2009年1月2日星期五

م«يىلى مەھمۇد» زامان كەلدى





مەھمۇد يىلىغا ئاتاپ


كەلدى


مۇھەممەد ئابدۇقادىر بارخان


ئايا قۇدرەت كامالىڭدىن نۇرى - نۇسرەت ئىمان كەلدى،
سۇتۇق ئەلباش جىمى تۈركىي سادا «ئويخور» پىغان كەلدى.

«بىلاساكھون» بېغى مەھكەم «تۇران» پۇشتى دىلى تىل بىر،
ئەبۇل مۇقتەد بىئەمرىللا قوبۇل لەۋھە «دىۋان» كەلدى.

تۇرار بىر ئاق ساقال بۇزرۇك ئىگىز كۇرسىدا ھەيۋەتتە،
تىلى يىلتىز - تۇران - تۈركىي پاساھەتلىك زۇۋان كەلدى.

كۆچۈرمەن رەڭ، دۈۋەت راسلاپ تەئىلىق - پەي قەلەملەردىن،
ئەتىر فۇرقى، زىبا خۇلقى، ھۆسىندار مېھرىبان كەلدى.

ئەلف لەبزىڭ مۇقەددە تىل، يارشقاي ياخشىلىق قۇتتىن،
ئوغۇزچە ھەمنەپەس - ھەمدەم جىمى تۈركىي قىيان كەلدى.

سورايدۇ ئەۋلىيا خالىس، پېقىر، شاھقا نەزەر تەڭلىك،
ۋەزىر قابىل، ئاۋام ماھىل جىمى قەۋم ئاشىيان كەلدى.

شەرقتە پاسىلىڭ «ئالياس»، غەرپتە قاردېڭىز ھەقراس،
تەرەددۇت ئەيلىمەك بىرلىك خورى جەم پاسىبان كەلدى.

ئوغۇز سۈتتىن ئىمىپ بىر رەت ئانا ئورقىنى رەت قىلغان،
بېرىپ قەۋمىگە نام - شۆھرەت «ئوغۇز»(ئەفرا)قاغان كەلدى.

يۈرۈشلەردە «ئۇرۇم»، «ئالتۇن»، «تۆمۈرقەلئە»، ئىران بەيئەت،
شۇ بۆرە ئىزتاپار - يولباش تاغۇ - دەشت بىپايان كەلدى.

پەرىقلىق تاغ - داۋان، دەريا، پەرىقسىز كۈن، باھار تەپتى،
تۇراننىڭ ئوڭ، سولى ھون، ساك، چۈشىدە: «كىن» ئايان كەلدى.

«ئورۇم»غا چىن قېرىداشمەن «ئۇرۇمسىن» تۇغ - ئەلەم تۇتقان،
ئېتىم «ساقلاپ» غەزەبىمدە ياقا - ياۋغا بوران كەلدى.

كىسىپ ئېيتىش كېرەك مەغرۇر: سۈرى«بېيدىڭ»دا ھون ئاتلىق،
يەنە ئۈچ رەڭ: قارا، بوز، ئاق، تىلى«ئىم»دىن راۋان كەلدى.

كېچەلمەس«ئار» ماكانىم بار ھوزۇر كۈنگەي، پوزۇر تەسكەي،
چىگىپ«تۇر» «ئار» تانابى «تەگ» سۈرۈپ ئايغىر چوپان كەلدى.

چۆكۈپ قۇمغا شەھەر - قەلئە چېچىلغان ئىسكىلىت - ئەرۋاھ،
ئۇلۇق تۇپراق قەدەم جايغا قاناتلىق روھ «تۇران» كەلدى.

خوتەن مۈلكىگە جەننەتتۇر «غەزەلىم» چەبىيات، ئۆزھال،
تىلى«چاغتاي» زەبۇنلەردىن «قىتان»، «قالماق» - قاۋان كەلدى.

كۆڭۈل ئاقلىق، دىلى ئاقلىق تەڭرىتاغنىڭ پايانىغا،
تىلى ئۆزگە، زىمىن ھالقىپ، سېلىپ نەشتەر چايان كەلدى.

قانائەتسىز ئىلىم ئەھلى كېزەر ئالەمنى سەيياھتەك،
كامالەتتىن تاقاپ گۈل - تاج رىقابەت ئىمتاھان كەلدى.

