2008年12月21日星期日

مەھمۇد كاشغەرىي دەپ ئاتاش زۆرۈر


Prof.Dr.Abduraop Teklimakani bilen Dr.Haji Kutluk Kadeeri Turkiye Yawro-Asiya Yazghuchilar Birliki jornilining ziyaritide.

جاھانغا مەشھۇر قامۇس «تۈركىي تىللار دىۋانى» دۇنيا مەدەنىيەت سورۇنىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىنى يورۇق، يۈرىكىنى توق ۋە ئىقبالىنى ئوچۇق قىلىپ كېلىۋاتقان ئەڭگۈشتەر ئەسەر. ئۇنى ياخشى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭغا ئوبدان ۋارىسلىق قىلىش ھازىرقى زامان «دىۋان»شۇناسلىرىنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل پۇقرا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ مۇقەددەس بۇرچى. ھالبۇكى، «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئالدى بىلەن بۇ شاھ ئەسەرنىڭ نامىنى توغرا، ئاپتورىنىڭ ئىسمىنى ئەينەن ئاتاشنى ئىشنىڭ بىسمىللاھسى قىلىدۇ، ئەلۋەتتە





مۇبارەك نام «مەھمۇد كاشغەرىي»نى

ئەينەن ئاتاش زۆرۈر




ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي



جاھانغا مەشھۇر قامۇس «تۈركىي تىللار دىۋانى» دۇنيا مەدەنىيەت سورۇنىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىنى يورۇق، يۈرىكىنى توق ۋە ئىقبالىنى ئوچۇق قىلىپ كېلىۋاتقان ئەڭگۈشتەر ئەسەر. ئۇنى ياخشى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭغا ئوبدان ۋارىسلىق قىلىش ھازىرقى زامان «دىۋان»شۇناسلىرىنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل پۇقرا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ مۇقەددەس بۇرچى. ھالبۇكى، «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئالدى بىلەن بۇ شاھ ئەسەرنىڭ نامىنى توغرا، ئاپتورىنىڭ ئىسمىنى ئەينەن ئاتاشنى ئىشنىڭ بىسمىللاھسى قىلىدۇ، ئەلۋەتتە.
كۆزىتىشىمچە، مەزكۇر ئەسەرنىڭ نامى بەزەن ھاللاردا «دىۋانى لۇغەتتىن تۈرك»(قاراڭ: «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى 1994-يىللىق 12-سان، 50-51-بەتلەر)، يەنە بەزەن ھاللاردا بولسا، «دىۋانى لۇغەتىت تۈرك» ۋە «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»قىلىپ خاتا يېزىلىۋاتقان ۋە ئېيتىلىۋاتقاندىن باشقا، ئەسەر ئاپتورىنىڭ ئىسمى كۆپرەك «مەھمۇت قەشقىرىي»، «مەھمۇت قەشقەرى» ۋە «مەخمۇت قەشقىرى» دەپ ئۈچ خىل ئاتىلىۋاتىدۇ ۋە شۇنداق يېزىلىۋاتىدۇ.
مەلۇمكى، «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئۆز زامانىسىدا ئاپتور تەرىپىدىن قويۇلغان ماۋزۇسى «كاتتا لۇغەت، قامۇس» مەنىسىدىكى «دىۋان»، «تىللار» مەنىسىدىكى «لۇغات»(‹ئا› ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇش) ۋە «تۈركىيلەر، تۈركىي خەلقلەر» مەنىسىدىكى «تۈرك» سۆزلىرىدىن تۈزۈلگەن ئەرەبچە ئىزافەتلىك بىرىكمە بولۇپ، ئۇنىڭ توغرا تەلەپپۇزلۇق ئاتىلىشى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ھېسابلىنىدۇ. چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، مەزكۇر ئىزافەتلىك بىرىكمە تەركىبىدىكى ‹ئا› تاۋۇشلىرى قىسقا سوزۇق تاۋۇش ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇش بولۇپ، ئۇلارنى قائىدە بويىچە ئۇزۇن سوزۇپ تەلەپپۇز قىلىش،
