2009年1月11日星期日

م«دىۋان»نىڭ مۇقەددىمىسى ھەققىدە ئىزدىنىش

مېنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «دىۋان» دېيىلىدۇ) بىلەن بولغان تونۇشلۇغۇم 1960- يىللاردىن باشلىنىدۇ. 1962 - يىلى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مىللەتلەر تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا ئىشلەۋاتقان چاغلىرىمىزدا بىز ئاتاقلىق تارىخشۇناس ئۇيغۇر سايرانى ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە «دىۋان»نى تەرجىمە قىلىشقا تۇتۇش قىلغانىدۇق




م«تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ

مۇقەددىمىسى ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش



مۇھەممەد سالىھ داموللام


مېنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «دىۋان» دېيىلىدۇ) بىلەن بولغان تونۇشلۇغۇم 1960- يىللاردىن باشلىنىدۇ. 1962 - يىلى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مىللەتلەر تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا ئىشلەۋاتقان چاغلىرىمىزدا بىز ئاتاقلىق تارىخشۇناس ئۇيغۇر سايرانى ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە «دىۋان»نى تەرجىمە قىلىشقا تۇتۇش قىلغانىدۇق. «دىۋان»نىڭ بۇ قېتىمقى تەرجىمىسىدە ئەرەبچە نۇسخىسىنى ئاساس قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئەرەبچىنى كۆرۈپ، ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەن مەسئۇل ئىدىم. «دىۋان»نىڭ ئەسلى تېكىستىنىڭ «مۇقەددىمە»سىنى تۇنجى قېتىم قولغا ئېلىپ ئوقۇش بىلەنلا، ئۇنىڭغا ئىختىيارسىز بېرىلىپ كەتتىم. مۇقەددىمىدە ئىستىئارە، كىنايە، مەجاز (ئوخشىتىش) قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرنىڭ يۇقىرى ماھارەت بىلەن قوللىنىلىشى، قاپىيداش سۆزلەردىن تۈزۈلگەن نەپىس ئىبارىلەرنىڭ رەڭدار، جەزىبىكارلىقى مېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالدى. مۇئەللىپنىڭ ئىبارە سۈرۈشلىرى ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇ يۇقىرى بەدىئىي ئالاھىدىلىكى، ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزىگە خاسلىقى، بەدىئىي تەسەۋۋۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ يۈكسەكلىكى بىلەن خاراكتېرلەنگەن ئىدى.

يېتۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىي «دىۋان»نىڭ «مۇقەددىمە»سىنى ئىسلام مۇئەللىپلىرىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە ھەمدۇ - سانا سۆزى بىلەن باشلاپ كىتاپنىڭ يېزىلىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان مۇھىم ئامىل سۈپىتىدە ئەينى دەۋرنىڭ تارىخى ئارقا كۆرىنىشى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«مەن تەڭرىنىڭ دۆلەت قۇياشنى تۈركلەر بۇرجىدا تۇغدۇرغانلىقىنى ۋە پەلەكنىمۇ شۇلارنىڭ زېمىنى ئۈستىدە چۆگىلەتكەنلىكىنى كۆردۈم»
(«دىۋان» توم، 1 – بەت.)

دەرۋەقە، 11 - ئەسىردە پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان قاراخانىيلار، غەزنەۋىلەر، سەلجۇقىلار تۈركىي خەلق تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان خاندانلىقلار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى بىر ئۇرۇشۇپ، بىر ئەپلىشىپ، كۆپ چاغلاردا تىركىشىش ھالىتىدە تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سەلجۇقىلارنىڭ ھەرىكىتى جانلانغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ بېرىۋاتاتتى. سەلجۇقىلار خاندانلىقى ئەسلىدە تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ تارمىقى بولغان ئوغۇزلار تەرىپىدىن قۇرۇلغانىدى. سەلجۇق بولسا ئوغۇزلارنىڭ چىنىك قەبىلىسىنىڭ سەردارى دوقاقنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ كېيىنكى مەزگىللەردە سەلجۇق قىسىملىرىنى باشلاپ چەندگە كۆچۈپ كېلىپ ئۆز قەبىلىسى بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىنى قوبۇل قىلغانىدى. ھىجرىيە 389 - يىلى (مىلادىيە 998 - 999 - يىلى) سەلجۇقىلار بۇخاراغا كېلىپ يەرلەشتى. بۇ چاغدا ئەزەربەيجاندا سەلجۇقىلار بىلەن كوردلار ئارىسىدا جەڭ بولدى. سەلجۇقىلار رەي بىلەن ھەمەدان تەرەپلەرگە سۈرۈلۈپ، بۇ يەرلەرنى ئىگىلىدى. ئۇلار يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىراقتىكى مەۋسىل، دىيار بەكرى شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلدى. 1307 - يىلى مەرۋى، 1308 - يىلى ھىرات ۋە نىشاپورلارمۇ سەلجۇقىلار تەرىپىدىن ئىگىلەندى. كېيىن سەلجۇقىلار يەنە بەلخ، جورجانلارنى ئىگىلىدى. خارەزمنى بويسۇندۇردى. سەلجۇقىلار يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا كىرمان خانلىقىنى يوقىتىپ، پۈتكۈل پارس زېمىنىنى بويسۇندۇردى. خۇداساننى ئىشغال قىلغاندا، جامەلەردە ئوقۇلۇدىغان خۇتىبىلەردە سەلجۇق سۇلتانلىرى «ئۇلۇغ سۇلتان» دەپ تىلغا ئېلىنىدىغان بولدى. سەلجۇقىلار قەزۋىن بىلەن ھەمداننى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىسپاھانغا قاراپ ئىلگىرلىدى. ئۇزۇنغا قالماي ئەزەربەيجان، ئەرمىنىيلەرنى ئىشغال قىلىپ، رۇم ئىپىرىيىسى زېمىنىغا ئىچكىرلەپ كىرگەن. بىر مەزگىل قىزىل دېڭىز ۋە ئوتتۇرا دېڭىزدىن تارتىپ، چىن چىگرىلىرىغىچە بارغان ئىدى.
(ۋ.ۋ بارتولدنىڭ «ئىسلام مەدەنىيەت تارىخى»غا قاراڭ)

