2009年1月3日星期六

م«دىۋان»نىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ۋە تاماملىنىشى توغرىسىدا





م«دىۋان»نىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ۋە تاماملىنىشى توغرىسىدا


م«تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ۋۇجۇدقا

كېلىشى توغرىسىدا



(«تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ 1-توم‹1-8›بەتلەر)

ھەممە ماختاش ئالقىشلار يۈكسەك پەزىلەت ۋە كۆركەم سەنئەت ئىگىسى بولغان تەڭرىمگە خاس. زامان-ئەھلىنىڭ ئەڭ ساغلاملىرى كېسەل، ئەڭ سۆزمەنلىرى كېكەچ بولۇپ قالغان بىر چاغدا، تەڭرىم ھالال بىلەن ھارام ئىشلار ئېنىق ۋە تولۇق بايان قىلىنغان قۇرئاننى جەبرائىل ئارقىلىق مۇھەممەدكە چۈشۈردى، شۇنىڭ بىلەن توغرا يولنى كۆرسىتىپ مەشئەل ۋە يول كۆرسەتكۈچ بەلگە تىكلەپ بەردى.
مۇھەممەدكە ۋە ئۇنىڭ ھەممىگە پېشىۋا بولغان ئۇرۇق ئەۋلادلىرىغا تەڭرىم رەھمەت قىلسۇن، ئەبەدىي ئېسەنلىك بەرسۇن.
ئەمدى، مۇھەممەد ئوغلى ھۇسەيىننىڭ پەرزەنتى مەھمۇدنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغايسىز:
مەن تەڭرىنىڭ دۆلەت قۇياشىنى تۈركلەر بۇرچىدا تۇرغانلىقىنى ۋە پەلەكنى مۇشۇلارنىڭ زېمىنى ئۈستىدە چۆگىلەتكەنلىكىنى كۆردۈم. تەڭرى ئۇلارنى «تۈرك» دەپ ئاتىدى ۋە سەلتەنەتكە ئىگە قىلدى؛ دەۋرىمىزنىڭ خاقانلىرىنى تۈركلەردىن قىلىپ، زامان ئەھلىنىڭ ئىختىيار تىزگىنىنى شۇلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى؛ ئۇلارنى ئىنسانلارغا باش قىلدى؛ ھەق ئىشلاردا ئۇلارنى قوللىدى؛ ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كۈرەش قىلغانلارنى ئەزىز قىلدى ۋە تۈركلەر تۈپەيلىدىن ئۇلارنى ھەممە تىلەكلەرگە ئېرىشتۈرۈپ، يامانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىدى. تۈركلەرنىڭ ئوقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يولىنى مەھكەم تۇتۇش ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىگە لايىق ۋە مۇناسىپ ئىش بولۇپ قالدى. ئۆز دەردىنى ئېيتىش ۋە تۈركلەرگە يېقىش ئۈچۈن، ئۇلارغا تۈرك تىلىدا سۆزلىشىشتىن ياخشىراق يول يوق. كىمكى ئۆز گوروھىدىكى دۈشمەنلەردىن ئايرىلىپ، تۈركلەرگە سېغىنىپ كەلسە، تۈركلەر ئۇلارنى ئۆز قانىتى ئاستىغا ئېلىپ خەۋپتىن قۇتقۇزىدۇ؛ ئۇلار بىلەن بىللە باشقىلارمۇ پاناھ تاپىدۇ.
ئىشەنچلىك بىر بۇخارالىق ئالىم بىلەن نىشاپۇرلۇق باشقا بىر ئالىمنىڭ تەڭرى ئەزىز كۆرگەن پەيغەمبىرىمىزدىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتقان تۆۋەندىكى سۆزلىرىنى ئېنىق ئاڭلىغانىدىم: پەيغەمبىرىمىز قىيامەت بەلگىلىرىنى، ئاخىر زامان پىتنىلىرىنى ۋە ئوغۇز -تۈركلىرىنىڭ مەيدانغا چىقىدىغانلىقىنى سۆزلىگەندە: «تۈرك تىلىنى ئۆگىنىڭلار، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۇزاق داۋام قىلىدۇ»-دېگەنىكەن.