ئوقى يىلتىز تۇران(تۇركىن)، تىلى «تۈركى» - تۈگەل بىر يىپ،
تۇتاشقان قول، توقۇلغان تور، ھالاۋەت زەر پايان كەلدى.

سۆزى بىرلىك، تىلى بىرلىك، دىلى بىرلىك، خىلى بىرلىك،
«بىلاساكھون» - جاكار بىرلىك، قەھرلىك بۇغراخان كەلدى.

تىلى گەر بولسا بىر خەزنە، جاۋاھىر قەۋمىنىڭ مېھرى،
ئۇدۇمغا رەھناما بىر چال «يىلى مەھمۇد» زامان كەلدى.

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
2008 - يىلى 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


ئىزاھاتلار:

(1) «ئەلف: ئاپ\\ئەپ - بىرەر نەرسىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى...» («دىۋان»1 - قىسىم47 - بەت)
(2) «بېيدىڭ» م . بۇرۇنقى 192 - يىلقى «بېيدىڭ قورشاۋى»...
شەرقتە ئاق ئات مىنگەن 100مىڭ قۇشون ، غەربتە قارائات مىنگەن 100مىڭ قۇشون ، جەنوبتا تاغل ئات مىنگەن 100كىشلىك قوشون ، شىمالدا بوزئات مىنگەن 100مىڭ قوشون..
(3) «ئىم - ھەربى قوشۇنلاردا باش قۇماندان تەرىپىدىن بەلگىلەپ بېرىلگەن مەخپى بەلگە...» («دىۋان» 1 - قىسىم 54 - بەت).

(4) «تىلى ئۆزگە» بىرىنچى، ئىككىنچى جاھان ئۇرىشىدىكى پەرەڭلەر تالاپىتى...
(5) «قىتان» گۆرخان باشچىلىقىدىكى قاراقىتانلار.
(6) «قالماق» موڭغۇل.
(7) «كىن» تۇران مەركىزى تەكتىماكان. تارىختا ساك، ھون ۋە تۇخرىلار ئەنە شۇ مەركەزنى دائىم كۆز ياشلىرى بىلەن سېغىنىپ تۇرغان.

مەسىلەن، تاڭ دەۋرى شېئىردا:
كۈن پېتىشقا قاراشقانچا شىرلار قايرىپ بېشىنى،
نالە- نەرە قىلغىنىدا ھەممە تۆكتى يېشىنى.

خوتەن ھەققىدىكى ئەڭ قەدىمكى يازما ئەدەبىيات بويىچە بىزگە يىتىپ كەلگىنى سېمىرا مەلىكىنىڭ يۇرت ئەسلەش شېئىرى بىلەن سۈي سۇلالىسى (بەلكى شىمالى سۇلالىلەر)دەۋرىدە توپلامغا كىرگۈزىلگەن «خوتەندە گۈل سەيلىسى» ناملىق شېئىرى بولسا كېرەك.

بۇ شېئىرنىڭ ئەسلى تېكىستى:
قانچە پەرقلىق بولسىمۇ تاغ ۋە دىيار،
چۆپ دەرەخلەر تەڭ سېزەر كەلسە باھار.
شەرق ۋە غەرىپتە تۇرسىمۇ يۇرتلار بىراق،
كەلگۈسى گۈلسەيلىسىگە سەيلىگار.

