مەھمۇد كاشغەرىيگە دائىر رىۋايەتلەر
11-ئەسىردە ياشىغان ئۇلۇغ ئالىمى، دۇنيا تۇركولوگىيە ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى مەھمۇد كاشغەرىي 1028-يىلى قەشقەرگە تەۋە ئوپال يېزىسىنىڭ ئازىخ كەنتىدە تۇغۇلۇپ ، 1126-يىلى توقسان يەتتە يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
مەھمۇد قەشقەرى قاراخانىيلارنىڭ خان جەمەتىدىن بولۇپ ، ئۇ باشلانغۇچ مەلۇماتنى ئائىلىسىدە ۋە ئۆز مەھەللىسىدىكى دىنىي مەكتەپتە ئالغاندىن كېيىن قەشقەرنىڭ داڭلىق مەدرىسلىرىدە ئوقۇپ، ئىلىم - پەننىڭ ھەر قايسى تۈرلىرى بويىچە ئۇزاق مۇددەت ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن، ئۆزدەۋرىنىڭ مەشھۇر ئالىمى بولۇپ يېتىشكەن.ئۇ ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن تۈركى خەلقلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر - يېزىلارنى كېزىپ ۋە ھەر قايسى قەبىلىلەرنىڭ تىل - شىۋىلىرى بىلەن ئىنچىكە تونۇشۇپ ، كۆپلىگەن خەلق ئېغىز ئەدىبىياتى دۇردانىلىرىنى توپلايدۇ . ئاندىن كېيىن ئىككى يىل جاپالىق ئەجىر سىڭدۇرۇپ ، ئون نەچچە يىللىق ئەمەلىي تەكشۇرۇش نەتىجىسىدە يىغقان تىل ماتىرىياللىرى ئاساسىدا < تۈركى تىللار دىۋانى > ناملىق ئۈچ توملۇق قامۇسنى يارىتىدۇ . ئالىمنىڭ بۇ ئەسىرى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەردە كۆپ قوللىنىدىغان سۆزلەر ، گرامماتىكىلىق قائىدىلەر ، قەبىلە يۇرت ناملىرى ، تارىخ ۋە جۇغراپىيىگە دائىر ئاتالغۇلار ، قەدىم زاماندىكى خەلق داستانلىرى ، رىۋايەتلەر ، شېئر - قوشاقلار ، ماقال -تەمسىللەر قاتارلىق كەڭ مەزمۇن دائىرىسىنى ئۆزئىچىگە ئالغان بولۇپ ، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ مەدىنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا باي ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە تەڭداشسىز ئېسىل گۆھەردۇر . دانىشمەن ئالىمنىڭ نامىغا توقۇلغان ئاجايىپ تەسىرلىك ھېكايە - رىۋايەتلەر ئۇزاق ئەسىرلەر مابەينىدە ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈپ ،تەۋەرۇك مازىرى خەلق ئاممىسىنىڭ زىيارەتگاھى بولۇپ كەلمەكتە .
تۆت ياشتا مەكتەپكە بېرىش
مەھمۇد كۆرگەنلا كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرگىدەك خۇشخۇي، ئەقىللىق ۋە زىرەك بولۇپ ئۆسۈپتۇ. ئۇ تۆت ياش، تۆت ئايلىق، تۆت كۈنلۈك بولغاندا، بوۋىلىرى شاھى ئېھرام بىلەن سەيپىدىن ۋەلىيۇللا نەۋرىسىنى قولىدىن يېتىلەپ مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرىپتۇ ۋە بالىنىڭ ئۇستازىغا بىر ئات، سەللە-تون ھەدىيە قىلىپ ساۋاقداشلىرىغا بىر ئوچۇمدىن ياڭاق، يەتتە يارماقتىن پۇل ئۈلەشتۈرۈپ بەرگەندىن كېيىن قايتىشىپتۇ. ئارزۇسىنىڭ تۇنجى ئىشىكى ئېچىلغان بۇۋى رابىيە ئوغلى مەھمۇدنى ھەر كۈنى سەھەردە ئويغىتىپ، يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇپ، ناشتىلىقىنى بەرگەندىن كېيىن، چىرايلىق كىيىندۈرۈپ، بەلۋېغىغا كۆمۈش ساپلىق خەنجىرىنى ئېسىپ، كالىنىڭ تاغاق سۆڭىكىدىن ياسالغان تاختا (خەت ئۆگىنىش تاختىسى) ۋە قەلەمداننى قولىغا تۇتقۇزۇپ مەكتەپكە ئەۋەتىدىكەن. تىرىشچان بالا قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەچكە، بىرىنچى يىلى خەت-ساۋادىنى چىقىرىپتۇ، ئىككىنچى يىلى گرامماتىكا، ئۈچىنچى يىلى ھېساپ ئىلمىغا دائىر بىلىملەرنى ئىگىلەپ، تەڭتۈشلىرى ئارىسىدا ھەر تەرەپلىمە ئارتۇقچىلىقى بىلەن كۆزگە كۆرۈنۇپتۇ.