كېيىنكى چاغلاردا سالجۇقىلار بىلەن رۇم ئىمپىرىيىسى ئارىسىدا دۇنيا تارىخىدا مەشھۇر «مالازگىرد» ئۇرۇشى يۈز بەردى. رۇم ئىمپىراتورى رومان دېككىنىس 200 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ، (ئىستانبول كونستانتىنوپول) دىن شەرققە قاراپ يولغا چىقىپ، ھازىرقى ئەرمەنىستاندىكى ۋان كۆلىنىڭ شىمالىدىكى مالازگېرد قورغانىنىڭ يېنىدىكى دالىغا يېتىپ كەلگەن. سالجۇق سۇلتانى ئالىپ ئارىسلان ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 50 مىڭ كىشىلىك قوشۇپ باشلاپ چىققان. ئەسلىدە ئالىپ ئارىسلان مەسلىنى تىنچ ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلماقچى بولغان. مىرخوندنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، ئالىپ ئارىسلان رومانۇسقا يازغان خېتىدە: «گەرچە سېنىڭ قوشۇنۇڭ كۆپ بولسىمۇ، لېكىن سەن شانلىق غەلىبىلەر قۇچۇۋاتقان سۇلتانغا دۇچ كېلىۋاتىسەن، ئالدىراڭغۇلۇق قىلغانلىقىڭغا پۇشايمان قىلغان بولساڭ، تاجاۋۇزچىلىقىڭنى توختىتىپ، ماڭا باج تۆلىگىن. شۇنداق قىلساڭ، پادىشاھلىقىڭ ۋە مەملىكىتىڭنى قولۇڭغا قالدۇرىمەن، ساڭا چىقىلمايمەن. ئۇنداق قىلمىساڭ، ئۆز بېشىڭغا بالا تېپىۋالغان بولىسەن» دەپ يازغان.

ئەمما، رومانۇس ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب قايتۇرغان: «سەن ياۋايى تىنچلىقنى خالايدىغان بولساڭ، ئىشغال قىلغان زېمىنلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ماڭا قالدۇرغىن. رەي شەھىرىنى ۋە ئۇنىڭدىكى سارىيىڭنى ساداقەتمەنلىك بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ماڭا تۇتقىن». ئىككى تەرەپنىڭ كەسكىن ئېلىشىشى بىلەن ئالىپ ئارىسلان غەلىبە قىلىپ، رومان دېككىنىس ئەسىر ئېلىنغان. جەڭ مەيدانىدا سۇلتاننىڭ مۇھاپىزەتچىلىرىدىن بىرى ئىمپىراتورغا ھۇجۇم قىلغان. ئىمپىراتور: «مېنى ئۆلتۈرمىگىن، مەن ئىمپىراتور رومان دېككىنىس بولىمەن» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئامان قالغان. ئالىپ ئارىسلان ئەسىرگە چۈشكەن «رومانوسنى تەخت ئۈستىدە يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ ھۆرمەتلىگەن. مەلىكشاھنىڭ ئوغلىغا رومانوسنىڭ قىزىنى ئېلىپ بەرگەن»

بۇ ۋەقەلەر يۈز بەرگەن چاغ - دەل ھىجىرىيە 463 - يىلى مىلادى 1071 - يىللىرى بولۇپ، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋان» نى يېزىۋاتقان مەزگىللەر ئىدى. بۇ چاغلاردا ئىسلام ئىمپىرىيىسى ھېسابلانغان ئابباسى خەلىپىلىكى ئاجىزلىشىپ، خەلىپە پەقەت مەنىۋى داھى سۈپىتىدىلا مەۋجۇت ئىدى. نۇرغۇن ۋاقىتلاردا خەلىپىلىكنىڭ ئەمىلى ھوقۇقى ئۇلاردا بولماستىن، باش ئەمىر دەپ ئاتىلىدىغان مەنسەپداردا ئىدى. خەلىپە ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ قولىدا ئويۇنچۇق ئىدى. قىلدىن قېيىق كەتسە، خەلىپىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا باشقىنى قوياتتى. ئەسكەرلەرنىڭ تەلىۋى ئورۇندالمىسا، خەلىپە قىيىن - قىستاققا ئېلىنىپ جازالىناتتى. خەلىپىلىكتىن ئېلىپ تاشلانغان مۇتتەقى، قاھىرى، مۇستەكفى قاتارلىق 3 خەلىپىنىڭ كۆزلىرى ئويۇپ تاشلانغانىدى.

ئارىسلان ئەبۇلھارىس بەساسىرى نىشاپور تۈركلىرىدىن بولۇپ، بەسا شەھىرىدىكى بىر ئادەمنىڭ غۇلامى (بالا قۇلى) ئىدى. ئۇ، خەلىپە قائىم بىەمرىللاھنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، بارا - بارا يۈز تېپىپ خەلىپىنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمىگە ئايلانغانىدى. خەلىپە ھەرقانداق ئىش قىلسا ئۇنىڭ مەسلىھەتى بويىچە قىلاتتى. ئۇ، ئابباسى خەلىپىسىگە قارشى چىقىپ، مىسىردىكى پاتىمىلار سۇلالىسى خەلىپىسىنىڭ تەرىپىنى ئالدى. ئۇ باغداتقا بېسىپ كىرىپ، خەلىپە قائىم بىئەمرۇللاھنىڭ سارىيىنى تالان - تاراج قىلدى. ئۇ باغداتنى ئىشغال قىلىپ بىر يىلدىن كېيىن، توغرۇل بەك تەرىپىدىن تارمار قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى.