(8) «ئۇرۇم» تەكلىماكاننىڭ ئوتتۇرا ۋە شەقى بولۇش ئىھتىمالىغا ئىنتايىن يېقىن.
«قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»دا ئەڭ قەدىمكى ئەجدادىمىزنى «تۇر»لار دىيىش بىلەن، «تۇر» ۋە «تۈركىي»نى تۈرۈلگەن يىپ، كاللەك يىپ، ئىرماش - چىرماش قەبىلە، قەۋم ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت ماھىيىتىنى ئىپادە قىلماقچى بولغان. «ئۇرۇم»نى سۆگەتلىك، تاللىق، توقۇلغان سۆۋەت قاتارلىق ھەرخىل تەرىزدە ئىپادىلەنسىمۇ، ئەمما ئۇ، يەنىلا يۇقۇردىكى كاللەك يىپ يەنى «تۇران ئىتتىپاقى»مۇنتىزىم ئۇقىمىنى بېرىدۇ.
«ئوغۇزنامە»دىكى «ئوغۇز»نىڭمۇ ئەمەلى ئۇقۇمى «تىز ئۇيۇماق» - بىرگەۋدىگە ئايلانماق تەرىقىدە كەلگەن.
دىمىسىمۇ ئوغۇزنىڭ قېتىق بولۇپ ئۇيىشى ئادەتتىكى سۈتنىڭ ئۇيىشىغا قارىغاندا تىز بولىدۇ. ئۇنىڭ ئوزۇقلىغى ئەڭ كۈچلۈك (پىشقەدەملىرىمىز كالا موزايلاپ ئەتىسى سېغىلغان سۈتنىڭ ئۇيۇتۇلغان قېتىقىنى بەك ئەتىۋارلايدىغان).
مانا بۇ، تىز ئۇيۇش «ئۇيغۇر» نامىنىڭ ئەسلى تىل مەنبەسى بولىشى مۇمكىن. «قاراقۇرۇم»، قارا بىلەن ئۇرۇمنىڭ قوشۇلۇپ ئوقۇلىشىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك تىل تەكرارى، تىل تاۋۇشلىرىنىڭ ئىھتىياجىغا قاراپ ئىختىيارسىز ‹ق›نىڭ قوشۇلىشىنى پەيدا قىلىشىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا «قارا»دىن قالغىنى «ئۇرۇم» بولىشى ئېنىق.
تارىم بىلەن جۇڭغار(چوئار) ھەر ئىككىلىسىنىڭ شەرقى پەس بولۇپ، تاغلار تارام سۆيىنىڭ يىغىلىدىغان ئورنى «ئۇرۇم»دىن ئىبارەت.
ئومۇمەن، «تۇر»، «ئوغۇز »، «ئۇيغۇر»، «تۈركىي» ۋە «ئۇرۇم» دېگەن سۆزلەرنىڭ تىل يىلتىزىنى پۈتۈنلەي بىر دىيىشكە بولىدۇ.

