2008年12月21日星期日

مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئىلىم روھى









مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئىلىم روھى


ئەنۋەر ھوشۇر


مەن ئۇلۇغ بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تاغدەك ئېغىر قىسمەتلەر ۋە ھەسەلدەك شېرىن نېمەتلەردىن مەنە ئالغان ئۆزگىچە ھايات ئىزلىرىغا قايتا-قايتا نەزىرىمنى ئاغدۇرۇش ۋە ئۇنىڭ شاھانە ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى يەنە بىر قېتىم مەقسەتلىك قىدىرىش ئارقىلىق، بۇ زاتى مۇبارەكنىڭ بىزگە ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزگەھەم دۇنياغا تونۇتقۇدەك، تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدىن ئامان -ئېسەن ئۆتۈپ ، ئۆزگىلەرگە بېشىمىزنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تىك قارىيالىغۇدەك ،كەلگۈسىگە كۈلۈمسىرەپ باقالىغۇدەك غۇرۇر ۋە ئىپتىخار ئاتا قىلغان يېگانە قامۇسى -"تۈركىي تىللار دىۋانى"نىلا ئەمەس ،ئەڭ مۇھىمى شۇ غۇرۇر ۋە ئىپتىخارنى يىمىرىلمەس ئاساسقا ئىگە قىلغۇچى قىممەتلىك روھ -ئىلىم روھىنىمۇ قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم .مېنىڭچە ،مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ ھايات ئىزلىرى ۋە روھىي قاتلاملىرىدىن ئۈنچىلەرنى قېزىشقا ئىنتىلىشمۇ ئۇنىڭ شاھانە ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن ئېنىرگىيە تولۇقلاشقا ئوخشاشلا ئەھمىيەتلىك ئىش بولۇپ ،ئۇنىڭ ھاسىلاتلىرى بىزنى ھەيرەتتە قالدۇرۇش بىلەن بىللە ،ياشاش ئۈمىدى ۋە ئۇسۇللىرىمىزدىكى نوقسانلىرىمىزدىن ۋاقتىدا قول ئۈزۈپ ،ئەگرى يولنى ئاز ئەگىپ ،غالىبىيەت قەسىرىنىڭ ساھىبى بولۇشقا قاراپ يۈكسىلىشىمىزنى ھەقىقىي مەنىۋى قۇۋۋەتلەرگە ئىگە قىلىدۇ .


1. ئىلىم - ئىگىلەش ۋە ئۇنى ئەلگە تارقىتىشنى ھاياتلىق بۇرچى دەپ بىلىش روھى


ئۇيغۇرلار قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ،ئۇلاردا ئېدىئولوگىيە تارىخىدا ئىلىم -پەنگە ھۆرمەت قىلىش ،ئىلىملىكلەرنى ئۇلۇغلاش، كىتابنى ،كىتابى بار(كىتاب ساقلىغان)ئادەملەرنى چوڭ بىلىش ئۇدۇمىنىڭ تەسىرى خېلىلا چوڭقۇر .بۇ قارىشىمىزنى ئىككى خىل ئېتىقاد (دىن)، ئىككى دەۋرگە تەۋە يازما نەمۇنىلىرىمىزدىن "ئوغۇزنامە" بىلەن "قۇتادغۇبىلىك"تىن ئېرىشىدىغان ئۇچۇرلىرىمىزلا پاكىتلىق دەلىللەيدۇ. ئوقۇغانلارغا ئايانكى،"ئوغۇزنامە"سيۇژىتىدا باش قەھرىمان ئوغۇزخاننىڭ تۇغۇلۇشى ۋە ھەربىي يۈرۈشلىرى ئاساسىي لېنىيە قىلىنغان بۇلۇپ ،ئۇ بىزنى يىراق ،سىرلىق ئۆتمۈش قوينىغا باشلاپ بارىدۇ .بىز ئۇ ئەسەر ئارقىلىق ئېتىقادى ،تۇرمۇش ئۇسۇلى تامامەن ئىپتىدائىي بولغان بىر جەسۇر ئۇلۇسنىڭ قەھرىمانلىق دەۋرىگە خاس ئۆزگىچە ياشاش ئۇسۇلى ۋە ئېستېتىك ئۆلچەملىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز .ئەسەرنىڭ مەزمۇن دائىرىسى كەڭ ۋە چوڭقۇر بولۇپ ،بىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغىنى ۋە ھەيرەتتە قالدۇرىدىغىنى ،ئەسەردە كۈچەپ تەسۋىرلەنگەن بىرلىككە كەلگەن كۈچلۈك ھاكىمىيەت قۇرۇش ئىدىيىسىلا ئەمەس ،بەلكى بۇ جەڭگىۋار ئۇلۇسنىڭ مەنىۋىيىتىدە ھازىرلانغان ئىلىم-پەن روھى بولۇپ ،ئۇ بىزنى ئىپتىخارلاندۇرىدۇ ۋە قايىللىق ھېسسىياتىغا چۆمدۈرىدۇ .ئەسەردىكى ئوغۇزخان باتۇرلۇق ۋە ئەقىل -پاراسەتنىڭ سىمۋولى بولۇپ .ئۇ ياۋايىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى قارام ئېمپىراتور بولۇشىغا قارىماي ،ھەر ئىشنى دانالارغا خاس ئەقىل -پاراسەت بىلەن قائىدىلىك ھەل قىلىشنى ئىستەيدۇ .بۇيۈك غايىللىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ،ئىلىم ۋە ئىلىملىكلەرنىڭ مېھنىتىگە تايىنىدۇ ،ئەڭ ھەل قىلغۇچ پەيتلەردە ،ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ۋە ئۇلارنى ھۆرمەت تەختىگە چىقىرىشنى ئۇنتۇمايدۇ.مەسىلەن : ئوغۇزخاننىڭ غالىب قوشۇنى نۇسرەت قۇچۇپ ئېتىل دەرياسى بويىغا كېلىدۇ .دەريانىڭ قىنى كەڭ ،سۈيى ئۇلۇغ بولۇپ،ئۇنىڭدىن ئۆتۈش قىيىنغا توختايدۇ.ئوغۇزخان بەگلىرىدىن ئامال ئىزدەشنى تەلەپ قىلىدۇ.ئۇنىڭ قوشۇنىدا ئۇلۇس ئوردۇ بەگ ئىسىملىك "ماھىر ،پاراسەتلىك بەگ "بولۇپ ،ئۇ ئوتتۇرىغا چىقىپ ،تال ۋە ياغاچلاردىن كېمە ياساپ، قوشۇننى دەريادىن ئۆتكۈزىدۇ. ئوغۇزخان بۇنى كۆرۈپ سۆيۈنۈپ: "ئايھاي، سەن بۇيەرگە بولغىن بەگ ،قىپچاق ساڭا بولسۇن ئات "دەپ بەگنىڭ ئەجرىنى نەق مەيداندا تارتۇقلاپ ،ئىلىملىكلەرنى ئۇلۇغلاش ،قەدىرلەش روھىنى نامايان قىلىپ ، بەگلىرى ۋەخەلقىنى پاراسەت قەسىرىگە يېقىن تۇرۇشقا ئۈندەيدۇ .ئۇرۇشتىن كېيىن ئولجىلارنى توشۇش بىر چوڭ مەسىلىگە ئايلىنىدۇ،بۇ چاغدا بارماقلىغ يۇسۇن بىلىگ دېگەن كىشى بىر ھارۋا ياسايدۇ ،ئوغۇزخان ھارۋىنى كۆرۈپ خۇشال بولۇپ ،ئۇنىڭغا "قانغا "دەپ ئىسىم قويىدۇ ھەمدە ھارۋا ياسىغان بەگنىڭ نامىنىڭ مەڭگۈ يادلىنىشىنى نەزەردە تۇتۇپ ، ئۇنىڭغا "قاڭغالۇق" دېگەن ئىسىمنى تارتۇق قىلىدۇ. ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا ئۇلۇغ تۈركنىڭ مەسلىھەتى بويىچە قۇرۇلتاي چاقىرىپ ، زىمىنىلىرىنى لىللا تەقسىم قىلىپ، چوڭ قىرغىنچىلىقنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ،خەلقنى ئاسايىشلىققا يېتەكلەيدۇ .كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ،داستاندا باشتىن-ئاخىر بىرخىل كۈچلۈك ئىلىم روھى بالقىپ تۇرىدۇ."ئوغۇزنامە"دىكى ئىلىم روھى "قۇتاغۇبىلىك"تە نەزەرىيە سەۋىيىسىگە كۆتۈرۈلۈپ شەرھلىنىدۇ ھەمدە تەسىرى جەمىئەتنىڭ ، كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ ،تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلىدۇ .

مەھمۇد كاشغەرىي ئىلىم-پەن روھى بىلەن قوراللانغان ئەنە شۇ پاراسەتلىك مىللەتنىڭ "ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگە مەنسۇپلىرىدىن "بولۇش سۈپىتى بىلەن كىچىكىدىن باشلاپ قويۇق ئىلمىي مۇھىت ئىچىدە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىدۇ .ئۇ ئاتا تەرەپتىن قاراخانىيلارنىڭ مەشھۇر خاقانى يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئوغلى مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ نەۋرىسى ، ئانا تەرەپتىن ئەينى دەۋرنىڭ ئۇقۇمۇشلۇق كىشىسى خوجا سەيفۇددىن بۇزرۇكۋارنىڭ قىزى بۈۋى رابىيەنىڭ ئوغلى ئىدى .بۈۋى رابىيە يۇقىرى مەلۇماتلىق ،مەرىپەتپەرۋەر ئايال بولۇپ ،مەھمۇد كاشغەرىينى كىچىكىدىن باشلاپ ئەتراپلىق ،چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە قىلىپ تەربىيلەيدۇ. ئالىم باشلانغۇچ مەلۇماتنى ئائىلىسى ۋە ئوپالدىكى مەردرىسلەردە ئالغاندىن كېيىن ،ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەلۇماتنى قەشقەردىكى "مەدرىسەئى ھامىدىيە " ۋە شۇ چاغلاردا پۈتۈن شەرققە مەشھۇر بولغان "مەدرىسەئى ساچىيە "دە ئالىدۇ .ئۇ بۇ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئىسلام ئەقىدىلىرىنى ئۆگىنىپلا قالماي ،ئەدەبىيات ،گىرامماتىكا ،ئىلمى مەنتىق(لوگىكا)،تارىخ، جۇغراپىيە ،ئىلمىي نۇجۇم(ئاسترونومىيە)تېبابەتچىلىك قاتارلىق ئىلىملەرنى ئىگىلەيدۇ. ئەرەب ،پارىس تىللىرىنى ۋە بارلىق تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئورتاق تىلى ۋە شېۋىلىرىنىمۇ پۇختا ئۈگىنىدۇ . ئۇ يەنە شۇ چاغدا ئومۇمىي ئادەت ۋە مەجبۇرىيەت ھېسابلانغان ئات مىنىش ،ئوقيا ئېتىش ،نەيزىۋازلىق قاتارلىق جەڭ ماھارەتلىرىنى ئۆگىنىپ ،چېۋەر چەۋەندازلاردىن بولۇپ يېتىشىدۇ...ئالىمنىڭ ئەرەب تىلى سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىقىغا قارىغاندا ،ئۇنىڭ 25ياشلاردىن ھالقىغاندا ئۆزدەۋرىدىكى ئىلىم-مەرىپەت بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولغان باغدادقا بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلغانلىقىنى،ئۇ يەردە ئەرەب تىلىنى پىششىقلاپ ، ئەرەبلەرنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئىگىلەپ ،ئەرەب تىلىدا "ئەرەب تىلشۇناسلىرىدىن قېلىشمايدىغان " يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى ،باغدادتا تۇرۇۋاتقان چاغلىرىدا كاللىسىدا ئەرەبلەر بىلەن تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىل مەدەنىيىتىگە قارىتا روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل بولۇپ ،ئەرەبلەرنىڭ تۈركىي خەلقلەرنى چۈشىنىشىگە ۋە تۈركىي تىلىنى ئۆگىنىشكە قانچىلىك ھاجەتمەن بولۇۋاتقانلىقىنى ئەقلىي ھېس قىلىپ ، بۇ ئىلمىي ئەمگەكنى روياپقا چىقىرىشقا بەل باغلىغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن ... ئۇلۇغۋار مەقسەتلەر بىلەن قوراللانغان ئالىم ئۆزىنىڭ ئىلمىي خىزمىتىنى ئالدى بىلەن ئىجتىمائىي تەكشۈرۈشتىن باشلايدۇ .ئۇ تۈركىي خەلقلەردالالىرىدا 15يىل جاپالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ،مول ماتېرىيال توپلاپ ،1072-يىلى باغدادتا "تۈركىي تىللار دىۋانى"نى يېزىشقا كىرىشىپ ،1074-يىلى تاماملايدۇ .1080-يىللىرى ئەتراپىدا قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ ، بۇ يەردە كېينكى كىشىلەر تەرىپىدىن "مەدرىسەئى مەھمۇدىيە" دەپ ئاتالغان بىر مەدرىسە بىنا قىلىپ ،كىيىنكى ئۆمرىنى شاگىرت تەربىيلەش بىلەن ئۆتكۈزۈپ ،1105-يىلى ئالەمدىن ئۆتىدۇ.

