2009年1月5日星期一

مەھمۇد كاشغەرىيگە يېزىلغان خەت





مەھمۇد كاشغەرىيگە يېزىلغان خەت


ئەسسالام مىللىتىمىزنىڭ يىلتىزى، بىزنى ئون نەچچە ئەسىر كۆكلەتكەن، يىتۈك ئالىمىمىز، پىشىۋايىمىز مەھمۇد بوۋا ياخشىمۇسىز! (ياتقان يېرىڭىز جەننەتتە بولغاي)

مىڭ يىل مۇقەددەم ئۇلۇغ ئىزدىنىش روھىڭىز بىلەن روياپقا كەلتۈرگەن شاھانە مىراسىڭىز بۈگۈنگە كەلگەندە قەۋىمىڭىزنى خەلقى ئالەمگە تونۇتتى. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن دونيا ئىلىم ساھەسى ئۇيغۇر ئىلىنى قايتا تونۇش دەۋرىگە كىردى. ئون مىليۇن ئۇيغۇر ئۇلۇغ نامىڭىز بىلەن دۇنيا ئەھلىگە ئۆزىنىڭ مەۋجۈتلۇقىنى ئىسپاتلاشقا ئارمان تاپتى. سىز قالدۇرغان بۈيۈك مىراس - ئىزباسارلىرىڭىزنىڭ ئىزىڭىزنى بېسىپ ئىزدىنىش، ئىختىرا قىلىش ئارزۇسىغا زەمزەم كەبى ئۈمىد بەخىش ئەتتى، تەۋەرۈكىڭىزنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بەر ھەق، بۇمۇ يەنىلا ئىلىمگە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان ئوت يۈرەك ئەزىمەتلىرىمىز ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ جاپالىق قان - تەر بەدىلىگە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئەۋلاتلىرىڭىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى. سىز قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ مىراس ۋەزنىنىڭ ئېغىرلىقى، قىممىتىنىڭ بىباھالىقى بىلەن جاھاندا تېپىلغۇسىز، بۇنى بىز تەرىپلەشكە تولىمۇ ئاجىزمىز.

ئەپسۇس، بۈگۈنگە كەلگەندە سىز ئەۋلادلىرىڭىزغا خالىس قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسىڭىزنىڭ ساھىبلىرى بۇ مىراستىن تولۇق بەھرىمەن بۇلۇش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشەلمىدۇق. بۇ شاھانە قامۇسىڭىزنىڭ قىممىتى ھەرگىزمۇ قەغەز يۈزىدىكى «پۇلنىڭ سانى» بىلەن ئۆلچەنمەيتتى. بەلكى ئۇنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى بىلەن ئۆلچىنەتتى،
بىراق بەزىلەر بۇنىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشەنمىدىمۇ ياكى چۈشەنگۈسى كەلمىدىمۇ؟!
دەل بۈگۈنكى كۈندە بىزگە يىتىپ كەلگەن شاھانە قامۇسنىڭ قىممىتىنى 2000 يۈەن پۇل بىلەن ئۆلچىدى ھەم پەقەت 1000 كىشىنىڭلا كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلدى (1000 پارچىلا بېسىلدى)
سىزنىڭ ئىلىم سۆيەر روھىڭىزنى بېسىپ ئىزدىنىۋاتقان شاگىرتلىرىڭىز (ئوقۇغۇچىلار)، تەۋەرۈك سۈپىتىدە ساقلاپ سىزدىن پەخىرلەنگۈسى بار ئىقتىسادىي نامرات ئەۋلادلىرىڭىز شۇ 2000 يۈەن پۇل تۈپەيلى سىزنىڭ مىراسىڭىزدىن بەھرىمەن بولالمىدى، جۈملىدىن مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.

بوۋا سىز خاتىرجەم بولۇڭ، ئۇ چەكلەش بىزنىڭ روھىڭىزدىن كۈچ ئېلىپ، ئىزىڭىزنى بېسىپ ئىلگىرىلىشىمىزگە مەڭگۈ توسالغۇ بولالمايدۇ، ھەر بىر مىراس ساھىبى بۇ مىراستىن بەھرىمەن بولۇشقا روھىڭىزنى مەدەت قىلىپ تېرىشىمىز.

ئون ئەسىر كىيىنكى ئەۋلادىڭىزدىن
مەھمۇد كاشغەرىي 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى

(بۇ خەتنى يازغۇچى «شەبنەم مۇنبىرى»دىن
fizika
ئىسىملىك توردىشىمىز)م

مەنبە
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-89732.html

没有评论:

发表评论