(9) «ئۇرۇس»نىڭ ئەسلى تىل مەنبەسى «ئۇرۇم سىن» بولىشى ئىھتىمال. «سىن» - بەدەن، بەدەن سىرىتى. «ئۇرۇمسىن» - تۇرانلار گەۋدىسىنى قوغدايدىغانلار، چىگىر قوغدىغۇچىلار دېگەن ئۇقۇمنى بېرىشى ئىھتىمال.
تارىخى مەنبەلەردە ساكلارنى«جەڭگىۋار ساكلار» ھەيۋىتىدە سۇپەتلىشى، بەلكىم مۇشۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك.
ساكلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 1- مىڭ يىللاردىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقى ئىرانلاردا ياشىغان . ئۇلارنىڭ دىنى ئىتىقادى ھۇنلارغا يىقىن بولۇپ ، كۈندۈزى كۈنگە ، كىچىسى ئايغا چوقۇنغان ۋە ئالتاي تىل سىسىتىمىسىدا سۆزلەشكەن . تولۇق تۈركى تۈس ئالغان بۇ خەلقنىڭ تىلى ۋە ياشىغان جۇغراپىيەلىك ئورنى ھەققىدىكى تەتقىقات نەىجىسىدىن قارىغاندا ، ھازىرقى شىنجاڭمۇ ئۇلارنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان .
بەزىلەر «ئالىپ ئەر تۇڭانىڭ قوماندانلىقىدا ئۇيغۇر ، ساكلار ۋە شەرقتىكى قەبىلىلەر بار ئىدى» دەيدۇ ،
راسىت دىگەندەك ھازىر قەشقەر ، خوتەن ۋىلايەتلىرىدە ئۇلارنىڭ ئىزلىرى بار . كونا شەھەر ناھىيەسىدە ئۇلارنىڭ نامىدىكى «ئوغۇز ساك»، «توققۇز ساك»، كونا شەھەر ناھىيەسىگە تۇتاش بولغان ئاقتۇدا «قۇنساك - كۈنساك» دىگەن كاتتا يۇرتلار بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ھازىرقى ئاتۇشتا «بەگ ساك - بەيساق»، «ئىگىز ساك - ئىكىساق» دىگەن يۇرتلار بار .
خوتەن ۋە قەشقەر مارالبىشى قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرچە دىئالىك، ساكلارنىڭ تىلىدىن مىراس قالغان سۆزلەر بار .
ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئىيتقاندا ، شۇ ساكلار ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىدىن بىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ يەردە ساكلارنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى جۇغراپىيەلىك ئورۇنلىشىشى نەزەردە تۇتۇلغاچقا ، ئۇلار ئاۋۋال جۇڭگۇنىڭ غەربى شىمالىدىن ھازىرقى ئاۋغانىستانغىچە، ئاندىن تارىم ئويمانلىغىدىن ھىندىستانغىچە كىڭەيگەنلىكى، 10 - ئەسىردە سىرىق ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختى دۇڭخۇاڭدىن تاكى خوتەنگىچە بولغان جايلاردا ياشىغانلىقى قەيىت قىلىنغان.
بۇ ھەقتە،«ئوغۇزنامە»دىكى ئۇچۇر:
... ئۇرۇم خاقاننىڭ بىر قېرىندىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئۇرۇس بەگ ئىدى، ئۇرۇس بەگ ئوغلىنى تاغ بېشىغا جايلاشقان، ئەتراپى چوڭقۇر خەندەك بىلەن ئورالغان شەھەرنى قوغداشقا ئەۋەتتى، ھەمدە ئوغلىغا: «شەھەرنى قوغدىشىڭ كېرەك، ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىنمۇ، شەھەرنى قوغداپ قېلىشىڭ كېرەك» دېدى. ئوغۇز خاقان ئاشۇ شەھەرگە ئاتلاندى. ئۇرۇس
21 - بەگنىڭ ئوغلى ئوغۇز خاقانغا نۇرغۇن ئالتۇن -كۈمۈش ئەكەلدى، ھەمدە: «ئېخ، سەن مېنىڭ خاقانىمسەن! ئاتام بۇ شەھەرنى ماڭا بەرگەن ھەمدە شەھەرنى قوغدىشىڭ كېرەك، ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىنمۇ شەھەرنى قوغداپ قېلىشىڭ كېرەك، دېگەن. ئەگەر ئاتام خاپا بولۇپ قالسا، مېنىڭ ھالىم نە بولۇر؟ مەن سېنىڭ يارلىقىڭنى ئىجرا قىلىشقا تەييارمەن،
22 - بىزنىڭ بەختىمىز ، سېنىڭ بەختىڭ؛ بىزنىڭ ئۇرۇغىمىز، سېنىڭ دەرىخىڭنىڭ ئۇرۇغىدىن؛ تەڭرى ساڭا پۈتۈن زىمىننى ئاتا قىلماقتا. مېنىڭ جىسمىم ۋە بەختىم ساڭا مەنسۇپ، مەن ساڭا تارتۇق تارتىپ تۇرۇپ، دوستلۇقتىن چىقمايمەن» دېدى. ئوغۇز خاقانغا يىگىتنىڭ سۆزى ياقتى، شادلىنىپ كۈلدى،
23 - ھەمدە: «ماڭا كۆپ ئالتۇن تەقدىم قىپسەن، شەھەرنى ياخشى ساقلاپسەن» دېدى. شۇڭا ئۇنىڭغا «ساقلاپ» دەپ ئات قويدى، ئۇنىڭغا دوستلۇق قىلدى...

(10) «ئالياس» ئال- قان رەڭگى. ياس - ۋەھىمە . ئالياس - ئۆلۈم ۋەھىمىسى پۇراپ تۇرىدىغان جاي («تۈركى تىللار دىۋانى»).
قەدىمكى ‹مۇ› قۇرۇقلىقىنىڭ دېڭىز ئاستىغا چۆكۈپ كېتىشى تۈپەيلى، ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ئۇرۇنغانلار تالاپىتىنى ئەسلەتسە كېرەك. چارروسىيە پادىشاسىنىڭ ئامرىكاغا «ئالياسكا»نى سېتىۋېتىشى ئۇنچىلا ئاددى ئىش ئەمەس. كەلگۈسى تارىختا ئۇنىڭ ھەقىقى خوجىلىرىنىڭ داۋاسى چىقىدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن بۇ، مۇستەبىت پادىشا ئۇنى جىممىدىلا سېتىۋەتكەن. تارىخ ئادىللىق نۇرىنى كۆرسەتكەن چاغدا، قەدىمكى تۇركى تىلى نامدا ئاتالغان«ئالياس» - «ئالياسكا»نىڭ ئۇيغۇر زىمىنى ئىكەنلىكى چوقۇم ئېنىق بولغۇسى.