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى ،مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئەسىرگە تەڭ ھاياتى باشتىن -ئاخىر ئىلىم ئۆگىنىش ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش ۋە ئۆگىتىش بىلەن ئۆتكەن .ئۇ توققۇزى تەل فېئودال خانزادە تۇرۇقلۇق ،ئوردىنىڭ مەئىشەتلىك ،ئارامبەخىش تۇرمۇشىدىن ۋاز كېچىپ ،ئىلىمنىڭ جانغا ئېكەك سالىدىغان جاپالىق يولىنى تاللىغان؛ ھەتتا تېىنگە قېرىلىق يەتكەندىمۇ ئىلمىي ئىزدىنىشلىرىنى تاشلىماي ،ئەۋلاد تەربىيلەش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان . مەھمۇد كاشغەرىي نېمىشقا شۇنداق قىلغان ؟ ئۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي : ئۇ ئىلىمنىڭ شەخسىنىڭ كامالىتى ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ماس قەدەملىك تەرەققىياتىدىكى ئورنى ۋە رولىنى ئەقلىي تونۇپ يەتكەن. بىلىمنىڭ كۈچ -قۇدرىتىگە ،ئىنساننىڭ شورلۇق تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشەنگەن ، شۇنداقلا بۇ قۇدرەتلىك قورالغا ئېرىشىشى يولىدا بىر ئۆمۈر جاپالىق ئىزدىنىپ ، خەلقىمىز ئىلىم روھىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان .ئۇ ئۆزىنىڭ پاكىز ۋە ھېكمەتلەرگە تويۇنغان سەمەرىلىك ئىزلىرى ئارقىلىق خەلقىمىزگە مەنىلىك ، قەدىر -قىممەتلىك ياشاشنىڭ بىر تۈرلۈك توغرا يۈزلىنىشىنى كۆرسىتىپ بەرگەن .ئېنىقكى ،بىز دەۋاتقان بۇ يۈزلىنىش -"ئۆگىنىش ،ئىشلىتىش، يەنە ئۆگىنىش "تىن ئىبارەت دەۋرىيلىكنىڭ ئۈلۈكسىز داۋام قىلىشىغا قارىتىلغان بولۇپ ، تارىخ شۇنى چوڭقۇر تونۇتتىكى ،بۇ يۈزلىنىشنى ئاكتىپ قوبۇل قىلغان ۋاقتىمىزدا ، تۈرلۈك ئىشلىرىمىز ئوڭغا تارتىپ ،دۆلەت روناق تاپقان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلغان .ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندا ،خۇراپات باش كۆتۈرۈپ ، پىتنە -پاسات ۋە ئىچكى نىزالار كۆپىيىپ ،خەلق تەس كۈنگە قالغان .قىسقىسى ،خەلقىمىز ئىلىمگە يېقىنلاشقان ،ئىلىملىكلەرنىڭ پېشىگە ئېسىلغاندا كۆكلىگەن ؛ ئىلىمدىن چەتنەپ، ئىلىملىكلەرنىڭ سەللىسىگە ئوت قويغاندا بولسا ھەممە نېمىسىدىن ئايرىلىپ ، كۆرمىگەن كۈنى قالمىغان ...

ئۇنداقتا ،ئۇلۇغ بوۋىمىز بۇنىڭدىن 10ئەسىر ئىلگىرى يەكۈنلىگەن ئىلىمنى ئۇلۇغلاش بۈيۈك قارىشىنىڭ زامانىمىزدىكى ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى قانداق بولۇۋاتىدۇ ؟(بۇ ئۆز نۆۋىتىدە بۇ ماقالىمىز ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان مۇددىئايىمىزنىڭ نېگىزىدۇر .)

بۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بىرىش ھەقىقەتەن ئوڭاي ئەمەس . سەۋەبى : ئىنكار قىلاي دېسەڭ ، بۇ ساھەدىكى خالىس ئىزدىنىشلەر ،ئىشلەنگەن خىزمەتلەر ،قازانغان ئۇتۇقلار ئاز ئەمەس ،بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي مائارىپقا سېلىنغان مەبلەغنىڭ تۈرى ۋە سوممىسى كىشىنى تاڭ قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە كۆپ بولۇپ،بۇنداق زور كۆلەملىك كۆڭۈل بۆلۈشلەر تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان. پاكىتى شۇكى: ھەرقانداق بىر ۋىلايەت (ئوبلاست )ياكى ناھىيە (يېزا)لەردىكى مائاشلىقلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى مائارىپچى ، مائاشى يۇقىرىلارمۇ يەنىلامائارىپچى. يېزىلاردىكى ئەڭ چىرايلىق بىنا مەكتەپ ، كىتابلار ھەقسىز ، ئۆيى يىراقلارغا ھەقسىز ياتاق ،تاماقلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان... ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ دېجۇڭنىڭ "شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى"نىڭ 2008-يىللىق 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ،"2007-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى 93ناھىيە ،شەھەرنىڭ 92سى <ئىككى ئاساسەن>بويىچە نىشانغا يەتكەن .ئاپتونۇم رايون بويىچە توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئاھالىنى قاپلاش نىسبىتى 99.8"%كە يېتىپ 2003-يىلدىكىدىن 34.48%پوئىنىت ئاشقان." ئەمدى بۇ كۆرۈنۈشلەرگە قاراپ ، مائارىپىمىز تەرەققىي قىلىپ ،كىشىلەرنىڭ ئاڭ ۋە مەدەنىيەت ساپاسى ماس قەدەمدە ئۆستىمىكىن دېسەك ، ئەھۋال ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا خۇشاللىنارلىق ئەمەس . ئاساسلىقى ،شەھەرلەردىكى مەكتەپلەردە ئەھۋال بىرقەدەر ياخشى بولسىمۇ ,لېكىن ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى ئولتۇراقلاشقان يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ئەھۋالى ناچار ،سالغان مەبلەغقە چۈشلۇق نەتىجە يوق ئەڭ چوڭ كاشال شۇكى ،ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئوقۇتۇش مەقسىتى مۈجىمەل .راست گەپنى قىلغاندا ،ئۇلارمەجبۇرىي مائارىپنىڭ بېسىمىدىن قورقمىسا ،ئون ئائىلىدىن توققۇزى بالىلىرىنى مەكتەپكە بىرىشىنى خالىمايدۇ .بۇ ھەرگىزمۇ قارىسىغا چىقىرىلغان يەكۈن ئەمەس ، بەلكى ئەمەلىي تەكشۈرۈشۈمنىڭ نەتىجىسى .ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئوقۇتۇش مەقسىتى مۈجمەل بولغانلىقى ئۈچۈن ،بالىلىرىنىڭ ئوقۇش مەقسىتىمۇ ئېنىق ئەمەس. يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى، پىراكتىكانىت ئوقۇغۇچىلىرىم ۋە يېزىدىكى ئۇرۇق -تۇغقانلارنىڭ بالىلىرىدىن ئەھۋال ئىگەللىشىمچە ،7-سىنىپقىچىمۇ ساۋاتى چىقمىغان بالىلار، ھەتتا بىكارغا بىرىلگەن كىتابنى رەسىمگە قىزىقىپ بولسىمۇ ئېزىپ -تېزىپ بىرەر قېتىم ۋاراقلاپ باقمىغان ئوقۇغۇچىلار كۆپ ئىكەن .نۇرغۇن كىتابلار يېڭى پېتى ئوچاققا تۇتۇرۇق بولىدىكەن .ئالدىنقى يىلى مەن ئوقۇتقۇچىلارغا دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن ،مەلۇم ناھىيىنىڭ يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپىگە باردىم . بۇ ناھىيىنىڭ نوقتىلىق مەكتىپى بولۇپ ،مەكتەپنىڭ مۇھىتى گۈزەل ،پاكىز ،سىنىپلىرى يېڭى ،سەرەمجانلىرى تولۇق، مۇئەللىملىرى چىقىشقاق ئىكەن .شۇڭا تېزلا ئىچەكىشىپ كەتتۇق .تەنەپپۇس ۋاقتى ئىدى .سىنىپ مۇھىتىغا كۆز يۈگۈرتېۋىتىپ ،تۇيۇقسىز بۇلۇڭدىكى پارتىغا تاشلاپ قويۇلغان بىر دۆۋە قەغەزگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى .كۆرۈپ چىقتىم .بۇلار ئەسلىدە بالىلارنىڭ مەۋسۇملۇق ئىمتىھان قەغىزى بولۇپ ،سوئاللار ئاساسەن ئاق تاپشۇرۇلغان ئىدى .خەنزۇچە دەرىسنىڭ ئىمتىھان قەغەزىدىن 17پارچە بارئىكەن ؛تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم ؛ئەڭ يۇقىرىسى 22نومۇر ،ئەڭ تۆۋىنى 2نومۇر ئاپتۇ،لاياقەتلىك بولغىنىدىن بىرىمۇ يوق ئىكەن. باشقا ئىمتىھان نەتىجىسىمۇ ئاساسەن ئوخشاش ئىكەن.ئىچىم ئاچچىق بولۇپ ئوقۇتقۇچىلاردىن سورىدىم، ئۇلار ھېچ ئىش بولمىغاندەك قىياپەتتە سەۋەبىنى چۈشەندۇردى: ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ، بالىلار ئاساسەن دەرسكەقىزىقمايدىكەن. ئىككى سائەتلىك ئىمتىھاندا ئولتۇرغۇزۇشمۇ بىر گەپ ئىكەن ، بىرى چىقىپ كەتسە ، قالغانلىرىمۇ يازسۇن -يازمىسۇن قەغەز تاپشۇرۇشقا ئالدىرايدىكەن. نەتىجىنىڭ قانداق بولۇشى بىلەن كارى يوق ئىكەن .ئاتا -ئانىلارمۇ مۇئەللىملەرنى ئۆچ كۆرىدىكەن. كۆپ سانلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ ئارزۇسى بىر ئاماللار قىلىپ بالىلىرىنى مەكتەپتىن چىقىرىۋېلىش ئىكەن.ھازىر بۇ مۇمكىن بولمىغاچقا .مۇئەللىم بىلەن "مۈشۈك بىلەن چاشقان"نىڭ ئويۇنىنى ئوينىغاچ ،9يىلنىڭ تىزراق توشۇشىنى كۈتۈشكە مەجبۇر بولۇۋېتىپتۇ .بالىلىرى مەكتەپتىن ئاجرىسا ، تۈرمىدىن ئازات قىلىنغاندەك خوش بولىدىكەن .ئاتا-ئانىلارنىڭ ھالى شۇ بولغاچقا ، بالىلار ئوقۇشنىڭ قەدرىگە يەتمەيدىكەن .بالىلار ئوقۇشنىڭ قەدرىگە يەتمىگەچكە ، "سېۋەتكە سۇ ئۇسۇپ "زېرىككەن مۇئەللىملەرمۇ "سۇنىڭ ئېقىشى ،تۈكنىڭ يېتىشى"بويىچە ئىش تۇتۇپ ،ئۆزىنى ئارتۇقچە ئۇپرىتىپ يۈرمەيدىكەن.ئىچكىرىلەپ ئىگىلىسەم ،بۇ چوڭ ناھىيىدىكى شۇنچە جاپادا ئوقۇتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرىغا چىقىش نىسبىتى ئاران 18%بولۇپ ،82%ئوقۇغۇچى ئائىلىسىگە قايتىدىكەن .بۇ شۇ ناھىيىدىن 1000نەپەر ئوقۇغۇچى تولۇقسىزنى پۈتتۈرسە ، بۇنىڭدىن ئاران 4سىنىپلىق ئوقۇغۇچى تولۇققا چىقتى دېگەن گەپ .بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن يېرىمىدىن كۆپرەكى ئالى مەكتەپكە ئۆتتى دەپ پەرەز قىلساق ،مائارىپ تەربىيسى ئالغان ھەر 10ئادەمدىن ئاران بىرى ئالىي مەلۇماتلىق بولدى ،دېگەن يەكۈننى چىقارغىلى بولىدۇ .شۇ بويىچە ئالغاندا ھۆكۈمەتنىڭ ئىرادە ۋە ئەقىدىسى ،نەچچە مىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەجرىنى نېمە بىلەن ئۆلچىگۈلۈك ؟! بىزدە :"چۈچىنىڭ شۇملۇقىدىن توخۇنىڭ ئەمچىكى يوق " دەيدىغان بىر تەمسىل بار .تارىخقا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرساقمۇ ،ھازىرمۇ ئىلىمنى ، ئىلىملىكلەرنى كۆزگە ئىلمىغانلىقىمىز تۈپەپلىدىن تارتقان ۋە تارتىۋاتقان ھەرەجلىرىمىز ئاز ئەمەس .مەن دۇنيا ئاللىبۇرۇن ئۇچۇر ۋە بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىگە كىرىپ بولغان ، ئىلىمنىڭ ،پەن -تېخنىكىنىڭ بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىلىك رولى ئەڭ يۇقىرى چەكتە گەۋدىلىنىپ ،ھەرساھە ئىشلاردا ھەل قىلغۇچ رول ئويناۋاتقان ئالاھىدە تارىخى شارائىتتا ياشاۋاتقان ،موتسىكلىت مىنىپ ،ماشىنا ھەيدەيدىغان ،ھەر كۈنى تېلىۋىزۇر كۆرۈپ، رادىئو ئاڭلاپ ،زامان يىڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇۋاتقان ھەر يىلى ئۈزۈلدۈرمەي ئېلىپ بېرىلىدىغان پەن-تېخنىكا پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ يەنىلا كونا تەپەككۈر ئادەتلىرىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالماي ،ئۆزىگىمۇ ،ئەۋلادلىرىغىمۇ جاپا سېلىۋاتقان جاھىل مىجەزىدىن قول ئۈزۈلمەيۋاتقان تەرسا ھالىنى ھەر قانچە قىلىپمۇ كاللامغا سىغدۇرالمايمەن .بەلكىم بەزىلەر بۇ تەرەپتىكى ئىشلارنى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقىغا تاقاپ ئاقلاشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن ،دەرۋەقە ، يېزىلاردا نامرات ئائىلىلەر بار ،لېكىن بالىلىرىنىڭ ئوقۇشىنىڭ ئادەتتىكى ئائىلىلەر تۈگۈل نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىغىمۇ دېگەندەك چوڭ تەسىركۆرسەتمەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس.سەۋەبى : ھازىر يېزا مائارىپى ھەق ئېلىش تىپىدىكى ئەمەس، پاراۋانلىق تىپىدىكى ،بېرىش تىپىدىكى مائارىپ بولۇپ ،ئوقۇش،كىتاب،ياتاق،تاماق ھەقسىز ،بالىلاردىن كېتىدىغىنى پەقەت ۋاقىت بىلەن تىرىشچانلىق خالاس !

