2008年12月30日星期二

مەھمۇد كاشغەرىي قاچان تۇغۇلغان؟


مەھمۇد كاشغەرىي ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات قالدۇرمىغان. ۋاپات بولغان يىللىرى ھەققىدىمۇ ھېچقانداق تارىخىي خاتىرىلەر ساقلانمىغان. بۇ ھەقتە باشقا تارىخىي مەنبەلەدە بىرەر ئۇچۇرنىڭ بېرىلگەنلىكىمۇ ھازىرغىچە بىزگە قاراڭغۇ






مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات

بولغان يىللىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك



(يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق يازغان «مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھايات پائالىيىتى ھەققىدە قايتا ئويلىنىش» ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى. «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2005-يىللىق 5-سانىدا ئېلان قىلىنغان)

مەھمۇد كاشغەرىي ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات قالدۇرمىغان. ۋاپات بولغان يىللىرى ھەققىدىمۇ ھېچقانداق تارىخىي خاتىرىلەر ساقلانمىغان. بۇ ھەقتە باشقا تارىخىي مەنبەلەدە بىرەر ئۇچۇرنىڭ بېرىلگەنلىكىمۇ ھازىرغىچە بىزگە قاراڭغۇ. شۇنداقتىمۇ «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئۆزىدە بېرىلگەن قىسقا ۋە مەۋھۇم ئۇچۇرلار ئاساسىدا بىر قەدەر ئەقىلگە مۇۋاپىق، ئىلمىي يەكۈنگە كېلىش مۇمكىن ئىدى. بىراق ھازىرغىچە يېزىلغان ماقالە - ئەسەرلەردە مۇئەللىپنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان يىللىرى ھەققىدە قىياسلارنىڭ پەرقى يەنە بىر ئادەمنىڭ ئۆمرىچىلىك ئۇزۇن بولۇپ كەتتى. يەنى تۇغۇلغان ۋاقتى توغرىسىدا 30 يىل، ۋاپات بولغان يىللىرى توغرىسىدىكى قىياسلاردا 55 يىل پەرق ۋە بوشلۇققا ئورۇن بېرىلدى. نەتىجىدە 80 يىل ئېگىز-پەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقاردۇق.
مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھاياتى توغرىسىدا ئىزدەنگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ قىياسىي بايانلىرىنىڭ بەزىسىدە 1008-يىلىدىن 1105-يىلىغىچە ياشىغان دېيىلسە،
بەزى قىياسلاردا 1008-يىللىرى تۇغۇلۇپ 1134-يىلىغىچە ياشىغان (ئالىي مەكتەپ دەرسلىكى: «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى»، مائارىپ نەشرىياتى، 2002-يىلى نەشرى، 418-، 421-بەتلەرگە قارالسۇن) دەپ، 126 يىل ياشىغان ئۆمۈر چولپىنىدىن بىرنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
بەزى مۇلاھىزىلەردە يەنە تەخمىنەن 1030-يىللاردىن 1090-يىللارغىچە ياشىغان بولۇشى مۇمكىن دەپ، 60 ياش ئەتراپىدا ياشىغانلىقى پەرەز قىلىنغان.
بەزى پەرەزلەردە 1018-يىلى تۇغۇلۇپ 1015-يىلى ۋاپات بولغان دېيىلدى.
ھازىر 1008-يىللىرى تۇغۇلۇپ 1105-يىللىرىغىچە 97 يىل ياشاپ ئالەمدىن ئۆتكەن دېگەن پەرەز مۇقىملىشىپ قالدى.
بۇنىڭدىن باشقا يىل جەھەتتىكى پەرقلەر بەش يىلدىن ئون يىلغىچە بولغان كۆز قاراشلارمۇ خېلى بار.
نەتىجىدە 60 ياش ئەتراپىدا ۋاپات بولغان دېگەن قىياس بىلەن 1008-يىلى تۇغۇلۇپ 1134-يىلى ۋاپات بولغان دېگەن قىياس ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى زور پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقاردۇق.
كىشىلەر بۇ قىياسلارنىڭ قايسىسىنى قوبۇل قىلىپ قايسىسىنى ئىنكار قىلىشى مۇمكىن؟
ئەمەلىيەتتە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى توغرىسىدا «دىۋان»نىڭ ئۆزىدە ۋە تارىخىي خاتىرىلەردە تەخمىنەن ھالدا مۇئەييەن قايىل قىلارلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن يىپ ئۇچىمۇ يوق ئەمەس ئىدى. بىراق تەتقىقاتچىلارنىڭ نەزىرىنى كۆپرەك ماھىيەتلىك بولمىغان تەرەپلەر تارتىپ كەتكەن بولغاچقا، توغرىراق بىر يەكۈنگە كېلىشكە ئەكس تەسىر بەرگەن ھەم بەزى قالايمىقانچىلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان . ئەڭ مۇھىمى بۇ ئىش «دىۋان»نىڭ يېزىلىشى بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى بولمىغان 1058-يىلىدىكى ئوردا قىرغىنچىلىقىغا باغلاپ قويغانلىقتىن كېلىپ چىقتى.
بىز بۇ ھەقتە توختىلىشتىن بۇرۇن مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھاياتى توغرىسىدىكى بەزى مۇھىم يىپ ئۇچلىرىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى.