سەلجۇقى خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى توغرول مەككە - مۇكەررەمنىڭ يوللىرىنى ياساش باھانىسى بىلەن ئاۋۋال ئىراققا، كېيىن باغداتقا قاراپ يول ئالدى. توغرول باغداتقا يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇنلا ئابباسىلارنىڭ خەلىپىسى قائىم بىئەمرىللاھ بۇيرۇقى بويىچە باغدات جامەلىرىنىڭ ئىمام - خەتىبلىرى مۇنبەرلەردە توغرولنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى ھەم ئۇنىڭ ھەققىدە دۇئالار قىلدى. بۇ، توغرولنىڭ باغداتقا غالىپ ھۆكۈمران سۈپىتىدە كىرىشىگە ھازىرلانغان جامائەت پىكىرى ئىدى. توغرول باغداتقا كىرگەندە، ئۇنىڭ ئالدىغا قائىم بىئەمرىللاھنىڭ ۋەزىرى چىقىپ قارشى ئالدى. توغرۇل باغداتنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، بۇ يەردە مىلاى 1057 - يىلغىچە تۇردى. بۇ جەرياندا ئۇ، باغداتتا يۈرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان دەيلەمىلەر زامانىدا تۈزۈلگەن قانۇننى بىكار قىلىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭى قانۇن ئورناتتى. شۇنداقتىمۇ توغرۇل يەنىلا مادارا يولىنى تۇتۇپ، ئىككى خانداننىڭ دوست ئۆتۈشنى تەشەببۇس قىلدى. توغرۇل ئۆزىنىڭ قېرىندىشى داۋۇدنىڭ قىزى ئارىسلان خاتون خەدىچىنى قائىم بىئەمرىللاھقا نىكاھلاپ بەردى، نۆۋىتىدە توغرۇل ئۆزىمۇ خەلىپىنىڭ قىزىنى ئېلىشقا ئەلچى كىرگۈزدى. قائىم بىئەمرىللاھغا بۇ ئېغىر كەلگەن بولسىمۇ، رەت قىلىشقا پېتىنالمىدى. ھىجرىيە 453 - يىلى (مىلادى 1061 - يىلى) تەبرىزنىڭ سىرتىدا خەلىفەنىڭ قىزىنى توغرۇل ئەقرى - نىكاھىغا ئالدى. تويلۇق ئۈچۈن يۈز مىڭ تىللا ۋە نۇرغۇن سوۋغا - سالام يوللىدى. توي بولۇپ 6 ئايدىن كېيىن ھىجرىيە 496 - يىلى (مىلادى 1103 - يىلى)دا خەلىفە قىزى ۋاپات بولدى. توغرۇل بىلەن خەلىفە ئارىسىدا قۇدا - باجىلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىلغاچقا، خەلىفە توغرۇلغا «مەلىكۇلمەشرىقى ۋەلمەغرىبى» يەنى «شەرق ۋە غەربنىڭ پادىشاھى» دېگەن ئۇنۋاننى بەردى. شۇنىڭ بىلەن توغرۇل سەلجۇقىلاردىن تۇنجى بولۇپ ئابباس خەلىپىلىكىنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىگەن ھۆكۈمران بولۇپ قالدى. باغداتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئامانلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، باغداتتا سەلجۇقى قوشۇنى تۇرغۇزۇلدى. شۇ يىلى رامىزان ئېيىدا خەلىفە قائىم بىئەمرىللاھنىڭ ۋەلىئەھدىلىكىگە تەيىنلەنگەن ئوغلى، مەھمۇد قەشقەرى «دىۋان»نى ئارمىغان قىلغان خەلىفە، مۇقتەدى بىئەمرىللاھنىڭ دادىسى - زەخرۇددىن ئەبۇلئابباس مۇھەممەد 41 يېشىدا ۋاپات بولدى، قائىم بىئەمرىللاھ بۇنىڭدىن قاتتىق قايغۇردى، ئوغلى ئەبۇلئابباس مۇھەممەدنىڭ كېنىزىكىنىڭ مۇقتەدى بىللاھقا ھامىلدار ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ، كۆڭلى تەسكىن تاپتى، توغرۇلنىڭ ئورنىغا ئولتۇرغان مەلىكشاھمۇ ئابباس خەلىپىلىكىنى تېزگىنلەشنى بوشاشتۇرۇپ قويمىدى. ئۇ، خەلىپىنى زىيارەت قىلىش نامى بىلەن باغداتقا ئۈچ قېتىم كەلدى. 1093 - يىلى 3 - قېتىم كەلگەندە باغداتتا ۋاپات بولدى. قائىم بىئەمرىللاھنىڭ نەۋرىسى بولغان مۇقتەدى بىئەمرىللاھ ئۆزىنىڭ ئەرەبىستان (سەئۇدى ئەرەبىستانى) زېمىنىدىكى نوپۇزىنى پەقەت مەلىكىشاھنىڭ كۈچى ئارقىلىق تىكلىگەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مەككە، مەدىنىلەردە پاتىمىلار خەلىفەلىرى نامىغا ئوقۇلىدىغان خۇتبە مۇقتەدى بىللاھنىڭ نامىدا ئوقۇلىدىغان بولدى. مۇقتەدى بىئەمرىللاھ پۈتۈنلەي سەلجۇقىلارنىڭ تەسىر دائىرىسى ئاستىدا ئىدى. بوۋىسى قائىم بىئەمرىللاھ سۇلتان توغرۇلغا قىزىنى بېرىشكە تەستىرەك ماقۇل بولغان بولسىمۇ، مۇقتەدى بىللا ئۆز قىزىنى سۇلتان مەلىكشاھىنىڭ ئالغانلىقى بىلەن پەخىرلەنگەنىدى. خەلىفەنىڭ ئېتراپ قىلىشى بىلەن سەلجۇقى سۇلتانلىرىنىڭ نامىغا جۈمە كۈنلىرى مەسچىتلەردە خۇتبەلەر ئوقۇلاتتى. مەلىكىشاھ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئوغلى مۇھەممەد ئۇنىڭ ئورنىغا ئولتۇرغان. باغدات خەلىفىسى مۇنتەزھىرى سۇلتانلىق ئورنىنى مۇھەممەدگە ئاتا قىلىش يۈزىسىدىن ئۆز سارىيىدا كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزگەن. بۇ ھەقتە تارىخچى ئىبىن خوللىكان مۇنداق ھېكايە قىلىدۇ: «مەلىكىشاھنىڭ ئوغلى سۇلتان مۇھەممەدنىڭ تەلىۋى بويىچە خەلىفە مۇنتەزھىرنىڭ سارىيىدا سورۇن تۈزۈلدى، خەلىفە تەختىدە ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ ئەتراپىدا دۆلەت ئەربابلىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بار ئىدى. خەلىفەنىڭ ئۇچىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رىداسى (يەكتەك)، بېشىدا سەللە، قولىدا ھاسا تۇراتتى. خەلىفە ئادەت بويىچە سۇلتان مۇھەممەدگە يەتتە قات خىلئەت (تون) كىيدۈردى، بېشىغا تاج كىيدۈردى، بوينىغا بويۇنچاق ئاستى، قولىغا گۆھەر بىلەيزۈك تاقىدى. خەلىفە سۇلتانغا ئۆز قولى بىلەن تۇغ باغلىدى، ئۇنىڭغا ئىككى قىلىچنى تاقاپ قويدى. شۇنداقلا ئۇنىڭغا پۈتۈن جابدۇقلىرى بىلەن بەش ئارغىماق سوۋغا قىلدى. سۇلتان مۇھەممەدنىڭ قېرىندىشى سەنجەرگىمۇ يۇقىرىقىدەك خىلئەت كىيدۈردى. سوۋغىلارنى تەقدىم قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، خەلىپە باغداتنىڭ پۈتۈن جامەلىرىدە سۇلتان مۇھەممەدنىڭ نامىغا خۇتبە ئوقۇلىدىغان بولدى»