مەن تەربىيلىنىشكە مۇناسىۋەتلىك مۇشۇ نوقتىدا بارلىق باھانە -سەۋەبلەرنى ئۈزۈل -كېسىل رەت قىلىش تەرەپدارى .ئەمەلىيەتتە ،ئەقلىمىز ۋە ۋىجدانىمىز بىلەن گەپ قىلىدىغان بولساق، ھازىرقى يۈزلىنىشلەردىن قارىغاندا ،پەقەت مائارىپلا بىردىن -بىر نىجاتلىق يولىمىز بولۇپ ،مائارىپ شارائىتى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقان ،مۇشۇ دەۋردە باھانە كۆرسىتىپ ، ئۆزىمىزنىڭ بولۇمسىزلىقىنى ئاقلىماي ،كۆز ئالدىمىزدىكى كىچىككىنەمەنپەئەتتىن ۋاز كېچىپ ، ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ بايلىقىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ ،بالىلىرىمىزنى ياخشى ئوقۇتساق ،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئېتىكىگە يېپىشساق ،ئۇلارنى قەدىرلىسەك ،ئەجرىنى ھۆرمەتلىسەك ،ئېنىقكى ،رىقابەت كۈنسىرى كەسكىنلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىمۇ ،كەلگۈسىدىمۇ مۇستەھكەم پۇت تىرەش نوقتىسىغا ئېرىشەلەيمىز .

مۇشۇ چاغقىچە مىللى مائارىپ سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىكىنى ھە دېگەندە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا باغلاپ ،ئۇلارنىلا "دۇمبالاپ " ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ ئوقۇتۇش -تەلىم -تەربىيە ئىشلىرىدىكى رولىغا سەل قاراپ كەلدۇق .بىر نەرسە يوقاپ كەتسە ، ئوغرى بىلەن كارى يوق ،نەرسە ئىگىسىدىن جەرىمانە ئالغاندەك ،مائارىپ نەتىجىسى كۆرۈلمىسە ،ئوقۇش ئوبىيكتى ۋە ئۇنىڭ ھامىيسىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلمەي، ئەيىب مۇئەللىمگىلا ئارتىلىپ كەلدى .ئۇزۇن يىللىق ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى ئېتراپ قىلىمەنكى ،ئوقۇغۇچى ئېلىشنى خالىمىسا ،تىرىشچانلىقى جاۋابسىز قېلىۋەرسە ،مۇئەللىممۇ بېرىشتە پىخسىق بولۇپ قالىدۇ.ئەگەر بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئوقۇش مەقسىتىنى توغرىلاپ ،ياخشى ئوقۇشنى نىيەت قىلسا ،ئۇ تەبىئىي يوسۇندا ئوقۇتقۇچىنى ئالدىرىتىپ قويىدۇ.بىزنىڭ ھازىرقى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئالىي مائارىپ تەربىيىسى ئېلىپ ،كەسىپتە لاياقەتلىك بولغان كىشىلەر بولۇپ،ئوقۇغۇچىلار ئېلىشنى خالىسىلا ،كۆپ قىسىم ئوقۇتقۇچىلار كۆزلىگەننى بېرەلەيدۇ.

قىسقىسى ،ئىلىم -پەن ،مائارىپ بىزنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولىمىز ،رېئاللىققا دادىل يۈزلىنىپ ،بارلىق باھانە -سەۋەبلەرنى قەتئىي رەت قىلىپ ،مائارىپ بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ،بالىلارنى ياخشى ئوقۇتۇش -ھەر بىرىمىزنىڭ ئۈسىتىدىكى قەرز . بىلىش كېرەككى ، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ دۇنياغا تونۇلغان مەشھۇر ئالىم بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى -شۇ دەۋردىكى ئىلىم روھىنىڭ ھەرقايسى قاتلام ئاھالىلىرى قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشى ،جۈملىدىن مەھمۇد كاشغەرىي ئائىلىسىدە كونكېرتلىشىشىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ئەگەر بۈۋى رابىيە مەھمۇد كاشغەرىينى كىچىكىدىن باشلاپ سېستىمىلىق تەربىيلىمىگەن بولسا ، ئۇ بەلكىم ئالىم ئەمەس ،زالىم بولۇشى ،ئۇ چاغدا "تۈركىي تىللار دىۋانى "مۇ يېزىلماي، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى غول تۈۋرۈكىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى .


2 . دۆلەتنىڭ ،خەلقنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئەلگە خىزمەت قىلىشنى قەرز دەپ بىلىش روھى

بىلىم ئىگىلەشتىكى مەقسەت- قىيىننى ئاسان قىلىش ،ئىنساننىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ئازابلىرىنى ئازايتىش ،ئىنسانغا باراۋەر ،بەخىتلىك ياشاش پۈرسىتى يارىتىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىلىم ئىگىلەش جان بېقىشنى چەتكە قاقمايدۇ، لېكىن ئۇنى بىردىنبىر مەقسەت قىلىۋېلىشنى قوللىمايدۇ. بىلىملىك كىشىلەرنىڭ مۇھىم بىر پەزىلىتى -دۆلەتكە ،خانغا ،ئەلگە بەجاندىل خىزمەت قىلىش بولۇپ ،ئۇلار مۇشۇ جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئادەتتىكى ئاۋامدىن پەرقلىنىدۇ .

مەھمۇد كاشغەرىي ئۆز دەۋرىنىڭ ئالدىنىقى قاتارىدىكى دانىشمەنلىرىدىن بولۇش سۈپىتى بىلەن ،ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئەتىدىن كۆرە دۆلەتنىڭ ،خەلقنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە بۇ يولدا جاپالىق ئىزدىنىدۇ.بۇ قارىشىمىزنى "تۈركىي تىللار دىۋانى"نىڭ يېزىلىش مەقسىتى ،جۈملىدىن ھازىرقى زاماندا بىرەر ئاكادېمىيىنىڭ زور قوشۇنىمۇ مۇستەقىل ئۈستىگە ئېلىشقا يۈرەك توختىتالمايدىغان چوڭ بىر تېما (تۈر) نى ئۈزى يالغۈر تاماملىغانلىقىدەك بۈيۈك ئەمەلىيىتى پاكىتلىق ئىسپاتلاشقا يېتىپ ئاشىدۇ .