(11) «ئۇيغۇر» «ئويخور» ھەققىدە، تاڭ دەۋرى شېئىردا مۇنداق بىر گۆھەر ئۇچرايدۇ:

ئوقىدى ئالتە يۇرت ناخشىسنى ئۇيغۇر راۋان،
قول چۈشۈرۈپ بىرلىشىپ ئېيىتقاندا بۇ خورنى شۇئان.
كۆڭلىدە سەزگەن بىلەن قەدىمى ئاستانە يىراق.
باش بۇراپ سالدى نەزەر يۇرتى تەرەپكە بىرزامان.

يۇقارقى شېئىردىكى: «بىرلىشىپ» دېگەن سۆز «ئۇيخور»، بولۇپمۇ «خور» دېگەن مەنانى تېخىمۇ جۇلالاندۇرىدۇ.
ئۇ،يەنە، تۆۋەندىكى«تۇران قوشىقى»نىمۇ پايدىلىنىش مەنبەسى قىلدى.

چۇغاينىڭ تاغلىرى ئاستىدا ئاقار،
تۇرالار دەرياسى ئويناپ-دولقۇنلاپ.
ئاسماننىڭ گۈمبىزى بارگاھسىمان،
تۇرىدۇ جىمىكى دالىنى قاپلاپ.

شۇنچە كەڭ غۇبارسىز ساماۋى ئاسمان،
دالىلار بىپايان، كۈرۈنمەيدۇ قاش.
كۈرۈنۈپ قالىدۇ سانسىز چارۋا مال،
شاماللا يەلپۈسە، ئوتلار ئەگسە باش.

(12) «كىن» مەرگەز، ئوتتۇرا .
تەگى - كېچىلەردە ئاڭلىنىدىغان گۇڭ - گۇڭ ئاۋاز، تۈركلەر شۇنداق قارايدۇكى، ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرى ھەر يىلى بىر كېچە توپلىشىپ، ئۆزلىرى ھايات ۋاقتىدا ياشىغان شەھەرلەرگە كېلىپ شەھەر ئاھالىسىنى زىيارەت قىلىدۇ. كېچىدىكى مۇشۇ گۇڭ - گۇڭ ئاۋازغا كىم يولۇقۇپ قالسا ئۆلىدۇ. بۇ تۈركلەردە كەڭ تارقالغان بىر خىل چۈشەنچە(«دىۋان»3 - قىسىم317-بەت).
ئەل فارابى «كىن»روھى ھەققىدە بۇنداق يازىدۇ :

ھەم چېكىنگەن ھەمدە تەتۈر بۇ زامان دەۋرانىغا،
سەن قىلىپ سۆھبەت يىتەلمەيسەن كۆڭۈل ئارمانىغا.
بارچە ئەل باشلىقلىرىنىڭ باشلىرى قاتقان تۈگەل،
ھەممە باشقا دەرت يىتىپ ئايلاندىمۇ سەۋدايىغا.
ھاجىتىم بىلسەم ئۆزەمنىڭ جانىغا رەھەت كېرەك،
نۇر چۈشۈپ تۇرماق ئۈچۈن مەندەك پېقىر ئالقانىغا.
بىر نىدا كەلدى ماڭا ئىلكىمدىكى نۇر بەرقىدىن،
زوق ھوزۇرى ئوخشىغان مىسلى ساما جەۋلانىغا.
يۇرتلىرى چۆللىككە غەرق بولغان قەدىم ئەللەر ئارا،
مىۋە تەرگەندەك قەدەم قويدۇم جاۋاھىر كانىغا.

