2008年12月31日星期三

م«دىۋان»نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش جەريانى(3)م





بۇ ماقالىنىڭ باش قىسمى بۇ مەنزىلدە بار
http://uzunjahan.blogspot.com/2008/12/2.html


م«دىۋان»نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش جەريانى(3)م

م«دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە نەشىرى ئۈچۈن تەر تۆككەن پىشىۋالار


جۇڭگودا «دىۋان لۇغاتىت تۈرك»نىڭ تۆت

قېتىملىق تەرجىمە قىلىنىشىنىڭ باش-ئاخىرى



غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر


«دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «دىۋان» دېيىلىدۇ) ــ جۇڭگودا ئىلگىرى-كېيىن تۆت قېتىم تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، بۇ توغرۇلۇق ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىش «دىۋانشۇناسلىق»نىڭ مەزمۇنىنى كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دېگەن مەقسەتتە بۇ ماقالە ئالاھىدە تەييارلاندى


ئۈچىنچى، «دىۋان»نى ئۇيغۇر سايرانىنىڭ تەرجىمە قىلىش جەريانى


«دىۋان» ـــ 1965-1960-يىللىرى ئارىلىقىدا ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر سايرانى، مۇھەممەد سالىھ قاتارلىق كىشىلەر تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان.
بۇ قېتىملىق تەرجىمىنىڭ جەريانى تۆۋەندىكىدەك بولغان:

