2009年1月5日星期一

م«دىۋان»دىكى شېئىر - قوشاقلار





م«دىۋان لۇغاتىت تۈرك»تىكى شېئىر-قوشاقلار


(1-توم)


كەلدى ماڭا تات،
ئېيتتىم ئەمدى يات،
قۇشقا بولۇپ ئەت،
سېنى تىلەر ئۇس بورى

(ماڭا بىر كاپىر ئۇيغۇر ھۇجۇم قىلىپ كەلدى،
مەن ئۇنى ئۆلتۈردۈم،
قۇش بۆرىلەرگە يەم بولسۇن دەپ،
ئۇنى پارچە-پارچە قىلىۋەتتىم.)


ئالىپ ئەرتوڭا ئۆلدىمۇ؟
يامان دۇنيا قالدىمۇ؟
پەلەك ئۆچىنى ئالدىمۇ؟
ئەمدى يۈرەك يىرتىلۇر.
(59-بەت)

(خاقان ئافراسىياپ ئۆلدىمۇ؟
بىۋاپا دۇنيا ئۇنىڭدىن قۇتۇلدىمۇ؟
پەلەك ئۇنىڭدىن ئۆچىنى ئالدىمۇ؟
ئەمدى ئۇنىڭ ئۈچۈن زامانغا نەپرەتلىنىپ،
يۈرەكلەپ پارا-پارابولماقتا)


ئۆچ-كەكنى ھەممە كىشىنىڭ باشقىلار ئۈستىدىكى ئېلىمى(دەپ)بىل،
ياخشىلىقنى قولۇڭدىن كېلىشىچە كۆپ قىل.
(61-بەت)

(ئۆچ-ئاداۋەت تەلەپ قىلىپ ئېلىنىدىغان
قەرزگە ئوخشايدۇ،
ئۇنىڭدىن كەچ.
شۇنى بىلىپ چەتتىن كېلىپ قالغانلارغا ۋە
مۇساپىرلارغا قولۇڭدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىل)


كۆركەم توننى ئۆزۈڭگە( قالدۇر)،
تاتلىق ئاشنى ئۆزگىگە،
مېھماننى ئىززەتلە،
داڭقىڭنى ئەلگە يايسۇن.
(64-بەت)

(كۆركەم چىرايلىق تونۇڭنى ئۆزۈڭ كىي،
تاتلىق ئېشىڭنى باشقىلارغا بەر،
مېھماننى ئىززەتلە،
شۆھرىتىڭنى ھەممىگە يايسۇن)


كۆزۈمنىڭ يورۇقى كەتتى،
جېنىمنى ئالدى،
ئۇقەيەردە بولغاي،
ئەمدى ئۇيقۇدىن ئويغىتار.(65-بەت)

(كۆزنۇرۇم ‹سۆيگەن يارىم› كەتتى،
ئۇ مېنىڭ روھىمنىمۇ ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەتتى.
ئەمدى ئۇ قەيەرلەردىكىن؟
‹ئۇنىڭ پىراقىدىن›كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيدۇ)


ئۇنىڭ ئىشىنى پۈتتۈردۈم،
ھەمرىيىنىمۇ قاچۇردۇم،
ئۆلۈم زەھىرىنى ئىچۈردۈم،
تەرى تۈرۈلۈپ ئىچتى.
(66-بەت)

(ئۇنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئىشىنى تۈگەتتىم،
ھەمرىيىنىمۇ قاچۇردۇم،
ئۇنىڭغا ئۆلۈم شەربىتىنى ئىچۈردۈم،
ئۇ تەرىنى تۈرۈپ ئىچتى)

ئوۋلار مېنى خۇمار كۆز،
قارا خاللىق قىزىل يۈز،
تامار ئاندىن تۈگەل ئۇز،
ئوۋلاپ يەنە ئڭ قاچار.
(82-بەت)

(قارا مەڭلىك قىزىل يۈزلىرىدىن گۈزەللىك تېمىپ
تۇرىدىغان خۇمار كۆز مېنى ئەسىر قىلىدۇ،
ئەسىر قىلىدۇ-دە، يەنە قېچىپ كېتىدۇ)


ئۇلۇغلۇققا ئېرىشسەڭ، ياخشى قىلىقلىق بول،
بەگلەرنىڭ قېشىدا كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلغۇچى بول.
(87-بەت)

(مەرتىۋە ۋە ئۇلۇغلۇققا ئېرىشكەن ھامان خۇلقۇڭنى تېخىمۇ ياخشىلا،
بەگلەر ئالدىدا باشقىلار ئۈچۈن دائىم ياخشىلىق قىلغۇچى كىشى بول)


...
قايغۇ ماڭا توپلاندى،
كۆڭلۈم ئۇنىڭغا تەلپۈندى،
يۈزۈم مېنىڭ سارغىيار،(94-بەت)