ئالىم "دېۋان" نىڭ يېزىلىش مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ ،مۇنداق دەيدۇ: " مەن تەڭرىنىڭ دۆلەت قۇياشىنى تۈركلەرنىڭ بۇرجىدا تۇرغۇزغانلىقىنى ۋە پەلەكنىڭمۇ شۇلارنىڭ زېمىنى ئۈستىدە چۆرگىلىگەنلىكىنى كۆردۈم...دەۋرنىڭ خاقانلىرىنى تۈركلەردىن قىلىپ ،زامان ئەھلىنىڭ ئىختىيار تىزگىنىنى شۇلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى...تۈركلەرنىڭ ئوقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يولىنى مەھكەم تۇتۇش ،ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىگە لايىق ۋە مۇناسىپ ئىش بولۇپ قالدى، ئۆز دەردىنى ئېيتىش ۋە تۈركلەرگە يېقىش ئۈچۈن، ئۇلارغا تۈرك تىلىدا سۆزلىشىشتىن ياخشىراق يول يوق ئىدى...("دىۋان،1-توم،2-بەت.)

بۇ شۇنداقلا دەپ قويغان گەپ بولماستىن ،بەلكى ئەينى دەۋرنىڭ ،جۈملىدىن سەلچۇق تۈركلىرىنىڭ ھامىيلىقىدىكى ئەرەب خەلىپىلىكى زېمىنىدا ياشاۋاتقان كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ جىددىي تەلىپىنىڭ يىغىنچاق بايان قىلىنىشى بولۇپ ، ئۇنى تۆۋەندىكى ئەسلەتمىلەر ئارقىلىق تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈش مومكىن :"ئەرەب -ئىسلام ئىمپىرىيىسى زەئىپلىشىشكە يۈزلەنگەندە، كېىنكى خەلىپىلەر جەڭگىۋار مىللەتلەرگە تايىنىپ ،ئۆز سەلتەنەتلىرىنى ساقلاپ، ئىمپىرىيىنىڭ داغدۇغىسىنى ساقلاپ قالماقچى بولدى .خەلىپىلىك دەسلەپتە خۇراسانلىقلاردىن ،كېيىنچە مەرۋىيلىكلەردىن (تۈركىي خەلقلەردىن)ئۆزىگە قوشۇن تەشكىل قىلدى.شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوغۇز تۈركمەنلىرى ئىراق، شام ،تەرەپلىرىگە، كىچىك ئاسىياغا كۆپلەپ كۆچتى.شۇنىڭ بىلەن ئەرەب -ئىسلام ئىمپېرىيىسىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئاھالىنىڭ ئېتنىك تەركىبىمۇ ئۆزگىرىشكە باشلىدى .ئىمپىرىيىنىڭ غەربىي قىسمىدا ئوغۇز تۈركمەنلىرى قۇرغان سەلچۇقلار خانلىقى ئىمپېرىيىنىڭ سىياسىي ھاياتىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى ،بارا-بارا ئەرەب خەلىپىلىكىنىڭ دىۋان ۋەزىرلىرى ۋە ئەمىر-سەركەردىلىرى ئوغۇز تۈركمەنلىرىدىن بولۇپ ، خەلىپىنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقى شۇلارغا ئۆتتى. خەلىپە بولسا دىنىي جەھەتتىكى داھىيلىق ئورنىنىلا ساقلاپ قالدى ...ئىمپېرىيىنىڭ غەرپتىكى ئىقتىسادى ئالاقىسى سەلچۇقلار ئارقىلىق ،شەرقتىكى سودا مۇناسىۋىتى قاراخانىيلار ئارقىلىق بولاتتى... غەربىي ئاسىيادا سەلچۇقلاردىن ئالىپ ئارسلاننىڭ ھەم ئۇنىڭ ئوغلى مەلىكشاھنىڭمۇ باش ۋەزىرى بولغان نىزامۇل مۇللىك ئالىملارنى ۋە ئەدىبلەرنى قەدىرلەيدىغان مەرىپەتپەرۋەر زات بولۇپ ،ئۇنىڭ ئەتراپىغا نۇرغۇن ئالىملار ،ئەدىبلەر ۋە ھۈنەرۋەن -ئۇستىكارلار توپلانغانىدى .سەلچۇقلار خانلىقىنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىغا پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ قوماندانلىق قىلغۇچى تۈركان خاتۇن (قاراخانىيلار جەمەتىدىن بولۇپ ،سۇلتان مەلىكشاھنىڭ ئايالى) مۇناسىۋىتى بىلەن قەشقەر ، بالاساغۇن ۋە شۇنىڭدەك تۈرك يۇرتلىرىدىن باغدادقا نۇرغۇن ئۇيغۇر -قارلۇق زىيالىلىرى بارغانىدى ...ئاشۇنداق سىياسىي ئېھتىياج ،ئىقتىسادى شارائىت ۋە مەدەنىي مۇھىت ئەرەب ھۆكۈمران دائىرىلىرىنىمۇ ،سىياسەت، مەدەنىيەت ،ئەربابلىرىمۇ ،ھەتتا ئاھالىنىڭ بەزى قاتلاملىرىنىمۇ تۈركىي تىلنى ئۈگىنىشكە ھاجەتمەن قىلدى ."("دىۋان"،1-توم،10-بەت).

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى ،"تۈركىي تىللار دىۋانى "يېزىلىشى دۆلەت تەرەققىياتى ۋە خەلق ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ رېئاللىشىشى ئەرەب مەدەنيىتى بىلەن تۈركىي تىللىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئۇچرىشىشى ،سىڭىشىشى ۋە ماس قەدەملىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ،شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ مىللىي ئىپتىخارلىق ھېسسياتىنى ئۇرغۇتۇشتا زور رول ئوينىغان .مەھمۇد كاشغەرىينىڭ نەزىرىنى رېئال مەسىلىلەرگە قارىتىش، دۆلەتنىڭ، خەلقنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش ،چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتىشكە تەۋەككۈل قىلىش روھى-ماھىيەتتەھەقىقىي ئىلىم ئەھلى ھازىرلاشقا تېگىشلىك زۆرۈر پەزىلەتلەر بولۇپ ، بىزنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئۆرنەك قىلىشىمىزنى جىددى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنى رېئاللاشتۇرۇش ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ ،ئوبرازىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرىدۇ.