بوۋىسىنىڭ نەسىھىتى
مەھمۇد ئۆسمۈرلۈك يېشىغا يەتكەنگە قەدەر مەكتەپتە ھەر خىل ئىلىملەرنى تىرىشىپ ئۆگەنگەندىن تاشقىرى، شاھزادىلەرنىڭ ئۆگىنىشى زۆرۈر بولغان ھەربى ئىلىملەردىن ئات چېپىش، قېلىچۋازلىق، نەيزىۋازلىق، ئوقيا ئېتىش قاتارلىق جەڭ ماھارەتلىرىنىمۇ پۇختا ئۆزلەشتۇرۇپتۇ. ئاندىن كېيىن قەشقەر مەدرىسىلىرىدە ئۇزۇن مۇددەت ئىلىم تەھسىل قىلىپ، دىن، ئەخلاق، پەلسەپە، تىل-ئەدەبىيات، ئىلمىي نۇجۇم(ئاسترونومىيە)، ئىلمىي ھېساب، تېبابەت قاتارلىق تۈرلۈك پەنلەر ساھەسىدىكى بىلىمىنى كامالەتكە يەتكۈزۈپ ، ئۆز دەۋرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىملىرىدىن بىرى بولۇپ يېتىشىپتۇ .يېشى ئوتتۇزغا يېقىنلاشقاندا ، قەشقەرنىڭ ئەينى يىللاردىكى مەشھۇر ئالى بىلىم يۇرتى<مەدرىسەئى ساچىيە>دىكى ئوقۇشنى تاماملاپ،ئۇستازى ھۈسەيىن ئىبنى خەلپ قەشقەرىنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ ئوپال قىزىل مەسچىتتىكى شاھ ئوردىسىغا قايتىپتۇ .مەھمۇدنىڭ ئالىم بولۇپ قايتىش مۇناسىۋىتى بىلەن بوۋىسى نۇرغۇن مال سويۇپ ، ئەھلى يۇرتىغا توي ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ . دادىسى ئەمىر سۇلتان ھۇسەيىن ئوغلىغا تون سەرىپاي يېپىپتۇ .ئانىسى بۇۋى رابىيە ئوغلىغا بەخىت تىلەپ پىشانىسىدىن سۆيۈپتۇ . زىياپەت ئاخىرلاشقاندا بوۋىسى نەۋرىسى مەھمۇدنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ :
–– ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرىڭ ئۆز ئىلىملىرىنىڭ نۇرى بىلەن كۆزۈڭنىمۇ ، كۆڭلۈڭنىمۇ روشەن قىلدى . نۇرغۇن كىتاب ئوقۇپ ، نۇرغۇن سېھرى - ھىكمەتلەرنى بىلىۋالدىڭ. لېكىن سەن تېخى ئوقۇمىغان ، ئوقۇشۇڭ بەكمۇ زۆرۈر بولغان شۇنداق بىر كىتاپ باركى، ئۇ بولسىمۇ بىزنىڭ بىپايان زىمىنىمىز ۋە ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان ئۇلۇغ خەلقىمىز ،بوۋىلىرىمىز :<ئۆزىنى بىلمىگەن ، ئۆزگىنى بىلمەس > دېگەنىكەن . شۇڭا سەن بارلىق قەبىلە ، ئۇرۇق - ئايماقلىرىمىزنى ، تاغ -دەريا ، شەھەر قىشلاقلىرىمىزنى ئارىلاپ چىقىپ ، نەزەر دائىرەڭنى تېخىمۇ كېڭەيتكىن ۋە ھاياتنى تېخىمۇ چۈشەنگىن ._ دەپتۇ . شۇنىڭ بىلەن مەھمۇدنى تېخىچە كۆرۈپ باقمىغان يېڭىچە بىر دۇنيا ئۆز قوينىغا چىللاپتۇ .