خەلىفەلەر سۇلتان ئۇنۋانى بېرىلگەنلەرگە «ناسرۇددەۋلە» (دۆلەت مەدەتكارى)، «سەيفۇددەۋلە» (دۆلەتنىڭ قىلىچى)، «ئەزەدۇددەۋلە» (دۆلەتنىڭ ياردەمچىسى) قاتارلىق لەقەپلەرنى بېرەتتى. غەزنىۋى، سەلجۇقى سۇلتانلىرىغا ھەم مۇشۇنداق لەقەپلەر بېرىلگەن. ھىجرىيە 453 - يىلى (مىلادى 1061 - يىلى) غەربىي قاراخانىيلاردىن ئەبۇئىسھاق ئىبراھىم ئىبىن ناسىرغا ئابباسلارنىڭ خەلىفىسى قائىم بىئەمرىللاھ تەرىپىدىن لەقەپ بېرىلگەن ۋە تون ئەۋەتىلگەنىدى. تاۋغاچ بوغرا قاراخان ئەبۇ ئىسھاق ئىبراھىم ئىبىن ناسىر نامىغا لەقەپ ئۇنۋانلىرى ئەينى زاماننىڭ قائىدىسى بويىچە خەلىفەنىڭ نامىمۇ يېزىلىپ، تەڭگە پۇللار قۇيدۇرۇلغانىدى.
ئابباسلار خەلىپىلىكىدە تۈركىي خەقلەردىن بولغان ھەربىي ۋە مەمۇرى ئەمەلدارلارنىڭ تەسىر كۈچى زور ئىدى. مىلادى 863 - يىلى تەختكە ئولتۇرغان مۇستەئىن بىللاھنى ھاجىپلىق مەنسىپىدىكى چوڭ بۇغا، كىچىك بۇغا قاتارلىق تۈركىي ئەربابلار يۆلەپ چىقارغانىدى. سۇيۇتنىڭ «تارىخۇلخۇلەفا» (خەلىفىلەر تارىخى) كىتابىدا كۆرسىتىلىشىچە: «بۇ ئىككى ھاجىپنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى ۋەسىف، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى بۇغا ئىدى». خەلىفە ئۇلاردىن بىسوراق ھېچ ئىش قىلالمايتتى. تۈرك ئەمەلدارلىرىنىڭ مەنسىپى باللىرىغا قالاتتى، چوڭ بۇغا ئۆگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھاجىپلىق ئورنىغا ئوغلى مۇسا ۋارىسلىق قىلدى. دېمەك، بۇ چاغلاردا ئابباسى خەلىپىلىكىنىڭ باغدات، سامەررادىن ئىبارەت ئىككى مەركىزىدە خەلىپىلىكنىڭ ھاجىپلىق، باش ھەربى سەركەردىلىك قاتارلىق چوڭ مەنسەپلىرىنى تۈركىي خەلقلەر ئىگىلىگەنىدى. خەلىپىلىك ۋىلايەتلىرىنىڭ ۋالىلىقىمۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ قولىدا بولۇپ، ئۇ جايلارنىمۇ تۈركىي خەلقلەر ئىدارە قىلاتتى. ئالايلى، نىشاپور تۈركلىرىدىن بولغان ئەبۇ سالىھ يەھيا مىلادى 777 - يىلى مىسىر ۋالىلىقىغا تەيىن قىلىندى. خەلىفە مۇئىتەسمىنىڭ ھەربىي باش سەركەردىلىك مەنسىپىدە تۇرغان سابىت تۈركىي 834 - يىلى، پەتھى ئىبنى خاقان مىلادى 853 - يىلى، ئىناج 844 - يىلى مىسىرنىڭ ۋالىلىقىغا تەيىنلەنگەن تۈركىي ئەمەلدارلار ئىدى. تۈرك سەردارلىرىدىن بولغان ئەھمەد ئىبنى تولۇن مىسىر ۋالىسى بولغان تۈرك قېينىئاتىسى ماجورنىڭ ياردىمى بىلەن مىسىرنىڭ ۋالىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە سۈرىيە، ھەلەپ (سۈرىيەدىكى بىر شەھەر) قاتارلىق جايلارنى مىسىر دائىرىسىگە قوشۇۋېلىپ، ھۆكۈمرانلىق زېمىن دائىرسىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى، شۇ ئارقىلىق تولۇنىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سېلىپ، 20 يىلچە ھۆكۈم سۈردى. مىسىردا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان «ئىبنى تولۇن جامەسى» ئەنە شۇ ئەھمەد ئىبنى تولۇندىن قالغان يادىكارلىقتۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن مىسىردا سەلتەنەت قۇرغان ئەخشەدىلەر، ئاتابەگلەر، ئەييۇبىلەرمۇ تۈركىي خەلقلەردىن ئىدى. ئابباسلارنىڭ ھەرەم سارايلىرىغا كىرگەن تۈرك كېنىزەكلىرىمۇ نوپۇز قازىنىشقا باشلىدى. خەلىفە مەئموننىڭ ئانىسى ھاراجىلە، خەلىفەموكتەفى بىللاھنىڭ ئانىسى چىچەن، خەلىفە مۇستەكفى بىللاھنىڭ ئانىسى ئالتۇن، خەلىفە ناسىرلىدىنللاھنىڭ ئانىسى، ۋە خەلىفە مۇستەنىسربىللاھنىڭ ئانىسى ئەنە شۇ تۈركىي خەلقلەرگە مەنسۇپ كېنىزەكلەردىن ئىدى. ئابباسلارنىڭ تۈركىي خەلقلەرىدىن قوشۇن تەشكىل قىلىشىمۇ ئومۇمىي يۈزلىنىش بولۇپ قالغانىدى. مىلادى 864 - 865 - يىللىرى خەلىفە مۇئتەز، مۇستەئىنغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تۈركلەردىن 50 مىڭ كىشىلىك قوشۇن سەپەرۋەر قىلغان.

ئەرەپلەرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىدە تۈركلەرنى ماختاپ مەدھىيىلەيدىغان خاھىشلار كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. تۈركلەرنىڭ باتۇرلۇقىنى تۇنجى بولۇپ مەدھىيلىگەن، باغداتتا يېتىشكەن ئاتاقلىق ئەرەپ شائىرى ئابباس ئىبنى رۇمى مۇنداق يازىدۇ:

«تۈرك ئەسكەرلىرى جەڭ مەيدانىدا تۆمۈر سېپىلدەك ساباتلىق تۇرىدۇ. كىشىنىڭ كۆزىگە دېڭىز دولقۇنلاۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. جەڭ باشلانغاندا دۈشمەنگە قارشى خۇددى يېنىپ تۇرغان ئوت بولۇپ تېگىدۇ.» قىپچاقلار ھەققىدە يېزىلغان شېئىردا مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ: «باتۇر تۈرك يىگتىلىرىنىڭ دۈشمەنلەرنى كېلىشتۈرۈپ سېلىشى ئالدىدا چاقماقمۇ يىپ ئېشەلمەيدۇ. ئۇلار شۇنداق بىر قەۋمدۇرىكى، دوستلارغا مەرھەمەت قىلىشتا پەرىشتىلەرگە ئوخشايدۇ، جەڭ مەيدانىدا دۈشمەنگە خۇددى دىۋىدەك تېگىدۇ» («تەلپىقۇلئەخبا»، 1 - جىلد 63 -، 83 – بەتلەر.)

