مەھمۇد كاشغەرىي ھەققىدە غەزەللەر
ئابدۇراھمان نەۋايى
(1)
ئەي ئۇلۇغ دانايى ئالىم ئويپال دىيارىڭ بىزدەدۇر.
تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئەزىز تۇپراق ماكانىڭ بىزدەدۇر.
خەلقى-ئالەم مۇشتەرى، قايىل بولۇپ ئالقىشلىغان،
ئىلمۇ ئىرپان دەستۇرى، مەشئەل چىراغىڭ بىزدەدۇر.
ئۆگىنىپ ئۇندىن جاھان ئەقىل-پاراسەت ھەم قۇۋۋەت،
تۇتىيا دىللارغا مەلھەم، شىرىن كالامىڭ بىزدەدۇر.
ئۆتتى ئۆمرۈڭ ئەل-ۋەتەن، خەلقىڭ ئۈچۈن تەر ئاققۇزۇپ،
ئىلمۇ ھېكمەت قىبلىگاھى، ئالتۇن مازارىڭ بىزدەدۇر.
مەرىپەت دەرياسىدا تىنماي ئۈزۈپ، گۆھەر سۈزۈپ،
ئەل ۋە ئەۋلادىڭ ئۈچۈن يازغان كىتابىڭ بىزدەدۇر.
ئۆتكىنى مىڭ يىل بولۇپتۇ، ئۇنتۇماس خەلقىم سېنى،
ھۆرمىتىڭ، شۆھرەت ئەقىدەڭ، ئىشقى-پىراقىڭ بىزدەدۇر.
مەرىپەت ئىشقى يولىدا چۆل كېزىپ ئاشتىڭ داۋان،
ئەل ئۈچۈن مەڭگۈ تەۋەررۈك مېھنەت ئىجادىڭ بىزدەدۇر.
يىڭنە بىرلەن تاغ قېزىپ گۆھەرنى يىغقان بىز ئۈچۈن.
ھىممىتىڭ، جەبرى-جاپايىڭ، كەشپىياتىڭ بىزدەدۇر.
شەمسىددىن بىننى ھۆسەيىن مەۋلانە مەھمۇد كاشغەرىي،
بىبى رابىيە سەيپىددىن ئول بۇزرۇكۋارىڭ بىزدەدۇر.
ئەي كەرەملىك شاھى سۇلتان، ئالىم، ئەدىبلەر تاجىسى،
سەن تۇغۇلغان ھەم يېتىلگەن ئازىقتا جايىڭ بىزدەدۇر.
سۈپسۈزۈك ئاققان زىلال، ئابى ھايات كەۋسەرنى كۆر،
ئوتلىمى چاڭقاش داۋاسى شەربەت بۇلاقىڭ بىزدەدۇر.
كەلسە مېھمان ھەر تەرەپتىن ئالدىغا مەمنۇن چىقىپ،
داستىخاننى كەڭرى سالغان «تەكىيگاھىڭ» بىزدەدۇر.
ھەر يىلى كەلگەندە نورۇز «نورۇز بۇلاق»تا بەزمە توي،
نەزمە ئەشئار قاينىغان گۈل سەيلىگاھىڭ بىزدەدۇر.
«ئۆيدە چولپان»، «خان بېغى» ھەم ئۈستىدە موللام تېغى،
سەن ياشاپ ئۆتكەن بۇ يەردە، سۆيگەن نىگارىڭ بىزدەدۇر.
قەدىردانىم، مېھرىبانىم، ئالىم ئەزىزان قەشقەرى،
«ئۈژمىلىك» ھەم «مىۋىزارلىق» مەسچىت مۇنارىڭ بىزدەدۇر.
ئۆچمىدى نامىڭ تۇرۇپتۇ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە،
نەۋرىلەر، تۇغقان قېرىنداش، پۇشتىگارىڭ بىزدەدۇر.
كاشغەرىي مەھمۇد دېمەككى - ئالەمشۇمۇل ئالىم دېمەك،
ئۇستازىمىز ھەم پەخرىمىز، بۇ ئىپتىخارىڭ بىزدەدۇر.
ئەمدى بۇ ئويپال دىيارى شەھرى ئەزىمدىن بولغۇسى،
كەلسە دوستلارنى كۈتەرمىز، مېھمان سارايىڭ بىزدەدۇر.
ھەزرەتى مەۋلانە ئالىم بولدى بۈگۈن باغرىڭدا توي،
گۈل-چېچەكلەرگە ئورالغان نەۋباھارىڭ بىزدەدۇر.
ئابدۇراخمان ئېھتىرام ھۆرمەت بىلەن گۈلدەستە تۇت،
مەرھابا! ئەي پىشىۋايىم چاھارباغىڭ بىزدەدۇر.