پىرتىساك «مەھمۇد كاشغەرىي كىم؟» دېگەن ماقالىسىدە، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئۈچ - تۆت ئەۋلاد بوۋىلىرىنىڭ ھاكىمىيەت سۈرگەن چاغلىرىدىكى ياش قۇرامى ۋە تۇغۇلغان ۋاقىتلىرىنى تەخمىن قىلىش ئارقىلىق مەھمۇد كاشغەرىينىڭ دادىسى ھۈسەيىن 1019-يىللاردا تۇغۇلغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قاراپ، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ھىجىرىيە 420-يىللىرى (مىلادىي 1028-1039-يىللىرى) بولۇشى مۇمكىن، دەپ تەخمىن قىلىدۇ («قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1986-يىللىق 1-سان). بۇنداق بولغاندا مەھمۇد كاشغەرىي «دىۋان»نى يازغان يىللىرى (1072-1074) 35 ياشتىن - 45 ياشلارغىچە كىرگەن بولىدۇ.
تارىخىي مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ چوڭ دادىسى مۇھەممەتخان بىلەن سۇلايمان ئارسلانخان ئوتتۇرىسىدا بىزگە مەلۇم بولمىغان بىر سەۋەب بىلەن ئىختىلاپ تۇغۇلۇپ، ئىككى ئوتتۇرىدا بولۇپ ئۆتكەن بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا مۇھەممەتخان غەلىبە قىلىپ، ئۆزىنى ئۇلۇغ خان دەپ جاكارلىغان. بىراق قېرىلىق يەتكەنلىكتىنمۇ ياكى ئاغرىقچان بولۇپ قالغانلىقتىنمۇ ئېيتاۋۇر 15 ئاي تەختتە ئولتۇرغاندىن كېيىن (1057-1058-يىللىرى) ئۆزىنىڭ شاھلىق ئورنىنى چوڭ ئوغلى ھۈسەيىنگە بەرگەن (رىشات گەنج: «قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999-يىلى نەشرى، 73-بەت).
يۇقىرىقى تارىخىي مەلۇماتنى نۇرغۇن تارىخىي ماتېرىياللاردا تەستىقلايدۇ ھەم كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ بىردەك قوشۇلۇشىغا ئېرىشكەن بولغاچقا، بۇنىڭدا ئىختىلاپ يوق. مۇھەممەتخان تەختىنى چوڭ ئوغلى ھۈسەيىنگە (مەھمۇد كاشغەرىينىڭ دادىسىغا) ئۆتكۈزۈپ بەرگەن يىلى مۇھەممەتخاننى ئەڭ چوڭ بولغاندا تەخمىنەن 65-70 ياشلاردا بولۇشى مۇمكىن، دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ چاغدا ھۈسەيىن چوڭ خانىشتىن بولغان چوڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرغاندا 45-50 ياشلاردا بولغان بولىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ھۈسەيىن ئىبنى مۇھەممەتنىڭ ئوغلى مەھمۇد بۇ چاغلاردا تېخى 25-30 ياشلاردىكى ياش يىگىت ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. ئۇنداقتا مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تەخمىنەن مىلادى 1028-1032- يىللىرى ئەتراپىدا تۇغۇلغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئەقىلگە مۇۋاپىق بولىدۇ. ئەگەر چوڭ دادىسى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ ئۆزىنى ئۇلۇغ خاقان دەپ ئاتىيالىغۇدەك قۇرامدىكى پادىشاھنىڭ نەۋرىسىنى 50-60 ياشلارغا كىرىپ قالغان ئادەم قىلىپ قويۇش تازا ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش. ئەگەر بۇنداق بولغاندا ھۈسەيىن 70-80 ياشلاردىكى بوۋاي بولىدۇ. مۇھەممەتخاننىڭ بۇ چاغدا ھايات بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
«دىۋان»غا يېزىلغان كىرىش سۆزنى ئەسەرگە ۋە ئاپتورغا بېرىلگەن ئۇنىۋېرسال باھادا خېلى ئەتراپلىق، ئىلمىي پوزىتسىيىدە بولغان ئۈلگە دەپ قاراشقا بولىدۇ. «كىرىش سۆز» مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان يىللىرىنى مۇئەللىپ تىلغا ئالغان «كەبۇدىراچ - ياباقۇلار» بىلەن ئارسلان تېكىن غازى ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئۇرۇش(ئۇرۇش مىلادى 1041-يىلى بولغان دېيىلىدۇ) تىلغا ئېلىنىپ، مەھمۇد كاشغەرىي ئۇرۇشقا قاتناشقانلاردىن 40 مىڭ ئەسكەر بىلەن 700 مىڭ ئەسكەر ئۈستىدىن قانداق يېڭىپ چىققانلىقىنى سورىغانلىقى، ھەم مەھمۇد كاشغەرىي مەلۇمات بەرگەن «بۇ كىتاب ئۆمرۈمنى ئاخىرىغا يەتكۈزدى» دېگەن بايانغا ئاساسلىنىپ، ئۇنى تارىخىي يىلنامىلەر بىلەن چېقىشتۇرۇپ، ئالىمنى 11-ئەسىرلەرنىڭ باشلىرىدا تۇغۇلۇپ، 11-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن، دېگەن كۆز قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مېنىڭچە يۇقىرىقى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنى تەخمىنەن 1025-يىللىرىدىن بۇرۇنغا سۈرۈش نۇرغۇن چىگىش مەسىلىلەرنى تۇغدۇرىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى پەرەز بويىچە بولغاندا ئاپتورنىڭ «دىۋان»نى يازغان يىللاردىكى ياش قۇرامى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پائالىيەت جەريانلىرىدىن ئىلمىي خۇلاسە چىقىرىش ئۈچۈنمۇ يول ئاچقىلى بولىدۇ. بۇنى ئاپتورنىڭ ئەسەرنى يازغان چاغلاردىكى ياش قۇرامى بىلەن سېلشتۇرساق تېخىمۇ روشەن بولىدۇ


مەنبە
http://www.izdinix.com/ShowPost.asp?ThreadID=34687

没有评论:

发表评论