قىل . دۇنياغا قاراپ شۇنداق توۋلىماقتىمەن . مىنى ھازىر ھەرقانداق مەخلۇقات توسوپ قالالمايىتتى .... ھەتتا شامالمۇ !
__
ئاڭلا جاھان ! ... مەھمۇد تېخى ھايات !!
چۈنكى ، سەن ئۇنىڭ بۈيۈك ئەسەرلىرىنى ھاياجان ئىچىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭ دەل سېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلىشىۋاتقان ۋاقتىڭدۇر .....

ئاڭلا جاھان ! ... مەھمۇد تېخى ھايات !!
سەن شۇنى بىلىشىڭ كېرەككى ، بۈيۈك زىمىن قەشقەر ئۇنىڭ بىلەن ھەر زامان ھەمنەپەس . قاچانكى « قەشقەر » دىگەن بۇ سۆز دۇنيا يۈزىدىن ئۆچىدىكەن مەھمۇدنىڭ تىنىقى شۇ چاغدا توختايدۇ . ئەپسۇس ، بۇ پەقەت ۋە پەقەت بىر ئۇلۇغ زاتتىن باشقا مەقلۇقاتنىڭ قولىدىن كەلمەس .....

ئاڭلا جاھان ! ... مەھمۇد تېخى ھايات !!
سەن شۇنى ئۇنتۇپ قالما ! ئۇيغۇرنىڭ تومۇرىدا ئۆركەشلەۋاتقىنى دەل مەھمۇد بىلەن ئوخشاش تىپتىكى قان . سەن بۇنى يەنە كېلەر مىڭ يىلدىمۇ ئۆزگەرتەلمەيسەن . ئۇيغۇرنىڭ قولىدىن بىر تامچە قان ئاقسا ئەنە شۇ مەھمۇد تەرەپكە يەنى ئۆز قەۋىمى تەرەپكە ئاقىدىكى ھەرگىز يات نەسەپكە ئاقمايدۇ . قاچانكى يەر يۈزىدە بىرەر ئۇيغۇر ئەركەك پۇشتى قالمىغۇچە .....

ئاڭلا جاھان ! ... مەھمۇد تېخى ھايات !!
سەن شۇنداق قارىشىڭ كېرەككى ، ئۇنىڭ تۇپراق بېشېدا ئۈنگەن ھەربىر قىزىل گۈل ئۇنىڭ ئۈگۈتلىرىنى ئەۋلاتتىن - ئەۋلاتقا تاكى مەشھەرگاھقىچە بايان قىلىدۇ ..... تاكى مەشھەرگاھقىچە ! .....

ئاڭلا جاھان ! ... مەھمۇد تېخى ھايات !!
سەن ئۇنىڭ رەسىمىنى سىزىمەن دەپ ئاۋارە بولما ! .... كۆرىۋاتامسەن ؟! يېڭى دۇنياغا ئاپىرىدە بولىۋاتقان ھەربىر ئۇيغۇر پۇشتىنىڭ چىرايىدا ئۇنىڭ سىماسى جىلۋىلەنمەكتە .....

ئاڭلا جاھان ! ... مەھمۇد تېخى ھايات !!
سەن كۆرىۋاتامسەن ؟! .... مانا بۈگۈندە يەنى ئۇنىڭ تەۋەللۇد بولغىنىغا مىڭ يىل بولغان كۈندە مەغرىپتىن تا مەشرىققىچە ئۇنىڭغا ھازا ئاچمىدى بەلكى ئۇنىڭ تۇغۇلغىنىنى تەبىرىكلەپ يۇرۇت - يۇرۇتلاردا مال سويۇپ توي بولىۋاتىدۇ توي !!!!! .................................................................

قۇياش ئۆزىنىڭ سېخى نۇرىنى چاچقىنىچە ئۇپۇق تەرەپكە سىلجىماقتا . ئۇنىڭ بۈگۈنكى نۇرى ئۆزگىچە يىقىملىق ئىدى . قولۇمغا قەلەمنى ئالدىم - دە ، تەڭرى تېغىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسىغا چىقىپ پۈتۈن كائىنات كۆرگىدەك قىلىپ مۇنۇ مىسىرالارنى يىزىپ قويدۇم :


كۆر تىرىكلەر ئارا يۈرەر بىر كىشى ،
چاچلىرى ئاقارغان مىڭ يىلدۇر يىشى .
سۆزلەيدۇ ھاياتنى ، سۆزلەر ھەقىقەت ،
بۈيۈك بىر زات ئىسمى مەھمۇد كاشغەرىي .

دۇنيادا تونۇلدى ھەر بىر گەپ -سۆزى ،
قەلەمدە تىزىلدى دۇنياغا ئىزى ،
يۈرىكى سۆزلەيدۇ : « مەن ئۇيغۇر پۇشتى»
قەلبىمدە ھايات سەن مەھمۇدكاشغەرىي..


2008 - 4 - 28

ئاپتۇر : ئاتا بۆرە

menbe: http://asrim.cn/Default.asp
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&


没有评论:

发表评论