2008年12月22日星期一

مەن «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى»دا نىمە ئىش قىلدىم؟




توغرا، بىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھەقىقىي ۋارىسلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن نىمىلەرنى قىلىشىمىز كىرەك؟
مەھمۇد كاشغەرىي بوۋىمىزنىڭ روھىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن نىمە ئىشلار كېلىدۇ؟
ئىمكانىيىتىمىز يار بەرگەن ئاساستا نىمىلەرنى قىلالايمىز؟
مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋان لۇغەتىت-تۇرك» كىتابى - پۇتكۇل تۈركىي مىللەتلەر تىلىنىڭ، مەدەنىيىتىنىڭ، ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ قەدىمقى شۇنداقلا مۆتىۋەر قامۇسى.
بۇ قامۇستىكى تارىخىي ۋە ئىلمىي ئۇچۇرلار - مەدەنىيىتىمىزنىڭ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ ۋە تارىخىمىزنىڭ مىڭ يىل، ھەتتا نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنقى يىلتىزى. بىزنىڭ ھازىرقى مەدەنىيىتىمىز ۋە ئەدەبىياتىمىز شۇ يىلتىزدىن كۆكلەپ بۈگۈنكى بۈك - باراقسان ئورمانغا ئايلانغان





مەن «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى»دا

نىمە ئىش قىلدىم؟



«ھەممىمىزگە مەلۇم، بۇ يىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن -مائارىپ مەدەنىيەت ئورگىنى تەرىپىدىن «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» قىلىپ بېكىتىلگەن كاتتا ۋە قۇتلۇق بىر يىل.
ئۇيغۇرنىڭ ئالىمى پۈتكۈل دۇنيا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇۋاتقان مۇشۇ قۇتلۇق پەيتلەردە، بىز قانچىلىك خوشال بولساق، پەخىرلەنسەك، تەنتەنە قىلساق ئەرزىيدۇ...!
بۇ يىل ئاسان قولغا كەلگەن ئەمەس، بەلكى تۈركىيە قاتارلىق تۈركىي ئەللەرنىڭ نۇرغۇن قېتىم ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈشى، ئالىمنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى دۇنيا مىقياسىدا تەشۋىق قىلىشى ۋە ب د ت پەن - مائارىپ - مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا قايتا -قايتا ئىلتىماس سۇنۇشى بەدەلىگە كەلگەن.»

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز ـ ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئانا ۋەتىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىزنىڭ «پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!» دەپ تولۇپ - تاشقان ئىپتىخار بىلەن تەنتەنە قىلىش ھەققىمىز بار!
ھەممىمىز شاھىد بولۇپ تۇرۇپتىمىزكى، «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» - بىزگە مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلدى، مىللىي روھىمىزنى ئۇرغۇتتى. مىللىي غۇرۇرىمىزنى كۈچەيتتى.
ۋەتىمىزنىڭ ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ئەھمىيەتلىك ئىلمىي پائالىيەتلەر ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ. بەلكى بۇ يىلنىڭ غەنىمەت كۈنلىرى قالغان مۇشۇ دەملەردە، بۇ خىل پائالىيەتلەر تىخىمۇ ئەۋجىگە چىققۇسى.
ئۇيغۇر تور بىكەتلىرىمۇ «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى»نى ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇل ۋە كۆلەمدە خاتىرىلەپ كەلدى. تورداشلارمۇ تەۋسىيەلىك تىما ۋە ئىنكاسلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر تۇر بىكەتلىرىنىڭ «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى»نىڭ تەنتەنىسى، ئەھمىيىتى ۋە قىممىتىنى يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.

بىز بۇرۇنقى مۇراجىئەتلىرىمىزدە،
«مەھمۇد كاشغەرىي يىلىدا بىز نىمە ئىشلارنى قىلدۇق؟»
«ئۇيغۇر تور بىكەتلىرى نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟»،
«مەھمۇد كاشغەرىي يىلى مۇشۇنداق جىمجىتلا ئۆتۈپ كېتەمدۇ؟»
دىگەندەك بىر تالاي سۇئاللارنى ئوتتۇرىغا تاشلىغان ئىدۇق.

توغرا، بىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھەقىقىي ۋارىسلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن نىمىلەرنى قىلىشىمىز كىرەك؟
مەھمۇد كاشغەرىي بوۋىمىزنىڭ روھىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن نىمە ئىشلار كېلىدۇ؟
ئىمكانىيىتىمىز يار بەرگەن ئاساستا نىمىلەرنى قىلالايمىز؟
مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋان لۇغەتىت-تۇرك» كىتابى - پۇتكۇل تۈركىي مىللەتلەر تىلىنىڭ، مەدەنىيىتىنىڭ، ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ قەدىمقى شۇنداقلا مۆتىۋەر قامۇسى.
بۇ قامۇستىكى تارىخىي ۋە ئىلمىي ئۇچۇرلار - مەدەنىيىتىمىزنىڭ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ ۋە تارىخىمىزنىڭ مىڭ يىل، ھەتتا نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنقى يىلتىزى. بىزنىڭ ھازىرقى مەدەنىيىتىمىز ۋە ئەدەبىياتىمىز شۇ يىلتىزدىن كۆكلەپ بۈگۈنكى بۈك - باراقسان ئورمانغا ئايلانغان.

مەن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، تۇيۇقسىز ئۆزۈمگە:
«مەن مەھمۇد كاشغەرىي يىلىدا نىمە ئىش قىلدىم؟»
دىگەن سۇئالنى قويدۇم.