(13) «ئار» ئىسپىجاپتىن بالاساغۇنغىچە بولغان شەھەرلەر ئارغۇ شەھەرلىرى دىيىلىدۇ(«دىۋان»).
«تۇر» ئەڭ قەدىمكى ئەجدادىمىز. «ئار» - ئىككى تاغ ئارىسى. بۇ ئىككى بوغۇم بىر لىشىپ «تۇرئار» شەكىللەنگەن.
شۇنداق بولغاندا: «تۇخار» = «تۇرئار». تۇخار ياكى تۇرئارلار «تۇران» لارنىڭ تاغ ئارىللىرىدىكى يايلاق قەبىلىسى دىيىشكە بولىدۇ.
«دىۋان»دا كۆرسىتىلىشىچە تۇخار يەنى تۇرئارلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.
... تات- پۈتۈن تۈركلەرنىڭ نەزىرىدە، پارىسچە سۆزلەيدىغان كىشى.
تات- تۇخسى، ياغمىلارنىڭ نەزىرىدە مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلار، مەن بۇنى ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىدا ئاڭلىدىم، «تات تاۋغاچ» دەيدىكەن. بۇ «ئۇيغۇر ۋە چىنلىق» دىگەن بولىدۇ. ئۇلار ۋاپاسىز كېلىدۇ ... تاتسىز تۈرك بولماس، باشسىز بۆك بولماس... (2 - قىسىم 409 - 410 - بەت).
بولۇپمۇ: « تات - تۇخسى، ياغمىلارنىڭ نەزىرىدە مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلار» دېگەن «دىۋان»دىكى بۇ ئالتۇن لەۋھەدىن: «سۇلتان ساتۇق بۇغرا قاراخان»دىكى «ساتۇق»نىڭ «ساك»ۋە «تۇقسى»دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قەبىلە تۈركىمىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى. ھەتتا «تۇقسى»لارنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ۋە شۇ مۇناسىۋەتتە «سۇلتان ساتۇق بۇغرا قاراخان»نىڭ ئەجداد نامى بىلەن «تۇخرى - تۇقسى - تۇخار - تۇرئار»نىڭ قىسقارتىلمىسى «تۇق»نى شاھ تەخەللۇسى قىلغانلىقىنى كۆرۈش ئانچە تەس ئەمەس.

(14) «تۇر»، «تۈركى»ھەر ئىككى ئاتالغۇ تۈرۈلگەن ۋە چىگىلگەن كاللەك يىپ ئۇقۇمىنى بېرىدۇ («قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»).

(15) «بالاساغۇن» بىلاساكھون، ساك بىلەن ھون بىللە.
ئاتۇش يەر - جاي ناملىرىدا «ھونتۇساق» - ھون، تۇر، ساك. «تەختىيۇن» - تۇخ، تۇر، ھوننىڭ كىيىنكى تىل ۋارىيانتى بولىشى بىلەن، مەھمۇد بوۋىمىزنى تەسىرلەندۈرگەن، تۈركى مىللەتلىرى، قەۋىم، قەبىلىلىرىنىڭ يىمىرىلمەس كاتتا بىرلىكسېپى سەۋەپلىك قاراخانىلارخاندانلىقىنىڭ تۆت ئەسىرگە يېقىن ھۆكۈم سۈرىشىنىڭ ئوتلۇق ئىلھامى«تۈركى تىللار دىۋانى»نى يېزىشىغا سەۋەپ بولغان بولىشى دەر ھەقىقەت.

ئاپتورى: مۇھەممەد ئابدۇقادىر = بارخان

ــــــــــــــــــــــــــ

مۇھەممەد ئابدۇقادىر بارخان ئەپەندىمنىڭ بايانى:

«كەلدى» دېگەن ئارۇز ۋەزىنلىك غەزەلنى يېزىش جەريانىم مۇنداق : ئەسلىدە، تورداشلىرىم مېنىڭ مۇشائىرەمنى شائىر ئاغىنىللىرىگە يەتكۈزۈپ بولسىمۇ ئاخىرىنى چىقىرىدىغۇ دېگەن خاتا ئويدا بولۇپ قاپتىمەن. ئىش ئۇنداق ئاددى بولمىدى. نەتىجىدە، قەبىلە - قەۋمىم ۋە ئەجداتلىرىم روھى بىلەن مۇشائىرە قىلىشىپ، ئۆزەم ئويلاپ باقمىغان نەتىجىگە ئېرىشتىم. كىملەر بىلەن مۇشائىرە قىلىشقانلىقىمنى تۆۋەندىكى جەريانغا قارىسىڭىزلا ھىس قالالايسىز.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن روھىدىن مۇشائىرە:

تىلى گەر بولسا بىر خەزنە، جاۋاھىر قەۋمىنىڭ مېھرى،
ئۇدۇمغا رەھناما بىرچال«ژىلى مەھمۇد» زامان كەلدى.