يەنى ‹Diwa:nu Lugha:tit Turk› دېيىش لازىم. ئەگەر مۇنداق ئەينەن تەلەپپۇز قىلالمىساق ياكى يازالمىساق، خاتا يېزىپ، ئېيتىپ كۈلكىگە قالغىچە، سەمىمىيلىك بىلەن، مەزكۇر بىرىكمىنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىدىكى يەشمىسى بولغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» دېگەن ھەم چۈشىنىشلىك ھەم تىلىمىزغا ئەپ كېلىدىغان نامنى قوللانساق بولىدۇ.
ئىلمىيلىك جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئاپتورىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى «مەھمۇت قەشقىرى، مەھمۇت قەشقەرى، مەخمۇت قەشقىرى» دەپ ئاتاشلارنىڭ ھېچقايسىسى توغرا ئەمەس. مېنىڭچە، ئۇنى «مەھمۇد كاشغەرىي» دەپ ئەينەن ئاتاش ۋە ئاشۇ ئەينەن تەلەپپۇزى بويىچە يېزىش لازىم.
مۇنداق دېيىشىمنىڭ زاكونلىرى تۆۋەندىكىچە:
بىرىنجى،«قۇرئان كەرىم»نىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۆزلەشكەن كلاسسىك ئۇيغۇرچە كىشى ئىسمى «مەھمۇد»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر جانلىق تىلىدا، «مەھمۇت، مەخمۇت، ماخمۇت، ما:مۇت» قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى راست. بىراق، «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئاپتورى بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەمەس، بەلكى ئۇ مۇندىن مىڭ يىل بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر. ئۇ ئۇلۇغ بوۋىمىزنىڭ ئۆز دادىسى تەرىپىدىن قۇلىقىغا ئەزان چىللاپ تۇرۇپ قويۇلغان ئىسمى «مەھمۇد» بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى «مەدھىيلەشكە ئەرزىيدىغان، مەدھىيلەنگۈچى» دېگەن بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ بوۋىمىزنىڭ مۇبارەك ئىسمىنى پەقەت ۋە پەقەت «مەھمۇد» دەپ ئاتاشلا، ئەقەللىي ئەخلاق مىزانىغا خاس ئىش قىلغانلىق، شۇنداقلا بۈيۈك ئەجدادلارغا ھۆرمەت قىلغانلىق بولىدۇ. ئەكىسچە بولسا، «خەققە ئات قويۇشۇپ بەرگەنمىدىڭىز؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.
ئىككىنجى، قەدىمىي شەھەر «كاشغەر»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تەلەپپۇزى بويىچە «قەشقەر» قىلىپ يېزىلىۋاتقانلىقىمۇ ئەمەلىيەت. بىراق، «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئاپتورى مەھمۇدنىڭ ئۆزىگە تەخەللۇس قىلغىنى بۈگۈنكى «قەشقەر» ئەمەس، بەلكى ئۆز زامانىسىدىكى «كاشغەر»دۇر. شۇڭا، پەقەت «مەھمۇد كاشغەرىي» دەپ ئاتاشلا مەھمۇد ۋە ئۇنىڭ زامانداشلىرى تەلەپپۇزىدىكى ئەينەن نامغا، يەنى تارىخىي چىنلىققا ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئۇنىڭسىزمۇ، ئۇيغۇر تىلى ئۆزىنىڭ ئەۋرىشىملىكى بىلەن مەشھۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىدا كېكەچلىك ئىللىتى يوق. ئۇيغۇر زىيالىيلىرى «ت، د، ك، ق، غ» تاۋۇشلىرىنى ھەرقانداق جاي ۋە ھەرقانداق چاغدا، ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئەينەن تەلەپپۇز قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە.
ئۈچىنچى، «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئاپتورىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى «مەھمۇد كاشغەرىي» دەپ ئەينەن تەلەپپۇز قىلىپ ئىشلەتسەك، تۈركىي مىللەتلەرگە تەۋە باشقا قېرىنداشلارنىڭ «‹قەشقىرى› دېگەن تەخەللۇس ‹قاسقىر›(بۆرە) دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن» دەيدىغان بىمەنە تەسەۋۋۇرلىرىغا ۋە بىھۇدە تەلپۈنۈشلىرىگە ئىلمىي جاۋاب بەرگەن بولىمىز.
