2009年1月2日星期五

مەھمۇد تىلى





مەھمۇد تىلى


ئابدۇرېھىم ئابدۇللا


كۆرۈڭ، ئالەمدە ئۇيغۇرزادە مەھمۇد تۆردە-شۆھرەتتە،
ئەبەد ئۆلمەس ئۆمۈر تاپتى «دىۋانى تۈركىي لوغەتتە».

بۈگۈن توي، تەڭرىتاغ، پامىر رىزا ئۆز ئوغلىدىن چەندان،
لەھەل قىرغاققا سايرام چايقىلار مارجانۇ زۇمرەتتە.

كۈنەس راسلاپ يېشىل مەخمەل پايانداز سالدى باغرىدىن،
ئەنە، ئابرال بىلەن بۇغدا شەرەپتىن كۆركى نۇسرەتتە.

سامادا شوخلىنىپ قەشقەر، مۇقامنىڭ پەيزىدە يەركەن،
ئېلى بۇلبۇللىرى كۈيدە، قۇمۇل يايرايدۇ مەشرەپتە.

ئانا تىل-بەلگىسى ئەلنىڭ، ئانا تىل-تاجىدۇر شاننىڭ،
ئانا تىل ئىپتىخارىدا بوۋاق ئۈنلەيدۇ لەززەتتە.

نەۋائىي يايرىغان تىل بۇ، ئاماننا سايرىغان تىل بۇ،
بوۋام سادىر غەزەل ئېيتقان ئانا تىل لەۋزى شەربەتتە.

تىلەكتە جارىدۇر بۇ تىل، يۈرەككە دارىدۇر بۇ تىل،
تىلىم سەلتەنەتىدىن تاڭ قېلىپ بۇلبۇلمۇ ھەيرەتتە.

قاراڭ، «ھەيھات!» بىلەن پارىژ سالامدا موسكۋا، لوندۇن،
پۇرۇخسىز جەڭدە شان قۇچقان يېتۈك ئوغلانغا ھۆرمەتتە.

دېڭىزلار قاغجىراپ بەلكىم چۆكەر تاغ تەكتى سىراغا،
لېكىن، تىل شەۋكىتىم ئۆلمەس، ھايات مەھمۇدمۇ ئەلبەتتە.

ئاپتور: شىنجاڭ ئۈن -سىن نەشرىياتىدا
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ


没有评论:

发表评论