بۇ سۇئالنىڭ ۋەزنى «مەھمۇد كاشغەرىي يىلىدا بىز نىمە ئىشلارنى قىلدۇق؟» دىگەن سۇئالنىڭ ۋەزنىدىن ئېغىر ئىدى.

ئويلاندىم، ئويلاندىم، ئويلىسام، مەن بۇ بىر يىل جەريانىدا مەھمۇد كاشغەرىيگە مۇناسىۋەتلىك بىر نەچچە پارچە تىما تەييارلاپ تور بىكەتلەردە ئىلان قىلغان بولۇپتىمەن. قىلغانلىرىم بۇنىڭدىن ئارتۇق بولماپتۇ.
ئەسلىدە بىز «مەن مەھمۇد كاشغەرىي يىلىدا نىمە ئىش قىلدىم؟» دىگەن سۇئالغا ئۆزىمىزگە ۋە مەھمۇد كاشغەرىي بوۋىمىزغا يۈز كىلەلىگۈدەك جاۋاب بېرەلىسەك، «مەھمۇد كاشغەرىي يىلىدا بىز نىمە ئىشلارنى قىلدۇق؟» دىگەن سۇئالنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى.
چۈنكى «بىز» ـ نۇرغۇن «مەن»لەرنىڭ قوشولىشىدىن ھاسىل بولغان جامائەت ئەمەسمۇ؟
دىمەك، مەندە «مەنمۇ بىر ئىش قىلىشىم كىرەك» دىگەن ئوي تۇغۇلدى.
مەن نىمە ئىش قىلالايمەن؟
مەھمۇد كاشغەرىي يىلىنىڭ بۇ غەنىمەت ۋاقىتلىرىدا، مەن قايسى ئىشنى قىلسام ئەڭ مۇۋاپىق؟ قايسى ئىشنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ تىز كۆرۈلىدۇ؟
تور دۇنياسىنى شۇنداق كۈزەتسەم، بىزدە مەھمۇد كاشغەرىيگە بېغىشلانغان مەخسۇس تور بىكەت ياكى بلوگ يوق ئىكەن.
تۈركلەردە مەھمۇد كاشغەرىي نامى بىلەن ئاتالغان ۋە مەھمۇد كاشغەرىيگە مۇناسىۋەتلىك بىلىم ۋە ئۇچۇرلار بىلەن تولغان مەخسۇس بىر تور بىكەت بار. بەلكىم بەزى تورداشلار بۇ تور بىكەتنى كۆرگەن بولۇشى مۈمكىن.
لىكىن، بىز ئۇيغۇرلار مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھەممىدىن بەك ھەقلىق ۋارىسلىرى تۇرساق. بىزدە نىمىشقا يوق؟
كاشغەرىيشۇناشلىق - بىر ئىلىم،
مەھمۇد كاشغەرىي تەتقىقاتى - بىر ئىلىم.
«دىۋان لۇغاتىت تۈرك» مۇ ھەم بىر بىلىم خەزىنىسى.
بۇلاردىن بىرەر تور بىكەتنى توشقازغىدەك ۋە ئاۋات قىلغۇدەك جاۋاھىراتلار چىقماسمۇ؟
مەن مۆتىۋەر ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى كۈزەتتىم، كۈزەتكىنىمگە قارىغاندا، مەھمۇد كاشغەرىيگە مۇناسىۋەتلىك ماقالە ۋە ئۇچۇرلار 200 پارچىدىن ئاشىدىكەن.
باشقا تىلدىكى ئۇچۇرلار تىخىمۇ نۇرغۇن ...
مەن ئاخىرى مۇشۇ بوشلۇقتىن ئۆزۈمگە بىر ئىش تاپتىم.
يەنى مەخسۇس مەھمۇد كەشغەرىيگە ئاتالغان بلوگ قۇردۇم ۋە دەسلەپكى قەدەمدە ئۆزەم تەييارلىغان، باشقا تور بىكەتلەردە ھەم چەتئەل تور بىكەتلىرىدە ئىلان قىلىنغان بىر تۈركۈم ئۇچۇرلارنى بلوگىمغا ماكانلاشتۇردۇم.

بلوگىمنىڭ ئىسمى:
مەھمۇد كاشغەرىي يىلى 2008
يەنى:
KAŞGARLI MAHMUD YILI 2008
پۈتۈن تۇرك دۇنياسىنى نىشان قىلىپ، ئىسىمنى تۈركچە شۇنداق قويدۇم.
لىكىن مەزمۇنى ئۇيغۇرچە.

بلوگىمنىڭ مەنزىلى:
http://uzunjahan.blogspot.com/

بلوگىمنى داۋاملىق زىيارەت قىلىپ تۇرسىڭىز زىيان تارتمايسىز.
بلوگىمدىكى مەزمۇنلاردىن ئۆگىنىش، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىدا پايدىلانسىڭىز بولىدۇ. بلوگىمدىكى ئۇچۇرلار بۇندىن كېيىن داۋاملىق كۆپىيىپ بارىدۇ ۋە تولۇقلىنىپ تۇرىدۇ.
ئەگەر باشقا تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز، مەنبەنى تولۇق ئەسكەرتكەن ئالدىنقى شەرت ئاستىدا يوللىسىڭىز بولىدۇ.

دىمەك، مەن «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى»دا ئاران مۇشۇ ئىشنى قىلالىدىم.
يەنى سىلەر كۆرۈپ تۇرىۋاتقان بۇ بلوگنى قۇرىۋالدىم.
بەلكىم بۇ بۇندىن كېيىن قىلىدىغان چوڭ ئىشلىرىمنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالار.

2008 - يىلى 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى. قەشقەر.
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&

没有评论:

发表评论