تۆتىنچى، «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئاپتورىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى «مەھمۇد كاشغەرىي» دەپ ئەينەن ئاتاش ياكى ئاتىماسلىق ھەرگىزمۇ قىلسىمۇ بولىدىغان، قىلمىسىمۇ بولىدىغان كىچىك ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاخىرقى ھېسابتا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر تەۋەررۇك ئەسەرگە ھەقىقىي ئىگىدارچىلىق قىلىش ۋە ھەقىقىي ۋارىسلىق قىلىش ياكى قىلالماسلىقىغا بېرىپ تاقىلىدىغان جىددىي ۋە چوڭ ئىش.
ئەمىسە، باشقىلار ئەگەر «يا ئەسەرنىڭ نامىنى دۇرۇس دېيەلمەيسەن، يا ئاپتورىنىڭ ئىسمىنى توغرا ئاتىيالمايسەن، بۇ ھالىڭ بىلەن، ‹تۈركىي تىللار دىۋانى› قانداق قىلىپ سېنىڭ بولىدۇ؟» دېسە، نېمە دەيمىز؟!
شۇنىسى ئېنىقكى، كلاسسىك ناملار زاماننىڭ ئۆزگىرىشىگە، جانلىق تىل ۋە شېۋە تەلەپپۇزىنىڭ غەيرىلىشىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان نەرسە ئەمەس. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ يىل- پەسىللەرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ بارىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكنىڭ ياپرىقىغا ئەمەس، بەلكى ئۇزاق دەۋرلەر شاھىدى ۋە قەدىم ئەسىرلەر يالدامىسى بولالايدىغان تەڭرىتاغنىڭ قورام تېشىغا ئوخشايدۇ. شۇڭا، ھازىرقى دۇنيادا، قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرلا ئەمەس، بەلكى پارسلارمۇ، ئەرەبلەرمۇ «مەھمۇدكاشغەرىي» دەپ ئاتاۋاتىدۇ. ھەتتا، ئىنگلىزلار ۋە باشقا ياۋروپالىقلارمۇ ‹Kashghariy Mahmud› دەپ ئاتاپ-يېزىپ كېلىۋاتىدۇ. مىڭ ئەپسۇس، پەقەت بىز ئۇيغۇرلار ـ مەھمۇدنىڭ بىۋاسىتە ۋە ھەقىقىي ئەۋلادلىرى ئۇنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئەينەن ئاتىيالمايۋاتىمىز! مېنىڭچە، بۇ ياراملىق ئەۋلاد بولۇش سالاھىيىتىمىز ئۈچۈن ئېيىتقاندا، خىجىل بولۇشقا، ئۇيۇلۇشقا، شۇنداقلا جەزمەن تۈگىتىشكە تەقەززا چوڭ نۇقسان تۇيۇلۇشقا تېگىشلىك بىر ئىش!
ئەڭ مۇھىمى، ھەرقانداق تەلەپپۇزغا قادىر، ئەۋرىشىم تىلىمىزنىڭ فونېتىكا سىستېمىسى ئىمكانلا بېرىدىكەن، كلاسسىك ناملارنى جەزمەن ئەينەن تەلەپپۇز قىلىشىمىز ۋە ئاشۇ ئەينەن تەلەپپۇز بويىچە يېزىش(ترانسكرىپسىيە قىلىش)نى تېكىستشۇناسلىق ساھەمىزنىڭ ئىزچىل ۋە مۇقىم پرىنسىپى قىلىشىمىز لازىم. ئەمەلىيەتتە، بۇ پرىنسىپنى تېكىستشۇناسلىرىمىز قوبۇل قىلىپ، شۇ بويىچە ئىش كۆرۈپمۇ كېلىۋاتىدۇ. ئالايلۇق، ھازىرقى يەكەن(قەدىمكى ياركەند) دە ياشاپ، ئىجات قىلىپ ئۆتكەن مەشھۇر كلاسسىك نامايەندە ئۆمەر باقى ياركەندىنى ھېچكىم «ئۆمەر باقى يە:كىنى» دەۋاتقىنى ۋە يېزىۋاتقىنى يوق. ھالبۇكى، نامى –شەرىپى كۈندە نەچچە قېتىم زىكرى قىلىنىپ تۇرىدىغان بۈيۈك «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئاپتورىنىڭ مۇبارەك ئىسمىنىمۇ جەزمەن ئەينەن قىلىپ، «مەھمۇد كاشغەرىي» ئاتىشىمىز ۋە شۇنداق يېزىشىمىز ھەقىقەتەنمۇ زۆرۈردۇر.

(ئىزاھات: بۇ ماقالە «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىنىڭ1996-يىللىق 1-سانىدا، «‹تۈركىي تىللار دىۋانى› ئاپتورىنىڭ ئىسمىنى ئەينەن ئاتاش زۆرۈر» دېگەن ماۋزۇدا ئېلان قىلىنغان)
ئەسەر ئەۋەتكۈچى: yasinjanmemet
(ئابدۇرەئۇپ تەكلىماكانىي ــ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىدا)
مەنبە:
http://www.kashghari.com/uyghur/viewthread.php?tid=205


没有评论:

发表评论