چارچىماس سەيياھ
مەھمۇد بوۋىسىنىڭ تەلىپىنى قانات قىلىپ ئۇزاق سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. ئۇ ئون بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ تۈركى خەلقلەر ئولتۇراقلاشقان پايانسىز دالا، تاغ -دەريالارنى كېزىپ، ئۇيغۇر، ياغما، چىگىل، قارلۇق، قىپچاق، ئوغۇز، تاتار، تۈركمەن قاتارلىق يىگىرمە نەچچە قەبىلە-ئايماقنى ئارىلاپتۇ ۋە بۇ رايۇنلارنىڭ جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى، تارىخى سەرگۈزەشتىلىرىنى، قەبىلە ئىسىملىرىنى، قەبىلە تۈزۈلۈشى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائى، تارىخى مۇناسىۋەتلىرىنى، ئىقتىسادى ئەھۋالى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە تۇرمۇش ئالاھىدىلىكلىرىنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ، تىل، تارىخ، جۇغراپىيە، ئاسترونومىيە، تېبابەت، ئېتنوگرافىيەگە ئائىت قىممەتلىك مەلۇماتلارنى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما ئەدەبىيات نەمۇنىلىرىنى توپلاپ، رەتلەپ چىقىپتۇ. بۇ قىممەتلىك ماتېرىياللار ئۇنىڭ كېيىنكى ئىلمىي تەتقىقات پائالىيىتىنى پۇختا ئاساس بىلەن تەمىنلەپتۇ.
باغداد سەپىرى
كۈتۈلمىگەن بەخىتسىزلىك يۈز بېرىپ، بىر قېتىملىق ئوردا ئۆزگىرىشىدە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ بوۋىسى، ئاتىسى قاتارلىق يېقىن ئۇرۇق تۇغقانلىرى ئۆلتۈرۈلۈپتۇ . سۈيقەستچىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، مەھمۇد ئۇلارغا بېقىنغان قەبىلىلەردىن تېخى ئۇلارنىڭ قەدىمى يەتمىگەن قەبىلىلەرگە ئۆتۈپ يۈرۈپ ، يەتتەسۇ ، ماۋرە ئۇننەھر قاتارلىق جايلاردىمۇ ئۆزىگە ئەمىنلىك تاپالمىغاندىن كېيىن ، ئۆز جەمەتىنىڭ ئىخلاسمەنلىرى ۋە بوۋىسىنىڭ بىر نەۋرە تۇغقانلىرىنى سېغىنىپ ، ئەينى زاماندىكى ئەرەپ خەلپىلىگىنىڭ مەركىزى باغداتقا بېرىپتۇ. بۇكۈنلەردە گەرچە خەلىپە ئەرەپلەردىن بولسىمۇ ، دۆلەتنىڭ ئەمەلى ھوقوقى تۈركلەرنىڭ قولىدا بولۇپ ،تۈرك تىلىنى ئۆگىنىش ئومومى ئېھتىياج ھىسابلىنىدىكەن .بۇ ئەمەلى ئەھۋالغا ئاساسەن مەھمۇد قەشقەرى ئەرەپلەرنىڭ تۈرك تىلىنى ۋە تۈركى خەلقلەرنى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە ئۆز ۋەتىنى ۋە خەلقىگە بولغان سېغىنىش ھېسياتىنى ئىپادىلەپ ، ئىككى يىل جاپالىق ئەمگەك سىڭدۇرۇش بىلەن تۈرك ۋە ئەرەپ تىلىنىڭ سېلىشتۇرما لۇغىتى __<تۈركى تىللار دىۋانى > نى يېزىپ چىقىپ ، ئابدۇللا مۇقتەرى بىئەمرۇللاغا تەغدىم قىلىپتۇ .