(2)
بۈيۈك پامىر ئېتەكىدە چىمەنلىك باغۇ بوستان بار،
ئېچىلغان رەڭمۇ-رەڭ كۆركەم قىزىل گۈل لالە-رەيھان بار.
قەدەم تەشرىپ قىلىڭ دوستلار كېلىپ مېھمان بولۇڭ بۇندا،
جانابى ھەزرەتى ئالىم بوۋام مەھمۇد دەپ مەۋلان بار.
ئۇنىڭ شېرىن كالامىدىن جاھان خەلقى ھۇزۇر تاپقان،
ۋەتەن نامىنى دۇنياغا تونۇتقان ئىلمىي ئوغلان بار.
جاپالارغا پىسەنت قىلماي رىيازەت ۋەھىمىنى يەڭگەن،
ئىلىم ئىشقىدا جان ئۈزگەن كەرەملىك ماھى تابان بار.
ئۇلۇغ ۋەتەن ئېلىم مەغرۇر، ئۇنىڭ ئىلمىي ئىجادىدىن،
جاھاننى مەھلىيا قىلغان شەرەپلىك «تۈركىي دىۋان» بار.
ئابدۇراخمان شۇ دەرۋازىدا خىجالەت ئىلكىدە قالدى،
يازالماستىن بىرەر داستان دىلىدا زادى ئارمان بار.
(3)
بېرىپ ئويپال دىيارىغا باھار ئەييامىنى كۆردۈم،
كەرەملىك ساھىبى دەۋران، پىرىم مەۋلانىنى كۆردۈم.
جاھاننى زىلزىلە قىلغان جانابى سەرۋەرى ئالەم،
بوۋام مەھمۇدى ھەزرەتنىڭ بۈيۈك تۇپراقىنى كۆردۈم.
مۇبارەك قوللىرى بىلەن ئۇلىغا تاش-كېسەك قويغان،
مۇبارەك قەبلىگاھ بىزگە مەسچىت مۇنارىنى كۆردۈم.
تەمەننا ئەيلىسەم ھەقلىق، جاھاندا شانۇ-شۆھرەتلىك،
قۇياش ھەم ئەختەرى يۇلتۇز، قۇتۇپ سەييارىنى كۆردۈم.
مېڭىپ ئاستا يېقىن باردىم، قىلىپ ئىكرام بىلەن تازىم،
دۇئا تەگبىردە ئولتۇرغان بوۋام ئەۋلادىنى كۆردۈم.
خۇشاللىق ئىلكىدە مەغرۇر تاۋاپ قىلدىم مازارىنى،
يېنىدا شوخ، راۋان ئاققان زىلال بۇلاقىنى كۆردۈم.
بۇلاقنىڭ يېنىدا ھەيۋەت بىلەن كۆكەرگەن ياپيىشىل زىننەت،
شىپايى بەل بىمارىغا، تېرەك بوستانىنى كۆردۈم.
تىكىلدىم بىر ئېگىز تاغقا، چىقىپ ئەتراپقا سەپ سالدىم،
بولۇپ مەن ئويدا چولپاندا پەرى رەنايىنى كۆردۈم.
يۈزى گويا تولۇن ئايدۇر، قېشى قۇندۇز، بويى زىبا،
قولىدا توم كىتابى بار گۈزەل جانانىنى كۆردۈم.
كىتابىنى ئېچىپ دەرھال، ماڭا ئىلھام ساۋاق بەردى،
تەۋەررۈك تۇتىيا بىزگە ئۇلۇغ «دىۋان»ىنى كۆردۈم.
ھارارەت باستى قەلبىمنى يۈرەكىمگە تۇتاشتى ئوت،
كى ئاشىق بىقارار بولغان كۆڭۈل ئارمانىنى كۆردۈم.
تىنىم تاپماي ئىلىم ئىزلەپ رىيازەت دەشتىنى كەزگەن،
سۆيۈملۈك پىشۋايىمنىڭ نۇرى، رۇخسارىنى كۆردۈم.
زىيارەت ئەيلىدىم مەغرۇر، دىلىمدا ئۇرغىدى نەزمە،
تۇغۇلغان يۇرتى «ئازىق»كەن، ماكانى-جايىنى كۆردۈم.
ئابدۇراخمان يۈرمىگىل غاپىل ئۆزۈڭنى بارچىدىن كەم تۇت،
غەنىيمەت بىل بۇ ئۆمرۈڭنى ئىجاد ناھارىنى كۆردۈم.
(1983-يىل، توققۇزاق)
مەنزىل
http://uzunjahan.blogspot.com/
没有评论:
发表评论