2008年12月25日星期四

م«دىۋان»نىڭ بىزدىكى تۆت قېتىملىق تەرجىمە جەريانى






م«تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ

مەملىكىتىمىزدە مۇنداق

تۆت قېتىملىق تەرجىمە جەريانى بولغان.



بىرىنچى، «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى ئىسمائىل داموللىنىڭ تەرجىمە قىلىش جەريانى.
ئىسمائىل داموللا (ئىسمائىل ئابابەكرى، 1902-1954)، كاشىغەر كونا شەھەر ناھىيە بەشكېرەم يېزىسى لەنگەر كەنتىدە تۇغۇلغان .

ئىككىنچى، «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى ئەھمەد زىيائىنىڭ تەرجىمە قىلىش جەريانى.
«تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ تەرجىمىسى ئىككىنچى قېتىم ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئەھمەد زىيائى (1913-1989) تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان .

ئۈچىنچى، «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى ئۇيغۇر سايرانىنىڭ تەرجىمە قىلىش جەريانى.
«تۈركىي تىللار دىۋانى» ــ (1965-1960)-يىللىرى ئارىلىقىدا ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر سايرانى، مۇھەممەد سالىھ قاتارلىق كىشىلەر تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان.

تۆتىنچى، «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئىبراھىم مۇتىئى قاتارلىقلار تەرىپىدىن قىلىنغان تەرجىمە نۇسخىسى.
1977-يىلى ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى ، ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن بۈگۈنكى «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئىشىنى قولغا ئالغان. توپتوغرا ئالتە يىل تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە «دىۋان»نىڭ 1-، 2-، 3- توملىرىنىڭ تەرجىمىسى تاماملىنىپ، 1981- ، 1983- ، 1984 -يىللىرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە نۇسخىسى نەشر قىلىنغان

(بۇ ئۇچۇرنى «دىيارىم مۇنبىرى» دىن ‹يۇلتۇزئاي› ئىسىملىك تورداش يەتكۈزگەن)م


没有评论:

发表评论