كېيىنكى دەۋر، تۈركىي خەلقلەر كۆپلەپ جەنۇبقا كۆچكەن دەۋر بولدى. بولۇپمۇ ئوغۇز تۈركمەنلىرى خۇراسان، شەرقى ئىران، ئىراق، شام ۋە كىچىك ئاسىياغا تۈركۈم - تۈركۈملەپ كۆچتى. بۇ كۆچمەنلەر بارا - بارا شۇ جايلار ئاھالىسىنىڭ ئېتنىك تەركىۋىگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئەمەۋىلەر زامانىدا، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نۇرغۇن جايلىرى ئەرەب قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. ئۇ يەرلەرنىڭ ئاھالىلىرى ئەرەبلەرگە خىراج (باج) تۆلەيتتى، گاھى باج ئورنىدا ئۇلارغا بالىلىرىنىمۇ ئەۋەتىپ بېرەتتى، ئۇلار قۇلغا ئوخشاش سېتىلغانلىقتىن، ئۇلارغا مەملۇك، ياكى مەمالىك (چاكارلار) دېيەلەيتتى. بۇنداق مەملۇكلار خەلىفە سارايلىرىدا ئەمىرلەرگە تەقسىم قىلىنىپ بېرىلەتتى. خەلىفە قوشۇنىغا قاتناشتۇرۇلاتتى. تۈركلەرنىڭ ئەرەپ قوشۇنىغا قاتنىشىشى ئابباسىلار سۇلالىسىدىن خەلىفە مەنسۇر (754 - 775 - يىللىرى) زامانىدا باشلانغانىدى.

خەلىفە مۇئتەسىم زامانىدا (838 - 842 - يىللىرى) تۈركلەرنىڭ نوپۇزى ناھايىتى زورايدى. مۇئتەسىم تۈركلەردىن مۇسۇلمان ۋە غەيرى مۇسۇلمان دەپ ئايرىماستىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەسكەرلىككە ئېلىۋىرەتتى. غەيرى مۇسۇلمان تۈركلەردىن قوشۇنغا قاتناشقانلار ئاستا - ئاستا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىرانلىقلارنىڭ قولىدىكى نوپۇز بارا - بارا تۈركلەرگە ئۆتتى. خەلىفەلىكتىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى تۈركلەرنىڭ رايى بويىچە بولىدىغان بولدى. مۇتەۋەككىل (847 - 861 - يىللىرى) زامانىدا ئۇلارنىڭ كۈچى تېخىمۇ زورايدى، مۇئتەز خەلىفە تەختكە چىققان چاغدا، ئۇنىڭ يېقىنلىرىدىن بىرى مۇنەججىمدىن: «مۇئىتەزنىڭ خەلىفىلىكى قانچىلىك داۋاملىشار؟» دەپ سورىغاندا مۇنەججىم: «تۈركلەر ئۇنىڭ قاچانغىچە داۋاملىشىشىنى خالىسا، ئۇ شۇ چاققىچە داۋاملىشىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن. مۇئىتەسىمنىڭ زامانىدا ئىسلام ئەللىرىدە تۈركلەرنىڭ نوپۇزى ئالاھىدە كۈچەيگەنىدى، خەلىفە مۇئتەسىمنىڭ ئانىسى تۈركىي خەلقلەردىن ئىدى. ئۇئىتەسىم ئاكىسى ئەمىننى ئىرانلىقلار ئۆلتۈرۈۋەتتى، دەپ ئۇلارغا دۈشمەنلىك بىلەن قاراپ، تۈركلەرنى ئۆزىنىڭ يېقىن ياردەمچىسى قىلىۋالغانىدى. تۈرلۈك يول بىلەن باغداتقا كېلىپ قالغان، خەلىفە مۇئىتەسىمگە تەۋە تۈركىي غولاملارنىڭ ئۆزىلا 18 مىڭدىن ئاشاتتى. خەلىفە مۇئىتەسىمنىڭ قوشۇنىنىڭ كۆپ قىسمىنى تۈركىي ئەسكەرلەر تەشكىل قىلاتتى.

خەلىفە مۇئىتەسىم زامانىدا غەيرى ئەرەبلەرنىڭ نوپۇزى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان. مۇئىتەسىم ئۆزىنىڭ خەۋىپسىزلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مىسىرلىقلاردىن مەخسۇس قوشۇن تەشكىللەپ، ئۇلارغا «مەغارىبە» دەپ نام بەرگەن. تۈركىي خەلقلەردىن بىر قوشۇن تەشكىللەپ ئۇلارغا «پەراغىنە» ياكى «ئەتراك» دەپ نام بەرگەن.

مەھمۇد قەشقەرى «دىۋان» مۇقەددىمىسىدە «دىۋان»نى خەلىپە مۇقتەدى بىئەمرىللاھقا ئارمىغان قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمى ئەبۇلقاسىم ئۇدرە تۇددىن ئابدۇللا بولۇپ، ئاتىسى زەخىرۇددىن ئەبۇلقاسىم مۇھەممەد ۋاپات قىلغاندا تېخى ئانىسىنىڭ قوسىقىدا ئىدى. ئۇنى چوڭ دادىسى خەلىپە قائىم بىئەمرىللاھ قېتىرقىنىپ تەربىيلەپ، ئەخلاقىي ۋە ئىلىمىي جەھەتتىن ياراملىق قىلىپ يېتىشتۈرىدۇ. مۇقتەدى 20 يېشىدا ھىجرىيە 476 - يىلى (مىلادى 1075 - يىلى) شەئبان ئېيىنىڭ (ھىجرىيە 7 - ئاي) 13 - كۈنى جۈمە كۈنىدە ۋەزىرلەر، ئەمىرلەر ۋە يۇرت چوڭلىرى قاتناشقان كاتتا مۇراسىمدا خەلىپىلىك تەختىدە ئولتۇرىدۇ. چوڭ ئەربابلاردىن ئەڭ ئاۋۋال خوجىزادە شەرىف ئەبۇ جەئفەر خەلىپىگە قول بېرىپ بەيئەت قىلىدۇ. بەيئەت قىلىش جەريانىدا ئەبۇجەئفەر: «ئارىمىزدىن بىرەر باشلىق تۈگىسە، ئورنىغا يەنە بىر باشلىق چىقىدۇ.» - دەپ شېئىر باشلايدۇ.

بۇ چاغدا خەلىپە: «بۇ باشلىق ئەمەلىيەتچىل بولسا، كىشىلەر ياقتۇرىدۇ» دەپ شېئىرنىڭ ئايىغىنى چۈشۈرىدۇ. ئارقىدىنلا خەلىپىگە ئەبۇ ئىسھاق شىرازى (نىزامىيە مەدرىسىنىڭ باش مۇدەررىسى)، ئەبۇ نەسىر ئىبنى سەبباغ، ئەبۇ مۇھەممەد تەممى قاتارلىق ئالىملار بەيئەت قىلىدۇ.