3 . تەتقىقاتتا تەييارغا ئەمەس ،ئېچىلمىغان بوزلارغا يۈرۈش قىلىش ،ئۆزى بىۋاستە تەكشۈرش ۋە قول سېلىپ ئىشلەش روھى


تەتقىقات تېگى تەكتىدىن ئالغاندا ،ئىختىرا قىلىش ، يىڭىلىق يارىتىش دېمەكتۇر .بۇ نوقتىدا ئۇ ئۆزگىلەرنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ تەييارغا ھەييار بولۇشنى ،قىيمىچىلىق قىلىپ توم-توم كىتابلارنىڭ ئاپتورى بولۇۋېلىشنى ،ھەتتا كۆچۈرمىكەشلىك قىلىپ ،ئاۋامنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنۇشنى قەتئىي رەت قىلىدۇ.

مەھمۇد كاشغەريى ئىنسىكلوپېدىك ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ نوقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ,بىزنى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشىڭ مۇنداق ئۆرنەكلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ ،ساختا ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ تەستىكىگە كېلىشتۈرۈپ بىر كاچات سالىدۇ :
1) تېما تۇرغۇزۇشتا يېڭى، ئەھمىيەتلىك بولۇش؛
2) چوڭ تېمىلارغا يۈرۈش قىلىش، ھەر بىر كىچىك ھالقىلارنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق ؛
3) جاپادىن قورقماي ،ئىنچىكە ،ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ،ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەش ، پەرەزنى ئەمەس ،بىرىنچى قول ماتېرىيالنى ئاساس قىلىش ؛
4)پايدىلىنىش قىممىتىنى ۋە قۇلاي بولۇشنى چىقىش قىلىش ؛
5)قايتا -قايتا ئۆزگەرتىش ،مۈجمەللىكلەرتولۇق ئايدىڭلىشىپ ، مەقسەت ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقمىغۇچە بولدى قىلماسلىق ...

بۇ يەكۈنىمىزنى تۆۋەندىكى بايانلار پاكىتلىق ئىسپاتلايدۇ :
"...ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن -ئاياغ كېزىپ چىقتىم ،تۈرك ،تۈركمەن،ئوغۇز، چىگىل ،ياغما، قىرغىزلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە قاپىيىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ ،ئۇلاردىن پايدىلاندىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ تىلى مېنىڭ دىلىمغا ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتى ،مەن ئۇلارنى پۇختا رەتلەپ ،ئوبدان تەرتىپكە سېلىپ چىقتىم ... مەن بۇ كىتابنى ھېكمەتلىك سۆزلەر ،ساجئەلەر(قاپىيىلىك نەسىر)،ماقال -تەمسىللەر،بېيىت -قوشاقلار ،رەجەزلەر ۋە نەسىرىي پارچىلار بىلەن بىزەپ ،مەخسۇس ئېلىپبە تەرتىپىدە تۈزۈپ چىقتىم . ئۆگەنگۈچى ۋە قىزىققۇچىلارنىڭ كېرەكلىك سۆزلەرنى ئاسان تېپىشى ئۈچۈن ، بىر نەچچە يىل مۇشەققەت چېكىپ ، سۆزلەرنى جاي -جايىغا قويدۇم .تۇتۇقلىرىنى ئاچتىم ،چىگىچلىرىنى يەشتىم .ئاخىرى بۇ لوغەت كىتابنى تۆۋەندىكى سەككىز بۆلۈمگە يىغىنچاقلىدىم... مەن ئىشنى يېنىكلىتىش ۋە كىتابنى ئىخچام قىلىش ئۈچۈن ، بۇ ئەسەرنى مەندىن بۇرۇن ھېچكىم ئىشلەتمىگەن ۋە ھېچكىمگە مەلۇم بولمىغان ئالاھىدە بىر تەرتىپتە تۈزۈپ چىقتىم ... بىرمۇنچە قائىدىلەرنى تۈزۈپ ،يېڭى -يېڭى ئۆلچەملەرنى قويدۇم. ھەر بىر قەبىلىنىڭ تىلىدىن سۆز ياساشقا ئاساس بولىدىغان تۈپ سۆزلەرنى ئالدىم. چۈنكى سۆزنىڭ قىسقىسى ياخشى ،ئىلگىرىلەشنى خالىغانلارغا توغرا نىشان كۆرسىتىپ ،كەڭ يول ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم ...شۇنداق قىلىپ ، بۇ كىتاب يېڭىلىقلار بېرىشتە قىيامىغا ،قىممەت ۋە گۈزەللىكتەپايانىغا يەتتى " ("دىۋان" 1-توم.2-8-بەتلەر).
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى ،مەھمۇد كاشىغەرىي بۇ بۈيۈك ئەمگىكىنى روياپقا چىقىرىشتا ئەڭ سەمىمى ھېسسياتى بىلەن بارلىق ئامىللاردىن تولۇق پايدىلىنىشقا تىرىشقان بولۇپ ،بۇلار ئىچىدە مەقسەتلىك ،بىۋاستە ،ئىنچىكە تەكشۈرۈش ۋە قول سېلىپ ئىشلەش روھى بىزنى تەسىرلەندۈرمەي قالمايدۇ. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە سېتىۋالغان ماقالىلىرى بىلەن ئۈنۋانىنى ئۆستۈرۈپ ،گىدىيىپ يۈرۈۋاتقان كۈرمىڭلىغان زىيالىلىرىمىزنىڭ ۋىجدانىغا سوئال قويۇپ ،ئۇلارنى بۇنداق ئىپلاسلىقلاردىن قول ئۈزۈپ "ئۆزىنى خار قىلغۇچە كۈچىنى خار قىلىش"يولىنى تۇتۇپ بېقىشقا ئۈندەيدۇ.


4 . ئۆزىگە ئىشىنىش ،ئۆزىگە توغرا باھا بېرىش ، ئۇلۇغۋار مەقسەتلەر ئۈچۈن ،بىر ئۆمۈر تىرىشچانلىق كۆرسىتىش روھى