بۇ ھەدىسكە شۇ ئېيتقۇچى كىشىلەرنىڭ ئۆزى جاۋابكار. بۇ ھەدىس راست بولسا، تۈرك تىلىنى ئۆگىنىش ۋاجىپ بولىدۇ. راست بولمىغان تەقدىردىمۇ، تۈرك تىلىنى ئۆگىنىش زۆرۈرلىكىنى ئەقىل تەقەززا قىلىدۇ.
شۇڭا، مەن شۇ تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن، پىكىرنى ئەڭ روشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن، ئەڭ زېرەكلىرىدىن، ئەڭ ئاساسلىق قەبىلە مەنسۇپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن-ئاياغ كېزىپ چىقتىم. تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چېگىل، ياغما، قىزغىزلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە قاپىيىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇلاردىن پايدىلاندىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ تىلى مېنىڭ دىلىمغا ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتى. مەن ئۇلارنى پۇختا رەتلەپ ، ئوبدان تەرتىپكە سېلىپ چىقتىم.
ئەبەدىي يادىكارلىق ۋە پۈتمەس-تۈگىمەس بىر بايلىق بولۇپ قالسۇن دەپ ، ئۇلۇغ تەڭرىگە سېغىنىپ بۇ كىتابنى تۈزۈپ چىقتىم ۋە ئۇنىڭغا «تۈركىي تىللار دىۋانى» دەپ ئات قويدۇم .
بۇ كىتابنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇقەددەس ئورنىدا ئولتۇرغان ، ھاشىم ئۇرۇقىدىن ۋە ئابباسىلار سۇلالىسىدىن يولباشچى بولغان خوجىمىز، ئىگىمىز، مۆمىنلەرنىڭ ئەمرى ۋە تەڭرى تەيىنلىگەن خەلىپە مۇھەممەد ئوغلى ئوبۇلقاسىم ئالدۇللا مۇقتەرى بىئەمرۇللا ھەزرەتلىرىگە ئارمىغان قىلدىم. تەڭرى ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى دائىم يۇقىرى، ئۆمرىنى راھەت-پاراغەت ئىچىدە ئۇزۇن قىلسۇن؛ ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقتا تەڭدىشى يوق سەلتەنەت ئاساسلىرىنى تەۋرەنمەس دەرىجىدە مۇستەھكەملىسۇن؛ ئۇنىڭ پەرمان دائىرىلىرىنى كېڭەيتسۇن ۋە يۈكسەلدۈرسۇن؛ ئادەم بالىلىرى ئۇنىڭ بىھېساب ساخاۋىتى شاراپىتىدىن يۇلتۇزلاردەك يۈكسەك بەخت-سائادەتكە ئىگە بولسۇن؛ ئۇنىڭ دەرتلىرى ئەمەلگە ئېشىپ، ھەر بىر غەلىبىسى سادىق دوستلىرىنى خۇشال قىلسۇن؛ تەڭرى ئۇنىڭ قەھرى غەزىبىگە ئۇچرىغان دۈشمەنلىرىنى تېخىمۇ خار قىلسۇن؛ پەزىلىتىنى ۋە ئۇلۇغۋارلىقىنى مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن يىراق قىلمىسۇن.
مەن بۇ كىتابنى ھېكمەتلىك سۆزلەر، سەقىئەلەر، ماقال-تەمسىللەر، بېيىت-قوشاقلار، رەجەزلەر ۋە نەسرى پارچىلار بىلەن بېزەپ، مەخسۇس ئېلىپبە تەرتىبىدە تۈزۈپ چىقتىم. ئۆگەنگۈچى ۋە قىزىققۇچىلارنىڭ كېرەكلىك سۆزلەرنى ئاسان تېپىشى ئۈچۈن، بىر نەچچە يىللار مۇشەققەت چېكىپ، سۆزلەرنى جاي-جايىغا قويدۇم. تۇتۇقلىرىنى ئاچتىم، چېگىشلىرىنى يەشتىم .