ئۇيغۇر سايرانى 1950-يىلى 10-ئايدىن 1956-يىلى 9-ئايغىچە ئالمۇتادا مۇئاۋىن كونسۇل ۋە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش بىلەن تۇرۇپ قالغان. ئۇ ۋەتەنگە قايتىدىغان چاغدا ئۇنى ئۇيغۇر يازغۇچىسى قادىر ھەسەنوۋ، ئايالى، تىلشۇناس ئايشەم شەمىيۋالار ئۆيىگە مېھمانغا چاقىرغان. مېھماندارچىلىققا يەنە بىر قازاق ئالىممۇ چاقىرىلغان ئىكەن. داستىخان ئۈستىدە قازاق ئالىمى ئۇيغۇر سايرانىغامۇنداق دېگەن: <گېزىتتىن ئاڭلىدۇق، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى قۇرۇلۇپتۇ، بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش بولۇپتۇ، سىزگە دەپ قويىدىغان بىرگەپ بار، ھازىر بىر مەشھۇر ئەسەر بار، ئۇنى تاشكەنىتتە(نەشىر قىلىش ئىشىنى)ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇلار ئەسەر بىزنىڭ دەۋاتىدۇ، مەن ئۇلار كۆرسەتكەن ئاساسلارنى كۆرۈپ باقتىم. لېكىن بۇ ئاساسلار ئاساس دېگۈچىلىكى يوق ئاساسلار ئىكەن. ئەگەر ئاساس كۆرسىتىمىز دېسەك، بىزنىڭ ئاساسىمىز ئۇلارنىڭكىدىن كۈچلۈكرەك. لېكىن، بۇ ئەسەر سىلەرگە تەۋە، ئالدى بىلەن بۇ ئەسەرنى سىلەر ئىشلەڭلار> دېگەن گەپنى قىلغان(17).ھەم بۇ ئەسەرنىڭ مەھمۇد كاشغەرىينىڭ <دىۋان>نى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. بۇ گەپ ئۇيغۇر سايرانىغا چوڭقۇر تەسىر قىلغان. ئۇ ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن بىر قانچە يىل جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيسى شىنجاڭ شۆبىسىنى قۇرۇش، ئورگان تەسىس قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، 1950-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، <دىۋان>نىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلەشنى قولغا ئالغان.ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىش جەريانى بولسا مۇنداق بولغان: يولداش بۇرھان شەھىدى 1956-يىلى قۇرۇلغان جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ سېكرىتارى قۇشۇمچە ئاكادېمىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ تەيىنلەنگەن ھەم ئارقىدىنلا بېيجىڭغا پۇل ھەل قىلىش ۋە بەزى خىزمەتلەرگە كۆرسەتمە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن بارغىنىدا، بۇرھان شەھىدى ئەپەندىگە <دىۋان> توغرۇلۇق ئالمۇتادا ئاڭلىغان گەپنى ئېيتىپ، بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتكەن. بۇرھان ئەپەندى دەرھال ماقۇللۇق بىلدۇرۇپ، ھەم <دىۋان>دىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتىپ، ئۆيىدىن 1945-يىللىرى ئۈرۈمچىدىكى ئۈلپەتلىرى ئۆزىگە تەقدىم قىلغان <دىۋان>نىڭ تۈركچە تەرجىمىسىنى ئېلىپ ئۇيغۇر سايرانى بىلەن بىرلىكتە بېرىپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جىڭفۇغا باشقا خىزمەتلەر قاتارىدا <دىۋان>نى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنى تەرجىمەقىلىش ئىشىنى ئېيتقان. جاڭ جىڭفۇ بۇ ئىشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن <دىۋان>نى تەرجىمە قىلىش ئىشىنى ئىشلەش ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق قىلىشنىڭ، ئاساسلارنىڭ تولۇق ۋە كۈچلۈك بولۇشىنىڭ لازىملىقىنى جېكىلىگەن. شۇنداق قىلىپ، ئۇيغۇر سايرانى ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن كېيىن باشقا خىزمەتلەرنى ئىشلىگەچ <دىۋان>نى تەرجىمە قىلىش ئىشىنى قولغا ئالغان. بۇ چاغدا ئۇنىڭ تاشكەنتتە نەشر قىلىنغان ئۆزبېكچە نۇسخىسى ۋە تۈركىيىدە بېسىلغان ئەرەبچە نۇسخىسى قاتارلىقلار تەق قىلىنغان.بۇرھان ئەپەندى ئۆزىدىكى <دىۋان>نىڭ نۇسخىىسنى ئۇيغۇر سايرانىغا بەرگەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر سايرانى تۈركچە ۋە ئۆزبېكچە نۇسخىسىغا، ئەرەب تىلى مۇتەخەسىسى مۇھەممەد سالىھ ئەرەبچە نۇسخىسىغا قاراپ <دىۋان>نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا باشلىغان. 1965-يىلى بۇ خىزمەت ئۇتۇقلۇق ئاخىرلىشىپ، ئاكادىمىيە رەھبەرلىكىگە نەشىر قىلىش ياكى ماي بوياق نۇسخىلىق قىلىپ بېسىپ ئىچكى قىسىمدا تارقىتىش تەكلپى بېرىلگەن.ئەپسۇسكى ئاپەتلىك <مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى> باشلىنىپ كېتىپ، مىڭ بىر جاپادا ئىشلەنگەن <دىۋان>نىڭ تەرجىمە ئورىگىنالى ئۆكتەم- كۆكەمە <قىزىل ئىسيانچىلار>تەرىپىدىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ، ئاخىرى يوقىلىپ كەتكەن.(18).تېخى <دىۋان>نى تەرجىمە قىلىپ چىققانلىق خاسىيەتلىك ئىش بولماستىن، بەلكى بۇ ئۇيغۇر سايرانى قاتارلىقلارنىڭ يەنە بىر گۇناھى بولۇپ، ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان جازاسى يەنىمۇ ئېغىرلىتىلغان.


تۆتىنچى، «دىۋان»نىڭ ئىبراھىم مۇتىئى قاتارلىقلار تەرىپىدىن قىلىنغان تەرجىمە نۇسخىسى.