ئىشەنچ -غەلبىنىڭ ئاساسىي ،ئۆزىگە ئىشەنگەن ئادەم ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ،مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىستەيدۇ ،شۇنداقلا "مۇكەممەللىك"نى كۈچ قىلىپ "سېمىز ئات"ئات بىلەن ئۇلۇغۋار مەقسەتلەر سەپىرىگە ئاتلىنالايدۇ .
مەھمۇد كاشىغەرىىينىڭ ھايات ۋە ئىجاد ئىزلىرىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرغىنىمىزدا ،ئالىمنىڭ ئۆزى ۋە مېھنىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھەم ئۆزىدىن ئوچۇق -ئاشكارا پەخىرلىنىشتەك ئۆزگىچە "مىجەزى"بىلەن ئۇچرىشىپ ،ھەيران قالىمىز ،ھەتتا سەل بىئارام بولىمىز .قاراڭ : "شۇڭا مەن تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن ، پىكرىنى ئەڭ روشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن ، ئەڭ زېرەكلىرىدىن ،ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگە مەنسۇپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن بولۇپ تۇرۇقلۇق...ئىشلىتىلمەيدىغانلىرىنى تاشلىدىم. مېنىڭ تۇتقان بۇ يولۇم تېخىمۇ توغرا ...بۇ ئەسەرنى مەندىن بۇرۇن ھېچكىم ئىشلەتمىگەن ۋە ھېچكىمگە مەلۇم بولمىغان ئالاھىدە بىر تەرتىپتە تۈزۈپ چىقتىم ...شۇنداق قىلىپ بۇ كىتاب يېڭىلىقلار بېرىشتە قىيامىغا ،قىممەت ۋە گۈزەللىكتە پايانىغا يەتتى... "("دىۋان"،1-توم 2-6-7-8-بەتلەر).
ئادىتىمىز بويىچە بولغاندا ،گەرچە مەھمۇد كاشغەرىي "دىۋان"دەك مەشھۇر ئەسەرنى يازغان بولسىمۇ ،يەنىلا كەمتەر بولۇشى ،"ۋاقىت قىس ،سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا ،كىتابتا بەزىبىرسەۋەنلىكلەرنىڭ كۆرۈلۈشى تەبىئى ، كەسىپداشلارنىڭ تەنقىدىي پىكىر بىرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن ... "دېگەندەك مودا گەپلەرنى قىلىشى لازىم ئىدى ،لېكىن ئۇ ئۇنداق قىلمىدى . "ئەڭ "دېگەن سۆزنى بىرنەچچە يەردە تەكرارلاپ ، "ئۆزىنى جاھاندا بىر "قىلىپ كۆرسەتتى ... بۇ بىر ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشىلىك مەسىلە ،مېنىڭچە ،مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قىلغىنى توغرا بولۇپ، ئادەم ئاۋال ئۆزىگە توغرا باھا بېرەلىشى،ئۆزىنىڭ قانداق ئىشلارنى قىلىشقا ماس كېلىدىغانلىقىنى ۋە قانداق ئىشلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلالايدىغانلىقىنى بىلەلىشى كېرەك. "دىۋان"تەمنىلىگەن ئۇچۇرلادىن مەلۇمكى ،مەھمۇد كاشغەرىي كىچىكىدىن باشلاپ قەلەمدىمۇ ،ئەلەمدىمۇ پۇختاتەربىيە ئالغان بولۇپ ،ئۆزىنى ھەرجەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرۈش يولىدا تىنىمسىز ئىزدىنىپ، ھەممىدە يۇقىرى پەللە ياراتقان. باشقىسىنى قويۇپ ،ئۇنىڭ بىر كىتابى ئۈچۈن 15يىل يۇرت كېزىپ تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى ، ئۆزتىلىنى ئۈجۈر -بۈجۈرلىرىغىچە پۇختا بىلگەندىن سىرت ،ئۆزگە تىلدا ئەسەر يازالىغۇدەك سەۋىيە ياراتقانلىقى ،كىتابتا ھەر بىر ھالقىنى ئېرىنمەي ئۇلاپ ،چىگىت چاقماس مۇستەھكەم گەۋدىگە ئايلاندۇرۋەتكەنلىكى ،يىڭى قائىدىلەرنى چىقىرىپ ، قاراشلىرىنىڭ نەزەرىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىدەك پولاتتەك پاكىتلاردىنلا ھۆكۈم چىقىرىش مۇمكىنكى ،ئالىمنىڭ ئۆزىگە ئىشىنى ئاساسسىز ئەمەس .ئۇ ئەسەرنى يېزىشتا ئىنچىكە بولۇپ ،گۇمانغا يول قويمىغان، ھەممىنى بىر-بىرلەپ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ،قىلچىلىك يوچۇق قالدۇرمىغان . بۇنداق ئەھۋالدا "كەسىپداشلارنىڭ قىممەتلىك تەنقىدلەرنى بېرىشىنى "كۈتۈشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى ؟!
مېنىڭچە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش ، ئۆزىگە توغرا باھا بېرىش روھى ئۇنىڭ ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنىڭ مەنىۋى ھەركەتلەندۇرگۈچ كۈچى بولۇپ، ئۇ ئالىمنى ئىلىم ئىشىدا ھەر ۋاقىت ھوشيار ،سەمىمىي ،ئىنچىكە ،ئەستايىدىل بولۇشقا ئۈندەپ ، ئۇلۇغۋار مەقسەتلەر ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلىش ،تىرىشىش ئىرادىسىنى يېتلىدۈرگەن ،جاپا -مۇشەققەتلەردىن غالىب كېلىش ئىشەنچىسىگە ئۈزلۈكسىز ئېنىرگىيە تولۇقلىغان .
ئومۇملاشتۇرغاندا ،مەھمۇد كاشغەرىي بىزگە"تۈركىي تىللار دىۋانى"نىلا ئەمەس ،يەنە ،قىممەتلىك ئىلىم روھىنىمۇ قالدۇرۇپ كەتتى ، ئۇنىڭ ھايات ۋە ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدە يەكۈنلىگەن : ئىلىم ئىگىلەش ۋە ئۇنى ئەلگە تارىتىشنى ھاياتلىق بۇرچى دەپ قاراپ ،تىنىمسىز ،شەخسىيەتسىز ئىزدىنىش روھى ؛دۆلەتنىڭ ،خەلقنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئەلگە خىزمەت قىلىشنى قەرز دەپ بىلىش روھى؛ تەتقىقاتتا تەييارغا ھەييار ئەمەس ،ئېچىلمىغان بوزلارغا يۈرۈش قىلىش ،ئۆزى بىۋاستە تەكشۈرۈش ۋە قول سېلىپ ئىشلەش روھى، شۇنداقلا ،ئۆزىگە ئىشىنىش ،ئۆزىگە توغرا باھا بېرىش ، ئۇلۇغۋار مەقسەتلەر ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تىرىشچانلىق كۆرسىتىش روھى بىزنىڭ ئۈگىنىشىمىزگە ، ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ .ئەگەر بىز ئىجتىمائى ۋە ئىلمىي ھاياتىمىزدا ، تەتقىقاتىمىزدا ئۇنىڭ مەنە قاتلىمىنى ئەقلىي چۈشىنىپ ،ئەسلى روھىنى شەكسىز ئەمەلىيلەشتۈرىغانلا بولساق ،تۈرلۈك ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىن ئەنسىرىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ .سەۋەبى، بىزنىڭ تەقدىرىمىز ، ئادىمىيلىكىمىز تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا ، تەلىم -تەربىيە ۋە ئىختىراغا باغلىق !


(ئاپتور خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى تىل -ئەدەبىيات فاكولتىتىدا)

(مەنبە : بۇلاق ژورنىلىنىڭ 2008-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى)
torgha teyyarlighuchi: tewhide
menbe:
http://asrim.cn/ShowPost.asp?ThreadID=930
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


没有评论:

发表评论