ئانا - يۇرت تەشنالىقى
مەھمۇد قەشقەرى يازغان < تۈركى تىللار دىۋانى > باغدات خەلىپىلىگىنىڭ يارلىقى بىلەن بىر نەچچە نۇسخا كۆپەيتىلىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن ، ئالىمنىڭ نام - شۆرىتى دۇنياغا پۇركېتىپتۇ . لېكىن نام - شۆھرەت ، شاھانە ئىززەت - ئىكراملارمۇ ئۇنىڭ دەردىگە دال بولالماپتۇ . بۇ كۈنلەردە مەھمۇدنىڭ پۈتۈن ئەس- يادى مېھرىبان ئانىسى بۇۋى رابىيەنى كۆرۈش تەقەزاسى ۋە ئانا يۇرتنى سېغىنىش بىلەن بەند ئىكەن . يېشى چوڭايغانسېرى بۇرۇن ئۆزى توپلىغان < دېھقاننىڭ ياخشىسى چامغۇر تېرىيدۇ ، ئادەمنىڭ ياخشىسى ئۆز ئېلىدە قېرىيدۇ > دېگەن خەلق ماقالىسى بىر مىنۇتمۇ يادىدىن كەتمەس بولۇپ قاپتۇ .
كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى ، بۇيۇك كارۋان يولى بىلەن باغداتقا كەلگەن ۋەتەنداش سودىگەرلەر مەھمۇدقەشقەرىگە ئانىسى بۇۋى رابىيەنىڭ پەرزەنت دەردى بىلەن باغرىنى داغلاپ - پەرزەنت يادى بىلەن كۈن-تۈن يىغلاپ ، ئوغلىنىڭ دىدارىنى كۆرۈش ئارزۇسى بىلەن كۆكئارت ۋە مۇق يوللىرىدا كېزىپ يۈرگەنلىك خەۋىرىنى ئەكەپتۇ .بۇخەۋەرنى ئاڭلاپ سەۋر قاچىسى تاشقان مەھمۇد ئېلىم - سېتىم ئىشلىرىنى پۇتتۇرگەن سودىگەرلەرنىڭ ھەمرالىقىدا ئانا يۇرتىغا قاراپ ئاتلىنىپتۇ. سەپەرداشلىرى ئۇنى ئىززەتلەپ نار تۆگىنىڭ ئۈستىگە سايىۋەنلىك كۆشۈگە ياساپ بېرىپتۇ. خەتەرلىك داۋان ، ئۆتكەللەردىن يۇدۇپ ئۆتكۈزۈپتۇ . ئۈچ ئاي چامىسى يول يۇرگەندىن كېيىن، ئانا ۋەتىنىگە يېتىپ كەپتۇ . بۈيۈك كارۋان يولىدىكى كۆۋرۈكبېشى دېگەن يەرگە كەلگەندە، پەرزەنتىنىڭ ئالدىغا قۇشتەك قانات يېيىپ چىققان ھايات بۇۋى رابىيەنى ئەمەس، بەلكى پەرزەنت پىراقىدا تولا يىغلاپ كۆز يېشى قۇرۇغان ۋە جۇدالىق ئازابىدا بىۋاقىت سارغىيىپ - سۇلغان غەمگۈزار ئانىسىنىڭ قەبرىسىنى كۆرۈپتۇ .
ئەل ئىچى ــ ئالتۇن بۆشۈك
مەھمۇد قەشقەرى سەپەرداشلىرى بىلەن گەز دەريا ساھىللىرىنى بويلاپ ، قىرىق كېچىكتىن ئۆتۈپ، ئۇلۇغئارت داۋىنىغا يېتىپ كەلگەندە ، سۆيۈملۇك پەرزەنتى ، دانىشمەن ئالىمىنى كۈتۈۋېلىشقا چىققان ئەھلى يۇرت ئۆزلىرىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۇنى داۋاندىن يۇدۇپ ئۆتكۈزۈپ، باش ئۈستىدە كۆتۈرۈپ دىگۇدەك كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا يۇرتى ئوپالغا ئەكەپتۇ. بۇ كۈنلەردە خانلىق ئوردىدا يۈز بەرگەن توپىلاڭ بېسىقىپ ، يۇرت ئىچى تىنچىپ قالغان ئىكەن. مەھمۇد بۇۋى رابىيەنىڭ نەزىر - چىرىغىنى ئۆتكۈزۈپ ، تۇپرىقىنى قاتۇرۇپتۇ. بۇۋى رابىيەنىڭ نەزىرسىگە قەدەم تەشرىپ قىلغان تاجىدارلار ۋە ئوردا ئەھلى مەھمۇد قەشقەرىنى خانلىق ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ داغدۇغا بىلەن كۈتۈۋاپتۇ . خان ئەلنى روناق تاپقۇزۇش ، دۆلەت ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىش ئارزۇسىدا ئالىمنى ئوردىدا خىزمەت قىلىشقا دەۋەت قىلغانىكەن . لېكىن مەھمۇد قالغان ئۆمرىنى ئىلىم يارىتىش ۋە ئىلىم تارقىتىش ئىشلىرىغا بېغىشلايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ ئۆزرە ئېيتىپتۇ.
