2009年1月5日星期一

مەھمۇد كاشغەرىي مەقبەرىسى زىيارىتى






مەھمۇد كاشغەرىي مەقبەرىسى زىيارىتى



مەھمۇد كاشغەرىي مەقبەرىسى - قەشقەردىن سەل يىراقتا ئىكەن. تەخمىنەن بىرەر سائەتلىك يول ئىكەن. ئىشىكتىن كىرسىڭىزلا بوۋىمىزنىڭ ھەيۋەت ھەيكىلى كۆزگە چېلىقاتتى.
ماڭا-ماڭا بۇرۇنقى مەدرىسنىڭ قەدىمىي ئىزلىرىنى كۆرۈش بىلەن بوۋىمىزنىڭ قەبرىسىگە قەدەم قويدۇق. قەبرە گۈمبەزلىك ئۆي ئىچىدە بولۇپ، گەرچە قاراڭغۇراق بولسىمۇ ئازراق تۇرساقلا نامەلۇم بىرخىل سېزىمدىن كۆز ئالدىمىز تۇيۇقسىز يورۇپ كەتتى.
مانا بۇ نۇر ئۆلمەس ئىلىمنىڭ نۇرى، مانا بۇ نۇر ئۆلمەس ياخشى نامنىڭ، ھۆرمەتنىڭ نۇرى ئىدى. بۇ نۇر ئالەم نۇرلىرى ئارا ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.
مەرھۇمنىڭ قەبرىسىگە رەختتە يوپۇق يېپىلغان بولۇپ، شۇ يەردە تۇرىدىغان قارىمنىڭ مۇڭلۇق قىرائىتى بىلەن قەبرە ئىچىدىكى چاقناۋاتقان نۇر سىزنى خىيالىي دۇنياغا باشلايتتى. مەرھۇمنىڭ روھىغا دۇئا قىلىپ بولۇپ، گۈمبەزدىن چىقىشىمىزغا باياتىن كىرگۈچە قاقاس دەرەخلىك كۆرۈنگەن جاي ياپيېشىل بوستانلىققا ئايلانغان بولۇپ، قۇشلارنىڭ خەندان ئۇرۇپ سايراشلىرى، ھەرخىل جانۇ-جانىۋارلارنىڭ مىدىراشلىرى ئاڭلانغاندەك ، كۆرۈنگەندەك بولدى. مۇشۇ ھىسسىيات بىلەن قەدىمگە نەزەر سالغىنىمدا بۇ يەرنىڭ نەقەدەر ئاۋات، نەقەدەر مەنزىرىلىك بىر بىلىم بۆشىكى ئىكەنلىكى مانا مەن دەپلا كۆزئالدىمدا نامايان بولدى. شۇ چاغدا ئىدرىس بۇلاقنىڭ سۈيىدىن چاچمىغان بولسا قاچانغىچە خىيال سۈرۈپ تۇراتتىمكىن تاڭ، ئىدرىسنىڭ يول باشلىشى بىلەن تاغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى راۋاققا، ئاندىن تاغ ئۈستىگە چىقتۇق.

(2008- يىلى 12- ئاينىڭ 19- كۈنى ئەزىزانە قەشقەرگە سەپەر باشلانغان)



مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر







(بۇ «سەلكىن مۇنبىرى»دىكى ‹ئالتۇن›نىڭ
‹2008-12-23›دە يوللىغان «ئەزىزانە قەشقەرگە سەپەر» دىگەن زىيارەت خاتىرىسىدىن ئېلىندى)
مەنبە
http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-50833.html
********************************************

没有评论:

发表评论