«مۇقەددىمە»دە مەھمۇد كاشغەرىي خەلىپە مۇقتەدىنى ياخشى سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلەپ ئۇنىڭ ھەققىدە دۇئا قىلىدۇ. مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مۇنداق قىلىشىمۇ ئاساسسىز ئەمەس ئىدى. خەلىپە مۇقتەدى دۆلىتىنىڭ ئاۋاتلىقى ئۈچۈن كۆپ ئىشلارنى قىلغان. جەمئىيەت ئامانلىقىنى كۈچەيىتكەن، قىمارخانا، پاھىشخانىلارنى يوقاتقان. كەپتەرۋازلىق، بىكار تەلەپلەرگە چەك قويغان. مۇنچا - سەرراپلاردىن چىققان پاسكىنا سۇلارنى دەجلە دەرياسىغا ئېقىتىۋېتىشنى توسقان. ئايرىم قۇدۇقلارنى كولىتىپ پاسكىنا سۇلارنى چىقىرىشنى يولغا قويغان، ئىلىم ئىشلىرىنىڭ راۋاجىغا ئىمكان بېرىپ، ئالىملارنى ھۆرمەتلىگەن، ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئۆستۈرگەن. مەھمۇد قەشقەرى مۇقەددىمىدە: «تۈرك تىلىنى ئۆگىنىڭلار، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۇزاق داۋام قىىدۇ» («دىۋان»، توم، 2 - بەت) دېگەن ھەدىسنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇنى ئىشەنچىلىك بۇخارالىق بىر ئالىم بىلەن نىشاپورلۇق بىر ئالىمدىن ئاڭلىغانلىقىنى يەنى تەلىم ئالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ يەردە «ئاڭلىدىم» دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆز ئەسلى تېكىستىدە «سەمئىتۇ» بولۇپ، ھەدىسشۇناسلارنىڭ ئىستىلاھى (تەبىرى) بويىچە ئېيتقاندا، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «ھەدىس ئۆگەندىم» دېگەن بولىدۇ. دېمەك، بۇ سۆز ھەدىس ئۆگەنگۈچى شاگىرت بىلەن ئۆگەتكۈچى ئۇستازنىڭ ئارىسىدا قوللىنىلىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، مەھمۇد قەشقەرى ھەدىس ئىلمى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان، بۇخارا، نىشاپورلارغا بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئەينى زامانلاردا بۇخارا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ۋە ئىسلام ئىلىملىرىنىڭ مەركىزى بولغان، بۇخارا ئۆزىنىڭ مەدرىسلىرى، يېتىشتۈرۈپ چىققان ئالىملىرى بىلەن جاھانغا داڭق چىقارغان. تالىبۇلئىلىملەرنىڭ ۋە ئۆلىمالارنىڭ قىبلىگاھى بولغان. ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە داڭدار ئالىملارنىڭ نۇرغۇنى بۇخارا مەدرىسلىرىنىڭ ئۈزۈپ چىققان پىشقەدەم تالىبۇلئىلىملىرى ئىدى. ھەدىسشۇناسلىق بۇرۇندىن تارتىپ بۇخارادا ئالاھىدە راۋاجلانغانىدى. ھەدىسشۇناسلارنىڭ پىرى، ئەڭ مۆتىۋەر كىتاب «سەھىھىلبۇخارى»نىڭ مۇئەللىپى ئىمام بۇخارى ئەنە شۇ بۇخارادا يېتىشكەنىدى.
نىشاپورمۇ بۇخاراغا ئوخشاش ئىلىم مەركەزلىرىدىن بىرى ئىدى. ئەينى چاغلاردا ئابباسىيە دۆلىتىدە ئىككى ئىلىم مەركىزى بولۇپ، بىرى باغدات، يەنە بىرى نىشاپور ئىدى. ئىسلامىيەت تارىخىدا تۇنجى بولۇپ مەيدانغا كەلگەن نىزامىيە مەدرىسىنىڭ بىرى باغداتدا، يەنە بىرى نىشاپوردا تەسىس قىلىنغانىدى. ئىلىم سورۇنلىرى، بىلىم ئېلىش جايلىرى مەسچىتلەردىن مەدرىسلەرگە كۆچكەن دەۋرلەردە نىشاپور شەرقىنىڭ كۆزنىكى، فازىللارنىڭ كانى، ئۆلىمالارنىڭ ماكانىغا ئايلانغان ئىدى.

مەھمۇد قەشقەرى ئۇيغۇرتىلى بىلەن ئەرەب تىلىغا توشقان تىلشۇناس بولۇشى بىلەن تەفسىر، ھەدىس، فىقھى (قانۇنشۇناسلىق) قاتارلىق ئىسلام شۇناسلىق بىلىملىرىنىمۇ پۇختا ئىگىلىگەنىدى. مەزكۇر ھەدىسنى بۇخارالىق ۋە نىشاپورلۇق ھەدىس ئالىملىرىدىن ئۈگەنگەنلىكىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ بۇخارا ۋە نىشاپور قاتارلىق ئىلىم مەركەزلىرىگە بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئىمام بۇخارادىن قالسىلا 2 - ئورۇندا تۇرىدىغان، مەشھۇر ھەدىس كىتابى «سەھھى مۇسلىم»نىڭ مۇئەللىپى مۇسىلىم ئىبىن ھوججاج نىشاپورلۇق ئالىم ئىدى. ئىمام بۇخارى نىشاپورغا كەلگەندە، مۇسىلىم ئۇنىڭدىن ھەدىس ئىلىمى ئۆگەنگەن ۋە ئىمام بۇخارىدىن ئۆرنەك ئالغانىدى. نىشاپور - ئەبۇلئاببەسۇلئەسەم، ئەبۇ مەنسۇر، ئابدۇلمەلىك، ئەبۇ ئابدۇللاھا كىم قاتارلىق ھادىس ئالىملىرى ئۆتكەن يۇرت ئىدى. يۇقىرىقى ھەدىستىكى ئىككى ئالىم ئەسلى تېكىستتە «ئىمام» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەنگەن، بۇ يەردىكى «ئىمام»نىڭ مەنىسى «ھەدىسشۇناس، ھەدىس ئالىمى، ھەدىس پېشۋاسى» دېگەن بولىدۇ: لېكىن مۇئەللىپ بۇ يەردە ئۇلارنى «ئىمام» دەپ ئاتاش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئېنىق تىلغا ئالمىغان. بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق چۈشىنىشكە بولىدۇ، مەھمۇد قەشقەرى يۇقىرىقى ھەدىسنى ئىشەنچىلىك كىشلەردىن ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتقاندا رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ «ئۆزى جاۋابكار»، «توغرا بولمىغان تەقدىردىمۇ» دېگەن ئىزاھنى بېرىپ مەزكۇر ھەدىسكە تازا ئىشەنچ قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. روشەنكى، مۇئەللىپ ئۆزىگە ئۇستاز يوللۇق ھەدىس پېشۋالىرىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ ئۇلارنى يالغانغا چىقىرىشنى ئەپ كۆرمىگەن، ئۇلارنى ئايىغان.