مەدرىسەئىي مەھمۇدىيە
مەھمۇد قەشقەرى ئىلىم بىلەن ئەلگە بەخىت يارىتىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئوپالدا ھەيۋەتلىك بىر مەدرىسە بىنا قىلىپ ، ئۇنىڭغا ئۆزى مۇددەرىس بوپتۇ . يۇرت ئەھلى ئالىمغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن بۇ مەدرىسەنى < مەدرىسە مەھمۇدىيە> دەپ ئاتاپتۇ .ئارىدىن كۆپ ئۆتمەيلا بۇ مەدرىسەنىڭ داڭقى - شۆھرىتى يەتتە ئىقلىمغا پۇر كېتىپتۇ .يۇرتمۇ يۇرتتىن كەلگەن تالىپلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەپتۇ .ھەتتا ئەرەپ - پارىس ئەللىرىدىنمۇ بىر مۇنچە تالىپلار كېلىپ ئوقۇيدىغان بوپتۇ .
مەھمۇد قەشقەرى بۇ مەدرىسىدە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر مۇددەرىسلىك قىلىپ ، يۈلىگەن شاگىرتلارنى يېتىشتۈرۈپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ دانىشمەن ئۇستازنىڭ نامى < ئىلىمگە ھۆددىگەر پىرىم ، ھەزرىتى مەۋلانەم > دەپ ئاتىلىدىغان بوپتۇ .
ئۈژمىلىك كوچا
مەھمۇد قەشقەرى قەبرىگاھىغا ئېلىپ بارىدىغان يولنىڭ كۆجۈم مەھەللىلەر ئارىسىدىن ئۆتكەن قىسمىدا < ئۈجمىلىك كوچا > دەپ ئاتالغان بىر جاي بار .رىۋايەت قىلىنىشىچە ، مەھمۇد قەشقەرىنى باغداتتىن ئەكەلگەن كارۋان بېشى مالىك ئوپالدىن ئايرىلغاندا ، ئايالى ھامىلدار قالغان ئىكەن . ئۇزاق ئۆتمەستىنلا ئايالىنىڭ كۆزى يورۇپ ، بىر قىز پەرزەنت تەۋەللۇت قىلىپتۇ-دە ئۆزى ۋاپات بولۇپ كېتىپتۇ . ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن كارۋان بېشى بىر چوكانغا نىكاھلىنىش نىيىتىگە كېلىدۇ . ئۇ چوكاننىڭ تېگىنى سۇرۇشتۇرۇپ كۆرسە دەل ئۆزىنىڭ قىزى چىقىپ قاپتۇ. ئەسلىدە ئانىسىدىن يېتىم قالغان قىز چوڭ بولۇپ بىر - ئىككى قېتىم ياتلىق بولغان ، لېكىن ئەردىن تەلىيى كەلمەي ، يېتىمچىلىك بېسىپ تۇل ئولتۇرغان ئىكەن .بۇنى ئۇققان كارۋان بېشى :<خۇدانىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولۇشقا ئازلا قاپتىمەن > دەپ توۋا - ئىستىغپار ئېيتىپ ، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى مەھمۇد قەشقەرىدىن سوراپتۇ . مەھمۇد قەشقەرى ئۇنىڭغا :<ئاللا ئۆز پاناھىدا ساقلاپ بىر چوڭ بالا- قازا دىن ئامان قاپسىز . بۇنىڭ شۈكرانىسىگە ئۆز قولىڭىز بىلەن بىر قانچە تۈپ ئۈجمە دەرىخى تىكىپ قويۇڭ > دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ . < ئۈجمىلىك كوچا > دىكى ئۈجمىلەرنى ئەنە شۇ كىشى بىنا قىلغانىكەن .
