2009年1月3日星期六

ئاتۇشتىكى «مىڭ ياشلىق بوۋام–مەھمۇد كاشغەرىي»م






ئاتۇشتىكى

«مىڭ ياشلىق بوۋام ــ مەھمۇد كاشغەرىي»



2008-يىلى 12- ئاينىڭ 30 – كۈنى، ئۈرۈمچى ۋاقىت چۈشتىن كىيىن سائەت 2:30 مىنۇت ئۆتكەن ۋاقىت. مەرىپەت بۆشۈكى ئاتۇش شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش زالى ئىچى لىق ئادەم بىلەن تولغان. بىشىغا مىللىيچە دوپپا، ئۇچىسىغا رەتلىك مەكتەپ فورمىسى كىيگەن بىلىم ئاشنالىرىنىڭ چىھرىدىن كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مىھمانلار بىر كاتتا پائالىيەتنىڭ باشلىنىشىنى تولىمۇ تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە ئىدى. دەل شۇ چاغدا رىياسەتچىنىڭ پائالىيەت باشلانغانلىقىنى جاكارلىشى بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان تەييارلىق قىلىپ كەلگەن «مىڭ ياشلىق بوۋام – مەھمۇد كاشغەرىي» تېمىسىدىكى خاتىرلەش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئاتۇش شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گورۇپپىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەت رىياسەتچىلىكىنى تونۇلغان يازغۇچى، تېتىملىق شېئىرلىرى بىلەن كىشى كۆڭلىنى مايىل قىلىپ كىلىۋاتقان شائىر، مۇنبىرىمىزنىڭ غوللۇق ئەزاسى سېتىۋالدى كىرىم (مۇنبەردىكى نامى ــ س.كىرىم) ئۈستىگە ئالغان. پائالىيەت مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى سۇلتانجاننىڭ تەبرىك سۆزى بىلەن رەسمىي يۇسۇندا باشلىنىپ كەتتى.
بىر توپ رەتلىك كېيىنگەن ئوقۇغۇچىلار سەھنىگە چىقىپ «پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى» ناملىق شېئىرنى دىكلىماتسىيە قىلدى، ئارقىدىنلا رايۇنىمىزغا تونۇشلۇق بولغان، تىلى ئۆتكۈر قەلەم ساھىبى، ئەدەب – ئەخلاق تەتقىقاتچىسى ئانىقىز ئەزىز ئىلتەرىش خانىم «مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تەرجىمىھالى»نى سۈرەتلىك چۈشەندۈرۈپ، مىھمانلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى. ئۇزاققىچە چىلىنغان چاۋاك سادالىرى پائالىيەتكە باشقىچە تۈس بىرىپ جانلاندۇردى. ئىلىجان مەھمۇد ئورۇنلىغان «پەخىرلەنگەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى» ناملىق ناخشا تولىمۇ يېقىملىق، جاراڭلىق ئېيتىلىپ يۈرەكلەرنى تىترەتتى.
ئىقتىدارلىق ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك ئەدەبيات «ئوقۇتۇش ماھىرى» قەيسەر ئابدىراخماننىڭ «<تۈركىي تىللار دىۋانى> نىڭ قىممىتى مەسىلىسى» پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئالىم ۋە ئۇنىڭ بۈيۈك ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»غا بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ بىر بالداق ئاشۇردى. ئارىلىقتا قىستۇرۇلۇپ بىرىلگەن ئىتوتلار ئۆزلىرىنىڭ ئىخچام ۋە يىقىملىقى بىلەن ئوقۇغۇچىلار تىلىدا ياخشى ئورۇندىلىپ كىشىلەرگە مەنىۋى زوق بەردى.
روزىمۇھەممەت مۇئەللىم ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئورۇنلىغان لىرىك نەسىر ۋە شېئىرلىرى مىھمانلار قەلبىگە بىر مۇڭلۇق كۈي بولۇپ ئېقىپ كىردى. ئۇلارنىڭ ھەربىر بايانلىرى كىشىنى چەكسىز خىياللارغا باشلاش بىلەن بىرگە، كىشىلەردە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد ۋە نۇر پەيدا قىلدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئەزىز مىھمانلار سۈپىتىدە يازغۇچى، شائىر ۋە ھەۋەسكارلاردىن ئۈستۇنئاتۇش يېزا يولچىلا ئوتتۇرا مەكتەپتىن جۇرئەت نۇرۇللا؛ ئاتۇش شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئەركىن مۇھەممەت؛ «قىزىلسۇ گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدىن يۈسۈپجان ھۈسەن مۇسا؛ ئازاق يېزىلىق مائارىپ ئىشخانىسىدىن قۇربانجان توختى ئازىقلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە شېئىرلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
قابىل ئوقۇتقۇچى،
يېتىلىۋاتقان «تۈركىي تىللار دىۋانى» تەتقىقاتچىسى جىلىل رېشىت «<تۈركىي تىللار دىۋانى> نىڭ قىممىتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» ناملىق ئىلمىي ماقالىسى بىلەن پائالىيەتكە ھاياجانلىق تۇيغۇلارنى ئاتا قىلدى. بىز ئۇنىڭ ئىلمىي ئاساستا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھاكىمە، بايانلىرىنى ئاڭلاپ قايىل بولدۇق ۋە قىزغىن چاۋاكلىرىمىز ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئىيتتۇق.
پائالىيەتتە ئىليارجان بارى، ئاينۇر ھەسەن، مۇنىرە ئەنۋەر قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ تالانتىنى نامايەن قىلدى. بىز ئۇلارغا قاراپ كەلگۈسىمىزنىڭ تېخىمۇ پارلاق ۋە نۇرانە بولىدىغانلىقىغا ئىشەندۇق.
پائالىيەت ئاخىرىدا مەكتەپ «قىران چېچەكلىرى» رادىئو ئۇزىلىدا بۇ پائالىيەتكە دائىر سۇئالغا جاۋاپ بىرىش مۇسابىقىسىدە نەتىجىگە ئېرىشكەنلەر، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە زور كۈچ سەرپ ئەتكەن مۇنەۋۋەر ۋەكىللەر ۋە رەسساملار مۇكاپاتلىنىپ ئىلھاملاندۇرۇلدى

پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر



(1) ئانىقىز ئەزىز ئىلتەرىش خانىم
(2) سىتىۋالدى كىرىم
(3) جىلىل رىشىت
(4) قەيسەر ئابدۇراھمان




(1) ئەركىن مۇھەممەت ئىزتىراپ
(2) جۇرئەت نۇرۇللا تۇتىم
(3) يۈسۈپجان ھۈسەن مۇسا
(4) قۇربانجان توختى ئازىق





(1)
روزىمۇھەممەت مۇئەللىم
(2)
ئىلىجان مەھمۇد
(3) مۈنىرە ئەنۋەر (ئوقۇغۇچى)م








مەنبە
http://www.uamaarip.com/bbs/viewthread.php?tid=399


没有评论:

发表评论