ئىككىنچى ھەدىسكە كېلىدىغان بولساق، مەھمۇد كاشغەرىي بۇ ھەدىسنى توغرا، دەپ قارىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ھۈسەيىن خەلەپتىن تەلىم ئالدىم، دەپ ئۇستازنىڭ ئىسمىنى ئاشكارا تىلغا ئالغان. «ھەدىس قۇرسى» رىۋايەت قىلغۇچى ھۈسەيىننى مەھمۇد كاشغەرىي شەيخ، ئىمام، زاھىد قاتارلىق ئۈچ سۆز بىلەن سۈپەتلەيدۇ. بۇ يەردىكى «شەيخ»نىڭ مەنىسى ھەدىس ئالىملىرىنىڭ ئىستلاھى بويىچە ئېيتقاندا، ھەدىس ئىلىمىدا تونۇلغان ئۇستاز، دېگەن بولىدۇ، «ئىمام» نىڭ مەنىسى ئىلىم - پەننىڭ بىرەر تۈرىدە ئۈزۈپ چىقىپ، شۇ پەننىڭ مۇتەخەسىسى، پېشۋاسى بولغان ئادەمگە قارىتا ئېيتىلىدۇ. بۇ يەردە ھەدىس ئىلىمىنىڭ ھەممە ئېتراپ قىلغان مۇتەخەسىسى دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. «زاھىد» تەقۋادار مەنىسىدە، بۇنىڭدىن تەقۋادار ئادەم ھەدىس رىۋايەت قىلىشتا يالغاننى ئارىلاشتۇرمايدۇ، دېگەن مەنا چىقىدۇ. «دىۋان» دا «ھۈىسيىن بىن الكاشغرى» يەنى قەشقەرلىق خەلىفە ئوغلى ھۈسەيىن، دەپ تىلغا ئېلىنغان. تارىخى مەنبەلەردە بولسا، ھۈسەيىن ئىبىن ئەلى ئىبنى خەلەف دەپ تىلغا ئېلىنغان. ھەدىسشۇناس ئالىملارنىڭ تەرجىمھالى يېزىلغان ۋە ئىشەنچىلىك، دەپ قارالغان «مىزانۇلئئىتدال» (ھەدىسشۇناسلارنىڭ تەرجىمھالى)دا ئۇ ئەڭ زېرەك ھۈسەيىن ئىبىن ئەلى كاشغەرى دەپ ئېلىنغان. شۇنىڭدەك ئەبۇلفەزلى ھۈسەيىن ئىبىن ئەلى بولسا، ئىبىن غىلان دىن ھەدىس رىۋايەت قىلىدۇ. ئىبىن غىلان ھەدىس رىۋايەت قىلىشتا ئىشەنچىلىك ئەمەس، دەپ باھا بېرىدۇ. «مىزانۇلئئىتدال» كىتابىدا «ئەلمەئى» (زېرەك) دېگەن سۆز ھۈسەيىننىڭ سۈپىتى قىلىپ ئېلىنغان. «مۇلھەقاتۇسسۇراھ» (سۈرراھە لۇغىتىنىڭ قوشۇمچىسى) دا ھۈسەيىننىڭ ئوغلى ئابدۇغەففارنىڭ سۈپىتى قىلىپ ئېلىنغان. «مۇلھەقاتۇسىسۇرراھ» نىڭ مۇئەللىپى «مىزانولئئىتدال» نىڭ مۇئەللىپدىن يېرىم ئەسىرچە بۇرۇن ئۆتكەنلىكى ۋە ھۈسەيىن ئىبىن ئەلى خەلەفنىڭ يۇرتدىشى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە ئۇنىڭ سۆزى باشقىلارنىڭكىدىن ئىشەنچىلىكرەك دەپ قاراشقا توغرا كېلىدۇ. جامال قارشى «سۇراھ» لۇغىتىنىڭ مۇلھەقاتىدا (قوشۇمچىسى) ھۈسەيىن ئىبنى ئەلى ئىبنى خەلەف كاشغەرى، دېيىلگەن. دېمەك، «دىۋان»دا ھۈسەيىننىڭ دادىسى بولغان ئەلى سۆزى چۈشۈپ قىلىپ، ھۈسەيىننىڭ بوۋىسى ئۇنىڭ دادىسى قىلىپ قويۇلغان. ھۈسەيىن ئۆز دەۋرىدە تونۇلغان زور ئالىم بولۇپ، باغدات ۋە قەشقەرلەرنىڭ مەدرىسلىرىدە نۇرغۇن تالىبۇلئىلملەرگە دەرس ئۆگەتكەن. تەفسىر ۋە ھەدىسكە ئائىت كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يازغان. مىلادى 1093 - يىلى (ھىجرىيە 486 - يىلى) قەشقەردە ۋاپات بولغان، ھۈسەيىن ئىبنى ئەلى ئىبنى خەلەفىنىڭ زېرەك ئابدۇلغەففار دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇمۇ دادىسىغا ئوخشاشلا توشقان ئالىم بولغان، تەفسىر ۋە ھەدىسكە ئائىت ئەسەرلەرنى تەسنىپ قىلغان.

ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ قەشقەردە دادىسىنىڭ ھوزۇرىدا دەرس ئوقۇۋاتقاندا، ئۇنى شۇ زاماننىڭ سەلتەنەت تەختىدە ئولتۇرغان خان چاقىرىپ، ئۇلاغ ئەۋەتىدۇ. ئابدۇغەففار يولدا كېتىۋېتىپ ئۇلاغدىن يىقىلىپ چۈشۈپ، شۇ جايدىلا جان ئۈزىدۇ. ئۇ نىڭ جەسىدى قەشقەرنىڭ سىرتىدىكى يەتتە قىبلە دېگەن جايغا دەپنە قىلىنىدۇ. ئابدۇغەففارنىڭ ئاتىسى ھۈسەيىن ئىبنى ئەلى ئىبنى خەلەپمۇ «يەتتە قىبلە» دېگەن جايغا دەپنە قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن. ئەنە شۇ ئابدۇغەففار «تارىخ كاشغىر» («قەشقەر تارىخى») كىتابىنى يازغانىدى. ئەپسۇسكى، بۇ كىتاب ھازىرغا قەدەر بايقالغىنى يوق. ئابۇغەففارنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاتىسى ھۈسەيىن ئىبنى ئەلى ئىبنى خەلەفنىڭ ئەسەرلىرىدىن ھېچقايسىسى زامانىمىزغىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.