ئاخىر بۇ لۇغەت كىتابىنى تۆۋەندىكى سەككىز بۆلۈمگە يىغىنچاقلىدىم.
بىرىنچى، ھەمزە بۆلۈمى.
ئىككىنچى، سالىم بۆلۈمى.
ئۈچىنچى، مۇزائەف بۆلۈمى.
تۆتىنچى، مىسال بۆلۈمى.
بەشىنچى، ئۈچ ھەرپلەر بۆلۈمى.
ئالتىنچى، تۆت ھەرپلەر بۆلۈمى.
يەتتىنچى، غۇنىنلىكلەر بۆلۈمى.
سەككىزىنچى، ئىككى ساكىن بىللە كەلگەن سۆزلەر بۆلۈمى.
تۈركىي تىلىنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش تەڭ چېپىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىش ئۈچۈن خەلىلنىڭ «كىتاب المين» دېگەن ئەسىرىدە قىلىنغىنىدەك ئىشلىتىلمەيدىغان سۆزلەرنىمۇ بۇ كىتابقا كىرگۈزۈش كۆڭلۈمگە كەلگەنىدى. مۇنداق قىلغاندا ئىش تېخىمۇ تەرتىپلىك بولغان بولاتتى. لېكىن، سۆزلەرنى ئاسان تېپىش ۋە كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى نەزەردە تۇتۇپ ئىخچاملاشتۇردۇم، ئىشلىتىلىۋاتقان سۆزلەرنى ئالدىم، ئىشلىتىلمەيدىغانلىرىنى تاشلىدىم. مېنىڭ تۇتقان بۇ يولۇم تېخىمۇ توغرا.
«قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەندەك، بۇ پەقەت بىر ئۆرنەكتىنلا ئىبارەت. تۆت ۋە ئۇنىڭدىن زىيادە ھەرپلەردىن تەركىپ تاپقان سۆزلەرنىمۇ مۇشۇ ئۆرنەك بويىچە قىياس قىلىش مۈمكىن.
مەن ئىشنى يېنىكلىتىش ۋە كىتابنى ئىخچام قىلىش ئۈچۈن، بۇ ئەسەرنى مەندىن بۇرۇن ھېچكىم ئىشلەتمىگەن ۋە ھېچكىمگە مەلۇم بولمىغان ئالاھىدە بىر تەرتىپتە تۈزۈپ چىقتىم. بۇ يازغان ئەسىرىم تەلەپكە لايىق بولسۇن، پايدىلانغۇچىلارغا قوللانما بولغۇدەك بىر قىممەتكە ئىگە بولسۇن دېگەن نىيەت بىلەن، بىر مۇنچە قائىدىلەرنى تۈزۈپ، يېڭى-يېڭى ئۆلچەملەرنى قويدۇم. ھەربىر قەبىلىنىڭ سۆز ياساشقا ئاساس بولىدىغان تۈپ سۆزلىرىنىلا ئالدىم. چۈنكى، سۆزنىڭ قىسقىسى ياخشى ، ئىلگىرلەشنى خالىغۇچىلارغا توغرا نىشان كۆرسىتىپ كەڭ يول ئېچىپ بېرىش، يۈكسىلىش تىلىكىدە بولغۇچىلارغا شوتا قويۇپ بېرىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم. جۈملىدىن تۈرك خەلقلىرىنىڭ كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى ئىپادىلەيدىغان شېئىر ۋە قوشاقلىرىدىن، قايغۇلۇق ۋە خوشاللىق كۈنلىرىدە ئېيتقان چوڭقۇر مەنىلىك ماقال-تەمسىللىرىدىن مىساللار كەلتۈردۈم تاكى بۇنىڭدىن پايدىلانغانلار كېيىنكىلەرگە، ئۇلار ئۆزىدىن كېيىنكىلەرگە يەتكۈزسۇن. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە بىر مۇنچە ئىبارىلەرنى كىرگۈزدۈم. شۇنداق قىلىپ ، بۇ كىتاب يېڭىلىقلار بېرىشتە قىيامىغا، قىممەت ۋە گۈزەللىكتە پايانىغا يەتتى. كۆڭۈل باغلىغان بۇ ئىشىمدا تەڭرىدىن ياردەم سورايمەن.