1977-يىلى ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تەتقىقات ئىنسىتىتۇتى، ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن <دىۋان> بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئىشىنى قولغا ئالغان. 1978-يىلىنىڭ دەسلىپىدە <دىۋان>نى تەرجىمە قىلىش خىزمىتى مەملىكەتلىك پەلسەپە ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 1978-يىلى 9-ئايدا ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىگە تەييارلىق كۆرۈش گۇرۇپپىسى رەسمىي قۇرۇلغان. شۇ يىلى 12-ئايدا سابىق ش ئۇ ئا ر يېزىق ئىسلاھاتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇسالام ئابباس ۋە مىللەتلەر تەتقىقات ئىنسىتىتۇتىنىڭ باشلىقى، ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە تەييارلىق كۆرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يولداش چېن خۇا رىياسەتچىلىكىدە، تىل ئىنستىتۇتىدىكى تەتقىقاتچى خادىملارنى ئاساس قىلغان ھالدا باشقا قېرىنداش ئورۇنلاردىكى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەرقاتناشقان <دىۋان>نى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە خەنزۇ تىللىرىغا تەرجىمە قىلدۇرىدىغان ئىككى مەخسۇس گورۇپپا قۇرۇلغان، بۇ گورۇپپا توپتوغرا ئالتە يىل ھەمكارلىشىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە <دىۋان>نىڭ 1-2-3-توملىرى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ھەم 1981-1983-1984-يىللىرى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە نۇسخىسى نەشر قىلىنغان. ئۈچ تومنىڭ باش مۇھەرىرلىكىنى تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتىئى (پروفېسور)، مۇئاۋىن باش مۇھەرىرلىكىنى ئىمىن تۇرسۇن(پروفېسور)، مىرسۇلتان ئوسمانوۋ(پروفېسسور،2-3-توملىرىنىڭ)قاتارلىقلار ئۈستىگە ئالغان.1-تومىنى ئابدۇسالام ئابباس، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇرېھىم ئابدۇللا، داموللا ئابدۇلھەمىت يۈسۈفى، خەلق سالىخ،ھاجى نۇرھاجى، ئوسمان مۇھەممەد نىيار،سابىت روزى، ئىبراھىم مۇتىئى، ئىمىن تۇرسۇن، مىرسۇلتان ئوسمانوۋ(ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىلغان،تۆۋەندىمۇ شۇنداق) قاتارلىقلار، 2-تومىنى ئابدۇسالام ئابباس، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇرېشىت قارىم سابىت، خەلىم سالىخ، ئوسمان مۇھەممەدنىياز، سابىت روزى، ئىبراھىم مۇتىئى، ئىمىن تۇرسۇن، مىرسۇلتان ئوسمانوۋ قاتارلىقلار ، 3-تومىنى ئابدۇسالام ئابباس، ئابدۇرېشىت قارىم سابىت، خەلىم سالىخ، ئوسمان مۇھەممەدنىياز، سابىت روزى، ئىبراھىم مۇتىئى، ئىمىن تۇرسۇن، مىرسۇلتان ئوسمانوۋ قاتارلىقلار ئىشلىگەن. پۈتكۈل تەرجىمە نەشر قىلىش جەريانىدىكى چىقىمنى دۆلەت ئۈستىگە ئالغان. ئۇنىڭغا قاتناشقان ئىلمىي خادىملارنىڭ كۆپىنچىسى دۆلەتنىڭ مۇئاشلىق خادىملىرى بولۇپ، بەزىلىرى قۇشۇمچە دۆلەتنىڭ كاماندىروپكا پۇلىدىن بەھرىمەن بولغان.

«دىۋان»نىڭ خەنزۇچەنۇسخىسىمۇ ئۇيغۇرچە نۇسىخىسى بىلەن تەڭ ئىشلىنىپ ماڭغان . بىراق مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نەشىر قىلىنىشى كېچىكىپ 2000-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن بېيجىڭدا مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن 3 توم بولۇپ نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ 1-تومىنىڭ تەرجىمىسىگە خې رۈي، دىڭ يى، شىياۋ جۇڭيى، لىيۇ جىڭجىيا قاتارلىقلار، 2-تومىنىڭ تەرجىمىسىگە شىياۋ جۇڭيى، لىيۇ جىڭجىيا قاتارلىقلار،3-تومىنىڭ تەرجىمىسىگە شىياۋ جۇڭيى قاتناشقان.

«دىۋان»نىڭ 1980-يىللاردىن كېيىن خۇڭگودا تەرجىمەقىلىنىپ نەشر قىلىنىشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە قالتىس ۋەقە بولۇپ، جۇڭگونىڭ <دىۋانشۇناسلىق>تەتقىقاتىنى يىڭى بىر سەۋىيىگە كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە، دۇنيا <دىۋانشۇناسلىق>ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ئىلمىي، تېخىمۇ توغرا، تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. بۇنى ئەسلەش، مۇھاكىمە نۇقتىسى قىلىش تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنەمۇئەييەن ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بىر خىل خىزمەت.

داۋامى بۇ مەنزىلدە بار


بۇ ماقالىنى «ئەسىرىم شېئىرىيەت مۇنبىرى»گە «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ناملىق ژورنالنىڭ 2008-يىللىق 6-سانىدىن (مەھمۇد كاشغەرىي تەۋەللۇتىنىڭ مىڭ يىللىقىغا بېغىشلانغان مەخسۇس سان) تەۋھىدە تەييارلىغان
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&



没有评论:

发表评论