مەھمۇد 【 «مۇقەددىمە»دە يەنە: تۈركىي تىلنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش تەڭ چېپىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئابدۇراھمان خەلىل ئىبىن ئەھمەد تەسنىف قىلغان «كىتابۇلئەين» ناملىق لۇغەتىتىدىكىدەك «دىۋان» غىمۇ ئارخائىك سۆزلەرنى كىرگۈزۈشنى ئويلىغانلىقىنى، مۇنداق قىلغاندا دىۋاننىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بولىدىغانلىقىنى، لېكىن سۆزلەرنى ئوڭاي تېپىش، كىشىلەرنىڭ قىزىقىشى ۋە ئىخچاملىق قاتارلىق جەھەتلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئېستىمالدىن قالغان سۆزلەرنى ئالمىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ («دىۋان» توم، 6 - بەت). بۇ يەردە دىققەتكە سازاۋەر ئىنچىكە بىر نۇقتا شۇكى: مۇئەللىپ تۈركىي تىلنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش تەڭ چېپىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئەرەب ئالىمى ئابدۇراھمان خەلىل ئىبىن ئەھمەدنىڭ چوڭ ھەجىملىك قامۇسى «كىتابۇلئايىن» گە ئوخشاش ئېستىمالدىن قىلىپ قالغان سۆزلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا «دىۋان»نى يازغان بولسام تېخىمۇ ئەتراپلىق بولاتتى، دەيدۇ. ئەسلى تېكىستتىكى «اوب» سۆزى «تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ مۇكەممەل، تېخىمۇ ئەتراپلىق» دېگەن مەنالاردا كېلىدۇ. («دىۋان»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە بۇ سۆز قانداقتۇ «تېخىمۇ تەرتىپلىك» دە تەرجىمە قىلىنىپ قالغان). بۇنىڭ بىلەن مەھمۇد قەشقەرى زامانىدىلا تۈركىي تىللاردىكى ئارخائىزم بولۇپ كەتكەن سۆزلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىلىدۇ. خەلىل ئىبنى ئەھمەدنىڭ «كىتابۇل (ئەيىن)» كىتابى 84 جىلد قىلىپ يېزىلغان. مۇنداق زور ھەجىملىك قامۇستا، ئىككى تىل بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا تەمسىل قىلىنغان. «دىۋان»نىڭ ھەجىمىمۇ «كىتابۇلئەيىن» غا ئوخشاش زور بولۇشى پىلانلانغان. بۇنىڭ ئۈچۈن مەھمۇد قەشقەرى نۇرغۇن ماتېرىيال توپلىغان. بۇ ماتېرىياللار رەتلىنىشىپ، تاللىنىشىپ باسقۇچلىرىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، نۇرغۇن قىسمى شاللىۋېتىلگەن. بۇ نۇقتىنى مۇنۇ ئىككى سۆزدىنمۇ بايقىۋالالايمىز.

«ىۋان»نىڭ مۇقەددىمىسىدىكى «ئىشلىتىلىۋاتقان سۆزلەرنى ئالدىم، ئىشلىتىلمەيدىغانلىرىنى تاشلىدىم» («دىۋان» توم، 6 - بەت). «دىۋان»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە، «ئالدىم» دەپ ئېلىنغان سۆز، ئەسلكى تېكىستتە «ئەسبىھەتتۇ» بولۇپ، ئۇنىڭ «مۇقىملاشتۇرۇش» دېگەن مەنىسى بار، «تاشلىۋەتتىم» دېگەن سۆز ئەسلى تېكىستتە «ئەھمەلتۇ» بولۇپ، ئۇنىڭ «قالدۇرۇش» مەنىسى بار. مۇنداقتا مۇئەللىپ: «قولۇمدا نەقلەشكەن مول سۆزلۈكلەر ياكى مول ماتېرىياللاردىن بىر قىسمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كىتابتىن ئورۇن بەردىم. بىر قىسمىنى بولسا، كىتابقا بېرىشتىن قالدۇرۇۋەتتىم» دېگەن بولىدۇ. ئارخائىزم سۆزلەر قالدۇرۇۋېتىلمىگەن بولسا، «دىۋان»مۇ «ئەين» كىتابىغا ئوخشاش نەچچە ئون جىلد يېزىلغان بولاتتى.

بۇ يەردە شۇنىمۇ قەيت قىلىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئەھمەد ئىبىن خەلىلنىڭ «ئەين» كىتابى مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدا بايان قىلىنغان ئىشلىتىلمەيدىغان سۆزلەر ئۈستىدە، ئەينى زامان ئالىملىرىنىڭ قارشى ئوخشاش بولمىغان. بەزىلىرى «ئەين» كىتابىدا ئايرىلغان ئىشلىتىلمەيدىغان سۆزلەرنى ماقۇللىغان، بەزىلىرى بولسا ئۇنى خاتاغا چىقارغان. مەھمۇد قەشقەرى «ئەين» كىتابىدىكى ئىلىتىلمەيدىغان سۆزلەر توغرىسىدىكى ئۆلىمالارنىڭ ئىختىلاپلىرىدىن خەۋەرسىز ئەمەس ئىدى، ئەلۋەتتە. مەھمۇد قەشقەرى «دىۋان»نى كىشىلەرنىڭ تۈركىي تىللارنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن ۋە تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتىنى باشقىلارغا تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن يېزىپ چىققانلىقىنى مۇقەددىمىدىكى بايانلاردىن بىلىپ ئالالايمىز.

دېمەك، مەھمۇد 【نىڭ «دىۋان»نى يېزىشتىكى مەقسىدى، خەلىل ئىبنى ئەھمەدنىڭ «ئەين» كىتابىنى يېزىشتىكى مەقسىدى بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ «دىۋان»نى يېزىشتا خەلىل ئىبنى ئەھمەدنى ئۆرنەك قىلماي، باشقىچە يول تۇتقان. «دىۋان»نىڭ يوقىلىپ كېتىپ قايتا تۈپلىنىش تەقدىرى، ئابدۇراخمان خېلىل ئىبنى ئەھمەد تەسنىف قىلغان «كىتابۇلئەين»نىڭ تەقدىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئىبنى نەدىمنىڭ «فىھرسىت»تە كۆرسىتىشىچە، ھىجرىيە 170 - يىلى (مىلادى 787 - يىللىرى) يېزىلغان «كىتابۇل ئەين» كىتابى ئۆز ۋاقتىدا مەيدانغا چىقالماي ھىجرىيە 248 - يىلى (مىلادى 863 - يىللىرى)غا كەلگەندە ئاندىن جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشەلىگەن. ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئورەيد مۇنداق دەيدۇ: «خېلىل ئىبنى ئەھمەدنىڭ «ئەين» كىتابى 248 - يىلىغا كەلگەندە، بەسرە شەھرىدە پەيدا بولۇپ قالدى. 50 جىلدلىك بۇ كىتابنى بىر كىتابچى خۇراساندىن 50 تىللاغا سېتىۋېلىپ ئېلىپ كەپتۇ. بۇرۇن بىز بۇ كىتابنىڭ خۇراساندا تاھىرىلار خاندانلىقىنىڭ كۈتۈپخانىسىدا ساقلانغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدۇق. ئەمما نۇرغۇن ئادەملەر مۇنداق كىتابنىڭ ئىشلەتكەنلىكىنى ۋە قەيەردىلىكىنى زادى بىلمەيتتى» دېگەن. مەتبەئەچىلىك مەيدانغا كەلمىگەن، ئەسەرلەر قولدىن - قولغا كۆچۈرۈلۈپ تارىلىدىغان ئەينى زاماندا مۇنداق ئەھۋاللارنىڭ بولۇپ تۇرۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىدى ئەلۋەتتە.


مەنبە:
«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»ژۇۈنىلى 2003-يىل 3-سان
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

没有评论:

发表评论