نورۇز بۇلاق
مەھمۇد قەشقەرى قەبرىگاھىنىڭ غەربىدىكى سۆسەر ئاغزى دەيدىغان يەردە كىشىلەر < نورۇز بۇلاق > دەپ ئاتايدىغان بىر بۇلاق بار . خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن رىۋايەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە ، مەھمۇد قەشقەرى ھەر يىلى نورۇز ئايىمى كۈنلىرىدە ئۆز تالىپلىرى بىلەن سۆسەر ئاغزىدىكى بۇلاق بويىغا بېرىپ سەيلە قىلىدىكەن . تالىپلار ئۆزلىرى يازغان < نورۇزنامە > لەرنى ئوتتۇرىدا ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ، ئاپىرىپ بۇلاققا تاشلايدىكەن .بۇنىڭ مەنىسى :< ئىلىمغا بولغان ئىشتىياقى بۇلاق سۈيىدەك ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بولسۇن .خەت - قەلىمى سۇدەك راۋان بولسۇن > دېگەندىن ئىبارەت ئىكەن . بۇ ئەھۋال يىلمۇ - يىل تەكرارلىنىۋەرگەندىن كېيىن ، كىشىلەر بۇ بۇلاقنى < نورۇز بۇلاق > دەپ ئاتايدىغان بوپتۇ.
ھاي- ھاي تېرەك
مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قەبرىگاھى ئالدىدا < ھاي - ھاي تېرەك > دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۈپ تېرەك بار .ئۇنىڭ يىلتىزلىرى ئاستىدىن قايناپ چىققان مارجانبۇلاقنىڭ سۈزۈك سۇلىرى كېچە كۈندۈز يېقىملىق ۋە سېھىرلىك ناخشىسى بىلەن كىشىلەر قەلبىنى ھاياجانغا سېلىپ ، شىرقىراپ ئېقىپ تۇرىدۇ ،تېرەكنىڭ كونا شاخلىرى قاتاڭشىپ قۇرۇپ كەتسە ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى نوتىلىرى ئۆسۈپ يېتىلىپ ، ئۇزۇن بىر تارىخىي جەرياننىڭ گۇۋاچىسى سۇپىتىدە ، ئۇ ھېلىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق چەكسىز ھاياتى كۈچى بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ . بۇ توغرۇلۇق خەلق ئارسىدا تارقىلىپ يۈرگەن مۇنداق بىر رىۋايەت بار : مەھمۇد قەشقەرى بالىلىق چاغلىرىدا ئۆزىگە بىلىم بەرگەن ئۇستازىدىن : < مەن ئۆلگەندە قەيەرگە دەپنە قىلىنىمەن ؟> دەپ سورىغانىكەن ، ئۇستازى : < قولۇڭدىكى ھاساڭنى يەرگە سانجىپ قويغىن ، ئۇ قەيەردە كۆكلىسە ، شۇ يەرگە دەپنە قىلىنىسەن > .دەپتۇ .مەھمۇد قەشقەرى ھاسسىسىنى ئەنە شۇ مارجانبۇلاقنىڭ بويىغا سانجىپ قويۇپتۇ ، كېيىن كېلىپ قارىسا ھاسا كۆكلەپ كېتىپتۇ . ئۇ ھەيران بولۇپ : < ھاي - ھاي ، كۆكلەپ كېتىپسەنغۇ ! > دېگەنىكەن .شۇنىڭ بىلەن بۇ تېرەك < ھاي - ھاي تېرەك > دەپ ئاتىلىپ قاپتۇ .
مەھمۇد قەشقەرى توقسان يەتتە يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ۋە مۇشۇ تېرەكنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغانىكەن.
ـــــــــــــــــــــــــــــ
بۇ رىۋايەتلەر ‹خۇشپۇراق› تەرىپىدىن «دىيارىم مۇنبىرى»گە تەييارلانغان
مەنبە
http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=26200
ــــــــــــــــــــــــــــ
没有评论:
发表评论