مەنبە: «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ 1-توم‹1-8›بەتلەر)
=====================


«تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ تاماملىنىشى

ۋە كۆچۈرمىسى توغرىسىدا



ھۈسەيىن ئوغلى مەھمۇد ئېيتىدۇكى: تۈركىي تىللارنىڭ سۆزلىرىنى توپلاش، قائىدە ۋە ئاساسلىرىنى بايان قىلىش، پەرقلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، بۆلۈملەرگە بۆلۈشنى كىتابنىڭ بېشىدا شەرت قىلغانىدۇق. بۇ سۆزىمىز بەجا كەلدى، ئارزۇيىمىز ئەمەلگە ئاشتى. ئۇشۇقچە، ئورۇنسىز ۋە كېرەكسىز بولغانلىرىنى كىتابتىن چىقىرىپ تاشلىدىم. ئەمدى كىتاب ئۇزاق زامانلارغىچە كەڭ تارقالسۇن، ئەبەدىي يادىكارلىق بولۇپ قالسۇن. كىتابىمىز مۇشۇ يەردە تاماملانسۇن.
تەڭرىگە ئەبەدىي ئالقىشلار بولسۇن. تەڭرىنىڭ ئەلچىسىگە ۋە ئۇنىڭ ئۇتۇغ-ئەۋلادلىرىغا تەڭرىنىڭ چەكسىز رەھمىتى تەگسۇن.

ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ پەقىر قۇلى ساۋالىق، ئاندىن دەمەشقلىق مۇھەممەد ئىبن ئەبى بەكر ئىبن ئەبىلفەتىھ (تەڭرى ئۇنى كەچۈرسۇن) بۇ كىتابنى ئەسلى نۇسخىسىدىن كۆچۈرۈش ئىشىنى 664-يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ 27-كۈنى يەكشەنبە تاماملاندى.
مەھمۇد قەشقەرىي ئۆز قولى بىلەن يازغان نۇسخىسىنىڭ ئاخىرقى جۈملىسىنى بۇ يەردە ئۆز پېتى كۆچۈرۈپ ئۆتىمەن: «كىتابنى 464-يىلى جۇمادىيەلئەۋۋەلنىڭ باشلىرىدا يېزىشقا كىرىشكەنىدىم، تۆت قېتىم قايتا يېزىپ، تۈزىتىپ ۋە تەھرىرلەپ 466-يىلى جۇمادىيەلئاخىرنىڭ 10-كۈنى دۈشەنبە تۈگەتتىم».
(پۈتۈن كۈچ-قۇۋۋەت ئۇلۇغ ۋە يۈكسەك تەڭرىگىلا خاس . تەڭرى ــ بىزنىڭ ئىشەنچىمىز ۋە ئەڭ ياخشى ئىگىمىز.)

(«تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ 3-توم‹611-612›بەتلەر)
=====================
بايمەتھاجى راھمان نەشىرگە تەييارلىغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998-يىلى نەشىر قىلغان(«تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى ئەدەبىي مىراسلار) ناملىق كىتابدىن يۇلدۇزئاي تەييارلىغان
تور مەنزىلى
http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=26320
=====================

没有评论:

发表评论