«ئالماس»روھىدىن مۇشائىرە:

كىسىپ ئېيتىش كېرەك مەغرۇر: سۈرى«بېيدىڭ»دا ھون ئاتلىق،
يەنە ئۈچ رەڭ: قارا، بوز، ئاق، تىلى«ئىم»دىن راۋان كەلدى.

«ئۆتكۈر» روھىدىن مۇشائىرە:

كۆڭۈل ئاقلىق،دىلى ئاقلىق تەڭرتاغنىڭ پايانىغا،
تىلى ئۆزگە،زىمىن ھالقىپ، سېلىپ نەشتەر چايان كەلدى.

«ناۋائى» روھىدىن مۇشائىرە:

خوتەن مۈلكىگە جەننەتتۇر«غەزەلىم»چەبىيات، ئۆزھال،
تىلى«چاغتاي»زەبۇنلەردىن«قىتان»،« قالماق»- قاۋان كەلدى.


ئەجداد يىلتىزى تۇرانلار روھىدىن مۇشائىرە:

پەرىقلىق تاغ-داۋان، دەريا، پەرىقسىز كۈن، باھار تەپتى،
تۇراننىڭ ئوڭ، سولى ھون، ساك، چۈشىدە:«كىن»ئايان كەلدى.


ساكلار روھىدىن مۇشائىرە:

«ئورۇم»غا چىن قېرىداشمەن«ئۇرۇمسىن»تۇغ-ئەلەم تۇتقان،
ئېتىم«ساقلاپ»غەزەبىمدە ياقا - ياۋغا بوران كەلدى.


«ئۇيغۇر»-«ئويخور»-«خورلار» روھىدىن مۇشائىرە:

شەرقتە پاسىلىڭ«ئالياس»، غەرپتە قاردېڭىز ھەقراس،
تەرەددۇت ئەيلىمەك بىرلىك خورى جەم پاسىبان كەلدى.


«كىن» روھىدىن مۇشائىرە:

چۆكۈپ قۇمغا شەھەر -قەلئە چېچىلغان ئىسكىلىت -ئەرۋاھ،
ئۇلۇق تۇپراق قەدەم جايغا قاناتلىق روھ«تۇران» كەلدى.


تۇخرى(تۇقسى، تۇخار، تۇرئار) روھىدىن مۇشائىرە:

كېچەلمەس«ئار»ماكانىم بار ھوزۇر كۈنگەي، پوزۇر تەسكەي،
چىگىپ«تۇر»«ئار»تانابى«تەگ»سۈرۈپ ئايغىر چوپان كەلدى.


بۆرە روھىدىن مۇشائىرە:

يۈرۈشلەردە«ئۇرۇم»،«ئالتۇن»،«تۆمۈرقەلئە»،ئىران بەيئەت،
شۇ بۆرە ئىزتاپار-يولباش تاغۇ-دەشت بىپايان كەلدى.

«ئوغۇز» روھىدىن مۇشائىرە:

ئوغۇزسۈتتىن ئىمىپ بىررەت ئانا ئورقىنى رەت قىلغان،
بېرىپ قەۋمىگە نام-شۆھرەت«ئوغۇز»(ئەفرا)قاغان كەلدى.


تۈركىي روھىدىن مۇشائىرە:

ئوقى يىلتىزتۇران(تۇركىن)،تىلى«تۈركى»- تۈگەل بىريىپ،
تۇتاشقان قول،توقۇلغان تور، ھالاۋەت زەرپايان كەلدى.


ئەل فارابى روھىدىن مۇشائىرە:

قانائەتسىز ئىلىم ئەھلى كېزەر ئالەمنى سەيياھتەك،
كامالەتتىن تاقاپ گۈل-تاج رىقابەت ئىمتاھان كەلدى.


يۆسۈپ خاس ھاجىپ روھىدىن مۇشائىرە:

سورايدۇ ئەۋلىيا خالىس، پېقىر، شاھقا نەزەر تەڭلىك،
ۋەزىر قابىل،ئاۋام ماھىل جىمى قەۋم ئاشىيان كەلدى.


مەھمۇدكاشغەرى روھىدىن مۇشائىرە:

سۆزى بىرلىك،تىلى بىرلىك،دىلى بىرلىك، خىلى بىرلىك،
«بىلاساكھون» -جاكاربىرلىك،قەھرلىك بۇغراخان كەلدى.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــ

مەنبە

http://asrim.cn/ShowPost.asp?ThreadID=1277

没有评论:

发表评论