2009年1月5日星期一

م«دىۋان»نىڭ يېڭى نەشرىدىن ئۆرنەكلەر




م«دىۋان لۇغاتىت تۈرك»نىڭ يېڭى نەشرىدىن ئۆرنەكلەر



«تۈركىي تىللار دىۋانى» (دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك) – ئۇيغۇر خەلقنىڭ 11 – ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن بۈيۈك ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىي تەرىپىدىن مىلادىيە 1072 – 1077 – يىللىرى يېزىپ تاماملانغان.
«دىۋان»دا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تىل بايلىقى، تارىخ، جۇغراپىيە، ئەدەبىيات – سەنئەت، ئىقتىساد، ئاسترونومىيە، كالىندارچىلىق جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ئىلمىي چۈشەنچىلىرى خاتىرىلەنگەن.
بۇلار ئەينى دەۋردىكى جەمئىيەت تارىخىنى، ئېلىمىزدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا قىمممەتلىك مەنبەدۇر.
«تۈركىي تىللار دىۋانى» نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇرۇش ئىشى ئېلىمىزدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40 – يىللىرىدىلا قولغان ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يورۇقلۇققا چىقالمىغان.
پارتىيىمىزنىڭ 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىنكى توغرا سىياسەت ۋە ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار بۇرۇلۇشنىڭ خاسىيىتى بىلەن «دىۋان»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىش خىزمىتى رەسمىي قولغا ئېلىندى.
ھۆكۈمىتىمىز بۇ ئىشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، غەمخورلۇق قىلدى ۋە يېتەرلىك ئىقتىساد ئاجراتتى.
پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئەۋزەل شارائىت يارىتىپ بېرىشى، ئالىملىرىمىزنىڭ زور ئىجتىھات بىلەن بېرىلىپ ئىشلىشى ۋە ھەر ساھەنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى نەتىجىسىدە «دىۋان» نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇسخىسى 1980 – 1984 – يىللىرى شىنجاڭ خەلق نەشرىيات تەرىپىدىن ئۈچ توم قىلىنىپ، 10 مىڭ نۇسخا نەشر قىلىپ تارقىتىلغانىدى. «دىۋان»نىڭ بۇ ئۇيغۇرچە تۇنجى نەشرى خەلقىمىزنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. 10 مىڭ نۇسخا كىتاب خەلقىمىزنىڭ كىتاب جاھازلىرىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالدى.
«دىۋان» نىڭ ئۇيغۇرچە تۇنجى نەشرى تارقىتىلىپ، 25 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى بۇ ئەسەرنىڭ يېڭى نەشرىنى ئىشلەشنى پىلانغا ئالدى،
«تۈركىي تىللار دىۋانى» - ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ 11-بەش يىللىق نۇقتىلىق كىتابى قىلىپ پىلانغا كىرگۈزۈلدى.
«دىۋان» نىڭ بۇ قېتىمقى نەشرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ۋە مەمۇرىي ئورۇنلارنىڭ ۋە ئىلمىي خادىملارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتى.
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى «دىۋان» نى نەشر قىلىش ھەققىدىكى دوكلاتىمىزنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى ۋە بۇ كىتابنى ھەم تېز ھەم سۈپەتلىك نەشر قىلىش ھەققىدە مۇھىم يوليۇرۇق بەردى.
نەشرىياتىمىز «دىۋان» نىڭ ئۇيغۇرچە تۇنجى نەشرىنى ئىشلەشكە قاتناشقان پىشقەدەم ئالىملاردىن ئىمىن تۇرسۇن، مىرسۇلتان ئوسمانوف ۋە سابىت روزى قاتارلىق ئۈچ نەپەر مۇتەخەسسىسنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا يەنە زۆرۈر بولغان ياش ئالىملارنى قوشۇپ بىر گۇرۇپپا تەشكىللىدى.
بۇ گۇرۇپپا ئۈچ يىل جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق «دىۋان» نىڭ ئۇيغۇرچە يېڭى نەشرىنى تەييارلاپ چىقتى.


«دىۋان»نىڭ ئۇيغۇرچە يېڭى نەشرى تېكست، ئىندېكس ۋە فاكسىمىل بىرلىكتە نەشر قىلىنغان مۇكەممەل نۇسخا بولدى. «دىۋان» تەتقىقاتىدا 25 يىلدىن بېرى قولغا كەلگەن نەتىجىلەر «دىۋان» نىڭ بۇ يېڭى نەشرىدە ئەكس ئەتتۈرۈلدى. تۇنجى نەشرىدە كېتىپ قالغان بەزى ئايرىم خاتالىقلار تۈزىتىلدى. «دىۋان» تېكستىنىڭ يازما نۇسخىسىدىكى ئورۇن كۆرسەتكۈچلىرى بەتمۇبەت كۆرسىتىپ ئۆتۈلدى. ئىندېكس قىسمىدا سۆزلەرنىڭ «دىۋان»نىڭ ئۇيغۇرچە تۇنجى نەشرىدىكى ۋە يېڭى نەشرىدىكى كۆرۈلگەن ئورۇن كۆرسەتكۈچلىرى بەتمۇبەت ۋە قۇرمۇ قۇر ئېنىق كۆرسىتىپ ئۆتۈلدى.
«دىۋان» تېكىستىنىڭ ئاخىرىدا مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھاياتى يۇرتى ۋە مازىرىغا دائىر مۇھىم تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە بۇ ھەقتىكى ھۆججەت ماتېرىياللار قوشۇمچە قىلىپ بېرىلدى.
«دىۋان» نىڭ بۇ قېتىمقى نەشرى ئۇلۇغ ئالىمىمىزنىڭ مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن – مەدەنىيەت كومىتېتى تەرىپىدىن بۇ يىلنى خەلقئارا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى قىلىپ ئېلان قىلغان خاسىيەتلىك پەيتكە توغرا كەلدى.
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى بۇ كىتابنى مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىغا بېغىشلاپ، ئىلغار باسما تېخنىكىسى بىلەن دۇنياۋى سەۋىيىدە ئەڭ سۈپەتلىك قىلىپ نەشر قىلدى ۋە مىراس سۈپىتىدە پەقەت 1000 يۈرۈشلا بېسىپ تارقاتتى.

ئىدارە - جەمئىيەت ياكى شەخسلەردىن توپ سېتىۋالغۇچىلار بولسا
باھادا مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىلىدۇ.
كىتاب باھاسى: 2000 يۈەن

نەشر قىلغان ئورۇن: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
ئاقىلاشقۇچى: ئادىلجان ئابدۇسالام
ئالاقىلىشىش تېلېفونى: (0991) 2827472 ، 13899977787
نەشرىيات ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي ئازادلىق يولى 348 - نومۇر
********************************


«دىۋان لۇغاتىت تۈرك»نىڭ يېڭى نەشرىگە قوشۇپ بېسىلغان ئەسلى يازمىسى















«دىۋان لۇغاتىت تۈرك»نىڭ يېڭى نەشرىدىن ئۆرنەكلەر









menbe: http://uzuyghur.blogspot.com/
**********************************

没有评论:

发表评论