(يارغا بولغان ئىشق-مۇھەببىتىم مېنى ھاياجانغا سالدى،
قايغۇ-ئەلەملەر ماڭا توپلاندى،
كۆڭلۈم ھەمىشە يارغا ئىنتىلىدۇ،
شۇڭا مېنىڭ يۈزۈم سارغايماقتا)


ئېدىل(ۋولگا) سۈيى ئېقىپ تۇرار،
قىيالارنىڭ تۈۋىگە سوقۇپ تۇرار،
بېلىق، پاقا تولۇپ تۇرار،
كۆلچەك تېخى تېشىپ تۇرار.
(100-بەت)

(ئېدىل دەرياسى تاغ قىيالىرىغا ئۇرۇلۇپ ئاقماقتا،
دەريا سۈيىنىڭ تاشقىنىدىن پەيدا بولغان كۆلچەكلەردە بېلىق ۋە پاقىلار كۆپەيمەكتە)


كۆرۈپ نېچۈك قاچمىدىڭ،
يامار سۈيىن كەچمىدىڭ،
تاۋىرىڭنى چاچمىدىڭ،
يېسۇن سېنى يال بۆرە.
(109-بەت)

(يېڭىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان كىشىگە قارىتا ئېيتىلىدۇ:
مېنى كۆرۈپلا نېمىشقا قاچمىدىڭ؟
نېمىشقا يامار سۈيىنى كەچمىدىڭ؟
نېمىشقا ماللىرىڭىنى چېچىۋېتىپ،
جېنىڭنى قۇتۇلدۇرمىدىڭ؟
ئەمدى سېنى سىرتلان يېسۇن)


قىشقا راسلان كېلىش بىلەن قۇتلۇق ياز،
تۈن-كۈن كېچىپ تۈگەيدۇ زامان بىلەن ئاي.
(112-بەت)

(قۇتلۇق ياز كېلىشى بىلەنلا قىشقا تەييارلىق قىل،
چۈنكى كېچە ۋە كۈندۈزنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاي ۋە زامانمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ)


مېھمان كەلسە،قۇت دەپ بىلەر ئەرلەر كەتتى،
قارا كۆرسە، ئۆينى چۇۋار پەسلەر قالدى.
(115-بەت)

(بىر مېھمان كەلسە، ئۇنى بەخىت ۋە دۆلەت دەپ بىلىدىغان ئەرلەر ئۆلۈپ كەتتى،
چۆلدىكى بىر قارىنى كۆرسە، مېھمان كېلىپ قالمىسۇن دەپ كىگىز ئۆيىنى چۇۋۇيدىغان ئەسكىلەر قالدى)


تاۋار ئۈچۈن تەڭرىنى يادىغا كەلتۈرمەي،
ئۇرۇق-تۇققىنىنىڭ ئوغلىنى راستىنلا بوغىدۇ.
(116-بەت)

(قېرىنداشلار ئارىسىدىكى رەھىمسىزلىكنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دېيىلىدۇ:
مال ۋە دۇنيا ئۈچۈن تەڭرىدىن تەپ تارتماي،
بىر تۇغقاننىڭ بالىسىنىمۇ بۇغۇۋېتىدۇ)


ئۆتمۈشتە (شۇنداق) ئادەملەر بار ئىدى،
(ئۇلار) تاغدەك بىلىملىك،پەزىلەت ئىگىلىرى ئىدى،
(ئۇلار) نۇرغۇن ئۈگۈت-نەسىھەتلەرنى ئېيتتى،
ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆڭلۈم ئېچىلىپ كېتىدۇ.
(120-بەت)

(بۇرۇنقى زامانلاردا ئىلىم، ھېكمەت ۋە پەزىلەت ئىگىلىرى بار ئىدى.
ئۇلار جىق ئۈگۈت-نەسىھەتلەرنى ئېيتقان ئىدى.
بۇ ئۈگۈت-نەسىھەتلەرنى ئەسلىسەم،
كۆڭلۈم يايراپ كېتىدۇ)


(ساڭا) يوقسۇل بىر مېھمان ھاجىتى چۈشۈپ كېلىپ قالسا،
تەييار بولغان ئاشنى (ئالدىغا) كەلتۈر،
ئۇنى كۈتتۈرمە.
(124-بەت)

(ھالى پەرىشان، كۆڭلى يېرىم بىر مۇساپىر كەلگىنىدە،
تەييار بولغان تامىقىڭنى دەرھال ئالدىغا قوي، كېچىكتۈرمە)


ئۇنىڭغا ئېيتتىم: سۆيۈملۈكۈم،
بىزنىڭ تەرەپكە كەڭ يېزا
ۋە ئىگىز-بۈيۈك قىرلارنى
كېچىپ قانداقمۇ (كەلگەنسەن)؟
(126-بەت)

(سۆيگىنىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:
ئەي سۆيۈملۈكۈم، شۇنچە كەڭ دالىلارنى كېزىپ،
ئېگىز تاغلاردىن ئېشىپ بىز تەرەپكە قانداق كەلدىڭ؟)


باھار كېتىش بىلەن ئەگۈز( سۇلار)،
كەلكۈن ئېقىن بولۇپ ئاقتى.
يورۇق تۇلتۇز تۇغدى،
سۆزۈمنى كۈلمەستىن ئاڭلا.
(130-بەت)

(ئەتىياز تېڭى يورىدى،
مۇزلار ئېرىپ قاتتىق سەلدەك ئاقتى،
تاڭ يۇلتۇزى نۇر چېچىپ چىقتى،
ئاجايىپ سۆزۈمنى كۈلمەستىن ئاڭلا)


ئىۋرىق بېشى غاز (بوينى)غا ئوخشاپ(تۇرماقتا)،
ساغەر تولۇپ كۆزگە ئوخشاپ(تۇرماقتا)،
قايغۇنى چوڭقۇر كۆمۈۋېتىپ،
كېچە-كۈندۈز سۆيۈنەيلى.
(136-بەت)

(ئىۋرىقنىڭ بېشى خۇددى غاز بوينىدەك تىك تۇرماقتا،
ساغەرلەر خۇددى كۆز چانىقىدەك مەيگە تولدى.
قايغۇ-ھەسىرەتنى چۆرىۋېتىپ،
كېچە-كۈندۈز كۆڭۈل ئاچايلى)


ھىيلىگەر، پەس(كىشى) يۈزگە ئوغۇرلارچە قارايدۇ،
مۇساپىرنى قوغلاپ، بەرگەن ئاشنى باشقا قاقىدۇ.
(138-بەت)

(مېھمانلارغا ئوغۇرلارچە قارايدىغان ھىيلىگەر، پەسكەش ئادەملەر قالدى؛
ئۇلار مۇساپىرغا بەرگەن ئاشنى مىننەت قىلىپ باشقا قاقىدۇ)


زامان پۈتۈنلەي ئاينىدى،
پەزىلەت تامامەن سىيرەكلەشتى،
بولۇمسىز-ياۋۇز(كىشىلەر) تەۋرىدى،
پەزىلەت بېگى يوقىلىپ.
(139-بەت)

(زامان زەئىپلەندى، پەزىلەت ئازايدى،
بۇزۇق، يامان ئادەملەر باش كۆتۈردى،
پەزىلەت بېگى يەنى
خاقان ئافراسياپ ئۆلگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق بولدى)


ئاخماق ھۇشىنى تاپسۇن،
ئەلدە تۈزۈم يېتىلسۇن،
توقلا، بۆرە قېتىلسۇن،
قايغۇ يەنە تۈگىسۇن.
(144-بەت)

(قىلىچىمىز بىلەن شۇنداق يول ئاچايلىكى،
ئۈندەرىگەكلەر ھۇشىنى تاپسۇن،
ئەلنىڭ ئىشى تۈزەلسۇن،
توقلىلار بىلەن بۆرىلەر خاتىرجەم بىللە ياشايدىغان بولسۇن.
بىزدىن غەم-قايغۇ كەتسۇن)


دېدى: سېنىڭ كويۇڭدا،
نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرگە (ئۇچرىدىم)
قاتتىق تۆپىلىكلەر يۇمشايدۇ،
كۆڭلۈم ساڭا يۈگرۈك (بولغاچقا).
(149-بەت)

(سۆيۈملۈكى بىلەن كۆرۈشۈش ھەققىدە:
«بىز تەرەپكە شۇنچە ئېگىز تاغلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ قانداق كەلدىڭ؟»
دېگەنگە جاۋاپ بېرىپ:
«كۆڭلۈم ساڭا تەلپۈنگەچكە،
ئېگىزتاغلارمۇ پەس تۇيۇلدى» دەيدۇ)


خولۇم-خوشنا،ئۇرۇق-تۇققانلاغا
ھۆرمەت قىلغىن،
سوۋغات ئالساڭ (جاۋابەن)،
ۋاقتىدا قىممەتلىك مال تەييارلىغىن.
(155-بەت)

(ئۇرۇق-تۇغقان، خولۇم-خوشنىلارغا ياخشىلىق قىل،
ئۇلارنى ھۆرمەتلە؛
ئۇلاردىن سوۋغا ئالساڭ،تېخىمۇ قىممەتلىك سوۋغا تەييارلا)

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بۇنى بىلگىنۇر تەييارلاپ «گۈلىستان» غا يوللىغان بولۇپ،
مەنزىل

http://www.gulistan.cn/bbs/read.php?tid=63
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

没有评论:

发表评论